查看完整版本: [-- نەۋائىينىڭ  تەسىرلىك مۇھەببەت  سەرگۈزەشتـىس. --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> نەۋائىينىڭ  تەسىرلىك مۇھەببەت  سەرگۈزەشتـىس. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xadhumar 2011-03-03 22:22

نەۋائىينىڭ  تەسىرلىك مۇھەببەت  سەرگۈزەشتـىس.

ئۇيغۇر  خەلقىنىڭ پەخرلىك پۇشتى ،ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئالەمشۇمۇل پىر كامىللىرىدىن بىرى  ,  ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدا  ئەبۇ نەسىر فارابى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كىيىنكى  يەنە بىر يۈكسەك ئۈلگە  〈دۇنيا شىئىرىيەت  گۈلزارىنىڭ تۈركىي تىل پاساھىتىدىكى  ساھىبقىران ئۇستاز  ,پەلسەپىۋى ھىكمەت جاۋاھىرىتىنىڭ مىسىلسىز  سەمەرە ئىگىسى  ,15ئەسىردىكى شەرق مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدا تەڭداشسىز  تۆھپە ياراتقان مەشھۇر گۇمانىسىت شائىر  ,مۇقامشۇناس  ,نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى  ئۆز ھاياتىدا تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ ۋىسالىغا ئىرىشىشتىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم  بولۇپ  ,يەككە -يىگانە  ياشىدى。نەۋائينى  سۆيگەن گۈل ئىسىملىك قىزغا يولدىن  ئۆتۈپ كىتىۋاتقان  پادىشاھ ھۈسەين بايقارا بىر كۆرۈش بىلەن سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ قالىدۇ دە , ئەمدىلا مىۋە بىرەي  دەپ تۇرغان سۆيگۈ بىغى خازان بولىدۇ 。  ھۈسەين بايقاراگۈل ئىسىملىك قىزنىڭ دادىسىغا ئەلچى ئەۋەتىپ  ,مەقسىتىگە يىتەلمىگەندىن كىيىن  ,دوستى نەۋائىينى ئەلچىلىككە ئەۋەتىدۇ 。نەۋائى بۇ ئىشنىڭ  ئۇقۇشماستىن بولۇۋاتقانلىقىنى ياكى شاھنىڭ ئۆزىنى سىناۋاتقانلىقىنى ياكى شاھنىڭ قاتتىق چاقچاق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي ئوت ئىچىدە پۇچىلىنىدۇ。 شاھ دوستىنىڭ  پەيلىنى ئوبدان بىلىدىغان نەۋائى ئاخىر بۇ تىراگىدىيىلىك  ئويۇندا باش رول ئىلىپ ئۆز يارىنىڭ قىشىغا شاھئەلچىسى  بولۇپ بارىدۇ 。 قىز ناھايىتى ئازاپلىنىپ   ,تويغا قوشۇلىدۇ 。ھەمدە  40 كۈندە تەسىر قىلىدىغان زەھەر ئىچىۋالىدۇ 。ھۈسەين بايقاراگۈل بىلەن توي قىلغان بولسمۇ    ,لىكىن  ۋىسالىغا يىتەلمەيدۇ。ئەپسۇسكى  توي بولۇپ  ئۇزۇن ئۆتمەيلا  گۈل ئالەم دىن  ئۆتىدۇ。。。。 i Ha?b2=)  
 نەۋائى   ئىلگىرى ئۆز ئاشىقى گۈلدىن  باشقا  ئايال زاتى بىلەن توي قىلماسلىققا قەسەم قىلىۋەتكەچكە  ,بىر ئۆمۈر   ئاشىقى گۈل بىلەن غايىبانە  ياشاپ ئۆتتى 。。。、 Ayz*2 N`%  
پۈتۈن دۇنيانى ھەيرەتكە سالغان بىر كامالەت ئىگىسىنىڭ مۇنداق  بىر  تىراگىدىيىلىك مۇ ھەببەت ھاياتى كىشىنى  ئىچىندۇرىدۇ 。 ھەقىقەتەن  ,سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق  ,ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى 。。。 "<,lqIqA;  
*"%TAe7?~+  
X! d-"[  
X+X:nL.t  
مەنبە ;    نەۋائى   دۇردانىلىرى 2Q^ q$@L  
jqUVERbc  

tawpek 2011-03-05 18:42
مەن  موللا بىلالنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى تەسىرلىكمىكىن دىسەم ما  ناۋائىنىڭ ئۇنىڭدىن يامانكەنغۇ. tf{o=X.)  
l\&Tw[O  
ئەسلى ناۋائىنى ناۋائى  قىلغان ئاشۇ گۈلخان ئوخشىمامدۇ؟

گۈلنىھال 2014-01-26 18:25
‏ھەقىقەتەن مەدھىلەشكە  لايىق  مۇھەببەتكەن . لىكىن بىر ئۆمۈر توي قىلماسلىق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسساللەمنىڭ سۈننىتىنى   تۇتمىغانلىق بوپ قالىدۇ .

مىېھرىما 2014-01-26 21:44
ياخشى ئۇچۇرلادىن خەۋەردار قىلدىڭىز سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.

قاراخان 2014-02-04 14:14
نېمىدىگەن تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى ھە بۇ ، نەۋائىينىڭ توي قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا قاراشلار كۆپ، بىلگۈچى بىر ئاللا!

قاراخان 2014-02-06 15:25
ئەلشىر نەۋائىي ۋە ئۇنىڭ سۆيگەن قىزى g#b9xTG J^  
  نەۋائىي بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. نامە ۋە شېئىرلارنى يېزىپ ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىپ تۇرۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۈسەيىن بايقارا بۇ سىردىن خەۋەر تېپىپتۇ، ئۇ كۆڭلىدە ئەلشىر نەۋائىي بۇ سىردىن مېنى ۋاقىپ قىلار، بۇ ئىش توغرىسىدا مەن بىلەن مەسلىھەتلىشەر، دەپ ئولاپ يۈرگەن ئىكەن، ئەمما نەۋائىي ھۈسەيىن بايقاراغا ھېچنەرسە دېمەپتۇ. xZ(ryE%  
   بىر كۈنى ھۈسەيىن بايقارا نەۋائىينى ئۆزىگە يېلىندۇرماق مەقسىتىدە ئادەم ئەۋەتىپ قىزنى چاقىرتىپ كەپتۇ. پادىشاھنىڭ مەقسىدى قىزنى ئېلىش بەلكى شۇ يول بىلەن شائىرنى يالۋۇرتۇش ئىكەن. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پادىشاھ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ قىزغا ئۆيلەنمەكچى بوپتۇ. چۈنكى قىز گۈزەل بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئەدەپلىك ۋە ئەقىللىق ئىكەن. قىزنىڭ ئۇنىمىغىنغا قارىماي، ھۈسەيىن بايقارا شەرىئەت پېشۋالىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنى ئۆزىگە نىكاھلىتىپتۇ، ئەمما قىز پادىشاھقا زادىلا يېقىنلاشقىلى ئۇنىماپتۇ. شۇندا بايقارا قىزغا ئېيتىپتۇ:   V[2}  
   -سېنىڭ ئەلشىر نەۋائىينى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، ھازىرمۇ ئۇنىڭغا بولغان ئەقىدەڭنى ساقلاۋاتىسەن، ئاراڭلاردا بولغان ئىشنى ماڭا ئېيىت! TE% i   
   قىز پادىشاھنىڭ غەزەپ قىلىشىدىن قورقۇپ، يەنىلا مۇھەببىتىنى يوشۇرۇپتۇ، «سۆيگۈم توغرىسىدا سۆزلىسەم پادىشاھ نەۋائىيغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ» دەپ ئويلاپ ھېچ گەپ دېمەپتۇ. ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپتۇ، ھۈسەيىن بايقارا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن قىز ئويلاپتۇ، «مېنىڭ پادىشاھ دەرگاھىدىن قۇتۇلمىغىم قىيىن، بۇ دەرد-پىراق بىلەن بۇرۇنراق جېنىمدىن جۇدا بولسام ئېھتىمال ئەلشىر مېنى ئۇنتۇپ، باشقا بىر قىزغا مېھرىنى بېرەر » دەپ نەۋائىيغا نەزىم ئەۋەتىپتۇ: W^YaC (I  
              ھىجر داغى فىراقى خەستە كۆڭلۈم كۆيدۈرۈر،   SFR 
              چەرخ ئاغرىق بىلە گۈل نىھالىم سولدۇرۇر.   WS//0  
              يۈز ئەلەم بىرلە بەلا گىردابىدا رەنجىدۇرمەن. *Gul|Lp$ 
             ۋاقىف ئول، يارىم، مېنى بۇ غوسيۇغەم ئۆلتۈرۈر.           L%jIU 
    ھەسرەتىم شولكىم، سەڭا ئېيتسام فىغانىم بائىسى،     pT]hPuC  
             مەن ئۆلەرمەن، چەرخى مېھرىڭ ئەمدى كىمنى كۆيدۈرەر.   )j36Y =r3  
  بۇ سەترىلەرنى ئوقۇپ، ئەلشىر نەۋائىي قولىغا دەرھال قەغەز-قەلەم ئېلىپتۇ-دە، تۆۋەندىكى مىسرالارنى پۈتۈپتۇ. 6dIPgie3w  
            كۆڭلۈم ئۆرتەنسۇن ئەگەر غەيرىگە پەرۋا ئەيلىسە،   4E^ ?}_$  
            ھەر كۆڭۈل ھەم كىم سېنىڭ سەۋقىڭنى پەيدا ئەيلەسە.   .4+R ac  
            ئۆزگىلەر ھۆسىن تاماشا ئەيلەسە چىقسۇن كۆزۈم،   2RkW/) A9  
            ئۆزگە بىر كۆز ھەم سېنىڭ ھۆسنىڭ تاماشا ئەيلىسە. !Km[Qw k-  
            ھەر كىشى ۋەسلىن تەمەننا ئەيلىسەم نەۋمىد ئۆلەي،   sW]_Ky.]  
            ھەر كىشى ھەمكى سېنىڭ ۋەسلىڭ تەمەننا ئەيلەسە.   )~U1sW&t  
   بىراق قىز خورلۇق ۋە ھىجران ئازابى بىلەن ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قاپتۇ. ھۈسەيىن بايقارا ساراي تىۋىبلىرىگە بارلىق ئاماللار بىلەن قىزنى خەستەلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش چارىسىنى تېپىشقا بۇيرىغان بولسىمۇ، ئەمما قىزغا ھېچقانداق ئامال كار قىلماپتۇ. شۇ ياتقىنىچە ئۆرە بولالماي ئۆلۈپ كېتىپتۇ.   Ge q]wv8  
    مەنبە: تۇرسۇن قۇربان تۈركەش تۈزگەن «شەرق رىۋايەتلىرىدە ئەلشىر نەۋايى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. d.Ccc/1-  
/bbs/read.php?tid=11619

نىگارە 2014-03-05 16:14
    ھازىرقى يىگىتلىرىمىز رىئاللىققا بەك ‹‹ھۆرمەت››قىلىدۇ جۇمۇ، قىز دوستىنىڭ خىزمىتى ھەل بولماي ئايرىلىپ كەتكەن يىگىتلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. 5~im.XfiVx  

بابۇر0725 2014-03-07 18:38
بۇلارنى ئىلگىرى بىلمەيدىكەنمەن

شەبنەم117 2014-03-20 18:49
نىمانچە تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى مەنمۇ شۇ موللا بىلالنىڭكىنى دەرسلىكنى ئۆتكەندە ئاڭلىغان .ئەمما مانى ئاڭلىماپتىمەن ئاشىقلىق شائىر قىلىۋىتىدۇ دەپ راسكەن جۇمۇ   Dsc0 ;7~6  
  ۋاي  بىچارە !ئەمما بىر ئۆمۈر توي قىلماي  كەتكىنى نىمىسى ئەمدى بۇ تازا قاملاشماي قاپتىمۇ نىمە؟

سۈبىھى 2014-04-18 01:21
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببەت تارىخى ھەقىقەتەن تەسىرلىك جۇمۇ  مىنىڭ ئاڭلىغىنىممۇ باشتىكىسىگە ئوخشايدىكەن

可爱 2014-05-26 00:12
     S<'_{uz  
نېمىدىگەن تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى ھە بۇ

ئاچچىقگۈل 2014-05-26 09:37
‹‹...ئەلىشىر ساراي خىزمەتچىلىرى  بىلەن ئات سېلىپ يان كوچىدىن چىقىپ كەلدى.شۇ ئاندا بىرنەچچە كىچىك بالىسىنى ئەگەشتۈرگەن،يۈزى يىپىق  بىر مەزلۇمە ئاتنىڭ ئالدىغا يۈكۈنۈپ،قوللىرىنى دۇئاغا كۆتىرىپ،سەدىقە تىلىدى... `VUJW]wGu  
نەۋايى ھەزرەتلىرى تىلەمچىنىڭ دۇئاغا كۆتەرگەن قوللىرىغا قاراپ سىلكىندى...ئۇ ئوڭ قولنىڭ باش بارماق ئورنى بوش تۇرغان بۇ  قىممەتلىك قولنى تونۇپ قالغانىدى...››

ئاچچىقگۈل 2014-05-26 09:42
نەۋايى ھەزرەتنىڭ ۋۇجۇدى تىترىدى،كۆزلىرى ياشقا تولدى.ئاتنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇرىدى: 6<QC|>p  
--غوجىدار، بۇ مەزلۇمغا مېنىڭ ھېسابىمدا قانچىلىك  تەڭگە بولسا،شۇنچىلىكنى  بېرىڭ! c?. i;4yh  
--- باش ئۈستىگە،ھەزرەتلىرى! .Tq8Qdl  
~xsJML  
{,h_T0D^j  
                       ‹‹ھايات بېغىدىن›› ناملىق كىتاپتىن ئېسىمدە قالغىنى بويىچە يازدىم.


查看完整版本: [-- نەۋائىينىڭ  تەسىرلىك مۇھەببەت  سەرگۈزەشتـىس. --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled