查看完整版本: [-- قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

layli 2010-07-18 12:47

قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى


بىزدە " ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە" دېگەن سۆز بار.
دېمەك: قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا،ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ،ۋە كىشى قەلبىنى مەھلىيا قىلالايدىغان گۈزەل - چېچەككە ئايلىنىپ،كىشىلىك دۇنياسىغا خۇش - پۇراق چاچالايدۇ.قىزلار ئەزەلدىن - ئەخلاقنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ كەلگەن،چۈنكى قىز دېمەك مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىسى دېمەك: قىز - ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي - پەزىلىتى،كىشىلىك ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى قىزلار ئۆزىدە قانداق ئەخلاق قاراش ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
مېنىڭچە ھازىرقى زامان قىزلىرى تۆۋەندىكىدەك قىزلىق پەزىلەتلىرىنى ساقلاش كېرەك.
1. گەپ - سۆزدە ھايالىق بولۇش. قىزلار مەيلى ئائىلىسىدىكلەر ۋە ساۋاقداشىلىرى ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن ،گەپ - سۆزدە سىلىق - سىپايە ئۇرۇنلۇق سۆزلىشى لازىم.بۇ قىزلار ئۈچۈن بىر خىل پەزىلەت بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى بىر خىل ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ.بۇ ئىقتىدارنىڭ قىزلارنىڭ كەلگۈسى ئائىلە تۇرمۇشى ۋە پەرزەنتىلىرىنى تەربىيىلەشتە مۇھىم رولى بار.
2. يۈرۈش - تۇرۇش ۋە ھەرىكەت - قىلىشتا ھايالىق بولۇش .قىزلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى ۋە ھەرىكەتلىرى ھايالىق بولغاندىلا ،سېھرىي - كۈچكە ۋە جەلىپكارلىققا ئىگە بولىدۇ.بۇ جەلىپكارلىق قىزلىق نازاكتىنى جۇلالاندۇرۇپ ،قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس قىياپەت، ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۇرىدۇ.قىزلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى ۋە ھەربىر ئىش - ھەركىتىدىن شۇ قىزنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇ.شۇڭا، قىزلار بۇ نوقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۇشى، يۈرۈش - تۇرۇشتا دىققەت قىلىپ سىلىق ۋە يارشىملىق قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم.
3. كېيىنىش جەھەتتە ھايالىق بولۇش. ئادەتتە قىز - ئاياللار ئۆزىگە خاس كىيىم  - كېچىكى ئارقىلىق تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتلەردە ئەرلەردىن پەرقلىنىپ تۇردۇ.شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس كىيىم - كېچىكى ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەر بىر - بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.دېمەك ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا كىيىم - كېچەك بىرىنچىدىن ،قىز - ئوغۇلارنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان : ئىككىنچىدىن ، مىللەتلەرنى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم تاشقى ئامىل.قىزلارنىڭ كىيىم - كېچەك ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن تاشقى كۆرۈنىشى باشقىلارنىڭ شۇ قىزغا بولغان بىرىنچى باھاسىغا سەۋەپچى بولىدۇ.شۇڭا، قىزلار كىيىم - كېچەك جەھەتتىن ھايالىق بولۇشى ،كىيىنىشى ئوغۇللاردىن پەرقلىق بولۇشى،مىللي كىيىنىش - ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم.مېھىر - مۇھەببەتلىك بولسا ئائىلسىدە ئىللىقلىق بولىدۇ، قىزلار بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بولۇشى كېرەك،چۈنكى بۈگۈنكى دەۋىر قىز - ئاياللاردىن بىلىم ئىگىللەپ جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلەپ ،جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ،ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە بىر قەدەر چوڭقۇر نەزىرىيىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ، قىزلار ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ بىلىم ۋە ئىقتىدار ئىگەللىشى لازىم.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

hiyali 2010-07-24 23:16
مۇنبەردە ئەزالارنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىنمۇ بىلمىدىم ،شۇنداق ياخشى تىمىغا ئىنكاس يازىدىغانلار يوق. ھەممىز ئۆز پىكىرلىرىمىزنى قالدۇرۇپ ،كۆزقاراش جەھەتتە ئورتاقلاشساق بولاتتى........
مۇنبەردىشىمىز لەيلى بىزگە ناھايتى بىر ياخشى تىما يوللاپتۇ، بۇتىمىنى پەقەت قىزلىرىمىزلا كۆرمەي يىگىتلىرىمىزمۇ چوقۇم كۆرىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن.چۇنكى قىزلىرىمىزنىڭ ئەخلاق چۇشكىنلىكى يىگىتلىرىمىزنى روھى گادايلىققا سۆرەپ بارىدۇ. يىگىتلەر چوقۇم مەسئۇلىيەتچان بولىشىمىز كىرەك. ئەجىبا ئەرلەرنى يىتىشتۇرەلەيدىغان قىزلار بارئىكەننۇ قزلارنى يىتىشتۇرەلەيدىغان ئەرلەر يوقما، ئەلۋەتتە بولىشى كىرەك ھەم چوقۇم بولىدۇ.
لەيلى ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

arzu 2010-07-26 18:19
مەن بۇ تېمىغا ئىككى قېتىم ئىنكاس يازدىم، بۇداقىسى ئۈچۈنچى قېتىملىقى، نېمىشقا چىقمايدىغاندۇ؟

tawpek 2010-07-26 22:30
چىقىپتىغۇ ئەنە، لەيلى مۇنبىرىمىزنىڭ قىز ئاياللار مۇدىرى بولوشقا مۇناسىپ جۇمۇ.

ئەرلىرىمىز  قىزلارنى يىتىشتۈرۈش بىلەن ئەمەس يولدىن چىقىرىش بىلەن ئاۋارىمىكىن دەيمەن.

arzu 2010-07-28 16:59
توغرا دەيسىز...... ئەرلىرىمىزدە بۇرچ تۇيغۇسى يوق تۇغۇلىۋاتامدىكىنتاڭ.

tawpek 2010-07-30 19:08
بۇ تۇغۇلۇشتىكى خاتالىق ئەمەس تەربىيلىنىشتىكى يىتەرسىزلىك.

akram 2010-08-18 12:20
قىزلار ئىپپىتى بىلەن گۈەل كۆرۈندۈ

kokbilyartay 2011-01-19 22:31
ئەخلاق بىباھا زىننەتتۇر. بۇ بىباھا زىننەت بىلەن ئۆز روھىيىتىنى زىننەتلىگەن ئىنسان ھامان ھايات بېغىدا گۈل -چىچەكلەرنى ئېچىلدۇرالايدۇ. ھەرقانداق تەربىيىنىڭ ئاۋۋىلى ئەخلاق- پەزىلەت تەربىيىسى، مېنىڭچە مىللەتنىڭ ۋارىسلىرىنى تەربىيلىگۈچىلەر بولغان بىز بۇ تەربىيەنى ئوقۇتۇشنىڭ ئەڭ مۇقەددىمىسى قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.

nazperwer 2011-01-19 23:20
نەقىل:
               قىزلار ئىپپىتى بىلەن گۈەل كۆرۈندۈ
  

   شۇنداق ھەرقانداق ئىنسان بالىسى ئۆز ئىپپەت-نومۇسى، غۇرۇرى بىلەن گۈزەلدۇر. ئەرلەرمۇ ئۆز ئىپپىتى ،ۋىجدانى، غۇرۇرى ۋە باتۇرلىقى بىلەن ئاياللارغا يول باشلىشى  كېرەك .قىز-ئاياللرىمىز ئۆزلىرىنى توغرا يولغا باشلىيالايدىغان ،قەھرىمۇ -زەھرىمۇ بار شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرگە مۇھتاجكى ‹‹قەغەز يولۋاسلار›› غا، ‹‹يالتىراق نوچى››لارغا مۇھتاج ئەمەس !

tawpek 2011-01-20 12:56
ھەممە كىشىدە مۇشۇنداق روھ بولسا چەكتىن ئاشقانلار ئۇر- ئۇر  غا قىلىپ بولسىمۇ تۈزلۈپ كىتەر ئىدى.

ياپراق 2014-03-18 22:51
ۋاھ ئەسەر دىگەن مۇشۇنداق بولسا .بۇ ئەسەرنى جەمىيىتىمىزدىكى پۇتۇن قىزلار كۇرۇشكە مۇشەرەپ بولغان بولسىدى ،ئىشىنمەنكى قىزلىرىمىزغا بىر قېتىملىق ئىبىرەت دەرسى بولغان بۇلاتتى.


查看完整版本: [-- قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled