查看完整版本: [-- ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەر خىل ئىشلەكلىرىدىن... --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەر خىل ئىشلەكلىرىدىن... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-02-13 18:41

ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەر خىل ئىشلەكلىرىدىن...

تولۇق 3-يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي تەكرار جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاجايىپ پاساھەت بىلەن تۈزگەن جۈملە - ئابزاسلىرىنى ئۇچرىتىسىز . بولسا سىزمۇ يوللاڭ ، ئۇلارغا ئىلھام بولىدۇ .  fA8ozL T  
BXTN>d27  
رىزۋانگۈل ئابدۇللا #@_ 1fE  
تولۇق 3-يىللىق 3- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
%D^bah f  
ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى مەشىقلەرنى ئىشلەڭ : %ejeyc  
6ojo##j  
يۇشۇرۇن ئوخشىتىش قوللىنىلغان لىرىكا: ,h!X k  
j-* TXog  
كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى ، قەلبنىڭ دەرىزىسى ، كۆڭۈلنىڭ پىنھان سىرلىرىنى كۆز ئەينەكتە ئۆز ئەكسىنى كۆرسىتىدۇ . كۆز دېمەك ــ سۆز دېمەك ، كۆز دېمەك ــ كۆڭۈل دېمەك ، كۆز دېمەك ـــ  مېھىر ۋە سېھىر دېمەكتۇر . كۆزنىڭ تەگسىز جۇلاسى كۆڭۈلنىڭ سىرى . كۆزنىڭ نىگاھى كۆڭۈلنىڭ سېھرى ، كۆڭۈل سىرىنى پىنھان تۇتماق كېرەك . پىنھانلىق ئۈچۈن يىگانە قەلب ۋە ئىنسانىي ئۇيات لازىمدۇر ، يىگانە قەلب ئىنسانىي پاك تۇيغۇدىن تۇغۇلىدۇ . پاكلىق ، ساپلىقنىڭ نۇرانە جۇلاسىدىن كۆڭۈلنىڭ كۆزى ــ قەلب دېرىزىلىرى مەڭگۈلۈك سېھىرلىنىدۇ ۋە ئەبەدىي جۇلا تاپىدۇ . u33zceE8  
fq Y1ggL  
« ۋاقىت » دېگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، جانلاندۇرۇش قوللىنىلغان مۇھاكىمە : eycV@|6u*  
!`C%Fkq  
ۋاقىت – كائىناتنىڭ ھۆكۈمرانى ، تارىخنىڭ قان سىرغىپ تۇرىدىغان چاقى ئۇنىڭسىز چۆرگىلىمەس ، ئۆتمۈشنىڭ ، ئەتىنىڭ مەرھەممەت مەدەنىيىتى ئۇنىڭدىن ئايرىلماس ، ۋاقىت ھەقىقەتنىڭ مىلودىيىسى ، تارىخنىڭ شاھىتى ، ئەگەر ماختاش توغرا كەلسە ۋاقىتنى چىڭ تۇتالىغانلارنى ، ئۇنىڭ ھەر بىر تىنىقلىرىدىن قەلب زەرخانىسىغا مۆھۈر باسالىغان ئادەملەرنى ماختىسا بولىدۇ .
ۋاقىت يەنە شۇقەدەر تاش يۈرەككى ، تەقدىر ئەجەل يېتىپ كەلگەندە بىر تامچە سۇنىمۇ يۈتۈشىڭگە ئىجازەت بەرمەيدۇ . «بىر نەپەس مەرھەممەت قىلغىن ، مۇنۇ چىكىتنى قويۇۋالاي ! » دېگىنىڭگە قارىماي ، مەسخىرلىك باققىنىچە سەندىن  يۈز ئۆرۈيدۇ .
 ۋاقىت ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئوكسىگىنى ، ئۇ ئەڭ زور ھوقۇقتۇر . cQ,9Rnfl,  
5bBCpNa  
سېلىشتۇرۇش قوللىنلىغان مۇھاكىمە: IHVMHOq}'  
kJeu40o N  
ھايات چەكلىك ، شۇڭا ئۇ قىممەتلىك ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ھاياتىڭ قۇياشنىڭ بىر كۈنلۈك سەپىرىگە ئوخشىشىدۇ . يەنى ، قۇياش شەرقتىن قىپقىزىل شەپەق قوينىدا كۆز ئېچىپ ،  غەرپتە قىزىللىق ئىچىدە تاغقا باش قويغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى بىر كۈن .
 لېكىن ، قۇياش پۈتكۈل كائىنات ئۈچۈن سېخىيلىق كەمىرىنى باغلىغان ، مىننەتىسىزلىك تونىغا ئورالغان .
 ھالبۇكى ، ئادەملەرنىڭ بىركۈنى مەئىشەت دەرۋازىسىنى ئېچىش ، ئىنسانىيلىق قەرزى ۋە پاراغەت مەنزىلى ئۈچۈن سەرپ بولىدۇ . بىر قىسىم كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ كېيىن ئالقانچىلىكلا يەردە ياتىدىغانلىقنى ھېس قىلالماي، نەپسىگە قۇل بولۇپ مەئشەت دەرۋازىسىدىن كىرىپ ، پاراغەت ئىشقىدا مەست بولىدۇ .  ئويلىغىن ئىنسان ، سەن ئۆزۈڭگە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىنىمۇ تالىشىسەن ، شۇڭا سەن غالىپ ، لېكىن ئۇ ئۆزىگە تېگىشلىك نەرسىنىمۇ ئۆتۈنىدۇ ، شۇڭا ئۇ چەكسىز قۇربانلىق بەرگۈچى.  سەن غالىپلىقىڭ بىلەن بىچارە ، ئۇ مەغلۇپلىقى بىلەن ئەزىز .
 مەئشەت دەرۋازىسىنىڭ خارلىقى ئەزەلەي ۋە ئەبەدىيدۇر . دۇنيا ماددىي دۇنيا ، لېكىن ھەممىنى ماددىيلىقتىن ئىزدەش ئەقىلسىزلىقتۇر . 6EP~F8Kd  
lWlUWhLnP  
مۇبالىغە قوللىنىلغان ، ئوبرازلىق ئىبارىلەر بىلەن بىزەلگەن مۇھاكىمە :  ;o%:7 &  
H%~ Q?4  
بۈگۈن ھازىر دېمەك ۋە كەلگۈسى دېمەكتۇر . چۈنكى بۈگۈننىڭ خىشلىرىدىن ئەتىنىڭ بىناسى ئۆرە تۇرىدۇ . بۈگۈنكى بىر تامچە تەردىن ئەتىكى تاتلىق بۇلاق شىرىلدايدۇ . بۈگۈن دېمەك ئۆتمۈش دېمەك ھەم كېلەچەك دېمەكتۇر . چۈنكى بۈگۈندە تۈنۈگۈنىڭ ئىزلىرى ، ئۆتمۈشنىڭ قەدىمى ۋە كەلگۈسىنىڭ تۇنجى ھىدىلىرى بولىدۇ . بۈگۈندىن زارلانغاننىڭ ئەتىدىن نىسىۋىسى بولمايدۇ . بۈگۈننىڭ قەدىرىگە يېتەلمىگەن ، بۈگۈننى ياخشى كۈتىۋالمىغانلار بۈگۈن ئىچىدىكى ئەتىنىڭ ئارزۇلىرىنى دەپنە قىلىدۇ ، ئەتىنىڭ ھىدىلىرىنى پايخان قىلىدۇ . شۇڭا بۈگۈننى قەدىرلىيەلىگەنلەر ، ئەتىنى يارىتىدۇ . بۈگۈننىڭ خىشلىرىدىن ئەتىنىڭ بىناسىنى پۈتتۈرەلەيدۇ .
 ئوبرازلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان جۈملە تۈزۈڭ  :   7*g(@d  
)(.%QSA\C  
1. ئىللىقلىقنى سېزىدىغان قەلبىڭ ، بولسىلا جاھاننىڭ مۇزلىشىدىن قورقما . ,W8au"  
2.كۆز يېشىغا چېلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ . ?KCxrzf  
3.مەنزىلگە يېتىشنى چۈمۈلىدىن ئۆگەنسەڭ ، مۇرادىڭ ھاسىل بولغۇسى .  ny~ W]1  
4. مەغرۇرلۇق – بەندە ياقتۇرمايدىغان ، ئاللاھ كەچۈرمەيدىغان يامان ئىللەت ! { $X X  

tawpek 2011-02-14 16:34
توۋا ئەجەپ ياخشى چقىپتۇ دىسە، تىل-ئەدەبىيات دەرىسىدە بۇنداق مەشىقلەر ساماندەك. ?C FS}v  
>@z d\}@W  
مەشىقتىن ئىلگىرى ئوقوغوچىلارغا بۇنى ئوقوپ بەرسەك تەقلىدى مەشىق ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆز ماھارىتىنى ئىشقا سالغۇدەك. KxGKA  
tx gvVQ  
SHytyd  
سىزدەك ئوقوتقۇچى بار يەردە بۇنداق قەلەم قۇۋۋىتىگە ئىگە ئوقوغوچىلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشى ئەجەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس دىسە.

kokbilyartay 2011-02-14 21:18
بۇ مەشىق ياخشى لايىھىلىنىپتۇ، مەنمۇ خوش بولدۇم،شۇنداق بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئىجادى تەپەككۇرغا يېتەكلەشكە ماھىر بولىشىمىز كېرەك. ئادەتتە مەنمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى يېزىلغان ئەسەرلىرىنى دەرس ۋاقتىغا كىرىشتۇرۇپ ھوزۇرلاندۇرۇش قىلىمەن، بۇنىڭ راستىنلا ئۈننىمى ياخشى بولىدىكەن.   تەتىلدىن يىغىلغاندا مەنمۇ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىدىن تورغا يوللاشنى ئويلاپ قالدىم.

koksangun 2011-02-15 13:08
مېنىڭچىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەر خىل ئەسەرلىرىگە تەۋپىقتىن مەخسۇس بەت ئاجرىتىش زۆرۈرىيىتى بار  . چۈنكى بىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تۈگۈنى بالىلار ئەمەسمۇ ؟

maxal 2011-02-27 13:44
         "[#@;{@Gt  
                خېلى كۆپ مەنپە ئەت ئالدىم . xi;/^)r  
aytq4Ts  
R5m`;hF  
             ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا،تارتقان جاپايىڭىز بىكارغا كەتمەپتۇ.

tawpek 2011-07-25 19:23
مەكتەپ  گىزىتىمىزگە بىسىلغان ئەسەرلەرنى مەنمۇ يوللاپ  قويسام  بولامدۇ  نىمە؟

uzqak 2011-09-23 11:41
ئەجرىڭىزگە رەخمەت! ياخشى پايدىلىنىۋالدىم ....بولسا يەنە يوللاڭە    داۋاملاشتۇرۇپ .................

tawpek 2011-09-23 17:21
بىزدىمۇ يوق جۇمۇ ئۇنداق بەدىئى دىت.

koksangun 2011-09-25 18:52
ھەر بىر قاراردا يېزىقچىلىق تالانتى بار ئوقۇغۇچىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ ، ئۇلارغا ھەر خىل سورۇنلارنى ھازىرلاپ بېرىشكە تېرىشىمىز  ، مەسىلەن : ئىتتىپاق كومىتىتىغا ھەمكارلاشتۇرۇپ گېزىت ئىشلەش ، رادىئو ئۇزۇلىدا ئەسەرلىرىنى ئاڭلىتىش ، مەكتەپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكى كىچىك مۇخبىرلارغا دەپ سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش، ئەسەرلىرىنى گېزىت_ژورناللارغا يوللاپ بېرىش ( ھېچ بولمىغاندا ، گېىزىت ژورناللارنىڭ ئادرېسىنى يېزىپ بېرىش) ...مانا مۇشۇنداق ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سورۇنلار ئوقۇغۇچىلارغا روھىي مەدەت بولۇپ ، ئىشەنچكە تولۇپ تاشىدىكەن ، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى كۈندىن - كۈنگە يوقىرى كۆتۈرىلىدىكەن . مېنىڭچە،بىر ئوقۇغۇچى بىر پارچە ئەسىرىنى كۆتۈرۈپ سىزگە كۆرۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغاندا ، ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپلا قالماي ئاشۇنداق ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ ، ئۇ ھالدا ئوقۇغۇچى  سىزدىن مەڭگۈ مىننەتدار بولىدۇ ...

زۇمرەت 2014-03-30 00:11
بەك ئوبرازلىق ،ئۆتكۈر يېزىلىپتۇ


查看完整版本: [-- ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەر خىل ئىشلەكلىرىدىن... --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled