查看完整版本: [-- تور بىكىتىمىز ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبەر ئۇقتۇرۇشلىرى -> تور بىكىتىمىز ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-08-25 23:42

تور بىكىتىمىز ھەققىدە

مەزكۇر تور بىكەت 2009 -يىلى 4 ئايدا ئىچىلغان بولوپ  دەسلەپتە مۇنبەرنى ئاساس قىلغان كىين كىڭىيىپ باشقا تۈرلەرمۇ كۆپەيتىلگەن ئىدى. تور تاقالغاندىن كىيىن بۇ يىل 5- ئايدا توربەتلەر ئەسلىگە كەلمەستىمۇ قانۇنلۇق تەستىق بىلەن قايتا يىڭىۋاشتىن ئىچىۋىتىلدى. لىكىن مۇكەممەللىشىپ مەلۇم دەرىجىدە شەكىلگە كەلگىنىگە ئەمدى 2 ئايدىن ئاشتى.
تور بىكىتىمىزنى ھىچقانداق ئىلان تەشۋېقاتقا قوشمىغان مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئادەتتە كۈنلۈك ip   بولسا  1000      دىن  چىكىلىشى 3000  دىن ئاشىدۇ.كىرىش دائىرسى پۈتۈن جۇڭگۇنى قاپلىغان چەتئەلدىن كىرىش نىسبىتى 1 پىرسەنتتىن ئاشىدۇ . ئىزدەش توربەتلىرىدىن ماتىرىيال ئىزدەپ كىرىدىغانلار 5 پىرسەنىت بۇ سان ئىچىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بىر بەت ئۈچۈن ناھايتى ياخشى دىيىشكە بولىدۇ. ھەتتا كۈنلۈك ip  بولسا 100  گە يەتمەيدىغان بەتلەر نۇرغۇن. بۇنىڭ ھەممىسى سىلەردەك كەڭ قوللىغۇچىلارنىڭ تۆھپىسى ئەلۋەتتە.

تۆۋەندە مەن تور بەتنىڭ بارلىق قاناللىرىنى تونوشتۇرۇپ ئۆتەي.

تەۋپىق دەرىسخانىسى
/dares/

بۇ توربىكىتىمىزنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ، شۇنداقلا ئامراق پەرزەنتىڭىزنىڭ سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۆرۆپ ئائىلە ئوقوتقۇچىسى تىپىش ئاۋارچىلىكىدىن خالاس قىلىش، شۇنداقلا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا كىرىشىنى چەكلەش ئەمەس بەلكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرسە بولىدىغان سورون ھازىرلاش مەخسىتىدە ئىچىلغان بولوپ مەزمۇن جەھەتتىن موللىشىش باسقۇچىدا . شۇڭا ھازىرغىچە ھىچقانداق ئۇلىنىش بەتلىرىگىمۇ قوشقىنىم يوق، كەڭ تورداشلارنىڭ تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بەھرىمان قىلىش مەخسىتىدە ساقلاپ قويغان ماتىرىياللىرى بولسا تەمىنلىشىنى شۇنداقلا تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

دەرىس تىكىستلىرى
/bbs/thread.php?fid=10

بۇ مۇنبەر ئىچىدىكى بىر تۈر بولوپ تولوقلانغاندا ئايرىم بەت قىلىپ قۇرلىدۇ، يەنى بۇمۇ مىللى مائارىپىمىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىش مەخسىتىدە  ئۆز كەسپىم بولغان ئەدەبىياتنى ئاساس قىلغان بولوپ كەڭ جاپاكەش ئوقوتقۇچىللىرىمىزنىڭ يۈكى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتەلىسەك بىز شۇنىڭدىن خوش، ئەگەر مۇمكىن بولسا باشقا كەسىپتىنمۇ ئۆز كەسپىنى سۆيىدىغان ئۆزىگە ئوخشاش جاپاكەش ئوقوتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىشنى خالايدىغانلار بولسا ئايرىم سەھىپە قۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە 1-2 يىلدا تولوقلانسىمۇ ھىساپ، چۈنكى ھازىر ھەرقانداق بىر خەنزۇ ئوقوتقۇچى ماتىرىيال زۆرۆر بولسا ياكى دەرىس تەييارلىماقچى بولسا بەيدۇدىن ئىزدەپ تىپىپ كىسىپ چاپلاپ نەچچە مىنۇتتىلا پۈتتۈرىدۇ، لىكىن بىزچۇ؟ئالدىرغاندا  خەت بىسىش بىر ئاۋارچىلىق . شۇڭا بىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ يىزىق بايلىقىمىزنىڭ ئىلىكتۇرۇنلىشىشىنى ئىگىرى سۈرۈپ تۇرمىشىمىزغا تىخىمۇ قولايلىق ئىپ كىلىشمىز كىرەك. مۇشۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ تور ھەممە يەرنى قاپلىغان مۇشۇ ۋەزىيەتتە بىز ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ دەرىسخانىغا باشلاپ كىرىپ ئوقوغوچىلارنىڭ قىزىقىشىنى تىخىمۇ ئۆستۆرگەن ئاساستا تىخىمۇ مول ۋە مۇكەممەل بىلىم بىلەن تەمىنلەش زۆرۆر دەپ ئويلايمەن.
بۇ ھەقتىمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مۇنبەر
/bbs/

بۇ ھەممەيلەنگە تونوشلۇق تۈر، مۇنبەرگە قۇرۇلغىلى ئەمدى بىر ئايدىن ئاشتى، شۇنداقتىمۇ يامان ئەمەس . گەرچە مائارىپقا ئالاقىدار مەخسۇس تۈرلەر بولسىمۇ لىكىن ئۇنۋېرساللىققا ئىگە . بەزى تورداشلارنىڭ  تەۋپىق مائارىپ تور بىكىتى دىگىننى كۆرۆپلا مۇنبەرنىمۇ مەخسۇس مائارىپقا ئالاقىدار تىما بولىشى كىرەك ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئوخشايدۇ. پەقەت كەسپىم ئوقوتقۇچى ھەم تەۋپىق   دىگەن بۇ نام مائارىپقا يىقىن ھەم ئەينى ۋاقىتتا بىزگە يول باشلاپ ماڭغان مائارىپچىمىزنىڭ ئەدەبى تەخەللۇسى بولغاچقا مۇشۇ نامدا بىر مائارىپ تور بىكىتى بولىشى كىرەك دەپ ئويلىدىم.
مۇنبىرىمىزنىڭ دائىملىق ئەزالىرى كۆپ بولمىسىمۇ قىسقىسى تىما ئىنكاس يوللايدىغانلار ئاز بولسىمۇ لىكىن ئۆتكۆنچى تىمىلار ئاز، بىلىشكە تىگىشلىك ھەم ئىجادى تىمىلار كۆپ بولغاچقا كۆرلىشى يامان ئەمەس.
مۇنبەرنىڭ ئۆزىنىڭ كۈنلۇك زىيارىتى 350 كە يىتىدۇ. ئىلگىركى مۇنبەرنىڭ كۈنلۈك يازمىسى 200  دىن چۈشمەيىتتى لىكىن زىيارەت 100 گە يەتمەيىتتى.
شۇڭا تورداشلارنىڭ قوللاپ بىرىشىنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىرىشىنى مۇنبىرىمىزنىڭ تىخىمۇ ئاۋاتلىشىشى ئۈچغن كۈچ چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


تەۋپىق mp3 قانىلى
/mp3/
گەرچە بۇ بەت ئىنتايىن ئاددى بولسىمۇ لىكىن تورداشلارنىڭ ناخشا چۈشۈرۈش ھاجىتىدىن تولوق چىقالايدۇ.  ھەممىمىزگە ئايان  ناخشا بەتلەر ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ لىكىن پەقەت ناخشا ئاڭلىغىلىلا بولىدۇ لىكىن كومپىيۇتىرىمىزغا چۈشۈرۋىلىشقا بەرمەيدۇ، دەل مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ قانالنى تەسىس قىلغان ناخشىلارنى بىمالال ئاڭلاپ چۈشۈرۋالغىلى بولىدۇ، ھەتتا دەرىسلىكتىكى ئەسەرلەرنى ئاۋازغا ئىلىپ يوللاپ قويوش ئارزۇيۇممۇ بار. شۇڭلاشقىمۇ بۇ بەتنىڭ چىكىلىشى مۇنبەر بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ.
شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاقلاشقۇسى كەلگەن ناخشا مۇزىكىلار ۋە مودا ناخشىلار بولسا تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
بۇ بەت ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنىمۇ ئايىيماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.


تەۋپىق سۈرەتلىك كۈيلەر سالونى
/mtv/

بۇ بەتكە ھەرخىل سۈرەتلىك ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بولوپ سۈرەتمۇ يامان ئەمەس. داۋاملىق ناخشا قوشولوپ ماڭىدۇ، بۇنىڭغىمۇ تورداشلارنىڭ ناخشا  تەۋسىيە قىلىشىنى ۋە تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

تەۋپىق كىنوخانىسى
/kino/

بۇ پۈتۈن توربەت چىكىلىشىنڭ يىرىمىنى ئىگەللەيدىغان ئاۋات قاناللارنىڭ بىرى بولوپ نۇرغۇن كىنولار سىزنىڭ كۆرىشىڭىزنى كۈتمەكتە
يىڭى چىققان ياخشى كىنولار بولسا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ۋە تەكلىپ پىكىرلىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

 تەۋپىق تور ئويونلىرى
/game/

بۇ بەتنى تورداشلارنىڭ چارچىغان ۋاقىتتىكى ئارامگاھى قىلىش مەخسىتىدە تەسىس قىلغان بولوپ بالىلار ئويونلىرىنى كۆپپەيتىش نىشانىم بار. چارچىغان ۋاختىڭىزدا كىرىپ ئويناپ چىققايسىز.يىڭى ئويونلار بولسا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ھەمدە تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

تەۋپىق ئىتوت قانىلى
/itot/

بۇ يەرگە يىڭىدىن يىڭى ھەرخىل ئىتوت، كۈلدۈرگىلەر ۋە قىزىقارلىق كۆرنۆشلەر يوللانغان بولوپ كىرىپ كۆڭلىڭىزنى ئىچىپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ
بۇ ھەقتىمۇ يىڭى كۈلدۈرگىلەر بولسا تەۋسىيە قىلىشىڭلارنى ھەمدە قىممەتلىك تەكلىپ پپىكىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

رەسىم ۋە دىتال
/bbs/show.php

بۇ مۇنبەرگە يوللانغان قوشومچە ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بولوپ تورداشلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئايرىم تۈر قىلىپ چىقىرىپ قويولدى، ماتىرىياللار مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئايرىم ئايرىم ھالدا رەسىم  ۋە  دىتال   قانىلى بولوپ قۇرلىدۇ.



شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى تور بىكىتىمىزنىڭ تىخىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئۆزۆم يالغۇز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تورغا چىقىش ۋاختىم قىس بولغاچ يىتىشىپ بولالماي تەمىنلەشكە تىگىشلىك ماتىرىياللار بىلەن تولوق تەمىن ئىتەلمىگىنىم ئۈچۈن تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.

ئاخردا توربىكىتىمىزنىڭ مۇشۇ ھالەتكە كىلىشى ئۇچۇن تىخنىكا جەھەتتىن  ياردەم قىلغان مەھمۇتجان كىرەم قۇرداش(گۇما لىنىيسى تور بىكىتىنىڭ دەسلەپكى قۇرغۇچىسى)قا شۇنداقلا ئىختىسادى جەھەتتىن ياريۆلەكتە بولغان مۇنبىرىمىز ئەزاسى چارتىكىن ئەپەندىگە ، ۋە تور بىتىمىزنى بۇرۇندىن قوللاپ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان ئارزۇ، لەيلى، تۇتيا  قاتارلىق مىھنەتكەشلەرگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.


تورداشلارنىڭ تور بىكىتىمىزنىڭ تىخىمۇ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى بىرىشىنى مىللى يىزىقتىكى يازما ماتىرىياللىرىمىزنىڭ ئىلىكتىرۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

uzak___yol 2010-08-26 18:36
تەۋپىق مۇنبىرىنىڭ كىيىنكى كۈنلىرىگە تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن ....

arzu 2010-08-26 19:58
مۇشۇ كۈنلەردە تورغا كېرەلمەيۋاتىسىز. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى مۇنبەرگە كىرگەن كۈنى يازمىلار 100 گە يېتىپ كېتىۋاتىدۇ. كۆپرەك كۆڭۈل بۆلسەك بولاتتى ، ئۆزىمىزمۇ....

tawpek 2010-08-28 00:38
مىنىڭ تورغا چىقىش ۋاختىم بەك قىس، كۈنلۇك ۋاختىم 2-3 سائەتكە ئاران يىتىدۇ، شەنبە -يەكشەنبە مۇتلەق چىقالمايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە قاناللارنى يىڭىلاپ تۇرمىسام ..............يەنە نۇرغۇن ئىشلار بار. بۇلارمۇ ئوڭشىلىپ كىتەر.ھازىرچە كۈندىن - كۈنگە ئىشىۋاتقان كۆرۆرمەنلەرگە قاراپ كۆڭلىڭىزنى خوش قىلغاچ ، ئىلان چىكىپ كىيىنكى تاپاۋىتىڭىزنى ئۆستۆرگەچ تۇرۇڭ.

tawpek 2010-08-31 15:06
مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى تۇتىيا  نىڭ تورغا چىقىش ئىمكانىيتى بولمىغاچقا  مۇنبىرىمىز ئەزاسى ، بۇرۇنقى مۇنبىرىمىزنىڭ سابىق باشىقۇرغۇچىسى باشقۇرغۇچىلىققا كۆتۆرۆلدى. ۋاقىپ بولغايسىلەر.

arzu 2010-08-31 19:34
مەنمۇ سىزگە شۇ گەپنى قىلماقچى بولۇپ ، بۇ تېمىنى ئاچقانتىم، توۋۋا.... ئويلىغىنىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىپ قالغىنىنى....   ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىپ، بىز بەك ئالدىراش بوپ كەتتۇق، مۇنبەرگىمۇ مەسئۇل بولالماي قالدىم، شۇڭا، مېنىڭ ئورنۇمغا لەيلىنى تەۋسىيە قىلماقچى بولۇپ، بۇ تېمىنى ئاچقان ئىدىم. مۇنبىرىمىزنىڭ سادىق ئەزاسى باشقۇرغۇچىلىققا قويۇلدى ، دېگىنىڭىزنى كۆرۈپ ، قارىسام لەيلى ئىكەن. مەن بەك خوشال بولدۇم، لەيلى ھەم مەسئۇلىيەتچان، ھەم زىرەك. تورغا چىقىدىغان ۋاقتىمۇ بىزنىڭكىدەك يوق ئەمەس. چوقۇم ياخشى ئىشلەپ كېتىدۇ

تەبرىكلەيمەن، سىڭلىم، مەمتىلى مۇئەللىمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن.

مېنىڭ ئورنۇمغىمۇ مۇۋاپىقراق بىرىنى ئويلىشىپ باقارسىز، مەن مەسلىھەتچى بولاي.....

يەنە بىر گەپ، مۇنبەرداشلار چ چ توپىنى دەرھال قۇرۇڭ، بولمىسا ئەزالار چېچىلىپ كېتىدىكەن. ئىلگىرىكى توپ چچ باردۇ؟ ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ.

tawpek 2010-08-31 21:38
مەنمۇ شۇ ئىشلارنى رەتلىكرەك ئىپ باراي دەپ ئاي توشىشىنى ساقلاپ تۇرغان. چ چ توپىنىڭ ئىشىنى مەن دەرھال ئويلىشاي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلەىركى مۇنبەردىكىلەر ساپلا يىقىن يوروقلار ئىدى كىرىدىغانلار ئاز يازما يوللايدىغانلار جىق ئىدى مۇنبەر ئاۋات كۆرىنەتتى، لىكىن ھازىر سەل چۆلدەرەپ قالغاندەك كۆرۆنەىنى بىلەن كىرىدىغانلار كۆپ سىتاستىكىغا قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەزالاردىن مەن بىلىدىغانلار 10 غا يەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىن يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ۋاختىنچە بەكرەك كۈچىشىمىزەە توغرا كىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئارزۇ ئۆزىڭىزنى ئىپ قىچىش بىلەنلا ئاۋارە، بەلكى مۇنبىرىمىزدە يالغۇز قىلىپ زىرىكىپ قالغانسىز، بەلكىم ئۇمۇ ۋاقىتلىق ئىشلار  مەن پەقەت ئەجرىڭىزنى يەردە قويماسلىقنىلا ئويلاۋاتىمەن، يەنە بىر مەزگىل تەخىىر قىلىڭ.

tawpek 2011-07-15 10:49
مۇنبىرىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى بولىۋاتىدۇ، تورداشلارنىڭ يەنە تەكلىپ -پىكىرلىرى بولسا ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


查看完整版本: [-- تور بىكىتىمىز ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled