1. جۈپ سۆزلەر ھەققىدىكى بەزى پىكىرلەر : A1i
-Q
G/6 مەسىلەن : « < دەبدەبىلىك شۇئار-چاقىرىقلاردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بىر ھەرىكەت ئەۋزەل . > دېگەن جۈملىدە بىر جۈپ مەنىداش سۆز بار ، جۈملىدىكى سۆزلەر ھەم تەڭداش باغلىنىشتا ھەم بېقىنىدىلىق باغلىنىشتا باغلىنىپ كەلگەن . » دېگەن ھۆكۈم توغرىمۇ؟ Yd]f}5F مېنىڭچە ، بۇ ھۆكۈم خاتا . «شۇئار - چاقىرىق » سىنتاكسىسلىق ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆز ، يەنى جۈپ سۆز . جۈپ سۆزلەرنىڭ بىر نەچچە خىل ياسىلىش ئۇسۇلى بار : 1. مەنىلىرى يىقىن سۆزلەرنىڭ قاتارلىشىپ كېلىشىدىن ياسىلىدۇ ، مەسىلەن : «ئىلىم - پەن » ، « شۇئار - چاقىرىق » ... 2. مەنىلىرى قارىمۇ قارشى سۆزلەردىن تۈزۈلىدۇ ، مەسىلەن : «ھەق - ناھەق » ، « دوست - دۈشمەن »... 3. بىرى مەنىلىك ، بىرى مەنىسىز سۆزلەردىن تۈزۈلىدۇ ، مەسىلەن : « ساز - پاز »... بۇ يەردىكى «شۇئار - چاقىرىق » مەنىلىرى يىقىن كېلىدىغان سۆزلەردىن ياسالغان جۈپ سۆز بولۇپ ، بىر كېڭەيگەن مەنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن .شۇڭا ، ئۇنى بىر جۈپ مەنىداش سۆز دەپ قارىمايمىز . j&8U:Q, يۇقىرىقى جۈملىدە تەڭداش باغلىنىشتا كەلگەن سۆز يوق ، « شۇئار - چاقىرىق » جۈپ سۆز بولۇپ ، تەڭداش باغلىنىشتىكى بىرىكمىلەر قاتارىدا تەھلىل قىلىنمايدۇ .چۈنكى ، جۈپ سۆزلەر سۆز بىرىكمىسى سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنمايدۇ ، ئەمما ، تەڭداش باغلىنىشتىكى ۋە بېقىندى باغلىنىشتىكى سۆزلەر سۆز بىرىكمىسى سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنىدۇ. پارچىدىكى سۆزلەر بېقىندىلىق باغلىنىشتا باغلىنىپ كەلگەن .بۇ يەردە پەقەت چىرمىشىش مۇناسىۋىتىدىكى سۆز بىرىكمىسى يوق . |