«ئات» بىلەن «ئات مىنگەن كىشى»ئا.مۇھەممەتئىمىن
R`a~8QVh&5 Gg9MAK\ C9 ;n(f?RO3X PZ8,E{V %CiF;wJ 9. «ئات» بىلەن «ئات مىنگەن كىشى» ANu>* (مۇھاكىمىلىك نەسىر) *%KIq/V ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن① ^{Mq
J\S7H iXnXZ|M ئىنسان جىسمانىي جەھەتتە بىر ھايۋان بولۇپ، ئۇنى [ئات» قا، مەنىۋى جەھەتتىن بىر كامالەت مۇمكىنلىكىدىكى زات بولۇپ، ئۇنى «ئات مىنگەن كىشى» گە تەمسىل قىلىش مۇمكىن. Wds>'zzS ئىنسان ماددىي ھايات ۋە مەنىۋى كامالەت ناتەكشىلىكىدە ھەرىكەتلىنىدىغان شەيئى. ئەگەر ئات مىنگەن كىشى دانا بولسا، ئاتنى كامالەتكە يېتەكلەيدۇ، نادان بولسا، ئات ئۇنى ئوقۇرغا باشلايدۇ. ئىنسان روھىيىتى ھايۋان ئوزۇقىنىڭ − ئات يېمىنىڭ «ئىنكاسى»، «ئىپادىسى» ئۈچۈن ئىشلىگۈچى قۇلغا ئايلىنىدۇ. @r*GGI! كامالەتتىن خالىي ئىنسان − مۆتىۋەر ياكى گۈزەل، نازاكەتلىك ياكى قەيسەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزلۈكتىن بىخەۋەر بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە غەم يېمەيدۇ، بەلكى ئات يېمى غېمىدە پايپېتەك بولىدۇ. سېنىڭ شېرىن خىياللىرىڭغا يوشۇرۇنغان، سەن ئۈچۈن جانىجان بولغان نىيەتلىرىڭنى تارتىنماي ئۆز ئالىقىنىڭغا تۆكۈپ كۆرچۇ! قاراپباق، ئۇلارنىڭ قانچىسى ئىنسان ماھىيەتلىرى غېمىدە ۋە قانچىسى ئات بوغۇزى غېمىدىكىن! خۇسراۋ دېھلىۋىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئوقۇ: -@w,tbc$ «پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەستۇر ئادەم، o-RZwufZ` گۈزەلدۇر ئۇ يەنە ئىنسانىيلىق جەۋھىرى بىلەن ھەم.» 8+oc4~!A@n سەن ئاسمان - زېمىن ھەققىدە يېتۈك بىلىمدان، ئەمما «ئۆزلۈك» ھەققىدە بىر تەلۋە نادان! بىلىمدان بىلەن ئاقىلنى، ئاقىل بىلەن دىل - قەلبى كامىلنى پەرق ئېتىشنى بىل. ئابدۇقادىر بېدىل مۇنداق دەيدۇ: 1sj7]G]`k «ھاياتلىق گۈلىستاندۇر دىل ھىممىتىدىن، Z .gb' باسقان ئىزىڭ بوستاندۇر قول قۇدرىتىدىن.» |(% بىلىملىك، ئاقىل، تەدبىرلىك − ئىقتىدارلىق كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئارىف② نى − قەلبى ئۆزلۈك تېڭىدا ئويغانغان كامىلنى پەرقلەندۈر: -"nkC بىلىم − ئوزۇقتۇر. ئۇنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن رىزىق قىلىشىڭ، ئاۋام ئۈچۈن مەئىشەت قىلىشىڭ مۇمكىن. ئوزۇق يەنىلا ۋاسىتە ۋە بايلىق. 9y6u&!PZ\ ئەقىل − چىراغدۇر، دىلى كور كىشى ئۈچۈن چىراغ بەلكى ناشايان بىر ۋاسىتە. ]"V_`i7Z ئىقتىدار − كۈچتۇر. ئىزگۈسىز قۇدرەت جاللات پالتىسىنى ئەسلىتىدۇ. بىلىم − ئەقىل − ئىقتىدارنى ئىپتىخار خەزىنىسىگە سالماي، «ئۆزلۈك» ئەينىكى ئالدىغا قويۇپ، ئۇنى تەلقىن③ قىل! n}Z%D-b$ «ئۆزلۈك» ئەينىكىدە ئاتقا مىنگەن كىشى ئۆلمەس چەۋەندازدۇر. ئات ئۇنىڭ تېنى ۋە تۇرمۇش پائالىيىتى. بۇ پائالىيەت ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىسى، پىكىر - تۇيغۇلىرى، تۇرمۇش مەشغۇلاتى بولۇپ، بىر قاراشتا ئۇ پېرسوناژنىڭ بارلىقى. zy$jTqDH ئات بىلەن ئات مىنگۈچى ئارىسىدا بىر چاك مەۋجۇتكى، ئۇلارمۇ ئالەمنىڭ «ئىككىگە پارچىلىنىش قانۇنى» نىڭ ئىلكىدە. ئادەم قېرىپ، خۇددى ئاتتەك ھالسىرايدۇ. بۇ دەل ئات مىنگەن كىشىنىڭ پىشقان، ئاتنى ئۆزى ماھىيەتلىرىگە كۆندۈرگەن ۋە كامالەت ماقامىنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىنلاشقان چېغى سادىر بولىدىغان «ھىجران» دۇر. مانا بۇ ئات سۈپىتىدىكى ئىنساننىڭ ئۆمرى دېگەن سۆز. ئىنسان ئۆمرىنى بالىلىق بىلەن قېرىلىق ئارىسىدىكى يېرىم ئەسىرلىك مۇساپە قىرقىيدۇ، پۇچۇلدۇرىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ بەدىلى − مەنىۋى يېتىلىشتۇر. ئەتتەڭ! «ناۋا مۇقامى» ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندە، چالغۇ تارىسى «تارس» قىلىپ ئۈزۈلىدۇ! تار ئالماشتۇرالمايسەن. بۇ خۇددى ئات يەڭگۈشلىيەلمىگەنگە ئوخشايدۇ. *]yrN` ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما مۇتلەق مەنىدە ئەمەس. Iz+%wAZ|B6 ئابدۇلھەسەن ھەرەكانى: «يەر يۈزىدە يۈرگەن بەزى ئادەملەرنى بىز تىرىك دەيمىز، ئەسلىدە ئۇلار ئۆلۈك. يەر ئاستىدا ياتقان بەزى زاتلارنى بىز ئۆلۈك ھېسابلايمىز. ئەسلىدە ئۇلار تىرىك» دېمىگەنمىدى؟! Cty{
ئىنساننىڭ قىممىتى − ئاتنىڭ سۈرىتىنىڭ باھاسى ئەمەس، بەلكى ئات مىنگۈچىنىڭ ماھىيەت ۋەزنى! ئۆزۈڭگە ئات باھاسىدا، ئويناقلاپ تۇرغان ياكى پۇشۇلداپ قالغان ئات نەرخىدە قاراپ تەمەننا ياكى غەمكىنلىك يولاتما! بەلكى ئات مىنگۈچى قىممىتىدە قاراپ نەپرەتلەن! ئۆزىدىن نەپرەتلىنىشنى بىلمىگەن ئىنسان ئۆزىنى بارغانسېرى نەپرەتلىك سېيماغا ئايلاندۇرۇۋاتقان غاپىل ئىنساندۇر. ئات چەيلەپ پېتىقلىۋەتكەن بۇ ئىنسانىي قىممەتتىن ساڭا يەنە قانداق تەقدىر نېسىپ بولاتتى، ئەي نادان! dnD@BQ B;[ .
u>f ئىزاھاتلار: "|(.
W3f1 ① ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن (1933 − 1995)، ئالىم، مۇتەپەككۇر، ئەدىب. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ ھاياتىدا «ئۇيغۇر پەلسە تارىخى»، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى«، «ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «قۇتادغۇبىلىك خەزىنىسى» قاتارلىق يىرىك كىتابلارنى يازغان. ئۇنىڭ بۇ نەسرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئارىفنامە» سەرلەۋھىسى ئاستىدا بېرىلگەن بىر يۈرۈش نەسرلىرىدىن ئېلىندى.
:|V650/ ② ئارىف − ئەرەبچە سۆز بولۇپ، بىلگۈچى، تونۇغۇچى، مەرىپەتلىك، دانا، بىلىمدان دېگەن مەنىدە. Wx-0Ip'9 ③ تەلقىن − تەلىم؛ بىر مەسىلىنى باشقىلارغا ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش. k#pO+[ x
*yT> مۇھاكىمە ۋە مەشق: A^).i_ 1. بۇ بىر پارچە پەلسەپىۋىلىككە ئىگە مۇھاكىمىلىك نەسر بولۇپ، مۇئەللىپنىڭ «ئات» ۋە «ئات مىنگەن كىشى» ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردىكى «ئات» نېمىگە، «ئات مىنگەن كىشى» نېمىگە قارىتىلغان؟ نېمە ئۈچۈن؟ {K+f&75 2. سىز ئەسەرنى قايتا - قايتا پىششىق ئوقۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆۋەندە بېرىلگەن جۈملىلەردە قانداق چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈڭ ۋە ئورتاقلىشىڭ. sTP\} 1) «ئىنسان ماددىي ھايات ۋە مەنىۋى كامالەت ناتەكشىلىكىدە ھەرىكەتلىنىدىغان شەيئى. ئەگەر ئات مىنگەن كىشى دانا بولسا، ئاتنى كامالەتكە يېتەكلەيدۇ، نادان بولسا ئات ئۇنى ئوقۇرغا باشلايدۇ.» j17h_ a; 2) «ئىنساننىڭ قىممىتى − ئاتنىڭ سۈرىتىنىڭ باھاسى ئەمەس، بەلكى ئات مىنگۈچىنىڭ ماھىيەت ۋەزنى!» M *w{Pj
U 3. سىز بۇ نەسرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ «ئات» بىلەن «ئات مىنگەن كىشى» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئىلگىرىكى ئۆزىڭىزدىن ئىبارەت بۇ «ئات» قا مىنگەن كىشىنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ,*W~M&n"m 4. بۇ مۇھاكىمىلىك نەسرنىڭ بىرقانچە يېرىدە «ئۆزلۈك» تىلغا ئېلىنغان. سىز دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە قورال كىتابلارنى كۆرۈش ئارقىلىق «ئۆزلۈك» ئاتالغۇسىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى يەنىمۇ تەپسىلىيرەك چۈشىنىۋېلىڭ. `l'T/F\ (مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 2-كىتابتىن ئېلىندى. ) 8GW+:
n
*$g1 HG6 F-zIzzb&O
|