查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

layli 2010-08-28 18:09

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر


  

    يۇتقۇنچاق ئاسرايدىغان يېمەكلىكلەر: بۇنىڭدا ئىسسىقنى قايتۇرۇپ زەھەر تازىلايدىغان كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. مەسىلەن: كاۋا، ئاغىچە، كەرەپشە، نېلۇپەر، ئاق نەشپۈت، قارا ئۆرۈك، نېلۇپەر پورى قاتارلىقلار.
توزانغا قارشى يېمەكلىكلەر: سەۋزە، بېھى، كاۋا، لەنخۇا گۈلى، پالەك، توغاچ، ئۆرۈك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. بۇ يېمەكلىكلەردە كاروتىننىڭ ئوكسىدلىنىشىغا قارشى خۇرۇچ بولۇپ، چاڭ–توزانلىق ئۆپكە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا چاڭ –توزان ھەيدەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، مەسىلەن: قارا مور قاتارلىقلار.
مېڭىگىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر: ئوقۇتقۇچىلار تەركىبىدە فوسفانىد بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرسە چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەرىكەت فونكسىيىسىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. تەركىبىدىكى فوسفانىد بار يېمەكلىكلەردىن ئاساسلىقى تۇخۇم سېرىقى، دادۇر، سەۋزە، بېلىق، گۆش قاتارلىقلار بار.
چارچاشنى پەسەيتىدىغان يېمەكلىكلەر: ئوقۇتقۇچىلار ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ دەرس سۆزلىگەچكە، دوۋسىنى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. چوڭ چىلان ، مۇراببا قاتارلىقلارمۇ ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.


ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى

tawpek 2010-08-29 03:27
بۇ بەك ياخشى تىما بوپتۇ، قايسى ئالامەت كۆرۆلسە شۇنىڭ دورىسىنى قىلىپ ماڭساق بولىدىكەن دىسە.

layli 2010-08-29 15:51
引用第1楼tawpek于2010-08-29 03:27发表的  :بۇ بەك ياخشى تىما بوپتۇ، قايسى ئالامەت كۆرۆلسە شۇنىڭ دورىسىنى قىلىپ ماڭساق بولىدىكەن دىسە.

رەھمىتىڭىز يوقما ئەمىسە

arzu 2010-08-29 17:50
ھەقىقەتەن بىز بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەر ئىكەن، رەھمەت لەيلى!

gulbar 2010-08-30 00:02
ئوقۇتقۇچىلارغا  بىلمىسۇن يات كەسىپتىكىلەر ئۇچۇنمۇ قالدۇرۇپ قويمامسىلەر ئەمدى .

tawpek 2011-07-14 15:12
بىزنىڭ كانايدىن باشقا كەسپى كىسەللىك ئەھۋالىمىز يوقما؟

mikray 2011-07-18 22:17
مەنمۇ بىلىۋالدىم، رەھمەت سىزگە. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز.

tawpek 2011-07-19 20:27
مىھراينىڭ قەدەملىرىگە مۇبارەك.

ئەكبەرنىياز 2012-12-09 04:12
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بىلىمكەن ، قايسى خىل ئالامەت يۈز بەرسە شۇ خىل يېمەكلىككە مۇراجىئەت قىلساق بولغىدەك . تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

قاراخان 2014-02-24 22:36
بۇ يىمەكلىكلەر ئوقۇتقۇچىلاردىن باشقىلارغىمۇ مەنپەئەت قىلىدىغۇ دەيمەن.

مامۇتجان 2014-04-24 15:54
ئەجرىڭىزگە رەھمەت بىز ئوقۇتقۇچىلارغا پايدىلىق ماترىيال يوللاپ قويۇپىسىز سىزگە كۆپ رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled