查看完整版本: [-- 15.مۇزىكا ساداسى (تەييارلىق) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز 9- يىللىق تىل-ئەدەبيات تەييارلىقلىرى -> 15.مۇزىكا ساداسى (تەييارلىق) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-02-22 19:08

15.مۇزىكا ساداسى (تەييارلىق)

15.مۇزىكا ساداسى
رېمان
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ژانېرى ۋە ئاپتورى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش، كومىدىيەنىڭ بىرپۈتۈن ۋەقەلىكى.
2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ژانېرى، ئاپتورى ۋە ۋەقەلىكىنى ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرۈش، چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش.
3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- باشقىلارغا ئورا كولىسا ئاخىرى ئۆزى چۈشىدىغانلىقىنى تونۇتۇش.  
مۇھىم نۇقتا: ژانېرى ۋە ئاپتورى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش، كومىدىيەنىڭ بىرپۈتۈن ۋەقەلىكى.
قىيىن نۇقتا: ژانېرى ۋە ئاپتورى، كومىدىيەنىڭ بىرپۈتۈن ۋەقەلىكى.  
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاپتورنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى ھەم سۈرئەتلىرى.
ئۇسۇل: تېكست ھەم ئوقۇتقۇچى بايانى ئاساسىدا قوزغۇتۇش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئاپتورنىڭ سۈرىتى ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
1› تېكىستنىڭ ژانېرى نېمە؟ ئاپتورى كىم؟
ئوقۇتقۇچى بايان ھەم سوئال قويۇش شەكلىدە چۈشەنچە بېرىدۇ.
تېكىستنىڭ ژانېرى ناخشا-مۇزىكىلىق ھېكايە فىلىم. چۈنكى، فىلىمدە ناخشا-مۇزىكا پېرسۇناژلار خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشىدىكى ئاساسلىق ئورۇنداش شەكلى ۋە ۋەقەلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىنغان ھەمدە ئايال باش قەھرىماننىڭ تۇرمۇشى ۋە تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن.فىلىمدە يالغۇز كىشلىك ناخشا، خور، ئېيتىشىش كۆپ بۇلۇپ، بۇ كۆرۈرمەنلەرگە جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىدۇ.
ئاپتورى رېمان.
رېمان ـــ ئامېرىكا سىنارىيە يازغۇچىسى ، بۇ تېكىست مەزكۇر كىنو سېنارىيىسىنىڭ باش قىسمى، «مۇزىكا ساداسى›› دېگەن سىنارىيىگە ئاساسەن 1965-يىلى ئىشلەنگەن بۇ كىنو فىلىمى شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.بۇ ئەسەر ئەسلىي مۇزىكىلىق تىياتىر بۇلۇپ، 1959-يىلى كومپوزىتور رىچاد روجېرس بىلەن دراماتورگ ئوسكار خاممېرشتېيىن تەرىپىدىن بىرلىكتە ئىجاد قىلىنغان.
2› چۈشەنمىگەن سۆز-جۈملىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇڭ؟
بۇ ئارقىلىق تېكستتىكى مەنىسى چۈشۈنىكسىز ياكى نائېنىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى توغرا ئىزاھلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېكستنى توغرا چۈشۈنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.
3› تېكىستە ئايال باش قەھرىمان قايسى جايلاردا بىۋاستە، قايسى جايلاردا ۋاستىلىك تەسۋىرلەنگەن؟ بۇ قانداق بەدىئىي ئۈنۈمگە ئىگە؟
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئاساسىدا بىرلىكتە ئوتتۇرغا قويىدۇ.
ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى مارىيا.
مارىيانىڭ، ئەسەرنىڭ باش قىسىمىدىكى ئالپىس تېغىدىكى پائالىيەتلىرى ھەم ئاخىرىدا مۇناستىرگە كىرگەن جايلىرى بىۋاستە تەسۋىرلەنگەن. مۇناخلارنىڭ دىئالوگ ھەم ناخشىلىرىدا ۋاستىلىك تەسۋىرلەنگەن.
4› مۇناخلارنىڭ مارىيا ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ پىكىرىلىرىنى يەكۈنلەپ بېقىڭ  ھەمدە مارىيانىڭ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قانداق قىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
مۇناخلارنىڭ مارىيا ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ پىكىرىلىرىنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ يەكۈنلەشكە بولىدۇ. بىر قىسىملار مارىيانى، قائىدىنى كېرەك قىلمايدىغان، مۇناخ بولۇشقا ماس كەلمەيدىغان، كۆرگەنلا نەرسىگە قىزىقىدىغان، خالىغىنىنى قىلىدىغان تەنتەك، ئەسكى قىز، دەپ قارىسا؛ يەنە بىر قىسىملار، شوخ، جانلىق، ئۆزىنى بوغۇپ تۇرىۋاتقان تۈرلۈك ئاسارەتلەر ھەم ناچار تۈزۈملەردىن قۇتۇلۇشنى ئىستەيدىغان، ئەتىراپلىق قىزىقىشقا ھەم پائالىيەتچانلىققا ئىگە قىز، دەپ قارايدۇ. ئەمىليەتتىمۇ مارىيا  شوخ، جانلىق، ئۆزىنى بوغۇپ تۇرىۋاتقان تۈرلۈك ئاسارەتلەر ھەم ناچار تۈزۈملەردىن قۇتۇلۇشنى ئىستەيدىغان، ئەتىراپلىق قىزىقىشقا ھەم پائالىيەتچانلىققا ئىگە قىز.
«مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
15.مۇزىكا ساداسى
1› ژانېرى ۋە ئاپتورى.                         2› چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش.
3› باش پېرسۇناژ تەسۋىرى ۋە ئۇنىڭ خارەكتېرىگە ئومومىي باھا.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:



دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:

دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت:  201-يىل  -ئاينىڭ   -كۈنى.
9-يىللىقنىڭ  201-يىلى -ئاينىڭ  -كۈنىدىكى  -سائەتلىك ئەدەبىيات دەرس لايىھەسى
دەرس تېمىسى:
15.مۇزىكا ساداسى
رېمان
دەرس تىپى: يېڭى دەرس.
ئوقۇتۇش نىشانى: 1›بىلىم ۋە ئىقتىدار- ژانېرى ۋە ئاپتورى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش، كومىدىيەنىڭ بىرپۈتۈن ۋەقەلىكى.
2›ئۇسۇل ۋە جەريان- ژانېرى، ئاپتورى ۋە ۋەقەلىكىنى ئوقۇتقۇچى چۈشەندۈرۈش، چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش.
3›ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- باشقىلارغا ئورا كولىسا ئاخىرى ئۆزى چۈشىدىغانلىقىنى تونۇتۇش.  
مۇھىم نۇقتا: ژانېرى ۋە ئاپتورى، چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش، كومىدىيەنىڭ بىرپۈتۈن ۋەقەلىكى.
قىيىن نۇقتا: ژانېرى ۋە ئاپتورى، كومىدىيەنىڭ بىرپۈتۈن ۋەقەلىكى.  
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاپتورنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى ھەم سۈرئەتلىرى.
ئۇسۇل: تېكست ھەم ئوقۇتقۇچى بايانى ئاساسىدا قوزغۇتۇش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ئاپتورنىڭ سۈرىتى ئاساسىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
1› مۇناستىر ئارخىمىندىرىتنىڭ مارىيانى«ئاسماندىكى ئاي››، «ئاسماندىكى بۇلۇت››لارغا ئوخشىتىشى مۇۋاپىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟مارىيانى بىر-ئىككى جۈملە ئوخشىتىش بىلەن تەسۋىرلەپ بېقىڭ.
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئىچىدىكى، مۇناخلارنىڭ ئېيتىشىشىدىكى يۇقارقى ئوخشىتىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىرپۈتۈن مىسىرالارنىڭ مەزمۇنلىرىغا ئاساسەن بىرلىكتە ئوتتۇرغا قويىدۇ.
مۇناستىر ئارخىمىندىرىتنىڭ مارىيانى«ئاسماندىكى ئاي››، «ئاسماندىكى بۇلۇت››لارغا ئوخشىتىشى مۇۋاپىق.
چۈنكى، ئاسماندىكى ئاي ياكى بۇلۇتنى ئادەم باشقۇرغىلى بولمىغاندەك، مۇناستىردىكىلەرمۇ مارىيانى باشقۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇلار مارىيانى «ئاسماندىكى ئاي››، «ئاسماندىكى بۇلۇت››لارغا ئوخشىتىدۇ.
بىزچە مارىيانى يەنە شوخ تايچاققا، ئوخچۇپ ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇغا، ئۆزى بىلگەن تەرەپكە سوقۇۋاتقان مەيىن شامالغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
2› سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىمۇ مارىياغا ئوخشاش مىجەزلىك كىشى بارمۇ؟ ئەستايىدىل كۆزىتىپ بېقىڭ ھەمدە بىرەر ئابزاس سۆز ئارقىلىق ئۇنى تەسۋىرلەپ بېقىڭ؟
ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۆزىتىشى ۋە چۈشىنچىسىگە ئاساسەن، شۇ كىشىلەرنىڭ ئەمىلىي ھەرىكىتى ۋە خارەكتېرى بىلەن ئوتتۇرغا قويىدۇ.
3› تېكىستتىن جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزدىن ئوننى تېپىپ، تۈسىگە ھۆكۈم قىلىڭ ھەم رولىنى چۈشەندۈرۈڭ؟
ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تېكىست ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويىدۇ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە خۇلاسىلەيدۇ.
‹1› بېرنىس، ئۇ دېگەن مارىيا، كۆزدىن غەلەت بولۇشقا بەك ئۇستا، ئوبدانراق ئىزدىمىسە تاپقىلى بولمايدۇ. (173-بەت)  قاراتما سۆز.
‹2› ئارخىماندرت چوڭ ئانا، مارىيانىڭ مۇناخ بولۇشقا لايىق كەلمەيدىغانلىقىغا ئەمدى ئىشەنگەنسىز؟ (173-بەت)  قاراتما سۆز.
‹3› بەلكىم...ئۇنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ قويىدىغان چاغ كەلگەن ئوخشايدۇ. (173-بەت)  قىستۇرما سۆز.
‹4› ئىشقىلىپ، مېنىڭچە، قارا قوينىڭ يۇڭىمۇ ئىسسىق بولىۋېرىدۇ. (174-بەت)  قىستۇرما سۆز.
‹5› بېرتا (ئۆز پىكىردە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ): (174-بەت)  ئىزاھلىغۇچى سۆز.
‹6› سىلەرچىچۇ؟ (ئۇ باشقا مۇناخلارغا قاراپ سورايدۇ) (174-بەت)  ئىزاھلىغۇچى سۆز.

تاپشۇرۇق:
«مەشق»قوللانمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك جايلىرى ئىشلىنىدۇ. تەكشۈرۈلۈپ، دەرسخانىدا ئومۇملاشتۇرىلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
15.مۇزىكا ساداسى
1› مۇناخلارنىڭ نەزىرىدىكى مارىيا ۋە بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى مارىيا.      2› چۈشۈنىكسىز سۆزلەرنى ھەل قىلىش.
3› جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەردىن مەشق.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:



دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:


دەرس تەستىقلىغان ۋاقىت:  201-يىل  -ئاينىڭ   -كۈنى.

مەنبە: ئەمگىكىم

attila 2011-02-22 19:13
1> مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم. تولوقلايدىغان جايلار بولسا تولوقلاپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىك جايلارنى تۈزۈتۈپ قايتا يوللايدىغانلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن ئاتتىلا.
2> تۈر قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەش، ئوغلۇمنىڭ سۈننىتىنى قىلىش ھەم قېيىن ئىنىمنىڭ تويى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇزۇن بولدى كۆپچىلىك بىلەن ھەمكارلىشالمىدىم. ئەپۇ قىلغايسىلەر!

koksangun 2011-02-22 19:57
ئاتىللاغا كۆپ تەشەككۈر ، سىزنىڭ بۇ ئەمگەكلىرىڭىز كەڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇزۇن ياشايدۇ . تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، بۇ تەۋپىق بىكىتى ئۈچۈن قوشۇلغان زور تۆھپە دېيىشكە بولىدۇ .
بۇ تېمىنى ، ئەلۋەتتە نادىرلاپ قويۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز...
سىزگە سالامەتلىك  ، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ...

ozqan 2011-02-22 20:10
ۋاھ  ،  بەك  كاتتا  ئەمگەك  بوپتۇ ،   ھارمىغايسىز .............

tawpek 2011-02-23 20:34
بۇ بىر ھەيران قالارلىق تىما بوپتۇ.

مەن ئەتىدىن باشلاپ بۇ تەييارلىقلىرىڭىزنى دەپتىرىمگە كۆچۆرۆشنى باشلايمەن.

نەچچە سائەتلىك ۋاختىمنى تىجەپ بىرىدىغان بولدىڭىز. دەرىس باشلانسىمۇ يەنىلا تور بەتنىڭ ئىشلىرى تاشلىنىپ قالمايدىغان بولدى.

alogli 2011-02-25 12:59
تەۋپىق ئەپەندى مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى تەلەپ قىپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تېلېفون ۋە كيۇ كيۇ نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويدۇم. مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئالاقىلىشارمىز.
تېلېفون: 18999065779، 
كيۇ كيۇ: 1660102866 (بىراق مەن تورغا كۆپ چىقالمايمەن. چۈنكى، مەن قولايلىق تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنمىگەن)

kabiljan 2011-02-27 00:49
ئاتېللا بىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۇكىنى كۆپ يىنىكلىتىپ بەردى. ئەجرىگە كۆپ رەھمەت..مەن توققۇزىنچى يىللىقنىڭ قوش تىللىق ئەدەبىياتىنى ئۆتكەچكە پايدىلانغۇدەك مەزمۇنلار ئانچە كۆپ يوقكەن شۇنداقتىمۇ ئەجىر قىلغۇچىغا ئەلۋەتتە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك.ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي.

tawpek 2011-02-27 11:52
مەن دەل ئادەتتىكى سىنىپنىڭ 9- يىللىق ئەدەبىياتىنى ئۆتەتتىم، مۇشۇ پايدىلانمىللىرىڭز ئىلھامى ئاستىدا بۇ تەييارلىقلىرىڭىزغا ئىش قوشوپ دەرىس تەييارلىقىنى كومپىيۇتىردا چىقىرىۋاتىمەن. كۆپ قولايلىقكەن. 16- دەرىسنىڭ ئاخىرىنىمۇ يوللىۋىتەرسىز.ئەدەبىيات ئوقوتقۇچىللىرىنىڭ خىزمىتىگە ھەسسىلەپ قولايلىق ئىلىپ كەلدىڭىز.

asanat 2011-03-10 09:41
تەۋپىق ئەپەندى سىزگە ئالەمچە تەشەككۇر،سىز بىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۇكىنى يەڭگىللىتىپلا قالماي پىكىرلىرىمىزنىڭ يېقىنلىشىشىغا  شارائىت ھازىرلاپ بەردىنڭىز.سىزدىن كوپ مىننەتدارمىز.  مۇمكىن بولسا  9-يىللىق 2- قىسىم 15-دەرستىن كىيىنكى دەرس تەييارلىقىنىمۇ يوللاپ قويسىنڭىز

apandi 2011-03-22 23:36
  كۆپ تەشەككۈر ، سىزنىڭ بۇ ئەمگەكلىرىڭىز كەڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇزۇن ياشايدۇ . تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ،

tawpek 2011-03-22 23:48
مەنمۇ  مۇشۇ  دەرىسلەرنىڭ ئاخىرىغا تەشنا،  ئاتتىلا  ئاكىمىز  كىرگەن بولسا ياخشىلىقنى  ئاخىرغىچە قىلىۋىتەرمىدىكىن  دەيمەن.

بابۇر0725 2014-02-14 17:42
بۇدەرس 9-يىللىق 2-ماۋسۇمدىكى  ئەڭ قىيىن دەرسلەرنىڭ بىر ئوقۇغۇچىلارغا ھېس قىلدۇرۇش ،بۇلۇپمۇ ئەينى دەۋرىر شارائىتىنى ،پىرسۇناژلاردىكى مۇرەككەپلىكىنى ،يەنە كېلىپ بۇ ئەسەرگە نىمە ئۈچۈن «مۇزىكا ساداسى››دەپ ماۋزۇ  قويۇلغانلىق قاتارلىقلارنى بىرقەدەر تەس .بۇ تەييارلىقتا ئەتراپلىق تەھلىل ۋە ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى قىسمى ناھايىتى ياخشى بىرىكتۈرۈلۈپتۇ.جاپا چېكىپسىز ھارمىغايسىز

15894005488 2014-03-16 21:00
كەسپداشلار نامىدىن سىزگە كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن.

ماتروس 2014-07-13 12:03
مەن دەل مۇشۇلارنى ئىزدەپ تۇراتتىم    رەھمەت سىزگە ....  

مىېھرىما 2014-07-13 12:41
ئاتىللا مۇئەللىم بىزگە ياخشى بىر ئەمگەك مىۋىسىدىن بىرنى سوغا قىپتۇ.

بۇ دەرىسنىڭ لاھىيىلىنىشى بەكلا ئۆزگىچە ياخشى بوپتۇ.
سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

مىېھرىما 2014-07-13 12:42
ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قېلۋاتدۇ سىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمىز .

ئېسىل تىمىللىرىڭىزىن بىزنى خەۋەردار قىلىشنى ئۇنتىماڭ!!!!!


查看完整版本: [-- 15.مۇزىكا ساداسى (تەييارلىق) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled