ئاياللار بايرىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق
XIHN6aQ{X ff"wg\O4
101- قېتىملىق ئاياللار بايرىمى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەنگەن نۇتۇق ]A#lV$
rl*O-S
/ +eM${JyXH شۇنداق بىر ئىنسان كۈرمىڭ جاپا-مۇشەققەتتە يورۇق جاھانغا كۆز ئاچقۇزغان، بىزنى ئادىمىيلىك ئەخلاق-پەزىلەت ئۈگۈتلىرى بىلەن پەرۋىش ئەتكەن، ئۈستىمىزگە يېغىۋاتقان مىھىر يامغۇرى ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ۋە ئازاب كۆز ياشلىرىدۇر. ئەتراپىمىزنى يورىتىۋاتقان ئىللىق نۇرلار ئۇلارنىڭ چېھىرىدىن تاراۋاتىدۇ. كۈلكىمىز ئۇلارنىڭ قەدەم ئاۋازلىرىدىن ئەندىز ئېلىپ ياڭراۋاتىدۇ، يېقىندىن قەدەم ئاۋازى كېلىۋاتقان باھار ھېدى ئۇلارنىڭ قەدىمدىن ياڭراتقان كۈيلىرىنى سۆيۈپ كەلمەكتە. سەلكىن شامال زىمىستان قىشنى قوغلاپ گۈزەل يازغا زىمىن ھازىرلاۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەجرى ھاياتىمىزنى كۆكلەم گۈللىرىگە پۈركەۋاتىدۇ. بۇ قەدىرلىك ئىنساننىڭ نامىنى خىتاب قىلىپ قۇشلار ناۋا قىلىشماقتا. مەن يۇقارقى سۈپەتلەرنىڭ ھەقدارى بولغان پەرىشتە سۈپەت ئانىلىرىمىزنىڭ، خانىملىرىمىزنىڭ، ئەخلاق پەزىلەت بىلەن ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىنى بېزىگەن سەبىي قىزلىرىمىزنىڭ قۇتلۇق بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن. k*.]*]
U=on}W3V2 شۇنداق، ئۇلار تارىختىن بۇيان قاتمۇ-قات جاپالار،ھەرخىل تەنىقىت-ئەيىپلەشلەر،ناتوغرا سىقىپ چىقىرىلىشلار، ئۆز ئىقتىدارىدىن يۇقىرى تەلەپ ۋە رىقابەتلەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ بىر خىل قەيسەر روھىنى قۇچاقلاپ كەلدى.ئەسلىدىن ئاجىز تۇرۇپمۇ ئۇلار مىللەت ئەرلىرىنىڭ باغرىنى ئاۋۇندۇرۇپ مىھرى بىرىپ كەلدى.يۇكسەك ۋە شىرىن ئارزۇلارنى يادلاپ كەلدى.كەلگۇسىگە ئۇمىت بىلەن قاراپ كەلدى.ئۇلار قەدىرلەشكە،ھۇرمەتلەشكە سازاۋەر.ئۇلار باشقا ھەرقانداق مىللەت ئاياللىرىدەك خۇشال ۋە بەخت سەزگۈسىگە چۆمگەن ھالداياراملىق جەمىئەت ئەزالىرىنى تەربىيلەپ، قىلۋاتقان ئۈنتىنسىز خىزمىتى تىللاردا يادلىنىشقا ئەرزىيدۇ!!! qS!r<'F3dP fV(3RG تېخى ھېچقانداق مىللەت تارىخىدا سان ۋە ساپا جەھەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يېتەلىگۈدەك ئاياللار چىققان مىللەت يوق دىيەرلىك. بىز ئاماننىساخان، نۇزۇگۇم، يەتتە قىزلىرىم، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئانىسى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپچلىقىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى راھىلە خانىم، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان مائارىپىدىكى تۆھپىكار ئايال ئايخان ئانا، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل قاتارلىق ئاياللارنى يۈكسەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن تىلغا ئالىمىز. ئۈنسىز، نامسىز ئۆتكەن ئانىلىرىمىزغا ھۆرمەت ئىچىدە مەدھىيە ئوقۇيمىز. ])x1MmRg\ XC4Z ,,ah" مەشھۇر ئالىم، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر داموللا ئەزىزى(1862-1924) «نەسىھەتى ئامما» دىگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ: « كىچىك بالىلار نادان، ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدىكى چاغدا يامان ئىللەت ۋە بىلىمسىزلىككە گىرىپتار بولسا، كىچىكلىكىدە ئادەتلەنگەن ئۇ ئىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى جاپالىقتۇر .ئەگەر ئانىسى بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بولسا پەرزەنتىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىيە قىلار، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيتىىمىزگە زىيان يەتمەس. بۇنداق بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا كامالەتكە يەتمىكىمۇ ئاسان بولىدۇ». z`y9<+ TBh
M^\z ئابدۇقادىر داموللا شۇ سەۋەپتىن ئاياللارنى ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك تەربىيەلەش كىرەكلىكنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارغا بىر قىزنىڭ ئانا بولۇپ بالىلارنىڭ دەسلەپكى ئۇستازى بولىدىغانلىقى، ئاياللارنىڭ ساپاسىنىڭ بىۋاستە ھالدا جەمىيەتنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى دەپ ئۆتكەن. 73WSW/^F _`$LdqgE بىز مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان چاغدا بىر يىرىم مىلىيوندىن كۆپ ئۇيغۇر خانىم –قىز ئىشقا ئورۇنلىشىش،تۆۋەن كىرىملىك ئىغىر ئەمگەك جاپاسنى تارتىۋاتىدۇ.2يىرىم مىلىيوندىن كۆپ ئۇيغۇر ئانا سەھرالاردا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش جاپالىق تىرىشپمۇ يەنە باي بولالمايۋاتىدۇ.3 مىلىيوندىن كۆپ خانىم-قىزلار ئىغىر سالامەتلىك مەسلىسگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىچىدە يىرىمدىن كۆپ ئۇيغۇر قىزلىرى ئالى مائارىپتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتىدۇ. MfTLa)Rz fGgt[f[ ئالدىمدا ئەشۇ كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدلىرى بولغان، ئابدۇقادىر داموللام دەپ ئېيتىقان مائارىپتىن تەربىيلىنىش پۇرستىگە ئىگە بولغان، ئالىي غايىلەرنى قەلىبىگە پۈكۈپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇنچاق-مۇنچاق تەرلىرى بەدىلىگە ئوقۇۋاتقان قىزلار ئولتۇرۇپتۇ. مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئولتۇرۇپتۇ. ئاتىلارنىڭ ئىپتىخارى، ئانىلارنىڭ پەخرى ئولتۇرۇپتۇ. ئەدەب-ئەخلاق ئۆزىگە قالقان، ئەقىل-پاراسەتنى قۇرال قىلغان غۇنچىلار ئولتۇرۇپتۇ. قىز ساۋاقداشلار، سىلەر نەچچە مىليون سلەرگە ئوخشاش قىزلارنىڭ يېرىمى ئېرىشەلمىگەن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىڭلار، خىرىس ۋە پۇرسەت بىلەن تولغان جەڭگاھقا ئات سالدىڭلار، مىللىتىمىزنىڭ ئۈمۈدى سىلەردە، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسى سىلەردە. ئەخلاق-پەزىلەتنى ھەمرا قىلغان ھالدا، گۈزەل كەلگۈسى نىشانىڭلارغا يېتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن. X
@nBj;
|