查看完整版本: [-- <<ئىگە>>نىڭ دەرس تەييارلىقى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس تەييارلىقلىرى -> <<ئىگە>>نىڭ دەرس تەييارلىقى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kabiljan 2011-03-06 23:55

<<ئىگە>>نىڭ دەرس تەييارلىقى

•    تىل-ئەدەبىيات دەرس تەييارلىقى ]jL`*tI\S  
بۇ دەرستە ئۇقۇغۇچىلارغا قارتا جۈملە بۆلەكلىرى توغرىسدا چۇشەنچە بىرىلىدۇ. ^7l^ /GSO  
دەرىس تېمىسى: جۈملىنىڭ باش بۆلەكلىرى ? m$7)@p  
1-ئىگە _4VS.~}/R  
دوسكا لاھىيەسى: 8v)PDO~D}A  
جۈملىنىڭ كىم ياكى نىمە توغرىسىدا ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان باش بۆلىكى –ئىگە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: قاسىم مەكتەپكە كەلدى.  گۈل ئېچىلدى.  يىغىن ئېچىلدى.(بۇ ئىگىسىز جۈملە) LFx*_3a  
دەرس نىشانى: ' h6Vj6  
1-    مۇھىم نوقتا:1) جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ تۈزۇلۈش شەكلىنى بىلىش.2) جۈملىنىڭ باش بۆلەكلىرىنى تونىۋېلىش.3)ئىگە توغرىسىدىكى نەزىريەۋى بىلىمنى بىلىش. kP6g0,\|a|  
2-    قىيىن نوقتا:1) مۇرەككەپ ئىگىلەرنى پەرىقلەندۈرۈش.2) تەڭداش ئىگىلىك جۈملىلەر.3)ئىگىسىز جۈملىلەرنى پەرىقلەندۈرۈش. X!"ltNd  
3-    قابىلىيەت نىشانى:1) باش بۆلەكلەرنى بىلىۋېلىش.2)ئىگىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىش. Bz9!a k~4  
3)ئىگىلىك جۈملە تۈزەلەيدىغان بولۇش.4)ئىگىسىز جۈملە تۈزەلەيدىغان بولۇش. %@kmuz??  
4-ھىسسىيات تەربىيەسى:دەرىسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىسىڭىز ھەممىنى بىلەلەيسىز.دىققەتسىزلىك ۋاققىتقا قىلىنغان خىيانەت. ArbfA~jXB  
•     پايدىلىنىش ماتېريالى:1) دەرىسلىك كىتاپ.2)‹‹ئۇيغۇر تىلى›› كىتاپنىڭ سىنتاكسىس قىسمى.3) مىرئادىل مەخەت يازغان ئىگە ھەققىدىكى پايدىلىنىش ماقالىسى. D$I7 Gz,w{  
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:1)لىكسىيە ئۇسۇلى.2)سۇئال جاۋاپ ئۇسۇلى oh:g  
3)مەشىق ئۇسۇلى. ) (_}60  
باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى: ئوقۇغۇچىلارغا دوسكا لاھىيەسىدىكى ئۈچ خىل جۈملىنىڭ ئىگىسىنى تېپىشمەشقى قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ. f,k'gM{K  
ئوقۇتۇش جەريانى: (@p E  
دەرسلىك كىتابتا«ئىگە» توغرىسدا توختالغاندا،«ئىگە»ئاتالغۇسغاتەبىر بەرگەن، ھەمدە‹‹ئىگە››ۋەزىپىسنى ئۆتەيدىغان سۆزلەرنى چۈشەندۈرگەن. بۇ دەرسىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەندە بىر سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىگىنى ئاددى ئىگە، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىگىنى مۇرەككەپ ئىگە دەيمىز دەپ سۆزلەيمىز.مەسىلەن: uv/I`[@HK8  
     ئادەمگە ئەقىل كىرەك، پاتقاققا شېغىل كىرەك. u-qg9qXJb  
يۇقارقى جۈملىدىكى « ئەقىل» ، « شېغىل » دېگەن سۆزلەر ئاددى ئىگە بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سۆزلەر بىرلا سۆزدىن تۈزۈلگەن. %r=uS.+hrF  
    مىسال: ۋەتەننى قوغداش –ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيتى " 2Dz5L1v  
يۇقارقى جۈملىدە‹‹ۋەتەننى قوغداش››دىگەن سۆز بىرىكمسى مۇرەككەپ  ئىگە ۋەزپىسنى ئۆتىگەن. {Uz@`QO3  
    ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاددى ئىگىگەبولغان تۇنۇشى مۇكەممەل بولسىمۇ،لىكىن مۇرەككەپ ئگىگە بولغان تۇنۇشى تازا يئتەرلئك ئەمەس.بەزى ئۇقۇغۇچىلاريذقارقئ جذملئدئكئ«ۋەتەننى قوغداش»دىگەن مۇرەككەپ ئىگىنى مۇرەككەپ ئىگە دەپ ئايرىماستىن «قوغداش » ئسمداش، چۇنكى ئسمداشلارئىگە ۋەزپىسنى  ئۆتەيدۇ، ‹‹ۋەتەننى ››دىگەن سۆزدە چۇشۇم كىلش قۇشۇمچىسى «نى» قۇشۇلغان، بۇ تولدۇرغۇچىنىڭ گرامماتىكىلىق بەلگسى بولىدۇ ،شۇڭا‹‹ۋەتەننى›› ئىگە دىمەستىن تولدۇرغىچىنىڭ ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن دەپ ئايرىساق توغرا بۇلىدۇ دەپ قارايدئغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ . #5wOgOv  
مەن تۆۋەندە «مۇرەككەپ ئىگە» نىڭ تۈزۈلۈش شەكىللىرىنى شەرھىلەپ ئۆتمەكچىمەن . ,^pM]+NF|  
ئىگىلىك كىلىش قۇشۇمچىسى «نىڭ»يۇشۇرۇنغان سۆزبىلەن تەۋەلىك قۇشۇمچىسى ئۇلانغان سۆزلەر بىرىكىپ مۇرەككەپ ئىگە بولىدۇ jr bEJ.  
    مسال: كورلا نەشپۈتى دۇنياغا داڭلىق. 0&mo1 k_U  
    مەكتەپ مۇدىرى يىغىندا سۆزلىدى. Nwr.mtvh  
2.  چۇشۇم كىلىش قۇشۇمچسى بىلەن تۇرلەنگەن ھەم يۇشۇرۇن كەلگەن سۆزلەرسۇپەتداش، رەۋىشداش ياكى ھەركەتناملاربىلەن بىرىكىپ مۇرەككەپ ئىگە ھاسل بۇلىدۇ. ,24NMv7  
     مىسال:ئاشلىقنى قەدىرلەش-ھەربىر كىشنىڭ مەسئۇليىتى. }__g\?Y f  
             تاماكا چىكىش –سالامەتلىككە زىيانلىق. KE1S5Mck>  
3.ئىسىم ياكى كىشىلىك ئالماش بىلەن تەۋەلىك سان قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سانلار ياكى ئۆملۈك سانلار بىلەن بىرىكىپ،مۇرەككەپ ئىگە ھاسىل بولىدۇ. 7}OzTup  
    مىسال:قادىر ئىككىمىز تىكىسىت يادلايمىز. sOg@9-_Uh  
          سىلەر ئۈچىڭلار مەيداننى سۈپۈرۈڭلار. L+LxS|S+M  
4.مۇرەككەپ سانلار جۈملىدە مۇرەككەپ ئىگە بولالايدۇ. X0 O0Y>"  
     مىسال:ئىككى سەككىز-ئون ئالتە بولىدۇ.  *Dtwr  
              يىگىرمەبىر نەچچىگە پۈتۈن بۆلىنىدۇ؟ F(>']D9$.  
5.كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئىسىم-ئاتىسى بىلەن ۋەزىپىسى ياكى يۇرتى،نامى،تەخەللۇسى ياكى لەقەملىرى بىرىكىپ مۇرەككەپ ئىگە ھاسىل بولىدۇ. #qXE[%  
     مىسال:مەخمۇتجان مۇئەللىم ئاغرىپ قاپتۇ. |7n&I`#  
             مەھمۇدقەشقىرى 11-ئەسىردە ئۆتكەن تىلشۇناس ئالىمدۇر. Nr=ud QA{  
6.كىشىلىك ئالماش بىلەن ئۆملۈك ئالماش بىرىكىپ،مۇرەككەپ ئىگە ھاسىل بولىدۇ. }dw`[{cm  
     مىسال:ئۇلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتتى. 5%"${ywI  
              بىز ھەممەيلەن بىر سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. jK/2n}q&]  
7.باش كىلىشتە كەلگەن تەڭداش بۆلەكلەر مۇرەككەپ ئىگە بولۇپ كىلىدۇ. 8*kZ.-T B  
          مىسال:گۈلنار بىلەن ئايشەم ‹‹3تە ياخشى ئوقۇغۇچى››بولۇپ مۇكاپاتلاندى. TU$PAwn=  
                  سەن ۋە مەن بۈگۈن ناھىيىگە بېرىپ كىتاب ئەكىلىمىز. ,Q4U<`ds!  
8.تىلىمىزدىكى بىر قىسىم تۇراقلىق تەركىبلەر مۇرەككەپ ئىگە بولالايدۇ. PxzeN6f  
      مىسال:‹‹ تارىم غۇنچىلىرى››بىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىمىز. P7QOlTQI  
              قەشقەر گىزىتى ھەر كۈنى يېڭى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. fpf1^ TZ  
     دىمەك،يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا مۇرەككەپ ئىگە ھاسىل بولىدۇ.   ئەگەر  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا يۇقارقى ئەھۋاللار ئېنىق  بولمىسا، مۇرەككەپ ئىگىنى پەرق ئىتەلمەي ئاددى ئىگە دەپ ئايرىپ قويىدىغان ظەەؤاللار يۈز بىرىدۇ. يەنى يۇقارقى مىساللاردىن تۆۋەندىكى خولاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز. B 3|zR  
‹1›مۇرەككەپ ئىگە بولۇپ كەلگەن سۆزلەر تۇراقلىق بىرىكمە ياكى سىنتاكىسسلىق بىرىكمە بولۇشى كېرەك. wVkms  
‹2›جۈملىنىڭ خەۋىرى ئايرىم سۆز بىلەن ئەمەس،شۇ بىرىكمە بىلەن باغلانغان بولۇشى كېرەك. _' 
‹3›مۇرەككەپ ئىگە بىرىلگەن سۇئالغا بىر تۇتاش جاۋاپ بولۇشى كېرەك. {dvrj 
   دىمەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشەنچىسىدە يۇقارقى مۇرەككەپ ئىگە توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەر ئېنىق بولسا،ئوقۇغۇچىلار جۈملىلەردىكى مۇرەككەپ ئىگىنى توغرا ئايرىپ چىقالايدۇ =o\ :@I[  
تاپشۇرۇق: تەڭداش ئىگىلىك جۈملىدىن بەشنى،ئاددى ئىگىلىك جۈملىدىن بەشنى  تۈزۈپ كىلىڭلار. yveyAsN`B  
دەرىستىن كىيىنكى قايتا ئويلۇنۇش: pcXY6[#N  
uA=6 HpDB  
ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ تەستىقى: g`)3m,\  

tawpek 2011-03-07 19:46
رەھمەت قابىلجان. /:"%m:-P  
U#G u B&V  
بەك ياخشى يوللاپسىز، ئۇيغۇر تىلىمىز بويون قىسىپ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللىرىمىزنىڭ ئاۋۇشى ئادەمنى ھەقىقەتەن سۆيۆندۈرىدۇ. a1ZGMQq!  
X^%I 3  
ھىلىقى ھىكايىللىرىڭىزنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغۇ.

gulhan 2012-02-06 22:16
ناھايىتى ياخشى ماتىريالنى يوللاپسىز.ئەجرىڭىزگە رەخمەت. WP32t@  
مەنمۇ تۇلۇقسىز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شوغۇللانغان شۇنچە يىلدىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىنى تىپىشىدىكى ئەڭ ئاددىي 9^0 'VRG  
ئۇسولنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم.سىزنىڭ ئۇسولىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرسەم تىخىمۇ مۇكەممەل بولغۇدەك...

tawpek 2012-02-06 22:23
ئاشۇ ئۇسۇللارنى بىزەىمۇ سۇنىۋىتەرسىز گۈلخان.


查看完整版本: [-- <<ئىگە>>نىڭ دەرس تەييارلىقى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled