查看完整版本: [-- مۇسادىرە قىلىۋالسا بولامدۇ؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> مۇسادىرە قىلىۋالسا بولامدۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

aykut 2011-02-24 22:38

مۇسادىرە قىلىۋالسا بولامدۇ؟

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەرسە -كېرەكلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالسا بولامدۇ؟
m/Erw"Z  
    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى »دېيىلىدۇ.)نىڭ 7-ماددىسىدا ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشىگە ۋە يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ۋە ئۆگۈنۈش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش»ھوقوقى بار،دەپ بەلگىلەنگەن.8-ماددىسىدا ،ئوقۇتقۇچىلار «ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەركەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقوق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا ھەركەتلەرنى چەكلەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەنقىد قىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش »مەجبۇرىيىتى بار،دەپ بەلگىلەنگەن.«ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى »نىڭ 7-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن باشقۇرۇپ تەربىلەش ھوقوقى ۋە 8-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن چەكلەش مەجبۇرىيىتى بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ،بۇلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بۇ بەلگىلىمىلەر گە ئاساسلانغاندا ،ئپقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىپ كېلىش ھەركىتى تەلىم –تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش تەرتىپىگە ،شۇنداقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزسە ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنى چەكلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلار  ئېلىپ كەلگەن نەرسە-كېرەكلەرنى مۇسادىرە قىلىش ئوقۇتقۇچىنىڭ باشقۇرۇپ تەربىلەش ھوقوقىنى يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ياكى بىر خىل باشقۇرۇپ تەربىلەش ۋاستىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ~|9VVeE  
   ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەن نەرسە- كېرەكلەرنى مۇسادىرە قىلىش-قىلماسلىقتا،ئەڭ مۇھىمى ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك.ئەگەر ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ كەلگەن ياكى ئىشلەتكەن نەرسە-كېرەكلەر ئىجتىمائىي قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپ بولۇپلا قالماي،يەنە بەلگىلىك ناچار تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى  بولۇپ، باشقۇرمىغاندا نورمال ئوقۇتۇش ۋە تەلىم –تەربىيە تەرتىپىنى قوغدىغىلى بولماي،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزسە،ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ كەلگەن ياكى ئىشلەتكەن بۇ نەرسە –كېرەكلەر قانۇنسىز دەپ قارىلىدۇ.مەسىلەن،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشنى باھانە قىلىپ ،مەكتەپتە يانفۇن ئېلىپ يۈرۈيدۇ.ئەمەلىيەتتە،ئۇلار يانفۇننى ئۆگىنىش ۋە ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئىشلەتمەي،دوستلىرى بىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.بەزىدە تېخى يانفۇندا يېرىم كېچىگىچە قۇرۇق پاراڭ سوقۇپ،ياتاقداشلىرىنىڭ  ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.يەنە بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرىسخانىدا يانفۇن ئويناپ ،نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.كۆرۈنۈپ تۇرۇدىكى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە يانفۇن ئىشلىتىشى تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش تەرتىپىگە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنۈش ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يانفۇن ئىشلىتىشىنىڭ پايدىسىدىن زىينى چوڭ بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە  يانفۇن ئېلىپ يۈرۈشى ۋە ئىشلىتىشى مۇۋاپىق ئەمەس.بەزىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە يانفۇن ئىشلىتىشىنى چەكلەش ،ئۇلارنىڭ ئالاقە ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلغانلىق ،دەپ قارايدۇ.مۇئەللىپنىڭ قارشىچە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومومىي مەنپە.ئەتىگە سېلىشتۇرغاندا ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئەركىنلىكى ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى ھوقوقى ھېساپلىنىدۇ.قانۇندا ھوقوق توقۇنۇشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا چوقۇم ھوقوق دائىرسىگە ھۆرمەت قىلىنىشى ،يەنى ئەڭ ئاۋۋال ئالىي ھوقوقى قانائەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك،دەپ بەلگىلەنگەن.ئالىي ھوقوق بىلەن ئادەتتىكى ھوقوق ،ھوقوق قىممىتىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.شۇنداق ئىكەن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە يانفۇن ئېلىپ يۈرۈشى ۋە .ىشلىتىشىنى چەكلەش ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىك ھېساپلانمايدۇ،ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدىكى ئاممىۋى تېلىفۇنلار ئاتا- ئانىلىرى بىلەن تامامەن ئالاقىلىشالايدۇ.شۇڭا،مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە  يانفۇن ئېلىپ يۈرۈشى ۋە ئىشلىتىشىنى چەكلىشى قانۇنلۇق بولۇپ،ھوقوققا دەخلى- تەرۈز قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ. 
  ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەن بۇيۇملارغا قارىتا ،ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ھوقوقى بىلەن ئوقۇتۇش تەرتىپى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تولۇق نەزەرگە ئېلىشى،دەلىل-ئىسپاتلار تۇلۇق بولۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ھوقوقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ،تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قوغداشقا كەلگەندە،ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ كىرگەن نەرسىلەرنى مۇسادىرە قىلىۋالسا بولىدۇ.كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا ،ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەن قانۇنسىز بويۇملارغا قارىتا،ئوقۇتقۇچى ئۇنى مۇسادىرە قىلىۋېلىشقا ھوقوقلۇق؛قانۇنلۇق بۇيۇملارغا قارىتا،ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچى ئۇنى  مۇسادىرە قىلىۋالسا بولمايدۇ.لېكىن،قانۇنلۇق بويۇم بولغان تەقدىردىمۇ،ئەگەر ئوقۇغۇچى ئۇنى مۇۋاپىق بولمىغان ۋاقت ۋە سورۇندا ئىشلىتىپ ،نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزسە ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇنى مۇسادىرە قىلىۋېلىش ھوقوقى بولىدۇ.ئەگەر ئوقۇغۇچى دەرىسخانىدا ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىماي،ئوغرىلىقچە باشقا كىتاپلارنى كۆرسە،ئوقۇتقۇچى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن،كىتاپنى مۇسادىرە قىلىۋالسا بولىدۇ.                rf-yUH]&S  
gyD;kn\CP  
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى                                                      i^e8.zgywF  
g0bYO!gC r  
قىسقارتىپ ئېلىندى.                                                     g9q}D-  
&oMWs]0  

koksangun 2011-02-25 08:49
بولۇپمۇ تېلېفوننى بىر تەەپ قىلماق ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ ، بۇ تەرەپتىن يىغىۋالسىڭىز ئۇ تەرەپتىن پەيدا قىلىپ بولىدۇ ، شۇڭا تېلېاوننىڭ زىيىنى ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى زورمۇزو ئىشلەيدىغان گەپ . تېلېفوننىڭ زىيىنى ھەققىدە بىر پارچە تەشۋىقات ماتېرىيالىنى تەۋپىققە يوللىغان ئىدىم...بارغۇ دەيمەن .ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويايچۇ...

koksangun 2011-02-25 08:53
يانفوننىڭ زىيىنى ھەققدە ,#UZp\zZ*  
1.تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا،ئۇلارنىڭ بەدەن ئورگانىزمىنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەل ئەمەس،يانفۇننىڭ رادىئاتسىيىسى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ،تەن ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئۇلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى،ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى،ئىنكاس ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاڭلاش سىزىمىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ،ئىممۇنىتېت فونكىسىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. o^vX\a?`u  
  2.ئوقۇغۇچى يانفۇن ئارقىلىق كۆچۈرمىچىلىك قىلىدۇ،يالغان ئېيتىپ ئاتا-ئانىلىرىنى ئالدايدۇ،بەزى ئوقۇغۇچىلار قىسقا ئۇچۇر ۋاستىسى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى ۋە ساۋاقداشلىرىنى كولدۇرلىتىپ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك ياخشى ئەخلاقى پەزىلىتىگە داغ تەككۈزىدۇ. V-}}?c1 F  
3.يانفۇندا تورغا چىقىش، يانفۇنqq  دا سۆزلىشىش،يانفۇندا ئۇيۇن ئويناش،ساغلام بولمىغان ئىلكىتاب،قىمار،شەھۋانىي مەزمۇن،زەھەر قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشلىق باھارىغا زەھەرلىك قولىنى ئۇزىتىدۇ.  !CWe1Dm  
4. ئوقۇغۇچىلار كەچلىكى يوتقانغا پۈركىنىۋېلىپ يانفۇندا سۆزلىشىدۇ،ئۇچۇر يوللايدۇ، ئۇيۇن ئوينايدۇ،ئىلكىتاب كۆرىدۇ، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،كېچىنى ئويقۇسىز تاڭ ئاتقۇزىدۇ، كۈندۇزى دەرسخانىدا ئۇخلاپ قېلىپ دەرسكە كۆڭۈلشىمەيدۇ،نەتىجىسى تۆۋەنلەيدۇ. RC/ 3\ '  
5.دەرسخانىدا يانفۇن مۇزىكىسىنى قويۇۋېلىپ ياكى ئۇچۇرلىشىپ ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. \O;2^  
6.يانفۇننىڭ سۈپىتى ناچار بولسا بەدەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. 8s$6R|ti  
7.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى تۆۋەن بولغاچقا،جەمئىيەتتىكى قاقتى-سوقتىچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ ياكى يانفۇن ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم ئېقىندى-سوقۇندىلارنى مەكتەپكە باشلاپ كېلىپ،ئامانلىق تەرتىپىنىڭ بوزۇلىشىغا،نورمال ئوقۇتۇش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. @wgd 3BU  
8.يانفۇننىڭ چىقىمى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. يانفۇندا تورغا چىقىش، يانفۇنqq  دا سۆزلىشىش،يانفۇندا ئۇيۇن ئويناش،ساغلام بولمىغان ئىلكىتاب،قىمار،شەھۋانىي مەزمۇن،زەھەر قاتارلىقلار ئاتا-ئانىلارنىڭ روھى بېسىمىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ... +ODua@ULFB  
9.دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يانفۇننىڭ ئېسللىقىنى سېلىشتۇرۇش ئوقۇغۇچىلاردا بىنورمال كەيپىيات پەيدا قىلىپ،ئۇلاردا ھەشەمەتخورلۇق كېسىلىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. \]V:>=ry>  
10.ئوقۇغۇچىلاردا يانفۇننىڭ ئومۇمىلىشىشى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە يامان تەسىرلەرنى بېرىدۇ،قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ چاكىنا تەرەپكە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ،يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.

tawpek 2011-06-27 18:39
ئىلىۋالىمىز، بەرمەي بولمايدۇ، يەنە ئەكىلىدۇ . بەرمىسەڭ ئاتا-ئانىسى كىلىپ چىرايلىق گەپ قىلماقتا يوق پوخورلۇق قىلىدۇ، مەكتەپتە ئىش چىقارغان مۇئەللىمگە ئايلىنىمىز، توسوپمۇ توسوپ بولالماي، تۇيۇقسىز سىياسى بۆلۆمدىن كىلىپ ئوقوغۇچىلارنىڭ يانفۇنلىرىدىن باشلاپ ئوقوتقۇچىلارنىڭ قول كومپىيۇتىرلىرىغىچە تۇيۇقسىز يىغىپ تەكشۈرۈپ دىنغا(مەككىنىڭ رەسىمى، ئىلىكتىرۇنلۇق قۇرئان)، سىياسىغا پۇتلىشىدىغان(ئوبامانىڭ رەسىمى) نەرسىلەر بايقالسا تىلفۇن ئىگىسى ئۇياقتا قىلىپ ئۇنى تەربىيلىگەن ئوقوتقۇچى جەرىمانە. 4u 6 FvN  
كومپىيۇتىر مۇسادىرە، مەكتەپنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن مەكتەپكە كومپىيۇتىر كۆتۆرۆپ كەلمەسلىك سىياسىتى. %hsCB .r>|  
L'e^D|  
بۇدا سىنىپىمدىمۇ بىر قىز ئوقوغۇچى مەكتەپكە تولوق كىلىپ ئوقوشتىن سىرىت كەچلىرى قوشنىسىدىن دىنى تەلىم ئاپتىكەنتۇق جەرىمانىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. تەربىيە قىلغان خاتىرلىرىممۇ ھىچنىمىگە ھىساپ بولمىدى.

ئۇيغۇرجان 2012-02-04 00:09
بىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تىلفۇن ئىشلىتىشى مودا بوپ قالدى.بۇنى قانداقمۇ چەكلەپ بولارمىز..........   

xjx234566432 2013-12-29 04:01
.

ياسىنجان510 2014-01-21 20:51
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلىفونىنى باشقۇرۇشتا تارتىۋېلىپ قايتۇرۇپ بېرىلمىسە ،مېنىڭچە مۇۋاپىق بولمايدۇ،يەنىلا تەربىيەقىلىپ قايتۇرۇپ بېرىلمىسە،تەسىرى ياخشى بولمايدۇ.

gulnar 2014-01-22 20:17
بەزى ئوقۇعۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى مەكتەپكە ئەرز قىلىدۇ تېخى .

مىېھرىما 2014-01-22 23:17
tawpek:ئىلىۋالىمىز، بەرمەي بولمايدۇ، يەنە ئەكىلىدۇ . بەرمىسەڭ ئاتا-ئانىسى كىلىپ چىرايلىق گەپ قىلماقتا يوق پوخورلۇق قىلىدۇ، مەكتەپتە ئىش چىقارغان م .. (2011-06-27 18:39) 
K`R  
دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق بۇ خىل ئەھۋالغا مەنمۇ يولۇققان.  دىمىسىمۇ بەزى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانسى بەكلا يولسىز.

مىېھرىما 2014-01-22 23:18
ياخشى تىمكەن رەھمەت.

گۈلنىھال 2014-01-22 23:28
&W y9%  
2K(zYv54  
تېلفۇن ئىلىتىش ئوقۇغۇچىلاردا ھاجەتخانىغا بارمىسا بولمايدىغاندەكلا مۇھىم ئىشقا ئايلىنىپ بولغان بۇ دەۋىردە ، بىزنىڭ قاخشاپ ، دەرد تۆككىنىمىز بىكار . لىكىن  ، بىز تەربىلىگۈچى بولغاندىكىن ئاتا - ئانىلارنىڭ يولسىزلىقى ، تۆلەيدىغان جەرىمانىلەردىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز ، ئاللاھ ئاسانلق بېرەر

گۈلنىھال 2014-01-22 23:30
بۇ ھەقتە مەندىمۇ بىر ماتىرىيال بولدىغان , يوللاپ قويسام بولغۇدەك

parixta 2014-01-22 23:36
ھەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەتكەن تېلىفۇنىنى بىر دىمەڭلار، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن تېلىفۇنلىرى بىرسى-بىرسىدىن ئىسىل. مەنمۇ بۇ ئۆمرىمدە تېخى ئۇنداق قىممەت باھالىق ئىسىل تېلىفۇنلارنى ئىشلىتىپ باقمىدىم.

ئابدۇ 2014-03-20 21:03
بىزنىڭ مەكتەپتە شەنبە، يەكشەنبە رۇخسەت قىلىمىز، باشقا كۇنلەردە سىنىپ مەسئۇلى يىغىۋالىدۇ.

ئەلدىيار 2014-03-22 23:17
بۇ مەسىلىلەر ھەقىقەتەن باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلەر بولۇپ قالدى

رەيھان 2014-04-03 16:59
تىلىفۇن مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېلىفۇن - ئاش بىلەن ناندىنمۇ ئەتىۋالىق بولۇپ كەتتى. مۇھەببەتلەشكەن ئوقۇغۇچىلار ھېچ خىجىل بولماستىن تېلىفۇن نومۇرلىرىنى ئېرىم، ئايالىم دەپ كىرگۈزىۋالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىشلەتكەن تېلىفۇنلارنى بىزمۇ تۇتۇپ باقمىدۇق.

nadiraay 2014-04-08 16:26
مەنغۇ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلفونىنى تارتىۋالسام  ئاتا- ئانىسى  كەلمىسە  بەرمەيمەن.  شۇنداقلا ئۇلارغا ئىككىنچى  قېتىم  تارتىۋالسام  تەتىل  توشقاندا قايتۇرۇپ  بېرىدىغانلىقىمنى  دەيمەن. ھەم  شۇنداق  قىلىمەن. بۇنىڭ  ئۈنۈمى  ياخشى بولىدىكەن.


查看完整版本: [-- مۇسادىرە قىلىۋالسا بولامدۇ؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled