koksangun |
2011-02-27 00:39 |
پىدائىي كەلدى (تەۋپىق)
پىدائىي كەلدى...
1934 مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق)
يەرنىڭ ئىسسىق يۈرىكىدىن تۇغۇلغان،
ۋەتەن ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ بەل باغلىغان،
ئانىلارنىڭ نالە-زارىنى ئاڭلىغان،
بالىلارنىڭ غەمگۇزارى پىدائىي كەلدى.
ئاسمىنىمدىن كۆچۈپ كەتكەن يۇلتۇزلار،
ئوچىقىمدا ئۆچۈپ كەتكەن قوقاسلار.
سايدا ياتقان تاش ئەمەستۇر، ئۇ باشلار،
ھۆرلۈك ئىلىپ بۇ تۇپراققا پىدائىي كەلدى.
بۇ زاماننىڭ زومىگىرى شېڭ دۇبەن،
ئۇ يىرىتقۇچ ئىت-توڭگۇزدىن تۆرەلگەن.
ئۇ بىزلەرنىڭ قىنېمىزدىن سەمرىگەن،
قىلماق ئۈچۈن ئۇنى لەت، پىدائىي كەلدى.
بىز ئىزچىلار سىلەرگە ھەمدەم بولىمىز،
مىڭ ياشا،مىڭ-مىڭ ياشا پىدائىيلار.
مەھمۇد باش، سەركەردىمىز شاھ مەنسۇر،
ۋەتەن ئۈچۈن قان ئاققۇزغان داھىيلار.
مىڭ ياشا، مىڭ-مىڭ ياشا پىدائىيلار!
|
|