گۈل ناخشىسى جېبران خېلىل جېبران مەن تەبىئەتنىڭ سۆزى ، تەبىئەت مېنى سۆزلەيدۇ ، قايتۇرۋېلىپ يۈرىكىدە ساقلايدۇ ، ئاندىن يەنە سۆزلەيدۇ ... مەن ئاسماندىن يېشىل پايانداز ئۈستىگە ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇزمەن . مەن ئېلېمېنىتلارنىڭ قىزىمەن ، قىش مېنى قورسىقىدا ئۆستۈرىدۇ ، باھار ئېچىلدۇرىدۇ ، ياز چوڭ قىلىدۇ ، كۈز ئوخلىتىدۇ . مەن دوستلار ئارىسىدا قولدىن -قولغا ئۆتىدىغان سوۋغاتمەن؛ توينىڭ گۈل تاجىمەن ؛ مەن ھات قالغۇچىنىڭ ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ئاخىرقى نەزىرلىكىمەن . مەن ئەتىگەندە سابا بىلەن بىللە نۇرنى قارشى ئالىمەن ، كەچتە ئۇنى قۇشلار بىلەن بىللە ئۇزىتىپ قويىمەن . مەن كەڭ دالىدا يەلپۈنۈپ ، دالىنىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىمەن ؛ مەن لەۋەن شامالدا نەپەسلىنىپ ، شامالنى تېخىمۇ خۇشبۇي قىلىمەن . مەن كۆزلىرىمنى خومارلىق يۇمغاندا ، تۈن ئاسمىنىدىكى سان - ساناقسىز يۇلتۇزلار ماڭا زوق بىلەن باقىدۇ ؛ ئويغانغىنىمدا كۈندۈزنىڭ بىرلا بولغان چوڭ كۆزى ماڭا تىكىلىدۇ . مەن تاڭ شەبنەملىرىدىن ھاسىل بولغان ئېسىل شارابنى ئىچىمەن ؛ قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى ، ناخشىلىرىنى ئاڭلايمەن . مەن دائىم ساماغا تىكىلىپ ، نۇرغا مەپتۇنلۇق بىلەن باقىمەن ؛ يالغۇزمەن دەپ قايغۇرۇپمۇ يۈرمەيمەن ، خۇش پۇراقلىرىمدىن ئۆزۈملا ھۇزۇرلىنىمەن دەپمۇ تۇرۇۋالمايمەن . ھالبۇكى ، بۇ پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى تېخى ئىنسانلار تولوق چۈشىنىپ كەتكىنى يوق . تىل - ئەدەبىيات زۆرۈر ئوقۇشلۇق (1) دىن |