查看完整版本: [-- سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

凶蛇 2011-03-08 21:34

سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر

سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر،
كۆز ياشلىرىڭ سۆيگۈگە تالىق.
مۇڭلانمىسۇن دەردلىك يۇرىكىڭ،
ئۆتكۈزسەڭمۇ نۇرغۇن خاتالىق.

سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر،
ئاقسۇن ئۇمۇ ئەزىم دەريادەك.
ۋاپاسىزلار باغرىنى تىلغاپ ،
پۇرەكلىسۇن گۈلگۈن باھاردەك.

سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر،
ساداقەتتىن توشسۇن قەتىرلەر.
مۇشتاق بۇلۇپ ۋاپا سۆيگۈگە،
مىڭ ئازاپتىن پۈتسۈن سەتىرلەر. 

سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر،
ئۇ ئىرىتسۇن تاش يۇرەك دىلنى.
ۋىسال بىرلە تۈلەنگەن بەدەل ،
بىلسۇن مەڭگۈ ئۆلمەس مىھىرنى .

سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر،
ئۇ بەخىتنىڭ مارش سىگىنالى.
سۈيۈلۈشكە تەشنا لەۋلىرىڭ،
پاك روھىڭنىڭ ئاتەش زۇننارى.


سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر،
چىن مۇھەببەت ئۇندا مۇجەسسەم.
پۇشايمانغا قالدۇرما ئۇرۇن،
ياشاش ئۈچۈن بىرىپ زور قەسەم.


مەنبە:凶蛇


koksangun 2011-03-08 22:48
مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەر تەۋپىقنىڭ يەنە بىر يارقىن نۇقتىسى...قەلىمىڭىز ئۆتكۈر ، قەلبىڭىز بولاقلاردە ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن ، سىزگە تۆگىمەس سۆيگۈلەر يار بولسۇن ...

umityar 2011-03-08 23:34
بۇ لىرىكا خېلىلا چىن چىقىپتۇ ،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت بەرسۇن  

nazperwer 2011-03-09 09:40
سۈرتمەي تۇرسام يېشىمنى ئەگەر،
چىن سۆيگۈڭنى بېرەلەرسەنمۇ؟
مېھرىڭ بىلەن ۋىسال تاپقۇزۇپ،
سېغىنغاندا كېلەلەرسەنمۇ؟

tawpek 2011-03-09 23:08
سىغىنغاندا بارالمىسام گەر
بولاي قانداق پەرھاتتەك بىر ئەر
شىرىنجانلار باقامدۇ ئۇڭغا
سۆيگۈ ئۈچۈن تۆكەلمىسە تەر؟

nazperwer 2011-03-09 23:25
سۆيگۈ ئۈچۈن تۆكەلمىسە تەر،
چىن سۆيگۈگە لايىق بولماس ئەر .

tawpek 2011-03-09 23:31
كۈتكەن يۈرەك يىرىلاي دىدى
قىينىمىغىن پاك مىھرىڭنى بەر.

nazperwer 2011-03-09 23:53
سەۋى قىلغىن ئەي مېنىڭ ئەركەم ،
بېرەي ساڭا سابادىن خەۋەر .

tawpek 2011-03-10 00:00
ئىنتىزارمەن كۈتكىنىم كۈتكەن
ئىرادەمدىن باغلاندى كەمەر

nazperwer 2011-03-10 00:13
جۈپ يۈرەكتە بولغاچقا ۋاپا،
ئۇچۇرلاردىن يەتتى  خۇشخەۋەر .

凶蛇 2011-03-12 00:03
سۆيگۈ ئۈچۈن ئاشىقلار كەبى،
ئاداققىچە قۇچقايمەن زەپەر.

nazperwer 2014-04-18 16:56
ئىزدەپ بارسام ناۋادا سېنى،
چىن سۆيگۈ ھەم مېھرىڭنىمۇ بەر.

گۈلنىھال 2014-06-12 09:31
ئۆتۈپ كەتسەڭ تونۇماي ئەگەر ،
يۈركىمنى ھېجران - ئازاپ يەر ...

nadiraay 2014-06-13 18:59
سۈرتمەي  تۇرسام يېشىمنى  ئەگەر،
مېھرىڭ  بىلەن سۈرۈتەلەمسەن؟
ساڭا تەشنا ئاشىقنى جېنىم،
كۈلكەڭ بىلەن  كۈلدۈرەلەمسەن؟

tawpek 2014-06-13 21:11
كۈلكەڭ بىلەن  كۈلدۈرەلەمسەن؟
بۇ ھاقارەت قىلغىنىڭ ماڭا
زوخ شوخ بىلەن چىن كۈلەلەمسەن؟
سۇئال قايتىپ كەتتىغۇ ساڭا

nadiraay 2014-06-14 16:35
چىن سۆيگۈڭنى بەرسەڭ ناۋادا،
چىن كۈلكەمنى ساڭا ئاتارمەن.
مەڭگۈلۇككە ئەقىدە قىلىپ،
بىر سەن ئۈچۈن كۆيۈپ ئۆچەرمەن.


查看完整版本: [-- سۈرتمەي تۇرغىن يېشىڭنى دىلبەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled