查看完整版本: [-- 9.قوش مەسچىت (1-سائەتلىك تەييارلىق) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 9.قوش مەسچىت (1-سائەتلىك تەييارلىق) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2011-03-07 20:28

9.قوش مەسچىت (1-سائەتلىك تەييارلىق)

[]9.قوش مەسچىت
مۇھەممەتئەلى زۇنۇن
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ئاپتور بىلەن تونوشۇش، چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، ھېكايىدىكى ئاساسىي ۋەقە، «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىىشىدىكى سەۋەب.
2›ئۇسۇل ۋە جەريان- تېكىست ئاساسىدا مەسىلە ھەل قىلىشقا يېتەكلەش.
3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- بىرلىك، ئىتىپاقلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشكە، ئىتىپاقلىقنى قوغداشقا ئۈندەش.
مۇھىم نۇقتا: چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، ھېكايىدىكى ئاساسىي ۋەقە، «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىىشىدىكى سەۋەب.
قىيىن نۇقتا: چۈشۈنىكسىز سۆزلەر، «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىىشىدىكى سەۋەب.
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاپتورنىڭ سۈرىتى.
ئۇسۇل: ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىش ۋە قوزغۇتۇش، بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
سىلەر مەسچىتنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
1›بۇ تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
تېكىستنىڭ ژانېرى ھېكايە. ئاپتورى مۇھەممەتئەلى زۇنۇن.
مۇھەممەتئەلى زۇنۇن 1939-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان.يازغۇچى، شائىر ۋە دراماتورگ. ئۇنىڭ «گۈلمېھرى» ناملىق داستانى، «ۋىسال سەھىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «كارۋان ناخشىسى» ناملىق ناخشا تېكىستلىرى توپلىمى، «قوش مەسچىت» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «جەنۇبتىكى جەڭ مارشى» ناملىق دىراما توپلىمى نەشر قىلىنغان.
2› تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ ھەم ئۆزىڭىز چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
ھەپىسىگە ئېلىش- تۇتقۇن قىلىش، قەتلى قىلىش- ئۆلتۈرۈش، مەزلۇم- ئايال(بالىلىق بوپبولغان ئايال)، دۇئا گۇي- دۇئا-تىلاۋەت قىلغۇچى، خۇشپېئىل- خۇشخۇي، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان، راۋا كۆرمەك- مۇۋاپىق كۆرمەك، كۆز تېگىش- پىشكەللىككە ئۇچىراش، بالا-قازاغا ئۇچىراش، ھەقەمسايە- دوست-بۇرادىرى، ئەل-ئاغىنىسى.
بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز ياكى نائېنىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.
3› ھېكايىدە قايسى ئىش بايان قىلىنغان؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئاساسىدا، ھېكايىدە، مەلۇم بىر يۇرتقا جايلاشقان «ئاي كوچا»دىكى ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىدىكى تۆر تالىشىشتىن ئىبارەت ناچار ئىللەت سەۋەبىدىن، ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك قوزغالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىك تالىشىپ، بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىكى، بۇنىڭدىن پايدىلانغان ياڭ زىڭشىننىڭ ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشى نەتىجىسىدە، «ئاي كوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەم بۇنىڭ شۇ جايدىكى كىشىلەرگە ئېغىر-بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
4› سىلەرچە ھېكايىدىكى ئاچا-سىڭىل ئاكا-ئۇكىغا ئالمىشىپ نىكاھلانمىغان بولسا «ئايكوچا» يەنىلا «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قالامتى؟ «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب نېمە؟
ئوقۇتقۇچى مەسىلى قويىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تېكىست ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمى ئاساسىدا، ھېكايىدىكى ئاچا-سىڭىلنىڭ ئاكا-ئۇكىغا ئالمىشىپ نىكاھلىنىشىنىڭ «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئەمەسلىكىنى، ئاچا-سىڭىل ئاكا-ئۇكىغا ئالمىشىپ نىكاھلانغان تەقدىردىمۇ تۆر تالىشىپ، ئاكا-ئۇكىلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت تېرىمىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ياڭ زىڭشىنغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمىگەن بولسا «ئايكوچا» «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى؛ «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، ئاياللارنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن تۆر تالىشىشتىن ئىبارەت ناچار پىسخىك كېسەللىك ۋە ئەرلەردىكى دەرىجە-ئەمەل تالىشىش كېسەللىكى ھەم ياڭ زېڭشىنغا ئوخشاش ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ باشقا مىللەتلەرنى پارچىلاپ يوقۇتۇش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
«مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
9.قوش مەسچىت
1› ئاپتور بىلەن تونوشۇش.          2› چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش.
3› ھېكايىدىكى ئاساسىي ۋەقە.      4› «ئايكوچا»نىڭ «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىىشىدىكى سەۋەب.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:



دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:

دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت:  201-يىل  -ئاينىڭ   -كۈنى.


مەنبە؛ مۇنبىرىمىز ئەزاسى ئاتتىلا تەييارلىغان.




تەشنا005 2013-12-03 12:47
پايدئلانسام بذلامدذ؟

amarjan 2014-01-08 19:02
رەھمەت  سىزگە

گۈلنىھال 2014-01-09 11:24
ئىنكاس يازدىم .

بابۇر0725 2014-02-14 18:50
پايدىلىنىشقا بولارمۇ ؟

كۆك 2014-02-21 18:24
رەھمەت  سىزگە

كۆك 2014-02-21 18:25
رەھمەت  سىزگە

ئابىدە5 2014-03-10 17:56
[بۇ سائەتىك دەرس تەييارىقىنى كۆرۈپ باقسام بامدۇ

ئابلىتىپ 2014-03-10 19:24
رەھمەت , داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

koyax519 2014-03-12 16:17
مەنمۇ ئىنكاس يىزىپ ھارمىدىم

koyax519 2014-03-12 16:19
ئىچىلمىدىعۇ بۇ قوش مەسچىت

123456789987654 2014-03-13 19:08
سىزلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت

123456789987654 2014-03-13 19:09
ئېچىلمايدىغان نېمەڭگە ئادەمنى شۇنداقمۇ ئاۋارە قىلدىڭ!!!

ئىنسان 2014-03-13 23:04
man bak ihtiyajlih

رۇقىيە 2014-03-13 23:19
-ىنكاس كەتتى -ەمسە

رۇقىيە 2014-03-13 23:20
مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدا سوزۇق تاۋۇشنىڭ بىشى چىقماس بولۇپ قالدى دېسە، توۋا.

adina 2014-03-14 12:52
1- ساظەتلئك دەرئس تەييارلئقئنئ ككرذپ باقاي دئگەن

زەيتۇنەم 2014-03-16 23:01
كۆرۇپ پايدىلىنىش

زەيتۇنەم 2014-03-16 23:06
رەھمەت سىزگە

يىلپىز 2014-03-16 23:28
كۈرۈپ ئاندىن يازمامدۇ ئىنكاسنى.

رەھىمە 2014-03-17 00:24
مەن بىر ك
كرۈپ باقاي دېگەن

ئارمان5357 2014-03-17 01:57
بۇ دەرسلىك دىتالى ياخشى تۈزۈلۈپتۇ  غەيىرەت قىلايلى!!!بىرلىكتە تىرىشايلى!!!!!!!!!!!!

بىلىكيار 2014-03-20 10:45
9-يىللىقنىڭ دەرىسلىرىنى كۆرۇپ پايدىلانغىلى بولىدىكەن ،7-ۋە 8- يىللىقلارنىڭكىنى نىمىشقا كۆرگىلى بولمايدىغاندۇ؟ مەن بەك ئېھتىياجلىق ئىدىم .

ئاققۇ 2014-03-20 12:00
ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت! بۇ بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن تولىمى ياخشى بۇلۇپتۇ.

نەزەر 2014-03-20 18:35
قانداق ئىنكاس لازىم؟

مۇتەل 2014-03-21 23:28
ھەي مۇشۇ «كۆرمەي تۇرۇپ  ئىنكاس يازىدىغان ، يىمەي تۇرۇپ پۇلىسىنى تۈلەيدىغان ئىش » ئادەمنى بىزار قىلىدۇ .

خۇماكۆز 2014-05-12 15:39
بەك كۆرگۈم كەلدى

زەردار 2014-05-13 04:53
زورلاپ يازىمىزمۇ ئەمدى

مۇنەۋۋەر 2014-05-22 22:12
ياخشى بوپتۇ، رەھمەت . ھەقىقەتەن ياخشى لايىھە بوپتۇ

نۇر050428 2014-05-28 22:34
ياخشى ماتىريال ئىدى، ماڭا لازىم بوپقالدى

باھادىر 2014-06-03 18:18
كۆك:رەھمەت  سىزگە  (2014-02-21 18:24) 

مەنمۇ پايدىلانسام بۇلاتتى

تۇمشۇق 2014-07-17 14:22
رەھمەت , داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.


查看完整版本: [-- 9.قوش مەسچىت (1-سائەتلىك تەييارلىق) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled