ozqan |
2011-03-06 23:26 |
ئىمىن تۇرسۇنغا ئوقۇلغان تەزىيە نۇتقى
4>x$I9^Y! مەرھۇم ھاجى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ھاياتى QN4{xf:}S ئاتاغلىق شائىر ، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ، تىل-ئەدەبىيات ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق 6-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتنىڭ ئەزاسى مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 87يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى . Y ~TR`y
مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئەر ، ئۇيغۇر ، ئۈرۈمچىدىن ، 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان . 1941-يىلى 8-ئايدىن 1945-يىلىغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ، ئۈرۈمچى 6-مەكتەپ ، 7-مەكتەپ ، 4-مەركىزىي مەكتەپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن قاتارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ؛ 1944-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەركىزىي تەلىم ئۆمىكى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ 4-قارارلىق مەدەنىيەت -مائارىپ سىنىپىدا ئوقۇغان ، بۇ مەزگىلدە بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش مەركىزىي ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۆمەكنىڭ بەدئىي يېتەكچىسى ۋە ئۆمەك سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن ؛ 1946-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كىرىيە ناھىيسىگە مۇاۋىن ھاكىم بولغان ؛ 1948-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن .1950-يىلى 1-ئايدا سابىق ئۆلكىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتىتىنىڭ تەھرىر -تەرجىمە باشقارمىسىغا يۆتكەلگەن . 1951-يىلى 3-ئايدىن 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدا مۇھەررىر ، ئۇيغۇر تەرجىمە بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ، ئىشخانا مۇدىرى ، تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ، مۇئاۋىن نەشىريات باشلىقى ، قوشۇمچە لۇغەت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشىرياتچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان . بۇ ئارىدا 1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە سابىق تىل-يېزىق تەتقىقات كومىتىتىغا ئالمىشىپ ، تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 1983-يىلى 5-ئايدىن 1991-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە 1991-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم تەشكىلات بۆلۈمنىڭ تەستىقى بىلەن مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىر تەمىناتىدىن بەھرىمان بولۇپ شەرەپ بىلەن پىنسىيەگە چىققان . lEZODc+%Y كىچىكىدىنلا ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئىزدىنىشنى ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرغان ، ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بوشاشماي ئۆگىنىپ ، تىرىشىپ ئىزدىنىپ ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ، خەنزۇ تىلى ، ئەرەپ تىلى ، پارس تىلى ،روس تىلى ۋە تۈرۈك تىلى ، جۈملىدىن قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بىلەن چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا ئىگىلەپ ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ۋە ئەدەبىي ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان . كېيىنكى خىزمەت ۋەتۇرمۇشلىرىدىمۇ ئىلمىي تەتقىقات ، يېزىقچىلىق ، تەرجىمانلىق ، تەھرىرلىك ئىشلىرىغا بولغان ئىشتىياقى ۋە ئىزدىنىشنى توختاتمىغان . @AB}r1E2 مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ داۋاملىق ئىزدەندى ۋە مول نەتىجىلەرنى ياراتتى . كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن زەلىلى ھەققىدە «زەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى » تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ ، زەلىلىنى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇردى . تىل-يېزىق ساھەسىدىكى ئىزدىنىشىنى توختاتماي « خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت» نى تولۇقلاپ ئىشلىدى . 80-يىللاردىن كېيىن « دىۋانى لۇغەت تۈرۈك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى تەييارلاشتىكى تەشكىللەش ۋە تەرجىمە قىلىش ، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقان ھەمدە ئەسەرنىڭ « كىرىش سۆز»ىنى يېزىپ ، بۇ ئەسەرگە ئەتراپلىق باھا بەرگەن . كلاسسىك ئەسەرلەردىن « زەلىلى دىۋانى» ، «تارىخ تەبەرى » ، « دىۋانى ھېكمەت » قاتارلىقلارنى نەشىرگە تەييارلىغان . :P2{^0$ مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىك ، نەشىرياتچىلىق ساھەلىرىدىكى ئەمگەكلىرىمۇ زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ « يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق » ، « قىزىل بايراق شەجەرىسى » ( 3قىسىملىق رومان ) ، « قىزىل قۇياش » ، « قىزىل راۋاقتىكى چۈش » ، « غەرپكە ساياھەت » ، « بېيجىڭ مايمۇنسىمان ئادىمى » ، « جۇڭگو ئومومىي تارىخى » نىڭ 2-قىسىم 1-كىتابى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىدىنتەرجىمە قىلغان ياكى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان . « جامىئۇل ھىكايەت » ، « كەلىلە ۋە دەمىنە » ، « مىڭ بىر كېچە » گە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن ۋە كۆپلىگەن كىرىش سۆزلەرنى يازغان . مەرھۇم نەشىرياتچىلىقتىكى ئىقتىدارى ۋە مول كەسپىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە ئالىي مۇھەررىر كەسپىي ئۇنۋانىغا ئەڭ دەسلەپ مۇيەسسەر بولۇپ ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىنى تەشكىللەپ ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشىرياتچىلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان . _p^?_ ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا مەكتەپ گېزىتى ، تام گېزىتىگە شېئىر يېزىشقا باشلىغان . مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 40-يىللاردا خېلى راۋاجلانغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتىنىڭ غوللۇق ۋەكىلى ۋە تۆھپىكارى ئىدى . ئازاتلىقتىن كې o+],L_Ab يىن مەتبۇئاتچىلىق خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سابىق «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى » ( ھازىرقى « تارىم » ) ژورنىلىنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قوشۇنىنى شەكىللەندۈدرۈشكە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان . نام-مەنپەئەت قوغلاشماي ، تىل-ئەدەبىيات ، تەرجىمە ، تارىخ ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەلىرىدە خالىسانە ئىشلىگەن . مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى تىل-ئەدەبىيات ، تەرجىمە تارىخ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە كىشى بولۇپ ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان مەزگىلدە نىزام چىقىرىش ، نازارەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ ، مىللىي مەدىنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈپ ياش بىر ئەۋلات ۋارىسلارنى تەربىيىلەش ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى . خەلق ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ. Ub,5~I+` مەرھۇم خاتىرجەم يېتىڭ . <)68ol~< شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى (DIMt-wz +=Y[RCXT 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى [PIh^DhK |
|