kabiljan |
2011-03-09 02:12 |
تەقدىر ئېلىپ بەرگەن قىساس
تەقدىر ئېلىپ بەرگەن قىساس I
cR;A\z ھىكايە t_>bTcsU بىرىنچى قىسىم ,mjfZ*N بۇ ئادەم يارالمىشىدىنلا شۇنداق ئەسكى يارالغانمۇ قانداق، مەن بەش ياش ۋاقتىمدىلا يامان قىلىقلىرى كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى.بىر كۈنى ئۇ ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرسىدىلا پىپەن يىغىنى ئېچىپ ئەزالارغا ھەيۋە قىلغاچ ،تاغام قادىرنى ھەدەپ تىللاپ ئۇرۇۋاتاتتى. مەن كىچىك بولغاچ نىمە ئىشلىقىنىمۇ بىلەلمىدىم.لىكىن بىلىدىغىنم تاغام قادىر تولىمۇ يۇۋاش،ئاقكۆڭۈل، مىھرىبان ئادەم ئىدى. چۈمۈلىگىمۇ ئازار بەرمەيتتى. مەن ئانامنى ئىزدەپ ئۇ يەرگە بارغان ئىدىم،قارىسام ئۇ ئەبلەخ تاغامنى بىر تەرەپتىن ھەدەپ قار يامغۇر تىللىسا ،يەنە بىر تەرەپتىن يۈز كۆزلىرىگە ،دۈمبە قۇرساقلىرىغا مۇش پەشۋالار بىلەن ھەدەپ تىپىپ ئۇرىۋاتاتتى.ئەزالار بولسا قارىشىپ ئولتۇرىشاتتى. بۇ ئىش كۆزۈمگە پەقەت سىغمىدى.چىداپ تۇرالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن يەردىن بىر تال توڭ چالمىنى ئېلىپ ئۇ ئەبلەخكە قارىتىپ ئاتتىم.ئۇ ھەدەپ ئۇرۇپ تېپىش بىلەن قېلىپ ماڭا قارىمىغان بولغاچقا چالما بېرىپلا دۈمبىسىگە تەگدى.بەش ياشلىق بالىنىڭ چالمىسىنىڭ قانچىلىك تورى بولماقچىتى .شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلاپ ھەممىنى بوزەك كۆرۈپ ئۆگىنىپ قالغان بۇ ئەبلەخكە مەندەك بىر‹‹پومىششىك باي دىخان››( يەر ئىسلاھاتىدا ئائىلىمىزنىڭ تەركىبى ھاللىق ئوتتۇرا دىھقان دەپ ئايرىلىپتىكەن.بۇ داغدۇغىلىق ئىنقىلاپتا ئۇنسۇر كۆپەيتىش ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن شۇنداق دەپ تەركىپ ئۆستۈرۈپ جەمەتىمىزدىكىلەر ‹سىنىپى دۈشمەن› قىلىۋېلىنغان ئىدى) نىڭ بالىسىنىڭ قارشىلىقى بەك ھار كەلگەن بولسا كېرەك:‹‹-ئاناڭنى...ھاراملىق››دىگىنىچە تاغامنى تاشلاپ ماڭا قاراپ ئېتىلدى.مەن دەرھال قاچتىم.ئۇ بەلكى ماڭا بىردەمدە يېتىۋېلىشى ،نىمە قىلىۋەتسە قىلىۋېتىشى مۈمكىن ئىدى. لىكىن، بىرنەچچە دىخان تاغىلار دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بىرنمىلەرنى دەپ تەسەللى بېرىپ توسىۋالدى.بەلكىم بۇ قىلىقىم ئارقىلىق شۇ دىخانلارنىڭمۇ ئازراق ئاچچىقىنى چىقىرىپ بەرگەن بولسام كېرەك.ئۇلار مىنىڭ تاياق يىيىشىمنى خالىمىغان ئىدى.بولمىسا بۇ دۇيجاڭلار،ئاكتىپلار ئادەم ئۇرىۋاتسا ھىچكىم ئارىلىشالمايدىغان زامان ئىدى.
SU%rWH بۇ ئەبلەخنىڭ ئىسمى ئەمەت بولۇپ، بويى سۇۋادان تېرەكتەك ئىگىز،ھەم تامدەك بەستلىك ئادەم ئىدى.چىرايىنىڭ بەك ۋاي دىگۈچىلىكى بولمىسىمۇ ھوقۇقى بىلەن كىلىشكەن بوي بەستى مەھەللىمىزدىكى خېلى كۆپ سانلىق ئاياللارنى ئۆزىگە ‹‹رام›› قىلىۋالغان بولۇپ، چوڭلارنىڭ دىيىشىچە بۇ مەھەللىدە ياش قىز چوكانلار ئىچىدە ئىمان ئىنساپلىق،ۋىژدانلىق 8-10 ئايالدىن باشقا ئۇ دەپسەندى قىلمىغان ئاياللار ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىكەن. كىمنىڭ ئايالى چىرايلىق بولسا يىل بويى يىراقتىكى ھاشار،سەيسە ،سۇ بېقىشلاردىن،ئۆستەڭ مۇداپىئەلىرىدىن كىلەلمەيدىكەن. كىم قارشىلاشسا ئادەملەرگە تەڭلىنىپ تۇرغان نەچچە ئون تۈرلۈك قالپاقلاردىن بىرەرنى كىيىپ قېلىپ كۈندە دىەۈدەك پىپەن كۈرەش چىراق ئۆچتىلەردىن قۇتۇلالمايدىكەن.چىراق ئۆچتى دىگىنى ‹‹ كۈرەش››قىلىنماقچى بولغان ‹‹بۇزۇق ئۇنسۇر›› كىچىلىك پىپەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويۇلۇپ بىردەم تىللاپ دۆشكەلىنىپ ھېساپ ئېلىنىدىكەن.‹‹گۇناھ››ىغا تەن ئالمىسا دەرھال چىراق ئۆچۈرىلىپ قاراڭغۇدا ئاكتىپلار،ۋە دۇيجاڭنىڭ يېقىنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇپ تىپىلىدىكەن.بۇ چىراق ئۆچتىدىن كىيىن تاتاق يىگۈچى بىرەر ئىككى ھەپتىگۈچە ئۆرىمۇ تۇرالماي يېتىپ قالىدىكەن ھەتتا بەزىلىرى بىئەجەل ئۆلۈپمۇ كىتىدىكەن. بىر قېتىم بىر ‹‹ خىيانەتچى بۇزۇق ئۇنسۇر›› مۇشۇنداق چىراق ئۆچتى قىلىنىدىغان پىپەن يىغىنىدىن قورقۇپ ،يىغىندىن ئىلگىرى سولاپ قويۇلغان ئۆيدە كىچىك پىچاق بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىكەن. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ‹‹ئەمەت خوراز›› دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئاتالغۇغا ئۇلارنىڭ ئەمەتكە بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىكى ۋە ساناقسىز قىساسلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. mk%"G =w نىمىشقا ئۇ كىشىلەرنى مۇنچىۋالا بوزەك قىلالايدۇ؟ چۈنكى بۇ دىگەن پۇتۈن جوڭگۇدا تەتۇر قۇيۇنلار پىرىلداپ ئالەمنى چاڭ باستۇرىۋەتكەن ‹‹پىرولىتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى››مەزگىلى ئىدى. ئەمەت خوراز بۇ چاغدا بىزنىڭ كىچىك ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ دىخانلار ئۇنى ئالدىدا‹‹شودۈيجاڭ›› ئارقىسىدا قەستەن خاتا تەلەپپۇز قىلىپ ‹‹شوۋادۇيجاڭ›› دەپ ئاتايتتى. مەن بۇ قىسقا ھىكايەمدە ئۇ دەۋرنىڭ ئومۇمى ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىپادىلپ بىرىپ بولالمايمەن بۇ ھەقتە تولۇقراق چۈشەنچىگە ئېرىشىمەن دىگۈچىلەرگە بولسا تۇرسۇنبەگ ئىبراھىمنىڭ ‹‹تەقدىر›› رومانىنى تەۋسىيە قىلىمەن.بۇ روماننىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بىلقۇت تورىدىن تاپالايسىلەر.ھازىرقى ياشلار ئىنتايىن ھەشەمەتخۇر،بەكمۇ ئىسراپچى بولۇپ كەتتى.كىيىمنىڭ ئەڭ ئالىسىدىن نەچچە ئون قۇرنى تاللاپ كىيىدىغان،ئاددى تاماقلارنى ياراتمايدىغان،يەرگە چۈشۈپ كەتكەن نان پارچىلىىنى بىمالال دەسسەپ كىتىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتى.ئاتا- ئانىلىرى ئۇلار دەسسەپ كەتكەن نان پارچىلىرىنى يەردىن ئاۋايلاپ ئېلىپ پۈدەپ توپىسىنى قېقىپ،پىشانىسىگە تەككۈزۇپ ئۇلۇغلاپ ،ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ ئاغزىغا سېلىۋېتىدۇ.نىمىشقا دىسىڭىز ئۇلار مەن بايان قىلغان ھىلىقى يىللاردا كۇنلەپ ئايلاپ ئاچ قوساق يۈرىدىغان بولۇپ، ھەممىلا نەرسە كەمچىل بولغاچقا، نامراتچىلىق ھەممە ئادەمنىڭ جېنىغا تەككەن،ھەممە نەرسىنىڭ قەدرى ئۆتۈلگەن، سان ساناقسىز زۇلۇم پىچاقلىرى يۈرەكلەرگە رەھىمسىزلەرچە سانچىلغان مەزگىل ئىدى. &H4uvJ_< بۇ يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت دىگەندەك تەرەققى قىلمىغان،تەمىنلەش ئىھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان زامانلار بولغاچقا،ھەممىلا نەرسە نورمىلىق تەمىنلىنىپ ،بارلىق نەرسىلەرگە بىلەت تارقىتىلاتتى.مەسىلەن رەخت بېلىتى،ئاشلىق بېلىتى،سۇ مېيى بېلىتى،قەن شىكەر بېلىتى،سەرەڭگە بېلىتى،قوغۇن بېلىتى،گۆش بېلىتى...ئىشقىلىپ ساناپ رەتكە تۇرغۇزۇپ كەلسە بىرەر يۈز خىلغا يېتەمدىكىن دەيمەن.بىلەتلىك تەمىنلەنسىمۇ يېتەرلىك تەمىنلەنسە مەيلىتىغۇ ھەممىلا نەرسىنى بەكمۇ تەستە تاپقىلى بولاتتى.ھازىرقىدەك بازار ئىگىلىكى تەرەققى قىلمىغان بولغاچقا شەخسىلەرنىڭ سودا تىجارەت قىلىشىغا يول قويۇلمايتتى.ھاممىلا نەرسە‹‹ تەمىنلەش سودا كوپىراتىپ›› دەپ ئاتىلىدىغان كوپىراتىپنىڭ قارمىقىدا بولۇپ ئاددىسى كىيىم كەيمەكچى بولسىڭىز ئازغىنە رەخت بېلىتىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ كادىرلارنىڭ ئالاھىدە تونۇشتۇرۇشى بولمىسا يەنىلا ئالالمايتتىڭىز.مەسىلەن رەخت بېلىتىنمۇ ھەممىلا ئادەمگە بەرمەي ئالاھىدە ئىھتىياجلىقلارغا، مەخسۇس مەجلىس ئۆتكۈزۈپ، ئەزالارنىڭ مۇزاكىرسىگە قويۇپ ئاندىن تەقسىملەپ بېرەتتى.مەسىلەن: مەمەت چاۋار دىگەن ئادەم توي قىلماقچى بولغاندا ئەزالارنىڭ مۇزاكىرسى، كادىرلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىر باش ياغلىق،2مېتىر گۈللۈك رەخت،ۋە 2مېتر سىيامبۇ دەپ ئاتىلىدىغان رەختكە،2جىڭ سۇ مېيى،5كىلو گۈرۈچكە بىلەت ئالالىغان ئىكەن. 5Hwo)S]r ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىمۇ دىگەندەك تەرەققى قىلمىغان چاغلار بولغاچقا يەرلەر كالا ساپىنى بىلەن ئاغدۇرىلاتتى.دىھقانلارنىڭ ھارۋىلىرىمۇ يارىيار ھارۋا دپ ئاتىلىدىغان ئىگىز ياغاچ چاقلىق ھارۋىلار ئىدى.بۇ خىل ھارۋىلارمۇ ھەممىلا ئادەمدە بولمىغاچقا، دىھقانلار قىشتا يەرگە ئىشلەپ قىغ قۇم تۆككەن چاغلاردا قاپ، تاغار، دىگەندەك نەرسىلەرگە ئۇسسۇپ يۈدۈپ توشۇيتتى. بۇرۇنقى بىر ئىتوتتا بۇ ئىشلار:‹‹ ئاياللار قۇم كۆتۈرۈپ قاپ توشىمىغان،ئەرلەر قىشتا توڭ قومۇرۇپ كەتمەنگە ساپ توشۇمىغان›› دەپ ئىپادەلەنگەن. ھەممىلا دىخاننىڭ كىيىملىرىگە قارىسىڭىز كونا، يىرتىق،قاسماق،توڭرا،ئۈستى ئۈستىگە ياماق،كەلگۈلۈك كەلگەندە ھەممىسى ئولىشىپ كەپتۇ. دىگەندەك ھەممىلا ئادەمنىڭ كىيملىرىنىڭ ئىچى خۇددى ئۇۋىسىغا سۇ كىرىپ كېتىپ ئۇۋىسى ئەتراپىدا پىتىرىشىپ يۈرگەن چۈمۇلىلەردەك مىغ-مىغ پىت بېسىقلىق بولۇپ، يوقسۇزلۇق،ئاچارچىلىق دەستىدىن ئاران تۇرغان دىخاننىڭ ئازغىنە قېنىنى‹‹ كۆتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال›› دىگەندەك رەھىمسىزلىك بىلەن شورىشاتتى. قىش زىمىستانمۇ شۇ چاغدا ،دىھقانلار يېرىم يالىڭاچ قالغاندا كارامىتىنى كۆرسىتىۋالغان بولۇپ قىشلىرى 40-50سانتىمېتىر قېلىنلىقتا قار يېغىپ قىش بويى ئېرىمەيتتى. ھازىر قىشتا قار ياغمايدىغان، ياغسىمۇ كىچىكىپ يېغىپ بىر ئىككى كۈندىلا ئېرىپ كېتىدۇ.شۇڭا ئۇ زامانلاردا كىمگىلا قارىماڭ چىرايى سېرىق،ياداڭغۇ،ئورۇق،روھى چۈشكۈن ھالەتتە بولۇپ كۈلگەن ئادەم تۈگۈل ،يىل بويى بىرەر چىرايدىن تەبەسسۇم تاپقىلى بولمايتتى.كادىرلارمۇ دىھقانلارغا سۈرلۈك كۆرۈنۈش ئۈچۈن بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپ، زىمىستان سوغۇقىدەك چېقىۋالاتتى. XnE
%$NJ بۇ يىللاردا دىھقانلار ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تازا تارتىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى.يەرلەر كوللىكتىپ تېرىلغان،مەجبۇرى ئىشلىتىلگەن،تەقسىماد ئادىل بولمىغان،يىل بويى جاپالىق ئىشلىسىمۇ قوساق تويغۇدەك تاماق يىيەلمەيدىغان زامان بولغاچقا،ھىچكىممۇ ئاغزىدا شۇئار توۋلاپ قويغان بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆيۈنۈپ ئەمگەك قىلمايتتى.دۇيجاڭنى،بوغالتىرنى كۆرسە ئىشلەپ بولمىسا بىر دەم بولسىمۇ ئارام ئېلىۋېلىشقا تىرىشاتتى.چۈنكى دىھقانلار كىچە –كۈندۈز ئارام تاپماي ئىشلەيتتى.بىردەملىكمۇ ئارامچىلىقى يوق ئىدى.دادام ئاناملار ئەتىگىنى تاڭ ئاتماستا ‹‹دولقۇن››دەپ چىقىپ كەتسە،كۈن چىققاندا ئەتىگەنلىك ناشتىغا كىرەلەيتتى.يەنە كۈندۈزى ئىشلىگەننى ئاز دەپ،ئاخشىمىمۇ ‹‹كىچىلىك دولقۇن›› دەپ چىقىپ كېتىپ مەن ئۇخلاپ قالغاندا، بەزىدە ئېغىر خۇپتەندە ،بەزىدە يېرىم كېچىلەردە ئاران كىرىشەتتى.قورساق تويغىدەك تۈزۈك تاماق يوق،كىچەيۇ- كۈندۈز مانا شۇنداق توختاۋسىز ئېغىر ئەمگەك تۈپەيلى بۇ ئەزالارنىڭ ئۆلۈپ كەتمەي ھايات يۈرەلىگىنىگە ھەيران قالاتتىم.ئەزالار شۇنداق ئېغىر ئەمگەك قىلسىمۇ ئايدا ھەر بىر نوپۇسقا ئاران18 جىڭ قوناق،8جىڭچە تېرىق بىرىشەتتى.بۇ چوڭلارنىڭ نورمىسى بولۇپ بىزدەك كىچىكلەرنىڭ ئۇنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ كەلمەيتتى.ئانىلىرىمىز بۇ قوناقلارنى ئاخشاملىرى ياغۇنچاق چۆرۈپ ئۇن قىلىپ ئۇنى ئەلگەك بىلەن تاسقاپ يۇمشىقىدا نان يېقىۋالسا،ژىرىكىدە يارما دەپ ئاتىلىدىغان ژىرىك قوناق ئومىچى ئىتەتتى.تېرىقنى بولسا قازاندا قورىۋالغاندىن كىيىن يەنە ياغۇنچاق بىلەن ئۇن قىلىپ ،چوڭراق قاچىغا تېرىق ئۇنىدىن سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچقا ئوخشاش بىر نەرسە تەييارلايتتى.بىز ئۇنى تالقان دەپ ئاتايتتۇق.ئۇ قولغا يېقىن،ئاسان تەييار بولىدىغان تاماق ئىدى.تەمىمۇ يارمادىن تەملىك ئىدى.(ھازىر ئەسلىمە تاماق قىلىپ يەپ باقايلى دىسەكمۇ تېرىق تاپالمايمىز). jKj=#O بۇ ئاشلىقلار‹‹ دادۇي››دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئامبىرىغا قاچىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ نورما تۈگىگەن دىھقانلار بىردىن كىچىك خالتىنى كۆتۈرىۋېلىپ مەھەللە باشلىقلىرى،دادۇيجاڭ،سېكرىتار دەپ ئاتىلىدىغان قاپىقى يامان ئادەملەرنى ئىزدەپ ئۇلارغا يېلىنىپ يالۋۇرۇپ بەزىلىرى تېخى ئۇلارنىڭ پۇتىغا بېشىنى قويۇپ يىغلاپ قەرىزگە ئاشلىق سورايتتى. ئۇلار شۇنچە يالۋۇرۇپ يېرىم كۈنلەپ ئۆچىرەت تۇرۇپ ئاران 4-5 جىڭ قوناق ياكى تېرىق ئالالايتتى. سېكرىتار،ئامبارچى دىگەنلەر تېخى ئاشلىق قەرىز سوراپ كەلگەن ياش قىز چوكانلارنى ئەشۇ نەچچە جىڭ تېرىق قوناقلار ئۈچۈن ئىشخانىلاردا،ئامبارلاردا كىيىم سېلىشقا مەجبۇرلاپ نومۇسىغا تىگىپ، دىھقانلارنىڭ ئۆز ئەمگەك مىۋىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى خورلايتتى.ئاچ قېلىپ ئۆلۈشنىڭ،ئۆيدىكى نارىسىدىلەرنىڭ ‹‹-ئانا نان››دەپ يىغلاشلىرىغا چىداپ بولغىلى بولمىغاچقا نۇرغۇن ئاياللار بۇ خىل خورلۇققا كۆنۈپ كىتىشكەن ئىدى. %[Zqr;~l بۇغداي تامىقى،بۇغداي نېنى دىگەنلەر بىزدەك دىھقان بالىلىرى يىل بويى يىيەلمەيدىغان ئالى تاماق ئىدى.تېخىچە ئىسىمدىن كەتمەيدۇ. مەھەللە بوغالتىرىنىڭ ئوغلى بىلەن مەن خېلى يېقىن دوست بولغاچقا، دائىم بىللە ئوينايتتۇق.بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاختىدا ئۇلارنڭ ئۆيىدە تاماقتا بىللە بولۇپ قالدىم.ئانىسى لەغمەن ئەتكەن ئىكەن .شۇ چاغقىچە لەغمەن دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ يەپ باقمىغان ئىدىم.ئۆي ئىگىلىرى مىنى ئۆيىدىن چىقىرىۋېتىشنى سەت قىلىق دەپ قارىدىمۇ ئىشقىلىپ تاماققا ئۆيگە بىللە ئېلىپ كىرىپ بۇ لەغمەندىن ماڭا چارەك چىنە،ئوغلىغا يېرىم چىنە بىرىپ، چوڭلار بىر چىنىدىن يىيىشتى.بۇ تاماققا قۇرسىقىم تويمىغان بولسىمۇ لىكىن، بەكمۇ تەملىكلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە‹‹ يەنە بارمۇ ؟››-دىگەندەك دوستۇمنىڭ ئانىسىغا تەلمۈردۈم. لىكىن ئۇ ئايال كۆرمىگەنگە سېلىپ ئولتۇرىۋەردى.(مەن ھازىرغىچە نەچچە مىڭ قېتىم لەغمەن يەپ باققاندىمەن،ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالى قورۇلمىلىق لەغمەنلەرمۇ بار بولسىمۇ، لىكىن، ھىچقايسىسى ئەشۇ قېتىمقى لەغمەندەك تېتىپ باققىنى يوق.مەن شۇ قېتىمقى ياخشىلىقى ئۈچۈن بۇ ئايالنىڭ ئېرى،مەن بىلەن دوست بولغان ئوغلى ئۆلۈپ قېلىپ چوڭ ۋاپاسىز ئوغلىنىڭ قولىغا قېلىپ، ئۇنىڭ كارى بولماي، پۇتى سۇنۇپ كېتىپ سىرتلارغىمۇ چىقالماي سۆرۈلۈپ يۈرگەنلىرىدە، ھەر ھېيتتا ئالايىتەن يوقلاپ كىرىپ ھېيتلىق پۇللارنى بېرىپ، تۇرۇپلا قالماي پات-پات يوقلاپ قىلالمىغان ئىشلىرى بولسا قىلىشىپ بېرىپ يۈردۈم).دىھقانلارنىڭ نورمىسى شۇ بولغاچ يىل بويى ئاچارچىلىق دەستىدىن دىھقانلار تەبىئەتتىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر ئىدى.ئەتىيازدا بىدە كۆكى،كاككۇك ئوت دەپ ئاتىلىدىغان شەكلى چاي ئوت دەپ ئاتىلىدىغان ئوتقا ئوخشاپ قالىدىغان،تۈگمىدەك سېرىق گۈل ئېچىلىدىغان ئوت (مامكاپ) نى ئېلىپ كىرىپ ياغدا قورۇپ ياكى سۇيۇق تاماققا قېتىپ قويۇلدۇرۇپ يەپ، قۇرساقنى گۆللەيتتۇق.4-ئايدا چىڭگىلىكنىڭ يۇمران مايسىسى بىلەن يۇمران جىگدە نوتىسىنى،5-ئايدا ئۈژمە مىۋىسىنى تېرىپ يەيتتۇق.ياز پەسلىدە ئىشىمىز ئوبدان ئىدى.بىر تەرەپتىن پىشمىغان بۇغداي باشىقىنى ئوتقا قاقلاپ چۈرۈچ قىلىپ يىسەك، بىر تەرەپتىن لويلا ئوتنىڭ ‹‹توشقان لويلىسى›› دەپ ئاتىلىدىغان تۈرىنى،قىزىل بۇغداچ ئوتىنى تاماققا قوشۇپ يەيتتۇق. تېخى بالىلارنىڭ كەپسىزرەكلىرى دۇينىڭ قوغۇنلىقىدىن قوغۇن ئوغۇرلىشىپمۇ يەيتتى.كۈزدە تېخىمۇ مولچىلىق بولاتتى.بىز بىر تەرەپتىن جىگدە مىۋىسى تېرىپ يىسەك،يەنە بىر تەرەپتىن قوناقلىقتىن كۆكباش ئوغرىلاپ ئوتقا قاقلاپ ‹‹كاۋاپ›› قىلىپ يەيتتۇق.ھەتتا كۆپرەك يىغىپ ساقلاپ قويۇپ قىشتا ئۇماچقا سېلىپ يەيتتۇق.يىل بويى گۆش كۆرمىسەكمۇ قىشتا قاردا باسماق قويۇپ قۇچقاچ تۇتۇپ ئۇنىڭ گۆشىگە ئېغىز تىگەتتۇق. شۇ چاغلاردا ئاچارچىلىق دەستىدىن بالىلىرىغا كۆكبا ئوغۇرلاپ بەرگەنلەر كۈزەتچىلەر تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنسا كۆكباشنى بوينىغا ئېسىپ پىپەن كۈرەش قىلىپ ئۇرۇپ جۇلىقىنى چىقىرىۋېتىشەتتى. ھازىرقى بالىلارغا بۇ كونا ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بەرسەك ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ.بەلكى كۆڭلىدە رىۋايەت توقۇپ بىزنى ئالداۋاتسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالىدۇ.مەن بۇ بايانلىرىمدا تىمىدىن بىراز چەتنىگەندەك قىلساممۇ، لىكىن، ھازىر تېز تاماقخانا،رېستۇرانلاردا نۇرغۇن ئىسىل تاماقلارنى بۇزۇپ چېچىپ ئىسراپ قىلىۋاتقان قۇرۇق سۆلەتۋازلارغا ‹‹ئىسراپ قىلىۋەرمەڭلار! يەنە شۇنداق كۈنلەر يېنىپ كىلىپ ئىسراپچىلىقىڭلاردىن قىساس ئالمىسۇن›› دىگۈم كېلىدۇ. Jm %ynW `! nJS| داۋامى ئىنكاس شەكلىدە ھەر كۈنى داۋاملىق يوللىنىدۇ. egI{!bZg'\ ھەجمى بەك ئۇزۇن بوپ كەتسە تورداشلارنى زېرىكتۈرۈپ قويىدىكەنمىز.باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي تەستىقلاپ قويارسىلەر. rb:<N%*t مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم 9H
f*cQ 2011 –يىل 18- پېۋرال. Yzj%{fkh &l.x:eD VLcyPM@"Q! -|m$YrzG 5oz>1 ~TYbP X_D6eYF 'sj9[o@] 2-قىسىم -NAmu97V} ئەمەت خورازنىڭ تاغام قادىر بىلەن بىر نەۋرە ئاكا ئۇكىلاردىن تۇرۇپ ،ئۇنىڭ تاغامنى يامان كۆرۈپ بوزەك قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەينى يىللاردا مەن كىچىك بولغاچ بىلمىگەن ئىكەنمەن.پەقەت ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ نەزىرى بويىچە‹‹ ‹ساپ قانلىق كەمبەغەل دىھقان›نىڭ يۇقۇرى تەركىپلىك‹سىنىپى دۈشمەن›گە بولغان ئۆچمەنلىكى بولسا كېرەك دەپلا ئويلىغان ئىدىم.لىكىن بۇ كۈنلەردە مەھەللىمىزدىكى نەچچە يۈز ئەمگەك كۈچىنىڭ 40-50كى ھەرخىل ناملار بىلەن ‹‹سىنىپى يات ئۇنسۇر››قىلىپ قويۇلغان بولۇپ، ئەمەت ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆچ بولسىمۇ، لىكىن، تاغام قادىرغا ئالاھىدە ئۆچ ئىدى. ھەر كۈنى دىگۈدەك تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىگەندەك قادىر تاغامدىن گۇناھ ئىزدەپ ئەدىپىنى بېرىشكە ئاران تۇراتتى.مەن تېىخى مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بولغاچقا، ھەركۈنى ئانام بىلەن بىللە ئېتىزلىققا چىقىپ يېنىدا ئوينايتتىم.شۇڭا، مەھەلللىدە يۈز بېرىۋاتقان غەلىتە ئىشلار، تۈگىمەس زۇلۇملارغا كىچىك تۇرۇپلا شاھىت بولۇپ قالغان ئىدىم.چوڭ بولغىنىمدىن كېيىن بۇ ئىشتىن خەۋەردار چوڭلاردىن بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ ئۆچمەنلىكى ئەمەتنىڭ ئەسكى مىجەزى ۋە قادىر تاغامنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن 50-يىللاردىلا پەيدا بولغان بولۇپ،ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەن: ئۈچىنچى تاغام ئۇبۇلقاسىمنىڭ بويى بىر يېرىم مېتىرچە كىلىدىغان پاكار،ئۇچىغا چىققان مەرەز- پىخسىق،ۋاتىلداق خوتۇنى سارەك بىلەن ئەمەتنىڭ يوشۇرۇن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇلار بۇ مۇناسىۋەتنى بەكلا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئىشنى كۆپ كىشىلەر بىلسىمۇ ئوبۇلقاسىم تاغام ئۆزى بىلمەيدىكەن.نەۋرە تۇققۇنۇم دەپ قاراپ ئەمەت بىلەن يېقىن ئۆتىدىكەن. قادىر تاغام ۋىژدانلىق ئىچى كۈشلۈك ئادەم بولغاچقا، بىر قېتىم ئۇ ئىككىسىنى قوناقلىقتا بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقان يېرىدە تۇتۇۋېلىپ ئەمەتنى خېلى قاتتىق ئۇرۇپ ئەدەپلەپ قويغان ئىكەن.دىمەك ئەمەت تاغامغا شۇندىن بۇيان كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرۈپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ مەھەللىنىڭ دۇيجاڭىلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۆچ ئېلىشنى باشلىغان ئىكەن،ئۇ ئالدى بىلەن يۇقۇرى تۆۋەنگە يول مېڭىپ گوڭشى ۋە دادۇي باشلىقلىرىغا مەلۇمات سۇنۇپ:‹‹ موللا توختى( مېنىڭ چوڭ دادام، ئەمەتنىڭ ئانىسىنىڭ ئاكىسى ئىدى) جەمەتى ئۆتمۈشتە 100 مودىن ئارتۇق زىمىن يەر ئىگەللەپ ئۇ يەرلىرىنى نامرات دىھقانلارغا ئىجارە بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق ئەزگەن،قېنىنى شورىغان.يەر ئىسلاھاتى ۋە تەركىپ ئايرىش مەزگىلىدە كۆز بوياپ توردىن چۈشۈپ قاپتىكەن.بۇ زەھەرلىك چۆپلەرنى تازىلاپ،سىنىپى كۈرەش ئېلىپ بارمىساق،بىزدىن تەتۈر ھېساپ ئالىدۇ››دىگەندەك بەدناملارنى توقۇپ،بىرنەچچە كۆڭلى يېقىن چاپارمەنلىرىنى ئىسپاتقا چىقىرىپ يۈرۈپ جەمەتىمىزنىڭ تەركىپىنى ئۆستۈرۈپ ئۆچ ئېلىشنى باشلىغان ئىدى.50 يىللاردا يېزىمىزدا مۇئەللىمچىلىك قىلىپ ‹‹ئۆتكۈر مۇئەللىم›› دەپ تەرىپلەنگەن داداممۇ 58-يىلدىكى ‹‹سوتسىيالىزىم تەربىيەسى›› مەزگىلىدىكى ‹‹ئېچىلىپ سايراش›› ھەركىتى جەريانىدا ،يەنە بىر نەۋرە ئىنىسى تۇرسۇننىڭ تۆھمىتىگە ئۇچراپ، خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ پۇقرالىققا چۈشۈرۈپ قويۇلغان بولۇپ، ھازىر ئۇمۇ جەمەتىمىز قاتارىدا‹‹ سىنىپى يات بۇزۇق ئۇنسۇر››لۇق قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ ئەمەتتەك تەلۋىلەر تەرىپىدىن ئېغىر زۇلۇم تارتماقتا ئىدى.ئەمەت دادامغىمۇ ئېغىر زۇلۇم سالاتتى،پىپەن يىغىنلىرىدا ئۆز قولى بىلەن ئۇرۇپ ئېغىز بۇرۇنلىرىنى قان قىلۋېتەتتى.ئىشنىڭ ئەڭ ئېغىرىغا سېلىپ كىچە كۈندۈز ئاراملىق بەرمەيتتى.مىنىڭ ئەڭ ئىسىمدىن چىقمايدىغان بىر ئىشى شۇ ئىدىكى سۆزلەپ بەرسەم ئوقۇرمەن سىزنىڭمۇ غەزەپ –نەپرىتىڭىز قوزغۇلۇپ قالىدۇ.ئادەمنىڭ تىزىدىن ئاشقۇدەك قېلىن قار ياغقان بىر قارا قىشتا بىر پىپەن يىغىنى ئېچىلماقچى بوپتۇ.بۇ چاغدا دادام مەھەللىدىن 10نەچچە كىلومېتىرچە يىراقلىقتىكى جاڭگالدا ئەترەتنىڭ چارۋىلىرىغا قىشلىق ئوت(قامغاق،يانتاق دىگەندەك ئوتلارنى) چاناۋاتقان بولۇپ، دادامنى بۇ يىغىنغا ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن ئەمەت ‹‹مىنبىڭ›› دەپ ئاتىلىدىغان كۆڭلى يېقىن ئىككى چاپارمىنىنى قۇلىقىغا پىچىرلاپ گەپ ئۆگىتىپ، بىلەپ ئەۋەتىپتۇ.ئۇلار قوللىرىغا بىردىن ئىككى توقماق ئېلىپ، يەنە تازا غالجىر ئىككى ئىتنى بىللە يېتىلەپ بېرىپ دادامنى مەھەللىگە ئېلىپ مېڭىپتۇ.مېڭىشتىن بۇرۇن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەسكى ئىشتىن بىرنى قىلىپ، دادامنىڭ پۇتىدىكى دەپسىسىنى سالدۇرىۋېتىپ بوينىغا ئېسىپ قويۇپ ، قاردا يالاڭاياق مېڭىشقا مەجبۇرلاپلا قالماستىن، يەنە يۈگۈرۈپ مېڭىشقا زورلاپتۇ.ماڭالماي ھېرىپ قالغانلىرىدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپلا قالماي، ئىتلارغىمۇ تالىتىپ ۋەھشىلەرچە يۈگەرتىپ ئېلىپ كەپتۇ.دادام يىغىن زالىغا ئاران كىرىپلا يىقىلىپ قاپتۇ. غالچىلار چوڭ ئەترەتنىڭ يىغىن زالىغا كىرىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەھشى ئىشلىرىدىن پەخىرلىنىپ، باشلىقىدىن ماختاش كۈتۈپ تۇرغان پەيتتە، چوڭ ئەترەت باشلىقى ئەخمەت مەمەت مىنبىڭلارنى تىللاپ:ھۇ ئادەم قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلار،سەنلەر گومىنداڭ باندىتلىرىمۇ قىلمايدىغان ۋەھشى ئىشنى قىلىشىپسىنا؟ سەنلەرنىڭ ئۇ زالىملاردىن نىمە پەرقىڭ قالدى؟ سەنلەر كۆڭلۈڭدە يوغان ئىش قىلىۋەتتۇق دەپ خوش بولۇشقىنىڭ بىلەن ئابدۇراخمان بۇ ئەپتى بىلەن بۈگۈنكى يىغىنغا قانداق قاتنىشالايدۇ؟بۇندىن كېيىن قانداق ئىش قىلالايدۇ؟ ماڭ بۇنىڭ قىلىۋاتقان ئېغىر ئىشلىرىنى سەنلەر قىلىش!›› دىگىنىچە قولىغا تاياق ئېلىپ ھېلىقى ئىككىسىنى ئالدىغا سېلىپ سۈرگەن ئىكەن.شۇ ئىشتىن كېيىن دادام ھەقىقەتەن پۇتى ئۈششۈپ قېلىپ ،ئىت تالىغان يەرلىرى سوغاق ئۆتۈپ ژىرىڭداپ بىرەر ئايدەك دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان مېيىپ بولۇپ قېلىشقا تاس قالغان ئىدى. 6|QTS|! ئەمەت بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە تاغام قادىردىن ئۆچ ئېلىشنى ھار كۈنى داۋاملاشتۇردى.بىر كۈنى ئەزالار ئارىلىقى بىر كىلومېتردىن ئارتۇق كىلىدىغان يىراق ئارىلىقتىن يۈز جىڭچە كېلىدىغان سېرىق قۇمنى قاپ ۋە تاغارلارغا ئۇسسۇپ، ھارۋا يېتىشمىگەچكە دۈمبىسىگە ئېلىپ يۈدۈپ، كىپەزدىن بىكار بولغان ئېتىزلارغا ئەكىلىپ تۆكۈپ ‹‹يەرگە ئىشلەش››كە باشلىدى.ھەر بىر ئادەمگە قۇم تۆكىدىغان ئېتىز تەقسىملەپ بېرىلگەن بولۇپ، دۇيجاڭ بىلەن بوغالتېر قوللىرىغا قولدا ياسالغان تارازا ۋە نومۇر خاتىرلەيدىغان دەپتەر ئېلىپ، ھەربىر ئېتىزغا تۆكۈلگەن قۇملاردىن ئەڭ كىچىكىنى تارازا بىلەن تارتىپ، قالغان قۇم پومزەكلىرىنى شۇنىڭغا ئاساسەن ھەسسىلەندۈرۈپ ھېساپلاپ نومۇر خاتىرلەپ يۈرىشەتتى. _zdNLwE[ كۈن چۈشتىن قايرىلىپ ئەزالار چۈشلىك تاماقتىن يىغىلغاندا ئەمەت بىلەن بوغالتېر ئەزالارنى سېرىق قۇم تۆكۈلمەي بوز رەڭ يۇمشاق سۇ قۇمى تۆكۈلگەن بىر ئېتىزلىققا توپلاپ، ئاۋال يوقلىما قىلدى.يوقلىمىغا كىچىككەنلەرنى كىچىك بالىنى سەتلىگەندەك سەتلەپ، ئۇرۇپ تىللاپ ھەيۋە كۆرسەتتى.ئاندىن ‹‹نىسى مەيدان پىپەن يىغىنى››ئاچماقچى بولغانلىقىنى جاكالاپ ئەزالارنى ئولتۇرغۇزۇپ، يىغىننى باشلىدى. J;S-+ ئەزالار كۆڭلىدە:‹‹ قايسى تەتۈر پىشانە ئىشلىگەن ئېتىز بولغىيتتى.ئەمدى ئۇ نىمە كۈنلەرنى كۆرەر؟››دىگەنلەرنى ئويلىغاچ ئەندىشە ئىچىدە ئولتۇرۇشتى. jQ6Xr&}
ئەمەت ئالدى بىلەن سۆزىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئادەت بويىچە ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە بىلەن باشلاپ،ئۈزۈندىدىن كېيىن كوپىراتسىيەلەشتۈرۈشنىڭ ئەۋزەللىگى يەرگە ئىشلەشنىڭ پايدىسى،سىنىپى كۈرەشنىڭ مۇھىملىقى،ئۇزۇن مۇددەتلىكى،مۇرەككەپلىكى،ئۇنى بوشاشتۇرۇپ قويسا سىنىپى دۈشمەنلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى،شۇڭا ئۇلارغا قىلچە رەھىم قىلماي،بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنى سەزگەن ھامان قەتئى زەربە بىرىپ ،ئىنقىلاپ مىۋىلىرىنى قوغداپ قېلىش زۆرۈرلىگى ھەققىدە بىرەر سائەتچە سۆزلىدى.سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: 5\WUoSgy -يولداشلار ،سۆزۈم مانا ئالدىڭلاردا ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.بارلىق كەمبەغەل دىھقان تۆۋەن ئوتتۇرا دىھقانلار يەرگە ئىشلەش ئۈچۈن،ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي،قۇملۇقتىن قۇم يۈدۈپ كىلىپ جاپاغا باش ئەگمەي باتۇرلۇق بىلەن يەرگە ئىشلەۋاتسا،كونا جەمىيەتتە بىزنى قاتتىق ئەزگەن،ھايۋان ئورنىدا قۇل قىلغان،ئۆلگىچە تۆۋە قىلمايدىغان بىر بۇزۇق ئۇنسۇر ساختىپەزلىك قىلىپ،ئىنقىلاپنى،كوپىراتسىيەنى،تەشكىلنى،ئىنقىلاۋى يولداشلارنى ئالداپ، يېقىنلا يەردىكى ئۆستەڭ قىرىدىن سىلە ئۆستەڭ چاپقاندا چىقىرىپ قويغان ،تەمى،قۇۋۋىتى قالمىغان سۇ قۇمىنى يۈدۈپ كىلىپ يەرگە ئىشلەپ دوپپىمىزغا جىگدە سالماقچى بولغان.بىز بۇنداقلارغا يول قويىمىزمۇ؟! 47KNT7C -يول قويمايمىز! -يول قويمايمىز!-دەپ توۋلاشتى ئەزالار شۇئار توۋلىغاندەك. rR\;G2p) -ئۇنداق ئىكەن بىز بۇ بۇزۇق ئۇنسۇرنى كۈرەش مۇنبىرىگە تارتىپ چىقىپ ،ئۆسۈپ كەتكەن نوخۇلىسىنى ئېلىپ،تىگىشلىك ئەدىپىنى بېرىپ قويايلىمۇ؟ 6.[)`iF+# -ئەدىپىنى بېرەيلى!، -ئەدىپىنى بېرەيلى!-دەپ توۋلاشتى ئەزالار يەنە. !:3^ hb -ھازىر سىنىپى كۈرەشنى باشلايمىز،سىنىپى يات بۇزۇق ئۇنسۇر،ھورۇن تەييارتاپ مىتە قۇرۇت،خەلقنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى قادىر ئورنۇڭدىن تۇر! ئۇنىڭ پەرمانى ئاخىرلىشىشىغا تاتىرىپ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان بىچارە تاغام قادىر ئورنىدىن ئاستا تۇردى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشىغىلا ياندا كۈتۈپ تۇرغان ئىككى ئاكتىپ يۈگرەپ بېرىپ پاتىڭىدىن بېسىپ ئىڭىشتۇرۇپ، ئۇرۇپ دۆشكەلىگىنىچە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى. T<P0T< ئۇ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن سۇئال سوراق باشلاندى: !.*iw
k` -ھەي بۇزۇق ئۇنسۇر،بۇ ئېتىزغا سەن ئىشلىدىڭمۇ؟ 6lsEGe -ھەئە،مەن ئىشلىدىم، \%TyrY+`K -نىمە بىلەن ئىشلىدىڭ؟ l[oe*aYN7 -سۇ قۇمى بىلەن ئىشلىدىم. a ~opE!|m -بىز قانداق قۇم بىلەن ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان؟ i $C-)d] -ئاپتاپ يىگەن سېرىق قۇم بىلەن ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان. u h)o -نىمە ئۈچۈن بىز ئورۇنلاشتۇرغان بويىچە ئىشلىمىدىڭ؟ \J3/keL -ئورۇنلاشتۇرغان بويىچە ئىشلىمەكچىتىم،نەچچە كۈن بولدى،بىلىم ئاغرىپ قېلىپ ئۆرە بولالمىدىم،شۇڭا يىراقتىن قۇم يۈدۈپ كىلىشكە ئامالسىز قالدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە سېرىق قۇمغا قارىغاندا سۇ قۇمى ياخشى،ئۇنىڭدا شور تەركىبى يوق،پايدىلىق ماددىلىرىمۇ سېرىق قۇمغا قارىغاندا كۆپ،ئۇ يەرنى يۇمشۇتۇپ قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بىرىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ... U*\17YU6h -گۇناھىنى تەن ئالماي يەنە گەپ ياندۇرىۋاتقىنىنى،سەن كىمىڭنى ئالدايسەن؟ئاغزىغا ئۇرۇڭلار! 8{
gXToK غالچىلار بىردەمدە تاغامنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتكۈزىۋەتتى.مەن بۇ كۆرۈنۈشكە چىداپ تۇرالماي دەرھال كۆزۈمنى يۇمۇپ ئانامنىڭ ئىتىكىگە بېشىمنى قويۇۋالدىم... 6pp $-uS پىپەن يىغىنىدىن كېيىن غالچىلار 200جىڭچە كىلىدىغان قۇم تاغىرىنى تاغامغا يۈدۈگۈزۈپ :‹‹ھورۇنلۇق قىلغاننىڭ سازايى!ئاممىنى ئالدىغاننىڭ سازايى!››-دەپ توۋلاتقۇزۇپ كەچ كىرگۈچە سازايى قىلدى.يىقىلىپ قالسا ئۇرۇپ دۇمبالاشتى. TH:W#Ot كەچتە يەنە:‹‹ دادۈيدە ھېساپ ئالىمىز›› دەپ ئېلىپ كېتىشتى. 0` 5e يېرىم كىچىلەردىن ئاشقان چاغدا بىرىنىڭ ئىشىك قېقىپ زەئىپ ئاۋازدا:‹‹ئابدىراخمىناخۇن، ئابدىراخمىناخۇن!›› دەپ نەچچە قېتىم توۋلىغىنى ئاڭلاندى. بۇ تاغام قادىرنىڭ ئاۋازى ئىدى. ھەممىمىز تاغامدىن ئەنسىرەپ تېخىچە تولۇق ئۇخلىيالمىغان ئىدۇق.دادام چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى،ئانام كىرسىن چىرىقىنى ياقتى.ۋە قوپۇپ مەشكە ئوت قالىدى.دادام تاغامنى باشلاپ ئۆيگە كىردى.مەن تاغامنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم.ئۇ تىك تۇرالماي ئىڭىشىپ قالغان ئىدى.ئەسلىدىنلا يىرتىق كونا كىيىملىرى تېخىمۇ رەپ- رەپ بولۇپ كەتكەن،يۈز كۆزلىرى قان داغلىرى بىلەن قاپلانغان، يۈز ۋە قاپاقلىرى كۆكۈرۈپ ئىششىپ كۆزلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالغان ئىدى.ئاۋازىمۇ زەئىپ چىقاتتى. vFhz!P~ -ئاكا،نىمە بولدى،يەنە قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن ئوخشىمامدۇ ئۇ چۇپرەندىلەر ؟- دادام ئەنسىرەپ سورىدى تاغامنى ئوچاق ئالدىدىكى ئۆشكە تېرىسى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزىۋېتىپ. Ej"u1F14J تاغام:‹‹ئەمەت بەك ئۇرىۋەتتى›› دىگىنىچە ئىنجىقلاپ ۋاي- ۋايلاپ ئاران دىگەندە ئولتۇردى.ۋە سەل ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ئوچاقنىڭ كۆلىڭىگە قان سەپرا قىلدى،ھەممىمىز تېخىمۇ قورقۇپ كەتتۇق. xaW{I7FfG -ئۇكام،-دىدى تاغام بىراز تىنىچلانغاندىن كېيىن ھاسىراپ تۇرۇپ-ئەسلىدە... كىچىدە كىرىپ سىلەرنى... ئاۋارە قىلمىسام بولاتتى.ئۇھ جېنىم...بىراق...بىراق،يەپ كەتكەن تايىقىمنى ئۆزەم بىلىمەن.ئەتىمۇ ھايات... تۇرالىشىمغا كۆزۈم...كۆزۈم يەتمەيدۇ. شۇڭا... شۇڭا ئۇكام سىزنى ئاخىرقى قېتىم بىر كۆرىۋېلىپ...كۆرىۋېلىپ، رازىلىشىپ چىقاي دەپ كىردىم. سىلەر...سىلەر مىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىمگە ئىچ ئاغرىتماڭلار.مۇنداق...مۇنداق دوزاخ ئازابى تارتىپ ھايات...ھايات ياشىغۇچە ئۆلۈپ كىتىپ مەڭگۈ...مەڭگۈ تىنىچ ئۇخلىغان ياخشى... G%:GeW دادام بىلەن تاغام بىر بىرى بىلەن شۇ تەرىزدە بىرەر سائەتچە مۇڭدىشىپ يىغلىشىپ ئولتۇردى.ئاڭغىچە ئانام يوبدان ئېشى ئىتىپ بولغان ئىدى. لىكىن،ئەتكەن يوبدان ئېشىنىمۇ ئىچەلمەي، دادامنىڭ مۇڭدىشىپ بىللە يېتىش ھەققىدىكى تەلىپىگىمۇ ئۇنىماي كېچىلەپ چىقىپ كەتتى.دادام ئۇنى ئەچىقىپ قويۇپ كىرىپمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدى. \?fI t? سەھەردە خوشنا ئۆيدىن ئاڭلانغان ئېچىنىشلىق يىغا- زارە ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتتىم.تاغام ئۆيىگە قايتىپ چىقىپ ياتالمىغان،داۋاملىق قان سەپرا قىلغان ۋە تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان پەيتتە جان ئۈزگەن ئىدى. 2umv|]n+l| ئەمەتنىڭ ئەسكىلىكى تۈپەيلى ئەزەلدىن ئۆلۈم يىتىمنى توپلىشىپ بىرلىكتە ئۇزىتىدىغان مەھەللە جامائىتى بۇ ئۆلۈمگىمۇ كىرەلمەي‹‹ ئەتىگەنلىك دولقۇن››غا چىقىشتى.تاغامنىڭ ئۆلۈمىنى ئوغۇل قىزلىرى ۋە دادام تاغىلىرىم بولۇپ ئون نەچچىلا ئادەم ئۇزىتىپ چىقتۇق. R{hf9R , تەبىئەتمۇ بۇ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمگە ئىچ ئاغرىتقاندەك يېڭىۋاشتىن قار يېغىپ كەتتى.تاغىلىرىم ۋە قادىر تاغامنىڭ بالىلىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسى يۈرەكلەرنى ئىزەتتى.بۇ يىغىلارغا جۆر بولغاندەك ئاچچىق شىۋىرغان ھۇشقىيتاتتى..مەنمۇ شۇ چاغدا قاتتىق يىغلاپ كەتكەن ئىدىم. `)$_YZq|SR شۇنداق قىلىپ قادىر تاغام بۇ زۇلۇملاردىن ئۆلۈمى ئارقىلىق قۇتۇلدى.ئۇنىڭ قەۋرىسىدە پۇت قوللىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ،بۇ دۇنيانىڭ تۈرلۈك غەم ۋە ئازاپلىرىدىن بىخەۋەر ھالدا تىنىچ ياتقان ھالىتىنى ئويلىساملا:‹‹ ھاياتلىقتىن ئۆلۈم ئەۋزەل ئوخشىمامدۇ ؟ بىز بۇ دۇنياغا ئازاپ كۈلپەت تارتقىلى تۆرەلگەن بولغىيمىدۇق.بىزگىمۇ قاچان ئەشۇنداق مەڭگۈلۈك تىنىچ ئۇيقۇ نىسىپ بولار؟›› دەپ گۆدەكلەرچە خىيالغا پېتىپ قالاتتىم. vIGw6BJI ئەمەتنىڭ زۇلمى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ دىھقانلارنىيەنىلا خالىغانچە بوزەك قىلماقتا ئىدى.بىر كۈنى ئانام بىلەن خوشنىمىزنىڭ ئايالىنىڭ قوناق ئۇنى چىقىرىش ئۈچۈن ياغۇنچاق چۆرۈپ ئولتۇرۇپ قىلىشقان، مەن ئانچە چۈشەنمەيدىغان سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى: ;3'NMk -ھەي،بۇ ئەمەت توڭگۇزنىڭ بىزگە سېلىۋاتقان زۇلمى قاچانمۇ تۈگەر ئايسىخان - دەيتتى خوشنا ئايال-ئىچىم دەرتكە لىق توشۇپ كەتتى،دەي دىسەم تىلىم كۆيىدۇ.دىمەي دىسەم بۇ دەرتلەرگە پەقەت چىداپ بولالمىدىم جۇمۇ. i'/m4 !>h ھەيي... يىتەخان-دىدى ئانام نارازى بولغاندەك سوزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ- سىز بىلەن بىز ئۇزۇن يىللىق خوشنا،ھەم بالا چېغىمىزدىن تارتىپ سىرداش دوست،بىر بىرىمىزدىن يوشۇرۇن ھىچقانداق ئىشىمىزيوق ئىدىغۇ؟ قانداق دەردىڭىز بولسا دەۋېلىپ يىىنىكلەپ قالمامسىز.مىنىڭ باشقىلارنىڭ سىرىنى چىڭ ساقلايدىغان ئادىتىمنى بىلمەمتىڭىز؟ eD
Kxn8+(H -ھەي، بوپتۇ.دىسەم دەي،بۇ بىرسىگە دەپ يۈرگىدەك چىرايلىق ئىشمۇ ئەمەستى.خورلۇق يەتتى. بۇ ئىش توغرىسىدا نىمە قىلىشنىمۇ بىلەلمەي بېشىممۇ تازا قاتتى.بوپتۇ،دىسەم دەي،بىرەر ياخشى مەسلىھەتىڭىز چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. تۈنۈگۈن چۈشتە ئېتىزدىن سەل بۇرۇن يېنىپ،كىلىنىمنى بىر يوقلاپ چىقاي دەپ ئۆيىگە كىرسەم ،ئىچكىرى ئۆيدىن غەلىتىلا ئاۋازلار چىقىۋاتىدۇ.ئوغلۇم ھاشارغا كەتكىلى ئىككى ھەپتە بولغان.قايتىپ كەلگەن بولسا سەت تۇرمىسۇن چىقىپ كېتەي دەپ مېڭىپ بولۇپ ئويلىسام، تېخى كىلىدىغان چېغى ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن ئاستا بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپتىمەن دىمەمسىز، ۋاي شەرمەندىلەرەي!... = "ts`> -نىمىش بولدى؟ ئوغلىڭىز يېنىپ كەپتىكەنمۇ؟ giY80!GX -ۋاي ياق،نەدە قايتىپ كېلىدۇ؟ قايسى كۆزۈم بىلەن قاراي،قارىسام كىلىنىم ئەمەت ساراڭ بىلەن چارپاقىدەك مەھكەم چاپلىشىپ يېتىشمامدۇ؟ يە تىللاشنى،يە يېنىشنى بىلمەي ئاغزىمنى ئاچقانچە تۇرۇپلا قاپتىمەن دىمەمسىز. gxNL_(A -ۋاي شەرمەندىلەرەي،ھە،ھە،ئاندىن قانداق قىلدىڭىز؟ 9=l.T/?sf -قانداق قىلاتتىم،ئۇ ساراڭ ھوقۇقىغا تايىنىپ ھەممىمىزنىڭ شىللىمىزغا مىنىۋالغان تۇرسا،نىمىمۇ دىيەلەيتتىم؟ قادىركاممۇ شۇ ساراڭنىڭ سەۋەبىدىن بىئەجەل ئۆلۈپ كەتمىدىمۇ؟
k`KGB بىرنىمە دىسەممۇ بۇندىن كېيىن ئۆچ ئېلىپ مەن بىلەنلا قالمىسۇن دەپ ئاچچىقىمنى يۇتۇپ،كۆزۈمنى يۇمدۇم- دە ھويلىغا يېنىپ چىقتىم. }
l667N -ئاندىن قانداق بولدى؟ &n2e -ئەمەت ساراڭ سەل تۇرۇپ يېنىپ چىقتى.ۋە ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن تازا ئالىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.ئالىيىپ قەراشلىرىدىن ئاغزىڭنى چىڭ تۇتمىساڭ كۆرگىلىكىڭنى كۆرسىتىمەن دىگەن تەھدىتىنى كۆرىۋالدىم. E\7
m<'R -كىلىنىڭىزچۇ؟ خىجىل بولۇپ يۈزىڭىزگىمۇ قارىيالمىغاندۇ؟ !v|IS
yK -نەدىكىنى دەيسىز؟ بىرازدىن كىيىن كىيىملىرىنى كىيىپ چىقىپ ئالدىمدا مىشىلداپ يىغلاپ تۇرىدۇ.ئاچچىقىمدا:‹‹ھوش خېنىم، يىغلايدىغان چاغدا يىغلىماي نازلىنىپ ياتىسىز،ئەمدى ماڭا كۆزىڭىزنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ بەرمىڭە.قانداق قىلىقىڭىز بۇ؟ دەپ تازا تىللىۋالدىم. or*HC&c7 -ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسىز؟ n`Z"rwKmNw -ئوغلۇم كەلگەندە دەپ قويغۇزىۋېتەي دىسەم ئۇچ بالىسى بار.ئۈچ بالىنى يىتم قىلىپ قويغۇدەكمەن.ئۇنداق قىلماي دىسەم بۇ دەت ئىچىمگە پاتمىدى.قانداق قىلسام بولاكىن ئايسىخان؟ mdih-u(T| -ھەي بۇ ساراڭ مەينەتنىڭ قوڭى تەگمىگەن ياش چوكانلاردىن كىم بار دەيسىز؟ ئۆدەك‹‹ مۇشۇ قوڭاملىكى بار ھەممە كۆلنى سېسىتىمەن›› دەپتىمىشكەن.كىلىنىڭىزنى قويغۇزىۋېتىپ باشقا كىلىن ئەكىرسىڭىزمۇ بۇ ئەمەت ساراڭ بار يەردە ئۇنىمۇ ساق قويارمۇ؟ بولدى.يامانلارنىڭ جاجىسىنى خۇدايىم ئۆزى بېرەر.يېپىق قازان يېپىق پېتى قالغىنى ياخشىمىكىن يىتەخان؟ H!IshZfktn -راست دەيسىز. مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ بىر قاراغا كىلەلمىگەنتىم.ئىلاھىم بىر كۈنى ئەمەت ساراڭدىن بۇ قىساسىمىزنىمۇ ئېلىپ بېرەر.خۇداغا قويدۇم بۇ زالىمنى... ?^#lWx q ھەي بۇ زامانلار شۇنداق زۇلۇم ۋە خورلۇق ئىچىدە ئۆتكەن ئىدى.ئۆتكەن ئىدى.
4-Z()F Bvjl-$m!v t=euE{c 3-قىسىم T5Eseesp مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قىش زىمىستان بولمىغىنىدەك،مەڭگۇ داۋاملىشىدىغان جەبرى زۇلۇممۇ بولمايدۇ. مەدەنىيەت زور ئىنقىىلابىنىڭ دەھشەتلىك بوران چاپقۇنلىرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن 80-يىللاردا يەرلەر دىھقانلارغا مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ھۆددىگە بېرىۋېتىلدى.دۇينىڭ ئەزالارنى ئەتىگەنلىك كەچلىك دولقۇنلارغا ھەيدەپ سەت كاكىرايدىغان بۇزۇق كانايلىرىنىڭمۇ زۇۋانى ئۆچتى.ئەمدى دۈيجاڭلار ئەزالارنى ئەمگەككە ھەيدىمىسىمۇ، ئەزالار ئۆزلىكىدىن سەھەر تۇرۇپ ئېتىزلىققا چىقىدىغان ،يەرلىرىگە كۆيۈنۈپ ئىشلەپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان بولدى.ئىلگىرى ھەرقانچە ئىشلىسىمۇ مەھسۇلاتى 500 جىڭدىن ئاشمايدىغان بۇغداي ئېتىزلىرىدىن مانا ئەمدى مىڭ قىڭلاپ بۇغداي چىقىدىغان،تېخى 6-ئايدا ئورنىغا چىلگە قوناق تېرىپ 10-ئايدا قوناقتىنمۇ يەنە شۇنچىلىك ھوسۇل ئېلىپ ئاشلىقتىن غەم قىلمايدىغان بولدى.ئىلگىرى يىللاپ بۇغداي تامىقى يىيەلمەيدىغان دىھقانلار مانا ئەمدى كۈندە ئۈچ ۋاق،بۇغداي، گۈرۈچ تامىقى يىيەلەيدىغان ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم گۆشمۇ يىيەلەيدىغان بولۇشتى.ھازىرقى ئەھۋاللارنى ھەرقانچە تەرىپلىسەممۇ تەرىپلەپ تۈگىتىپ بولالمايمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىرقى زاامندىكى ئىشلارر بولغاچقا ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدىكىلا ئىشلار، شۇڭا ۋەزىيەت تەرىپىنى قىسقارتىپ پېرسۇناژلىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەقدىرى بىلەن تونۇشايلى. KGHq rc ئەمەت خورازدىن دىھقانلار ئەينى يىللاردىلا سېسىق كىكىرىپ كەتكەن بولغاچقا مەمۇرىيەت سايلاملىرىدا ئۇنى تىلغا ئېلىپمۇ قويماي،يېڭى ياش ،ئادىل ئىش قىلىدىغان،دېھقانلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان ياشلاردىن دۈيجاڭ ۋە بوغالتېرلارنى سايلاشتى.جەمەتىمىزنىڭ بېشىدىكى ناھەق قالپاقلار ئېلىپ تاشلىنىپ نورمال دېھقانلار قاتارىغا ئۆتتى. دادامنىڭمۇ خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ باشلانغۇچ مەكتەپتە قايتىدىن مۇئەللىملىك قىلىپ ئەۋلات تەربىيەلەيدىغان شەرەپلىك ئىشقا قايتا قەدەم قويدى.قادىر تاغمنىڭ كىچىك ئوغلى ياسىن مەھەللىنىڭ بوغالتىرى بولدى.مەنمۇ بۇ چاغدا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتىم.بىز بۇرۇن يېڭى يېزىق دەپ ئاتىلىدىغان خەنزۇ تىلى پىنيىنىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر خىل ھەرىپلىك يېزىقى بار دەرسلىكلەرنى ئوقۇغان ئىدۇق.مانا ئەمدى مىللىتىمىزنىڭ 60-يىللاردا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئەسلىدىكى ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ دەرسلىكلىرىمىز شۇ يېزىقتا نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.بىز بەشىنچى يىللىقتا قايتىدىن ساۋات چىقىرىشقا باشلىدۇق. -}K<ni6 ئەمەت خورازدىن ئەمدى ھىچكىم قورقمايتتى.بەلكى ئۇچرىشىپ قالغانلار ئۇنىڭغا تۈزۈك چىراي ئاچمايتتى،ئىتتىن يىركەنگەندەك يىركىنەتتى..توي تۆكۈنلىرىگە، ھېيت پەتىلىرىگە چاقىرمايتتى.بۇ خىل تاشلىنىپ قېلىش،بۇخىىل كۆزگە ئىلىنماسلىق ئۇنىڭغا ھار كەلدى.بۇ زاماندىن ھەممە ئادەم خۇشال بولغان بولسا ئۇنىڭ ئۆچلىكى كەلدى.بۇرۇنقى چاغلارنىڭ ئارقىغا يېنىشىنى،قولدىن كەتكەن ئابرۇي ئىناۋىتىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تىلىدى.ئەگەر بۇ تىلىكى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا بۇرۇن ۋاي دۈيجاڭ دەپ يېنىدىن كەتمەي غالچىلىق قىلغان مانا ئەمدى بىراقلا يۈز ئۆرىگەن كىشىلەرنى ئالدىدا ئۆمىلەتكەن ،يىغلىتىپ يالۋۇرتۇپ قىلمىشلىرىغا تۆۋە قىلدۇرغان بولاتتى.لىكىن ئەمدى زامان ئۆزگەرگەن بولۇپ ھازىرقى دەۋىر زالىملارنىڭ ئەمەس بەلكى، مۆمىن پۇقرالارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان زامان ئىدى.ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر زامان ھوقۇق تۇتقۇزۇپ سىناپ، ئۇ بەك ھەددىدىن ئاشقان،زالىملىق،ئاچكۆزلۈك،رەھىمسىزلىكنى بەك چەكتىن ئاشۇرۇپ نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان،رىزقىنى تارتىۋالغان،ئۆزىنى جاھاندا بىر چاغلىغان چاغدىلا ئاندىن ئۇنى ھوقۇق ئىمتىيازلىرىدىن مەھرۇم قىلغان،ئەمدى ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاخىرەتتىغۇ ئەسلى، مۇشۇ دۇنيادىمۇ ھېساپ ئېلىپ ، زالىملاردىن قانداق ھېساپ ئېلىنىدىغانلىقىنى بەندىلىرىگە كۆرسۈتۈپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن ئىدى. 6(PM'@i ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى بىر قىزى بار ئىدى.ھەممىسى قورامىغا يېتىپ ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ بولغان ئىدى. چوڭ ئوغلى مەمەت 35 ياشتا،ئىككىنچى ئوغلى سەمەت 32ياشتا،ئۈچىنچى ئوغلى خالمەت 25 ياشتا،بالىلارنىڭ كىچىكى يالغۇز ئەركىسى روشەن20ياشتا ئىدى. دادىسىنىڭ قىلغانلىرى مانا شۇ بالىلىرىدىن بىر بىرلەپ يېنىشقا باشلىدى.مەن بۇ يازمامدىمۇ ئۇلار توغرىلىق بىر بىرلەپ توىتىلىمەن.ئەمەت خوراز چوڭ ئوغلى مەمەتنى ھوقۇقى،ئىناۋىتى بار چاغلاردا يول مېڭىپ يۈرۈپ يېزىلىق پاختا زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىۋالغان ئىدى.نىمىشقىدۇر يېقىندىن بۇيان مەمەت ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغان بولىۋالدى.ئاخشاملىرى ھاراقنى شۇنداق كۆپ ئىچەتتىكى باشتا دەلدەڭشىپ ئاران مېڭىپ ئۆيىنى تەستە تېپىپ كرەلىگۈدەك ئىچكەن بولسا، بارا-بارا خۇدىنىمۇ ئۇقالمىغۇدەك ئىچىپ، قاۋاقخانىنىڭ ئىچىدە ،بوسۇغىسىدا،يول بويلىرىدا،ئەخلەتخانىلاردا،ھەتتا تەرەتخانىلاردىمۇ يېتىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى.تەرەتخانىلاردا يېتىپ قالمىغان كۈنلىرىمۇ كىيم كېچەكلىرىگە تەرەت قىلىۋېتىپ يېتىپ قالىدىغان،يېنىدىن ئۆتكەنلەر سېسىقچىلىق دەستىدىن تىنالماي بۇرنىنى يۆگەپ تۈكۈرۈپ ئۆتىدىغان بولدى.باشتا مەمەتنىڭ خوتۇنى ھەر كۈنى كەچ ھارۋا ئېلىپ بېرىپ كىچىلەپ ھارۋا بىلەن قايتۇرۇپ كېلىپ يۈردى.كىيىن توشاپ بولالماي بارمايدىغانمۇ بولدى.ئەمدى ئەمەت ساراڭ ئۆزى ھارۋا بىلەن بېرىپ ئەخلەتخانا،تەرەتخانىلارنى ئىزدەپ قايتۇرۇپ كېلىدىغان بولدى.مەمەت بۇ خىل ئېغىر مەستلىكتىن ئەتىسىمۇ يىشىلىپ بولالمايتتى.شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئىشقا چىقالمايتتى.چىقالىغان تەقدىردىمۇ ئىشقا كېرەككە كەلمەيتتى.ئىش ئورنىدا سېىق پۇراپ ئىت تاپىسىدەك ياتاتتى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا زاۋۇت رەھبەرلىگى مەمەتكە بىرقانچە قېتىم نەسىھەت قىلدى.نەسىھەت كار قىلمىغاندىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.مەمەت بىرنەچچە كۈن تۈزەلگەندەك قىلىپ، كىيىن ھاراق خۇمارىغا چىدىماي كونا خۇيىنى يەنە تېپىۋالدى.شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت رەھبەرلىكى ئۇنىڭ ماتېريالىنى ناھىيەدىكى پاختا –كەندىر شىركىتى رەھبەرلىكىگە دوكلات قىلىپ ئۇلارنىڭ قارارى بىلەن مەمەتنى ئىشتىن بوشاتتى.ئەمدى مەمەت يوقلىما تۈزۈم دىگەنلەردىن قۇتۇلۇپ، بۇرۇن كەچلەردىلا ئىچكەن بولسا، مانا ئەمدى كۈندە ئەتىگەندىلا ‹‹چىشلىۋالغان ھاراقنىڭ چىشىنى چېقىش›› ئۈچۈن قاۋاققا يۈگرەيدىغان بولۇشىغا ئىچىپ كۈن بويى مەست ئەلەسلا يۈرىيدىغان بولۇپ كەتتى. !A48TgAeE قىز چوكانلار پەقەت ئاش- تاماق،كىيىم كېچەك ئۈچۈنلا ئەرگە تەگمەيدۇ دە؟ ئۇمۇ باشقىلاردەك ئوڭ ساق يولدىشى بىلەن بىللە ئىشلەشنى،مۇڭدىشىشنى،خۇشال ئويناپ كۈلۈشنى ئىستەيدۇ ئەمەسمۇ؟!مەمەت ھاراق كوچىسىغا كىرىپ قالغاندىن بۇيان ئايالى سارەگە ئەرلىك مىھرى مۇھەببىتىنى بېرىپ ‹‹بامۇسەن خوتۇن›› دەپ باقمىغىلى يېرىم يىللاردىن ئاشقان ئىدى.سارە 30ياشلاردىن ئاشقان،بۇ مەھەللىدە چىرايلىقلىقتا تۆتنىڭ بىرى سانىلىدىغان، ياشلىقنىڭ قىرانلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان چوكان ئىدى.بۇنداق چوكانلارنىڭ ئىرى تەرىپىدىن قاراقسىز تاشلىنىپ قېلىشى،ھەرقانداق بىر كىشىنى تومۇزدا چۆلدە ئۇسسۇز قويۇپ قويغان بىلەن باراۋەر ئىدى. لىكىن، بۇ چوكان دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ،دەرد باسقان چاغلاردا ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئىدى. مەمەتكە ھىچكىمنىڭ نەسىھىتى كارقىلمايتتى.ئۇ دۇنيادا ھاراقتىن باشقا ھەممىنى ئۇنتۇغان ئىدى.ئۇ نەسىھەت ئاڭلىمىغان ،تۈزۈلىشىدىن ئۈمىد قالمىغان ئىدى. 6;b~Ht 8-ئاي كۈنلىرىدىن بىر كۈنى ئەتىگەندە سارە قوي كالىلىرىغا ئوت ئېلىش ئۈچۈن قوناقلىققا يالغۇز چىقتى.بۇ قوناق مايسىلىرى بىر يېرىم مېتىردىن ئارتۇق بوي تارتقان، پاكارراق ئادەملەرنى چۆكۈرەلىگۈدەك بولغان چاغلار ئىدى. ئۇلارنىڭ قوناق ئېتىزى بىر تۇتاش بويىغا تېرىلغان 200مولۇق چوڭ قوناق مەيدىنىنىڭ ئوتتۇرسىدىراق بولۇپ ئەتراپ شەپىسىز جىمجىتلىققا چۆككەن بولۇپ ، ،قوناق يوپۇرماقلىرىنىڭ شامالدا يىنىك شىلدىرلىشىدىن باشقا تىۋىش ئاڭلانمايتتى.بۇنداق چوڭ قوناقلىقتا ھەرقانداق يالغۇز ئايال كىشىنى ئەلۋەتتە سۈر باساتتى.سارەنىمۇ بىراز سۈر باستى.ئۇ ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىۋىتىپ ئادەم يوقلۇقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، خاتىرجەم بولۇپ ئوت ئېلىشقا تۇتۇندى.ئۇنىڭ قولىدا قىسقا ساپلىق ئوت ئوتاشقا ئىشلىتىلىدىغان كەكە بار ئىدى.ئوتلارنى شۇنىڭ بىلەن چاناپ ئالاتتى.ئۇ ئوتنى تېزراق ئېلىپ بۇ سۈرلۈك جايدىن بالدۇرراق كىتىش نىيىتىدە پۈتۈن دىققىتىنى قىلىۋاتقان ئىشىغا بىرىپ ئوت ئېلىش بىلەن بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ مەھەللىدىكى قېرى بويتاق مۇتەللىپنىڭ شەپە چىقارماي ئارقىسىغا كېلىپ بولغانلىقىنى تۇيماي قالدى.مۇتەللىپ سارەنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرەتتى.ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ ھەركەت قىلغان ئىدى.لىكىن ئائىلىسى نامرات بولغاچقا سارەنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنى مۇتەللىپكە بەرمەي مۇئاشلىق ئىشچى دەپ مەمەتكە بەرگەن ئىدى.مۇتەللىپ بۇ ئەلەمدىن كېيىن باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ لىكىن ،ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشمەي ئىككى ئاي ئۆي تۇتۇپلا ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ سارەگە بولغان مۇھەببىتى تېخىچە ئۆچمىگەن بولۇپ، بىر مەھەللىلىك بولغاچقا مەمەتلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىدى.ئۇ ئىپىنى كەلتۈرۈپ سارە بىلەن تېپىشىۋېلىپ ئۇنى ئالالمىغان غۇمىنى ئاشنىدارچىلىق ئارقىلىق چىقىرىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئىدى.ئۇ كۆلگە ئىشەك سۇغارغىلى چىقىپ سارەنىڭ قاپ كۆتۈرۈپ قوناقلىققا يالغۇز ئوتقا كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ۋە ‹‹پەيت كەلدى›› دەپ ئويلاپ ئېشىكىنى ئەكىرىۋېتىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ئىدى. مۇتەللىپ شەپە چىقارماي سارەنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپلا، كاپپىدە ئۇنىڭ ئىككى قولىدىن چىڭ تۇتىۋالدى. قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن سارە:‹‹ۋايجان››دەپ ۋاقىراپ سالدى ۋە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مۇتەللىپنى كۆردى.مۇتەللىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مەھكەم چاپلىشىپ ھىجىيىپ تۇراتتى.سارە ئۇنىڭ قۇچىقىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن يۇلقۇندى.لىكىن ھەرقانچە كۈچىسىمۇ قۇتۇلۇپ چىقالمىدى.ۋارقىراي دىسە باشقىلار ئاڭلاپ يۈگرەپ كىلىپ بۇ سەتچىلىكنى كۆرسە نامىنىڭ بۇلغىنىشىدىن،مەھەللىدە سۆز چۆچەك بولۇپ قېلىشتىن قورىقتى.رايىغا باراي دىسە ئارلىك ئايال تۇرۇپ بۇنداق ھارام ئىشنى قىلىشتىن قورىقتى.شۇڭا داۋاملىق قاتتىق قارشىلىشىپ تىركىشىۋەردى.لىكىن ئايال كىشى ئەر كىشىدىن بەرىبىر ئاجىز ئىدى.ئۇ كۈچ بىلەن قۇتۇلالماسلىقىغا كۆزى يىتىپ مۇتەللىپكە بوش ئاۋازدا يالۋۇرۇشقا باشلىدى: I}R0q -مۇتەللىپ،نىمە قىلاي دەيسەن؟ مېنى قويۇۋەت! EYA,hc -نىمىدەپ قويۇۋەتكىدەكمەن؟بۇرۇندىن سېنى ياخشى كۆرىدىغىنىم ئۆزۈڭگىمۇ ئايان،لىكىن ئۆيۈڭگە ئەلچى كىرگۈزسەم ئۆيۈڭدىكىلەر مىنى نامرات كۆرۈپ سېنى مەمەتكە بەردى.ساڭا ئېرىشەلمەي ئارماندا قالدىم.باشقىسى بىلەنمۇ ئۆي تۇتۇپ بېقىپ ساڭا ئوخشىتالماي كۆڭلۈم چۈشمەي ئاجرىشىپ كەتتىم.بۈگۈن سېنى ئاران قولغا چۈشۈردۈم.مەقسىدىمگە يەتمىگۈچە سېنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن. jlxpt)0i -ھەي ساراڭ،مەن دېگەن ئەرلىك ئايال،بۇنداق قىلساق قاتتىق گۇناھ بولىدۇ. Sfdu`MQR -ئەتىدىن كەچكىچە ھاراقلا ئىچىپ خوتۇنى يادىغا يەتمەيدىغان،تومۇچۇقتەك خوتۇنى تۇرۇپ ئۇنىڭ قوينىدا ياتماي، سېسىق ھاراقنى ئىچىپ قانجىق ئىت بىلەن قۇسۇق تالىشىپ ئازگالدا ياتىدىغان ئۇنداق بىرنىمىنى قانداقمۇ ئېرىم دەيسەن؟ زېرىكمىدىڭمۇ؟ bV"G~3COy -ياق زېرىكمىدىم.مىنى قويۇۋەت! Z@r.pRr'
-بايا دىدىمغۇ؟ مەقسىدىمگە يەتمىگۈچە قويۇۋەتمەيمەن. *z7dl5xJ -مۇتەللىپ خوش بولۇپ قالاي،مىنى پاك ياشىغىلى قوي،مەندىن قورىقمىساڭمۇ خۇدادىن قورىق.قاتتىق گۇناھ بولىدۇ دەيمە؟ Tyck/ EO -مەمەت گۇناھ قىلسا بولۇپ،بىز قىلساق بولمامدىكەن؟ B-r0"MX& -ئۇ نىمە گۇناھ قىپتۇ؟ ZzX~&95G -ھاراق ئىچىشنىڭ زىنادىن قېلىشمىغۇدەك ھارام گۇناھلىقىنى سەن بىلمەمسەن؟ +="e]Yh; -گۇناھ قىلسا مەمەت قىلدى مۇتەللىپ،بىز قىلمايلى ماقۇلمۇ؟ STaA]i}P -ياق،ئۇ قىلسا بىز نىمىشقا قىلمىغۇدەكمىز؟ قىلىمىز. NW&b&o -گۇناھتىن سەن قورىقمىغان بىلەن مەن قورقىمەن.سەندىن بەك خوش بولاپ كېتەي، مىنى قويىۋەتكىن. Vkc#7W( شەيتان مۇتەللىپنى شۇ تاپتا قاتتىق دەي-دەيگە سېلىۋاتقان بولۇپ بۇ كەچۈرگۈسىز گۇناھ يولىدا جاھىللىقى قاتتىق تۇتقان ئىدى.شۇڭا بۇنچىۋالا تەسىرلىك گەپلەرمۇ ئۇنى نىيىتىدىن ياندۇرالمىدى. 3z&Fi;<+j -مەن گۇناھتىن قورىقمايمەن.بۇ ئىشىمىزنىڭ گۇناھى بولسا ماڭا بولسۇن.تەلىپىمنى رەت قىلما. TBT:/Vfun مۇتەللىپ سۆزلىگەچ سارەنىڭ قولدىكى كەكىنى تارتىۋېلىپ يىراققا تاشلىۋەتتى.ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن سارەنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ،سول قولىنى تۆۋەنگە قارىتىپ سارەنىڭ سوزمىلىق كالتە ئىشتىنىنى پەسكە سېرىدى.سارە تېخىمۇ قاتتىق تىركەشتى.كۈچى يەتمىگەندىن كېيىن مۇتەللىپنىڭ قولىنى چىشلىۋالدى.لىكىن ئەسەبىلەشكەن مۇتەللىپ قولىنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ سارەنىىڭ دىققىتىنى چىشلەشكە قاراتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى يەرگە بېسىۋېلىپ، ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى بېسىپ تۇرۇپ ئۈستىگە چىقىۋالدى... >b{q. شۇنداق قىلىپ سارە قارشىلىق ۋە يالۋۇرۇشلىرى كار قىلماي مۇتەللىپنىڭ ھايۋانى نەپسىنى قاندۇرۇشىغا تاقەت قىلىپ يېتىشقا مەجبۇر بولدى.شۇ ئىشتىن كېيىن سارە قوناقلىققا ئوتقا چىقسا قورىقمايدىغان بولۇپ قالدى.مۇتەللىپمۇ ئۇنى پايلاپ تۇرۇپ ئادەم يوق پۇرسەتتە يېنىغا ئۈنەتتى.سارە باشتا بىرنەچچە قېتىم داۋاملىق قارشىلاشقان بولسىمۇ، كىيىنچە مەمەتنىڭ بولغان يېرى شۇ بولغاچقا ئۆزىمۇ ئاستا-ئاستا مۇتەللىپنى كۆڭلى تارتىپ قوناقلىققا ئوتقا چىقسا ئۇنى سېغىنىدىغان قەيەردىن كېلەركىن دەپ يولىغا تەلمۈرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئىشلارمۇ قىساسنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ئەمەت خوراز ھېلىقى يىللاردا نەچچە ئون ئايالنى بۇ نامى يامان قوناقلىقتا دەپسەندى قىلىپ ئۇلارنىڭ نومۇسىنى بۇلغىغان ،ئۇلارنىڭ ئەلەملىك كۆز ياشلىرىدىن ھوزۇرلانغان ئىدى. ^i}
L-QR trp0V4b8 ئاللاھنىڭ ئاجايىپ قىزىق ئىشلىرى بار،ئۇ دۇنيا بەكمۇ ئىسىل،غەم،قايغۇ،جاپا،ئازاپ دىگەنلەردىن خالىمۇ قانداق ياخشى ئادەملەرنى بۇرۇنراق ئۇدۇنياغا ئېلىپ كېتىپ يامان ئادەملەرنى بۇ دۇنيادا تىغ تەنھا قويۇپ قويىدۇ.يامانلار بۇدۇنيادا قېلىپ، يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ،بۇ دۇنيانىڭ ئازاپ كۈلپەتلىرىنى يەتكۈچە تارتىپ:‹‹ئاھ خۇدا مىنى نىمانچە قىينايسەن! مىنى بۇنچە ئازاپلىغۇچە ئامانىتىڭنى تېزراق ئالساڭچۇ؟›› دىگۈزىۋېتىپ، قېرىلىقتىكى خارلىقنىڭ تەمىنىمۇ تازا تارتقۇزىۋېتىپ ئاندىن ئامانىتىنى ئېلىشقا ئەزرائىلنى ئەۋەتىدىكەن. بۇرۇنقى دانالار ئىنسان يولۇقىدىغان ئەڭ چوڭ ئۈچ ئۆلۈم كۈلپىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دىگەن ئىكەن:‹‹بىرىنچى قەبىھ ئۆلۈم-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدىلا ئارمان بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ياكى ئۆزى كىچىك تۇرۇپلا ئاتا- ئانىدىن ئايرىلىپ قارا يىتىم بولۇپ قېلىش. ئىككىنچى قەبىھ ئۆلۈم:ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە قەدىناس جۇپتىدىن ئايرىلىپ بويتاق قېلىش. ئۈچىنچى قەبىھ ئۆلۈم: قېرىغىنىدا بالىلىرىدىن ئايرىلىپ ئىگە چاقىسىز قېلىش››.ئەمەت خوراز قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىش مەزگىلىدە مۇشۇ خىل ئۆلۈملەردىن ئىككىسىنىڭ تەمىنى تېتىپ بىر ئوبدان ئەدىپىنى يىدى.ئالدى بىلەن تەقدىر ئۇنى ئايالىدىن ئايرىدى. ئەينى ۋاقىتتا مەھەللىدە ‹‹ئەڭ چىرايلىق گۈل›› دەپ تەرىپلىنىپ مەھەللە يىگىتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ تامىقىنى چىكىشىپ،رەسىدە بولغاندا ئەلچى كىرگۈزۈشۈپ بولغىچە:‹‹ ھەممىدىن ياخشىسى مىنىڭ›› دەپ باشقىلارنى ئارماندا قويۇپ ئېلىۋالغان چىرايلىق خوتۇنى گۈلنىساخان- ئەمەت خورازنى 57يېشىدا بويتاق قالدۇرۇپ، تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسەللىكى بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىۋالدى.ئەمەت ئەسكى ئادەم بولغان بىلەن بۇ ئايال ئەسكى ئەمەس ئىدى.ئەينى يىللاردىمۇ ئەمەت كىمگە ئەسكىلىك قىلىپ ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتسە بۇ ئايال يوشۇرۇنچە شۇ ئائىلىگە كىرىپ ئۇلاردىن كۆڭۈل سوراپ ئازراق بولسىمۇ تەسەللى بېرەتتى.قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم بېرەتتى.كىشىلەر ئۇ ئىككىسى ئىككى دۇنيا بولغاچقا:‹‹ئوت بىلەن سۇنىڭ بىللە تۇرغىنىغا ھەيرانبىز››دىيىشەتتى.ئادەملىرىمىز:‹‹ ياخشىلارنىڭ ئۆلۈمى ناماز تاپىدۇ›› دىيىشىدۇ.دىگەندەك گۈلنىساخاننىڭ ئۆلۈمىنى ئاڭلىغانلىكى كىشىلەر بۇ ئۆلۈمگە كىلىشىپ 2-3مىڭچە ئادەم توپلىشىپ كەتتى.ئەگەر ئەمەت خوراز ئۆزى ئۆلگەن بولسىدى.بەلكىم 2-3يۇزمۇ جامائەت كىلىشى ناتايىن ئىدى.ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەنلەر:‹‹ ‹يامانغا ئۆلۈم يوق،ياخشىغا كۆرۈم›دىگەندەك ئىش بوپتۇ دىسە،گۈلنىساخان ئۆلگۈچە، ئەمەت ساراڭ ئۆلگەن بولسىچۇ؟ جاھان بىر كۈن بولسىمۇ مەرەز ئىت تاپىسىدىن قۇتۇلار بولغىيتى›› -دىيىشىپ پىچىرلىشاتتى.ھازىدارلار قاتارىدا ئەمەت ساراڭ،بىلەن كىچىك ئىككى ئوغلى ۋە تۇققانلىرى يىغلىشىپ تۇرۇشقان بولۇپ ،چوڭ ئوغلى مەمەت كۆرۈنمەيتتى.كىشىلەر ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلىشىپ كۇسۇرلاشتى.ئەسلىدە مەمەت ئاخشام قاۋاقتىن ئېغىر مەست چىقىپ يولدا يېتىپ قالغان بولۇپ كىچىدىن بېرى گۈلنىساخاننىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن ھەممەيلەن بۇ مەستنى ئىسىدىن چىقىرىشقان ئىدى.جامائەت كۇسۇرلىشىپ دېرىكىنى قىلىشقاندىن كېيىن ئەمەتلەرنىڭ يادىغا يېتىشىپ سەھەردىلا تۇققانلىرىدىن ئىككىنى مەمەتنى تېپىپ كىلىشكە ئەۋەتتى.ئۇ بالىلار مەمەتنى قۇسۇققا مىلىنىپ ياتقان يېرىدىن تېپىشىپ ئېلىپ كىلىشتى. لىكىن بۇ مەينەت قۇسۇق كىيىملىرى بىلەن ھازىدارلار سورۇنىدا تۇرسا بولمايتتى،شۇڭا ئۇلار ئۇنى ئۆز ئۆيلىرىگە ئېلىپ كىرىپ قۇسۇق كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىپ باشقا كىيىم كىيگۈزۈپ ھازىدارلار قاتارىغا ئاپىرىپ قويدى.كىيىملىرى سالدۇرىۋېتىلگەن بىلەن ئاغزىدىن يەنىلا سېسىق ھاراق ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىمۇ يوق ئىدى. دەلدەڭشىپ سەنتۈرۈلۈپ، ھازىدارلارغا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ھومۇيۇپ ‹‹مىنى نىمىشقا ئاۋارە قىلىسىلەر؟ئارامىمدا ياتقىلى قويساڭلار بولمامدۇ؟›› دىگەندەك قىلىپ قارىغىلى تۇرىۋىدى.بەزىلەر پىخىلداپ كۈلۈپ سالغىلى تاس قالدى. ئەمەت خوراز مەمەتنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بەكلا نەپرەتلەندى.غەزەپلەندى،ئەگەر جامائەت بولمىغىنىدا ئىدى، ئۇنى دەسسەپ چەيلەپ پېتىقلىۋېتىشكىمۇ رازى ئىدى.لىكىن ئۈندىيەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن نەۋرە ئاكىلىرىدىن بىرى مەمەتنى قولىدىن يېتىلەپ ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ ياتقۇزۇپ قويدى.ئۆلۈم سورۇنىدا بۇنداق ئوغۇلنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ئەۋزەل ئىدى ئەلۋەتتە. DRi<6Ob ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدە ‹‹ۋاي ئانام››دەپ يىغلاپ ھازىدارلار قاتارىدىمۇ تۇرالمىدى،جىنازا نامىزىغىمۇ قاتنىشالمىدى،جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ مازارلىققىمۇ بارالمىدى،قىسقىسى بىر ئوغۇل پەرزەنىتنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى پەيتىدىكى قىلىشقا تىگىشلىك پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلالمىدى.بۇ ھىچكىم ككۆرۈشنى خالىمايدىغان ئېچىنىشلىق پاجىئە.بۇمۇ ئەمەت خورازنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنىڭ بىر تۈرى ئىدى. ZU%[guf ~M7y*'oY مەمەت كىچەيۇ –كۈندۈز مەست يۈرۈپ ئۆيىدىكىلەرگە ئىش قىلىپ بىرىشنىڭ ئورنىغا ھەر كۈنى خۇدىنى بىلمىگۈدەك ئىچىپ، ھەلەق ھالەتتە يېتىپ قېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كىلەلمەي، ئۆيىدىكىلەردىن بىر ‹‹مەدىكار›› كۈندە دىگۈدەك ئۇنى توشۇپ ھېرىپ قالغاچقا،ھەم ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىدىكى يارىماسلىقىغا ھەممەيلەننىڭ قاتتىق نەپرىتى قوزغۇلۇپ قالغاچقا، ئۇ قاچان كەتتى،قاچان كەلدى.نەدە يېتىپ قالدى،ئۆلۈكمۇ- تىرىكمۇ؟ بارا-بارا ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.ئايالى سارەمۇ مۇتەللىپ بىلەن بىر ئوبدان تېپىشىۋالغان بولۇپ ئېرى قايتىپ كەلمىسە ئەنسىرەش تۈگۈل خوشال بولاتتى.ئەمەت خوراز بۇلارنىڭ ئىشىنى ئانچە -مۇنچە سېزىپ قېلىپ ئۇلارنى ‹‹ئىش ئۈستىدە›› تۇتۇۋېلىپ رەسۋاسىنى چىقىرىش مەخسىدىدە قانچە قېتىم پايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ سارەلەر سىزىپ قالغاندەك ھىلە -مىكىرلىك ھۇشيارلىق بىلەن قۇيرۇق تۇتقۇزمىدى. ->g* تەقدىر ئۇلار قاتتىق زېرىككەن،ئارتۇق يۈك ھېساپلىغان مەمەتنى ئۇلاردىن ئايرىۋېتىشنى قارار قىلدى.قارا قىشنىڭ قېلىن قار ياغقان بىر كېچىسى يېرىم كىچىدىن ئېشىپ تاڭ تېخى ئاتمىغان بىر ۋاقىتتا ئەمەت خوراز چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.چۈشىدە ئايالى گۈلنىساخاننى كۆرگەن بولۇپ خوتۇنى ئۇنىڭدىن نارازى بولۇپ ھەدەپ ئەيىپلەۋاتقۇدەك:‹‹سىلەر مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن بېرى ئوغلۇم مەمەتجاننى بەكلا تاشلىۋەتتىڭلار،ئىتتەك خارلىدىڭلار،ئۇ ئەسلى ئۇنداق بالا ئەمەس ئىدى.سىلەرنىڭ خەققە قىلغان زۇلمۇڭلار تۈپەيلى ئوغلۇم مۇشۇنداق يامان ئاقىۋەتكە قالدى.مەن بۇ دۇنيادا يالغۇزسىراپ قېلىپ ئوغلۇم مەمەتجاننى يېنىمغا ئەكىلىۋالدىم.ئۇ ئەمدى سىلەرنى مەڭگۈ ئاۋارە قىلمايدۇ.دادىسى، قالغان بالىلار سىلىگە ئامانەت،بۇنداق بىغەم يۈرمەي باللىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار!›› ifUGY[ L ئەمەت ساراڭ بىرسى ئۈستىدىن سوغاق سۇ سېپىۋەتكەندەك شۈركىنىپ، سوغاق تەر بېسىپ ئويغۇنۇپ كەتتى.يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتاتتى.ئۇ ئويغۇنۇپ چىراق يېقىپ يۈرىكىنىڭ جىددى سوقۇشى توختۇغىچە بىردەم ئولتۇرۇپ كەتتى.كىيىن يۈرىكى قانداقتۇر بىر ئەنسىزچىلىكنى سەزگەندەك بولۇپ، كىيىملىرىنى كىيىپ، قولچىرىقىنى كۆتۈرۈپ ئۆينىڭ كەينى تەرىپىگە سېلىپ بەرگەن مەمەتنىڭ ئۆيىگە چىقتى.بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە بۇ كەمدە شىرىن ئۇيقىدا بولاتتى.شۇڭا ئۆي ئىچى جىمجىت ۋە قاراڭغۇ ئىدى.ئەمەت خوراز :مەمەتجان! بالام مەمەتجان!›› دەپ ئون نەچچە قېتىم چاقىرسىمۇ ئۆي ئىچىدىن تىۋىش چىقمىدى.قايتىپ چىقىپ كېتەي دىسە -ئەنسىزچىلىك يامان، بەرىبىر ئۇخلىيالمايدۇ،ھامان چىققان ئىكەن، مەمەتنىڭ كەلگەن- كەلمىگەنلىكىنى ئېنىق ئۇقۇۋېلىپ ئاندىن چىقىپ كېتىش كېرەك. شۇڭا توۋلاشنى يەنە داۋاملاشتۇردى.سارە بۇ كىچە ئېرى يەنە قايتىپ كەلمىگەندىن كېيىن،يەنە مۇتەللىپ بىلەن بىللە قونۇپ قالغان ئىدى.باياتىندىن بېرىقى توۋلاشلارنى ئاڭلىغان بولسىمۇ ‹‹ئېتىكى پوق›› بولغاچقا ‹‹ھە›› دەپ ئالدىغا چىقالماي كۆڭلىدە:‹‹جىم يېتىۋالسام توۋلاپ بېقىپ زېرىكىپ كىتىپ قالار›› دىگەنلەرنى ئويلاپ ئىندىمەي ياتقان ئىدى.قېيناتىسى توۋلاۋەرگەندىن كېيىن ئاخىرى ‹‹ھە›› دەپ چىقىشقا توغرى كەلدى.ئۇ قورقۇنۇشتىن بوش تىترەۋاتقان مۇتەللىپنى كارۋات ئاستىغا يوشۇرۇپ قويۇپ چىراق يېقىپ كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا چىقتى.ۋە قېيناتىسىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. R`DKu= -بولدى بالام،-دىدى ئەمەت تەكەللۇپ بىلەن-كىچىدە سىلەرنى ئاۋارە قىلماي، قارىسام قار خېلى قېلىن يېغىپتۇ .شۇڭا مەمەتجاندىن ئەنسىرەپ ئاخشام كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى بىلىپ باقاي دەپ چىققان،مەمەتجان ئاخشام ئۆيگە كەلگەندۇ؟ VEqS;~[ -ياق دادا،كەلمىدى.يېرىم كىچىگىچە ئۆزى كىلىپ قالارمىكى دەپ ساقلىدىم.كەلمىدى.ئۇندىن كېيىن ئىزدەپ باراي دىسەم مەن ئايال كىشى بولغاچقا، ھەم ئۆيدە ئۇششاق بالىلار بولغاچقا ئۇلارنى تاشلاپ ماڭالماي غەم قىلىپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. سىلىنىڭ توۋلىغانلىرىنىمۇ ئۇيقۇلۇقتا ئاڭلىماي قاپتىمەن. كەچۈرسىلە دادا! #LL?IRH9^ -ھىچقىسى يوق بالام،ئۇنداق بولسا سىلەر ئارام ئېلىۋېرىڭلار، مەن ئىنىسى سەمەتجان بىلەن ھارۋا قېتىپ بازارغىچە بېرىپ قاۋاقخانىلار ئەتراپىنى ئىزدەپ بېقىپ كىلەي.سىز ئۆيگە ئوت قالاپ قويۇڭ. LcB]Xdsa( -ماقۇل دادا، juka0/ شۇندىن كېيىن سارە يىنىك تىنىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ئەمەت خوراز بۇ ئۆيگە يانداش سېلىنغان ئوتتۇرانچى ئوغلى سەمەتنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.ئۇنىمۇ توۋلاپ ئاران تەستە ئويغۇتۇپ كوتۇلداشلىرىنى ئاڭلاپ، ھارۋىسىنى قاتتۇرۇپ چىققىچە يەنە بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.دادا بالا ئىككىسى بىردىن ئىككى قولچىراقنى ئېلىپ ھارۋىغا چىقىپ، ھارۋىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن ئولتۇرۇپ، بىرسى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى، يەنە بىرسى سول تەرىپىنى قولچىراق يورۇقىدا يورۇتۇپ كۈزىتىشكىنىچە بازارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ]iN'x?Fo مەمەتجان بۈگۈنمۇ ئادىتى بويىچە قاۋاققا كىلىپ پۇلى بولمىغاچقا بىر چارەك بۇغداينىڭ پۇلىغا ھاراق تىگىشىپ( بۇ قاۋاقخانىنىڭ خەنزۇ خوجايىنى ئەسلى تۈگمەنچى بولۇپ ،بۇ يۇرتىكىلەر ھەر يىلى يازدا بۇغدايدىن ھوسۇل ئالغاندا ئۆيدە ساقلاپ چاشقانغا يەم قىلىۋېتىشتىن قورقۇپ، بۇغدايلىرىنى بۇ خەنزۇغا ئەكىلىپ ئۆتكۈزىۋېتىشەتتى.ئۇن لازىم بولغاندا قۇرۇق تاغار ئېلىپ كىلىپلا ئۇن ئېلىپ كىتىشەتتى.خەنزۇ ئۇلارغا كىنىشكە تارقىتىپ بىرىپ ھەم ئۆزىمۇ ھىساپ دەپتىرى تۇتۇپ شۇ ئارقىلىق ھېساپ قىلىشاتتى. بۇ خەنزۇنىڭ چىرايلىق خوتۇنى تۈگمەننىڭ ئالدىدا قاۋاقخانا ئاچىدىغان بولۇپ بازىرى ئاۋات ئىدى.ھاراق ئىچىدىغان پۇلى يوق ھاراقكەشلەر ھاراقنى بۇغدايغا تىگىشىپ ئىچىمەن دىسىمۇ بۇغداينى بازار نەقىدە ھېساپلاپ ھاراق بىرىۋېرەتتى.شۇڭا بۇنىڭ ھاراق ئىچىدىغان چۆپقەتلىرى كۆپ ئىدى.) كۈندە بىللە ئىچىشىدىغان ئۆزىدەك زابوي ئۈلپەتلىرى بىلەن سورۇن قۇرۇپ بىللە ئىچىشكەن ئىدى. 7n8~K3~; ھاراقكەشلەر ئاجايىپ خەق،ھاراق ئىچىلىپ بولغۇچە بىر بىرى بىلەن دوست تارتىشىپ ،بىر بىرىگە قەلبىنى چۈشەندۈرىشىپ خۇددى بىربىرى ئۈچۈن دوزاخقىمۇ بىللە كىرىدىغاندەك قىلىشىپ كېتىدۇ.ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن بولسا بىر-بىرلەپ تىكىۋېتىپ ھىچقايسىسى بىر بىرى بىلەن كارى بولمايدۇ.مەمەتجان سورۇن ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنلا ئېغىر مەستلىكتە ئىزىدىلا ئۇخلاپ قالغان ئىدى.بۇرادەرلىرى ئۇنى تاشلاپ بىر بىرلەپ قايتىپ كىتىپ ئۇ يالغۇز يېتىپ قالدى.تۈگمەنچى كىچە سائەت نۆل بىلەن دۇكىنىنى تاقاش ئۈچۈن ئايرىمخانىلارغا بىر –بىرلەپ قاراپ چىقىپ مەمەتجانغا ئوخشاش يېتىپ قالغان مەستلەرنى بىر بىرلەپ سىرتقا ئەچىقىپ تاشلاشقا باشلىدى.ئۇلارنى بۇ يەردە قويىۋەرسە بىرەرسى قاۋاقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قالسا قاتىلى ھېساپلىنىپ ئاۋارىچىلىققا قالىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇڭا ئۇ يېتىپ قلغانلارنى سىرتقا ئەچىقىپ تاشلىۋېتەتتى.بۇ ئۆزىچە ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلغىنى ئىدى.خەنزۇ بىر ئايرىمخانىغا قارىسا مەمەتجان كىيىملىرى قۇسۇق بىلەن بۇلغانغان ھالدا ئۇخلاپ يېتىپتۇ.ئويغىتىۋىدى ئويغانمىدى.بىردەم توۋلاپ بېقىپ كار قىلمىغاندىن كېيىن بىر قولىنى ئۆزىنىڭ مۈرىسىگە ئارتىپ ئۇنى مىڭ تەستە يۆلەشتۈرگىنىچە ئاۋال سىرتقا ئاندىن چوڭ تاشيولغا ئېلىپ چىقىپ يول بويىدا ياتقۇزۇپ قويۇپ قايتىپ كىرىپ كەتتى.بۇنداق قىلغاندا مەست ھۇشىغا كەلگەندە يول بىلەن ئۆيىگە قايتىپ كېتەتتى.كېتەلمىسىمۇ ئۆيىدىكلەر ئىزدەپ كىلىپ يول بويىدىن ئاسانلا تېپىۋېلىپ ئېلىپ كېتەتتى. TUV&vz{ مەمەتجان قاردا بىردەم ياتقاندىن كېيىن سوغاق ئۇنى ھۇشىغا كەلتۇردى.ئۇ ئەتراپىغا قاراپ ئۆزىنىڭ يول بويىدا قاردا يېتىپ قالغانلىقىنى بىلدى.كەتمەكچى بولۇپ تەستە ئورنىدىن تۇرۇۋىدى.پۇتى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك تۇيۇلۇپ يەر دەسسىيەلمەي يىقىلىپ چۈشتى.مۇنداق يېتىۋەرسە ئۆلۈپ كىتىشى مۈمكىن ئىدى.شۇڭا قولى بىلەن پۇتلىرىنى ئۇۋىلاپ يۈرۈپ سەل سىزىم پەيدا قىلدى.شۇنىڭ بىلەن يەنە تىرىشىپ -تىرمىشىپ يۈرۈپ تەستە ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆيى تەرەپكە قاراپ قەدەم تاشلىدى. بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ يەنە يىقىلىپ چۈشتى.ئۇ ئالاھەزەل ئىككى سائەتچە ھەپىلىشىپ قانچە قېتىملاپ ئورنىدىن تۇرۇپ،قانچە قېتىملاپ يىقىلىپ چۈشۈپ دىگەندەك قاۋاقخانا ئالدىدىن 200مېتىرچە يول مېڭىپ ئاخىرى بولالماي ھالىدىن كېتىپ يولنىڭ ئوتتۇرسىغىلا يىقىلىپ يېتىپ قالدى.بىر مەھەل توختىغان قار يەنە قايتىدىن يېغىشقا باشلىدى.باشتا ئورنىدىن تۇرالمىسىمۇ ئانچە مۇنچە ئۆمىلىيەلىگەن مەمەتجان ئاخىرى سوغاق پۇت قوللىرىنى مۇزلىتىۋېتىپ ئاخىرى ئۆمىلەشكىمۇ چامىسى يەتمەي، قاتتىق بىر شىرىن ئۇيقۇ قىستاپ كەلگەندەك بولۇپ بارا بارا سېزىمىنى يوقاتتى.ئۇ بۇ چاغدا يولدىن تېخى چىقىپ كېتەلمىگەن بولۇپ يول سىرتىدىن ئىككى مېتىرچە ئىچىدە ئىدى.ئارقىمۇ ئارقا ياغقان قار ئاخىرى سېزىمىنى يوقاتقان بۇ گەۋدىنى كۆمىۋەتتى.ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندە ئۇ قار پومزىكىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.كېچە سائەت ئىككىلەردىن ئاشقاندا لىققىدە كۆمۈر باسقان ئون نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر يۈك ماشىنىسى كىچىدە يولغا ئالدىراپ شىددەت بىلەن كەلگەنچە كىلىپ ھېلىقى‹‹قار پومزىكى››نى بېسىپ ئۆتۈپ كەتتى.پومزەكتىن ‹‹ۋاق›› قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ قىپ قىزىل قانلار ئەتراپقا چاچراپ ئاپپاق قار دۆۋىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قىزىل بويىۋەتتى. Rn`x7(WA شوپۇر ئاۋازدىن بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قىلدىيۇ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشتىن قورقۇپ كىچىدە بۇ ئىشنى ھېچكىم كۆرمىگەن بولغاچقا ماشىنىسىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ يولىغا كېتىۋەردى. {sihus#Q يۈك ماشىنىسى مەمەتجاننى بېشى ۋە كۆكرەك قىسمىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، بېشى مىجىلىپ خۇددى تاۋۇز شاپىقىدەكلا يەرگە چاپلىشىپ قالغان، قان ۋە مىڭە قېتىقلىرى ئەتراپقا چاچراپ كەتكەن،كۆكرەك قىسمىمۇ بېسىلىپ مىجىلىپ يەرگە چاپلىشىپ يۈرەك ئۆپكە جىگەر دىگەندەك ئىچكى ئەزالىرىمۇ ياپىلاقلىشىپ چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ھەرقانداق قورقۇمسىز ئادەمنىمۇ سۈر باستۇرغىدەك دەھشەتلىك كۆرۈنۈش ئىدى... k9:{9wW ئەمەت خۇراز بىلەن ئوغلى نەق مەيدانغا كىلىپ ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشتى دە ھارۋىنى توختۇتۇپ جەسەتنى كۆزىتىشتى.جەسەتنىڭ باش ۋە كۆكرەك قىسمى مىجىلىپ كەتكەن بولغاچقا كىملىكىنى تونىغىلى بولمايتتى.لىكىن پۇت ۋە ئاستىنقى بەل قىسمى ساق بولغاچقا ئەمەت خوراز تونۇش كىيىملەردىن جەسەتنىڭ ئوغلى مەمەتجان ئىكەنلىكىنى تونۇپ: ‹‹ئاھ ئوغلۇم›› دىگىنىچە جەسەتنىڭ يېنىغىلا ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشتى.سەمەتنىڭمۇ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلدى.لىكىن بۇنداق ئەھۋالدا بۇ يەەردە يىغلاپ تۇرىۋەرسە بولمايتتى.ئۇ دەرھال دادىسىنى يۆلەپ ھارۋىغا چىقىرىپ ئىشىكىنى يول بويىدىكى سىتولبىغا باغلاپ قويدى دە بازارلىق ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغىلى كىرىپ كەتتى. !V" ساقچىلار دىلو مەلۇماتىنى ئاڭلاپ تېزلىكتە نەخ مەيدانغا چىقىپ، ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە تېلىفۇن بىرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى ساقچىلار ۋە قانۇن دوختۇرلىرى يېرىم سائەت ئىچىدە نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىپ نەق مەيداننى تەكشۈرۈش،رەسىمگە تارتىش،جەسەت تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى.ئۇلار تەكشۈرۈشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جەسەتنى ئەمەت خورازلارغا تاپشۇرۇپ بەرگىچە تاڭمۇ سۈزۈلۈپ قالغان ئىدى... 0J?~N`#O| مەمەتجاننىڭ ئۆلۈمىگە ئانچە كۆپ ئادەم يىغىلمىدى.ئەگەر ئادىمىگەرچىلىكنى دىمىگەندە جامائەت ئۇنىڭ مىيىت نامىزىنىمۇ ئوقۇغىلى ئۇنىمىغان بولاتتى.ئۇنىڭ ئۆلىمى تۇققانلىرىنىڭ قاتتىق يىغا –زارىسى، يىغىلغان جامائەتنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشى بىلەن داغدۇغىسىزلا ئۇزىتىلدى.ھەتتا جىنازا كۆتۈرگىلىمۇ ئادەم چىقمىغاچقا مىيىت مازارلىققا قول تىراكتۇرى بىلەن ئاپىرىلدى. N['qgO/ بۇ ئۆلۈم ھەممىدىن بەك ئەمەت خوراز بىلەن سارەگە بەك تەسىر قىلغان بولۇپ ئۆلۈمنى ئۇزۇتۇپ بولغىچە نەچچە قېتىم ھۇشىدىن كېتىشتى.ئۆلۈمدىن كىيىنمۇ ئاغرىقچان بولۇپ يېتىپ قېلىشتى.بۇ دەھشەت ئۆلۈم ئەمەت خورازغا تۇتقاقلىق يۈرەك كىسىلى يادىكار قىلدى. |+iws8xK? ئەمەت خورازنىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى سەمەت ئىكەنلىكى تورداشلارغا مەلۇملۇق.ئۇ ئانىسىنى تارتقاچقىمىكىن يۇۋاش،مۆمىن ئادەم بولدى.ئۆي ئىشلىرىغا پۇختا بولغان بىلەن جەمىيىتشۇناسلىقتا خام ئىدى. ھەددىدىن زىيادە يۇۋاشلىقى تۈپەيلىدىن بىرەرسى يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋالسىمۇ ‹‹ئەكە نېنىمنى››دىيەلمەيتتى. كەم سۆزلىكى تۈپەيلى باشقا ياش ئەركەكلەردەك قىزىق يۇمۇر چاخچاقلار،شىرىن مۇھەببەت پاراڭلىرىنى قىلىپ ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ تۇرۇشنى بىلمەيتتى.خۇددى ھىسسىياتسىز ماشىنا ئادەمدەك يەپ- ئىچىش ئىشلەشنىلا بىلەتتى.يېشىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغىنىغا قارىماي 5ياشقا كىرگەن بىرلا پەرزەنتى بارئىدى.ئۇنىڭ ئەكسىچە ئايالى زورىگۈل ئوچۇق يورۇق،چىقىشقاق،قىزغىن مىجەز شىتىلىرەك چوكان ئىدى.ئۇئەمدىلا 25-26ياشلارغا كىرگەن بولۇپ ياشلىق ھىسسىياتى قاينام كەبى ئۇرغۇپ تۇرغان چاغلىرى بولسىمۇ سەمەت يۇۋاش كەمسۆزلىكى تۈپەيلى ئۇنىڭ ئاچقان يەرلىرىگە بارالمايتتى.شۇڭا بۇ ئايال تۇرمۇشىدىن تازا رازى ئەمەس بولۇپ تۇرمۇشىنى تۇزى تېتىمىغان تاماقتەك تەمسىز ھىس قىلاتتى. 5]n[]FW بۇ چوكان ‹‹تىلىسەڭ تاپارسەن›› دىگەندەك يېقىندىن بۇيان يېڭى مەھەللە باشلىقى رېيىم بىلەن تېپىشىپ قالدى.بۇ رېيىم باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئەمەت خوراز ئوغلىنى دائىم ھاشارغا ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆيىگىچە كىرىپ، كىلىنى بىلەن ئاشنا ئوينايدىغان ھېلىقى يىتەخاننىڭ نەۋرىسى ئىدى.زورىگۈلمۇ سارەگە ئوخشاش رېيىم بىلەن قوناقلىقلاردا،بۇغدايلىق،كىپەزلىكلەردە ۋە بەزىدە ئادەمسىز ئورمانلىقلاردا خۇپىيانە كۆرۈشۈپ نەپسىنى قاندۇرۇپ يۈرەتتى.بۇ خىل خۇپىيانە ئۇچرىشىشلار ئۇلارنى تازا قاندۇرالمىدىمۇ قانداق ئۇلار سەمەتنى مەلۇم مەزگىل كۆزدىن يوقۇتۇپ تېخىمۇ كۆپرەك ئۇچرىشىش پۇرسەتلىرىگە ئىرىشمەكچى بولۇشتى.دەل بۇ كۈنلەردە بىزنىڭ كەنىتكە سۇ كېلىدىغان يېرىم كۈنلۈك يىراقلىقتىكى ‹‹پاختەك زاكۇ›› دىگەن يەردە يىل بويى كىچە كۈندۈز يېتىپ سۇ باقىدىغانغا بىر ئادەم قويۇش ۋەزىپىسى چۈشۈپ قالدى.ئىسسىق ئۆي،ئىسسىق تاماق،ئايالى بالىلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇنداق يەردە تۇرۇشنى بۇ كۈنلەردە كىممۇ خالايدۇ دەيسىز.رېيىم نۇرغۇن ئادەملەرگە ئۇ يەرگە بېرىشنى بۇيرىغان بولسىمۇ ھېچكىم بېرىشنى خالىمىدى.ھازىر بۇرۇنقىدەك قۇرۇق بۇيرۇق-ھەيۋە پوپۇزىلار دىھقانلارغا كار قىلمايتتى.مەنپەتسىز ئىشتىن ھەممە ئادەم بىزار ئىدى.رېيىم ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇدىغان ئەپچىل چارىدىن بىرنى تېپىپ چىقتى.تورداشلىرىمىز ئەلۋەتتە پەرەز قىلىپ بولدى.سەمەت رېيىمنىڭ قىزىقتۇرۇپ دەي-دەيگە سېلىشى(سەمەت تېرىۋاتقان 20مو يەرنىڭ ھاشار مەدىكار سېلىقلىرىنى كۆتۈرىۋېتىش،ئۇنىڭ سىرتىغا ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا دىھقانلاردىن 5000يۈئەن،يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن 3000يۈئەن ئىش ھەققى يىغىپ بېرىشنى ۋەدە قىلىشى)ئارقىسىدا ئۆيىنى تاشلاپ پاختەك زاكۇغا سۇ باققىلى كەتتى.شۇنىڭ بىلەن رېيىمنىڭ زورىگۈل بىلەن ‹‹ئۇچرىشىدىغان›› پۇرسەتلىرى كۆپەيدى.بۇ ئىش ئارقىلىق رېيىم ئەينى يىللاردا ئەمەت خوراز ئۆيىگە كىرىپ ئانىسى بىلەن ئاشنا ئوينىغان شەرمەندىلىكلەر ئۈچۈن ھەسسىلەپ قىساس ئالدى.لىكىن ئۇ بۇرۇنقى ئىشلاردىن تامامەن بىخەۋەر ئىدى.بۇ زورىگۈلمۇ ئەينى يىللاردىكى دادۇي ئامبارچىسى ھوشۇرنىڭ قىزى بولۇپ، ھوشۇرمۇ ئەينى يىللاردا خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئامباردىكى ئاشلىقلارنى ئاچارچىلىق جېنىدىن ئۆتكەن قانچىلىغان چىرايلىق قىز چوكانلارغا ئىپپەت نومۇسى بەدىلىگە بېرىۋېرىپ ‹‹تازا ئوينىۋالغان››، ‹‹ھوشۇربۇقا››دەپ نام ئالغان ئىدى. ھازىر بولسا كۆزى كۆرمەس، پۇتى باسماس ‹‹پالەچ- قارىغۇ›› بولۇپ بىرقانچە يىلدىن بېرى ھىچنىمىنى كۆرەلمەي،سىرتقىمۇ چىقالماي خارلىنىپ ياتقان ئىدى.زورىگۈل سەمەت سۇ باققىلى كەتكەندىن بۇيان تېخىمۇ ئەركىن بولۇپ كەتتى.ئەمدى ئۇ يالغۇز رېيىمغىلا قانائەت قىلمايتتى.مەھەللىدىكى ‹‹قانجۇق سېغىنغان كۇسۇك››لارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئىزدەيدىغان بولۇپ كەتتى... 9
?0^ap,T ئەمەت خوراز بۇ كىلىنى ھەققىدىكى مىش مىش پاراڭلارنى ئاڭلاپ ئوغلى سەمەتنى سۇ باققىلى بېرىشتىن توسقان بولسىمۇ سەمەت:‹‹ يىللىق ئىش ھەققىمنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن بىرنىمە دەيلى››-دەپ رەت قىلىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پايلاقچىلىق قىلىپ كىلىنىنى قورۇغدىماقچى،يامان ئىشتىن توسماقچى بولدى.لىكىن بۇ كىلىن شەيتاندىنمۇ يامان چىقىپ قېلىپ ئەمەت خورازغا ھەرگىز تۇتۇق بەرمىدى.ئۇ قانچە تىرىشقانسېرى شۇنچە مات بولۇپ زەردىگۆش بولاتتى.بىرەرسى بىلەن نەق مەيداندا تۇتىۋالالمىغان بولغاچقا ئارتۇق بىرنىمىمۇ دىيەلمەيتتى.ئۇلار مۇشۇنداق چاشقان مۇشۇك ئويۇنىنى ئويناۋەرسۇن ئەمدى گەپنى كىچىك ئوغلى خالمەتتىن ئاڭلايمىز. BReJ!|{m} خالمەت ئوغۇللارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى ئىدى.ئۇ ئىچىملىك،چىكىملىك،قىمار،ئاشنا دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە بار ئىدى.‹‹ئىچتىم›› دەپ ئاكىسىدەك خۇدىنى بىلمىگۈدەك ئىچىۋالمايتتى.ئاشنا ئوينىسىمۇ ئىس بۇسىنى چىقارماي ئوينايتتى.چىكىملىك جەھەتتە نەشىگە بەكرەك ئامراق ئىدى.ئۇنىڭ كاساپىتىدىنمىكىن رەڭگى سېرىق ياداڭغۇ چىراي كۆرۈنەتتى.ئايالى ،ئايرىم ئۆيى ئىككى بالىسى بولغىنىغا قارىماي ئىش ئەمگەك بىلەن خوشى يوق ئىدى.نەدە ئويۇن تاماششا باركەن دىسە خالمەت بىرىنچى بولۇپ بېرىپ بولاتتى.ئۇ يەنە چىقىشقاق ،مەرت بولۇپ دوستلىرىمۇ كۆپ ئىدى.ئۇنى دىھقان پەرزەنتى بولغىنى ،تېرىلغۇ يېرى بولغىنى ئۈچۈنلا دېھقان دىگىلى بولمايتتى .ئۇ قىمارغا بەك ھېرىسمەن بولغىنى ،نەدە قىمار بولسا شۇ يەرنى پۇراپ تېپىۋالغىنىغا ئاساسەن قىمارۋازلار ئۇنى‹‹قىمار ئاپشاركىسى››دەپ ئاتايتتى.360كۈن ئىزدەپ سوراپ ئوينايدىغىنى قىمارلا بولغىنى قىمار ئىزدەپ شەھەرمۇ- شەھەر،ناھىيىمۇ- ناھىيە،يېزىمۇ- يېزا قاتراپ يۈرگىنىگە ئاساسەن كەسپى قىمارۋاز دېسەك بولىۋېرەتتى.ئۇنىڭ قىماردا ئۇتقان. قويۇن ۋە يانچۇقلىرىغا ئۇتقان پۇللىرى سىغماي قالغان چاغلىرىمۇ بولغان ئىدى.بۇنداق چاغلاردا ئايالى ئالدىدا كېرىلىپ تېرىسىگە سىغماي قالاتتى.بەزىدە يېنىدىكى ھەممە نەرسىلىرىنى ئۇتتۇرىۋېتىپ خوتۇنىدىن پۇل سورايدىغان،خوتۇنى پۇل بېرەلمىسە، ئۆيىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغىمۇ ئوينايتتى.بەزىدە ياقا يۇرتلاردا ھەممە نىمىسىنى ئۇتتۇرىۋېتىپ يىگىدەك تاماق،كىرا قىلىپ قايتىپ كەلگۈدەك ئازغىنە پۇلغا مۇھتاج بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمۇ ھەم بولغان.قەدىمكىلەر:‹‹ قىمارۋاز ئوغرى كىلەر›› دەپ بىكار ئېيتمىغان ئىكەن.خالمەت بەزىدە قۇرۇق سالتاڭ بولۇپ قېلىپ، ئوغۇرلۇققا كىرىشىپ بوشاڭ كىشىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ، كېچىلەپ باشقا يۇرتلارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىپ ئۇ پۇلنى قىمار دەسمايىسى قىلىدىغان ۋااقىتلىرىمۇ بولغان ئىدى.بۇ جەھەتتە ئۇ شۇنداق يۈزسىز ئىدىكى ئوغۇرلىغىلى نەرسە تاپالمىسا دادىسى ئەمەت خورازنىڭ نەرسىلىرىنىمۇ سوقىۋېرەتتى. ~k
Z G{ بۈگۈنكى س ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر قىمارۋازنىڭ ئۆيىدە، تۈن كىچىدە ئوينالغان بىر قېتىملىق قىماردا ئۇنىڭ تەلىيى كاج كىلىپ، يېنىدىكى 2تۈمەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۇتتۇرىۋەتتى. ئۇنىڭ يەنە ئوتتەك ئوينىغۇسى ،ئۇتتۇرىۋەتكەن بارلىق پۇللىرىنى قايتۇرىۋالغۇسى بار ئىدى.ئەپسۇسكى جەزخوردىن پۇل قەرىز سورىۋىدى بىرىپ تۇرمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇل غىمىنى قىلىپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى.بۇ ياقا يۇرتتا ئۇ ھىچكىمنى تونىمايتتى.بىرەرسىدىن پۇل قەرىز ئالالىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.بولدى قىلاي دىسە ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇللىرى كۆز ئالدىغا كىلىۋېلىپ زادىلا چىدىيالمىدى.بىرەرسىنىڭكىگە ئوغۇرلۇققا كىرەي دىسە بۇ ناتونۇش يەردە ئۇ ھىچكىمنىڭ ئۆيىنى بىلمەيدۇ.قايسى ئۆيدە ئوغۇرلىغۇدەك نەرسە بار؟ئىگىسى كىم؟ مۇداپىئەسى قانداق ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ.شۇڭا دەرھال بۇ خىيالىدىن ۋاز كەچتى.ئەمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ئۇنىڭ ئېسىگە بايا ئۆزىنى ئۇتىۋالغان قىمارۋاز كەلدى.‹‹توغرا-دەپ ئويلىدى ئۇ-ئۇ ئۆزىنى ‹مەن مۇشۇ مەھەللىدىن› دەپ تونۇشتۇرىۋاتاتتى.ھېلى قىمار تۈگىگەندە ئۇ چوقۇم ئۆيىگە قايتىدۇ.مەن ئورمانلىقتتا مۆكۈپ تۇرۇپ....››دىگەنلەرنى ئويلاپ بۇ ئۆيدىن 300مېتىرچە يىراقلىقتىكى ئورمانلىقتا ھېلىقى قىمارۋازنىڭ قايتىپ چىقشىنى كۈتۈپ مۆكۈنۈپ ياتتى.بۇ ئۆيدىن سىرتقا تۇتۇشىدىغان پەقەت مۇشۇ بىرلا يول بار بولۇپ ئۇ قىمارۋاز جەزمەن مۇشۇ يولدىن ئۆتەتتى. :E:38q,hG خالمەت ئالاھەزەل ئىككى سائەتچە ساقلىغاندىن كىيىن، بىر كەمدە ھېلىقى قىمارۋازمىكن بىر قارا گەۋدە قىماربولغان ئۆي تەرەپتىن مۇشۇ تەرەپكە قاراپ كەلدى.بۇ گەرچە ئايدىڭ ئاخشىمى بولمىسىمۇ كىچە قاراڭغۇلىقىغا كۆنگەن كىشى يۇلتۇز يورۇقىدا نىشاننى پەرىق ئېتەلەيتتى.ھېلىقى ئادەم يېقىنلاپ كەلگەندە خالمەت بوي بەستىدىن ئۇنىڭ دەل ھېلىقى قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى تونۇدى دە قارا گەۋدە ئۇدۇلىغا كەلگەن ھامان يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ دەرەخ كەينىدىن ئېتىلىپ چقىپ ئالدىنى توستى. FLGk?.x$\ -توختا! Of4^?`
^ تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇيرۇقتىن كەلگۇچى مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى.بۇيرۇق داۋاملاشتى: X)7x -جانغا تۇرامسەن پۇلغىمۇ؟ جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسا يېنىڭدىكى پۇللارنى ماڭا تاپشۇرۇپ دەرھال كۆزۈمدىن يوقال! vTlwRG=5 قىمارۋاز ئاۋازىدىن ئۇنى تونۇۋالدى.شۇڭا جۈرئەتلىنىپ جاۋاپ بەردى: FW/W%^ -خالمەتمۇ سەن؟ئۇتتۇرىۋەتكەنگە چىدىمايۋاتامسەن؟ بىلىپ قوي، قىمارۋاز دىگەن مەرت كىلىدۇ.ئازغىنە پۇلنى ئۇتتۇرىۋەتكەنگە چىدىماسلىق قىلىپ بۇنداق قىلغىلى تۇرساڭ سېنى قانداقمۇ ئەركىشى دىگىلى بولسۇن؟! 6~1|qEe6I -قۇرۇق گەپ قىلما،مىنىڭ ھازىر سەن بىلەن گەپ تالىشىپ تۇرغۇدەك ۋاقتىم يوق.پۇلنى بېرەمسەن- بەرمەمسەن؟ ئەگەر بەرمەيمەن دىسەڭ پىچىقىم يۈز خاتىرە قىلىشنى بىلمەيدۇ .بولە چاپسان! E
,|xJjh قىمارۋاز ئۇنىڭ قولىدىكى يۇلتۇز يورۇقىدا سۇس پارقىراپ تۇرغان بىر يېرىم غېرىچچە ئۇزۇنلۇقتىكى پىچاقنى كۆرۈپ بەدىنىگە تىترەك ئولۇشۇپ ئۇنىڭغا بويسۇنۇش قارارىغا كەلدى. V`bi&1?6\ -ماقۇل-ماقۇل ئۇكام،جېنىمغا تۇراي.بۇ جېنىم ئامانلا بولسا پۇل دىگەننى يەنە تېپىۋالغىلى بولىدۇ.مانا پۇل.
@@8J6*y -ئۇ بىر يانچۇقىدىكى پۇللارنى ئېلىپ خالمەتكە ئۇزاتتى.خالمەت بۇ پۇلنى ئېلىپ يەنە بۇيرۇق چۈشۈردى: m6',SY9T -بارلىق پۇللىرىڭنى چىقار ،ساختىلىق ئىشلىتىمەن دىمە.سەندە قانچىلىك پۇل بارلىقى ماڭا ئ WC.t_"@ ايان. _h":> -ئۇكام يېنىمدا بارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بىرىپ بولدۇم.ئەمدى قالمىدى. L30$%G| -قۇرۇق گەپ قىلما، ھېلى بىكار ... E5N{j4\F -ئۇكام گىپىم راست،ئىشەنمىسەڭ يېنىمنى ئاختۇرۇپ كۆر. ]- 4QNc= خالمەت قىمارۋازنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ بېقىش ئۈچۈن يەنىمۇ يېقىن كىلىپ ئۇنىڭ قويۇن يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىۋىدى.پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن قاقۋاش قىمارۋاز بىر كاللا قويۇپلا خالمەتنى ئارقىسىغا ئۇچۇرىۋەتتى.ئۇ بۇ يۇرتنىڭ داڭلىق قىمارۋىزىلا ئەمەس يەنە داڭلىق چېلىشچىسى ۋە لۈكچىكى ئىكەن . كىچىكىدىن بېشىغا پىۋا پوتۇلكىسى بىلەن ئۇرۇپ چېنىققان بولغاچقا تۇيۇقسىز كاللا قويىدىغان بولسا، مانا مەن دىگەن ئوغۇلبالىمۇ ئورنىدىن تۇرالماي قالىدىكەن.خالمەت بۇ تەرەپلەرنى بىلمىگەچكە پۇل ۋەسۋەسىسىدە سەل قارىغان ئىدى.قىمارۋاز ئۇنىكاللا قويۇپ يىقىتىش بىلەنلا بولدى قىلماي ئاچچىقى تېخى يانمىغاچقا خالمەتنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىپ باش كۆزلىرىگە يەنە مۇش بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى.ئارقا –ئارقىدىن تىگىۋاتقان مۇشلار خالمەتنى سەگەكلەشتۈردى.ئۇ بۇنداق يېتىۋەرسە قاتتىق تاياق دەستىدىن ئورنىدىن تۇرالماسلىقى مۈمكىن ئىدى.خالمەت بايا كاللا يەپ يىقىلىپ چۈشكەن بىلەن پىچىقى تېخىچىلا قولىدا بار ئىدى.قىمارۋاز ئۇنى يىقىتقىنىدىن خوشال بولۇپ ئۇنى ئۇرۇش بىلەن قېلىپ پىچىقىنى ئەستىن چىقارغان ئىدى.خالمەتنىڭ زەرىپ بىلەن يان تەرەپكە ئۇرغان پىچىقى قىمارۋازنىڭ ئوڭ بىقىنىغا تىشىپ كىرىپ ‹‹ۋايجان›› دەپ بوشقىنا بىر توۋلىيالىدى- دە يارىلانغان شىردەك خالمەتنىڭ ئۈستىدىلا تولغۇنۇشقا باشلىدى.خالمەت ئۇنى يوغان بىر يۈك ساندۇقىنى ئىرغىتقاندەك ئىرغىتىپ تاشلاپ ئورنىدىن تۇرىۋالدى .قىمارۋاز ئاۋازىنى چىقىرالماي يەردە بىردەم يۇمۇلىغاندىن كېيىن جىمىپ قالدى. ئۇ شۈك بولۇپ قالغان ئىدى.خالمەت ئۇنىڭ يېنىدىكى بارلىق پۇللىرىنى ئاختۇرۇپ ئېلىۋېلىپ قانلىق پىچىقىنى ئورمانلىققا پىقىرىتىپ تاشلىۋەتتى- دە كىچە قاراڭغۇلىقىدا كۆزدىن غايىپ بولدى. q=DN
{a: ئەتىسى ئەتىگەندە مەسچىتكە نامازغا ماڭغان جامائەتلەردىن بىرى قانغا مىلىنىپ ياتقان قىمارۋازنى كۆرۈپ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى.ساقچىلار،رازۋېتچىكلار،قانۇن دوختۇرلىرى نەق مەيدانغا چاقماق تېزلىكىدە يىتىپ كىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.قىمارۋاز ۋاقتىدا قۇتقۇزىۋېلىنماي قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ئاللىقاچان ئۆلگەن ئىدى. m/@<c'i if]Noe ساقچىلار نەق مەيدان ئەھۋالىغا ۋە ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيىتىگە ئاساسەن قىمار ئۇيۇشتۇرغۇچىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى سوراق قىلىپ يۈرۈپ گۇماننى خالمەتكە مەركەزلەشتۈردى.ئۆي ئىگىلىرى خالمەتنىڭ ئېنىق ئادرېسىنى بىلمىسىمۇ ناھىيەسى بىلەن ئىسمىنىلا ئېيتىپ بىرەلىدى.ساقچىلار مۇشۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئاخىرى خالمەتنى ئۆيىدىن قولغا چۈشۈردى، ۋە پۇت قوللىرىغا كويزا كىشەن سېلىپ، ساقچى ماشىنىسىغا چىقىرىپ، ھېلىقى ناھىيەگە ئېلىپ كەتتى.بۇ چاغدا مەمەتنىڭ ئۆلگىنىگە ئاران يېرىم يىلچە ۋاقىت بولغان بولۇپ ئەمەت خوراز كىچىك ئوغلىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل گۇماندارى بولۇپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىپ يۈرەك سانجىغى يەنە تۇتۇپ يىقىلىپ قالدى... F|HJH"2*&q ئىككى ھەپتىدىن كىيىن خالمەتكە سوت ئىېچىلغۇدەك دەپ ئاڭلاپ ئەمەت خوراز ئوغلى سەمەت ۋە بىرنەچچە يېقىن تۇققانلىرى بىلەن بىللە ھېلىقى ناھىيەگە بېرىپ سوتقا قاتناشتى.سوت خالمەتنى بۇلاڭچىلىق قىلىپ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندا ئەمەت خوراز يەنە سوت مەيدانىدىلا يۈرەك كىسىلى تۇتۇپ ھوشىدىن كەتتى.سەمەت بىلەن تۇققانلىرى كۆتە-كۆتە قىلىپ ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددى قۇتقۇزۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.ئاندىن تۇققانلاردىن بىرسى ئەمەتنىڭ يېنىدا قېلىپ، قالغانلىرى سەمەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغان نەق مەيدانغا بېرىپ ساقچىلاردىن سەمەتنىڭ جەسىدىنى تاپشۇرىۋېلىپ بىر زاراتگاھلىققا ئېلىپ بېرىپ قەبرە سېتىۋېلىپ، بىرقانچە ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمى بىلەن قەبرىگە دەپنە قىلىشىپ، دۇئا تەكبىردىن كىيىن دوختۇرخانىغا قايتىشتى... Cua%1]"4w ئەمەت خوراز دوختۇرخانىدا بىر ھەپتىدەك داۋالانغاندىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ سەمەت بىلەن زاراتگاھلىققا بېرىپ خالمەتنىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى.ئەمەت بىلەن سەمەت ئۇ يەردىكى دۇئالىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن بىردەم ھازا ئېچىپ قەلىب يارىلىرىنى يىنىكلىتىۋېلىپ قايتىپ كىتىشتى. .<K
iMh ئەمەتنىڭ كىچىك قىزى رۇشەن كىچىكىدىنلا ئەمەتنى تارتقان بولۇپ بەكلا ئەركە ۋە ئۆزبېشىمچى ئىدى. 2Gs$?}"a ئۇ رېسىدە بولغاندىن كىيىن ئەمەت ئۇنى خوشنا يېزىدىكى تۇققانلىرىدىن بىرىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلدى. Go&D[# لىكىن ئۇلار خاراكتىر ۋە بوي بەست جەھەتتتە بىر بىرىگە پەقەت ماس كەلمىگەن ئىدى. بىرىنچىدىن بويى ماس كەلمەيتتى،يەنى رۇشەن دادىسىنى تارتىپ ئىگىز، قەددى قامەتلىك،ئۇستىخانلىق قىز بولۇپ ئۆسكەن بولۇپ ئۇنى كۆرگەن كىشى تۈركىيەنىڭ ‹‹شابان خېنىم››دىگەن كىنوسىدىكى ‹‹شابانىيە››بولۇپ ياسىنىۋالغان شاباننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى.كىنودا‹‹ شابانىيە›› بولۇپ ياسىنىپ ماڭغان ئىگىز ئۇستىخانلىق ‹‹قىز››نى كۆرگەن بىرنەچچە ئادەم:‹‹ئاللا-ئاللا،زاۋۇتتا بۇيرۇتقاندەك قىزكەنغۇ بۇ؟ بويىغا قاراڭلا بويىغا››دىيىشىپ كەينىگە كىرىۋالاتتى.مانا بۇ رۇشەنمۇ ئەشۇنداق بويى بىر مېتىر 90كەلگۈدەك ئىگىز،ھەم كەڭ گەۋدىلىك،بولۇپ ئىگىز بويى،كەڭ يەلكىسى،تولغان كاسىسى ۋە كۆكرىگى،تاپىنىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان قاپ- قارا بىر جۈپ ئۆرىمە چېچى ئۇنى بەكمۇ سۆلەتلىك كۆرسىتىۋېتەتتى.ئۇنىڭ ئەكسىچە ئېرى سايىم بويى بىر مېتىر ئاتمىش بەش كىلىدىغان، ئورۇق ۋىجىك كۆرۈمسىزرەك ئادەم ئىدى. ئىككىنچىدىن ئۇلار خاراكتىر جەھەتتىمۇ ئاسمان زىمىن پەرىقلىنەتتى: رۇشەن ئوچۇق- يورۇق شاش مىجەز،سايىم بولسا ئويۇن تاماششا،كۆپ گەپ بىلەن خوشى يوق،كىشىلەر بىلەن ئارىلاشمايدىغان،ئىچ مىجەز ئادەم ئىدى. دىمەك ئۇلار ھەر جەھەتتىن ئىككى قۇتۇب بولغاچقا كىشىلەر كۆڭلىدە :‹‹رۇشەننى سايىمنى مازاق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەن بولغىيمىتتى؟›› دىگەنلەرنى ئويلاپ قالاتتى.ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئۈچ يىلدەك ئۆي تۇتقان بولسىمۇ ئاران بىرلا قىز پەرزەنىتلىك بولۇپ رۇشەن قايتا قوساق كۆتەرمىدى.سايىممۇ:‹‹ قايتا تۇغۇڭ!›› دىيەلمىدى.چۈنكى بۇ ئۆيدە رۇشەننىڭ گىپى گەپ ئىدى.سايىم نىمە ئىش قىلسا خوتۇنىنىڭ رايى بويىچە قىلاتتى.ئۇنىڭدىن ئۆلگىدەك قورقاتتى.شۇنداق بولغاچقا رۇشەن سايىمنى قەتئى كۆزىگە ئىلمايتتى.ئەر ئورنىدىمۇ كۆرمەيتتى.ئېتىز- ئېرىق،مال- چارۋا،ھويلا ئارامنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سايىم قىلاتتى.رۇشەن بولسا سودىگەر بولىۋالغان بولۇپ، ھەر ھەپتىسى قەشقەردىن ھەر خىل رەخىت ۋە ئاياللار- بالىلار كىيىملىرىنى ئېلىپ كىلىپ، ئۆز يېزىسىنىڭ بازىرىغا ۋە خوشنا ئۇچ يېزىنىڭ بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ سېتىپ سودا سېتتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. سايىم رۇشەن ئۆيگە كەلسە ‹‹كەپتۇ››دەپ بىلەتتى.كەلمىسە:‹‹نەگە بادىڭ؟نەدە قوندۇڭ؟››دەپ سوراق قىلالمايتتى. ,o7hk{fR* بۇ خىل نورمالسىز تۇرمۇش نەچچە يىل داۋاملاشقاندىن كىيىن رۇشەننىڭ بۇ ئۆيدە زادىلا تۇرغۇسى كەلمىدى.ئۇنىڭ كۆڭلى ئاللىقاچان بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەر خوتۇنچىلىقنىڭ پەقەت نام ئاتىقىلا قالغان ئىدى.بىر كۈنى رۇشەن سايىمغا:‹‹ سودا قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كىتىپ، يېزىدىكى تىجارەتنىڭ تازا تايىنى قالمىدى.شۇڭا مەن شەھەرگە بېرىپ شەھەردىن دۇكان ئىجارە ئېلىپ تىجارەت قىلايمىكىن دەيمەن.سىزگە ئۆينىڭ ۋە قىزىمىزنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقى قالدى.كىيىنچە مەن تىجارەتتە ئۇتۇق قازىنىپ كۈنىمىز ياخشىلىنىپ قالسا سىلەرنىمۇ ئەچىقىۋالارمەن›› دەپ قويۇپ، پىشىنى قېقىپلا شەھەرگە كىرىپ كەتتى. kpI{KISQu سايىم غىڭ قىلالماي يېزىدىكى ئۆيىدە قالدى. )*5G">) )p رۇشەن شەھەرگە كىرگەندىن كىيىن سودىگەرلەرنىڭ بەكمۇ كۆپلىكىنى، دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلسا پايدا تاپاۋاتنىڭ تازا ياخشى بولمايدىغالىقىنى،شەھەرگە كىلىپ كىتىپ تۇرىدىغانلارنىڭ كۆپلىگى تۈپەيلى مىھمانخانا ئاچسا كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ تاپاۋىتى ئانچە ياخشى بولمايۋاتقان ‹‹ يېڭى بازار›› تەرەپتىكى بىر شەخسى مىھمانخانىنى يىللىق ئىجارە ئېلىپ مىھمانخانا ئېچىش تىجارىتىنى باشلىۋەتتى. lI/0:|l رۇشەننىڭ تىجارەتكە ئىپى بار ئىدى.خېرىدرلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىشنى ،زامانغا يۈزلىنىشنى ياخشى بىلەتتى.ئۇ ئۇ ئالدى بىلەن مىھمانخانا تاملىرىنى چىرايلىق بىزىدى.ھەيۋەت، كۆركەم قىلىپ‹‹ئارام شاتلىقى مىھمانخانىسى›› دىگەن مەنىلىك جەلىپ قىلارلىق ۋىۋىسكىنى ياستىپ ئاستى. مىھمانخانىدىكى ئەسلىدىكى ئەسكى ياغاچ كارۋاتلارنى ،كونا،يىرتىق،كىر قاسماق يوتقان كۆرپىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،لۆم- لۆم كارۋات،يۇمشاق ،يېڭى،پاكىز يوتقان كۆرپە ۋە كىرلىكلەرنى ئىشلەتتى.پاكىز تازىلىق ئۆيى،مونچىخانا تەسىس قىلدى.چىرايلىق،يېقىملىق،خۇشخۇي قىزلاردىن بىرقانچىنى تېپىپ مىھمانخانا كۈتكۇچىسى قىلىپ بەلگىلىدى.مىھمانخانىنىڭ ئەسلىدىكى خوجايىنى ھاڭ- تاڭ قالدى.ئەسلىدە بىر كىشىلىك ياتاققا بەش يۈئەندىن پۇل ئالسىمۇ غېرىپ- مۇساپىرلار، كەمبەغەل يىتىمچىلەر،ئۇششاق يايمىچىلاردىن باشقا ھىچكىم كىرمەيدىغان بۇ ياتاققا باھاسى ئون ھەسسە ئۆستۈرۈلسىمۇ ھەر ئاخشىمى ئادەم پاتمايدىغان بولۇپ كەتتى. =9LC<2 Cj*-[EL< بۇ مىھمانخانا نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئاۋات بولۇپ كېتىدۇ؟ ئۇ يەرگە كىرىپ يېتىۋاتقانلار كىملەر؟رۇشەن مىھمانخانا ئۈچۈن خەشلىگەن شۇنچىۋالا پۇل نەدىن كەلدى؟بۇلار تېخى تورداشلىرىمىزغا مەلۇم بولمىغان سىرلار. 4{qB X? بىز بۇ سۇئالغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن گەپنى ئىككى يىل بۇرۇندىن باشلاشقا توغرى كېلىدۇ.رۇشەننىڭ بويى دادىسىنى تارتقىنى بىلەن چىرايى ئانىسىنى تارتىپ چىرايلىق قىز بولۇپ ئۆسكەن ئىدى.ئۇ ئەرگە تىگىپ چوكان بولغاندىن كېيىنمۇ بوي دىسە بويى بار،ئۇستىخان دىسە ئۇستىىخىنى بار،چىراي دىسە چىرايى بار.باشتا تەسۋىرلىگىنىمىزدەك بىر جۈپ قاپقارا ئۇزۇن چېچىمۇ تاپىنىغا چۈشۇپ تۇرىدىغان ھەر جەھەتتىن ئۆلچەمگە چۈشىدىغان‹‹ تولغان›› چوكان ئىدى.ئەگەر ئەتلەس كۆينەك كىيىپ،بېشىغا قىزلارنىڭ مارجان دوپپىسىنى كىيىپ مىللىچە كىيىنىپ كوچىدا ماڭىدىغان بولسا ھەقىقى تىپىك ئۇيغۇر قىزىنىڭ مودىلى، ۋەكىلى بولالايتتى.ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئەركەك ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يىتىلگىنىگە ئاپىرىن ئېيتىپ، ئىشىق سەۋداسىغا گىرىپتار بولۇپ مەجنۇنلارچە ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىشى مۈمكىن ئىدى.شۇ سەۋەپتىنمۇ رۇشەن يۇرتتىكى ۋاقتىدا ھەر يىلى ناھىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇزۇن چاچلىق ساھىپجاماللارنى تاللاش،ئاياللار كىيىم مودىللىرىنى تاللاش قاتارلىق گۈزەللىك مۇسابىقىلىرىدا چىمپىيۇنلۇق ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى.ئۇ بازارلاردا سودا قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىدىمۇ قانچىلىغان ئەرلەر ئاشىق بولۇپ ئارقىسىغا كىرىۋالغان،بىر قاراپ قويسا،بىر قېتىم ۋەسلىگە يەتكۈزۈپ قويسا، نىمە تەلەپ قىلسا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ يالۋۇرۇشقانلار بولغان ئىدى.لىكىن رۇشەن كۈلۈپ قويۇپ ئۇنداقلارنى ئانچە پىسەنتىگە ئېلىپ كەتمىگەن ئىدى. n
tP|\E رۇشەن قەشقەردىن دۇكىنىغا مال سېتىۋېلىىپ كىلىش سەپەرلىرى جەريانىدا قەشقەر ئودا ئالدى بازىرىدا ئاياللار كىيىم- كىچەكلىرى ۋە ھەر خىىل ئىسىل رەخىتلەرنى توپ تارقىتىدىغان 45ياشلار چامىسدىكى جامالىدىن ئىسىملىك بىر بايدىن مال ئېلىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ چۆپقەت بولۇپ قالدى.بەزىدە رۇشەننىڭ ئېلىپ كەلگەن پۇللىرى ئالغان ماللىرىنىڭ پۇللىرىغا چىقىشمىسىمۇ، باشقىلارغا بىر كوي پۇلنى كەتكۈزىۋېتىشكە چىدىمايدىغان بۇ خەسىس باي رۇشەنگە :‹‹سىلى بىز بولغاندىكىن پۇل دىگەننى تېپىشىۋالىمىز.خىجىل بولماي ئەكىتىۋەرسىلە!››دەپ نەچچە مىڭ يۈئەنلىك ماللارنىمۇ ئارتۇق بىرىپ يولغا سېلىپ قوياتتى.‹‹جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا›› دىگەندەك بۇ جامالىدىنمۇ رۇشەننى بىر كۆرۇپلا ئاشىق بولۇپ قالغان بولۇپ ‹‹ۋەسلىم كەتسىمۇ كەتسۇن بۇ جاناننى قولغا چۈشۈرمەي قويمايمەن!›› دىگەن قەتئى نىيەت بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ئىدى.يېرىم يىلچە مەرتلىك قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش،قىزغىن مۇئامىلە قىلىش،دۇكاندا ھەرقانچە ئالدىراش ئىشى بولسىمۇ رۇشەننى ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئىسىىل رېستۇرانلارنىڭ ئىسىلزادىلەر ئايرىمخانىسىغا باشلاپ ئايرىم مىھمان قىلىش...دىگەندەك قولىدىن كىلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاخىر رۇشەننى ئېرىتىپ قارماققا ئىلىندۇردى. رۇشەن ئەمدى مالغا كەلگەنلىرىدە بۇرۇنقىدەك مال ئېلىپ بولۇپلا ئالدىراپ قايتىپ كەتمەيدىغان.جامالىدىن بىلەن مىھمانخانىلاردا تۈنەپ بىللە قونۇپ قالىدىغان بولدى.ئۆيگە كىچىكىپ قايتسىمۇ سايىم بىرنىمە دىيەلمىگەچكە، بار- بارا مالغا كەلسە 2-3 كۈنلەپ،بەزىدە ھەپتىلەپ قونۇپ قالىدىغان، جامالىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل مېلىنى،رۇشەن ئۆزىنى ئايىماي جامالىدىننى خوش قىلىشقا تىرىشىدىغان بولدى.رۇشەن شۇ چاغدىلا بىلدى.ھازىر ھەرقايسى ناھىيە يېزىلاردا ئەر سودىگەرلەردىن ئايال سودىگەرلەر كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى مالغا كەلگەنلىرىدە ئۆزى مال ئالىدىغان چۆپقەتلىرى بىلەن،ياكى ئۆزلىرىدەك باشقا ئەر سودىگەرلەر بىلەن تونۇشۇپ مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالغان ئىدى.ئۇلار مىھمانخانىلارنىڭ قوش كىشىلىك ياتاقلىرىدا بىللە ياتاق ئېلىپ يېتىشىپ،كۆڭلى تارتقان ئويۇنلارنى ئويناپ كۆڭۈل ئېچىشىپ ئاندىن قايتىپ كىتىشەتتى.لىكىن مۇنداقلارنى ھەرقانداق مىھمانخانا قوبۇل قىلىۋەرمەيتتى.كۆپىنچىسىنىڭ تۈزىمى چىڭ بولۇپ توي خېتى يوقلارغا بىللە ياتاق كىسىپ بەرمەيتتى.شۇنىڭ بىلەن ئايرىم يانداش ياتاق ئېلىشىپ ئەل ئۇيقىغا كەتكەندە ياتىقىنى بىرلەشتۈرۈپ خۇپىيانە كۆڭۈل ئېچىشاتتى.بۇ خىل ئەھۋال قولايسىزلىقلار رۇشەننى بىر شەخسى مىھمانخانا ئېچىشقا قىزىقتۇرۇپ قويغان ئىدى.جامالىدىننىڭ نەچچە يۈز مىليۇن يۈئەنگە كۈچى يېتىدىغان بولۇپ،ئەگەر رۇشەن تەلەپ قىلسا بارلىق بىساتىنى ئاتاشقا تەييار ئىدى.ئۇلار بىللە بولۇش ئۈچۈن قولايلىق مىھمانخانا تېپىشالماي، تاپسىمۇ ياتاق ھەققىگە نەچچە يۈز يۈئەندىن پۇل خەشلەپ بەكمۇ جېنىغا تەككەن ئىدى.شۇڭا ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ بىر شەخسى مىھمانخانا ئاچماقچى،بۇ مىھمانخانىغا پۇلنى جامالىدىن چىقىرىپ خوجايىنلىقىنى رۇشەن قىلماقچى بولغان ئىدى. بىزگە تونۇش مەن باشتا تەسۋىرلىگەن مىھمانخانا مانا شۇنداق ۋۇجۇدقا چىققان ئىدى.بۇ مىھمانخانىنىڭ دائىملىق خېرىدارلىرى رۇشەنلەردەك سودىگەرلەر بىلەن غەيرى ئەر خوتۇنلار بولۇپ بۇنداقلار كۆپىيىپ كەتكەن بولغاچقا بۇرۇنراق ياتاق تىزىملىتىۋالمىسا ياتاقمۇ يىتىشمەي قالاتتى. V5D`eX
9 gq5qRi`q بۇ مىھمانخانا نامدا مىھمانخانا بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە پاھىشىخانىدىن پەرقى يوق ئىدى.رۇشەننىڭ چىرايلىق مۇلازىمەتچى قىزلىرىمۇ جىنسى سودا قىلىشتىن باش تارتمايدىغانلار بولۇپ،ئۇلار ياتاق ئېچىپ بېرىش، ياتاق تازىلاش،كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەييارلاپ بىرىشتىن سىرت، يالغۇز كىرىپ زېرىكىپ قالغان ئەر مىھمانلار پۇلىغا چىداپ بىشارەت بەرسە، ئۇلارغا قونۇشۇپ بىرىپ ئۆزلىرى ئۈچۈن ۋە مىھمانخانا ئۈچۈن قوشۇمچە تاپاۋەتمۇ قىلاتتى.جامالىدىنمۇ ھەر ئىككى ئۈچ كۈندە بىر كىرىپ رۇشەن بىلەن بىللە بولۇپ ئارمىنىغا يېتىۋېلىپ چىقىپ كىتەتتى... A7P`lJgv رۇشەن شۇ تەرىقىدە توپتوغرا ئىككى يىلدەك پۇل تاپتى.بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇ نۇرغۇن پۇل تېپىپلا قالماي تېخى بۇ مىھمانىانىن ئەسلى ئىگىىسىدىن سېتىۋېلىپ ھەقىقى زىمىندار خوجايىنغا ئايلاندى.لىكىن ئىشلار ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدىكەن.‹‹ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ›› دىگەندەك خوشاللىق بىلەن خاپىلىقمۇ نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىكەن. Iwpbf Z ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىنكى بىر كۈز كۈنلىرى شەھەردە ج خ ئورۇنلىرى جەمىيەت ئامانلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ‹‹يۈز كۈۈنلۈك تور››دەپ ئاتىلىدىغان ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى تور سېلىپ بېلىق تۇتقاندەك تۇتۇپ جازاسىنى بېرىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ھەركەتنى قانات يايدۇردى.بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قۇيرۇقىنى قىسىپ جىم يېتىۋالغان ھىلىگەرلەر توردىن كىيىن ئامان قالدى.لىكىن ‹‹گەندە يەپ ئۆگىنىپ قالغان قاغا خۇيىنى تاشلىيالماپتۇ››دىگەندەك ھەر كېچىسى چويلىدا پۇل سۈزگەندەك پۇل سۈزۈپ ئۆگىنىپ قالغان روشەن بۇ مەزگىلدىمۇ داۋاملىق پۇل تاپقىسى كىلىپ ھارام تىجارىتىنى توختىتىپ قويمىدى.بەلكى ئازراقلا مۇداپئىە تەدبىرى قوللۇنۇپ نورمال‹‹ سودا›› قىلىۋەردى. مەلۇم بىر كېچىسى يېرىم كېچىدىن كىيىن ئۇ ياتىقى ئىشىكىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلىشىدىن ئويغۇنۇپ كەتتى.نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي مەڭدەپ ئىشىكنى ئېچىپ چىقىپ چىكىسىگە تەڭلەنگەن تاپانچا بىلەن ھۇشىنى تاپتى.مىھمانخانىسىنى 30غا يېقىن قۇراللىق ساقچى قورشىۋالغان بولۇپ بىر تال چىۋىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغۇدەك ‹‹چىڭ تور سېلىنغان›› ئىدى. <3hA!$o~ ساقچىلار ياتاقمۇ ياتاق ئاختۇرۇپ قانۇنسىز بىللە ياتقان ساختا ‹‹ ئەر خوتۇن››لاردىن 24نى تۇتتى.ئاندىن مىھمانخانىنى پىچەتلەپ ‹‹تۇتۇلغان بېلىق››لارنى ئېلىپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ۋاقىتلىق يىغىۋېلىش ئورنىغا ئاپىرىپ سولاپ قويۇشتى. Ewo*yY> تۇتۇلغانلار سوراق قىلىنىپ ئەھۋال ئىگەللىنىپ گۇناھىنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىندى.بەزلىرىدىن جەرىمانە ئېلىنىپ تەربىيە بىرىلىپ قويۇۋېتىلدى.بەزى گۇناھى ئېغىرراقلىرى(يەنى قايتا- قايتا تۇتۇلغان،نەچچە قېتىم تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلىرىگە سوت ئېچىلىپ تىگىشلىك قاماق جازاسى بىرىلدى.رۇشەن تەشكىللىگۈچى جىنايەتچى سۈپىتىدە سوتلىنىپ جازاسى ئېغىرراق بولدى.ئۇ نەچچە يۈزمىڭ يۈئەن جەرىمانە تۆلىگەندىن سىرت سەككىز يىللىق قاماق جاازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، شەھەردىن 200كىلومىتىرچە يىراقلىقتىىكى جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ تۈرمىگە يۆتكەپ كىلىنىپ جازالاشقا تاپشۇرۇلدى.جامالىدىن ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش،مىليۇنلاپ پۇل كەتسىمۇ بىرىش ئۈچۈن ‹‹ئارقا ئىشىك››تىن يول مېڭىۋىدى.ئاقمىدى.بەزىدە ئادالەت نۇرىنى پۇلنىڭ قارا شولىسى توسىۋالالماي قالىدىغان ئىشلارمۇ بولاتتى. r-w2\ 2 ئەمەت خوراز ئارقا –ئارقىدىن ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلىپ قاتتىق ئازاپلىنىپ يۈرەك كىسىلى بولۇپ قالغان ۋە يۈرىكىمۇ ئاجىزلاپ قالغان ئىدى.ئاخىرقى ئۈمىدى ھېساپلانغان ،دۇنيادىكى ئەڭ ئامراق يەنە بىر ئادىمى يالغۇز قىزىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ يەنە يۈرەك سانجىغى تۇتۇپ ھوشىدىن كەتتى.دوختۇرلار ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشقان بولسىمۇ ئامال بولماي ئاخىرى ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ كەينىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. =z:U~D تۈگىدى. !k~z5z'=py
|
|