查看完整版本: [-- سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى بىلىملىرى -> سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2011-02-12 13:20

سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان

بۇ ئورۇندىكى مەزمۇن يۇشۇرۇلغان ، ئىنكاس يازغاندىن كېيىن ئاندىن كۆرۈلەيسىز .

koksangun 2011-02-12 13:34
سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى يوللاپ قويساق بوپتىكەن . ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇن ئۆتۈشمە قوشۇمچىلار بار . بۇ قوشۇمچىلار ھەر قايسى سۆز تۈركۈملىرى ئارىسىدا خالىسانە ئۆتۈشۈپ ئوخشاش بولمىغان سۆز تۈركۈملىرىدىكى سۆزلەرنى ياسايدۇ...

tawpek 2011-02-14 15:52
مۇشۇ ياسالما  دىگەن گەپنىڭ مەيدانغا چىقىشىدا ياسىغۇچى قوشومچىنىڭ ئۇلىنىشى  ئاساسمۇ ياكى قوشومچە ئارقىلىق سۆزنىڭ ياسىلىشىمۇ؟

koksangun 2011-02-15 10:20
بۇ سۆزىڭىزنى قانداق چۈشىنىمىز ، تەۋپىق ئىنم ؟

tawpek 2011-06-27 16:35
سۈپەت دەرىجىللىرى زادى نەچچە تۈر بولىدىغان بولدى ئەمدى.

نۇرسىمانگۇل 2013-12-20 22:36
بەش تۈر بوپتىغۇ؟!

شەھلا 2013-12-21 11:51
سۈپەت ھەققىدە يېڭىچە پىكىر بار ئوخشىمامدۇ ؟ كۆرۈپ باقايلى.

ياسىنجان510 2013-12-21 16:12
بۇ دەرس تەييارلىقىنى كۆرۈپ باقسام.

ياسىنجان510 2013-12-21 16:15
ياخشى تەييارلىنىپتۇ،ئەجرىڭىزە رەھمەت.

قەلىب 2013-12-23 22:23
بۇنى بىر كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن

قەلىب 2013-12-23 22:30
ھازىر «قوش تىل سىنىپلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات» دەرىسلىكىنىڭ ئۇيغۇرتىلى مۇنبىرىدىكى سۈپەت ھەققىدە چۈشەنچە دېگەن مەزمۇندا سۈپەت دەرىجىللىرى تۆت تۈرلۈك قىلىپ بىرىلىپتۇ، يەنى «راق،رەك» قوشۇمچىسى قوشۇلغان شەكلى كېمەيىتمە  دەرىجە قىلىپ تۈزۈلۈپتۇ.

سەرۋاز 2013-12-24 15:47
كىمەيىتمە دەرىجە بىلەن شېلىشتۇرما دەرىجىنى يەنىمۇ ئىنچىكىرەك تەھلىل قىلساق بولامدۇ قانداق؟ ZY N HVR  

تىلسىن 2013-12-24 16:46
تەۋپىق ئەپەندى بولسا سۆز ئويۇنى قىلىپ باشقىلارنى كولدۇرلاتماي نەق گەپنى قىلايلى. ئىككى سۆزىڭىز ئاساسەن بىر ئۇقۇم،بىر چۈشەنچە ئەمەسمۇ ؟  سۈپۈت دەرىجىلىرىگە كەلسەك بەش دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. R 1CoS6  
ئەسلى دەرىجە،                    قىزىل WX2:c,%:  
كېمەيتمە دەرىجە                 قىزغۇچ #2&DDy)B f  
ئاشۇرما دەرىجە                  قىپقىزىل *RPd U.  
سېلىشتۇرما دەرىجە            قىزىلراق 8 K7.; t1  
ئەركىلەتمە دەرىجە              قىزىلغىنا G {wIY"~4  
كېمەيتمە دەرىجە بىلەن سېلىشتۇرما دەرىجىدە «راق،رەك»شەكلدىكى قوشۇمچە ئىككىلىسىگە ئورتاق ئۆتۈشمە خىزمەت قىلىدۇ. يەنى بۇلار شەكىلداش قوشۇمچە تۈرىگە تەۋە. ;"d>lyL  
  بۇ خىل شەكىلداش قوشۇمچىلار باشقا سۆز تۈركۈملىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بەزىدە ياسسىغۇچى  شەكلىدە كۆرۈنسە بەزىدە تۈرلىگۈچىلىك شەكىلدە كۆرۈنىدۇ.

تىلسىن 2013-12-24 16:49
ئېچىلمايدىغۇ .سىم سىم ئاچ ئىشىكنى  دەپ خىتاپ قىلايمۇ قانداق.ياكى بۇ تېما ئىشىكى داتلاپ قالمىغاندۇ؟

تىلسىن 2013-12-24 17:45
تىلشۇناسلىرىمىز بەزىدە بەك بىلەرمەنلىك قىلىپ ،ئۆز تىلىدىكى بار سۆزلەرنى چەتكە قېقىپ ،ئورنىغا باشقا تىللاردىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش مۇدا بوپ قالغان مىڭ يىل ئىچىدە تىلدىكى ئۆزگىرىش بەك چوڭ بوپ كەتتى .بۇنىڭ بىلەن ياتلىشىشمۇ كېلىپ چىقتى .مەسىلەن :ئۇيغۇر تىلىدا مىڭ يىل ئالدىدا «ئادەم ،ئىنسان »ئاتالغۇسىنى «يالڭۇق ،كىشى»دەپ ئالاتتى .«ئادەم »سۆزى ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن بولسا «ئىنسان »پارس تىلىدىن كىرگەن .ھازىر ئانا تىلىمىزدىكى ئەسلى سۆزلەر يوقۇلۇپ ياكى ئاجىز ،زەئىف ھالغا چۈشۈپ ،باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر ئاساس بولۇپ ،ئىستىمالدىن كەڭتاشا ،بەھوزۇر ئورۇن ئالدى.ھازىرمۇ بىز ئىلگىرىدىن باشلاپ تىلىمىزدا تېگى بار سۆزنى ئېلىپ تاشلاپ، چەت تىلدىن كىرگەن سۆزلەرنى قوللىنىپ ،ئەسلى بار ئاتالغۇلىرىمىز ئورنىغا ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ بىر نادانلىقتىن ،ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. %3Ba9Nmid  
مەسىلەن :«مۇرفىما» ئاتالغۇسىغا تەڭ «سۆز»ئاتالغۇسى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلگەن .«باش مورفىما»نى  «تۈپ سۆز»دەپ «ئەگەشمە مورفىما»نى «قوشۇمچە»دەپ ئاتاپ دەل جايىغا چۈشۈرگەن ئىدۇق . ھازىر بۇ ئاتالغۇلىرىمىز دەۋرگە «يېتىشەلمەي» ،  «ئىسلاھات» قەدىمىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالغاندەك «سۆز»نى «مورفىما»،«تۈپ سۆز»نى «باش مورفىما»غا«قوشۇمچە»نى «ئەگەشمە مورفىما»غا ئۆزگەرتىشتەك ئەھۋاللار خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.ئۆزگەرگەن بۇ سۆزلەرمۇ يېرىمى ئۇيغۇرچە ،يېرىمى باشقا تىلدىن كىگەنچە بولىۋاتىدۇ. بو دەل «مۇتىخەسىس»لىرىمىزنىڭ روھىنىڭ «يېرىم»ئارىلاش «روھ»لىقىنى ياندىن يورۇتۇپ بېرىۋاتامدۇ نېمە،ئەمدى بۇ خىل ئۆزگىرىشنى «مۇتىخەسىس»لىرىمىزنىڭ   «ئۆزىنى كۆرسىتىش»ى دەپ چۈشىنەمدىمىز،ياكى «بىلىملىك»،نەزەر دائىرسى«كەڭ»دەپ چۈشىنەمدۇق.بۇلار ئۈستىدىمۇ پىكىر يۈرگۈزمىسەك بولمىدى.ئانا تىل تەتقىقاتچىلىرىمىز ، زىيالىلىرىمىز تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرىۋېلىپ  ، مۇشۇنداق ئەبجەشلەشتۈرۈش ئايىغىنى كىيىپ «ئىسلاھات»يولىدا «تەۋرەنمەي »ماڭساق  ،ئاقىۋىتى قانداق بولۇر.مىللەتنى ئويلاپ ئىش تۇتايلى. 1KHFzx,  
  يېتەر بۇنداق ئىسلاىاتلار.ھېلىمۇ يېزىقىمىزدا مۇشۇ 100يىل مابەينىدىمۇ نۇرغۇن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ »ياخشىلاش«نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىنماي«جاپا»تارتىۋاتقان «مۇتەخەسىس»لىرىمىزنىڭ «ئەجرى»گە كۆپ «رەھمەت».ئېنگىلىزلارنىڭ 500يىل ئاۋالقى «ۋېنىتسىيە سودېگىرى»نى ھازىرقىلارمۇ بىمالال ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ. ئەمما بىز  «خمسە»نەۋائىنى،«نىزارى داستانلىرى»نى ئاددىيسى 100~200يىل ئاۋالقى ئەسەرلىرىمىزنى ئەۋلاتلارلا ئەمەس بىزلەمۇ تەرجىمانسىز چۈشىنىشىمىز بەك قىيىن بولىۋاتمامدۇ. بۇلارنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلارنىڭ جاۋاپكارى ئەنە شۇ نام مەنپەئەت،«ئىسلاھات»يولىدا ئاناتىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان  نامى ئۇلۇغ .سۇپرىسى قۇرۇق ئەنە شۇ »تەتقىقاتچى«قالپىقىنى ئوڭچىلاپ كىيىۋېلىپ ئۆزلىرىنى ئالىم ، تەتقىقاتچى چاغلاپ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تۈزۈك ئويلاشمايلا ئەجدات ،ئەۋلات مۇناسىۋىتىنى يېزىق ئىسلاھاتى ئارقىلىق يېراقلاشتۇرىۋاتقان ئەرباپلىرىمىز .بولدى قىلىڭلار سىلەرنى ئەۋلادلار لەنەت بىلەن ئەمەس ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان بولسۇن .بولمىسا سىلەر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرىدىكى  يالتىراق جىنايەتچىلىرى بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىڭلار ناھايىتى ئېنىق ،سىلەر مەدەنىيىتىمىز سوتى ئالدىدا قانداق جاۋاپ بېرەرسىلەر.سىلەرگە ئىنساپ تىلەيمەن

سادىر 2013-12-31 10:48
سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى يوللاپ قويساق بوپتىكەن . ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇن ئۆتۈشمە قوشۇمچىلار بار . بۇ قوشۇمچىلار ھەر قايسى سۆز تۈركۈملىرى ئارىسىدا خالىسانە ئۆتۈشۈپ ئوخشاش بولمىغان سۆز تۈركۈملىرىدىكى سۆزلەرنى ياسايدۇ...   6k4ZzQ}  
' F,.y6QU  
   >'/KOK"  

گۈلنىھال 2013-12-31 10:53
قانداق گەپ بۇ ؟ كۆرمەي تۇرۇپ قانداق ئىنكاس يازىمىز؟

گۈلنىھال 2013-12-31 10:59
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدا كۆپرەك ئۇچىرايدىغان سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار : #Wf9`  
1)ئىسىملارغا ئۇلىنىپ سۈپەت ياسايدىغان مورفىمىلار pXE'5IIN  
2)پېئىللاردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار qQ{i2D%)?f  
3)رەۋىشلەردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار LQo>wl  
4)سان – مىقتار سۆزلىرىدىن سۈپەت ياسايدىغان مورفىمىلار (fTi1 I!  
5)سۈپەتلەردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . l&2pU v=  
\'>8 (i~  
بۇلارغا ئاز بولسىمۇ مىسال ئېلىنغان بولسا ، تېخىمى ياخشى بولاتتىكەن

گۈلنىھال 2013-12-31 11:15
سۈپەتنىڭ كېمەيتمە دەرىجە قوشۇمچىسىدىن ( غۇچ مەسىلەن ، قىزغۇچ )قوشۇمچىسىمۇ بار . y88lkV4a  
خەت يازغاندا ، ئىملا خاتالىقىغا يول قويمىغان ئاساستا يازغان بولساڭلار . مىقتار ئەمەس ، مىقدار ،  ئوندىن تۆۋەن ساناق سانلار رەقەم بىلەن ئەمەس ، خەتچىلاپ يېزىلىدۇ . مەسىلەن :سۈپەتلەر 8 تۈرلۈك گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە  ، ئەمەس ، سەككىز تۈرلۈك.... دەپ يېزىلىشى كېرەك .

گۈلنىھال 2013-12-31 11:25
بەش تۈر بولىشىدا ، سېلشتۇرما دەرىجە قوشۇمچىسىنى راق ، رەك  ئەسلى كېمەيتمە دەرىجە قوشۇمچىسى ئىدى  ( دەرسلىك كىتاپتا ) . ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىگەن كىتاپتا سېلشتۇرما دەرجە دەپ ئايرىلىپتۇ .

گۈلنىھال 2013-12-31 11:35
tawpek:مۇشۇ ياسالما  دىگەن گەپنىڭ مەيدانغا چىقىشىدا ياسىغۇچى قوشومچىنىڭ ئۇلىنىشى  ئاساسمۇ ياكى قوشومچە ئارقىلىق سۆزنىڭ ياسىلىشىمۇ؟ (2011-02-14 15:52) 
cHO8%xu`  
ياسىغۇچى قوشومچىنىڭ ئۇلىنىشى ئاساس دىسەك ، سۆزلەرگە سۆز قوشۇش ئارقىلىقمۇ يېڭى سۆز ياسايمىزغۇ؟ بىرىككەن سۆزلەرمۇ ياسالما سۆزەە تەۋەغۇ؟ مېنىڭ ئويۇم خاتامۇ يا؟ خاتا بولسا ياردەم قىلىپ ، تۈزتىپ بەرگەن بولسىڭىز .

مىېھرىما 2014-01-28 10:27
مەنمۇ كۆرسەم بولامدۇ؟

مىېھرىما 2014-01-28 10:30
تىلسىن:ئېچىلمايدىغۇ .سىم سىم ئاچ ئىشىكنى  دەپ خىتاپ قىلايمۇ قانداق.ياكى بۇ تېما ئىشىكى داتلاپ قالمىغاندۇ؟ (2013-12-24 16:49) 
?nrd$,  
بەك قىزىقچىكەنسىز .قاراڭ يازغان ئىنكاسىڭىزغا....

بابۇر0725 2014-02-18 23:45
ئەتراپلىق تەييارلىق ئوخشايدۇ


查看完整版本: [-- سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled