查看完整版本: [-- قوش مەسچىت(مۇھەممەتئىلى زۇنۇن) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> قوش مەسچىت(مۇھەممەتئىلى زۇنۇن) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-08-24 16:37

قوش مەسچىت(مۇھەممەتئىلى زۇنۇن)

مەمەتئېلى زۇنۇن  n.!#P|  
iU$] {c2;A  
WIC/AL'  
                                                                 1 Aw$x;3y  
بوۋا مۆھتەرەم بوۋا، سەن ئېيتىپ بەرگەن چۆچەك رىۋايەتلەر نەقەدەر ئاجايىپ غارايىپ ۋە قىزىقارلىق ئىدى ھە؟ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە يىتىپ بارالايدىغان ئۇچار گىلەم، ئۇچار دۇلدۇللار، خاسىيەتلىك جاھاننامە ئەينەكلەر، «ئېچىلىڭ داستىخېنىم» دەپ بولغۇچە تۈرلۈك تۈمەن نازۇ – نېمەتلەرگە تولۇپ تۇرىدىغان خىسلەتلىك داستىخانلار، بەتنىيەتلەرنى چاڭگالدا قويىدىغان سىرلىق توقماقلار. . . . . ، بوۋام بىر كەچقۇرۇنلۇقى ماڭا مۇنداق بىر چۆچەك ئېيتىپ بەرگەن ئىدىڭ.
*"?l]d  
s.bc>E0  
CR8/K  e  
ئىشقى سەۋدايىغا مۇپتىلا بولغان ئارزۇلۇق شاھزادە ۋىسال يولىغا راۋان بوپتۇ. گىياھ ئۈنمەس چۆل، قۇش قونماس تاغلاردىن ئۆتۈپتۇ. قاراقچىلارغا ئۇچراپ ئەسلى ۋەسلىدىن ئايرىلىپتۇ، ئاخىرى بىگانە بىر مەملىكەتنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئەتراپىدا ئوتۇنچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئادەم گۆشىدە مانتا ئېتىپ ساتىدىغان مانتىپەزنىڭ قاپقىنىغا دەسسەپ ئۇنىڭ يوشۇرۇن زىندانىغا چۈشۈپ قاپتۇ. قارىسا نەچچە ئونلىغان شور پېشانە يىگىتلەر ئىڭراپ ياتقۇدەك. ئايپالتىلىق بەتھەيۋەت جاللاتلار كىرگەن ھامان «مەن ئورۇق ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق ئۇ سېمىز»، - دەپ بىر - بىرنى ئىتتىرۋاتقۇدەك، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئورۇقىمۇ، سىمىزىمۇ تۈگەپ كېتىۋاتقۇدەك. . . l~c@^!  
!\zWF  
قىزىقىپ ئاڭلىغىنىم، جاۋابسىز سوئال، تەشۋىشلىك خىياللار تورى ئىچىدە ئۇخلاپ قالغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. چۈش كۆرۈپتىمەن، ئاشۇ قورقۇنچلۇق قاراڭغۇ زىنداندا تۇرغۇدەكمەن. ئايپالتا كۆتۈرگەن بەتھەيۋەت جاللاتلار كىرىپ «سىمىزلىرىڭ بۇياققا ئۆتۈش»، - دەپ ۋاقىرغۇدەك. ئېچىرقاپ كەتكەن چىلبۆرە كىرىۋالغان چوڭ قوتاندىكى قوي پادىسىدەك بىچارە ھالغا چۈشكەن بىئەقىل تۇتقۇنلار «مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز»، - دەپ بىر - بىرىنى ئىتتىرىشىۋاتقۇدەك. ئىتتىرگەنلەرمۇ تىرەجىگەنلەرمۇ بارا –بارا تۈگەپ نۆۋەت ماڭا كەلگەنمىش «سەن ھەممىدىن كىچىك ۋە ھەممىدىن ئورۇق بولساڭمۇ –دەپ سۆرەۋاتقانمىش، ئۇلار: – بىر قانچە قاسقان مانتىغا يارايسەن، يۈر»، - تىرەجەپ تۇرىۋالغۇدەكمەن، ئۇلار سۆرىيەلمىگۈدەك. ئاخىر ئۇلار، « - بوپتۇ، مۇشۇ يەردىلا جىنىنى ئالايلى!» - دەپ ئايپالتىنى ئېگىز كۆتۈرگىدەك. . . . . F_w Z"e6  
- بوۋا !. . . . . بوينۇڭنى شۇنداق قۇچاقلىۋاپتۇمەنكى، تىنالماي قاپسەن. F"&~*m^+  
- بالام، نېمە بولدۇڭ؟ مەن بار، قورۇقما! –دېدىڭ، ئىسسىق باغرىڭغا مەھكەم بېسىپ. U{7w#>V .  
ئېغىز - بۇرۇنلىرىمنى قورققاق بېسىپ كەتتى. نەچچە كۈنلەرگىچە قىزىپ، جۆيلۈپ چىقتىم. بۇ چۆچەك بىلەن چۈش ئىسىمدىن چىقمىدى. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە يەتكەندە كۆپرەك ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، «مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز»، - دەپ بىر - بىرىنى ئەجەل گىردابىغا ئىتتىرىدىغانلار ئەينى زاماندىلا بولۇپ ئۆتكەنمۇ؟ ھازىر تۈگەپ كەتتىمۇ؟ بىزنىڭ كوچىدا يوقمۇ؟ . . . . Dd'm U  
مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كوچامغا نەزەر سالاتتىم. Ov 5"  
                                                                2
}SX,^|eN  
*@Lp`thq  
كوچىمىز –ئورغاقسىمان ئاي شەكىللىك خالتا كوچا. ھازىر «قوش مەسچىت» دېمىسە ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ كوچىمىزنىڭ ئەسلى نامى «ئايكوچا»ئىكەن. - شۇنداقمۇ، بوۋا؟ ( }{G`N>.{  
ئون توققۇز جۈپ دەرۋازا بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان بۇ خالتا كوچىمىزدا كۆلىمى، قۇرلۇش نۇسخىسى، مۇنار –گۈمبەزلىرىنىڭ ئېگىزلىكىدىن تارتىپ. ئىچكى –تاشقى نەقىشلىرىگىچە ئوپئوخشاش ئىككى مەسچىت بار. سىرىدىن تارتىپ، پىرامىداسىمان قالپاقلىق مىخلىرىغىچە تامامەن ئوخشىشىدىغان ئىككى دەرۋازىمۇ بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ. ئىككى دەرۋازىدىن تەڭ چىققان ئىككى مۇسۇلمان بىر - بىرىگە سالام بېرىشمەيدۇ، تىنچ - ئامانلىق سوراشمايدۇ. ئوڭ ياقتىن چىققىنى ئوڭ ياقتىكى، سول ياقتىن چىققىنى سول ياقتىكى مەسچىتكە راۋان بولىدۇ. ھېيت ئايەم كۈنلىرى ئىككى ياقىنىڭ جامائەتلىرى ئىككى توپ بولۇپ، چوڭ جامەگە قاراپ ماڭىدۇ. بىر - بىرنىڭكىگە ھېيىتلىمايدۇ. قۇدا –باجا بولۇشمايدۇ. بۇ تەرەپتىكىلەر مېيىت ئۇزىتىۋاتسا، ئۇ تەرەپتىكىلەر توي نەغمىسى قىلىۋېرىدۇ. ئىككى ياقتىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئارا دوست –ئاداش بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ تەرەپتىكى بالىلارنىڭ لەگلىكى ئۇ تەرەپ بوشلۇقىدا پەيدا بولغان ھامان شۇ تەرەپ بالىلىرىنىڭ تاش چالمىلىرىدا ئۆتمىتۆشۈك بولماي قالمايدۇ. ئۇ تەرەپتىكى كەپتەرۋازلار بۇ تەرەپتىكىلەرنىڭ كەپتىرىنى تۇتۇۋالغان ھامان قانات - قۇيرۇقلىرىنى يۇلۇپ – يۇڭداپ ئاسمانغا ئاتىدۇ. بۇياقتىن - ئۇياققا ئۆتۈپ قالغان خوراز–مېكىيانلارنىڭ ھەر قاندىقى ئۆز كاتىكىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ. باشقا كوچىلارنىڭ ئۈستىگە قانچىلىغان كۆتۈرمە ئۆيلەر سېلىنغان. بىزنىڭكىدە بىرىمۇ يوق. ئىككى تەرەپ ئىناق بولمىسا، بىر - بىرىگە يول قويمىسا، كۆتۈرمە ئۆي سالغىلى بولمايدىكەن. شۇنداقمۇ، بوۋا؟ -m)X]]~C  
ئىككى تەرەپتىكى خوتۇن خەقلەر ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمى قارشى تەرەپ خوتۇنلىرىنىڭ غەيۋەت –شىكايىتىنى قىلىش بىلەن ئۆتىدۇ. كىر سۈيى، يۇندىلار قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ بوسۇغا، تام تۈۋىلىرىگە تۆكىلىدۇ. كىر سۇلىرى قۇرۇپ ياكى توڭلاپ كېتىدۇكى، جېدەل ماجىرا قۇرىمايدۇ توڭلىمايدۇ. (61EDKNd9  
ئاڭلىسام ئىككى ياقتىكىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تارتقان دەرد - مۇشەققەت، ئازاب –كۇلپەتلىرىمۇ بىر - بىرىنىڭكىدىن قىلىشمايدىكەن. «تۇڭگان يىغىلىقى»ۋاقتىدا باشقا كوچىلارنىڭ ھەممىسىگە مۇستەھكەم دەرۋازىلار بېكىتىلىپتۇ. بىزنىڭ كوچىدىكى ئىككى تەرەپ پۇتۇشەلمەپتۇ، بىر دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىشنى راۋا كۆرمەپتۇ. قوراللىق چىرىكلەر توسالغۇسىز كىرىۋىرىپتۇ، بۇلايدىغىنىنى بۇلاپ بۇلغايدىغىنىنى بولۇۋېرىپتۇ. ئىككى تەرەپ ئاچچىق ساۋاق ئالماپتۇ. پۇشايمان قىلىشماپتۇ. شىڭشىسەي، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا بىر –بىرنى چېقىشىۋىرىپتۇ، تۇتۇپ بېرىشىۋىرىپتۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپتىن ھەپسىگە ئىلىنغان، قەتلە قىلىنغانلار تەڭ نىسبەتتە دېگۈدەك بوپتۇ. مانا ھازىر «ئۈچكە، بەشكە قارشى ھەرىكەت» ۋاقتى. ئۇلار بىر - بىرىنى غەزەپ بىلەن سۆكمەكتە، پاش قىلىشماقتا.
 'C`U"I  
d;zai]]  
- ئۇ - ئوغرى! NG--6\  
- ئو - ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويمايدىغان ئەڭ چوڭ باج ئوغرىسى ! .n#@$ nGZ  
- ئۇ - يىرتقۇچ يولۋاس ! A#Iyb){Y  
- ئۇ - ئەشەددىي يولۋاس ! Cbg!:Cws  
گويا ئۇلار بىر - بىرنى ئىتتىرىشمەكتە: @JtM5qB  
- مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز ! dYG,_ji  
- ئۇ سېمىز، مەن ئورۇق. . . . !ipR$ dM  
سەۋر - تاقەت قىلالمىدىم، بەرداشلىق بېرەلمىدىم ئاخىر ساڭا مۇراجىئەت قىلدىم: lt ^GvWg  
- بوۋا، ئوبدان بوۋا، كوچا - مەھەللىمىزنىڭ بىر ئەسىرلىك تارىخى ساڭا بەشقولدەك ئايان. ئېيتقىنا، كوچىمىزدىكىلەر ئەزەلدىن مۇشۇنداق نائىناقمىدى؟ نەچچە يىل ئالدىدا سورىسامغۇ سەن تېخى كىچىك، تېگى - تەكتىگە يىتەلمەيسەن دېدىڭ چوپچوڭلا بىر يىگىت بوپ قالدىمغۇ مانا، ئەمدىغۇ ئېيتىپ بېرەرسەن؟ بوۋا، نېمانچە خىيالغا چۆكۈپ كېتىدىغانسەن؟ مۇنچە تەقەززا قىلمىغىنە!
6N",- c  
4[;X{ !  
/.3}aj;6  
- ماقۇل، بالام، - دېدىڭ لەۋزىمنى يەردە قويماي، - ھازىر سەن كىچىك بالا ئەمەس، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ئاق - قارىنى پەرق ئېتەلەيسەن، گەپ - سۆزۈمنىڭ تېگى تەكتىگە يېتەلەيسەن، زېھنىڭ بىلەن ئاڭلا، سۆزلەپ بېرەي: [NaN>BZ?  
                                                              3 uehDIl0\[b  
دۇرۇس، كوچىمىزنىڭ ئەسلى نامى «ئاي كوچا» ئىدى. ئايدەك يورۇق، يىللىق كوچا ئىدى. قان - قېرىنداشلىق مۇھەببىتى تاش - كېسەك، تام - تورۇسلىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن ئىناق كوچا ئىدى، زورىدىن ھاكىم بەگدەك كاتتا زاتنىڭ ئىزى، موللا سادىق ئەئلەم ئاخۇنۇم، ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق پىر – ئۇستازلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن خىسلەتلىك كوچا ئىدى! ياسىن داموللا ھاجىم ھەززەرەتلىرى ئاخىرەتكە سەپەر قىلغاندىن كېيىن(ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئىلاھە ئامىن) ئارىمىز بۇزۇلدى، بىر مەسچىت ئىككى بولدى، «ئاي كوچا» دېگەن تەۋەررۈك نام «قوش مەسچىت»كە ئۆزگەردى. ئاغرىق - ئاداۋەت، بالايى - قازا باشلاندى! wCr(D>iM  
مەرھۇم ئىمامىمىز ياسىن داموللاجىم ھەزرەتلىرى ئاتاق – ئابرۇيلۇق مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى، پۇل – مال، ئالتۇن – كۈمۈشلىرىنىڭمۇ ھەددى – ھېسابى يوق ئىدى. ھەقتائالا ئۇنىڭغا بىرجۇپ قوشكېزەك ئوغۇل ئاتا قىلغان. چوڭىنىڭ ئىسمى ھەسەن، كىچىكىنىڭ ھۈسەيىن ئىدى. بوي – ئىسكەت، رەڭ – چىراي، خۇلق – مىجەز جەھەتتىمۇ ئايرىۋالغۇسىز ھالدا ئوخشاشلىقى بىلەن ھەممىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئۆگەندى، بىلىم تاپتى، يۇرت كەزدى، سودىگەرچىلىكنىڭ تىلىنى بىلدى، پۇل تاپتى. ئىمامىمىز ئۇشتۇمتۇت يېتىپ قالدى. ئوغۇللارغا خەت – خەۋەر ئەۋەتىلدى. ھۈسەيىن يېقىنراق بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنراق كەلگەنىدى، دەرھال تويىنى قىلىپ، ئاتىلىق قەرزىدىن خالاس بولدى. ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئاكىسى ھەسەنقارىم كەلدى. ئىمامىمىز ئۇنىڭ تويىنى قىلىپ قويغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ناماز بامداتتىن بۇرۇن ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى، كوچىمىز ئابرۇيلۇق ئىمامدىن ئايرىلدى، ئاقىل، مېھرىبان، دۇئاگۇي ئاتىسىدىن ئايرىلدى. بىز ئەھلى جامائەت ياراملىق بىر ئىمامغا موھتاج ئىدۇق. مەرھۇم ئىمامىمىزنىڭ قوشكېزەك ئوغۇللىرىغا تىكىلدۇق. ھەر ئىككىسى بىلىملىك، خۇش پېئىل، ئەخلاق – پەزىلەتلىك ئەھلى سودىگەر يىگىتلەر ئىدى. قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟ قائىدە – يوسۇن بويىچە بىز ئاكىسىنى تاللىدۇق، شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ تەستىق مۆھرىنىمۇ ئالدۇق. ھەممىمىز خاتىرجەم بولدۇق، بۇرۇنقىدەكلا بىر مەسچىتكە جەم بولدۇق. ] Bcp;D  
خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ قوشكېزەكلەرنىڭ رەپىقىلىرىمۇ قوشكېزەك ئاچا - سىڭىللار ئىكەن. ئاچىسى ئالتۇنخېنىم بۇرۇن ياتلىق قىلىنىپ ھۈسەيىنقارىمنىڭ، سىڭلىسى تىللا خېنىم كىيىن ياتلىق قىلىنىپ، ھەسەنقارىمنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپتۇ. خوتۇنلىرىمىزنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇلار چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان ھەرقانداق ساھىبجاماللاردىن گۈزەل، جەننەت ھۈرلىرىدىنمۇ چىرايلىق ئىكەن. ھۆسن - جامالدا كامالەتكە يەتكەن، باي، دۆلەتمەن قوشكېزەك يىگىتلەر بىلەن تەڭداشسىز گۈزەل قوشكېزەك پەرىزاتلار كوچىمىزنىڭ ئابرۇيى، شان - شەرىپى ئىدى. بىز ئۇلار بىلەن پەخىرلىنەتتۇق، ماختىناتتۇق. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ قان - قېرىنداش قوشكېزەكلەرگە كۆز تەگدى، كوچىمىزغا كۆز تەگدى! بىرلىك - ئىناقلىق ئاپتىپى بىلەن يورۇپ، ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەت ھارارىتى بىلەن ئىللىپ تۇرىدىغان «ئايكوچا»مىز نائېناقلىق ئىس - تۈتەكلىرى ئاستىدا ئۆچ - ئاداۋەت جۇدۇنلىرى كېزىپ يۈرگەن قاراڭغۇ، سوغۇق «قوش مەسچىت كوچىسى»غا ئايلىنىپ قالدى! B.dH(um  
ۋالى، ھاكىم، بەگ قاتارلىق چوڭ ئەمەلدارلار، قازاخۇنۇم، مۇدەررسئاخۇنۇم ئۇنۋانلىق كاتتا زاتلار ياكى ئاتاقلىق بايلار بولمىغان مەھەللىلەردىكى توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يىتىم، نەزىر - چىراغلارنىڭ ھەممىسىدە شۇ مەھەللىنىڭ ئىمامىنى تۆرگە باشلاش ئاتام زامانىسىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە - يۇسۇن. بىز مۇ ھەسەن ئىمامنى تۆرگە باشلايتتۇق، ئىنىسى ھۈسەيىنقارىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالاتتى. خوتۇن خەقلەرنىڭ ئولتۇرۇشىدا ئەھۋال باشقىچە بوپتۇ. ئالتۇنخېنىم: «مەن ئاچا، سىنىڭ يۇقىرى تەرىپىڭدە ئولتۇرۇشۇم كېرەك«دېسە، تىللا خېنىم: «مەن ئاكىنىڭ رەپىقىسى، ئىمامنىڭ رەپىقىسى، ئۆينىڭ تۆرى مېنىڭ « دەيدىكەن. بۇلارنىڭ تالاش - تارتىش، جېدەل - ماجىرالىرى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق توي ھازىغا ئايلىنىدىغان بولدى. بىز - ئەھلى جامائەت، ئاكا - ئۇكا قوشكېزەكلەرگە مۇراجىئەت قىلدۇق:
-&3hEv5  
;LG#.~f  
K%a%a6k`  
- ئىككى خېنىم ئوتتۇرىسىدىكى ئاغرىق - ئاداۋەتنىڭ ئاقىۋىتىدىن تەشۋىشلەنمەكتىمىز. قان - قېرىنداشلىق رىشتىسىنى يىڭى باشتىن تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىناق، بىزنى خاتىرجەم قىلىشقايلا. p^Ak1qm~e  
ئاڭلىساق، ئاكا - ئۇكىلار مۇنداق پۈتۈشۈپتۇ: «ئەر جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ھەر قاندىقىدا يۇقىرى ئورۇن ئاكىغا، مەزلۇم خەقلەر سورۇنىنىڭ ھەرقاندىقىدا يۇقىرى ئورۇن ئاچىغا مەنسۇپ« L\@I*Q P  
- مەن ئاكىنىڭ رەپىقىسى، ئىمامئاخۇنۇمنىڭ رەپىقىسى، - دەپ تەكرارلاپتۇ تىللاخېنىم، - يۇقىرى ئورۇن - مەرتىۋە مىنىڭ ! *A"~m !=  
- مەن ئاچا، - دېگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇپتۇ ئالتۇن خېنىم، - ئورنۇمنى تارتىۋېلىشقا ھەرگىز يول قويمايمەن!
E7.2T^o;M  
H,DM1Z9rz  
$oj:e?8N  
ئاكا – ئۇكا ئۆز رەپىقىلىرىنى تولىمۇ قەدىرلەيدىكەن، ئەتىۋارلايدىكەن. ئۇلار ئارزۇلۇق رەپىقىلىرىنى قايىل قىلالماپتۇ زىددىيەت ئۆتكۇرلىشىۋىرىپتۇ. مەسچىتنىڭ بىقىنىدىكى ئۆيدە توي بولغان كۈنى بۇ ئاچا - سىڭىللار يەنە تۆر تالىشىپ قاپتۇ. تۈرلۈك نازۇ - نېمەت، شېرىنلىكلەر بىلەن تولغان داستىخان ئۈستىگە بىر - بىرىنى بېسىشىپ، يۈز - كۆزلىرىنى تاتىلاپ، چاچلىرىنى يۇلۇشۇپتۇ، تىل - ئاھانەت، يىغا - زارە، قىيا - چىيا كوچىنى بىر ئاپتۇ. مەسچىتكە كىرىۋېتىپ، ئۆز رەپىقىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغان ئىمامئاخۇنۇم ئىختىيارسىز ھالدا بۇ يەرگە كىرىپ قاپتۇ، قارىسا باش كۆزلىرى قىممەت باھالىق يىپەك رومال ئىچىدە قالغان ئىككى ئايال بىر - بىرىنىڭ چېچىنى مەھكەم سىقىمداشقان ھالدا پومداقلىشىۋاتقۇدەك. ئۇلارنىڭ بوي تۇرقى ئوخشاش بولۇپلا قالماستىن بەس - بەس بىلەن كىيىشىۋالغان كىيىملىرىمۇ ئوخشاش ئىكەن. P(H8[,   
5Ow[~p"l<  
d/[; `ZD+  
- تۇر ئورنۇڭدىن ! - دەپ گەجگىسىدىن يۇلۇۋاپتۇ ئىمامئاخۇنۇم، - ھۇ، بىنومۇس ئالۋاستى! - شۇ سۆز بىلەن بىر كاچات ساپتۇ. |y0(Q V  
- ھا - ھا - ھا!. . . ، - گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ تىللا خېنىم –تۆر تالاشقىنىڭغا تۇيە، بىنومۇس ئالۋاستى! M}yDXJx  
ئالتۇنخېنىم ئاغزىنى سىلىغانىكەن، ئاپئاق ئالقىنى قىپقىزىل قانغا بويىلىپتۇ. ئۆز ئۆمرىدە مەرھۇم ئاتا - ئانىسىدىن ياكى ئىرىدىن ئازار يەپ باقمىغان خېنىم بۇ ئىزا –كۈلپەتكە بەرداشلىق بېرەلمەپتۇ - دە: 1guJG_;z  
- ھۇ، خوتۇنىنىڭ تامبىلىغا سەجدە قىلىدىغان مۇناپىق –دېگىنىچە، بىر پىيالە رىشالىنى قەھر - غەزەپ بىلەن ئېتىپتۇ. ئىمامنىڭ قاڭشىرى يىرىلىپتۇ. يۈز - كوزىرلىرى ئاپئاق رىشالە بىلەن قىپقىزىل قان ئارىلاشمىسىغا كۆمۈلۈپتۇ.  y~q8pH1  
كۈن - تۈنلەر ئاغرىق - ئاداۋەت ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. نائېناقلىق ئۈششۈكى قوشكېزەك ئاكا –ئۇكىلار يۈرىكىدىكى قان قېرىنداشلىق ھارارىتىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋېلىش خەۋپى قاش - كىرپىك ئارىلىقىدا تۇراتتى. بىز بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈش –ياراشتۇرۇش يولىغا قەدەم قويدۇق. )iYxt:(,  
- خوتۇنىنى تالاق قىلىۋەتسۇن! - دەپ شەرت قويدى ئاكىسى، - شۇ چاغدىلا مەن ئۇ ئالۋاستىنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارىتىنى ئەستىن چىقىرىمەن. ئۇكامنى بۇرۇنقىدەكلا قەدىرلەيمەن. ]ooIr Y8  
- خوتۇنىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتمىگۈچە، - دېگەن شەرتنى قويدى ئۇكىسىمۇ، - مەن ئۇنىڭ خوتۇنۇمنى ھاقارەت قىلغان، بىر تال ئېزىق چىشىنى سۇندۇرۇۋەتكەن گۇناھىدىن كېچەلمەيمەن!
U 
:I+Gu*0WD  
I'uSp-Sfy  
ياراشتۇرۇش يولىدا تاشلانغان قەدەم، سىڭدۈرۈلگەن ئەجىرلەر زايە كەتتى. پىتنە - پاسات كۆپەيدى، زىددىيەت كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئىناق قوشنا ھەقەمسايىلەرمۇ چەك - چېكى كۆرۈنمەس تالاش - تارتىش چۆلىدە قۇيۇندەك پىرقىراشقا باشلىدى. بىر قىسىملار ئالتۇنخېنىمنىڭ، بىر قىسىملار تىللا خېنىمنىڭ تەرىپىنى ئالدى. ھەركىم ئۆزى ھىمايە قىلىدىغان تەرەپنىڭكىنى توغرا دېدى. پىتنە پاسات ئارقىلىق جان باقىدىغان ناجىنس، نائەھلىلەرمۇ چىقىپ قالدى. ئۇلار ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار ئوتتۇرىسىدا كېچە - كۈندۈز گەپ توشۇپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشتى. بەزىلەر ھۈسەيىنقارىمنىڭ ھۇجرىسىغا خۇپىيانە كىرىپ :«سىلى ئاكىلىرىدىن چوڭ، سېمىز تۇغۇلغان. باشلىرىمۇ ئاكىلىرىنىڭكىدىن يوغانراق ئىدى. ئاكا بولۇشقا ھەسەنقارىم ئەمەس، دەل ئۆزلىرى مۇناسىپ» دەپ قۇتراتقۇلۇق قىلسا، تىللا خېنىمنىڭ يېنىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ: «بۇرۇن تۇغۇلغىنى ئاچىلىرى ئەمەس، دەل ئۆزلىرى ئىكەنلا، كىندىك ئانا بىر كېچە –كۈندۈز تەۋەللۇت ئۈستىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇيقۇسىزلىق ئىچىدە گاڭگىراپ قىلىپ، ئىككىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويغانىكەن.» -دەپ ئوت قۇيرۇقلۇق قىپتۇ. بەزىلەر ئالتۇنخېنىمغا ئەقىل ئۆگىتىپتۇ: «ئەرلىرى ھۈسەيىنقارىم سودىگەرچىلىك قىلىمەن دەپ يول ئازابى - گۆر ئازابى تارتسا، سىلى ئۆزلىرى تەنھالىق، تەشنالىق دەردىنى تارتتىلا. ھەسەنقارىم بولسا، شەھەردىن چىقماي تىجارەت قىلىپ مۇشەققەتسىز ھالاۋەت كۆرىدۇ. توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يىتىم، نەزىر چىراغلاردىن كېلىدىغان تاپاۋەتمۇ ئاز ئەمەس. ۋەخپىلەرنىڭ كىرىمىچۇ تېخى! قۇربان ھېيتتا پۈتۈن كوچىمىزدا قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنىڭ تىرە - ئۈچەي، كاللا پاقالچاقلىرى شۇ ئۆيگە قاراپ ئاقىدۇ. تىللاخاننى يوغىناتقان ئاشۇ پايدا –تاپاۋەت ئەمەسمۇ؟ ئەرلىرى ھۈسەيىنقارىممۇ ئەھلى ئىلىم، قارىي قۇرئان كىشى، ھەرقانداق جامە ئىماملىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئاكىسىدىن ئوبدانراق قۇرئان تىلاۋەت قىلالايدۇ، تەپسىر ئېيتالايدۇ. ئاكىسى بىلەن چىرايلىقچە پۈتۈشۈپ نۆۋەت بىلەن ئىماملىق قىلسا بولمامدۇ؟ ئاكىسى بىر ئاي ئىمام بولسا، ئۇكىسى بىر ئاي، بۇ يىل ئاكىسى ئىمام بولسا، كېلەر يىلى ئۇكىسى...» {(r`k;fB  
بۇ مەسلىھەت ئالتۇنخېنىمغا يېقىپ قاپتۇ، ئېرىنىمۇ قايىل قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىماملىق دەۋاسى باشلاندى. بىر قىسىملار ھۈسەيىنقارىمنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ مەھكىمە شەرئىگە بارسا، بىر قىسىملار ھەسەنقارىمنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىمام بولىشىنى تەلەپ قىلىپ بېرىشتى. ھەرتەرەپ ئۆزى ھىمايە قىلغان كىشىنىڭ خىسلەت پەزىلەتلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۆزى رەت قىلغان كىشىنىڭ ئېۋەن نۇقسانلىرىنى كۆپتۈرۈشتى. شەرىئەت بۇ دەۋانى ھەل قىلىشقا چارىسىز قالدى، دوتەي – ئامباللارمۇ ئامال قىلالمىدى، ئۆز قوللىغۇچىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ئالتۇن خېنىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھۈسەيىنقارىم ئاخىر ئۈرۈمچىگە راۋان بولدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھەسەنقارىممۇ دەرھال ئاتلىنىپ ھۈسەيىنقارىمدىن بىر كۈن كېيىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپتۇ. بۇ – نىقابلىق يالماۋۇز ياڭ جاڭجۈننىڭ قۇمۇل خەلق قوزغىلىڭىنىڭ مەشھۇر سەركەردىسى تۆمۈرخەلپىنى قەتل قىلغان كۈننىڭ ئەتىسى ئىكەن. ئۇ غەربىي دىيار خەلقىنى مەڭگۈ مەھكۇملىققا قالدۇرۇشنىڭ چارە تەدبىرى ھەققىدە قالتىس بىر كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ، يۇڭ قەلەم بىلەن مۇنۇلارنى يېزىۋاتقان چاغ ئىكەن: «... بۇ خەلقنىڭ دىنى بىر، خۇداسى بىر، پەيغەمبىرى بىر، كەئبىسى بىر، مەزھىپى بىر، تىلى بىر، بۇ ئالتە بىرلىك ئۈستىگە دىل بىرلىكى – زىچ ئىتتىپاقلىق قېتىلىدىغانلا بولسا، تۈگەشكىنىم شۇ، تەختى – بەختىمنىڭ گۇمران بولغىنى شۇ«  ;\14b?TUH  
- ئوغلۇم ئاڭلاۋاتامسەن؟ ئۇ، ئۆز ھۆكۈمىنى مۇنداق شەرھىلەۋاتقانىكەن: «دىل بىرلىكى – تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، باي - باياشاتلىقنىڭ ئۇلى، بىلىم – مەرىپەتكە ئىنتىلىش، ئويغىنىش، ئۆز – ئۆزىنى تونۇۋىلىشنىڭ ئاساسىدۇر، بۇ «بىرلىك»تىن ئارتۇق خەۋپ – خەتەر يوق ماڭا« X voo=  
ھۈسەيىنقارىم دەل مۇشۇنداق پەيتتە ياڭ جاڭجۈننىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ، جاڭجۈن ھۈسەيىنقارىم ئىنئام قىلغان 100 دانە تىللانى ئاپتۇ، ئەرزىگە قۇلاق ساپتۇ ۋە خىيال سۈرۈپ قاپتۇ، شۇئەسنادا ھەسەنقارىممۇ كىرىپ كەپتۇ - دە 100دانە تىللانى ئالدىغا قويۇپتۇ، ئەرزىنى بايان ئەيلەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ. جاۋاب كۈتۈپ قول باغلاپ تۇرۇپتۇ.
YoBPLS`K  
- ئويلىشىپ باقاي، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ جاڭجۈن. g*03{l#P  
ئاكا - ئۇكىلار بىر - بىرىگە تۇيدۇرماستىن ئۇقۇشۇپ - سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «ئويلىشىپ باقاي»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلىۋاپتۇ. ئاكىسى 120تىللا ئىنئام قىلغان بولسا ئۇكىسى 150، ئىككى يۈزنى ئىنئام قىلىۋېرىپتۇ. ھەسەنقارىم ئاكىلىق ئورنى تۈپەيلىدىن بۇ دەۋادا ئۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كېتىپ. ئىنئام يوللاشتا ھۈسەيىنقارىمغا يېتىشەلمىگەن بولسا كېرەك، شۇڭلاشقا ياڭ جاڭجۈن : jRJn+  
- سەنمۇ مەسچىت سال، ئىمام بول! - دەپ بۇيرۇپتۇ ھۈسەيىنقارىمغا - سىنىڭ قوللىغۇچىلىرىڭنىڭ ئەجدادى تەرىپىدىن مەسچىتكە ۋەخپە قىلغان دۇكان - ساراي، يەر - زېمىنلارغا سەن ئىگىدارچىلىق قىل! ھەسەنقارىمغىمۇ مۇنداق دەپتۇ:
 %oZ6l*  
'>cKH$nVC}  
- ئەسلىدىكى مەسچىتكە ئىمام بولىۋەر. سىنىڭ قوللىغۇچىلىرىڭنىڭ ئەجدادى تەرىپىدىن مەسچىتكە ۋەخپە قىلغان دۇكان - ساراي، يەر - زېمىنلارغا سەن ئىگىدارچىلىق قىلىۋەر! "4ri SxEyF  
دەۋادا ئۇتقان، غەلىبە خۇشاللىقىغا چۆمۈلگەن ھۈسەيىنقارىم ئۆز ئىچىدە مۇنداق قارارغا كەپتۇ؛ شۇنداق بىر جامە سالدۇرايكى، نامىم ئەلگە تارالسۇن، شۆھرىتىم كۆككە يەتسۇن، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كونا مەسچىت بويۇن قىسىپ بىر چەتتە قالسۇن!. . . . VyzS^AH K  
ھەسەنقارىم بۇنى بىلىۋالغاندەكلا سوراپتۇ: Jk7|{W\OA  
- جاڭجۈن ئالىيلىرى، قۇرۇلغۇسى مەسچىتنىڭ كۆلىمى، شەكىل - نۇسخىسى. . . d1AioQ9  
- كونا مەسچىت بىلەن ئوپ - ئوخشاش، - دەپ جاكارلاپتۇ جاڭجۈن، - بىر قەدەم كەڭ - تار، بىر غېرىچ ئېگىز - پەس، بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، گۈل نەقىشلىرىدىن تارتىپ، سىر بوياقلىرىغىچە ئوپ - ئوخشاش بولۇش كېرەك!. . . . . rH_\ d?b  
بىلدىڭمۇ، ئوغلۇم؟ «قوش مەسچىت»نىڭ تارىخى ئەنە شۇ! ئايدەك يورۇق، باھاردەك يىللىق كوچىمىزنىڭ تۇماندەك تۇتۇق، جۇدۇن پەسلىدەك سوغۇق كوچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەنە شۇ! gtk7)Uh  
                                                           4 j27?w<  
جىنىم بوۋا ! ئاخىرەتكە سەپەر قىلغىنىڭغا چارەك ئەسىر بولغان بۈگۈنكى كۈندە مەن ئايرىلغىنىمغا شۇنچە يىللار بولغان يۇرتۇمغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، نۇرانە چېھرىڭ ۋە ئوتلۇق نەپەسلىرىڭ بىلەن ئىللىپ تۇرىدىغان كوچامغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، يېقىنلاشقانسېرى سېغىنىش - ئىنتىزارلىق ئوتلىرى لاۋۇلدىماقتا، تەشۋىش - ئەندىشىلىرىم كۈچەيمەكتە: ئاھ، مېنىڭ كوچام، قانلىق تارىخى سەرگۈزەشتلەرنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ھەسرەت - نادامەتلىك كوچام! تىنچ، ئىتتىپاقلىق باھارىنىڭ ئارامبەخش ئاپتىپىدا يورۇپ يىللىغانسەنمۇ ياكى ئۆزھالىتىڭچە تۇرىۋەرگەنسەنمۇ؟ سۈبھى - سەھەر ۋاقتىدا قارىمۇ قارشى ئىككى دەرۋازىدىن تەڭ چىققان ئىككى مۇسۇلماننىڭ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام»نى بەجا كەلتۈرۈپ بىر مەسچىتكە قاراپ دوستانە قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرەرمەنمۇ ياكى ئەينى زامانلاردىكىدەك «مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز»دەپ بىر بىرىنى ئىتتىرىشىۋاتقان نادانلارنىمۇ؟ ھۆرمەتلىك يىڭى ئىمامىمىز بىر مەسچىتكە جەم بولغان ئەھلى جامائەتتىن: «ئىنساننىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىغا سەۋەب نېمە دۇر؟« دەپ سورىسا، پۈتكۈل جامائەت: «ئىككى نەرسىدۇر: بىرى جاھىللىق ۋە نادانلىق؛ ئىككىنچىسى، تەپرىق ۋە ئىختىلاپتۇر»دەپ جاۋاب بەرسە؛ «ئىززەت –ئابرۇي، قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولۇر؟» دېگەن ھامان :«بىلىم –مەرىپەت، ئىتتىپاقلىق بىلەن بولۇر»① دەپ يەكدىللىك بىلەن جاۋاب بەرسە، خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرىم يىرىلىپ كەتمەسمىدى؟ سىنىڭچۇ، بوۋا؟ بوش، بىكار قالغان يەنە بىر مەسچىتنىڭ كۆز گۆھەرلىرىمىز، ئۈمىد يۇلتۇزلىرىمىز ئۈچۈن ئارامبەخش باغچە، يەسلى قىلىپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەمچۇ؟ ئۇ چاغدا مەن غەمكىن قەبرەڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ، بار ئاۋازىم بىلەن خىتاب قىلماسمىدىم :
#gz M|  
r^FhTzA=1  
gp>3I!bo[K  
- بوۋا، جىنىم بوۋا، خاتىرجەم بول، ئارزۇ مۇرادىڭ گۈل - چېچەك ئاچتى! W-mQjJ`,B  
h"X;3b^ m  
مەنبە" تولوقسىز ئوتتورا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات 6- قىسىم

gulbar 2010-08-24 20:11
دۇنيادىكى بىر قانچە داڭلىق مەسچىدلەر IbT=8l,Li  
#*D)Q/k  
3DzMB?I  
VU#`oJ:{  
3_ r*y9l  
! 
Vp#JS3Y  

tawpek 2010-08-25 20:11
بىزنىڭ ھىيىتگاھ ئۇ كاتتا مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا سەل چىنىپ قالدىمۇ نىمە؟

gulbar 2010-08-25 20:58
مەسچىد دىگەن دۇئا تىلاۋەت قىلىدىغان ئۇلۇغ جاي ، ھىيتگاھ بولسا بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ گۆھىرى ، ئۇ ھىچقاچان چىنىپ قالمىغان ، بولمىسا چەتئەلدىن مەخسۇس xmN B29#  
ساياھەتچىلەر كىلىپ زىيارەت قىلىپ كەتمىگەن بولاتتى ، سىز ھىتگاھ جامەسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ باقمىغان چىغىڭىز بار تەۋپىق قارى ، ۋاختىڭىز بولسا بىزنىڭ o@r7 n>G  
يۇرتقا بىرىپ ساياھەت قىلىپ قويۇڭ ، كۆزىڭىز ئىچىلىپ قالا .

tawpek 2010-08-25 22:16
مىنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتىم دەل ئاشۇ سىزنىڭ مەھەللىڭىز بولغان ئەزىزانە قەشقەردە ئۆتكەن، ئوقوۋاتقىنىمدا ھىلىغۇ مۇشۇنداق كاتتا جايغا كىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن تارىخى كىتاپلاردا تىلغا ئىلىنغان جايلارنى ئىزدەپ سوراپ بىرىپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قىنى تۆكۆلگەن ئاشۇ تۇپراقنى ئۇچۇملاپ ئىلىپ ھىدلىغانمەن. :I"2V  
_mzW'~9wN  
لىكىن يامان يىرى يات تائىپىلەرنىڭ سەللىللىرىمىزنى كىيىپ . ساقاللىق ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ساقىلىنى سىلاپ ، ئىتكاپتا  ئولتۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈشلىرىدىن تىنىم خورسىنغانتى.

gulbar 2010-08-29 23:43
引用第4楼tawpek于2010-08-25 22:16发表的 : مىنىڭ ئالى مەكتەپ ھاياتىم دەل ئاشۇ سىزنىڭ مەھەللىڭىز بولغان ئەزىزانە قەشقەردە ئۆتكەن، ئوقوۋاتقىنىمدا ھىلىغۇ مۇشۇنداق كاتتا جايغا كىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن تارىخى كىتاپلاردا تىلغا ئىلىنغان جايلارنى ئىزدەپ سوراپ بىرىپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قىنى تۆكۆلگەن ئاشۇ تۇپراقنى ئۇچۇملاپ ئىلىپ ھىدلىغانمەن. لىكىن يامان يىرى يات تائىپىلەرنىڭ سەللىللىرىمىزنى كىيىپ . ساقاللىق ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ساقىلىنى سىلاپ ، ئىتكاپتا  ئولتۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈشلىرىدىن تىنىم خورسىنغانتى.
EJ@?h(O  
سىز ئىيتقاندەك يات تالىپلار يادلاپ خاتىرە ئۇچۇن چۇشكەن سۇرەتلەر دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا ياتلىنىدۇ ، ئۇلار شۇ جاينى ئۇلۇغلاپ چۇشكەن سۇرەتلەرگە قىنى تۆكۇلگەن نى-نى قىرىنداشلىرىمىز بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇنىڭدىن قاچىدۇ . مىنىڭچە ئۇلارنىڭ ھىيتگاھنى ھۆرمەتلىگىنىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ چۇشەنگىنى بىزدىن كۆپ . بىزدە بىرگەپ بار ،ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق دەپ . شۇنداق ئەمەسمۇ ؟

tunyukuk 2011-01-29 15:56
  ag$Vgl  
  «ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق »   ئەمەس،   «ياندىكى كاسىپنىڭ (ھۈنەرۋەننىڭ) قەدرى يوق.» دەمدۇقكىن؟ 

tawpek 2011-01-30 13:37
引用第6楼tunyukuk于2011-01-29 15:56发表的  :    «ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق »   ئەمەس،   «ياندىكى كاسىپنىڭ (ھۈنەرۋەننىڭ) قەدرى يوق.» دەمدۇقكىن؟ 
7@Zx@  
توۋا، بىر ماقالنى تۈزىتىۋىلىشىمغا ياردەم قىلىدىڭىز. @mE)|.f  
^zEwA  
مەنمۇ ھازىرغىچە ئاڭلاپ كۆنگەن ئادەت بويچە   ھىسىپ   دەپ ئىشلىتەتتىم. cCo`~7rE  
ئەسلى كاسىپ   ئىكەندە.  يەنە مۇشۇنداق بۇزۇلغان ماقال تەمسىللىرىمىزمۇ بارمۇ؟

asanat 2011-02-25 12:08
ياڭ زىڭ شىڭ ھەققىدە، تۇڭگان يىغىلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن

tawpek 2011-02-27 13:11
1933-يىلى ماخۇسەننىڭ قاچاق ئەسكەرلىرى خوتەنگە قىچىپ كىلىۋاتقاندا يولدىن ئۆتكىچە ئاتۇش، قەشقەرلەردە ئىلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى }tH[[4tw,  
تۇگان يىغىلىقى شۇغۇ دەيمەن.

نىلۇفەر 2012-12-06 16:05
تۇڭگان يېغىلىقى__  1933-يىلىنىڭ ئاخىرى 1934-يىلىنىڭ باشلىرى گەنسۇلۇق تۇڭگەان ئاتامانلاردىن ما جۇڭيىڭ ، ما خۇسەن ، ما شىمىڭلار قول ئاتىدىكى قوشۇنلارنى تەشكىللەپ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا ئېلىپ بارغان بۇلاش ، تالاش، قىرىش ، ئوت قويۇش ۋەقەلىرىنى كۆرسىتىدىكەن .  

نىلۇفەر 2012-12-06 16:08
ئەگەر مەن بۇنىڭدىنمۇ كۆپرا ئۇچۇرغا ئىگە بولالىسام سىزگە ئەۋەتەي .

nadiraay 2012-12-22 22:30
گۈلبەر نىڭ يازمىسىغا : b{d4xU8'  
مەن قەشقەرگە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنى كۆرگىلى بارغاندا بىر قىسىم يات مىللەتنىڭ سىرتتىكى قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە بالىلىرىنى مىندۈرۈپ سۈرەتكە تارتقانلىقىنى كۆرگەن. ئەجىبا ئۇلارمۇ مۇشۇ مازارنى «ئۇلۇغلاپ» شۇنداق سۈرەتكە چۈشكەنمىدۇ؟  بۇنداق سۈرەتنى كۆرگەن جاھان ئەھلى بۇ قەبرىستانلىقنى قانداق جاي دەپ ئويلاپ قالار؟  ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ قەبرىستانلىقلىرىغا  بىزمۇ بېرىپ شۇنداق سۈرەتكە چۈشىمىز دېسەك، ئۇلار نېمە دەر؟

لالىگۈل 2013-03-16 23:49
ھىيتگاھنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم يىرىم بولىدۇ...شۇنچە ئىسىل جايىمىز تۈزۈك قەدىرلەشكە ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ دىسە..

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-13 21:11
ئاجايىپ كاتتا قۇرۇلۇش ئىكەن

tawpek 2013-11-04 18:17
بۇ دەرىسنى تىخى بايىلا تۈگىتىپ چىقتىم. aYn8 ^  
`gpQW~*R-;  
ئۈچ دەرىس سائىتى لاھىيلەپتىكەنمە،  تازا  بىر پۇخادىن چىققۇدەك دەرىس  دىسە. 7l."b$U4yv  
1`LXz3uBe  
_Cy:]2o  
قاچان تۈگەپ كەتتى  مۇھەممەتئىلى زۇنۇن.

قاراخان 2014-02-22 23:36
asanat:ياڭ زىڭ شىڭ ھەققىدە، تۇڭگان يىغىلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن (2011-02-25 12:08) 
h/mmV:v  
ياڭ زېڭشىننى كىم ئۆلتۈرگەن؟   294 0M4  
مەسئۇت خالىت   8rx?mX,}  
دەم ئېلىشقا چىققىنىمدىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «پايدىلىنىش ئارخىپلىرى» (档案参考)، «كونا خەۋەرلەر» (旧闻)، «كونا رەسىملەر» (老照片)، «كلاسسىك كونا خەۋەرلەر» (经典旧闻)، «كلاسسىك ئەسلىمىلەر» (经典回顾) قاتارلىق گېزىتلەر دىققىتىمنى تولىراق تارتىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى بۇ گېزىتلەردە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مىللىي ئوقۇرمەنلەر زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلار جۈملىدىن جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا ئائىت خىلمۇخىل ۋەقەلەر، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ئىجابىي-سەلبىي شەخسلەر ھەققىدە تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلار… قاتارلىق تولىمۇ قىزىقارلىق ماقالىلەر، ئەسلىمىلەر ئېلان قىلىناتتى. s9>-Q"(y  
2007-يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرى، مەن «كونا خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ‹7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى›» («发生在新疆的七七政变» − تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سىياسىي ئۆزگىرىش ناملىق ماقالە» دەپ ئېلىنىدۇ) سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئۇچرىتىپ تولىمۇ ھەيران بولدۇم. ماقالىدا 1911-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياڭ زېڭشىننىڭ قەتل قىلىنىش ئەھۋالى بايان قىلىنغانىدى. شۇغىنىسى، بۇ ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، پىلانلىغۇچىسى، ئىجرا قىلغۇچىسى قاتارلىقلار مەن بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئوقۇغان ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەسەرلەردىكىدىن خېلىلا پەرقلىنەتتى. \L($;8` \  
20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ياڭ زېڭشىننىڭ قەتل قىلىنىشى 80-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئەدەبىي-تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن ناتونۇش ۋەقە ئەمەس. بۇ ۋەقە ئەڭ دەسلەپ 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى تەھرىرلىك ئىشخانىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان قەرەلسىز ئەدەبىي ژۇرنال − «چولپان» دا «ياڭ زېڭشىننىڭ ئۆلۈمى» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئېلان قىلىنغان (ئېسىمدە قېلىشىچە، ژۇرنالغا يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» رومانىدىن پارچە بېرىلگەن). ئەسەردە «ئۈرۈمچى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، قوشۇمچە جاڭجۇڭ يامۇلىنىڭ ھەربىي ۋە خارجى ئىشلار مەھكىمە باشلىقى (ئەسەردە شۇنداق ئېلىنغان) فەن ياۋنەننىڭ ئالدىنئالا پىلانلاش ئارقىلىق ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈرۈپ، سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقى، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ تاسادىپىي ھالدا تەييارغا ھەييار بولغان مەمۇرىي ئىشلار نازىرى جىن شۇرېننىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشنى بۆشۈكىدىلا يىغىشتۇرۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق رەئىسى ۋە قوماندانى بولۇۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەسەردە يەنە فەن ياۋنەننىڭ ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر زات ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنىڭ ياڭ زېڭشىننىڭ مۇستەبىت ۋە قالاق ئىدىيەسى بىلەن زادىلا سىغىشالمىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ ئۇنىڭ «شىنجاڭغا جۇمھۇرىيەت نۇرى يېتىپ كەلمەپتۇ. مانجۇ خان ئاغدۇرۇلغان بىلەن ئۇنىڭ خۇنۈك ئەرۋاھى شىنجاڭنى قاراڭغۇ جاڭگالغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇ يەردە نە مائارىپ، نە مەدەنىيەت، نە خەلقچىللىقنىڭ قىلچە ئەسىرى يوق ئىكەن. ئىچكىرىدىن چىققان ئەمەلدارلار شىنجاڭغا چۆنتەك توشقۇزۇشقىلا كېلىدىكەن. ئۇلار خۇددى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ ۋە باغۋارانلىرىنى ۋەيران قىلىپ، قورسىقى تويغاندىن كېيىن قومۇشلۇققا كىرىپ كېتىدىغان ياۋا توڭگۇزلارغا ئوخشايدىكەن» دېگەن سۆزلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.   7:awUoV8f  
فەن ياۋنەننىڭ ياڭ شېڭشىننى يوقىتىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلماقچى بولغانلىقىغا ئائىت مەزمۇنلار بۇرھان شەھىدىنىڭ «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» دېگەن يىرىك ئەسلىمىسىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ ئەسىلىمىدىمۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ئىستىبداتلىقى، زالىملىقى، خەلقنى نادانلاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئەمىن تۇتۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ئىلغار ئىدىيەنى، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرنى باسىدىغانلىقى، چەكلەيدىغانلىقى، شۇ تۈپەيلى فەن ياۋنەن باشچىلىقىدا مۇۋەپپىيەتسىز بولغان 7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى بارلىققا كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ.   qS1byqq78l  
يۇقىرىقى مەزمۇنلار بۇ ئىككى كىتابتىلا ئەمەس، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانلىرى» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ 1-كىتابى «زۇلۇم زىندانلىرىدا»، ليۇ زىشياۋ يازغان «ئۇيغۇر تارىخى» (ئىككىنچى قىسىم ‹2›)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» (3)… قاتارلىق كىتابلاردىمۇ ئۇچرايدۇ. لېكىن ھەممىسىدىلا سىياسىي ئۆزگىرىشنى فەن ياۋنەننىڭ پىلانلىغانلىقى، دىخۇا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى جاڭ چۈنشىنىڭ بۇ ئىشتا فەن ياۋنەنگە ھەمكارلاشقانلىقى… قەيت قىلىنىدۇ. بەزى كىتابلاردا ھەتتا «فەن ياۋنەننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە زىياپەت ئەمدى باشلانغان چاغدا ئۇنىڭ بىر ئادىمى ياڭ زېڭشىنغا ئوق چىقارغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىن بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا داۋاملىق ئوق ئاتقانلىقى، يىقىلىپ ئۆلگەن ياڭ زېڭشىننى ئۆلمەي قالمىسۇن دەپ فەن ياۋنەننىڭ ئۆزى تۆپىلەپ ئىككى پاي ئوق ئاتقانلىقى»② سۆزلىنىدۇ. E]Dcb*t  
قىسقىسى، يۇقىرىقى كىتابلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئىلغار پىكىرلىك فەن ياۋنەننىڭ مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن بىلەن چىقىشالمىغانلىقى، فەن ياۋنەن شىنجاڭدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ياڭ زېڭشىننى يوقىتىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا مەجبۇر بولغانلىقىدىن ئىبارەت مەزمۇن تۈرلۈك شەكىللەردە بايان قىلىنىدۇ. خۇلاسە كالام، مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بۇ ۋەقەنىڭ تېگى-تەكتىدىن شۇنچىلىكلا خەۋەردار، خالاس. V9  Z  
شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، مەن يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان نوپۇزلۇق كىتابلاردىن قۇسۇر تاپماقچى ئەمەس. مېنى تەئەججۈپكە سالغىنى شۈكى «سىياسىي ئۆزگىرىش ناملىق ماقالىدە فەن ياۋنەننىڭ بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشتىن قىلچە خەۋىرىنىڭ يوقلۇقى، ئەمەلىيەتتە ياڭ زېڭشىننىڭ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىزباسارى قىلىش ئېھتىمالىمۇ بولغانلىقى.   3msb"|DG  
ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «فەن ياۋنەن يارىلانمىغان بولسىمۇ، توساتتىن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەردىن ئېسىنى يوقىتىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ ئېسىنى يىغقاندا مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قېچىپ كېتىپ، تۆت-بەشلا ئادەم قالغانىدى. فەن ياۋنەن ھەرھالدا ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغاچقا، قېپقالغان مۇھاپىزەتچىلەرنى قوراللاندۇرۇپ نەق مەيداننى قوغداشقا باشلىدى…» \zOo[/-<  
ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ: «فەن ياۋنەن ئىككى ئادەمنى نەق مەيداننى ساقلاشقان قالدۇردى-دە، قالغانلارنى باشلاپ جىن شۇرېن بىلەن كېيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە قاراپ يۈگۈردى. بۇ چاغدا جىن شۇرېن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە ئىككى باتاليون ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانىدى. فەن ياۋنەن ئۇ يەرگە بارسا قولغا چۈشمەي قالمايتتى.»   p8gm=  
ماقالىدە يەنە فەن ياۋنەننىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە بېرىپ جىن شۇرېننى تاپالمىغانلىقى مەھكىمە قورۇسىدا جىن شۇرېننى چاقىرىپ توۋلىغانلىقى، ئۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بەرمىگەنلىكى، لېكىن ئۇ ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە كىرىشىگىلا جىن شۇرېننىڭ ئادەملىرى ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋالغانلىقى بايان قىلىنغان. ^phgNzD  
شۇ ئەسنادا جىن شۇرېن پەيدا بولۇپ، فەن ياۋنەننى سوراققا تارتىدۇ. فەن ياۋنەن گەرچە گۇمانلىق ئىش-ھەرىكەتتە بولمىغان، جىن شۇرېننىڭ سوراقلىرىغا ئورۇنلۇق جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، جىن شۇرېن قايىل بولماي ئۇنى قولغا ئالىدۇ. فەن ياۋنەن قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئۇچرايدۇ، ئاخىرىدا جىن شۇرېن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. %)'# d  
ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، فەن ياۋنەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش قەستىدە بولماستىن ياڭ زېڭشىن بىلەن ئەپ ئۆتكەن. ياڭ زېڭشىن ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا، ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىقىغا تەيىنلىگەن.   Z@sDxYt9  
خوش، ئەمىسە بۇ ۋەقەنى كىم پەيدا قىلدى؟ ئۇنىڭ يىلتىزى زادى نەدە؟ ماقالىدا «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلەر ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي سىرت ئۆلكىلەردىكى كىشىلەر تەرىپىدىن پىلانلانغان ھەرىكەت ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «شىنجاڭدا ‹7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى› نىڭ يۈز بەرگەنلىكى قارىماققا جىن شۇرېن شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پىلانلىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەنىڭ كەينىگە ھەرقايسى گۇرۇھ مىللىتارىستلىرىنىڭ شىنجاڭنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلىرى يوشۇرۇنغان.» ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، گومىنداڭ 2-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى فېڭ يۈشياڭ شىنجاڭغا خېلى بۇرۇنلا كۆز تىكىدۇ، جۈملىدىن ياڭ زېڭشىننى يوشۇرۇن يوقىتىپ شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش قەستىدە بولىدۇ. ئۇ شۇ مەقسەتتە 1923-يىلىلا يوشۇرۇن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن شىنجاڭغا ئادەم كىرگۈزىدۇ. 1928-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ئىككى ئادىمىنىڭ ياڭ زېڭشىننىڭ قولىغا چۈشۈپ ئېچىنارلىق ئەھۋالغا قالغانلىقى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۆلۈپ، بىرىنىڭ شىنجاڭدىن قوغلانغانلىقى③ فېڭ يۈشياڭنىڭ ياڭ زېڭشىننى يوقىتىشتىكى ئاساسلىق باھانىسى بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە، فېڭ يۈشياڭنىڭ شىنجاڭغا يوشۇرۇن كىرگۈزگەن ئادىمى، دىخۇا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى جاڭ چۈنشى ياڭ زېڭشىننى يوشۇرۇن يوقىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەتكە كېلىدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى جىن شۇرېن بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. لېكىن ھىيلىگەر جىن شۇرېن ھەرىكەتكە بىۋاسىتە قاتناشماي، جاڭ چۈنشىنى ئاستىرتتىن قوللاش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ھەتتا ۋەقە يۈز بېرىدىغان زىياپەت ئۈستىدىمۇ «ھۆكۈمەت ئىشى چىقىپ قالغانلىقى» نى باھانە قىلىپ سورۇندىن كېتىپ قالىدۇ. كېيىنچە ۋەقەنى بېسىقتۇرغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ فەن ياۋنەن، جاڭ چۈنشى قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرىدۇ ھەمدە شىنجاڭنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە قوماندانى بولۇۋالىدۇ. بۇ جەرياندا جاڭ چۈنشى جىنايەتچى سۈپىتىدە جازاغا تارتىلغان بولسىمۇ، گۇناھسىز فەن ياۋنەن ئەخمەق قىلىنىدۇ، تۆھمەتنىڭ قۇربانى بولىدۇ. ^UJB%l  
ۋەقە 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈز بېرىدۇ، فەن ياۋنەنمۇ شۇ كۈنى كۈندۈزى قولغا ئېلىنىپ كېچىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن جاڭ چۈنشى گەرچە ھېچ نەگە قېچىپ كەتمەي بەخىرامان يۈرگەن بولسىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى قولغا ئېلىنماي 7-ئاينىڭ 9-كۈنى قولغا ئېلىنىدۇ، 13-كۈنى ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى جىن شۇرېن جاڭ چۈنشى بىلەن شېرىك بولغاچقا دەسلەپتە ئۇنى قولغا ئالمايدۇ، ھەتتا ئۆلتۈرمەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ فېڭ يۈشياڭ سىستېمىسىغا بەيئەت قىلىش ياكى نەنجىڭغا بويسۇنۇش ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ نەنجىڭ تەرەپ بۇ ۋەقەگە قارىتا ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ. جىن شۇرېن شۇ چاغدىلا ئاۋۋالقى خوجايىنى فېڭ يۈشياڭدىن يۈز ئۆرۈپ جاڭ چۈنشىنى قەتل قىلىدۇ.. % )o'9  
ۋەقەدىن كېيىن جىن شۇرېن شىنجاڭنىڭ رەئىسى ۋە باش قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى كەڭ تۈردە ئىشقا سېلىپ جامائەت پىكرى توپلايدۇ ۋە جۈملىدىن «فەنياۋنەن سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ياڭ جياڭجۈننى ئۆلتۈردى» دېگەن خەۋەرنى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىدۇ. بۇ خەۋەر ئەينى زاماندا نۇرغۇن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىدۇ، تۈرلۈك ئارخىپ ماتېرىياللىرى ھەمدە تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئورۇن ئالىدۇ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭىدۇ. ئەنە شۇ تەرزدە بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلىدۇ.   R4'>5.M  
مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈم: ھەقىقەتەنمۇ «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى فەن ياۋنەن بولماستىن فېڭ يۈشياڭمىدۇ؟ «7-ئىيىل سىياسىي ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، ھەقىقىي ئەھۋال پۇرسەتپەرەست، ھىيلىگەر جىن شۇرېن تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ كەتكەنمىدۇ؟ چۈنكى، جىن شۇرېن ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغانلىقتىن ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇ كاتتا ھوقۇق ۋە ئەمەلىي كۈچ ئارقىلىق ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلىۋېتەلەيدۇ. قەدىمدىن تارتىپ «تارىخنى مەغلۇپلار ئەمەس، غالىپلار يازىدۇ» دېگەن گەپمۇ بارغۇ؟   Ao*:$:k  
ئەمەلىيەتتە، «ئويغانغان زېمىن» رومانى ياكى «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى»، «ئۆمۈر داستانى»، «ئۇيغۇر تارىخى» قاتارلىق كىتابلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىدىلا فەن ياۋنەن ئىلغار پىكىرلىك تەرەققىيپەرۋەر كىشى سۈپىتىدىلا ئوتتۇرىغا چىققان. شۇغىنىسى بۇ كىتابلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئۇنىڭ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈشكە ئالاقىدار كونكرېت تەييارلىقى ياكى بىرەر ئېغىز گەپ –سۆزى تىلغا ئېلىنمىغان. __1Hx?f  
ئېھتىمال ئۇ ئەسلىدىكى ئاپتورنىڭ جىن شۇرېننىڭ تەشۋىقاتىنى بويلاپ قاناتلاندۇرغان ئوي-خىيالىدۇ ياكى قىياسىدۇ؟ نۆۋەتتە بۇنى يەنىمۇ دەلىللەپ بېرىدىغان ئىسپات تېپىلمىدى. بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شۇ دەۋردىكى تەپسىلاتلارنى خېلى ئۇزاق ئۆگىنىش-تەتقىق قىلىش ۋە باش چۆكۈرۈپ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. 4~ &X]/_'  
شىنجاڭدا يۈز بەرگەن «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى»   T,Q7 YI  
مېڭ دۇڭ   ??|,wI Rz  
(«كونا خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدىن مەسئۇت خالىت تەرجىمىسى)   cVarvueS  
   UF\k0oLz  
1928-يىلى (مىنگونىڭ 17-يىلى) 7-ئاينىڭ 6-كۈنى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى جياڭ جيېشى، ھەرقايسى گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە قوماندانلىرىدىن فېڭ يۈشياڭ، لى زۇڭرېن، يەن شىشەن ھەمدە ھەرقايسى يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بېيجىڭنىڭ شياڭشەن دېگەن يېرىدىكى بىيۈن ئىبادەتخانىسىغا يىغىلىپ مەرھۇم زۇڭلى سۇن جۇڭشەن ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزدى. ئاشكارا ئېلان قىلىنغان دۇئا-تىلاۋەت ئاخباراتىدا «مىللىتارىستلارنى يوقىتىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىشنى ئورۇندايلى» دېگەن شوئار يۈكسەك دەرىجىدە تەكىتلەندى. r N6T  
دۇئا-تىلاۋەت ئاخباراتىنىڭ سىياسى قۇرۇماي تۇرۇپلا قانلىق ۋەقە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ۋەقە شۇ كۈننىڭ ئەتىسى يەنى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈز بەردى. ۋەزىپىگە ئولتۇرغىلى ئەمىدىلا يەتتە كۈن بولغان مىللىي ھۆكۈمەت شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ياڭ زېڭشىن ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭغا ئالاھىدە خادىم قىلىپ ئەۋەتكەن فەن ياۋنەن قاتارلىقلار شىنجاڭ خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى جىن شۇرېن تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. غەربىي شىمالدىن تارقالغان بۇ خەۋەر پۈتكۈل دۆلەتنى زىلزىلىگە سېلىپ «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دەپ ئاتالدى. بۇ ۋەقە مىنگونىڭ 17-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى يۈز بەرگەچكە «3.7 سىياسىي ئۆزگىرىشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. D5xTuv9T  
بۇ ۋەقە ھەققىدە شىنجاڭ دائىرىلىرى: «دىپلوماتىيە ئالاھىدە خادىمى فەن ياۋنەن ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈردى» دېدى؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا: «خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ نازىرى جىن شۇرېن قانلىق ۋەقە پەيدا قىلىپتۇ»، «جىن شۇرېن فەن ياۋنەننى ئۆلتۈرۈپتۇ» دېگەن گەپلەر تارقالدى. قىسقىسى، بىر-بىرىگە زىت خىلمۇ خىل گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى قاتمۇقات تۇمانلار قاپلىۋالدى.   (9'q/qgTO  
شۇ يىلى 6-ئايدا شىمالغا يۈرۈش ئاخىرلىشىپ، جۇڭگو ۋەزىيىتىدە قايتىدىن بىرلىككە كېلىش بارلىققا كەلدى. سابىق شىمالىي مىلىتارىستلار ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ياڭ زېڭشىن شۇ ئاينىڭ 6-، 10-، 16-كۈنلىرى نەنجىڭغا ئارقىمۇ ئارقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ مىللىي ھۆكۈمەتكە بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسلىدە، ياڭ زېڭشىن ئانچىمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنمايدىغان شەخس ئىدى. شۇغىنىسى، مىنگونىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا تارقالغان «شەرقتە يۈەن (شىكەي)، غەربتە ياڭ (زېڭشىن) دىن ئىبارەت ئىككى نوچى بار» دېگەن گەپتىن ئۇنىڭ ئەينى زاماندا خېلى نامى چىققانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭدا يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇلدى، ياڭ زېڭشىن يەنىلا شىنجاڭنىڭ رەئىسى بولدى. ئەسلىدىكى ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى فەن ياۋنەن ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىقىغا ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىقىغا تەيىنلەندى. فەن ياۋنەن كۆپتىن بۇيان بېيجىڭغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشنى ئويلايتتى. شۇڭا ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭ خالىغان چاغدا ئەمىلىدىن ئىستېپا بېرىپ قايتىشىغا قوشۇلغانىدى. ئەينى زاماندا شىنجاڭدىكى قوراللىق كۈچ ئون مىڭدىن ئاشمايتتى. شۇڭا ھەربىي ئىشلار نازارىتى بۆلۈم دەرىجىسىگە چۈشۈرۈلۈپ خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلغانىدى. ئۇنى جىن شۇرېن باشقۇراتتى. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى، «قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق، قارا» رەڭلىك بايراق چۈشۈرۈلۈپ، كۆك ئاسمان، ئاق كۈن، قىزىل يەر بەلگە قىلىنغان بايراق چىقىرىلدى. شۇ ئاينىڭ 7-كۈنى قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. جىن شۇرېن نەنجىڭغا تېلېگرامما يوللاپ ئۆزىنىڭ رەئىس بولغانلىقىنى بىلدۈردى. تېلېگراممىدا فەن ياۋنەننىڭ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈپ پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىندى. 3RD+;^}q 3  
پەردە ئارقىسىدىكى قوماندان كىم؟   vS:=%@c>ta  
شىنجاڭدا «7-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىشى» نىڭ يۈز بەرگەنلىكى قارىماققا جىن شۇرېن شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پىلانلىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقەنىڭ كەينىگە ھەرقايسى گۇرۇھ مىلىتارىستلارنىڭ شىنجاڭنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدىكى تۈرلۈك زىددىيەتلىرى يوشۇرۇنغان.   vDR> Q&/K  
1926-يىلى 7-ئايدا «غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئە دۇبەنى» فېڭ يۈشياڭ تېلېگرامما يوللاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا ئاۋاز قوشتى. مىللىي ھۆكۈمەت ئۇنى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە 2-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى، مىللىي ھۆكۈمەت ئەزاسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىدى. كېيىنچە، فېڭ يۈشياڭ جياڭ جيېشىغا شىنجاڭ ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 2-گۇرۇپپىۋور ئارمىيەسىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئېيتتى. جياڭ جيېشى فېڭ يۈشياڭنىڭ كۈنسېرى زورىيىۋاتقان كۈچىدىن قورقاتتى. شۇڭا ئۇ فېڭ يۈشياڭغا شىنجاڭنى ئىككى ياكى ئۈچ ئۆلكىگە بۆلمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭنى فېڭ يۈشياڭغا بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقى، بىراق ئۇنىڭ يەن شىشەننىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.   P8 w56  
فېڭ يۈشياڭنىڭ غەرىزى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى قولغا كىرگۈزۈش ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇ شىنجاڭغا ئىگە بولۇشتا «ئۇرۇش قىلماي ئادەمنى تىز پۈكتۈرۈش» ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «ياڭ زېڭشىن بىلەن ئۇرۇش قىلماي، بەلكى ئۇنى يوقىتىش ھېيلىسىدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتاتتى. ياڭ زېڭشىن فېڭ يۈشياڭنىڭ قەستىدىن خەۋەردار ئىدى. شىنجاڭنىڭ ئەسكىرىي كۈچى ئاجىز بولۇپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالمايتتى. شۇڭا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنى قاچۇرۇش تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۈچلۈك دۈشمەندىن ئامان قېلىشنى ئويلايتتى. ]C|xo.=?]  
1928-يىلى 2-ئايدا، فېڭ يۈشياڭنىڭ قول ئاستىدىكى جاۋ مىياۋچۈەن، شۇ جىزەنلەر گەنسۇدىن شىنجاڭغا قاراپ ماڭدى. ئۇلار ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا) غا كەلگەندە قولغا چۈشۈپ، دىخۇا (ئۈرۈمچى) غا ئېلىپ بېرىلدى. ياڭ زېڭشىن ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككىيلەن دۇبەن مەھكىمىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا يول قويۇلمايتتى، ئەمەلىيەتتە، نەزەربەندتە ئىدى. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىككىيلەن ئوت قويۇپ قاچماقچى بولدىيۇ، ئىش ئەپلەشمىدى. نەتىجىدە، ئۇلار دىخۇا سولاقخانىسىغا يۆتكىۋېتىلدى. بۇ چاغدا، فېڭ يۈشياڭنىڭ قىسمى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنىدى. فېڭ يۈشياڭ قول ئاستىدىكى ئادەملىرىنىڭ قاماپ قويۇلغانلىقىغا ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. لېكىن ئۇنىڭ بەش يىل ئىلگىرى شىنجاڭغا يوشۇرۇن كىرگەن ئادىمى جاڭ چۈنشى بىلەن مەخپىي ئالاقىسى بار ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جاڭ چۈنشى «ياڭ زېڭشىننى يوقىتىش» مەخپىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. شۇ چاغدا، جاڭ چۈنشى دىخۇا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئىدى. جاڭ چۈنشى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىشقا جىن شۇرېننى تاللىدى. جىن شۇرېن ياڭ زېڭشىننىڭ مۇرىتى بولسىمۇ، كەيپ-ساپا، قانۇنسىزلىق ۋە پارىخورلۇقتا ئۇچىغا چىققانىدى. شۇغىنىسى، ياڭ زېڭشىن جىن شۇرېننى ھامان قانات ئاستىغا ئالاتتى. ئەسلىدە، جىن شۇرېننىڭ ياڭ زېڭشىننى ئۆلتۈرۈشى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. ياڭ زېڭشىن ئىستېپا بەرگۈدەك بولسا، جىن شۇرېن ئۆزىنى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋارىس ھېسابلايتتى. ھالبۇكى، ياڭ زېڭشىن ئۆزىگە ۋارىس تاللاشتا جىن شۇرېننى ئويلاشمىغانىدى. مۇبادا ياڭ زېڭشىن شىنجاڭدىن كېتىپ قالغۇدەك بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا باشقىلار ئولتۇراتتى. بۇنداق بولغاندا جىن شۇرېنغا ياخشى كۈن يوق ئىدى. جىن شۇرېن ئۆزىنىڭ غېمىنى يېيىش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ۋارىسى دەپ ھېسابلانغان فەن ياۋنەننىمۇ يوقىتىلىدىغان ئوبيېكت دەپ قارىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ جاڭ چۈنشىنىڭ پىلانىنى تەبىئىي قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. جىن شۇرېن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە جاڭ چۈنشى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ، ئادەم قانچە كۆپ قاتناشسا مەخپىيەتلىك شۇنچە ئاسان ئاشكارىلىنىدۇ دەپ قارىدى. لېكىن پۇرسەتنى تېپىش تولىمۇ تەس بولۇۋاتاتتى. چۈنكى جىن شۇرېن بىۋاسىتە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، جاڭ چۈنشىنى ئاستىرتتىن قوللاشنى خالايتتى. جاڭ چۈنشى ھەدەپ پۇرسەت ئىزدەيتتى. لېكىن پىلانلانغان ئىش يەنىلا سۆرىلىپ كېتىۋاتاتتى. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جاڭ چۈنشى جىن شۇرېنغا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىلار بولغاچقا، ياڭ زېڭشىن ئادەتتە مەكتەپكە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. شۇ قېتىم ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئېھتىمالى تولىمۇ زور ئىدى. جاڭ چۈنشى بۇنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر پۇرسەت دەپ قارىدى، جىن شۇرېن جاڭ چۈنشىنىڭ ھەرىكەت پىلانىغا قوشۇلدى. جاڭ چۈنشى شەخسەن ئۆزى ھەرىكەت قىلماقچى بولغىنىنىڭ سەۋەبى شۇكى، باشلىقنىڭ يوليورۇقىدىن تاشقىرى، بەش يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ شىنجاڭدا زادىلا تەلىيى ئوڭ كەلمەيۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ شارائىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ھەرىكەت قوللىنىش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ باقماقچى بولدى.   O -p^S  
قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدىكى ھەقىقىي ئەھۋال - s{&_]A~  
7-ئاينىڭ 7-كۈنى دىخۇا رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپى تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇ ۋېنلوڭ ياڭ زېڭشىنغا ۋاكالىتەن خىزمەتلەردىن دوكلات بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەتكەچكە، جىن شۇرېن مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرىغا ۋاكالىتەن ياڭ زېڭشىننى مۇراسىمغا تەكلىپ قىلدى. ياڭ زېڭشىن تەكلىپكە بىنائەن سورۇنغا يېتىپ كەلدى. مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە خاتىرە ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشتى. ئاندىن كۆپچىلىك خۇشال-خۇرام ھالدا سىنىپقا كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى. جىن شۇرېن ياڭ زېڭشىن بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇردى. زىياپەت داۋاملىشىۋاتقاندا جىن شۇرېن «ھۆكۈمەت ئىشى چىقىپ قالدى» دەپ سورۇندىن ئايرىلدى. ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپمۇ كەتمىدى. تاماققا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا تونۇش بولغاچقا، ياڭ زېڭشىننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى قوشنا خانىغا توپلىشىپ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى. ھاۋا تولىمۇ ئىسسىق ئىدى. قەدەھ ئۈچ ئايلانغاندىن كېيىن مۇھاپىزەتچىلەر قوراللىرىنى يانغا قويۇپ، چاپانلىرىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتتى. جاڭ چۈنشى ساھىپخان سۈپىتىدە مېھمانلارغا ھاراق تۇتتى. ئۇ ياڭ زېڭشىننىڭ ئالدىغا كەلگەندە توساتتىن ھاراق بوتۇلكىسىنى ئۈستەلگە قويدى. شۇ ھامان ئوق ئاۋازى ياڭرىدى، ياڭ زېڭشىن يەتتە پاي ئوق يەپ نەق مەيداندا ئۆلدى. قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى يېن يۈشەن ئېغىر يارىلىنىپ، يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلدى. ئوق ئاۋازى ياڭراشقا باشلىغاندا كىشىلەر مۇراسىمنى تەبرىكلەپ پوجاڭزا ئېتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئېرەڭشىمىدى. شۇ ئارىدا بىرەيلەن: «بىرى ياڭ جياڭجۈنگە قەست قىلدى!» دەپ ۋارقىرىدى. تەرتىپ بۇزۇلۇپ مالىمانچىلىق يۈز بەردى. فەن ياۋنەن يارىلانمىغان بولسىمۇ توساتتىن پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەردىن ئېسىنى يوقىتىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ ئېسىنى يىغقاندا مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قېچىپ كېتىپ، تۆت-بەشلا ئادەم قالغانىدى. فەن ياۋنەن ھەرھالدا ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغاچقا، قېپقالغان مۇھاپىزەتچىلەرنى قوراللاندۇرۇپ، نەق مەيداننى قوغداشقا باشلىدى. جاڭ چۈنشى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئاللىقاچان قېچىپ كەتكەنىدى.   )sK _k U{\  
فەن ياۋنەن ئىككى ئادەمنى نەق مەيداننى ساقلاشقا قالدۇردى-دە، قالغانلارنى باشلاپ، جىن شۇرېن بىلەن كېيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە قاراپ يۈگۈردى. بۇ چاغدا، جىن شۇرېن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە ئىككى باتاليون ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانىدى. فەن ياۋنەن ئۇ يەرگە بارسا قولغا چۈشمەي قالمايتتى.    xG'F  
فەن ياۋنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ شەرقىي ھويلىسىغا جايلاشقان خەلق ئىشلار نازارىتىگە بېرىپ جىن شۇرېننى تاپالمىدى. جىن شۇرېننىڭ غەربىي ھويلىدىكى تۇرالغۇسىغىمۇ باردى، جىن شۇرېن ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. فەن ياۋنەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىنىڭ قورۇسىدا: «ياڭ جياڭجۈن ئۆلتۈرۈلدى!»، «بۇرادەر دېئەن (جىن شۇرېننىڭ تەخەللۇسى) سىز قەيەردە؟» دەپ توۋلىدى. ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. لېكىن ئۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە كىرىشىگىلا، جىن شۇرېننىڭ ئادەملىرى ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋالدى. PA,\o8]x  
قوراللىق ئادەملەرنى باشلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە كېلىشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟−سورىدى جىن شۇرېن تەئەددىي بىلەن.   /q"8sj/  
−ياڭ جياڭجۈن (قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ياڭ زېڭشىننى ياڭ جياڭجۈن دېيىشەتتى) جاڭ چۈنشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى،−دېدى فەن ياۋنەن ئۆزىنى ئاقلاپ،−نازىر يېن يۈشەن ئېغىر يارىلاندى. مەن سىز بىلەن كېيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن كەلدىم. N'21I$D  
جىن شۇرېن مەسخىرە بىلەن كۈلدى:   ;`a~9uG  
−كېيىنكى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش دېگەن نېمە ئۇ، ئېنىقكى، سىز جاڭ چۈنشى بىلەن بىرلىشىپ ياڭ جياڭجۈننى ئۆلتۈردىڭىز، ئەمدى مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىز.   X}&Y(kOT  
فەن ياۋنەن چۆچۈپ كەتتى.   5j5} c`:  
−جاڭ چۈنشى ئوق چىقىرىپ ياڭ جياڭجۈننى ئۆلتۈردى. سورۇندىكى ھەممەيلەن ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. سىز مېنى قانداقلارچە قاتىل دەپ قالدىڭىز؟−دېدى ئۇ.    '^,|8A2  
−لېكىن سورۇنغا قاتناشقان ھۆكۈمەت مەھكىمىسىدىكى خادىملاردىن سىزلا يارىلانماپسىز. بۇ سىزنىڭ جاڭ چۈنشىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكىڭىزگە يېتەرلىك ئىسپاتقۇ؟−دەپ پەيلىنى بۇزدى جىن شۇرېن.   j[fY.>yt&  
−قاتىل بىلەن قېچىپ كەتمەي ئۇنى قوغلىغان ئادەم قاتىلنىڭ شېرىكى بولامدىكەن؟−فەن ياۋنەن ئۆزىنى ئاقلاشقا گەپ تاپالماي قالدى.   !q^2| %  
جىن شۇرېن ئۆز گېپىنى يورغىلىتىۋەردى:   ,T+.xB;Q@  
−فەن ئەپەندىمنىڭ قاتىلنى قوغلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەھكىمىسىگە كەلگەنلىكى كۈلكىلىك ئەمەسمۇ؟ a0&R! E;  
−مەن بۇ يەرگە قاتىلنى قوغلاپ ئەمەس، بەلكى قاتىلنى قانداق قىلىپ تۇتۇش ئۈستىدە سىز بىلەن مەسلىھەتلەشكىلى كەلدىم،−دېدى فەن ياۋنەن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ.   oJ0ZZu?{D  
جىن شۇرېن فەن ياۋنەننى ئۆزلۈكىدىن ئىقرار قىلدۇرماقچى بولۇپ ئېغىز ئاچتى: Q::_i"?c  
−مەسلھەتلىشىش ئۈچۈن تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىش ھاجەتمىكەن؟ −مالىمانچىلىقتا ئۆز ئامانلىقىم ئۈستىدە ئويلىشىشقا مەجبۇر بولدۇم، شۇڭا ئەسكەر باشلاپ كەلدىم،−دېدى فەن ياۋنەن قىلتاققا دەسسىگۈسى كەلمەي.   -Dr)+Y  
جىن شۇرېن قولغا چۈشكەن ئولجىنى قويۇۋەتكۈسى كەلمىدى:   .J2tm2]"EZ  
−سىزگە مالاللىق يەتكۈزۈپ قويىدىغان بولدۇم، مۇھىم ئىشلارنى توغرا چۈشىنەرسىز، ئىشلار ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن سىزنى قويۇۋېتىمەن. Z!oq2,ia  
−ئىشلار بەكمۇ جىددىي، ھېسسىياتىڭىز بويىچە ئىش تۇتسىڭىز بولمايدۇ،−دەپ نەسىھەت قىلدى جىن شۇرېنغا ئىشلارنى جىددىيلەشتۈرگۈسى كەلمىگەن فەن ياۋنەن.   rSNaflYAr  
−فەن ئەپەندى تولا ئېغىز ئۇپراتمىسىمۇ بولىدۇ، قانداق قىلىشنى ئۆزۈم بىلىمەن،−دېدى جىن شۇرېن ۋە ئەسكەرلەرگە فەن ياۋنەننى يالاپ مېڭىشقا بۇيرۇدى.   (L !#2Jy  
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي فەن ياۋنەننىڭ تاياق يېگەن چاغدىكى ئېچىنىشلىق توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. يەنە بىر پەستىن كېيىن بىرەيلەن كىرىپ جىن شۇرېنغا فەن ياۋنەننىڭ زادىلا ئىقرار قىلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ياڭ زېڭشىنغا قەست قىلىشقا ئالاقىدار ھېچقانداق ئىسپات تېپىلمىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى چاتاق چىقىشتىن قورققان جىن شۇرېن شۇ كۈنى كېچىدىلا فەن ياۋنەننى قەست قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ قەتل قىلىۋەتتى. ياڭ زېڭشىننىڭ كاتىپى جىن شۇرېننىڭ فەن ياۋنەننى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «ھەرقايسى نازارەت، ۋىلايەتلەردە فېئودال ئىدىيىسى كۈچلۈك ئادەملەر كۆپ. ئۇلار يېڭىدىن كەلگەن فەن ياۋنەن بىلەن ئىدىيە جەھەتتىن ماسلىشالمىدى» دېگەنىدى. ياڭ زېڭشىن فەن ياۋنەننى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىمۇ جىن شۇرېن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ھەسەت قوزغىغانىدى. k'-5&Q  
سۇيىقەستنىڭ ئاساسلىق پىلانلىغۇچىسى جاڭ چۈنشى دىخۇداىن قېچىپمۇ كەتمىدى. جىن شۇرېن ئۇنى شۇ ئاينىڭ 9-كۈنى قولغا ئالدى، 13-كۈنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ياڭ زېڭشىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن گەنسۇدىكى فېڭ يۈشياڭ سىستېمىسىغا تەۋە ليۇ يۈفېن قىسىملىرىنىڭ شىنجاڭغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ خەۋىرى كەلدى. جىن شۇرېن « فېڭ يۈشياڭ سىستېمىسىغا بەيئەت قىلىش» ياكى «نەنجىڭغا بويسۇنۇش» ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىپ قالدى. كېيىنچە، نەنجىڭ تەرەپتىن ئاشكارا يوليورۇق كەلدى. شۇنىڭ بىلەن جىن شۇرېن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ جاڭ چۈنشىنى قەتل قىلدى.   o=I.i>c  
ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئسى بولۇۋېلىش O g9:MFI  
7-ئاينىڭ 9-كۈنى جىن شۇرېن مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى نامى بىلەن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە مۇنداق دەپ تېلېگرامما يوللىدى: «مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى رەئىس ياڭ زېڭشىن دىخۇادىكى رۇسچە قانۇن-سىياسىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دىپلوم تارقىتىلىۋاتقاندا ئەسكەرلەر سابىق دىپلوماتىيە ئالاھىدە خادىمى فەن ياۋنەننىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن رەئىسكە ئوق چىقاردى. رەئىس ياڭ زېڭشىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى قازا قىلدى. فەن ياۋنەن ۋە ئۇنىڭ قاتىل ئەسكەرلىرى قولغا ئېلىندى. يەرلىك ھۆكۈمەت جىددىي يىغىن ئېچىپ، جىن شۇرېننى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا تەيىنلىدى.» 7-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەيدىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق گېزىتلەر جىن شۇرېننىڭ يەنە بىر تېلېگراممىسىنى ئېلان قىلدى. تېلېگراممىدا مۇنداق دېيىلگەنىدى: «مالىمانچى گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى فەن ياۋنەن لۈكچەكلەرنى باشلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە باستۇرۇپ كىردى. ئۇلار 3-زالنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلدى. بۇ لۈكچەكلەر ئارمىيە، ھۆكۈمەت، جامائەتچىلىك ھەمدە سودىدىن ئىبارەت ھەرقايسى ساھەنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. جامائەتچىلىك كەمىنە جىن شۇرېننى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە ھەمدە باش قوماندانلىققا تەيىنلىدى. بۇنى رەت قىلىشقا ئىمكان بولمىدى. چۈنكى ئازراقلا بوشاڭلىق قىلىنسا جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ، پۈتكۈل شىنجاڭ زىلزىلىگە كېلىشى مۇقەررەر ئىدى. كەمىنە جىن شۇرېن جامائەتچىلىكنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ئۇشبۇ مۈشكۈلاتنى زىممەمگە ئېلىپ، قوشۇننى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. مالىمانچى گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى فەن ياۋنەن ۋە ئۇنىڭ 21 شېرىكى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرۈلۈپ قانۇن بويىچە قەتل قىلىندى. كوماندىر-ئەسكەرلىرىمىزدىن بەش كىشى قازا تاپتى، ئون نەچچە كىشى يارىلاندى. پېقىرنىڭ تالانتى ۋە ئىقتىدارى تولىمۇ تۆۋەن. چېگرا رايوننى قوغداپ غەربىي شىمالنى ئەمىن تاپقۇزۇشقا تېزلىكتە ئەقىل كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋە باش قوماندانى جىن شۇرېن.» جىن شۇرېن پاكىتنى يوشۇرسىمۇ، بۇ ئىككى تېلېگراممىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدا ئۆزئارا زىددىيەتلىك جايلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ليۇ يۈفېن 7-ئاينىڭ 23-كۈنى جىن شۇرېننىڭ تېلېگراممىسىغا قارىتا نەنجىڭگە «جىن شۇرېن مۈلكىي خادىملارغا تەۋە، ئىقتىداردا ياڭ زېڭشىندىن تولىمۇ تۆۋەن، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالمايدۇ» دەپ تېلېگرامما يوللىدى ھەمدە شىنجاڭنىڭ قالايمىقان ۋەزىيىتىنى تۈزەش ئۈچۈن «چېنىققان، پاك ئادەملەرنى ئەۋەتىش كېرەك» دەپ تەكلىپ بەردى. يۇقىرىقىلاردىن ليۇ يۈفېن جىن شۇرېننىڭ نەنجىڭ تەرەپكە ئېغىپ كەتكەنلىكىدىن تولىمۇ نارازى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. h)sQ3B.}A  
جىن شۇرېن يەنە شىنجاڭدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، نەنجىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى رەئىسلىككە تەيىنلەشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈردى. لېكىن مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى تەن يەنكەي جىن شۇرېن قانلىق ۋەقەگە قاتناشقان دەپ قاراپ تەيىنلىمىدى. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى جياڭ جيېشى تەن يەنكەينىڭ ئورنىغا مىللىي ھۆكۈمەتكە رەئىس بولدى. شۇ ئاينىڭ 31-كۈنى جياڭ جيېشى جىن شۇرېننىڭ ماتېرىيالىنى قايتا «مۇزاكىرە» قىلىش ئۈچۈن تەستىقلاپ دۆلەت مەجلىسىگە چۈشۈردى. جياڭ جيېشىنىڭ قاتنىشىشى ئارقىلىق جىن شۇرېننىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئاخىرىدا ماقۇللاندى. گومىنداڭنىڭ پېڭ چاڭگۇاڭ، جاڭ جىبىن، جۇ شۇلېي قاتارلىق مۇھىم ئەربابلىرى بۇ ئىشقا ئاشكارا قارشى تۇردى، فەن ياۋنەنگە ئۇۋال بولدى دېيىشتى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارىتا «ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىش كېرەك»، «جىن شۇرېن ئۆستۈرۈلۈشى لازىم، ئۇنىڭ ئورنى فېڭ يۈشياڭنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» دەپ ئىنكاس بىلدۈردى.   VK^m]??s_  
1933-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شېڭ شىسەي ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ جىن شۇرېننى دىخۇادىن ھەيدىۋەتتى. بۇ خۇددى «ياخشىلىق قىلساڭ ياخشىلىق كۆرىسەن، يامانلىق قىلساڭ يامانلىق» دېگەندەك ئىش بولدى. ئەينى زاماندا بيېجىڭدا چىقىدىغان «سەھەر گېزىتى» نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «جىن شۇرېن ياڭ زېڭشىننى يوقاتتى، شېڭ شىسەي جىن شۇرېننىڭ ھىيلە-مىكىرىدىن پايدىلاندى، ئاخىرىدا ئۇنى يوقاتتى.» asKAHVT(  
① ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر: «ئويغانغان زېمىن» 4-بەتكە قاراڭ. lD@`xq.M;  
② سەيپىدىن ئەزىزى: «ئۆمۈر داستانلىرى» 1-كىتاب 169-بەتكە قاراڭ. .5GGZfJ]  
③ بۇرھان شەھىدى: «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» 23-، 234-بەتلەرگە قاراڭ.   4-~S"T8 
"ئىلى دەرياسى" ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى   SuFGIb7E  

قاراخان 2014-02-22 23:41
asanat:ياڭ زىڭ شىڭ ھەققىدە، تۇڭگان يىغىلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن (2011-02-25 12:08) 
*Ag3qnY  
‹‹ ياڭ زىڭشىن ››  نىڭ قىسىقىچە تارىخى Y.kc,~vYL  
‹‹ ياڭ زىڭشىن ››  1864 - يىلى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مىېزې دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان . خەنزۇ مىللىتىدىن . ياڭ زېڭشىن 1864 - يىلى 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يەنى توڭجىنىڭ 3 - يىلى توغۇلغان . 1888 - يىلى تەشرىپدارلىق ئىتىھانىدىن مەملىكەت بويىچە 126 - بولۇپ ئۆتۈپ ئوردىغا كىرگەن .دەسلەپتە گەنسۇ ئۆلكىسى جوڭ ۋىي ناھىيىسىنىڭ ئامبىلى ، خې جوۋ ئوبلاستىنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان . خەنزۇلار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنى ھەل قىلىشتا تۆھپە كۆرسەتكەچكە ،1900 - يىلى گەنسۇ ئۆلكىسى شۆتاڭىنىڭ نازارەتچى ئامبىلى بولغان . 1907 - يىلى شىنجاڭغا كىلىپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيە شۆتاڭىنىڭ باش بازارەتچى ئامبىلى بولغان . كىيىن شىنجاڭنىڭ ئاغلاقچى ئامبىلى بولغان . جوڭخۇا مىنگو قۇرۇلغاندىن كىيىن يەنى 1912- يىلى  يۈەن شېكەي ئۇنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش تۇتۇقى قىلىپ تەيىنلىگەن ،شۇنىڭدىن باشلاپ ياڭ زېڭشىن شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي خاقانىغا ئايلانغان . ئۇ ئالدى بىلەن قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى بىسىقتۇرغاندىن كىيىن ، ئىلى قۇراللىق ھاكىمىيىتى يەنى ئىلى جاڭجۈن مەھكىسىمى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ بىرلەشكەن ، ئارقىدىن قەدەممۇ قەدەم ھالدا ئىلى جاڭجۈنىنىڭ ھوقىقىنى تارتىۋىلىپ ، ئاقىۋەتتە ئۇنى قۇرۇق جازىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . ئۇ شىنجاڭدا ھوقۇق تۇتقان 17 يىلدا خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ ، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەلنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىنى شىنجاڭغا يىقىن يولاتمايدۇ . دىنىي جەھەتتە ئىسلام دىنىنى كەڭرى يولغا قۇيۇپ ، كەڭ كۆلەمدە مەسچىت خانقا ياسايدۇ ، مىللىي سىياسسەت جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەت بىلەن خەنزۇلارنى ئورتاق بىسىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ ، خۇراپاتلىقنى جىنىنىڭ بىرىچە تەشەببۇس قىلىدۇ .1928 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جوڭگو گومىنداڭ ھۆكىمىتى ئۇنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەيدۇ . 6 كۈندىن كىيىن يەنى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۇ پەن ياۋئەن قاتارلىقلار تەرىپىدىن قەسلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ (بۇنىسى تازا نامەلۇم ، ئۈستىدىكى تېمىنى ئوقۇپ ئۆزىڭىز ھۆكۈم قىلىڭ ) ئۇ ئۆلگەندىن كىيىن بىيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ ناھىيىسىگە دەپنە قىلىنغان . قەبرىسى ھازىرمۇ بار . (بۇ توغۇرلۇق ئارتۇقچە قايناپ كەتمەڭ ). *VaQ\]:d  
ئۇ قارا لاما قاتارلىق مۇڭغۇل ئاقسۆكەڭلىرىنىڭ موڭغۇل قەبلىلىرىنى باشلاپ دۆلىتىزمنىڭ ئالتاي رايونىنى بىسىۋىلىشىىنى تۇسۇپ قالغان . ئەينى چاغدا جوڭگو ھۆكىمەتسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ ، تاشقى موڭغولىيىدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ئالتايغا بىسىپ كەلدى ، ياڭ زېڭشىن مەركىزى ھۆكىمەتتىن قىلچە ياردەم ئالالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز ئالدا بۇيرۇق بىرىپ ، موڭغۇل قاراقچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ ئالتاينى ساقلاپ قالدى . مەيلى بىز نىمە دىمەيلى شۇ چاغدا ياڭ زىېڭشىن ۋەتەن ساتقۇچلۇق قىلغان بولسا ئالتاي چوقۇم قولدىن كىتىتەتتى ۋە ھازىرقى تاشقى موڭغۇلىيىدەك مەڭگۈ قايتۇرۋالغىلى بولمايتى . (بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم ) . يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ روسىيىدە يۈز بەرگەن بولشىۋىك ئىنقىلابىدا يىڭىلىپ قىچىپ يۈرگەن چار روسىيە قوشىنىنىڭ شنجاڭغا كىرىشگە قەتتىي يول قويمىغان . U+aiH U9  
ئۇ ئاخىرى ئۆلدى ، باشقىلار قەسلەپ ئۆلتۈردى .ئۇنىڭ ئاتالمىش خەلىقىنى ئەمىن تاپقۇزۇش سىياسستى خەلقىنى نادانلىقتا قويدى . مەدەنىيەت خاراپلاشتى ، شىنجاڭدا نەزامانۋى مەكتەپ ، دوختۇرخانا ، يول كۆۋرۈك دىگەنلەردىن ئەسەرمۇ بولمىدى ، ئۇ پەقەت شىنجاڭنى چىڭ ساقلاپ ياتالىدى خالاس .ئۇنىڭ مانا بىر ئېغىز مەشھۇر سۆزى بار : شىنجاڭنى ساقلاشقا ئەمدى ئەسكەر لازىم ئەمەس ، پەقەت مىنىڭ بىر كاللام ۋە بىر تال موي قەلىمىم بولسىلا كۇپايە . c *i,z  
مەن بىيجىڭغا بارغاندا بادالىڭدىكى سەدىچىن سىپىلىنى كۆرگىلى چىققانىدىم ، شۇ چاغدا تۇيۇقسىز شىنجاڭدىن كەلگەن ساياھەت يىتەكچىسى بۇ يەردە بىر شىنجاڭلىقنىڭ قەبىرىسى بار دىدى . ئونىڭىدىن ئاڭلىشىمىچە ئۇنىڭ قەبرىسى بادالىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يولغا توغرا كىلىپ قالغاچقا 100 مىتىر كەينىگە سۈرۈلگەن ۋە قايتا ياسالغان . كىيىن بىلدىمكى بۇ دەل ياڭ زېڭشىن نىڭ قەبىرىسى ئىكەن


查看完整版本: [-- قوش مەسچىت(مۇھەممەتئىلى زۇنۇن) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled