查看完整版本: [-- «كۈل تېكىن  مەڭگۈ تېشى» زۆرۈر 4 دىن پايدىلىنىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> «كۈل تېكىن  مەڭگۈ تېشى» زۆرۈر 4 دىن پايدىلىنىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-02-07 19:13

«كۈل تېكىن  مەڭگۈ تېشى» زۆرۈر 4 دىن پايدىلىنىش

كۈل تېكىن  مەڭگۈ تېشى %,Ap7X3:QT  
1)«كۈل تىگىن مەڭگۈ تېشى»نىڭ قانداق ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟ y| Ir._bt  
}sx_Yj  
بۇ تېكىستنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇيدىغان بولساق،ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى ھېس قىلىمىز.  
cetvQAGXY  
(1)تارىخى تۈسى نىسبەتەن كۈچلۈك بۇلۇپ،ئەينى دەۋىردىكى كۆپلىگەن تارىخى شەخسلەر ۋە ئۇلار ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلار،كۆپلىگەن مىللەت-قەبىلە ناملىرى،ئورۇن –جايي ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان. QMsHC%l3b  
;/0 Q1-  
(2)              ئەسەردە باش قەھرىمان ئوبرازى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن،باش قەھرىمان كۈل تېگىننىڭ باتۇر،قەيسەر،جان پىدالىق بىلەن دۆلەت قۇرۇش خاراكتىرى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن .بۇ خاراكتىرلار ئاپتورنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئەمەس،بەلكى قەھرىماننىڭ ئىش-ھەركەتلىرى ئارقىلىق يۇرۇتۇپ بىرىلگەن. Vp 
&<+ A((/i  
(3)              ئەسەرنىڭ تىلى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بۇلۇپ،سۆز-جۈلىلىرى قىسقا،ئىخچام،پىكىر ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.شۇ سەۋەبتىن سۆز جۈملىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر بوشلىقى نىسبەتەن كەڭ بۇلۇپ،كىتابخاننىڭ پىكىر ۋە تەسەۋۇرىنى قوزغايدۇ. ,&d@O>$E:  
8&Myva  
(4)ئەسەر ئۇزۇن تارىخنى،شۇ تارىختىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتىللىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولغاچقا،ئۇنىڭ مەزمۇنى ناھايتتى مول،قۇرۇلمىسى نېسبەتەن مۇرەككەپ بۇلۇپ،ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشىنىش نېسبەتەن قېيىن. LPwT^zV&N  
*c)uGz'cD  
(5)         ئەسەردە ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش،سېلىشتۇرۇش،تەكرارلاش قاتارلىق ۋاستىلەر ماھېرلىق بىلەن قوللىنىلغان, شۇنداقلا يەنە«تىزى بارلارنى تىزلاندۇردۇق، بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇق»،«قۇللار قۇللۇق بولدى، دىدەكلەر دىدەكلىك بولدى» دىگەندەك ئىپادىلەش ئۈنۈمى يۇقرى جۈملىلەرمۇ كۆپ قوللىنىلغان. k 6kM'e3V  
'SYo_!  
2.بۇ تېكىستتە كۈل تېگىن قاتناشقان قايسى ئۇرۇشلار تىلغا ئېلىنغان؟ fgj^bcp-  
y}v+c%d  
«كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى» دا كۈل تېگىن  تىلغا ئېلىنغان جايدىن باشلاپ، ئۇ قاتناشقان نۇرغۇن ئۇرۇشلار تىلغا ئېلىنغان. بۇلار ئىچىدە نىسبەتەن ئىنىق تىلغا ئېلىنغانلىرى ئالتە چوپ سوغداقتىكى ئۇرۇش، چاچاسەنگۈل بىلەن قىلغان ئۇرۇش، تۈرگى-يارغۇن كۆلىدىكى ئۇرۇش، قىرغىزلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش، تۈركەشلەر بىلەن قىلغان ئۇرۇش، قارلۇقلار بىلەن تاماغ ئىدۇق دېگەن بۇلاق بېشىدا قىلغان ئۇرۇش، ئاز خەلقى بىلەن قىلغان ئۇرۇش، ئىزگىللار بىلەن قىلغان ئۇرۇش، توققۇز ئوغۇزلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش، قۇشلارغاقتا ئەدىزلەر بىلەن قىلغان ئۇرۇش، بۇلچۇدا ئۇغۇزلار  بىلەن قىلغان ئۇرۇش، چۇش دېگەن بۇلاقتا تۇڭرا  قەبىلىسى  بىلەن قلغان ئۇرۇش، ئەزگەنتى قادازدا دىگەن يەردە ئوغۇزلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش قاتارلىق ئۇرۇشلاردىن ئىبارەت. بۇ ئۇرۇشلار تىلغا ئېلىنغاندا، ئاساسلىقى كۈل تېگىننىڭ ئۇرۇش جەريانىدا كۆرسەتكەن قەھىرىمانلىقلىرى، قانچىلىك دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ، غەلبىنى قانداق قولغا كەلتۈرگەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كۈل تېگىننىڭ باتۇر، قەھرىمانلىق خارەكتىرى كۆرسىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. `]v[5E  
^>?CMcN4*  
مەشىق ھەققىدە 'rb'7=z5  
1.           «كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى»دا كۈل تېگىننىڭ قايسى ئىش-پائالىيىتى نوقتىلىق يېزىلغان؟ نىمە ئۈچۈن؟ pz}mF D&[  
!QC<n/  
پايدىلىنىش جاۋابى: |+EKF.K  
IKm&xzV-  
«كۈل تېگىن مەڭگۈ تېشى»دا كۈل تېگىننىڭ ئۇرۇش جەريانىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى نوقتىلىق يېزىلغان. بۇ مەڭگۈ تاشلار يازمىلارنىڭ 30-قۇرغا كەلگەندە ئاندىن كۈل تېگىننىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدۇ.شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ئاخىرغىچە بولغان مەزمۇنلاردا،شۇنداقلا مەڭگۈ تاشنىڭ شىمال تەرپىدىكى يازمىلاردا ئاساسلىقى كۈل تېگىننىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ.«كۈل تېگىن پىيادە جەڭگە كىردى.ۋاڭ تۇتۇقنىڭ قېينىنىسىنى قۇراللىق پېتى ئەسىرگە ئېلىپ،(ئۇنى)خاقانغا تەقدىم قىلدى»،«ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىسى، يەلمەسىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى،(لىكىن) ئۆز بېشىغا بىر تال ئۇقنىمۇ تەگكۈزمىدى»،«بىزگە ھۇجۇم قىلغانلار باتۇر ئەرلەر ئىدى. ئۇ چاغدا بىز ئۆكۈنۈپ، كۈل تىگىنگە ئاز ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ ئەۋەتتۇق. ئۇ چوڭ (بىر) ئۇرۇش قىپتۇ، ئۇ باتۇر شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىرىپتۇ، ئاددى تۈركەش پۇقرالىرىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە ئەل قىپتۇ»،«كۈل تىگىن ئۈگسۈز دىگەن ئاق ئېتىنى مىنىپ، تۇققۇز ئەرگە نەيزە سانجىدى، ئېتىنى بەرمىدى.(شۇنداق قىلمىغان بولسا) ئانام خاتۇن قاتارلىق ئانىلىرىم، ئاچىلرىم، كىلىنلىرىم، مەلىكىلىرىمنىڭ تىرىكلىرى دېدەك بولغان بولاتتىڭلار، جەسسىتىڭلار بولسا خارابىلىكتە، يولدا قالغان بولاتتى! كۈل تىگىن بولمىغان بولسا، ھەممىڭلار ئۆلگەن بولاتتىڭلار!»دىگەندەك جۈملىلەر ئارقىلىق كۈل تىگىننىڭ باتۇر، قەيسەرلىكىنى ئىپادىلىگەن. مەڭگۈ تاشنىڭ مەزمۇنىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇرۇشلار ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇلاردا ئاساسلىقى كۈل تىگىننىڭ بۇ ئۇرۇشلاردىكى قەھرىمانلىقى تىلغا ئېلىنغان، يەنى كۈل تىگىننىڭ قايسى ئاتنى مىنىپ چىقىپ، قانچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇشتا قانداق غەلبە قىلغانلىقى يېزىلغان. O3_B 
D!l8l49hLu  
2.     تېكىستنىڭ سۆز-جۈملىلىرى ئىنتايىن قىسقا،ئىخچام، تەسىرلىك ۋە ئوبرازلىق، ئارتۇقچە تەسۋىرلەردىن خالىي،مەزمۇن، ھىسيات دەل جايىدا ئىنىق ئىپادىلەنگەن. ~/c5 hyTx  
46ChMTt  
1)«يۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى،(لېكىن)يۈز بېشىغا بىر تال ئوقنىمۇ تەگكۈزمىدى.» UX}*X`{  
Qp69Sk@H{  
(بۇ جۈملىدە كۈل تېگىننىڭ قايسى تەرىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن؟ ) `E;)`J8b  
$ 'u \B  
پايدىلىنىش جاۋابى: <,-,?   
jNqVdP]d\  
چاچاسەنگۈن بىلەن قىلغان ئۇرۇشتا كۈل تېگىن ناھايتتى قەھرىمانلىق كۆرسىتىدۇ،نەچچە قېتىم جەڭگە كىرىپ،مىنگەن ئاتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ،ئۇنىڭ ساۋۇت،دۇبۇلغا ۋە يەلمەسىگە يۈزدىن ئارتۇق ئوق تېگىدۇ.ئەمما،ئۇ يۈز ۋە باش قىسمىغا بىر تالمۇ ئوق تەگكۈمەيدۇ.بۇ جۈملىدە كۈل تېگىننىڭ يالغۇز باتۇر،قورقماس خاراكتىرگە ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئىنتايىن چەبدەس،چاققان ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. a(!3Afi  
q-uLA&4  
2)«مەن چەكسىز ھەسرەتلەندىم،ئىككى شاد ۋە ئىنىلىرىم،بالىلىرىم،بەگلىرىم،خەلقىم يىغلاۋېرىپ كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالارمۇ دەپ ئويلىدىم.» H\f/n`@,G  
64b<0;~  
(نېمە ئۈچۈن ئۇلارغا كۈل تېگىننىڭ ئۆلۈمى شۇنچە ئېغىر كېلىدۇ؟) ] EV`dIk  
tUrNp~ve,  
پايدىلىنىش جاۋابى: ,=x RoXYB}  
CJ:uYXJJ:z  
بۇ جۈملىدە كۈل تېگىننىڭ ۋاپاتىغا بولغان قاتتىق ئېچىنىش ۋە قايغۇرۇش ھېسياتى ئىپادىلەنگەن.كۈل تېگىننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، سەبداشلىرىنىڭ، كەڭ خەلقنىڭ ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرۇشى سەۋەبسىز ئەمەس.چۈنكى،كۈل تېگىن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغقان-قېرىندىشى،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ تېخى ياش،ئۈچۈنچى بىر تەرەپتىن،ئۇ ئىنتايىن باتۇر،قەيسەر،قورقماس بولۇپ،قەبىلىسىنىڭ ئۇرۇشتا غەلبە قىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان،تۆتىنچى بىر تەرەپتىن،ئۇ خەلقىنى  ئازاد قېلىپ،ئۇيۇشتۇرۇپ،غەلبىگە ئېرىشتۈرۈپ،ئۇلارغا باياشات تۇرمۇش ئاتا قىلغان.شۇڭا،كۈل تېگىننىڭ ئۆلىمى ئۇلارغا شۇنچە ئېغىر كېلىدۇ. %-k(&T3&  
D|"sE>  
3.مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ،مەڭگۈ تاش ھەققىدە ئېزدىنىپ ئەينى دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ قايسى دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقىنى ھېس قىلىۋىلىڭلار. q'by;g*m  

tawpek 2011-02-08 16:20
بۇ دەرىسنى تولوقسىزدا بىزمۇ ئۆتەتتۇق، قوش ئۈنۈملۈك تىما بوپتۇ.

gulnar 2011-05-06 13:51
<<بالبال>>  ،  <<شاد>>    ،<<شاداپىت>>  ،<<تارقانلار>> دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسى نىمە بولغىتى .ئېيتىپ بەسەڭلار.

attila 2011-05-06 15:32
«بالبال»-«ھەيكەل» دېگن مەنىدە بولۇپ، قەدىمكى دەۋردە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە تەپەككۈرى بويىچە ھەر خىل ئوبرازلارنى قىياس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ ئورناتقان ياكى ۋەتەن-مىللەتكە ھاقارەت كەلتۈرگەن، ئاسىيلىق قىلغان، زىيان سالغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتىگە تەقلىد قىلىپ تاش ياكى ياغاچ، سېغىز ھەيكەللەرنى ياساپ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىڭ سىرىتىنى تاش ياكى سېغىز لاي بىلەن ئوراپ، ئۇلارنى يۇنۇپ شۇ كىشىلەرنىڭ كۆرۈنىشى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، باشقىلارغا ئىبىرەت قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر ئۆتىدىغان چوڭ يول بويلىرىغا ياكى مۇھىم پائالىيەت-مۇراسىم سورۇنلىرىنىڭ يېنىغا تىكلەپ قويىدىغان ئادەات بولغان. ]EQ/*ct  
   «شاد، شاداپىت، تارقان»-بۇلار ئەمەل نامى بولۇپ،  «شاد» ھازىرقى ئۆلكە باشلىقىغا تەڭ. «شاداپىت» ناھىيە دەرىجىلىك بەگلەر. «تارقان» ھەربىي ئىشلار نازارەتچىسى، ۋەزىر، تارخان . p;Kr664  
   مەڭگۈ تاشلارنى ۋە شۇ دەۋردىكى تارىخىي رېئاللىقنى تېخىمۇ بەكرەك چۈشۈنىشنى خالىساڭلار «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» 1983-يىلى نەشر قىلغان «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (ئابدۇقەيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ) ۋە يەنە شۇ نەشرىيات 2000-يىلى نەشر قىلغان، روسىيەلىك تۈركلوگ س.گ.كىلياشتورنىي تەرىپىدىن يېزىلغان «قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» ناملىق كىتابنى كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.,

attila 2011-05-06 15:47
9-يىللىقنىڭ (تولوقسىز 3-يىللىق) 2-قىسىم ئەدەبىيات كىتابىدىكى «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»دىن پارچىدا «قاپقان خاقان» دەپ ئېلىنغان. كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنى «قاپاغان» دەپ ئېلىشىنى ئۇقتۇرىمەن. چۈنكى، «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» 1983-يىلى نەشر قىلغان «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (ئابدۇقەيۇم خوجا، تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپ) ناملىق كىتابنىڭ 51-بېتىدىكى مەزكۇر مەڭگۈ تاشنىڭ ئەسلى نۇسخا شەرقىي يۈزىگە ئىشلەنگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تىرانسىكىرپىتسىيسىدە « (51) قاپاغان قاغان يەتى ئوتۇز ياسقا...» دەپ ئېلىنغان. روسىيەلىك تۈركلوگ س.گ.كىلياشتورنىي تەرىپىدىن يېزىلغان «قەدىمكى تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» ناملىق كىتابنىڭ 55-بېتىدە ( Капаган-Каган ) دەپ رۇسچە تىرانسىكىرپىتسىيە قىلىنغان. بۇ يەردىكى К-ك، а-ئا، г-گ، н-ن ھەرىپى بولۇپ، يۇقارقى رۇسچە خەتنىڭ ئۇيغۇرچىسى «كاپاگان-كاگان بولىدۇ. رۇسچە تەلەپپۇزنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق «قاپاغان قاغان» بولىدۇ.

tawpek 2011-05-06 20:40
گۇلنارنىڭ سورىغان سۇئالى بىلەن ئاتتىلا ئاكىمىزنىڭ ئەستائىدىل جاۋابى مىنى يىڭى بىر بىلىمگە ئىگە قىلدى. v*3 :8 Y,  
/ yCV-L2J  
تەشەككۇر سىلەرگە.

gulnar 2011-05-09 15:46
رەخمەت سىزگە كۆرسەتكەن كىتاپلارنى چوقۇم كۆرۈپ باقسام بولغىدەك.

tawpek 2011-06-21 21:16
ئالتە چوپ سوغداقتىكى ئۇرۇش، چاچاسەنگۈل بىلەن قىلغان ئۇرۇش، تۈرگى-يارغۇن كۆلىدىكى ئۇرۇش، قىرغىزلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش، تۈركەشلەر بىلەن قىلغان ئۇرۇش، قارلۇقلار بىلەن تاماغ ئىدۇق دېگەن بۇلاق بېشىدا قىلغان ئۇرۇش، ئاز خەلقى بىلەن قىلغان ئۇرۇش، ئىزگىللار بىلەن قىلغان ئۇرۇش، توققۇز ئوغۇزلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش، قۇشلارغاقتا ئەدىزلەر بىلەن قىلغان ئۇرۇش، بۇلچۇدا ئۇغۇزلار  بىلەن قىلغان ئۇرۇش، چۇش دېگەن بۇلاقتا تۇڭرا  قەبىلىسى  بىلەن قلغان ئۇرۇش، ئەزگەنتى قادازدا دىگەن يەردە ئوغۇزلار بىلەن قىلغان ئۇرۇش قاتارلىق ئۇرۇشلاردىن ئىبارەت x>cu<,e$d\  
Sc&_6} K  
* 7C I q  
ئاتتىلا ئاكىمىز بۇ ئۇرۇشلار توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقسا بولغۇدەك. Mtu8zm  
ھەر بىر ئۇرۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىلگەن كىتاپلار باردۇ؟

تاھىرجان 2013-05-16 19:19
بۇ يازمىلارنى قانداق شەكىلدە چۇشۇرۋالىمىەن....جاۋاپ بەرسەڭلار

تاھىرجان 2013-05-16 19:20
      

nadiraay 2013-05-16 21:48
رەھمەت. مەنمۇ ساقلىۋالدىم. ~IhLjE  
مەنغۇ بۇلارنى word ھۆججىتىنى ساقلىغاندەك ئاۋال تاللاپ ،ئاندىن يېڭىدىن ئېچىلغان word ھۆججىتىگە كۆچۈرۈپ چاپلاپ  ساقلايمەن.

دىلخۇش 2013-05-26 20:11
     ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر!!!!!!!


查看完整版本: [-- «كۈل تېكىن  مەڭگۈ تېشى» زۆرۈر 4 دىن پايدىلىنىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled