查看完整版本: [-- ئىزچىلار مارشى ( تەۋپىق ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> ئىزچىلار مارشى ( تەۋپىق ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-02-27 00:52

ئىزچىلار مارشى ( تەۋپىق )

بىز ئىزچىلار بىز ،  قوللىرىمىز گاڭ ،
كۆزىمىز نۇرلۇق ،قەلبىمىز ساغلام .
خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز ،
دۈشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام .

ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار ،
ۋەتەن ، مىللەت غېمىدا قاينار ۋىجدانلار .

ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا ،
ئىشلىيەلمىدۇق  خەلق يولىدا .
قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق ،
ئالغا ئۆرلەيمىز ئىرپان يولىدا .

ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار ،
ۋەتەن ، مىللەت غېمىدا قاينار ۋىجدانلار .

ئۆسكەن يۇرتىمىز تاغلىغ ، شېغىل تاش ،
ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش .
ماڭغان يولىمىز نىجادلىق يولى ،
قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش !

ئۆگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار ،
ۋەتەن ، مىللەت غېمىدا قاينار ۋىجدانلار .

مەنبە : « مەمتىلى ئەپەندى »  ناملىق كىتابتىن

akbarmusic 2011-02-28 13:56
ناخشىسىنى مەن يوللاپ قويسام بولغۇدەك.

koksangun 2011-02-28 13:59
شۇنداق قىلسىڭىز ، مۇنبەرنىڭ باش بەت مۇزىكىسى قىلىپ قويساق بەك ياخشى بولاتتى .

akbarmusic 2011-02-28 19:13
مانا ناخشىسى

tawpek 2011-03-05 19:46
شۇنداق قىلاي ، تور بىكىتىمىز شۇ   نامدا بولغاندىكىن خاسلىقنى تىخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن بىز  ئوقوتقۇچىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرىدىغان ناخشىلارنى چىقىرىپ قوياي.

arhektor 2011-03-14 10:13
ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان شىئېر ئىكەن .ناخشا تىكىستى بىلەن مۇزىكىسىمۇ بەك ماسلىشىپتۇ. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سىماسى ھەر بىر مىسرادا گەۋدىلىنىپ تۇرۇپتۇ.

tawpek 2011-07-04 11:53
باش بەتكە ئۇنىڭ 2 ناخشىسىنى چىقىرىپ قويدۇم، ئۇنىڭىدن باشقا يەنە ناخشا قىلىپ ئوقولغان ئەسەرلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرىدىن قايسىلار بار؟

/

كېرىمجان 2014-04-27 15:54
رەھمەت

ئاچچىقگۈل 2014-04-28 10:53
tawpek:باش بەتكە ئۇنىڭ 2 ناخشىسىنى چىقىرىپ قويدۇم، ئۇنىڭىدن باشقا يەنە ناخشا قىلىپ ئوقولغان ئەسەرلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرىدىن قايسىلار بار؟http://www.tawpek.c .. (2011-07-04 11:53) 

ئىسمى-جىسمىغا لايىق  تەۋپىق ئەپەندى  بولدىڭىز...رەھمېت!

ئاچچىقگۈل 2014-04-28 10:58
تورداشلارغا ،مائارىپىمىز- ئانا تىلىمىز ئۈچۈن مەشئەل ياققان مەمتېلى ئەپەندىنىڭ روھىغا تەقدىم!

ئۇيغۇر بولساڭ بالاڭغا ئۇيغۇرچىنى ئۆگەتكىن،
ئاتا بولساڭ ھەر ئىشتا غېمىنى يە،   گۆدەكنىڭ،
چۈنكى پەرزەنت سېنىڭلا ئەمەس،بەلكى مىللەتنىڭ.
چۇجەڭ  سۇدا،سەن قىردا يىغا يىغلاپ قالمىغىن،
خاتا باسقان توخۇدەك،تۇخۇمىنى ئۆردەكنىڭ!

ئاچچىقگۈل 2014-04-28 11:03
ئۇيغۇر بولساڭ بالاڭغا ئۇيغۇرچىنى ئۆگەتكىن،
ئانا تىلنى ئۆگەتمەي، چېچەن -زېرەك بالاڭغا،
پىچىرلىشىپ سارايدا،ئۇنى قويما دالانغا،
باشقا تىلدا سۆزلىشىپ،ئۆز تىلىنى چۈشەنمەي،
يىغلاپ مىللەت دەردىگە.ئامىتىگە كۈلەلمەي،
بالاڭ يالغۇز قالمىسۇن، ئانا تىلنى ئۆگەتكىن!
...........................................................
          داۋامى باردەك قىلىدۇ...........

                                لەيلى شېئىرلىرىدىن پارچە.

ئاچچىقگۈل 2014-04-28 20:45
لەيلى  شېئىرلىرىنىڭ ئاخىرىنى كەلتۈرەيمۇ--بولدۇمۇ؟

uzqak 2014-04-28 21:53
داۋامىغا تەشنامىز ....


查看完整版本: [-- ئىزچىلار مارشى ( تەۋپىق ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled