查看完整版本: [-- مەن ئاق بايراق ئەمەس       ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تاللانغان شىئىرلار -> مەن ئاق بايراق ئەمەس       ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kokbilyartay 2011-02-09 22:15

مەن ئاق بايراق ئەمەس       ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر )

  1 RISDjU3  
   Jn7T5$pJ  
كۆمۈش كەبى يالتىراق، |E?PQ?P  
مەرۋايىتتەك پارقىراق. 'GI| t  
بىر چوقا بار ئاسمانغا مەغرور بىشى تاقاشقان، n 1U!od  
ئۇنىڭ ئېتى خانتەڭرى، تىيانشانغا جايلاشقان. 2$OV`qy@?  
C$0rl74Wi  
مەشرىقتىن چىقسا ئاپتاپ، .-'_At4g  
ھەممىدىن ئاۋۋال باشلاپ، O{7rIy  
شۇ چوققىنى سۆيىدۇ مەڭزىگە يېقىپ مەڭزىن، r$v \\^?2  
ئۆتۈپ ئۇنىڭ قېشىدىن، غەربكە ماڭار ئاندىن. x+DETRLP  
S|xwYaoy%  
كېچە بولسا تۇلۇن ئاي، fs yVu|G  
ئۆتمەيدۇ ئۇندا قونماي. -[J4nN&N  
يەتتە يۇلتۇز ھەم ھۆكەر، زۇھەل بىلەن مۇشتىرى، R>Dr1fc}  
ئۇنى يوقلاپ ئۆتىدۇ تەزىم قىلىپ ھەربىرى. $UdBZT-  
IA&V?{OE@I  
  ئېرىمەيدۇ قىش - يېزى، D"-Wo}"8O'  
ئاق شايىدەك قار - مۇزى. &;p M 
كۆكرىكىگە تاقاقلىق تەبىئەتنىڭ ئەكسى ___ !'rdHSy  
تاشنى يېرىپ چىققان ئۇ مۆجىزە قار لەيلىسى. ,52Lm=n  
/O.Ql ,6[  
شۇڭلاشقىمۇ بۇ چوقا، 5@r6'Z  
بەزى بولۇپ ھۆرلىقا. _b/zBFa%  
كۆرىنىدۇ كۆزلەرگە ئاق ئېچىلغان گۈل كەبى، f OR9N/  
ياكى باھار كۈنلىرى ئاق قۇ قونغان كۆل كەبى. YaSBIq{z  
R_g(6l"3R^  
2 (M1YOK)I  
0\Jeyb2dl  
  بۇنى بىلمەي بىر جاناپ، q'+ARW48  
خانتەڭرىگە بىر قاراپ، ;T0X7MNx  
دەپ تاشلىدى : " بۇ چوقا يىراقتىن قارىماقتا ___ 'a JE+  
  ئوخشايدىكەن ئەل بولغان قوشۇن تۇتقان بايراققا" . Wp:vz']V  
3 o^(I+ 
3J 5,V  
خانتەڭرى بۇنى ئاڭلاپ، pT~3< ,  
كۈلىۋەتتى قاقاقلاپ. Btzes.  
دېدى: نەدە چوڭ بولغان بېشى قاپاق جاناپسىز، V{q*hQd_3  
قۇلاق سېلىڭ، قالمىغاي بۇ گېپىڭىز جاۋاپسىز. I9xu3izAmR  
&3"ODAp'  
دەرۋەقە ئاق مەن ئۆزۈم، T@P~A)>yo  
ساقال - چېچىم ھەم يۈزۈم. N+ ]O#Js?  
لېكىن ھەرگىز ئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق، @mg5vt!$`  
تەبىئىتىم _ مىجەزىم ئاق بايراقتىن بەك يىراق. SCMvq?9  
Syl9j]  
ئادەمئاتا ھەم ھاۋا @sZ' --Y  
جەننەتتىن چىققان چاغدا، 8 ks\-38n1  
تۇنجى تۇغۇلغان ئوغلى مەن ئىدىم بۇ زېمىندە، Wq1OYZ,  
بوز ئېچىپ، ئۇرۇق چاچقان يېشىل ۋادى تېرىمدە. -cn`D2RP  
V5 9Vf[i|  
نوھنىڭ كېمىسى توپاندا، x|^p9m"=%  
يول تاپالماي ئازغاندا، U =g&c `  
ئاغزىمغا زەيتۇن چىشلەپ بارغان كەپتەر مەن ئىدىم، cvtn,Ml6  
ھاياتلىقنىڭ نىشانى _ ئاشۇ خەۋەر مەن ئىدىم. f{(D+7e}  
9wC='  
قوش مۈڭگۈزلۈك ئىسكەندەر GgvMd~  
باشلاپ كەلگەندە خەتەر، h{ EnS5~  
ئۇنىڭ ئۆتەر يولىنى توسۇپ قويغان مەن ئىدىم، VY!A]S"  
شەرقلىقنىڭ كۈچىنى تونۇتۇپ قويغان مەن ئىدىم. RAxp2uif  
aSfAu!j)  
يېپەك يۈكلىگەن كارۋان )=#zMdK&  
قۇڭغۇراق جاراڭلاتقان $< .wQ8:Q  
ئاشۇ قەدىم يوللاردا ھەم قورۇقچى _ پاسىبان، 2<uBC  
ئاش _ تۇز بېرىپ كارۋانغا ھەم بولغانتىم ساھىبخان. _qSVYVJ u  
-) !;45  
ئەي جانابىي مۆھتىرەم، Ev1gzHd!i  
بىلىپ قويۇڭ شۇنى ھەم. v2f|%i;tq  
تارىخ دېگەن كىتابنىڭ خېتى مەندە پۈتۈلگەن، wI#R\v8(`n  
نى - نى چىگىش تۈگۈنلەر مېنىڭ بىلەن  يېشىلگەن. '2ACZcjDSv  
QT[4\)  
قەغەز، كومپاس، مەتبەئە، d(9C7GLC,  
دورا دېگەن مۆجىزە. ;! #IRR  
مەندىن ئۆتۈپ جاھانغا تارالغان ھەم كېڭەيگەن، 4gn|zSe>^  
مەدەنىيەت بۆشۈكىن ئۆز قولۇمدا تەۋرىگەن. Fuo .8  
F-2Q3+7$  
4 S vW{1  
/B5rWJ2AS  
دېمەك، تا ئەلمىساقتىن ___ k(_^Lq f-  
بېرى بارمەن ئۇزاقتىن. a-9sc6@  
شۇڭا بېشىم ئاقارغان، ھەتتا كىيگەن تونۇم ئاق، q (}#{OO  
لېكىن ئۆزۈم ئەمەسمەن سىز ئېيتقاندەك ئاق بايراق. .'S_9le  
R3E|seR  
بۇ ھۆر زېمىن ۋەتىنىم، 1f0ma N  
ئاڭا باغلىق جان - تېنىم، )4  'yI*  
چاچ - ساقالنىڭ ئاقلىقى ___ تارىخ قەسىرىنىڭ ئۇلى، <JHU*Z  
كۆككە تاقاشقان بېشىم شۇ ۋەتەننىڭ سىموۋولى. ,~FyC_%*  
rd\mFz-SB  
قارا بۇلۇت توسسىمۇ، ! s?vj <  
چاقماق كېلىپ سوقسىمۇ. Yj/S(4(h?  
ئېگىلمەستىن بۇ بېشىم مەغرور تۇردى ھەممە ۋاق، 2hw3+ o6  
قانداق قىلىپ مەن ئەمدى بولۇپ قالاي ئاق بايراق. V.XHjHT  
[+j39d.Q  
قەلبىم قىزىل چوغ تۇرۇپ،  GNv5yWQ@  
قىزىل توغنى كۆتۈرۈپ. 8G SO]R  
كېتىۋاتسام مەردانە ئاخشام غالىپ، ياڭغىراق، _z3Hl?qk=  
قايسى يۈزىڭىز بىلەن مېنى دەيسىز ئاق بايراق !   /&+6nO P  
   c0H8FF3  
                                                                 1984- يىلى 25- سىنتەبىر، ئۈرۈمچى aE_)iE|  
                                                                " ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئرلىرى "

koksangun 2011-02-09 23:26
بىر قېتىم يوللىنىپ بولغانتى ، مەن ئىلگىرىكىسىنى ئۆچۈرەي...ئەجرىڭىزگە رەھمەت...

tawpek 2011-02-10 12:19
مەندە مۇشۇ شىئىرلىرىدىن باشلاپ كىرگۈزۈلگەن ئا. ئۆتكۆر شىئىرلىرىنىڭ ئىلكىتابى  بارئىدى. يوللاپ قويارمەن.

koksangun 2011-02-12 00:52
ۋاقتىدا يوللاپ قويۇڭ ، تەۋپىق ئىنىم . مۇشۇنداق دەرس بايلىقلىرىغا مۇھتاج نۇرغۇن مائارىپچىلىرىمىز بار...

tawpek 2011-02-12 12:00
ئىلكىتاب  يوللاشقا نۆۋەت كەلگەندە مەن ياغدۇرىۋىتىمەن.

tawlan109 2011-02-16 22:26
مەندە  بۇ  شېئىرنىڭ  ئاۋازلىقى  باتى    يوللاشنى  بىلمىدىم  يەنى  ( ئومۇر  مەنزىللىرى)  بۇنى  ماشىنىدا  ناخشا  ئاڭلاشنى  خالىمىغاندا   ئاڭلىسىڭىز  بەك  ياخشى

tawpek 2011-02-17 13:26
مەندىمۇ بار ئىدى بۇ ئۆمۆر مەنزىللىرى. پات يىقىندا تور بىكىتىمىزنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللىغاچ يوللارمەن.

ئەكبەرنىياز 2014-03-01 22:20
ھەقىقەتەن ئېسىل شىئېر ، مۇشۇنداق شىئېرلارنى ئوقۇسام سۆيۈنۈپ كېتىمەن !!!

قاراخان 2014-03-01 22:34
مەن بۇ شېئىرنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، يوللىغۇچىغا رەھمەت!

كۆك 2014-03-02 13:45
ھەقىقەتەن ئېسىل شىئېر ، مۇشۇنداق شىئېرلارنى ئوقۇسام سۆيۈنۈپ كېتىمەن !!!

مىېھرىما 2014-03-18 20:40
ئابدۇرېھىم ئۆتكۇرنىڭ ھەرقانداق بىر ئەسىرىدە بىر خىل تەسىرلەندۈرۈش سىھرى كۈچى بار.   uA!T@>vl  
مەنمۇ بۇ شېئىرنى بەك ياىشى كۆرىمەن.

گۈلنىھال 2014-04-20 11:20
‏ئالىمنىڭ ھەر بىر شىئېرى يۈرەكنى تىترىتىدۇ ، يوللىغۇچىغا رەھمەت !

پاراسەت 2014-04-29 18:20
كۆك:ھەقىقەتەن ئېسىل شىئېر ، مۇشۇنداق شىئېرلارنى ئوقۇسام سۆيۈنۈپ كېتىمەن !!! (2014-03-02 13:45) 
?l(hS\N,  
بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ئېسىل شېئىر.لېكىن بىلگۈچىلەر بولسا شېئىرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى يوللاپ قويساڭلار بولاتتى.


查看完整版本: [-- مەن ئاق بايراق ئەمەس       ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled