查看完整版本: [-- قاپتۇ قەۋرەڭ قەلبىمدە(ئارزۇ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> قاپتۇ قەۋرەڭ قەلبىمدە(ئارزۇ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

arzu 2010-08-27 22:36

قاپتۇ قەۋرەڭ قەلبىمدە(ئارزۇ)

 

قاپتۇ قەۋرەڭ قەلبىمدە
 
بىلىسەن.....
سەن ئۈچۈن ئاققىنىمنى  شام بولۇپ
 بىر – تامچە، بىر تامچىدىن ئېرىپ تۈگىگەن........
ئاجىز نۇرۇڭغا پەرۋانىدەك
ئۆزەمنى ئېتىپ....
رىئاللىققا تەن بەرگۈم كەلمەي كۆيۈپ تۈگىگەن.....
،تولىمۇ ساپ   ئەقىدەمنى
 بىر ساڭا ئاتالغان ناخشىلىرىم  بىلەن
ھارماي ئوقۇيدىغىنىمنى  قوشاققا قېتىپ....
شۇ كۈيلىرىمنى سۆيگۈڭ   سېھىرلىك نەپەسلەرگە بۆلىگەن...  
 
ئىسىڭدىمۇ.....،
ئۈمىد بىلەن چاقنىغان كۆزلەر
ھەر باققىنىدا ئوتلۇق رەۋىشتە
پەقەت مەنلا بولاي قەلبىڭ تۆرىدە دەپ
ئۆمۈرلۈك مېھمان.....
گويا مەجنۇن قەلبىدىكى لەيلىدەك....
شۇنداق ئىزگۈ  تىلەكتە باقسام ھەر مەرتەم
پەرۋاسىزلا نەزەر سېپ قويۇپ
يىنىمىزدىن ئۆتكەن نازىنىنغا كۈلۈپ باققىنىڭ...
مەن ئېيتقان ناخشىلارنى
دوراپ يۈرۈپ، سوراپ يۈرۈپ
شۇ بىراۋغا ئيتىپ بەرگىنىڭ....
 
ئۇنۇتتۇڭمۇ......
قەدىم سەھرانىڭ سۈتتەڭ يورۇق، ئايدىڭ كېچىلىرى
سېنى ساقلاپ تۇرغىنىمنى يولۇڭغا قاراپ
پىنھاندىكى چېغىر يوللاردا،
كېلەلمىسەڭ كۈتكىنىمدە
كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ
قايتقىنىمنى
 سۇلغۇن ، خاراپ...
 
تەلپۈنەتتىم....
قەلبىمدە بولغاچقا بىر يارقىن تىلەك
مىسالى دېڭىزدىن سۈزگەندەك گۆھەر
تەستە تاللىغان ئەزىزىم
بولسىكەن ماڭا مەڭگۈلۈك يۆلەك.
قول تۇتۇشۇپ مېڭىشساق بىرگە
سىم – سىم يامغۇردا
ئانا سەھرامنىڭ گۈزەل قوينىدا
ئادىمىزاتسىز جىمجىت دالىدا
قانماي شۇنچە شېرىن، شۇنچە تاتلىق سۆيگۈنىڭ
لەزىز سېھرىگە...
ماڭساقكەن ئاستا قاتارلىشىپ بەختتە
قويىۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ
ئۆتمۈشىمىزنىڭ ئەينىكى،
بەختىمىزنىڭ مېۋىسى،
كەلگۈسىمىزنىڭ يۇلتۇزى -
ئوماقلىرىمىزنىڭ بۇدرۇق قولىنى
 ھاياتىمىزنىڭ باھار،ئا يازىدا....
يۆلەنسەك ئاستا
يۈزلەردە قورۇق، كىرپىكلەر قىروۋ
ھالسىرىغان
دەرمانسىز
جىسمىمىزنى ، پۇتلىرىمىزنى سۆرەپ
ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان تۇرمۇش باغىدا. 
 
ئىسىت!!!
شۇنچە ئەزىزلەپ،
بەختىمنى سېنىڭدىن تېلەپ
ئەركەك دەپ يۈرگەن سېنى،
ۋاپادار دەپ سۆيگەن سېنى،
گالۋاڭ ئەقىدەمگە...
 
توساتتىنلا چاققان چېقىندا
كۈلگە ئايلاندى گۈلخان  مۇھەببەت.
قىلچە تارتىشماي،
كەينىڭگىمۇ باقماي
ھەتتا بىرەر رەت
ماڭغىنىڭدا مېنىڭ كۈيۈمنى توۋلاپ،
بىراۋلارنىڭ يۈرىكىگە....
قالماي ماڭا... ئەقىدەمگە زەررىچە سەۋرەڭ.
خالىمىساممۇ، باقماي رايىمغا
پەيدا بولۇپتۇ سۇنغان قەلبىمدە
كىرپىككە ئېسىلغان مۇنچاقلىرىمدا
گوياكى مۇز بولۇپ
قاتقان شۇ  قەۋرەڭ......
مەنبە: ئارزۇ

tawpek 2010-08-28 00:49
ئەركىن تۇنيازغا شاگىرىتقا كىردىڭىزمۇ نىمە؟
مەن مۇشۇنداق شىئىرلارغا قىزىقىپ قالدىم ھازىر، ھەقىقى ھىسيات دولقۇنى قاپىيەنىڭ قورشىۋىلىشىدىن ، بوغومنىڭ باغلىۋىلىشىدىن مۇستەسنا.

arzu 2010-08-28 22:07
ئەركىن تۇنىيازنى بىلمەيدىكەنمەن. ئادىل تۇنىيازنىڭ ئىنىسىمۇ يا....


بۇنداق ئۇسلۇبتىكى شېئىرلارنى تۇنجى يېزىشىم، كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىز.

tawpek 2010-08-29 00:15
توۋا! ئەجەپ سەتلەشتىم دىسە، ئادىل تۇنياز دىمەكچىتتىم مەنمۇ، ھىلىقى <<ئىككى شىئىر  >> دىگەننىمۇ شۇ ئۇسلۇبتا يازغان لىكىن  خەق شىئىرغا ئوخشىماپتۇ دىمىسۇن دەپ  ئابدۇل شىئىرلىرىدىن دەپ قويغاندىم. بۇنداق يازسا مەزمۇن مول چىقىدۇ.

gulbar 2010-08-30 00:04
ياخشى شىئركەن ، قاپتۇ قەلىمىڭ قەلبىمدە .

مىېھرىما 2014-03-12 23:31
ياخشى ئەسەردىن ھوزۇرلىنىشمۇ لەززەت دەڭە . رەھمەت


查看完整版本: [-- قاپتۇ قەۋرەڭ قەلبىمدە(ئارزۇ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled