查看完整版本: [-- جۇڭگو قەدىكى زامان ئىپىك ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئەسەرل --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> جۇڭگو قەدىكى زامان ئىپىك ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئەسەرل [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-01-29 20:37

جۇڭگو قەدىكى زامان ئىپىك ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئەسەرل

جۇڭگو قەدىكى زامان ئىپىك ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلەر ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل {qKxz9.y  
|( (zTf  
 ھېكايە ژانىرى قايسى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن؟رومانچۇ؟ D/(L  
جۇڭگو ئىپىك ئەسەرلىرى يەنى ھېكايە رومانلىرىنىڭ تارىخى شېئىر،نەسىر ۋە باشقا ژانىرلارغا قارىغاندا قىسقا. t{!  
ھېكايە ژانىرى ۋېي،جىن،جەنۇبىي،شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن.رومان يۈەن،مىڭ سۇلالىرى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. >,C4rC+:XN  
جۇڭگو ھېكايىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى نېمە؟ ocwG7J\W  
ۋېي،جىن،جەنۇبىي،شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى ئىچىدە ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن،كىشىلەردە كىشىلىك ھايات توغرىسىدا ھەر خىل نۇرمالسىز ،خاتا قاراشلار پەيدا بولۇپ،جەمىيەتتە دىنىي خۇراپاتلىق ئىدىيىسى ئەۋج ئالدى.شۇنىڭ بىلەن ئەۋلىيا-ئەنبىيالار،جىن-شاياتۈنلار،ئاجايىپ-غارايىپ ئىشلار ۋە سىرلىق ۋەقەلەر بايان قىلىنغان خاتىرە خاراكتېرلىك ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىپ،مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى.مانا بۇ خىل ئەسەرلەر،يەنى ھېكايىلەرنى لۇشۈن ئەپەندى غارايىباتلار ھېكايىلىرى دەپ ئاتىدى.بۇ دەۋردىكى غارايىباتلار ھېكايىلىرىگە گەن باۋنىڭ «ئەۋلىيا ئىزدەش قىسسىلىرى» ناملىق ئەسىرى ۋەكىللىك قىلىدۇ.بۇ چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەر بىلەن ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇرۇنقى ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ۋارسلىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېزىپ چىقىلغان ھېكايىلەر توپلىمىدۇر. ;N+$2w  
قەدىمكى زاماندا ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ چەك-چىگرىسى ئايرىلغانمۇ-يوق؟ ئايرىلمىغان بولسا قاچان ئايرىلدى؟ھېكايە قايسى ساھەدىن قايسى ساھەگە مەنسۇپ بولدى؟ i< (s}wg  
قەدىمكى زاماندا ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ چەك-چىگرىسى ئايرىلمىغان.پەقەت لياڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە شاھزادە شياۋتۇڭ«ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تاللانمىلار» دېگەن كىتابنى تۈزۈپ چىققاندىن كېيىنلا ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ چەك-چىگرىسى ئايرىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن ھېكايىلەر تارىخ ساھەسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ،ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە مەنسۈپ بولدى. Qx|H1_6  
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھېكايىنىڭ قانداق تۈرى بارلىققا كەلدى؟ قانداق قىلىپ كامالەتكە يەتتى؟ h SqY$P  
تاڭ سۇلالىسى چۈەنچى ھېكايىلىرى جۇڭگو ھېكايچىلىقى تەرەققىياتنىڭ يېڭى بىر باسقۇچى بولۇپ،ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئەپسانىۋىي ھېكايىلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ،تەدرىيجى تۈردە تەرەققىي قىلىپ كامالەتكە يەتتى.«چۈەنچى» دېگەن سۆز ئاجايىپ،مۆجىزىلىك ۋە قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەر بايانى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.ئەمەلىيەتتە بولسا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر خىل ئەدەبىي شەكىل،تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەدەبىي تىلدا يېزىلغان ھېكايىلەرنى كۆرسىتىدۇ.تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىر تۈركۈم ئەدىبلەر چۈەنچى ھېكايىسى ئىجادىيىتى بىلەن شۇغللىنىپ،بىر قەدەر مول مەزمۇنغا ئىگە ۋە بەدىئىي شەكىل جەھەتتە بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن نۇرغۇن چۈەنچى ھېكايىلىرىنى ئىجاد قىلدى. Ob+9W  
تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھېكايە تەرەققىياتى قايسى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ؟ YZ#V#[j'^  
تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھېكايە تەرەققىياتى، ئاساسلىق تەسەۋۋۇر،بەدىئىي تۇقۇلما ۋە ئەدەبىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.تاڭ سۇلالىسى ھېكايىلىرى بۇ خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن بۇرۇنقى ھېكايىلەردىن پەرقلىنىدۇ. 2f,B$-#  
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھېكايىنىڭ قانداق يېڭى تۈرى مەيدانغا كەلدى؟ئۇ كىملەرنىڭ ئىجادىيىتى؟سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھېكايىلەر تەرەققىي قىلىپ،يەنە قانداق ئەدەبىي شەكىللەر مەيدانغا كەلدى؟ بۇ شەكىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ^~ =9  
جاۋاپ: سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە جوڭگۇ قەدىمكى زامان ھېكايىلىرىنىڭ تەرەقىياتىدا بىرقېتىملىق زور ئۆزگۇرۈش بولدى.سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ چۇنچى ھېكايىلىرى ئىجادىيىتى داۋام قىلدى.ئەمما ئۇنوڭدا ئىجادچانلىق بولمىغانلىقتىن، بۇخىل ھېكايە ئجادىيىتى تەدىرجى خارابلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «خۇابېن ھېكايىلىرى» دىگەن يېڭى شەكىل-شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئدىيە ۋە تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ئاممىباب تىلدىكى ھېكايىلەر مەيدانغا كەلدى ۋە ھېكايىچىلىقتا ئاساسى ئەدبىي شەكىل بولۇپ قالدى.  خۇابېن ھېكايىلىرى تېزلىكتە تەرەقىي قىلىپ ۋە گۈللىنىپ، چۈنچى ھېكايىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالدى. خۇابېن ھېكايىلىرى مەدداھلارنىڭ ئىجادىيىتىدۇر. «خۇابېن» _ھېكايە سۆزلەش ئورىگىنالى دىگەنلىك بولىدۇ.دېمەك، بۇ مەددھ خەلىق ئارىسىدا ھېكايە سۆزلەش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان يازما نۇسخا بولۇپ، بۇخىل يازما نۇسخا كىشىلەر تەرىپىدىن خۇابېن ھېكايىلىرى دەپ ئاتالدى. خۇابېن ھېكايىلىرىگە «جىڭبېن نۇسخىسى ئاممىباب ھېكايىلىرى» دىگەن توپلامدىكى ھېكايىلەر ۋەكىللىك قىلىدۇ. خۇابېن ھېكايىلىرى تەرەققىي قىلىپ، يەنە خۇابېن قىسسىلىرى مەيدانغا كەلدى. خۇابېن قسسىلىرى مەدداھلار ھېكايە سۆزلەش ئۈچۈن تەييارلانغان، تارىخى ۋەقەلەر سستېمىلىق بايان قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك تارىخىي قىسسىلەر ھېسابلىندۇ. بۇ تارىخىي قىسسىلەر كىيىنكى رومانلارغا ئاساس سالدى. (ClhbfzD  
8. يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتا قانداق ئېپىك ژانىر مەيدانغا كەلدى؟ ئۇلارنىڭ قانداق مۇھىم ئەسەرلىرى بار؟ 0Vv9BL{  
جاۋاپ:  يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە بولغان ئارلىقتا يوقىرىقى  خۇابېن قىسسىلىرى ئاساسىدا لو گۇەنجۇڭنىڭ «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» رومانى بىلەن شى نەيئەننىڭ «سۇ بويىدا »(ئەسلى نامى «سۇ بويىدىكى قەھرىمانلار قىسسىلىرى») رومانى مەيدانغا كەلدى.بۇلاردىن كېيىن، ۋۇ چىڭئىننىڭ «غەرىبكە ساياھەت قىسسىلىرى» ناملىق رومانى مەيدانغا كەلدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە لەن لىڭ، شاۋشېڭنىڭ «جپىڭمېي نەزمىلىك قىسسىلىرى» ناملىق رومانى مەيدانغا كەلدى. =Z0t :{  
9. «جىنپىڭمېي نەزمىلىك قىسسىلىرى» قانداق ئەسەر؟ ئۇ قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ ئۇ ئېپىك ئەسەرلەر ئىجادىيىتىدە قانداق ئەھمىيەتكە ئگە بولدى؟ ,TC~~EWq  
جاۋاپ: بۇ رومان جۇڭگۇنىڭ تۇنجى قېتىم يازغۇچى شەخسەن ئۆزى مۇستەقىل ئىجاد قىلغان رومانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ رومان مۇنداق ئككى چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرى، بۇ رومان «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ، «سۇ بويىدا» ، «غەربكە ساياھەت قىسسىلىرى» گە ئوخشاش خەلق ئىجادىيىتى ئاساسىدا يارىتىلغان رومان بولماستىن ، بەلكى يازغۇچىنىڭ مۇستەقىل ئىجادىيىتى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىرى، بۇ روماندا ئالاھىدە  شەخىسلەر ۋە قەھرىمانلار يېزىلماستىن، بەلكى ئاددىي ئادەملەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى يېزىلغان. دېمەك، بۇ رومان جۇڭگۇ ئەدەبىياتى تارىخىدىكى رومان ئىجەدىيىتىدە يىڭى يول ئاچتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رومان يازغىچىلارنىڭ مۇستەقىل ئىجادىيىتىگە ئايلاندى. s3t!<9[m  
10.چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئېپىك ئەسەرلەر ئىجادىيىتى ئەھۋالىنى ۋە مەيدانغا كەلگەن ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەسەرلەرنى ئېيتىپ بېرىڭلار. f@z *3I;  
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ھېكايە-رومان ئىجادىيىتى ئەڭ تەرەققىي قىلدى. بۇدەۋردە ناھايىتى نۇرغۇن ھېكايىلەر ۋە رومانلار مەيدانغا كەلدى.بۇدوۋردىكى ھېكايىلەرگە پۇ سوڭلىڭنىڭ «لياۋجەي غارايىباتلار ھېكايىلىرى» ناملىق توپلامدىكى ھېكايىلەر ۋەكىلىك قىلىدۇ.رومانلارغا ساۋ شۆچىننىڭ «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق رومانى بىلەن ۋۇجىڭزىنىڭ «رايىش موللىلىرىنىڭ غەيرى رەسىم تارىخى» ناملىق رومانى ۋەكىلىك قىلىدۇ. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»رومانى «جىنپېڭمېي نەزمىلىك قىسسىلىرى» ئاچقان يولدا مېڭىپ،ئۇنىڭ ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇردى. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىغا كەلگەندە جۇڭگونىڭ رېئالىزىملىق رومان ئىجادىيىتى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 1M5 -pZ[D  
11. تۆۋەندىكىلەرنىڭ توغرا-خاتاسىنى ئايرىپ،توغرىسىنىڭ ئاخىرىغا   «» بەلگىسىنى، خاتاسىنىڭ ئاخىرىغا «×» بەلگىسىنى قۇيۇڭلار: av'*u  
1) «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» رومانى چۈەنچى ھېكايىلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلدى.                                 (      )   9{eBgdC  
2) « سۇ بۇيىدا» رومانىنىڭ ئاپتورى ۋۇ چېڭئېن.   (  ×    ) &4kM8 Qh  
3) « خۇابىن ھېكايلىرى» سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ھېكايىچىلىقتىكى يېڭى شەكىلدۇر.     (      ) 981!2*  
4)  «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن ئەڭ داڭلىق رومان.            (      ) v]bA Wo  
«لەن پو ۋە لىن شاڭرۇلارنىڭ تەرجىمھالى» ھەققىدە ! 
سىماچيەن ,L%p  
بۇ ئەسەر ئېلىمىزنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن سىماچيەن (مىلادىدىن بۇرۇن 145-86) نىڭ «تارىخىي خاتىرلەر» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان تەرجىمىھال خارەكتىرلىك ئەسەردۇر. "6V_/u5M;=  
1. لىن شاڭرۇنىڭ خاراكتېرى قانداق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئېچىپ بېرىلگەن؟ لەن پۇنىڭ قانداق ئىدىيىۋى خاراكتېرى ئىپادىلەنگەن؟ ;D&wh  
 تېكىستتە تىل تەسۋىرى ۋە ھەرىكەت تەسۋىرى ئارقىلىق لىن شاڭرۇنىڭ خاراكتېرى ئېچىپ بېرىلگەن. s1= u{ET  
لىن شاڭرۇنىڭ جاۋ بېگىگە، چېن بەگلىكى بىلەن چىن بەگلىكى بىلەن قىممەتلىك تاشقا 15شەھەرنى بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا ئېيتىلغان سۆزلىرى، ئۇنىڭ چىن بېگىنىڭ ئوردىسىدا چىن بېگى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئېيتقان سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى، ميەنجىندىكى ئۇچرىشىشتا چىن بېگىنىڭ ئوردىسىدا چىن بېگى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىغا ئېيتقان سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى، ئۇنىڭغا مۇشۇ خىزمەتلەر ئۈچۈن يۇقىرى مەنسەپ بېرىلگەندە لەن پۇنىڭ بۇنىڭغا قۇرسىقى كۆپۈپ، لىن شاڭرۇغا ئاداۋەت ساقلىغاندا، ئۇنىڭ لەن پۇدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئەتراپتا خىزمەت قىلىدىغانلار بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇلارغا ئېيتقان سۆزلىرى قاتارلىقلاردىن ئۇنىڭ يېراقنى كۆرىدىغان،ئەتراپىق  ئويلايدىغان، تەدبىرلىك، دانا، باتۇر، قەيسەر،ئالىيجاناپ،تۈز كۆڭۈل،كەڭ قۇرساق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. 1UyH0`&  
لەن پۇ گەرچە باتۇر،ئەلەم ماھارىتىدە تەڭداشسىز بولسىمۇ،يىراقنى كۆرەلمەيدىغان،قىسمەن ھەسەتخورلۇق ئىللىتىگە ئىگە خاراكتېرى ئىپادىلەنگەن. a}D&$yz2  
جاۋ بېگىنىڭ ميەنچىغا مېڭىشتىن بۇرۇن لەن پۇنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان سۆزىدىن لەن پۇنىڭ ئىلتىپاتچان،تۇز كۆڭۈل،كەسكىن كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ لىن شاڭرۇنىڭ كەينىدىن قىلىپ يۈرگەن گەپ-سۆز،غەيۋەتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ سەل ئىچى تارلىق، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان،قۇپالراق كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. w{ m#Yt  
2.تەزكىرە-تەرجىمىھاللاردا، ئادەتتە،باش قىسمىدا شەخسلەرنىڭ يۇرتى، كېلىپ-چىقىشى،قاتارلىقلار تۇنۇشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتىكى تەزكىرىلەرگە ئوخشاشلا بۇ تەزكىرىنىڭ باش قىسمىدىمۇ لىن شاڭرۇ بىلەن لەن پونىڭ كېلىپ چىقىشى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلغان. لېكىن تەزكىرىنى ئۇقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇھىم رولى بارلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ،سىلەر بۇنى ئومۇمىلاشتۇرۇپ ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ 0C7"3l  
بۇ تېكىستتە لەن پو بىلەن لىن شاڭرۇنىڭ پۈتۈن تەرجىمھالى تەپسىلىي تۇنۇشتۇرۇلماي،پەقەت باش قىسمىدىلا لەن پونىڭ جاۋ مەملىكىتى بويىچە مەشھۇر قۇماندان ئىكەنلىكى،بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ زور شۆھرەت قازانغانلىقى؛ لىن شاڭرۇنىڭ بىر ئاسراندى ئىكەنلىكى ئىزاھلىنىپلا، ئاندىن «قىممەتلىك تاشنى جاۋ دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كېتىش»،«ميەنجىندىكى ئۇچرىشىش»،«لەن پو بىلەن لىن شاڭرۇنىڭ دوستلىشىشى» قاتارلىق ئۈچ ۋەقە تەپسىلىي يېزىلغان.تېكىستنىڭ بېشىدىكى قىسقىچە بولغان لەن پو بىلەن لىن شاڭرۇنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى تۇنۇشتۇرۇش،بۇلارنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىشتە رولى ناھايىتى چوڭ.يەنى، لىن شاڭرۇ گەرچە لەن پودەك يوقىرى مەرتىۋىلىك بولمىسىمۇ،ئۇ ئادەتتىكى بىر «ئاسراندى» بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز ئەقىل-پاراسىتى،باتۇرلىقى، بىلىملىك،يېراقنى كۆرەرلىكى بىلەن كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى كۆرسىتىپ، لەن پودىنمۇ يۇقىرى بولغان «شاڭچىڭلىق» مەنسىۋىگە ئېرىشكەنلىكى،ئۇنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، زور تەسىرچانلىق پەيدا قىلىدۇ. كىشىگە ئالىيجاناپلىقنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر تۇنۇتىدۇ. لەن پو بولسا گەرچە باتۇر سەركەردە بولسىمۇ، خاراكتېر ئاجىزلىقى سەۋەپلىك پەقەت ئۆز ئورنىنىلا ساقلاپ قالىدۇ.بۇلار بىرلىشىپ ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئاشۇرۇپ،باش-ئاخىرىنى ماسلاشتۇرۇش،تەسىرچانلىقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. EM~7#Y  
« لىن مەشقاۋۇلنىڭ قارلىق كېچىدە بۇتخانىغا كىرگەنلىكى» دېگەن پارچە ھەققىدە ?(M\ :`G'  
بۇ تېكىست مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۆتكەن داڭلىق يازغۇچى شى نەيئەن(1296—1370)نىڭ « سۇ بۇيىدا» رومانىدىن پارچە . ceI [ hM  
 لىن چۇڭ قانداق پىرسۇناژ؟ ix+x3OCip  
لىن چۇڭ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى كەيفېڭ شەھرىدە ئوردا ياساۋۇللىرىغا نەيزە-توقماق ئجگىتىدىغان مەشقاۋۇل بولۇپ،باتۇر،كەڭ قۇرساق،ئەلەم ۋە قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن،ساداقەتمەن،سەۋرچان،پەزىلەتلىك،ۋىجدانلىق ئادەم. ئۇ ئۆزلۈكسىز تۈردە گاۋچيۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ يەنىلا سەۋرچانلىقىدىن، سۇڭ خاندانلىقىغا بولغان يانمايدۇ. لېكىن،دەل مۇشۇپارچىدا گاۋچيۇنىڭ ساڭجۇ ئايمىقىغىچە ئادەم ئەۋەتىپ زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاندىن كېيىن ئۈزۈل-كېسىل قارشىلىق كۆرسىتىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ. "N]WL5$i  
2. لۇ چيەننىڭ ساڭجۇدا پەيدا بولۇپ قېلىشى لىن چۇڭنىڭ خاراكتېر ئۆزگىرىشىدە قانداق رول ئوينىغان؟ ,9+nfj  
لۇ چيەننىڭ ساڭجۇدا پەيدا بولۇپ قېلىشى لىن چۇڭنىڭ ساداقەتمەنلىك ۋە قارشىلىق كۆرسەتمەسلىكدىن، بۇرۇلۇپلا قارشىلىق كۆرسىتىش يولىغا قاراپ مېڭىشىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. m./*LXU  
3. لىن چۇڭ سامانلىققا كەلگەندىن كېيىن ئاپتۇر بىر قانچە قېتىم سوغۇق شامال ۋە قېلىن قارنى يازىدۇ. بۇ قىسقا تەسۋىرلەر قانداق كەيپىياتنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ پېرسۇناژلارنىڭ قانداق ھېسىياتنى ئىپادىلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەقەلىك تەرەققىياتى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ec,z6v^9  
 تىپىك پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرى تىپىك مۇھىت ئىچىدە يارىتىلىدۇ. لىن چۇڭنىڭ گاۋچيۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش جەريانىنى ئاپتۇر ئەنە شۇنداق تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئىجتىمائى ۋە تەبىئى مۇھىت ئىچىگە قويۇپ تەسۋىرلەپ ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ياراتقان. مان مۇشۇ تەسۋىرلەردىمۇ لىن چۇڭنىڭ جاپ- مۇشەققەتلىك تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقانلىقى،ھاياتىغا كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ بارغانچە يېقىنلىشىۋاتقانلىقى،ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلىقىدەك كەيپىياتىنى يارىتىپ بېرىدۇ. پېرسۇناژلارنىڭ غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش ھېسىياتىنى، بولۇپمۇ قارنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى ھاياتىغا كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر كەيپىياتىنى ئۇلغايتىپ، ئۇنى يېڭىشتىكى قارشىلىشىش ھېسىياتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. 72% {Wh/  
بۇلار ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنى، قار يېغىپ،سۇغۇق شامال چىقمىغان بولسا لىن چۇڭنىڭ ياتىقى ئۆرۈلۈپ چۈشمىگەن بۇلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن بۇلاتتى. ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتى تۇسالغۇغا ئۇچرىغان بۇلاتتى. (p'/p  
4. تۈۋەندىكىلەر كىمنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭلار: bK6, saN>  
1)  _ بۇ ھېيلىمىز ياخشىمىكەن؟ ( زىندان بېگىنىڭ سۆزى) oTZo[T@zRx  
2) _ كۈرە بېگىم،زىندان بېگىم، بۇ ئىش ھەر قايسىلىرىنىڭ ئەقلى بىلەن بولدى! پيتەختكە قايتىپ بۇنى ئەمىگە مەلۇم قىلىمەن. ئىككىلىرىنى چوڭ ئەمەلدار قىلىپ كۆتۈرۈشكە ۋەدە قىلىمەن.ئەمدىغۇ جاڭ مەشقاۋۇلنىڭ ياق دەيدىغان يېرى قالمىدى.( لۇ چيەننىڭ سۆزى) 15RI(BN   
3) لىن چۇڭنى جايلىۋەتتۇق،ئەمدى گاۋ يانىينىڭ كېسىلى چۇقۇم ساقىيىپ كېتىدىغان بولدى.   (فۇ ئەننىڭ سۆزى) pyGFDB5_P  
4) جاڭ مەشقاۋۇل دېگەن ھارامزادە «كۈيئوغلۇڭ ئالەمدىن ئۆتتى» دەپ، ئۈچ-تۆت قېتىم ئادەم ئەۋەتىپ شۇنچە يالۋۇرساقمۇ ياق دەپ تۇرىۋېلىپ،گاۋ يانىينىڭ كېسىلىنىڭ بارغانسىرى يامانلىشىپ كېتىشىگە زامىن بولغان ئىدى. شۇڭا ئەمىر ئىككىلىرىدىن بۇ ئىشقا ياردەم كۆرسىتىشلىرىنى سوراپ بىزنى ئالاھىدە ئەۋەتكەنىدى. خەيرىيەت، بۈگۈن بۇ ئىشمۇ پۈتۈپ قالدى.( لۇ چيەن سۆزى) vWZ>Hf]`L  
5) مەن تامدىن ئارتىلىپ چۈشتۈم-دە،ئۆپچۆرەمدىكى ئوت دۆۋىلىرىگە ئون نەچچە يەردىن ئوت ياقتىم. ئۇ نەگىمۇ قاچالىسۇن؟ ( زىندان بېگىنىڭ سۆزى) ajg7xF{l)  
6) بۇ كەمگىچە كۆيۈپ بۇلاي دەپ قالغاندۇ! (فۇ ئەننىڭ سۆزى) `K@5_db\  
7) قېچىپ قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ چىرىكلەر سامانلىقىغا ئوت قويغان جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولىدۇ. ( زىندان بېگىنىڭ سۆزى) hJs&rpN  
8) شەھەرگە قايتايلى. (فۇ ئەننىڭ سۆزى) U:C-\ M  
9) سەل تۇرايلى، بىرەر-ئىككى پارچە سۆڭىكىنى بولسىمۇ مەھكىمىگە ئالغاچ بارساق، ئەمىر بىلەن بەگزادە كۆرۈپ، بىزنىمۇ قولىدىن ئىش كېلىدىكەن دېسۇن. ( لۇ چيەن سۆزى) E#WjoIk  
«قارا چىكەتكە» ناملىق ھېكايە ھەققىدە 2xz%'X%  
بۇ ئەسەر چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق يازغۇچى پۇسۇڭلىڭ(1640-1715)نىڭ «لياۋ جەي غارايىباتلار ھېكايىلىرى» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىنغان.رومانتىزملىق خاھىشقا ئىگە ھېكايە. R  o F  
1. بۇ ھېكايىدە ئەينى زاماندىكى قانداق ئىجتىمائى رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟ qV/"30,K  
 بۇ ھېكايىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش گەرچە «مىڭ سۇلالىسىدا بولۇپ ئۆتكەن» دەپ ئېلىنغان بولسىمۇ،لېكىن چىڭ سۇلالىسىگە تەۋە تۇرمۇش.يەنى، بۇھېكايىدە چىڭ سۇلالىسىنڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كەيىپ-ساپا ۋە ئەيشى-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىنىڭ، زورلۇق-زۇمبۇلۇقنىڭ، ئالۋاڭ-ياساقلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقى؛ئەمگەكچى خەلق تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر قېيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقى ساتىرىك ئۇسۇل بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 5NJ@mm{0  
2. سىلەر ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كېيىن كونا جەمىيەتتىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا قانداق تۇنۇشقا كەلدىڭلار؟ Vn=J$Uv0  
 بىز بۇ ھېكايىدىن  پۇ سۇڭلىڭ ياراتقان بەدىئىي ئوبراز ئاساسىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش،سىياسىي ئەھۋالى توغرىسىدا كونكرېت چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز. ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك ۋە ئەيشى-ئىشرەتلىك، زورلۇق-زۇمبۇلۇقتا چېكىدىن ئاشقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا قاتتىق غەزەبلىنىمىز. ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىغا ئىنتايىن ئېچىنىمىز. _L%/NXu,  
ئاپتورنىڭ بۇ خىل رېئاللىقنى سىرلىق تۈيغۇ بىلەن ھەجۋىي قىلغانلىقىنى ئوقۇپ ئاپتور بىلەن قۇشۇلۇپ كۈلىمىز... B 8C3LP}?  
3. بۇ بىر ھېكايە، لېكىن بۇنىڭ ئاخىرىغا بىر پارچە مۇھاكىمە قۇشۇپ قۇيۇلغان، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇنداق قىلىشتا نېمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؟ :L*CL 8m  
1)                  بۇ ئاپتۇر ھېكايىسىنىڭ قۇرۇلما ئۇسلۇبى،خالاس. h8pc 
2)                  ھېكايىنىڭ ھەجۋىيلىك قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئۇسۇل. tnRq?  
3)                  ھېكايە بىلەن كىتابخان مۇناسىۋىتىدە،ئەينى ۋاقىتتىكى ئەسەردىن قۇسۇر چىقىرىش سەۋەبىدىن ئاپتور ئەكس ئەتتۈرگەن تۇرمۇش نامىنى بۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىق بىلەن ئەسەر مەزمۇنىنى ئىمكان بار يىقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق يازغان. بۇنداق قىلىشتا ئاپتور (1) ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.(2) دىننىي ئىدىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.  M"X/([G  
4.ئاپتور ئۆزى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىجتىمائى رېئاللىققا قانداق پوزىتسىيەدە بولىدۇ. قايسىسى ئاكتىپ، قايسىسى پاسسىپ پوزىتسىيە؟ .'__ [|-{;  
ئاپتور ئۆزى ئەكس ئەتتۈرگەن ئىجتىمائى رېئاللىققا نىسپەتەن غەزەبلىنىش،پاش قىلىش،ھەجۋىي قىلىش،ئېچىنىش ۋە ھېسداشلىق قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ.يەنى ئەمەلدارلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقىغا ۋە چىرىكلىكىگە غەزەبلىنىدۇ ۋە پاش قىلىدۇ.ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكتە چېكىدىن ئاشقانلىقىنى ھەجۋىي قىلىدۇ.ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىغا ئېچىنىدۇ ۋە ھېسداشلىق قىلىدۇ.ئاپتورنىڭ شۇ رېئاللىققا نىسبەتەن غەزەبلىنىشى،پاش قىلىشى،ھەجۋىي قىلىشى،ھېسداشلىق قىلىشى ئاكتىپ پوزىتسىيە بولۇپ خورلانغان ئەمگەكچى خەلققە دىننىي جەھەتتىن نىجادلىق ئىزدەش ئارزۇسىنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. L.+5`&  
5. ئاپتور مۇھاكىمىسىنىڭ قايسى مۇۋاپىق بولۇپ،قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ،قايسى جايىنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ؟ Bz /NFNi[p  
ئاپتورنىڭ مۇھاكىمىسىدىكى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنى ئەيىبلىشىنى مۇۋاپىقيۇسۇندا قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن دىننىي خاھىشنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. < (s+  
  {PYN3\N,  
«لىن دەييۈنىڭ جيا قەسرىگە كىرىشى» توغرىسىدا o?/N4$&5l  
بۇ تېكىست چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر يازغۇچى ساۋ شۆچىن (1716- 1763) نىڭ«قىزىل راۋاقتىكى چۈش »ناملىق رومانىدىن ئېلىنغان پارچە. >/$Q:92T  
ساۋ شۆچىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر يازغۇچى.ئۇ    خېبېي  ئۆلكىسىنڭ چىڭرۈن ناھىيىسىدىن ،1716-يىلى تۇغۇلۇپ،1763-يىلى  ۋاپات بولغان.«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» مول ئىدىيىۋى ئەھمىيىتى  ۋەبەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۆچمەس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. UI>-5,X  
 1.تېكىستتە ۋاڭ شىفېڭ بىلەن جيا باۋيۈنىڭ ئوتتۇرىغا  چىقىشىنى تەسۋىرلىشىدە قانداق ئوخشىماسلىق بار؟ بۇنداق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ پېرسوناژلار  خااكتېرىنى  ئېچىشتا قانداق ئۈنۈمى بار؟ V,|9$A;  
تېكىستتە  ۋاڭ شىفېڭ ۋاسىتىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن سۆزى ۋە كۈلكىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. لىن دەييۈگە  دەسلەپلا بېشەم ۋە ھازازۇل خاراكتېر تەسىراتىنى بېرىدۇ . ئاندىن ۋاڭ شىفېڭنىڭ تاشقى قىياپىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جيا باۋيۈنىڭ بولسا سۆزى ئۆزىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. لېكىن دېدەكنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئارزۇلۇق بىر بەگزادە ئىكەنلىكى گەۋدىلىنىدۇ. ئاندىن باۋيۈ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى تەسۋىرلىنىدۇ. بۇنداق ئوخشىمىغان ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تەسۋىرلەشنىڭ پېرسوناژلارنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېر-خۇسۇسىيەتلەرىنى ئېچىپ بېرىشتە ئۈنۈمى چوڭ. YN"102CK  
2.تېكىستتە قايسى پېرسوناژلانى يەككە تەسۋىرلەيدۇ، قايسى پېرسوناژلارنى بىرلىكتە تونۇشتۇرىدۇ؟ قايسى پېرسوناژلارنى تەپسىلىي، قايسى پېرسوناژلارنى مەۋھۇم تونۇشتۇرىدۇ؟ BFj@Z'7P  
تېكىستتە ۋاڭ شىفىڭ ۋە جيا باۋيۇنى يەككە تونۇشتۇرىدۇ. باشقىلارنى بىرلىكتە تونۇشتۇرىدۇ. باشقىلارنى مەۋھۇم تەسۋىرلەيدۇ . |byB7 f  
3. تۈۋەندىكى تەسۋىرلەر كىملەرنىڭ قىياپەت تەسۋىرى؟ 0Xk;X1Xl  
1) ئۇنىڭ تولۇن ئاۇدەك رەڭگى-روھى باھار تېڭىدا ئېچىلغان گۈللەردەك،چېكە چاچلىرى قايچا بىلەن تەكشى قىرقىلغاندەك،قاشلىرى سۈرمە بىلەن ياسالغاندەك،قاڭشىرى قول بىلەن چىمدىپ قويغاندەك،كۆزلىرى ئويناق ئىدى؛ ئۇنىڭ چىرايىدىكى غەزەپكە كۈلكە،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى نەپرەتكە مۇھەببەت ھەمراھ ئىدى. ,EwJg69  
جيا باۋيۈنىڭ قىياپەت تەسۋىرى. _;LHC;,:  
ئۇ روماندىكى باش پىرسۇناژ بولۇپ، خاراكتېر جەھەتتىن كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى يۇقىرى-تۆۋەنلىك پەرقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان،قىلىمەن دېگىنىنى قىلماي قويمايدىغان،ئەركپەرۋەر،ئەركە،باغرى يۇمشاق،نام-شۆھرەت ۋە پايدا مەنپەئەتنى مەنسىتمەيدىغان،چىن گۈزەللىكنى سۆيىدىغان قىلىپ ئىپادىلىنىدۇ.تاشقى كۆرۈنۈشى بولسا مانا مۇشۇ پارچىدا ئېنىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. jX+LI  
        2) قىيىق كۆزلىرى،قىيغاق قاشلىرى خۇددى سۈگەت يۇپۇرمىقىغا ئوخشايتتى،بويى نازۇك ۋە ئەۋرىشىم،جۇغى ناز-كەرەشمىلىك ئىدى: +;; fw |/  
         نەۋ باھاردەك ئاي يۈزى ياپقانىدى ھەيۋىسىنى، |'KNR]: N  
         كى يۇمۇق لەئلە لىۋى ياپالمىدى كۈلكىسىنى. F1%' zsv  
       ۋاڭ شىفېڭنىڭ قىياپەت تەسۋىرى. ""WZpaw  
       ۋاڭ شىفېڭ روماندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان سەلبىي پېرسۇناژ، ئۇ خاراكتېر جەھەتتىن ئۇچىغا چىققان ھازازۇل، بېشەم، زوراۋان، ساختىپەز، كاززاپ،يوقىرى تەبىقە كىشىلىرىگە خۇشامەت قىلىپ،تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان، رەھىمسىز، نۇمۇسنى بىلمەيدىغان،ياسالما،لېكىن تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتىن ئادەتتىن تاشقىرى ساھىپجامال قىلىپ ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى مۇشۇ بۆلەكتە ئېنىق قىلىپ ئىپادىلەنگەن. 53(m9YLk  
3)       چاقنايدۇ ياش دانە-دانە، @H{$,\\  
    نەپەس ئالۇر ناتىۋانە. j|? bva\  
          تۇرۇشى گۈلناز مىسالى سۇغا ئەكسى ئورنىغان، PK+][.6H  
مېڭىشى خۇد تالى مەجنۇندۇر شامالدا ئوينىغان. jpBE| Nm  
كۆڭلىنىڭ بىر كۆزى كۆپ بىگەن بېگىمنىڭ كۆڭلىدىن، '0o` 
دىلى ھەم ئۈچ ھەسسە خەستە شىشى خېنىمنىڭ دىلىدىن.     لىن دەييۈنىڭ قىياپەت تەسۋىرى. Y<0f1N  
         لىن دەييۈ روماندىكى سۇژىت تەرەققىياتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان پېرسۇناژ،ئۇ خاراكتېر جەھەتتە كۆڭلى ئىنچىكە ۋە نازۇك،ئىھتىياتچان،غۇرۇرى كۈچلۈك،ساداقەتمەن،ساپ مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىپ ئىپادىلەنگەن.شۇنداقلا ئۇ تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتىن تەڭداشسىز ساھىپجامال قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ueWG/`ig  
     4) « قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قانداق ئەسەر؟ روماندىن ئېلىنغان بۇ پارچە قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ (bT\HW%m  
« قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانى مول تۇرمۇش مەزمۇنى،چوڭقۇر ئىدىيىۋى ئەھمىيىتى ۋە يۈكسەك بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن جۇڭگو قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۆلمەس ئەسەر ھېساپلىنىدۇ. روماندا جيا، شئ، ۋاڭ، شۆدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئائىلىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خارابلىشىشى ئارقا كۆرۈنۈش، جيا باۋيۈ بىلەن لىن دەييۈنىڭ مۇھەببەت تراگدىيىسى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ،جۇڭگو فېئودالىزم جەميىتىنىڭ خارابلىشىپ زۇۋاللىققا قاراپ ماڭغان تارىخىي يۈزلىنىشى چىنلىق بىلەن بەدىئىي ئۇسۇلدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. Gwvs~jN  
بۇ تېكىستتە لىن دەييۈنىڭ جيا قەسىرىگە كىرىشىدىن ئىبارەت ۋەقەلىك مەركەز،جيا قەسىرىگە كىرگەن بىرىنچى كۈنىدىكى پائالىيەتلىرى لىنىيە قىلىنىپ، ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى،ئاڭلىغانلىرى ھەمدە ھېس قىلغانلىرى ئارقىلىق جيا قەسىرىدىكى زور بىر تۈركۈم مۇھىم شەخىسلەر تۇنۇشتۇرۇلۇپ، جيا قەسىرى- بۇ روماندىكى تىپىك مۇھىتنىڭ ئاساسىي قىياپىتى دەسلەپكى قەدەمدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، « قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ۋەقەلىكى تەرەققىياتىنىڭ پەردىسى ئېچىلغان. بۇ تېكست گەرچە روماندىن ئېلىنغان پارچە بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭدا ئاساسلىق پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلۈپ بېرىلگەن. m&$H ?yXW>  

tawpek 2011-01-30 14:08
بۇتىمىلار مەندەك كەسىپ ئوقوماي كەسىپ بىلەن شۇغىللىنىۋاتقانلار ئۈچۈن ناھايتى مايدەك يىقىۋاتىدۇ دىسە.

مىېھرىما 2014-01-28 12:50
سىزنىڭ تىمىللىرىڭىز بىزگە نۇرغۇن يىڭى بىلمنى ھىس قىلدۇرۋاتدۇ. سىزگە رەھمەت نۇرغۇن بىلىملەرنى يەپ بوپتۇق. مانا بىر- بىرلەپ ئەسكە ئالدۇرۋاتسىز رەھمەت.


查看完整版本: [-- جۇڭگو قەدىكى زامان ئىپىك ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم ئەسەرل --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled