查看完整版本: [-- شىئىر ۋە شائىر(ئابدۇرىھىم ئۆتكۆر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> شىئىر ۋە شائىر(ئابدۇرىھىم ئۆتكۆر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2010-08-19 17:58

شىئىر ۋە شائىر(ئابدۇرىھىم ئۆتكۆر)

              شىئىر- مارجان ئەمەس، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرىۋىردىغان ياكى <<لاي-لاي>> ئەمەس، قۇلاقنى تۇتۇپ ئىيىتسا بولىۋىردىغان ۋە ياكى ماتا ئەمەس، دۇكان قۇرۇپ توقوسىلا چىقىۋىردىغان. DoNbCVZ  
              شىئىر- كەشتە ئەمەس، رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولىۋىردىغان. GC#3{71  
             شىئىر ھەم ھۆسنى، ھەم پۇرىقى، ھەم تىكىنى، ھەم يوپورمىقى بار گۈلگە ئوخشاپ كىتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزور بەخىش ئىتەر ؛ ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈلدەستە ياساپ جانانىغا تۇتار؛ ياۋا توڭگۇز تۇمشۇقىنى تەككۈزسە ، تىكىنى ئۇنىڭ بۇرنىنى قانىتار. hJ+>Xm@@!  
             شىئىر- ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس، كىچىسى پارقىراپ كۆرۆنگەن بىلەن نەئىسسىقى، نە يوروقى تەگمەيدىغان. شىئىر- ىۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كىچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇركى ، پايانسىز دەشىتلەرنى يوروتۇپ ، سوغدىن تىترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى. 9m%[ y1v0  
            شىئىر- چۆلدىكى ئالۋۇن ئەمەس، گاھى كۆل، گاھى دەريا، گاھى شەھەر، گاھى گىياھ بولوپ كۆرۆنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان. *d?,i -Q.+  
            شىئىر- بىر قاينام بۇلاققا ئوخشايدۇكى، تەشنالارغا ئارام، دەرىدمەنلەرگە داۋا، بىمارلارغا شىپاھ، غەمكىنلەرگە شادلىق، ئاجىزلارغا ئۈمۈت ۋە كۈچ بەخىش ئەتكۈچى. N[ z7<$$  
            شىئىر- ھاپىزنىڭ ناخشىسى ئەمەسكى ، ئاڭلىغانسىرى كىشىنى ئۈگىدەك باسىدىغان . شىئىر- بىر گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىترىتىپ ، خامۇش كۆڭۆللەرنى ئويغاتقاي،؛ كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئۈندىگەي، ئەبەدى ھاياتقا چاقىرغاي! lLS`Ln)"  
           شائىر- قاغا ئەمەس، كۆرۆنگەن دەرەخقە قونوۋىلىپ قاقىلداۋىردىغان. شائىر- خۇددى تاڭ توخوسىدۇركى، كىچىچە تاڭنى چىللاپ تىنماس؛ تاڭ ئاتقاندا، ئەلنى ئىشقا، ھاياتقا، ئەمگەك ۋە ئىجادقا ئۈندەر. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ <<ئالتۇن خوراز>> ھەققىدە قىسسە - رىۋايەتلەر توقوشى، شەھەر دەرۋازىللىرى بىلەن قەسىر ئايۋان مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشى ھەرگىز تاسادىپى ئەمەس، ھالبۇكى، جاھان جاھان بولغاندىن بۇيان، ھىچكىم تىخى قاغىنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقىنى يوق. aXhgzI5]  
          شائىر- شاتۇتى ئەمەس، نىمىنى ئۈگەتسە شۇنى دەرايدىغان ياكى ئۆمۆر بويى دوراشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان. s(r(! FZ  
          شائىر - چىن مەنىسى بىلەن بۇلبۇلدۇر، بۇلبۇل ھىچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدۇ، باشقا قۇشلارمۇ بۇبلبۇلنى ھەرگىز دورىيالمايدۇ. چۈنكى، بۇلبۇلنىڭ ئۆز تىلى ، ئۆز سۆيگۈسى، ئۆز تەپەككۇرى ۋە ئۆز تۇيغۇسى بار. iRBUX`0  
          شائىر- كىپىنەك ئەمەس، كۆرۆنگەن گۈلنىڭ ھەممىسىگە پەرىقسىز قونوپ ، ھوزور- ھالاۋەت ئىلىشنىلا بىلىدىغان. شائىر- چىراغ پەرۋانىسىدۇركى ، ھالاك بىلىشنى بىلىپ تۇرۇپ ، ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى................ 0!eZ&.h?4  
          شائىر- شاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ نازۇ نىمەتكە تولغان داستىخانلىرى ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىيدىغان ياكى زاھىتلارنىڭ ئىتىكىدە خورۇلداپ ياتىدىغان مۈشۈك ئەمەس، بەلكى پايانسىز دەشىتلەردە ئەركىن كىزىپ يۈرىيدىغان تاماسىز ئارىسلاندۇركى ، ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن تاغۇ تاشلار زىلزىلىگە كىلىپ ، تۈلكە بۆرىلەر ھوشىنى يىغقاي. <<پادىشاھ نىكولاي ئۈستەلگە بىر مۇشىت ئۇرغاندا ، پۈتۈن ئوردا ئىچى تىترەپ كىتەتتى؛لىف تولسىتوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا، پۈتكۈل رۇسىيە زىلزىلىگە كىلەتتى>> دىگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كىرەك. چۈنكى، لىف تولسىتوي شىئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى. b'3w.%^  
          شائىر پەقەت خەلق بىلەنلا شائىردۇر ۋە مەڭگۈ ئۆلمەستۇر. NldeD2~H  
KB0 HM  
OlL FuVR  
8J-$+ ;  
مەنبە: تولوقسىز ئەدەبىيات 1-قىسىم  كىتاپتىن ئىلىندى. C_mPw  

tawpek 2011-07-03 15:04
بۇنىڭ ئاۋازلىق ئەسىرى بارئىدى، يوللاپ قويساق بولغۇدەك.


查看完整版本: [-- شىئىر ۋە شائىر(ئابدۇرىھىم ئۆتكۆر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled