查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلى‘ دەرسىدىن باسقۇچلۇق تاپشۇرۇق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> ئۇيغۇر تىلى‘ دەرسىدىن باسقۇچلۇق تاپشۇرۇق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2   3  >>  Pages: ( 3 total )

tawpek 2011-02-10 16:14

ئۇيغۇر تىلى‘ دەرسىدىن باسقۇچلۇق تاپشۇرۇق

’ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى‘ دەرسىدىن باسقۇچلۇق تاپشۇرۇق
بەشىنچى قېتىملىق تاپشۇرۇق
(10- 11-12- باپ)
1-    سۇئال : ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاڭ .
1)    جۈملە _

2)    سېنتاكسىسلىق قۇرۇلما _

3)    ئىگە- خەۋەرلىك مۇناسىۋەت _

4)    تەڭداش مۇناسىۋەت _

5)    بېقىندىلىق مۇناسىۋەت _

6)    بايان جۈملە _

7)    سوراق جۈملە _

8)    بۇيرۇق جۈملە _

9)    ئۈندەش جۈملە _

10) ئاددىي جۈملە _

11) ئىگە _

12) خەۋەر _

13) تولدۇرغۇچى _

14) ئېنىقلىغۇچى _

15) ھالەت _

16) تەڭداش بۆلەك _

17) ئىزاھلىق تەڭداش بۆلەك _

18) جۈملىنىڭ كېڭەيگەن بۆلەكلىرى _

19) قاراتما بۆلەك _

20) قىستۇرما بۆلەك _

21) ئىگە- خەۋەر قىسىملىق ئاددىي جۈملە _

22) خەۋەر قىسىملىق ئاددىي جۈملە _

23) تولۇق ئاددىي جۈملە _

24) تولۇقسىز ئاددىي جۈملە _

25) قوشما جۈملە _

26) تەڭداش قوشما جۈملە _

27) بېقىندىلىق قوشما جۈملە _

28) ئارىلاش قوشما جۈملە _

2-    سۇئال : ھۆكۈم قىلىڭ .
1) تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلىنىپ كەلگەن بىر قانچە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى جۈملىدە ئەينى بىر سېنتاكسىسلىق ۋەزىپىدە كېلىپ، جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ .                       (    )                                                                    
2) بېقىندىلىق مۇناسىۋەت جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى بىلەن ئېنىقلانغۇچىنىڭ، تولدۇرغۇچى بىلەن خەۋەرنىڭ، ھالەت بىلەن خەۋەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلىنىدۇ .                                                              (    )                                                                    
3)تولدۇرغۇچى بىلەن خەۋەرنىڭ مۇناسىۋىتى بىر سۆزنىڭ يەنە بىر سۆز بىلەن چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى ئارقىلىق باغلىنىشىدا كۆرۈلمەيدۇ .       (    )
4) بايان جۈملىدە بايان ئىنتۇناتسىيىسى بولىدۇ .                       (    )                      
5)سوراق جۈملىدە جاۋاپ تەلەپ قىلىنىدىغان سوئال تۈگۈنى بولىدۇ ھەمدە سوئال ئىنتۇناتسىيىسىگە ئىگە بولىدۇ .                                  (    )
6)بۇيرۇق جۈملىنىڭ خەۋىرى بۇيرۇق رايىدىكى پېئىللاردىن بولمايدۇ .  (    )                                
7)جۈملىنى پارچىلاشتىن كېلىپ چىققان ئەڭ كىچىك مەنە بىرلىكى جۈملە بۆلىكى دەپ ئاتىلىدۇ .                                                   (    )
8)مۇستەقىل سۆز تۈركۈملىرىنىڭ ھەممىسى جۈملىدە خەۋەر بولالمايدۇ .                           (    )
9) قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر تارماق جۈملە دەپ ئاتىلىدۇ .                                                                 (    )
10)تەڭداش قوشما جۈملە تەركىبىدىكى تارماق جۈملىلەرنىڭ خەۋىرى تولۇق ئاياقلاشقان شەكىلدە بولمايدۇ .                                        (    )                                                        
11)بېقىندىلىق قوشما جۈملە باش جۈملە ۋە بېقىندى جۈملىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىپ تاپىدۇ .                                       (    )
12) ئارىلاش قوشما جۈملىلەر كەم دېگەندە تۆت ئاددىي جۈملىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ .                                            (    )
3- سۇئال : بىرنى تاللاڭ .
1) جۈملە قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن :                (    )
A . ئاددىي جۈملە ۋە قوشما جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
B . تولۇق جۈملە ۋە تولۇقسىز جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
C . يىغىق جۈملە ۋە يېيىق جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
2) مۇستەقىل تەركىپلەر :                                   (   )
A . قاراتما سۆز ۋە قىستۇرما سۆز دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .          
B . قاراتما سۆز ، قىستۇرما سۆز ۋە ئۈندەش سۆز دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ .          C . قاراتما سۆز ۋە ئۈندەش سۆز دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ
3) ئاددىي جۈملىلەر قانداق تەركىبىي قىسىملاردىن تۈزۈلگەنلىكىگە ئاساسەن  :           (   )
A . تولۇق ئاددىي جۈملە ۋە تولۇقسىز ئاددىي جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .          
B . پېئىل خارەكتىرلىك ئاددىي جۈملە ۋە ئىسىم خارەكتىرلىك ئاددىي جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .        
C . ئىگە- خەۋەر قىسىملىق ئاددىي جۈملە ۋە خەۋەر قىسىملىق ئاددىي جۈملە دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
4- سۇئال : كۆپنى تاللاڭ .
1) تۆۋەندىكىلەردىن سوراق جۈملىنىڭ تۈرلىرىنى تېپىڭ :            (        )
A . ئوچۇق سوراق جۈملە .          
B .گۇمانىي سوراق جۈملە .        
C .بۇيرۇق سوراق جۈملە .
D .قايتۇرما سوراق جۈملە .
E .رېتورىك سوراق جۈملە .
2) قوشما جۈملىلەر تەركىبىدىكى تارماق جۈملىلەر تۆۋەندىكى شەكىللەر ئارقىلىق باغلىنىدۇ :          (        )  
A . ئورۇن تەرتىپى ئارقىلىق باغلىنىدۇ .          
B . باغلىغۇچىلار ئارقىلىق باغلىنىدۇ .        
C . تارماق جۈملىلەرنىڭ كەم دېگەندە بىرىدە باغلىغۇچىلار تارماق جۈملىنىڭ خەۋەر قىسمىدىكى مورفولوگىيىلىك شەكىللەر بىلەن ماسلىشىپ باغلىنىدۇ .
D.ئالدىدىكى تارماق  جۈملىنىڭ خەۋىرىگە ’دە‘،’يۇ(ۇ)‘يۈكلىمىلىرى، ’بولۇپ‘،’تۇرسا‘قاتارلىق ياردەمچى سۆزلەر بىرىكىپ كېيىنكى تارماق جۈملىلەر بىلەن باغلىنىدۇ .    
E . ئورۇن تەرتىپى ئارقىلىق باغلانمايدۇ .
3)تۆۋەندىكىلەردىن تەڭداش قوشما جۈملىنىڭ تۈرلىرىنى تېپىڭ: (        )                                    
A .بىرىكتۈرۈش مۇناسىۋىتىدىكى تەڭداش قوشما جۈملە .          
B . كۈچەيتمە مۇناسىۋىتىدىكى تەڭداش قوشما جۈملە .        
C . تاللانما مۇناسىۋەتتىكى تەڭداش قوشما جۈملە .
D . ئىزاھلىق مۇناسىۋەتتىكى تەڭداش قوشما جۈملە .
E . قارىمۇ قارشى مۇناسىۋەتتىكى تەڭداش قوشما جۈملە .
4) تۆۋەندىكىلەردىن بېقىندىلىق قوشما جۈملىنىڭ تۈرلىرىنى تېپىڭ: (      )
A .قارشىلىق بېقىندىلىق قوشما جۈملە .          
B . شەرتلىك مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە .        
C . سەۋەپ- نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە.
D . ’كى‘ ئارقىلىق باغلانغان بېقىندىلىق قوشما جۈملە .
E . ئىزاھلىق مۇناسىۋەتتىكى بېقىندىلىق قوشما جۈملە .
5) ئارىلاش قوشما جۈملە تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ : (     )
A .بىر ئاددىي جۈملە بىر تەڭداش قوشما جۈملىگە بېقىنىپ كېلىدۇ .          
B . بىر بېقىندقلىق قوشما جۈملە بىلەن بىر تەڭداش قوشما جۈملە ياكى بىر تەڭداش قوشما جۈملە بىلەن بىر بېقىندىلىق قوشما جۈملە ئۆز ئارا تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلىنىدۇ .        
C . بىر تەڭداش قوشما جۈملە ، بىر بېقىندىلىق قوشما جۈملە ۋە بىر ئاددىي جۈملە تەڭداش مۇناسىۋەتتە ئۆز ئارا باغلىنىدۇ .
D . بىر تەڭداش قوشما جۈملە بىر  ئاددىي جۈملىگە بېقىنىپ كېلىدۇ . بىر ئاددىي جۈملە ئىككى بېقىندىلىق قوشما جۈملە ئۆز ئارا تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلىنىدۇ .
E . بىر تەڭداش قوشما جۈملە بىلەن ئىككى بېقىندىلىق قوشما جۈملە ئۆز ئارا تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلىنىدۇ .
5- سۇئال : قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ .
1) جۈملە سۆزلىگۈچىنىڭ جۈملىدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇنغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ ؟ قايسىلار ؟






2) جۈملىنىڭ باش ۋە ئەگەشمە بۆلەكلىرى قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ ؟ قايسىلار؟





3) ئاددىي جۈملىلەر تەركىبىي قىسىملىرىنىڭ تولۇق ئىپادىلەنگەن ياكى ئىپادىلەنمىگەنلىكىگە ئاساسەن قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ ؟ قايسىلار .




6- سۇئال : تەپسىلىي جاۋاپ بېرىڭ .
1) جۈملە قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ؟ مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ .







2) قوشما جۈملە بىلەن ئاددىي جۈملە قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ ؟






      


koksangun 2011-02-11 11:30
مەن چۈشۈرۈپ پايدىلىنىش قىلايچۇ . ئوقۇغۇچىلىرىمغا تارقىتىپ بەرسەم ئاساسىي بىلىمى مۇستەھكەملىنىپ قالغۇدەك.

tawpek 2011-02-11 18:06
مۇشۇ ئۇيغۇرتىلىنى بىلدۈرۈشتە ئىشلار سەل تەسكە توختايدىكەن. تولوق ئوتتوردىغۇ ئىستىقبالىنى دەپ بولسىمۇ ئۆزلىكىدىن ئۈەىنىدىكەن لىكىن بىزنىڭ بۇيەردىكى تولوقسىزدا...............

قايسى ۋەزىپىدە دىسەڭ سۈپەتلەش، مۇبالىغە.
قانداق ئىستىلىستىكىق ۋاستە دىسەڭ     بايان، تەسۋىر، مۇھاكىمە،
ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى دىسەڭ   ئىنىقلىغۇچى، ئىگە      دەپ  ئولتاغان........

ساپا مائارىپىنى پۈتۈنلەي يادلاش يوق مائارىپ كۆرسىتىپ....................

ئۇيغۇرجان 2011-02-11 21:59
تاپشۇرۇق...............................ۋايجان................................................         

tawpek 2011-02-11 22:01
شۇڭىمۇ سىلە تەربىيلىگەن بالىلار شۇنداق  ئۇيغۇرجان.

ardam 2011-02-20 23:39
ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشىغا دائىر ماتېرىياللارغا مەنمۇ بەك مۇھتاج

ozqan 2011-02-20 23:53
   بالىلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نومۇر پەرقىنى ئۇيغۇر تىلى  ئىقتىدارى يەنى ئالدىنقى 4 تاللاش  سوئالى گەۋدىلىك ئىپادىلەۋاتىدۇ .  شۇڭا  ئۇيغۇر  تىلى  تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بالىلارنىڭ پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدىكى رولى خېلى زور .

tawpek 2011-02-21 18:05
ئۇيغۇرتىلى دەرىسلىك كىتابىنىڭ قىسقارتىلىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىمتاھان سۇئالىدىكى نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەپتۇ دىسە.

amarjan5912 2011-02-28 23:37
مەن بۇ ماتىريالغا بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم .

kokbilyartay 2011-03-10 22:09
بىز ھەرۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلىمىنى ئەدەبىي بىلىمگە تەدبىقلاپ ئىگىلىتىشىمى كېرەك دەپ ئويلايمەن

tawpek 2011-03-10 23:12
ئۇيغۇرتىلىنى يەنىلا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئۆتسە ئۈنىمى ياخشى بولامدىكىن دەيمەن.

ozturuk 2011-03-14 17:44
تولۇقسىز نىڭ ئوقۇغۇچىللىرىغا نىسبەتەن ئۇيغۇرتىلى دەرسى بىرخىل ئابىستىراكىتنى تۇيغۇ بىرەمدىكىن دەيمەن.

nefise 2011-03-22 13:35
مەن بۇ ماتىريالغا بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم.كۆپ رەھمەت سىزگە!

apandi 2011-03-22 23:26
ئۆز تىلىمىزنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا ھەرگىز ۋايسىماسلىق كىرەك.

ilihan 2011-03-23 16:21
بۇ تاپشۇرۇق بەكلا ياخشى ئوخشىمامدۇ ؟

kamalat 2011-03-23 22:28
مەنمۇ مۇشۇ مەزمۇنغا بەك ئېھتىياجلىق ئىدىم . گەرچە ئويغۇرتىلى كىتاپ بار بولسىمۇ  ، ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا بىر قېتىم فۇداۋ قىلىپ بەرسەم ياخشىمىكىن دەپ قارىغان.

aysima 2011-03-28 13:01
داۋاملىق مۇشۇنداق ياىشى ماتىرياللار بىلەن تەمىن ئېتەرسىز .

ئازاب 2011-03-30 17:27
بۇ ماتىريالغا بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم

mamatjan74 2011-04-07 17:52
مەنمۇ كۆرۈپ باقاي

aykut 2011-05-31 12:53
مەزمۇنى مەن ئىزدىگەن مەشققە ئوخشامدىغاندۇ؟

tunyukuk 2011-05-31 19:10
مەنمۇ بىر كۆرۈپ باقاي، تاپشۇرۇق دەپ بېرەلمىسەك دەرسخانىدا مەشقلەندۈرسەكمۇ  مۇشۇنداق سوئاللار- ماتېرىياللار بەك لازىم.

saman22 2011-06-02 00:07
بۇ تاپشۇرۇق چوقۇم ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . رەھمەت ئۇستاز .

nasirdin 2011-06-02 10:58
مەنمۇ چۇشۇرىۋالاي

sadakat 2011-06-04 12:50
        مەن  مۇشۇ  سۇئالنى كورۇپ باللارغا   يەتكۇزۇپ بىرەي             

bozyar 2011-06-08 18:12
مائارىپتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

xam1980 2011-06-08 19:01
مەن بۇ ماتىرىيالغا بەك ئىھتىياجلىق .

tawpek 2011-06-08 21:42
引用第25楼xam1980于2011-06-08 19:01发表的 : مەن بۇ ماتىرىيالغا بەك ئىھتىياجلىق .

بىزمۇ سىزدەك شام سۈپەت كىشىلەرنىڭ سىپىمىزگە قوشولىشىغا ئىھتىياجلىق.

ziba 2011-10-18 21:51
تولۇقسىزنىڭمۇ ،تولۇقنىڭمۇ ؟

ماھى 2011-10-18 21:58
مەنمۇ كۆرۈپ باقاي.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

tawpek 2011-10-19 15:31
ئۇيغۇرتىلى ھەر ئىككىلىسىدە ئورتاقتۇ؟

sannada 2011-10-19 23:20
مەن كۆرۈپ باقايچۇ  

mung 2011-10-19 23:32
مەنمۇ كۆرەي،

凶蛇 2011-10-30 02:14
مۇنبەردىمۇ تاپشۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرىدىغان بولۇپ كەتتىقمۇ ئەمدى...

alga~nap 2011-10-30 18:32
مەن بۇ ماتىريالغا بەك ئىھتىياجلىق ئىدىم .

bahwan 2011-10-31 23:23
مەن كۆك سانغۇن بىلەن ئوخشاش قاراشتا

bulbuljan 2011-12-10 01:49
مەنمۇ  مۇشۇنداق ماتىرياللارغا ئېھتىياجلىق ئىدىم .

tawpek 2011-12-10 16:17
بۇلبۇلجاننىڭ قەدىمىگە مەرھابا.

akqolpan 2011-12-26 16:04
مەن چۈشۈرۈپ پايدىلناي دېسەم كورگىلى بولمايدىكەن .ئەمەسمۇ    

rayhan 2011-12-29 11:51
ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشىغا دائىر ماتېرىياللارغا مەنمۇ بەك مۇھتاج ئىدىم،كۆپ رەھمەت ھە!

xayda 2011-12-29 15:28
ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت سوئاللاردا نومۇر كەتكۈزۈپ قويىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۈمىدىم: بىز بۇ مۇنبەر ئارقىلق ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرساق دەيمەن. 

tutya 2012-01-21 14:25
مەنمۇ كۆرەيچۇ؟

tawpek 2012-01-21 14:34
قانداق قىلغاندا مۇشۇ ئۇيغۇرتىلىنى تىخىمۇ ياخشى بىلدۇرگىلى بولىدىغاندۇ؟

amarxahturk 2012-03-04 14:19
يۇشۇرۇن نەرسە كىشىنى شۇنچە جەلىپ قىلارمۇ؟ ئاچىلى بۇپەردىنى.

kuyax 2012-03-30 17:03
        ئوقۇغۇچىلاردىن «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىدىن بەكرەك ئەنسىرەيسىلەر؟»دەپ سورىسىڭىز «ئۇيغۇر تىلى قىسمىدىن دەيدۇ.شۇڭا،مۇشۇنداق ماتېرىيالغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق ئىدۇق.چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز.

kuyax 2012-03-30 17:17
      ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
    مۇمكىن بولسا ئالدىنقى تۆت قېتىملىق تاپشۇرۇقنىمۇ يوللىۋەتسىڭىز.

kumush 2012-03-30 18:05
قىممەتلىك ماتىريال يوللاۋاتقانلارغا رەھمەت      

otkal 2012-04-05 21:09
بەك ياخشى ماتىرياللار

yaprak26 2012-05-20 00:15
مەنمۇ كۆرۇپ باقايچۇ؟

لالە 2012-05-20 22:07
رھمەت سىزگە،ھەقىقەتەن ياخشى ماتىرىيال يوللاپسىز

tawpek 2012-05-21 01:45
تېمىنىڭ چىكىلىش سانىدىنلا بۇنداق ماتىرىياللارغا بولغان ئىھتىياجنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكەن.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر تىلى‘ دەرسىدىن باسقۇچلۇق تاپشۇرۇق --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled