凶蛇 |
2011-03-10 17:47 |
ئەبجەش خاتىرىلەر
eHphM;C مەن ئۆمرۈم بۇيى قوغلىشىپلا يۈردۇم. بالىلىقتا نىمىلەرنى قوغلاشقانلىقىمنى تازا بىلمەيمەن، ئەمما يىگىتلىق ، قىرانلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا لاتاپەت بابىدا ۋايىغا يەتكەن قىزلارنى قوغلاشتىم،يىگىتلىكتىن سەل ھالقىغاندا بولسا پۇل-پىچەك،ئابروي قوغلاشتى،ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلگە بارغىنىمدا نام-ئەمەل مەنسەپ قوغلاشتىم،قېرىلىققا بارغىنىمدا اللە نىڭ رىزالىقى ئۈچۈن تەقۋادارلىقنى قوغلاشتىم... h[
. كىم بىلىدۇ؟ ئۆلگەندىن كىيىنمۇ <<دۇزاق>> نى تەرك ئەيلەپ <<جەننەت>> نى قوغلىشامدىمەن تېخى؟!.. 3 ####################################################### |9E:S بىرساراڭ ئالدىمدىن سەت ھىڭگايغىنىچە ئۆتۈپ كەتتى، يۇرىكىم <<قارتتىلا>> قىلىپ كەتتى،توۋا ...بەزى چاغلاردا مەنمۇ باشقىلاردىن ئەخمىقانە سۇئاللارنى سۇراپ،قاملاشمىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىمدە ئۇلار مىنى مەسىخىرە قىلىپ <<ساراڭ>> دەپ ئاتاپ قۇياتتى...ئەجىبا مەنمۇ بايامقى ساراڭ بىلەن تەقدىرداش ئوخشىمامدىمەن؟! Fy=GU<&AI ###################################################### |+c
z\+ گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىچىگە بەنت بولغىنىمدە مەن ئۆزۈمنى خۇددى جەڭلەردىكى زەبەردەس پالۋانلاردەك،كۈچتۈڭگۈر ئەزىمەتلەردەك،نەچچە ئەسىرلىك ئىشلارنى ئالدىن پەرەز قىلالايدىغان بۈيۈك پەيلاسۇپلاردەك،دەستە-دەستە كىتاپلارنى يازغان شائىر يازغۇچىلاردەك،كىشىلەرگە بەخىت-سائادەت تىلەۋاتقان ئىخلاسمەن مالائىكىلەردەك...دېڭىز بويلىرىدىن ھەرخىل رەڭلىك تاشلارنى تىرىپ يۈرگەن خۇشال سەبىي بالىلاردەك ھېس قىلىمەن. گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىدىن سەگىگەن چېغىمدا بولسا يەنە شۇ بەخىتسىز ئىنسانلار ئارىسىغا قايتىپ كىلىمەن - دە،ئەتىكى تۇرمۇشنىڭ غېمىگە چۈشىمەن، قەلبىممۇ بارغانسىرى قورغاقلىشىپ كىتىشكە باشلايدۇ. L!Jx`zM^
|
|