查看完整版本: [-- مۇئەللىم بىز (تەۋپىق ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> مۇئەللىم بىز (تەۋپىق ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-02-27 00:35

مۇئەللىم بىز (تەۋپىق )

مۇئەللىم- بىز
    (1934)
                مەمتىلى تەۋپىق
مۇئەللىم- بىز يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يوپيورۇق نۇرلار چاچىمىز.

تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق،
ئېلىم -ئېرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.
خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،
كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق.

بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى،
بىز ۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى.
ئوقۇتىمىز ئەۋلاتنى يېڭى پەن بىلەن،
پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ئۇلى.

يورۇق تاڭغا تەلپۇندى ۋىلايىتىمىز،
ئىلىم بىلەن تىكلىنەر ئىناۋېتىمىز.
مەنبە بولدى ئېرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش،
ئېرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز
.

akbarmusic 2011-02-28 21:09
بۇنىڭمۇ ناخشىسى كەتتى


tawpek 2011-02-28 21:54
2009- يىلى مەن بۇ تور بەتنى تۇنجى ئاچقاندا بۇ ناخشىنىڭ بىكىتىمىزنىڭ مارشى سۈپىتىدە باش بەتكە چىقىرىپ قويغانتىم.

ئىزدەپلا يۈرەتتىم كۆپ تەشەككۇر ئاغىنەم.

ozqan 2011-09-09 12:06
  بۇ  ناخشىنى  ھەر قېتىم  ئاڭلىسام  تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ھېسسىياتلارغا چۆمۈلىمەن ، ھاياجانلىنىمەن ، شەرەپ ھېس قىلىمەن ، مەسئۇلىيەت ، مەجبۇريىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى  تېخىمۇ تونۇپ  يېتىمەن ، بەزىدە مۇشۇ يولدا تىرىشىپ ئېرىشكەنلىرىم ۋە يوقاتقانلىرىم  چەكسىز خىياللارغا غەرىق قىلىدۇ مېنى ...

ozqan 2011-09-09 12:08
  تەۋپىق ئىنىم  :  ئەتە بۇ  تېمىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق باش ئورۇندا تۇرىدىغان تېما قىلىپ قويساق ، بايراملىق سوۋغا سۈپۈتىدە كۆپچىلىك ئاڭلاپ ھوزورلانسا
قانداق ؟

tawpek 2011-09-09 16:46
ياخشى پىكىر، ئوقوتقۇچىلار بايرىمىغا تور بىكىتىمىز قىلالىغان ئىش  شۇ  سىزنى سەركە قىلىپ بىكىتىش بىلەن شۇ ناخشا بولوپ قالغۇدەك.

tutigul0998 2011-09-24 19:18
مەمتېلى ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۆپ تۆھپە قوشقان

erpan0992 2012-03-12 22:31
ياخشى  تېما  يوللاپسىز  كۆپ  رەخمەت!


查看完整版本: [-- مۇئەللىم بىز (تەۋپىق ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled