جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلەر تە
جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلەر ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل s2%V4yy% D*\v0=P'?
1. يېڭى ئەدەبىيات، يەنى جۇڭگو ھارىرقى زامان ئەدەبىياتى قانداق شارائىتتا ۋە قانداق ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەيدانغا كەلدى؟ icE|.[
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، ماركسىزم- لېنىنىزم جۇڭگوغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلقى ئويغىنىشقا باشلىدى.1919-يىلى «4-ماي» ھەرىكىتى يۈز بەردى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى داغدۇغىلىق ھالدا جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قاشى قوزغىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ جەڭ دۇمبىقىنى چالدى. >SoO4i8
«ئۇ چاغدا كونا ئەخلاققا قارشى تۇرۇپ، يېڭى ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش، كونا ئەدەبىياتقا قارشى تۇرۇپ، يېڭى ئەدەبىياتنى تەشەببۇس قىلىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئىككى چوڭ بايرىقى قىلىنىپ، ئۇلۇغ خىزمەتلەر كۆرسىتىلدى»، (ماۋزىدۇڭ:«يېڭى دېموكراتىزم ھەققىدە»)«4-ماي» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ماركسزم،لېنىنىزم رەھبەرلىكىدەجاھانگىرلىككەۋە فېئودالىزمغا قەتئىي ئۈزۇل- كېسىل قارشى تۇرۇشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.جۇڭگونىڭ ئىلغار زىيالىيلىرى كوممۇنىزم ۋە دېمۇكراتىزمنىڭ تەسىرى ۋە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ كۈچلۈك ئىلھامى بىلەن يېڭى ئەدەبىيات ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلدى، ئەدەبىيات ئارقىلىق خەلقنى تەربىيىلەشىنى،خەلقنىڭ ئىنقىلابىي كەيپىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.ئۇلار ئاممىباب ئەدەبىي تىلدا ئەسەرلەر يېزىپ ،ئىلىم-پەن ۋە دىموكراتىك ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلدى.بۇ خىل ئەسەرلەر ئەينى ۋاقىتتا يېڭى ئەدەبىيات دەپ ئاتالىدى.بۇ ،بىز بۇ يەردە ئېيتىۋاتقان ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدۇر. f2yq8/J8.
2.بوش ئوروننى تولدۇرۇش: fG&=Ogy
يېڭى ئەدەبىيات ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ ھەرقايسى دەۋىردىكى ( تۇرمۇش،كۈرىشنى)ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنى (ئىنقىلابىي دېموكراتىزم) ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەپ، «4-ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىنكى (يېڭى دېموكراتىزم) ئىنقىلابىغا زور تۆھپە قوشتى. ,[isib3
1949-يىلىغىچە جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىرى نېمىلەرنى ئەكىس ئەتتۈردى؟ oQT2S>cm^
جوڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىرى 1949-يىلى يېڭى جوڭگو بەرپا بولۇشتىن ئىلگىرىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈدى.مەسىلەن، «ئاQ نىڭ رەسىمىي تەرجىمىھالى »،«بەخت تىلەش»، «ياللانمىلار»، «شياڭزى تۆگە»،«تۆت-بەش كۈرە ئارتۇق ھۇسۇل ئالدۇق» قاتارلىق ئەسىرلەر يېرىم فېئوداللىق،يېرىم مۇستەملىككە كونا جوڭگودىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ قاتمۇ-قات ئېزش ۋە ئېكىسېپىلاتاتىسىيىگە ئۇچرىغان كۈلپەتلىك تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈردى. «ئاسماندىكى رەستە»، «دايەنخې- مېنىڭ ئانام»، «باھار قۇشلىرى»قاتارلىق ئەسەرلەر شائىرلارنىڭ ئەركىن،بەختىيار يېڭى تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە تەلپۇنۈشىنى ئىپادىلىدى. «ۋاڭ گۈي بىلەن لى شياڭشۇاڭ»،«قۇياش ساڭگەن دەرياسىغا نۇرچاچماقتا »،«بوران- چاپقۇن» ،«نىلۇپەركۆلى»،«لى سەي قوشاقلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەر ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردىكى خەلقنىڭ كوممۇنىسستىك پارتىيە رەھپەرلىكىدە ئېلىپ بارغان قەھرىمانە ئىنقىلابىي كۇرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى.«ليۇخېجىن قىزنى خاتىرلەيمەن» قاتارلىق ئەسەرلەر ئىنقىلاب ئىشلىرى يولىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنى مەدھىيلىدى. «بوران- چاپقۇن» ناملىق روماندىكى گوچۈەنخەي قاتارلىق پېرسوناژلار ۋۇجۇدىدىن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىنقىلاپ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئالىجاناپ پەزىلىتىنى كۆرىمىز.«ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەش» ناملىق فىليەتۇندىكى «سولقانات يازغۇچىلار ئىتتپاقى» تەركىبىدىكى بەش نەپەر ئىنقىلابىي قۇربان،«نىلۇپەركۆلى» دېگەن ھېكايىدىكى شۈشېڭ قاتارلىقلار ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچىدا ئۆزلۈكسىز تۈردە مەيدانغا چىققان قەھرىمان شەخىسلەر ھېسابلىنىدۇ. vvq/
4.ھۆكۈم قىلىڭلار: تۆۋەندە بىر مەسىلىگە ئۈچ جۋاب بېرىڭلار. ئۇلارنىڭ توغرىسىغا ھۆكۈم قىلىپ، تىرناق ئىچىگە «√ »بەلگىسىنى قويۇڭلار. ?mx\eX{
1. فېليەتون 53Yxz3v
(1) لۇشۇن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى. (×) '\"G{jU@
(2) نەسرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن.(√) جەمىيەتتىكى قالاق، ئەكسىيەتچىل ھادىسىلەرنى كەسكىن ھەم دەل ۋاقتىدا پاش قىلغىلى بولىدۇ . (×) E{y1S\7K
(3) #.._c?%4/
(4) (3)ھەجۋىي بىلەن ئوبرورۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. (×) C ^w)|2o}
2. فېليەتون ئارقىلىق v.&>Ih/L
(1) جەمىيەتتىكى قالاق، ئەكسىيەتچىل ھادىسىلەرنى كەسكىن ھەم دەل ۋاقتىدا پاش قىلغىلى بولىدۇ . (×) &~~wX,6+
(2) جەمىيەتتىكى قالاق، ئەكسىيەتچىل ھادىسىلەرنى كەسكىن ھەم دەل ۋاقتىدا تەنقىد قىلغىلى بولىدۇ . (×)
)Si2u5
(3) جەمىيەتتىكى قالاق، ئەكسىيەتچىل ھادىسىلەرنى كەسكىن ھەم دەل ۋاقتىدا زەرنە بەرگىلى بولىدۇ . (√) ]:ZdV9`
5. جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شەكىل جەھەتتە نېمىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە نېمىدىن ئۆگەندى؟ a5jL7a?6]
جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شەكىل جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىاتىغا ئوخشاشلا كۆپ خىل. «4- ماي» ھەرىكىتىدىن بولغان چۈيۈن، دۇفۇ، بەجۈيى، شى نەيئەن، ۋۇجىڭزى، ساۋشۆچىن قاتارلىقلانىڭ كونا جەمئىيەتنىڭ زۇلمەتلىكىنى پاش قىلىش، خەلقنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئىپادىلەشتەك ئىجادىيەت پوزىتسىيىسى ۋە تەسۋىرلەش ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شۇنداقلا چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار يازغۇچى- شائىرلىرىدىن ئۆگىنىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭى شېئىرلار، نەسىرلەر،ھىكايە- رومانلار ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى. S( ^.?z
«كۇڭ يىجى»،«باھار پىلىسى»،«شياۋئېرخېينىڭ تويى» قاتارلىق ھىكايىلەردىكى پېرسۇناژلار تەسۋىرى، ۋەقەلىكنى بايان قىلىش، ئەسەر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ بەزى جايلىرىدا جۇڭگو كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ئۆگىنىلگەن، بەزى جايلىرىدا چەت ئەل ئەسەرلىرىدىن ئۆگىنىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھىكايىلەر يەنىلا پۇتۇنلەي يېڭى بولغان جۇڭگو ھازىرقى ھىكايىلىرى ھېساپلىنىدۇ. «ئاسماندىكى رەستە»، «جىمجىت كېچە»، «ۋاڭ گۈي بىلەن لى شياڭشۇاڭ» دىن ئىبارەت بۇ شېئىرلار جۇڭگو كىلاسسىك شېئىرلىرى بىلەن خەلىق ناخشا- قوشاقلىرى ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە چەت ئەل شېئىرلىرىدىن ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر، لېكىن بۇ شېئىرلار يەنىلا پۈتۈنلەي يېڭى بولغان جۇڭگو ھازىرقى زامان شېئىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى نەسرلەر جۇڭگو قەدىمكى زامان نەسرلىرىنىڭ خىلمۇخىل بولۇشتەك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرغان بۇلۇپ،ئۇنىڭدا تەزكىرە-تەرجىمىھال ،ئەدەبىي خاتىرە،فېليەتون ئوچېرك ،ساياھەت خاتىرسى ، مەكتۇپ....قاتارلىق ھەرخىل شەكىللەربار. بۇنىڭ ئىچىدىكى فېليەتون بىلەن ئوچېرك نەسرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن شەكىل ھىسابلىنىدۇ،بولۇپمۇ فېليەتون لۇشۈن قۇلىدا تەرەققىي قىلىپ بىر خىل ئەدەبىي خاراكتېردىكى ماقالىغا ئايلاندى، فېليەتون قىسىقا،كۈچلۈك شەكىل بۇلۇپ ،ئۇ ئارقىلق جەمئىيەتتىكى ئەكىسىيەتچىل،قالاق ھادسىلەرگە كەسكىن ھەم دەل ۋاقتىدا زەربە بەرگىلى بۇلىدۇ.لۇشۈن فېليەتونلىرى جۇڭگونىڭ «4-ماي» يېڭى مەدنىيەت ھەرىكىتىدىن بۇيانقى ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم نەتىجە ھېسابلىندۇ.«4-ماي»ھەرىكىتىدىن بۇيانقى درامىلار،مەسىلەن «گۈلدۈرماما»،«چۈيۈەن» قاتارلىقلار قۇڭگو تىياتىرى ئىچىدىكى ئېڭى شەكىل ھىساپىلىنىدۇ. بۇخىل تىياتىردىن تاشقىرى ،جۇڭگۇ كىلاسسىك تىياتىرلىرى .(جوڭگۇ ئوپېرالىرى) ۋە خەلىق تياتىرلىرى رەتلىنش ئارقىلق يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. CGbwm
Px
6.جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغار ئەنئەنىسى نېمە؟ #V,R >0"
جاۋاپ:ھازىرقى زامان ئەدەبىي ئەسەرلىردە خەلق ئاممسىغا يېقىن بولغان ئاغزاكى تىل ئىشلىتىلگەن . لۈشۈن ،ماۋدۇن،يې شېڭتاۋ، باجىننىڭ ھېكايە-رومانلىرى ۋە گومورو،تيەن خەن ،ساۋيۈنىڭ سەھنە .ەسەرلىرى ئەنە شۇنداق. 1942-يىلىدىن كېينكى ئەسەرلەر تىلى يازغۇچىلار نۇقتىلىق تۈردە ئىشچى،دېھقان،ئەسكەرلەردىن ئۆگەنگەلىكىتىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاممىۋىيلاشتى. جاۋ شۇلىنىڭ ئەسەرلىرى، مەسلەن ، «شياۋ ئېىېينىڭ تويى »، «لى يۈسەي قوشاقلىرى»قاتارلىقلار ئاممىنىڭ ئاغزاكى تىلىنى پىششىقلاپ ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىدۇر. !C4!LZ0A
7. جۇڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلارىغا دائىر تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭلار. E>|: D
1) «(4-ماي، )»دىن (1927) يىلىدىكى زور ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغانغا قەدەر بولغان ئون يىل ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ (دەسلەپكى) باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. _Q[$CcDEE
2) (1927-1937)يىلىغىچە بولغان ئون يىل ئىچىدە يېڭى ئەدەبىيات ( بىر قەدەر ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلغان باسقۇچى ھىسابلىنىدۇ. @Fp_^5
3) (1937-1949)يىلىغىچە بولغان 12 يىل ئەدەبىيات ساھەسىدە تېخىمۇ (يېڭى ۋەزىيەت) بارلىققا كەلگەن باسقۇچى ھىسابلىنىدۇ. G+UMBn
8.بىرىنچى دەۋىردىكى ئەڭ مۇھىم ئەدىپ كىم؟ ئۇقانداق رول ئوينىدى،ئۇنىڭ قانداق مۇھىم ئەسەرلىرى بار؟ %w7u]-tR
لۇشۇن جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغۇچىدۇر.ئۇ1918-يىلىدىن باشلاپ، ئارقا-ئارقىدىن«سەۋدايى خاتىرىسى»، «دورا»، «بەخت تىلەش» قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى، كېيىنكى ھېكايىلىرىنى«چوقان» ۋە « تېڭىرقاش » ناملىق ئىككى توپلام قىلدى. «ئاQ نىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» بۇ ھېكايىلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر پارچە ھېكايە، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئۇلۇغ ،ئەسەرلەردىن ھېسابلىنىدۇ. fC,:{}
لۇشۇن يەنە نۇرغۇنلىغان فېليەتون ۋە نەسرىي شېئىرلارنىمۇ ئېلان قىلدى. فېليەتون لۇشۇنىڭ ئىدىيىۋى كۈرەش ئىلىپ بېرىشىدا ئەڭ ئۆتكۈر قورال بولدى.ئۇنىڭ نەسرىي شېئىرلار توپلىمى «ياۋا گىياھ» تىكى نەسرىي شېئىرلاردا كۆركەم تەسۋىرلەر ئارقىلىق چوڭقۇر ئىدىيىۋى ھېسىيات ئىزار قىلىنغان. بۇ فېليەتونلار بىلەن نەسرىي شېئىرلار ئۇنىڭ ھېكايىلىرىغا ئوخشاشلا، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغاقوشۇلغان قىممەتلىك تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. E;JsBH
9.بۇ باسقۇچتا يەنە قانداق مۇھىم يازغۇچىلار مەيدانغا كەلدى؟ AP77a*@8
لۇشۇندىن تاشقىرى، ئەينى ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن يازغۇچىلار، مەسلەن، گومورو، ماۋدۇن، يې شېڭتاۋ، ۋېن يىدو، جۇ زىچىڭ، بىڭ شىن قاتارلىقلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلارمۇ ئىجادىيەتتە ئۆزىگە مۇناسىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىقولغا كەلتۇردى. گومورونىڭ«ئىلاھ» ناملىق شېئىرلار توپلىمى جۇڭگو ئەڭ دەسلەپكى يېڭى شېئىرلار توپلاملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇشېئىر ئىجادىيىتىدە يېڭى يول ئاچتى. )E@A0 W
10. بۇ باسقۇچتا يەنە قانداق ئەدەبىيات جەمىيىتى ۋە تەشكىلاتلار بارلىققا كەلدى؟ قانداق ژورناللارنەشر قىلىندى؟ o(DOQ Gl
بۇ مەزگىلدە، يازغۇچىلار يېڭى ئەدەبىيات جەمىيىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. دەسلەپكى چاغلاردىكى داڭلىق ئەدەبىيات جەمئىيىتى ۋە تە شكىلاتلىرىدىن «ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى»،«ئىجادىيەت تەھرىراتى»، كېيىن يەنە «تىل-رىشتىسى تەھرىراتى»،« دەشت-باياۋان تەھرىراتى» قاتارلىقلار بارلىققا كەلدى. بۇ ئەدەبىيات جەمئىيىتى ۋە تەشكىلاتلىرى نۇغۇن گىزىت- ژورنالارنى تەھرىرلەپ نەشر قىلدى. بۇلاردىن تەسرى چوڭراقلرى «ھېكايە ئايلىق گىزىتى»، «ئىجادىيەت» ئايلىق ژورنىلى، « تىل-رىشتىسى»ئايلىق ژورنىلى، «يېڭى ئىقىم » ئايلىق ژورنىلى قاتارلىقلار ھېسابلىنىدۇ. %3NqSiMs
11. ئىككىنچى باسقۇچتا قانداق يازغۇچىلار ۋە شائىرلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلاندى؟ ئۇلارنىڭ قانداق ئەسەرلىرى بار؟ J5^'HU3
بۇ مەزگىلدە لۇشۇن، ماۋدۇن، يې شېڭتاۋ، باجىن، لاۋشې قاتارلىق يازغۇچىلار، يىن فذ، زاڭكىجا، ئەيچىڭ قاتارلىق شائىرلار، ساۋيۇن قاتارلىق دراماتورگلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلاندى. لۇشۇن نۇرغۇن فېليەتونلارنى يازدى. جۇ چيۇبەي فېليەتونلارنىيېزىش بىلەن چەت ئەلنىڭ ماقالە ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. JSW
^dw&
ماۋدۇن «تۈن يانغاندا» رومانىنى، «لىن ئائىلىسىنىڭ دۇكىنى»،« باھار پىلىسى» ناملىق ھېكايىلەرنى يازدى. با جىن «ئائىلە» رومانىنى،لاۋشې «شاڭزى تۆگە» ناملىق رومانىنى، ساۋيۈي«گۇلدۇرماما»، «كۇن چىقىش» داراممىلىرىنى يازدى. 'nXl>
12.ئۈچىنچى باسقۇچنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەدەبىياتنىڭ ئەھۋالى قانداق بولدى؟ >-H{Z{VDd
ئازات رايۇنلاردا ئەدەبىيات پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار بېرشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشىغا ئېرىشتى. يازغۇچىلار ئەمەلىي ئىنقىلابىي كۈرەشلەرگە قاتنىشىش ئەركىنلىكى، ماركسىزم- لېنىنىزىمى ئۆگىنىش ئەركىنلىكى ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات- سەنئەتكە ھەۋەس قىلىدىغان ياشلار ئۆزلۈكسىز تۇردە گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايۇنلاردىن ئازاد رايۇنلارغا باردى، ئازاد رايۇنلاردىمۇ ئەدەبىيات- سەنئەت بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان بىر مۇنچە ياشلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئىلغار ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، خەلق ئامىسىنىڭ جەڭگىۋار كەيپىياتىغا ئىلھام بەردى.ئەينى ۋاقىتتا دىڭ لىڭ«شياسۈن يېزىسىدىكى چىغىمدا»، «ھەربىي سەپكە كىرىش» قاتارلىق نۇرغۇن ئوچىرك ۋە ھېكايىلەرنى يازدى. يەنە خې چىفاڭنىڭ «تۈن ناخشىسى» ناملىق ئەسىرى بىر قەدەر ياخشى ئەسەردىن ھېسابلىنىدۇ. 7=;R& mqC
13.يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ«يەنئەن ئەدەبىيات- سەنئەت سۆھپەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» ناملىق ئەسىرى قاچان ئېلان قىلىندى؟ ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن قانداق يۆلىنىش كۆرسىتىپ بەردى؟ z6*X%6,8
1942-يىلى يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ«يەنئەن ئەدەبىيات- سەنئەت سۆھپەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ نۇتۇقتا، ئەدەبىيات-سەنئەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلشى، ئالدى بىلەن ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە ئەسەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم، دەپ كۆرسەتتى. `$ 6rz
14.«نۇتۇق» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە قانداق ئۇتۇقلار بارلىققا كەلدى؟ E*]bgD7V
«نۇتۇق» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ماۋزېدۇڭنىڭ« ئەدەبىيات-سەنئەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلشى، ئالدى بىلەن ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە ئەسەرلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كىرەك» دېگەن لوليورۇقى بىلەن جاۋشۇلى، دىڭ لىڭ، جولىبو، ليۇبەييۇ، لى جئ، خې جىڭجى...قاتارلىق يازغۇچىلار، شائىر دراماتورگلار مەيدانغا چىقىپ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەشۇ روھنى گەۋدىلەندۇردى.جاۋ شۇلى«شاۋئر خېينىڭ تويى»، «لى سەي قوشاقلىرى» ناملىق ھېكايىلەرنى، دىڭ لىڭ «قۇياش ساڭگەن دەرياسىغا نۇر چاچماقتا» ناملىق روماننى، جو لىبو «بوران- چاپقۇن» روماننى، سۇئەييۇ «ئوت يالقۇنى ئالدىمىزدا»ناملىق ئەسىرىنى، لى جى «ۋاڭ گۈي بىلەن شاڭشۋاڭ»داستانى، خې قىڭجى«ئاق چاچلىق قىز» ئوپراسىنى يادى. بۇلار ئاممىباب تىلنى قوللىنىپ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى چىنىلق بىلەن ئەكس ئەتتۇرگەن.
ML|FQ
15. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايۇنلاردىكى ئەدەبىيات ئەھۋالى قانداق بولدى؟بۇ رايۇنلاردا قانداق مۇھىم ئەدىبلەرئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ۋە قانداق ئەسەرلەرنى يازدى؟ sS*3=Yh
ئەدەبىيات ئازاد رايۇنلاردا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايۇنلاردىمۇ قەيسەرلىك بىلەن يۈسەلدى.ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەر «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى» نى تەشكىللەپ، بارلىق ۋەتەنپەرۋەر يازغۇچىلار جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىكى ۋە رىغبەلەندۈرۈشى ئاستىدا، ئارقا- ئارقىدى ئەدەبىيات- سەنئەتتىن ئىبارەت قورالنى قولغا ئېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنىغا قوشۇلدى. ئۇلار زاۋۇتلارغا، يېزىلارغا ۋە ھەربىي قىسىملارغا بېرىپ، ھەرخىل ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ،بۇلۇپمۇ قىسقا- ئىخچام شېئىرلار ۋە تىياتىرلار ئارقىلىق ئىشچى- دېھقان ئەسكەرلەر ئاممىسىغا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ،ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى تەشۋىق قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلەر گۇرۇھى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىكسەپكە ئاسىيلىق قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى دولقۇن قوزغىدى. لېكىن يازغۇچىلار ئاق تىرورلۇق ئاستىدا، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلەرىنىڭ جىنانىيەتلىرىنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. جاڭ تيەنيىنىڭ «خۇا ۋېي ئەپەندى»ناملىق ھېكايىسى بىلەن شاتىڭنىڭ «چىشياڭجۇ چايخانىسىدا» ناملىق ھېكايىسى بۇ چاغدىكى گومىنداڭنىڭ زۇلمەتلىك سىياسىتىنى ئېچىپ تاشلىغان مۇنەۋۋەر ھېكايىلەر ھېسابلىنىدۇ. ماۋدۇن «چىرىتىش» ناملىق رومانىدا كۈندىلىك خاتىرو شەكلىنى قوللىنىپ، بىر ئايال ئىشپىيۇنىڭ ئىقرارى ئارقىلىق، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ ياشلارنى قىرغىن قىلغان ۋە ياپون باسقۇنچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى ھەربىي سۈيقەت ئېلىپ بارغان جىنايى قىلمىشلىرىنى كۈچلۈك پاش قىلدى. _h{C_;a[_
شائىرلارمۇ ئۆز شېئىرلىرى ئارقىلق گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان زۇلمەتلىك ھادىسىلەرنى ۋە قالاق ھادىسىلەرنى پاش قىلدى. ,Q
گومورو تارىخىنى تېمىدىن پايدىلىنپ، نۇرغۇن سەھنە ئەسەرلىرىنى يازدى، مەسلەن، گەۋدىلىكى «چۈ يۈەن» درامىسى. EV]1ml k$
«ئاQ نىڭ رەسمىي تەرجىمىھالى» توغرىسىدا Q'=x|K#xj
بۇ پوۋېست لۇشۇننىڭ «چۇقان» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن ئېلىنغان ۋەكىل خارەكتېرلىك مەشھۇر ئەسىرىدۇر. لۇشۇن(1881-1936) جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكىئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇر. ئۇنىڭ «چۇقان»، «تېڭىرقاش» ناملىق ھېكايە توپلاملىرى ۋە نۇرغۇن فېلياتون، تەتقىقات ماقالىلىرى بار. |-:()yxs
ئاQ نېمە ئۈچۈن شىنخەي ئىنقىلابى دەۋرىدىكى قالاق، ئويغانمىغان دېھقاننىڭ تىپى دەيمىز؟
C5o#i*|
ئاپتۇر ئاQ دىن ئىبارەت تىپىك پېرسوناژنى «شىنخەي ئىنقىلابى»دىن ئىبارەت تىپىك شارائىتقا، ۋىيجۇڭ يېزىسىدىن ئىبارەت تىپىك مۇھىت ئىچىگە قويۇپ خاسلىقىنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ ۋۇخۇدىغا «شىنخەي ئىنقىلابى» نىڭ ئالدى-كەينىدىكى جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ ئېزىلىش سەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، فېئوداللق جەمىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاپ، نامىراتلىقتا قالغان، فېئوداللىق دەرىجە ۋە ئەخلاق قارىشى روھىي دۇنياسىغا سىڭىپ كەتكەن، بۇلۇپمۇ مەنىۋى جەھەتتە فېئپدالىزمنىڭ زەھەرلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان «روھىي غالىبىيەتچىلىك»، بىخۇدلۇق قاتارلىق يۈكسەك دەرىجىدىكى ئورتاقلىق مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭا ئۇنى شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قالاق، ئويغانمىغان دېھقاننىڭ تىپى دەيمىز. TM%|'^)
2.تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭلار: d,k!qjf=r
1)ئاQ «روھىي غالىبىيەتچىلىك» مۇئەييەن تارىخىي مەزگىلدىكى ( جانگىرلىك) ؤە(فېئودالىزمنىڭ سىياسي زۇلۇمى)، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېكسپىلاتاتىسىيىسى ؤە(مەنىۋى) جەھەتتىكى قۇل قىلىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. BC^ :=
2) لۇشۇن ئاQ نىڭ «روھىي غالىبىيەتچىلىكى» نى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ھۆكۇمرانلار سىنىپىنىڭ(مەنىۋى) جەھەتتىن زەھەرلەش،(مىللى كەيپىياتنى) بۇلغاش، مىللەتنىڭ (روھىي دۇنياسىنى) چىرىتىش، ( ) كەلتۇرۇپ چىقىرىشتەك جىنايەتلىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى. A8muQuj]~~
3)بۇ ئەسەر قۇرۇلما جەھەتتىن قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ fDv2JdiU
بوۋېست قۇرۇلمىسى يېڭىچە ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە. ئۇنىڭدا جۇڭگو قەدىمقى زامان كلاسسىك ھېكايە- رومانلىرى بىلەن تارىخىي تەزكىرە-تەرجىمىھال ئەدەبىياتنىڭ ۋەقەلىك باغلىنىشىنىڭ ئىزچىل، لىنىيىنىڭ يەككە بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بار، ئاQ شۇنداقلار چەت ئەل ھېكايىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر توغرا كەسمىسىنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنى ئىنچىكە تەسۋىرلەپ،پىرسۇناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئوي لۈشۈن ئاQ نىڭ «روھىي غالىبىيەتچىلىكى »نى ئاساسى لىنىيە قىلىش ۋە ئۇنى پۈتۈن ھېكايىدە ئىزچىللاشتۇرۇش،يەنە ئاQ نىڭ ھاياتىدىن بىرقانچە تۇرمۇش كۆرىنىشى ۋە ۋەقەلىكنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەش ئارقىلىق، خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى ئېچىپ بەرگەن ۋە باي ئىجدىمائىي رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. }bb;~
3.تېكىستتە دەسلەپتە تۆت تۇرمۇش كۆرۈنىشى ئارقىلىق ئاQ نىڭ ئۆزىنى ئەخمەقلەرچە چوڭ تۇتۇش، ئۆزىنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ ئالداشتەك «روھىي غالىبىيەتچىلىك »تىن ئىبارەت خارەكتىر ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن. ئاندىن ئۈچ تۇرمۇش كۆرۈنىشى ئارقىلىق ئاQ نىڭ «خار بولۇش »،كۈچلۈكلەردىن قورقۇپ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش ۋە ئۇنتۇغاق بولۇشتەك «روھىي غالىبىيەتچىلىك »خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن. تېكىستنى پىششىق ئوقۇپ،تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنى تېپىپ چىقىڭلار ۋە ئۇلاردا قانداق ۋەقە يېزىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭلار ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاQ نىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكىنى ياخشى چۈشىنىۋىلىڭلار. '$i:
2mn,
ئاQ نىڭ ئۆزىنى ئەخمەقلەرچە چوڭ تۇتىشى ، ئۆزىنىمۇ باشقىلارنىمۇ ئالداشتەك «روھىي غالىبىيەتچىلىك » خارەكتىرىنى تۆۋەندىكى تۆت تۇرمۇش كۆرۇنۇشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ejSji-Qd
1-تۇرمۇش كۆرۇنۇشى: ئاQ نىڭ نام- نىشانى، يۇرتىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكى بەلگىسىز، ۋېيجۇاڭ يېزىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنى ئۆز اشىغا سېلىش، زاڭلىق قىلىپ كۈكۈشتىن باشقا ئۇنىڭغا قىزىقمايدىغانلىقى،لېكىن ئاQ ۋېيجۇاڭ يېزىسىدا ھېچكىمنى ئۆزى بىلەن تەڭ قىلماي بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان بولسا ؟مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىم سېنىڭكىگە قارىغاندا دۆلەتمەنرەك ئىدى! سەن قانچىلىك بىرنېمىتىڭ؟» دەپ ۋارقىرايدىغانلىقى، تاسادىبىي ھالدا بىرەرسى ئۇنى قويغۇدەك بلسا ناھايىتى خوش بۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. $0W|26;
2- تۇرمۇش كۆرۇنىشى: ئاQ نىڭ ئىززەت نەپسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكى، ۋېيجۇاڭ يېزىسىدا ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقى، ھەتتا ئىككى موللىنى زاڭلىق قىلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ، دەپ قارىغانلىقى،«مېنىڭ ئوغلۇم بولغان بولسا ئۇلاردىنمۇ كاتتا بولغان بۇلاتتى» دەپ ئويلايدىغانلىقى. S|Q@:r"
3- تۇرمۇش كۆرۈنۈشى: ئاQ بىر نەچچە قېتىم شەھەرگە كىرگەنلىك ئۈچۈن ئۆزىگە ناھايىتى تەمەننا قۇيىدىغانلىقى،لېكى ئۇ شەھەرلىكلەرنى ناھايىتى كەم سۇندۇرىدىغانلىقى،شەھەرلىكلەرنىڭ سۆزلەش ئۇسۇلىنىمۇ ياراتمايدىغانلىقى،شەھەرلىكلەرنىڭ تاماق ھازىرلاش ئۇسۇلىنىمۇ ياراتماي ھاماقەتلىك دەيدىغانلىقى،شۇنىڭ بىلەن ۋېيجۇاڭ يېزىسىدىكىلەر شەھەر كۆرمىگەن قۇپال سەھرالىقلار بولۇپ كۆرۈنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. W: z6Koc0
4-تۇرمۇش كۆرۈنۈشى: ھىچكېمنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئاQنىڭ ئەسلىدە مۇكەممەل ئادەم بولۇشى كېرەك بولسىمۇ،لېكىن بىر مۇنچە جىسمانى كەمچىلىكلىرىنىڭ بارلىقى، يەنى ئۇنىڭ بېشىدا قاچاندۇر بىر چاغلاردا تەمرەتكىنىڭ قالدۇقىنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ تازلىق ئۇنىڭ قىممىتىگە ياراشمايدىغانلىقى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ تازلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەردىن خۇدۇك ئالىدىغانلىقى،ئەگەر بىرەرسى مۇشۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ قويسا تاتىرىپ- قىزىرىپ كېتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن يېزىدىكى كىشىلەربۇنىڭدىن پايدىلىنىپقەستەن مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئېيتىپ ئۇنى زاڭلىق قىلىدىغانلىقى،لېكىن ئاQ «سەن تېخى شۇنچىلىكمۇ بۇلالمايسەن» دەپ ئۆزىنىڭ تازلىقىنىمۇ «خاسىيەتلىك تاز» قىلىپ كۆرسىتىدىغانلىقى، مانا مۇشۇنداق قىلىپ باشقىلار قەستەن ئۇرۇش چىقىرىپ، ئاQ نى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ كۆڭلىنى خوش قىلىپ كەتكەندىن كېيىن ظذ: « مەيلى دادىسى بالىسىنى ئۇرغان بولسۇن،ھاجەپ زامان بولۇپ كەتتى...» دەپ خۇلاسە چىقىرىپ غەلىبە قازانغاندەك كېتىپ قالىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. S,88*F(<^q
كۈچلۈكلەردىن قۇرقۇپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان، ئۇنتۇغاق بولۇشتەك «روھى غالىبىيەتچىلىك» ئۈچ تۇرمۇش كۆرۈنۈشى: M H|Og84
1- تۇرمۇش كۆرۈنۈشى: ئاQ جاۋ بېگىمدىن تاياق يېگەندىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن ئابرويى ئۆسۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېزىدا تېخىمۇ ەىدىيىپ ھىچكېمنى نەزەر كۆزىگىمۇ ئىلماس بولۇۋالىدۇ. دائىم خوش يۈرۈيدۇ.بىر قېتىم مەس كىتىۋېتىپ تام تۈۋىدە پىت بېقىۋاتقان ساقاللىق ۋاڭنى كۆرۈپ قالىدۇ-دە،ئۇمۇ دەرھال كۆينىكىنى سېلىپ كۆپرەك پىت تېپىپ يىمەكچى بولىدۇ.ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئانچە كۆپ پىت تاپالمايدۇ.ساقاللىق ۋاڭ بولسا كۆپ پىت تاپىدۇ. ئاQ بۇنىڭدىن غەزەبلىنىپ كۆزگە ئىلمايدىغان ساقاللىق ۋاڭنى تۈكۈرۈپ تىللايدۇ.نەتىجىدە ئۇلار ئۇرۇشۇپ قالىدۇ.مۇشتنى ئاۋال ئاQ ئاتىدۇ. ساقاللىق ۋاڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنى راسا دۇمبالايدۇ. ئاQ «ياخشى ئەر قۇلى بىلەن ئەمەس سۆز بىلەن ئېلىشىدۇ» دەيدۇ.لېكىن ساقاللىق ۋاڭ ئۇرۇشنى توختاتمايدۇ. ئاQ ساقاللىق ۋاڭدىن تاياق يېگىنىگە تولىمۇ ھەيران قېلىپ،جاھان ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان ئوخشايدۇ،دەپ ئويلايدۇ.يەنى يېزىدىكى ئابرويلۇقلارنىڭ ئىناۋىتى قالمىغان بولسا كېرەك،شۇڭا ساقاللىق ۋاڭدەكلەرمۇ ماڭا قول تەككۈزىۋاتىدۇ،دېگەندەك ئويلاردا بولۇپ ئۆزىنى بەزلەيدۇ. /J]5H
2-تۇرمۇش كۆرۈنۈشى: ئاQ ساقاللىق ۋاڭدىن تاياق يېگەندىن كېيىن نېمە قىلارىنى بىلمەي يۈرگەندە چەتئەلدە ئوقۇغان، ئاQ «ئەجنەبىي شەيتان» دەپ ئاتاپ يۈرۈيدىغان چيەن بېگىمنىڭ ئوغلىغا ئۇچراپ قالىدۇ، ئاQ ئۇنى كۆزگە ئىلمايتتى،ئۇچراپ قالغىنىدا بولسا ئىچىدە تىللايتتى.بۇ قېتىم ئاۋازلىق تىللاپ تاشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن «ئەجنەبىي شەيتان» تاياق بىلەن راسا ئۇرىدۇ. ئاQ «مەن ئاۋۇنى تىللىغان ئىدىم» دەپ بىر بالىنى كۆرسىتىپ تىللىغىنىدىن تېنىۋالىدۇ.لېكىن «ئەجنەبىي شەيتان» راسا ئۇرۇپ كېتىپ قالىدۇ. ئاQ بولسا ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن بىرەر ئىشنى پۈتتۈرگەندەك بۇلارنى ئۇنتۇپ غەلىبە تەنتەنىسىگە چۆمىدۇ. * `JYC
3- تۇرمۇش كۆرۈنۈشى: ئاQ ئەجنەبىي شەيتاندىن تاياق يېگەندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇپ خۇشاللىق بىلەن قاۋاقخانىغا كېلىدۇ.ھەمدە قاۋاقخانا ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان ياش بۈۋىنى تۈكۈرۈپ،تىللايدۇ ۋە ئۇنىڭ يۈزىنى چىمدىۋالىدۇ.بۇ ھەرىكەتلىرى قاۋاقخانىدىكىلەرگە ياققاندىن كېيىن يەنىمۇ چىمدىۋېلىپ ھاقارەتلەپ قۇيۇۋېتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتۇپ غەلىبە تەنتەنىسىدە شاتلىنىپ كېتىدۇ. Kew@&j~
ئۇمۇمەن،يۇقىرىقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق ئاQ نىڭ گەرچە ئىجتىمائى ئورنى،بايلىقى،جىسمانى قىياپىتى ۋە كۈچى،ئەقلى ھەممە ئادەمدىن تۆۋەن تۇرسىمۇ ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قۇيىدىغان،ھىچكېمنى نەزەرگە ئىلمايدىغان، ئۆزىنىڭ بارلىق ئجىزلىق ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى مەلۇم باھانە سەۋەپلەر بىلەن يېپىپ،ئۆزىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان،باشقىلار تەرىپىدىن تاياق يېگەندە يەنىل ئۆزىنى غەلىبە قىلدىم دەپ بەزلەيدىغان،مەلۇم بىر سەۋەپلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا ۆكزىنى يۇمۇۋېلىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ خۇشاللىققا چۆمۈدىغان، ئۆزىنمۇ،باشقىلارنىمۇ ئالدايدىغان،كۈچلۈكلەردىن قورقۇپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان «روھى غالىبىيەتچىلىك»خاراكتېرىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
{y)=eX9
ئەسەرنىڭ بىر قاتار بەدىئىي ئالاھىدىلىكى 0-B5`=yU
پېرسۇناژ ئوبرازىنى يارىتىش جەھەتتە، ئەنئەنىۋىي ئاددىي تەسۋىر ئۇسۇلىنى ئىجادىي قوللىنىپ، ئاQ نىڭ كۈچلۈك خاسلىققا ئىگە پورتىرېتى،سۆز-ھەرىكىتى ۋە روھى ھالىتى(پىسخىكىسى)تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق،ئۇنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى_«روھى غالىبىيەتچىلىكى، ئېچىپ بېرىلگەن. QFA8N
ئۇسلۇب جەھەتتە،ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.ھېكايە ئەنئەنە،ئىجادىيلىق،قۇبۇل قىلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ،بىر پۈتۈن كومىدىيە شەكلىنى ياراتقان،ھەمدە پاجىئە بىلەن كومىدىيە گىرەلىشىپ كەتكەن. شۇڭا بۇ ھېكايىنى ھەجىۋىي ھېكايىلەرنىڭ ئۆرنىكىنى ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ. ___~D
dq
تىل ئىشلىتىش جەھەتتە: ① ھېكايىنىڭ تىلى ئاممىباپ،ئاددى-ساددا ② ھەجۋىي خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك ③ ئىخچام ۋە جانلىق،تىتىك ھەمدە تاۋلانغان④ ئىككى قىرلىق. )7hqJa-V
pd?Mf=>#
-uS!\
«سۇمۇرۇغلارنىڭ پاراغىتى» ھەققىدە 5%"V[lDx@
گومورو جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى،ئۇ 1892-يىلى دۇنياغا كېلىپ 1978-يىلىغىچە ياشاپ ئىجادىيەت،ئىلمىي تەتقىقات،ئىجتىمائى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ لىرىك داستان ئۇنىڭ «ئىلاھە» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى ئېسىل ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەر.ئۇ رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان. `>o{P/HN
1. داستان قانچە باپتىن تۈزۈلگەن؟ ھەر بىر باپنىڭ ماۋزۇلىرنى ئېيتىپ بېرىڭ. !t"4!3
داستان «نەقىل ۋە پىرولۇگ»،«سۇمۇرۇغ ئاشىقنىڭ ناخشىسى»،«سۇمرۇغ مەشۇقنىڭ ناخشىسى»،«سۇمرۇغ ئاشىقى بىلەن سۇمۇرۇغ مەشۇقىنىڭ بىرلىكتە ئېيتقان ناخشىسى»،«قۇشلار ناخشىسى»،«سۇمرۇغلارنىڭ تېرىلگەندىن كېيىنكى ناخشىسى» دېگەن ئالتە بابتىن تەركىپ تاپىدۇ. i$Ul(?
2. داستاندا قانداق ئىدىيىۋىي مەزمۇن ئىپادىلەنگەن؟ 3l~^06D
داستاندا سىمۇۋۇل ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، سۇمرۇغلارنىڭ كوللېكتىپ تۈردە ئۆزلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، ئوتتا تاۋلاپ،ئوت ئىچىدىن قايتا تۆرىلىپ يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلىكى يېزىلىپ،كۇنا جۇڭگونىڭ زۇۋال تېپىشى شائىرنىڭ غايىسىدىكى يېڭى جۇڭگونىڭ تۆرىلىشىگە سىمۇۋۇل قىلىنغان. j^*dmX
3. « قۇشلار ناخشىسى» دېگەن بابتىكى قۇشلار نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ "nynl'Ryk
«قۇشلار ناخشىسى» دىكى تاغ بۇركۈتى،توز،ھوقۇش،ئۆي كەپتىرى،شاتۇتى،لەيلەك قوش قاتارلىق قۇشلار كونا جۇڭگو رېئاللىقىدىكى،يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغانلارنى مەنسىتمەي، مەسخىرە قىلىدىغان،روھى ئۆلۈك،جاھاندارچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغان،كونا ھاكىمىيەتنىڭ سادىق غالچىلىرىدىن بولغان شاھلىق تاماسىدە تۇرۇۋاتقان قارانىيەتلەر،ئۆزىنى ئۆزى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرۈيدىغان ماختانچاقلار،ئۆز نەپسىنى تويغۇزۇش كويىدا يۇرگەن بالاخورلار، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئۇششاق بۇرژۇئازىيىلەر،داللال ئەدىپ ۋە ۋالاقتەككۇر سىياسەتۋازلار،ھەمدە ئاتالمىش ئەركىنلىك تەلەپ قىلغۇچى ھۆكۈمەتسىزلەرگە سىمۇۋۇل قىلىنغان. 11;MN
4.نېمە ئۈچۈن «سۇمۇرۇغلارنىڭ پاراغىتى» ناملىق بۇ داستان روشەن رومانتىزىملىق تۈسكە ئىگە دەيمىز؟ /9fR'EO{x
ئەسەر يېزىلغان دەۋر يېڭى دېمكۇراتىك ئىنقىلاب پارتىلىغاندىن كىيىنكى مۇرەككەپ زىدىيەتلەرگە تولغان كونا جۇڭگو. شائىر،سۇمۇرۇغلارنىڭ ئۆرىنى كۆيدۈرۈپ قايتا تىرىلىش رىۋايىتىندىن ئىبارەت رومانتىك ۋەقەلىكنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ،ئەسەر يېزىلغان شۇ دەۋىردىكى كونا جۇڭگو رېئاللىقىنى ئاغدۇرۇپ،ئۇنىۇ ئورنىغا يېڭى جۇڭگو قۇرۇش غايىسىنى ئىپادىلىگەن. پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى يۇغۇرۇپ كۆرسەك،كۈچلۈك لىرىك ھېسسىياتىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدىكى بىر قاتار سىمۋوللاشتۇرۇلغان ئالىگورىيىلىك ئوبرازلار ئارقىلىق غايىۋى تۇرمۇش يارقىن ھالدا سۈرەتلەپ بىرىلگەن.شۇڭا بىز بۇ ئەسەرنى رومانتىزىملىق ئەسەر دەيمىز. مەسىلەن: |