查看完整版本: [-- مەن بىر كۈنۈمنى شۇنداق ئۆتكەزدىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> مەن بىر كۈنۈمنى شۇنداق ئۆتكەزدىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nasih 2011-01-29 19:26

مەن بىر كۈنۈمنى شۇنداق ئۆتكەزدىم

                                                                        1     ;=1[D  
تاڭ سەھەر،خورازلار چىللاپ ھارغان،قۇياش تۈن يوتقىنىنى يىغىشتۇرۇشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەن چاغلار ،قىشنىڭ ئاچچىق سوغوقلىرىنىڭ جاننى قىيناشلىرىغا پەرۋاسىز ھالدا ،موتسىكىلىتىمنى مەكتەپكە قاراپ چاپتۇردۇم. D *IeG>%  
         مەكتەپنىڭ ئاڭلىتىش كانايلىرى تېخى زۇۋانغا كەلمىگەن ئىكەن .مەن موتسىكىلىتىمنى توختىتىپ قۇيۇپ ئۇدۇل ئىشخانامغا كىردىم ،ئىشخانا ھەرھالدا سىرىتتىن ئىللىق بولسىمۇ سوغوقتىن تىترىگەن ھۇجۇدۇمغا كار قىلمىدى،ئىسسىتقۇچقا ئۆزەمنى ئۇنۇڭغا چاپلىدىم.ئەپسۇس ئۇنۇڭدىنمۇ ئۆزەمگە ئىللىغلىق تاپالمىدىم—مەشكە ئوت ياقماقچى بولدۇم .«توختا !» مەن ئويلىنىپ قالدىم.«مەنغۇ ئىسسىق ئۆيدىن كەلدىم،لىكىن ياتاقتا ياتقان بالىلىرىم قانداق قىلغاندۇ؟ ئىسسىتقۇچنىڭ ھالى شۇنداقكەنغۇ ئەنە؟» مەن ئەنە شۇ خىيال بىلەن ئۇغۇللار ياتىقىغا قاراپ ماڭدىم . hegH^IN M  
     ياتاقنىڭ ئالدى ئاساسەن مۇز ئۇيۇپ كەتكەن(ئۇقۇغۇچىلا يۈزىنى يۇيغان سۇنى ياتاقنىڭ ئالدىغىلا چاچقان ئىكەن)بولغاچقا تېيىلىپ يۈرۈپ ئاران تەستە ئۇقۇغۇچىلىرىم ياتقان ياتاققا كىرىۋالدىم.ياتاقنىڭ ھاۋاسى مىنىڭ ئىشخانامدىكىدىن پەرقلەنمەيتتى.«ھە قانداقراق؟توڭلاپ قالمىغانسىلەر؟ »بۇ مىنڭ ئۇلارغا قىلغان سالىمىممۇ،ياكى ئەھۋال سورىغىنىممۇ ؟بۇنى ئۆزەممۇ ئايرىپ ئولتۇرمۇدۇم.بالىلار مەندىن ھېيىقتىمۇ يوتقاندىن ئىتتىك سۇغۇرۇلۇپ چىقىشتى .مەن ياتاقنىڭ ئىچىگە سەپ سالدىم ياتاقتا 12 كىشىلىك كارۋات ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ  ئۈستى كارۋاتتىكى بالىلار  نىڭ ھەممىسى ئاستى كارۋاتقا چۈشۈپ ئىسسىتقۇغا يېقىن بىرنەچچە كارىۋاتتا كىيىملىرى بىلەنلە ياتقان ئىدى.«ئۇھ» مەن ئېغىر تىنىقلار بىلەن ئارقامغا بۇرۇلدۇم. T0.sL9  
       — تېز ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ھېلى تاماق تەگمەي قالىدۇ.... (cV1Pmn  
چىقىپ كىتىۋېتىپ دەرىزە ئەينەكلىرىگە كۈزۈم چۈشۈپ قالدى،ئەينەك بەكلا غەلىتە كۈرۈنگەچكە بېرىپ تۇتۇپ كۆرۈپ باقتىم .تۇتتۇميۇ  چۆچۈپ كەتتىم.ئەينەك بىر ئىلىك قېلىنلىقتا قىروۋلۇق مۇز ئۇيۇپ كەتكەن ئىدى.يۈرۈگۈمنى بىرخىل غەزەپكىمۇ،ئېچىنىشقىمۇ ئوخشىمايدىغان بىرخىل سىزىم سىرقىراتماقتا ئىدى.مەن يەنە بىرياتاققا (17–ياتاق)كىرمەيلا ئىستقۇ باشقۇرۇش ئۆيىگە كىرپ ئىسىتقۇچى خادىمدىن سورىدىم: TtQd#mSI\  
–ئىسىتقۇلار تازا ئىسىماپتۇغۇ  ئوتنى تازا ياخشى قالىيالمىدىڭىزمۇ نېمە؟ h cu\c+ A  
–كۆمۈر تۈگەپ كەتتى ، @;KvUR/+FE  
–مۇدىرغا دېمىدىڭىزمۇ؟ )@!T_#  
–دېمەمدىغان ئۇكام،دېدىم ،قانداق قىلىمەن ،«پۇل يوق »دەيدۇ........ }mI0D >n  
        يەن قانچىلىك گەپ بۇلۇناتتىكىن بىلمەيمەن،ئاڭلىتىش كانىيى ياڭراپ كەتتى. H+@?K6{h  
                                                         2 @gmo;8?k  
      ئەتىگەنلىك گىمناستىكا ئاخىرلاشتى.مەكتەپ ئاڭلىتىش كانىيىگە جان كىردى. ^t$uDQ[hA  
     – بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار بىرىنچى سائەتتە 2– يىللىق3–سىنىپقا كىرىپ ئۇچۇق دەرىسكا قاتنىشىمىز،كىچىكىپ قالغۇچىلا،قاتناشمىغۇچىلار بىردەك بىر سائەت يوق قىلىنىدۇ.............. 6eHw\ $/  
     «نىمە دەيدىغاندۇ ما ئالىجوقا»«ئەتتىگەن قاق سودا يا باللا كىلىپ بولالمىسا....»«ئۇچۇق دەرس ئۇرۇنلاشتۇرمىسا ئۇرۇنلاشتۇرمىغان،ئۇرۇنلاشتۇرسا كۈندە ئۇرۇنلاشتۇرغان.....»ئىشقىلىپ  ئۇقۇتقۇچىلار ئىچىدە ھەرخىل غودۇراشلا بار ئىدى.مەن سىنىپقا ئوت قالاندىمۇ يوق كۈرۈپ بېقىش نىيىتىدە سىنىپقا قاراپ ماڭدىم ،مەشنىڭ كانىيىدىن ئىس چىقماپتۇ ،دېمەككى سىنىپقا تېخى ئوت قالانمىغان ئىدى ، «ئاخشام ئاتايىن ئىسمىنى چاقىرىپ تۇرۇپ ئىككى نەپەر ئۇقۇغۇچىنى ئۇرۇنلاشتۇرغان تۇرسام، بۇبەدبەخلەر نىمىش قىلدىكىنە؟» 'w~e>$WI  
   – مۇختەر بىلەن ۋەلى قېنى ؟نىمىشقا تېخىغىچە ئوت قالىمىدى ؟—— مەن سىنىپقا كىرىپلا ئۇلارنى سۈرۈشتۈردۈم. &xMQ  
    —مۇئەللىم ئاخشام 17–ياتاقتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كىتىپتۇ، 8I,/ysT:  
—ئاخشام مەن بار چاغدا بار ئىدىغۇ؟ vN3uLz'<  
سىلى كىتىپ ئۇزاق قالمايلا كەتكەن........ [pYjH+<  
— نېمە؟ شۇ كەچتىما؟ 8/`ij?gn  
— ھەئە...... T@\%h8@~]  
—....... — دېمەك ئۇلار كەچ سائەت يەتتە بىلەن كەتتى؟ بولدى ئۇلارنىڭ گىپىنى قۇيۇپ مەشكە ئوت ياقايلى بالىلار . UJhUb)}^  
    مەن بالىلار بىلەن قولمۇ–قول مەشكە ئوت ياققىدەك قىلدۇق،لىكىن سەرەڭگە مەسىلىسىگە كەلگەندە ھەممىمىز توختاپ قالدۇق. m vLqccL  
     مۇئەللىم سىلىدەچاخماق يوقما؟ ^P}c 0}^  
     سىنىپىمنىڭ ئۆگۈنۈش ھەيئىتى بۇ گەپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى  بىلمىدىمۇ ياكى ئۆزىچە ئۆزىنى يېقىن چاغلاپ شۇنداق چاخچاق قىلدىمۇ ئىشقىلىپ شۇنداق دىدى،لىكىن دىگەنلىرىگە دەرھاللا پۇشايمان قىلدىبولغاي يۈزىنى تۇتقانچە سىرىتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ كىپ بىردەمدىن كىيىن بىرقاپ سەرەڭگىنى ماڭا سۇندى ،لىكىن يۈزىنى مەن تەرەپكە قىلالمىدى . 66%4p%#b4  
          ئوت بىرىنچى سائەتلىك دەرس يېرىملىشاي دىگەندە تەييار بۇلۇپ بالىلار مەشنىڭ ئەتىراپىغا ئۇرۇنلاشتى ،ماتىماتىكا بېرىدىغان مۇئەللىم شۇيەردىلا تەكرارىنى باشلىۋەتتى... '5 k Sr(  
        مەن ئاخشام قاچقان بالىلار نىڭ ئۆيلىرىگە بېرىشنى ئويلاپ ئىلمى بۈلۈمدىن رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن كىردىم ،لىكىن ھەممەيلەن ئۇچۇق دەرىسكە چىقىپ كەتكەچكە ئادەم يوق ئىدى.«قانداق قىلىش كېرەك؟ دەرىسخانىغا كىرسەم دەرس بۇزۇلۇشى مۇمكىن،كىرمىسەم رۇخسەتسىز يوقىغان دىگەن قالپاقنى كېيىمەن،بارمىسام،بالىلار بەك كەچ بولغاندا كىتىپتۇ،تىنىچ ئامان باردىمۇ يوق ؟» ئەنە شۇنداق گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە بالىلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتىم. @w{"6xc%a  
                                                                        3 D ~LU3#n  
       قۇلۇمدىكى قېلىن پەلەي سوغوقنىڭ نەشتەرلىرىگە تەڭ كېلەلمىگن بولسا كېرەك قۇلۇم رولنىمۇ تۇتالمايۋاتاتتى.ئاران دىگەندە بىرىنچى قاچقۇن ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈيىگە ئۇلاشتىم .«پاھ ئوتنىڭ ئىللىقلىقىغا نىمىمۇ يەتسۇن ھە؟  »دەۋەتتىم ئۆيگە كىرىپلا سالامنىڭ ئورنىغا.قارىسام ھېلىقى ئۇقۇغۇچۇم توغرا تامنىڭ كەينىدە ئىسسىق يوتقاندىن تېخى چىقماپتۇ، X;%*+xQ^  
       –ھە،توختىقارى ئاخشام تىنچ كەلدىمۇ؟— سورىدىممەن سەل ئىسسىغاندىن كىيىن. j#[%-nOT  
      – تىنىچ كەلدىغۇ....ئاخشام..... | +r5D4]e  
      – ئۇنداق بولسا مەن ياناي، بالا تىنىچ كەلدىمۇ–يوق  ئەنسىرەپ كەلگەن. ئىچچىم بىر خىل ئاچچىق ،لىكىن چىرايىمدا كۈلۈپ تۇرۇپ گەپ قىلىمەن. 6V^KOG  
     –ۋوي — ۋوي بۇنۇڭدا قانداق بولىدۇ؟ تاماق پىشىپمۇ قالغانتى.... #) bqn|0l  
      –رەخمەت ،مەن ياناي،باشقا بالىلارمۇ تىنىچ باردىمۇ ئۆز كۈزۈم بىلەن بىر كۈرۈپ كېلەي... مەن شۇنداق دەپ ئۇلارنىڭ تۇتۇشلىرىغا قارىماي ئۇ ئۆيدىن يېنىپ چىقتىم. C:$pAE(  
           باشقا بالىلارنىڭ ئۆيلىرى بۇ ئۆيدىن يەنە ئۈچ–تۆت كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىدى.ئېرىقلاردىكى سۇ مۇز تۇتۇپ يوللارغاسۇ يېيىپ كەتكەنبولغاچقا بىرەر كىلومىتىر ماڭا–ماڭمايلا توختاشقا توغرا كەلدى،ئىچىمدە 12–ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېرىقلارغا سۇ ئاچقان گالۋاڭلارنى مىڭ نەچچىنى تىللاپ باشقا بىر يولغا قايرىلدىم.بۇ يىراق يول ئىدى،لىكىن ئامال يوقتە! ئەپسۇس،بۇ يولغىمۇ سۇ يېيىپ كىتىپتۇ،مېڭىشقا ئامال بولمىدى.«قانداق قىلىش كېرەك؟قايتىش كېرەكمۇ؟مەن ئۆتلمىگەن يولدىن بالىلار قانداق ئۆتكەندۇ؟»يول يالغۇز بىرلا بولمايدۇ،يول يولغا تۇتىشىدۇ .مەن شۇنداق خىيال قىلغاچ ئەتىراپقا قارىدىم .مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدىكى بىر دېھقاندىن مەن بارماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئۈيىگە بارىدىغان باشقا يول بار ئىكەنلىكىنى  سوراپ بىلىۋالغاندىن كىيىن يولغا چىقتىم.يول يالغۇز ئاياق  —— موتسىكىلىت ،ۋېلىسپىت ۋە ئادەملەرلا ماڭالىغىدەك يول بۇلۇپ مان بارىدىغان بالىنىڭ ئۆيىدىن ئىككى كىلومىتىردەك ئاياقتىن  ئايلىنىپ كېلىدىكەنمىز،يامان يىرى مەنزىلگە ئاز قالغاندا بۇ يولنىڭمۇ مۇز ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدىم .ۋە ئۆزەمنىڭ [>wvVv  
«ئونى كەلسە ئوتتۇزى كەلمەي،     /woC{J)4p  
ياكى كىتاپ پۇلىنى بەرمەي،   :MbD=sX  
ئالغان مائاش پاكەنگە يەتمەي، U7@)RJ  
مۇئەللىمنى بىچارە دەڭلار »    دىگەن مىسرالىرىم يادىمغا يېتىپ ئۆزەمچە كۈلۈۋەتتىم،—دە موتسىكىلىتىمنى مۇزغا قاراپ ھەيدىدىم. SF ?s^  
                                                                               4 gg}^@h&?  
          مەنزىلىم كۆرۈندى ،شۇنداقلا مېنىڭ ئۇقۇغۇچۇممۇ غىل–پاللا كۈرۈندى، يوقاپ كەتتى.ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىر ىپ موتسىكىلىتنىڭ كانىيىنى چالدىم.خېلى بىر كەمدىن كىيىن 25 –ياشلار چاممىسىدىكى بىر چوكان ئۆيدىن چىقتى.ئۇ مېنىڭ ئۇقۇغۇچۇمنىڭ ئاچىسى ئىدى، aq 
       –مەن ئالىمجاننىڭ مۇئەللىمى ئىدىم، ئۇئاخشام سائەت سەككىز بىلەن مەكتەپتىن كىتىپتىكەن تىنىچ ئامان كەلدىمۇ؟ PZsq9;P$  
        ئاخشام خېلى بىر ۋاقىت بىلەن كىپتىكەن. z~+gche>  
       – ئۇ ھازىر ئۆيدە بارمۇ؟ @ mu2,%  
       –ئەتىگەن ئاتام بىلەم مال باققىلى چىقىپ كەتكەن ، >i IUS  
        نەگە؟ ,H+LE$=  
       –باغنىڭ ئارقىسىغا،—  ئۇ قۇلى بىلەن كۆرسەتتى.مەن ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە بېرىپ قارىدىم ،ئۇ يوق ئىدى .قايتىپ كىلىپ يەنە سورىدىم ،بولمىدى،ئۆزەم ئىزدەشكە توغرا كەلدى.خېلى ئىزدىگەندىن كىيىن ئۇكىشىنى چوكان كۆرسەتكەن تەرەپنىڭ قارشى تەرىپىدىنن تاپتىم.ئۇنۇڭغىمۇ قىزىغا دىگەن گەپنى تەكرارلىدىم. 6 SosVE>Z  
       –ئالىجان ئەتىگەن ئۆيدە قالغان......(ئىچىمدە كۈلدۈم) m&X6a C'[  
       –ئۆيلىرىدە يوق ئىكەن . _2C[F~ +l  
       —نەگە كەتكەندۇ؟ ;uazQyo6  
       –نەگە كەتكىنىنى بىلسەم سىلىنىڭ قاشلىرىغا كېلەرمىدىم ؟— دىدىممەن كۈلۈپ تۇرۇپ.—ماللىرىنى مەن بېقىپ تۇراي @xI:ZtM  
         شۇنداق قىلىپ مەن مال بېقىپ تۇرىدىغان ،ئۇ بالىسىنى ئىزدەيدىغان بۇلۇپ ئۇ كەتتى، مەن مال باققاچ ئويلىنىپ قالدىم ،«مالىم بولغىچە مالچى بولغان بولسام مۇشۇنداق نەمۇ نەدە تىنەپ – تەمتىرەپ يۈرۈرمىدىم؟» L9=D,C~  
          ئالاھەزەل قىرىق مىنۇتتىن كىيىن ئۇ(بالىنىڭ ئاتىسى) قايتىپ كەلدى. }`,}e259  
         –يوق تۇرۇدۇ ئۇ گۇينىڭ بالىسى . bf3Njma%  
        —نەگە كەتكەندۇ ئۇ گۇينىڭ بالىسى ھە ؟–دېدىممەن (ئىچىمدە مەن مەسخىرىلىك كۈلۈپ) —مالنى بېقىپ بۇلۇپ بالىنى ئىزدەپ تېپىپ مەكتەپكە ئېلىپ بارارسىز.... 6SIk,Isy8  
       —ماقۇل  شۇنداق قىلاي. fiq4|!^h  
        ئۇنىڭ خوشنىسى،قاچقۇن ئۈچىنچى ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈيىگە كەلدىم .بۇ بىر نامراتراق ،ئۆز ئاپىسى تۈگەپ كەتكەن بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆيى ئىدى .بۇنۇڭغىمۇ ئىلگىرىكى ئۆيلەرگە كىرگەندە دىگەندىكىگە ئوخشاش گەپنى دېدىم. . .|>|X4  
      — ئاخشام مۇختەر جان خېلى بىر ۋاقلاردا كىلىپ قالدى« نىم بولدۇڭ» دەپ سورىسام «پۇلۇم تۈگەپ كەتتى ،ماللىم تاماق كارتىسىنى بەرمىدى شوڭا كەلدىم» دەيدۇ. WmRx _d_  
        —شۇنداق دەمدۇ؟—مەن ئۇنۇڭدىن ياندۇرۇپ سورىدىم ۋە بالىسىغا قاراپ —بوناكۈن ئۇيۇنچۇقخانىغا قاچمىغان بولسىڭىز بىرىنچىدىن پۇلىڭىز تۈگىمەيتتى،ئىككىنچىدىن مەنمۇ كارتىنى ئېلىۋالمايتتىم ئوبدان ئۇكام........ \P;%fN  
       مەن ئۇنۇڭغا قايسى ۋاقىتتا قانداق نەسىھەت ۋە تەربىيە قىلغانلىقىم ،قورسىقى ئاچ قالمىسۇن ئۈچۈن قانچە پۇل بىرىپ تۇرغانلىقىم ،ئۇنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكى،قانچە قېتىم مەكتەپتىن قاچقانلىقى،مەكتەپكە قانچە قېتىم بارمىغانلىقى قاتارلىق پاكىتلار ئارقىلىق ئازىراق قايناپ سالدىم.ئاتىسى بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ لاسسىدە بۇلۇپ قالدى .مۇختەر نىڭ بېشى بولسا ئۇتتۇرۇۋاتقان قىمارۋازدەك  ساڭگىلاپلا كەتتى. >h0iq  
      مەن بۇيەردىمۇ ئۇزۇن تۇرمۇدۇم،چۈنكى مەن بارىدىغان يەنە بىر ئۆي بار ،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتە دەرسىم قىستاپ قالغان ئىدى.. /- qS YS(  
                                                                  5 D~~&e<v'1  
       بۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۆيى يەنە بىر كەنىتتە ئىدى.ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسەم ھويلىدا ئۇ بىخىرامان ئويناپ يۈرۈپتۇ،بۇنۇڭغا قاراپ شۇنداق غەزىپىم كەلدى—يۇ «ئوبدان تۇرۇپسىز ھە»دىگەندىن ئارتۇق بىر نېمە دېمىدىم،قانداق قىلاي! بۇنىڭمۇ ئائىلىسى نامىرات بۇلۇشىغا قارىماي بىر قېتىم باشقىلارغا پىۋا ئېلىپ بەرگەن ،مەكتەپتىن قاچقان قېتىم سانى ئەڭ  كۆپ يەنەكىلىپ ساۋادى تۇلۇق چىقمىغان  بۇلۇپ ،مەن ئۇنۇڭغا نەسىھەت قىلىپ ھارغان،ئۇ قېچىپ ھارمىغان ئىدى. Ny@CP}  
      –چوڭلار ئۆيدە بارمۇ؟ hE41$9?TJ  
     – بار |0A"3w  
      – چاقىر phu`/1;p  
            بۇنىڭمۇ ئاتىسى بىلەن سالام سەھەت قىلىشقاندىن كىيىن بالىنى ماڭدۇرۇپ بىرىشنى ئېيتىپ  مەكتەپكە ياندىم.قەلبىمدە ھەرخىل ئوي– خىياللار  ،سۇئاللار غەليان قىلماقتائىدى . c/Fy1Lv\  
                                                        6 !o+Y" * /  
          چۈشتىن كىيىن،يىغىن زالى.  -a``  
          —ھە قەيسەر ،سىلە چۈشتىن بۇرۇن نەگە باردىڭلا؟ UEZnd8  
مەن ئەنسىرىگەن،ئويلىغان ئىشلار ئەينەن روياپقا چىقماقتا ئىدى. xV&c)l>}  
          —ئاخشام سائەت سەككىز بولغاندا ياتاقتا ياتىدىغان ئۇقۇغۇچىلاردىن تۆت –بەشى قېچىپ كىتىپتىكەن،شۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلدىم. d"K~+ 
          — تۈنۈگۈن نېمىشقا تەربىيەنى ئوبدان ئىشلىمىگەن؟  m0}Pq{ g  
           —بىر سائەت دەرىسىمۇ قالدى،—دېدى ئىلمى بۈلۈمدە ئىشلەيدىغان بىرى مۇدىرنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا. r5U[jwP  
           —مەن تەربىيەنى خېلى ئوبدان ئىشلەپ قۇيۇپ بەرگەن. a$0,T_wD  
           —تەربىيە ئىشلىگەن بولساڭلا باللا قاچامدا ؟ ,$"*X-1   
           —ياتاق ئىسسىماپتۇ،توڭلىغاندىن كىيىن قېچىپتۇ،—دېدىممەن غەزىپىمنى باسالماي. {+`'ZU6C  
           —گولوغا ئوت قالاۋاتسا ،قانداقسىگە توڭلايدۇ؟ 8+HXGqcv  
           —ماڭسىلا ياتاققا كىرىپ كۆرۈ باقايلى ،ئەينەك بىرئىلىك مۇز...... IUB#Vdx  
           —سىلە كىمگە گەپ قىلىۋاتىسىلە؟ ما دىگەن شوجاڭ جۇمۇڭلا،مەلەڭلىدىكى دىخان ئەمەس،  —دېدى ئەخلاقى تەربىيە بۈلۈمنىڭ مۇدىرى . MIV<"A  
            —كىمدىن سوراپ باردىڭلار ،ئائىلە سۆھبەتكە؟   1~J:hjKQ  
             ئەمدى ئىلمى مۇدىرمۇ سورىقىنى باشلىدى.ئەتىراپتا پىسىر –پىسىر باشلاندى.     قانداق قىلاي،دەردىمنى ئىچىمگە يۇتايمۇ؟ VFmG\  
            —كىمدىن سورىشىم كېرەك ؟ھەممە ئادەم دەرىس تىڭشىغىلى كىرىپ كىتىپتۇ،كىرەي دىسەم دەرىس بۇزۇلغىدەك شۇنىڭ بىلەن ماڭىۋەردىم.دېدىممەن ياندۇرۇپلا. JQi+y;  
          —سىلىنىڭ نەزىرىڭلاردا تۈزۈم يوقما؟ ;k W+  
          —بار ،ئەگەر شۇبالىلاغا بىرەر ئىش بولسا ،كىم ئېگە بولالايدۇ؟سىزمۇ؟ ياكى سىلەرنىڭ تۈزۈمىڭلارمۇ؟ 8IeE7  
           گەپ بۇيەرگە كەلگەندە پىسىر –پىسىرلار  گودوڭ –گودوڭغا ئالماشتى .  مەن تېخىغىچە ئۆرە تۇرىمەن،كۆزلىرىم باشلىقلار سەھنىسىگە تىكىلگەن. }da}vR"iL  
          —نىېم  بولدى؟ نېمە گودوڭ —گودوڭ بۇ؟—مۇدىرنىڭ گۆرەن تۇمۇرلىرى چۇكىدەك كۆپۈشۈپ ،چىرايلىرى قارىداپ كەتكەن،چېكىلىرىدىن بىرنەچچە تامچە تەر ئېڭەكلىرىگە قاراپ سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى. x9DG87P~+  
         —كەتكىنى بىرنەچچە بالا بولسا سىنىپتا نەچچە بالا بار؟ قايسى جىق قايسى ئاز؟سىنىپتىكى جىق بالىلار سىلە دەرىسكە كىرمىگەن چاغدا بىرەر ھادىسىگە يۇلۇقسا قانداق قىلىسىلە؟ بۇنۇڭغا كىم ئېگە بولىدۇ ؟سىلىما؟— دېدى ھېلىقى ئىلمى بۈلۈم خادىمى چىت تۈيىدىن توشقانچىققاندەكلا، 9Dat oi  
        —ھە قانداق  قىلاتتىڭلا؟ دېدى مۇدىر مۇشتۇملىرىنى پۇلاڭلىتىپ . wBuos}/  
         نېمە دىگۈلۈك،«تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلۇشۇپ،سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە»دىگەن يەرگىلا ئاپاردىغۇ بۇلار،بولدىلا «ئىت ماڭا قاراپ قاۋىسا ،مەن ئۇنۇڭغا قاراپ قاۋىسام ،مېنىڭ ئىتتىن نېمە پەرقىم بولار ؟ G0lg5iA 
         – بولدى سەنلەرگە چۈشەندۈرگەننىڭ پايدىسى يوقكەن ،ئالىدىغىنىڭ پاكەنغۇ؟يازىدىغىنىم تەكشۈرۈشنامىغۇ؟قۇلۇڭدىن كېلىدىغىنى پالاشقۇ؟ Zv5vYe9Ow  
        مەن چىقىپ كەتتىم ،كىيىن نىمە گەپلەر بولغانلىقىنى بىلمەيمەن.ئۇ يەردىن چىقىپ ئۆزەمنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمنى قىلدىم  ——— دەرسىمنى ئۆتتۈم،سىنىپىمدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالى،دەرس ئۆگۈنۈش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈردۈم.كەچتە كۈندىكى ئادىتىم بۇيۇنچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ساۋادى تۇلۇق چىقمىغان بالىلارغا بىر بىرلەپ ئويغۇرچە خەت يېزىشنى ئۆگەتتىم يەنە كەچ بۇلۇپ كەتتى ،ئويلىسام كەچلىك يوقلىمىغىمۇ چىقماپتىمەن ،«دېمەك چۈشتىن كىيىنمۇ مىنى «يوق »قىلىشىدۇ،مەيلىلا ،ئۆزەم توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى ئاخىرىغىچە،مۇنبەردىن ھەيدىۋەتكۈچە قىلايلا بولدى ...»مەن ئۆزەمگە ئەنە شۇنداق تەسەللىلەرنى بەرگەچ ئۆيۈمگە قايتتىم .مانا شۇتاپتا ئۆز ئۈيۈمدە،مەشنىڭ يېنىدا ئۆلتۈرۇپ     دەرىزەمدىن كىرگەن ئاينىڭ غۇۋا يۇرۇقىدا خىيال قىلىپ ئولتۇرىمەن.... q+U&lw|"w  
   rAZ~R PrW  
مەنبە :ئۆزەم 2011–يىلى1–ئاينىڭ 28– كۈنى يوللاندى w^^8*b<  
            

koksangun 2011-01-29 19:39
«ئالاھەزەل قىرىق مىنۇتتىن كىيىن ئۇ(بالىنىڭ ئاتىسى) قايتىپ كەلدى. xiO10:L4  
%=)%$n3=-M  
         –يوق تۇرۇدۇ ئۇ گۇينىڭ بالىسى .» zKQXmyO  
نېمە دېگەن چىن قۇرلار ھە بۇ ؟ }CvhLjo  
ئاجايىپ ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ئەسەرنى ئوقۇدۇم....

tawpek 2011-01-30 13:16
مائارىپ قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلۈپ تۇراقلاشتۇرۇشقا مەكتەپ ئەمەس يىزىلىق ھۆكۆمەت ئىگە بولغاندىن بىرى خەقنىڭ ئۆيىگە بىرىپ بالا يىغىدىغان ئىشلار قالدى ھازىر. c\VD8 :  
Is>~P*2Y=  
بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە 10 - ئاي كەلسە يىرىمى پاختا تەرگىلى كىتىدۇ. uE'Kk8  
k; ned  
ھۆكۆمەت مائارىپقا مەبلەغنى  يەتكۈچۈ سىلىپ ئوقوغوچىلارنىڭ  تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ كەتتى. U4h5K}j4  
N ZZc [P  
 B:(a?X-7  
ياخشى ھىكايىكەن. داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.ئامال بار خەت نۇسخىسىغا ئەلكاتىپ ئىشلىتىڭ.

tawpek 2011-09-26 23:51
قىلىشىدۇ،مەيلىلا ،ئۆزەم توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى ئاخىرىغىچە،مۇنبەردىن ھەيدىۋەتكۈچە قىلايلا بولدى ...» oVY_|UujG  
lA n^)EL  
بىز تىخى مۇنبەردىن ھەيدىمىگەنغۇ؟

رەيھان 2014-04-18 11:28
بىز سىزنى مۇنبەردىن ھەيدىمەيمىز بەلكى داۋاملەىق سىزنىڭ يازمىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇشنى خالايمىز. ياخشى يېزىپسىز مەنمۇ بۇ يەردىكى بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىنى ئەسلەپ قالدىم.

چوغلۇق1 2014-05-20 12:13
مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم بەك بەخىتلىك ئىكەن.ئىسسىق ياتاق،ئىسسىق سىنىپ،تەييار تاماق.ئەتىگەندە6:00دە يۈگرەيدۇ،6:30دە تاماققا چىقىدۇ.7:00دە ئەتىگەنلىك مۇزاكىرىگە كىرىدۇ.ئۇقۇتقۇچىلار شۇ چاغدا كېلىمىز.شۇ چاغقىچە ھممە تازىلىق تۈگەيدۇ.ناۋادا كەلمەي قالىدىغان ئۇقۇغۇچىلار بولسا دەرھال تېلىاۇن قىلىمىز.يېزىدىكى بالىلارنى مەكتەپ سىياسى بۆلۈمدىكىلەر ئالاقىلىشىپ ئەكىلىدۇ.دەرىسكە تەسىر يەتمەيدۇ.ھممە ئىش تەرتىپلىك،باشقۇرۇش ياخشى.سىلەرنىڭ مەكتەپتىكىدەك ئىشلار تارىخقا ئايلىنىشى كېرەك ئۇنداقلار پات يېقىندا  شېرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىدۇ.  

پاراسەت2 2014-06-17 18:10
بىزغۇ شەھەردىكى مەكتەپتە.شۇڭا يېزىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ھەققىدە چۈشەنچىمىز تازا يېتەرلىك ئەمەس.لېكىن ھەر خىل ئاخبارات ۋاستلىرىدا شىنجاڭنىڭ مائارىپى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى دېيىلىۋاتىدىغۇ؟ئوقۇغۇچىلار ياتاقتىن،قورساقتىن،ئوقۇش پۇلىدىن غەم قىلمايدىغان ئىشلار ھازىرمۇ بار ئوخشىمامدۇ؟ بۇنداق بولسا بۇنداق چوڭ ،قۇدرەتلىك،ئەركىن،باي ئىقتىساد چوڭ دۆلىتىنىڭ يۈزىگە سەت بولماسما؟

مىېھرىما 2014-07-10 10:23
ياخشى بىر پارچە ئەسەرنى كۆرۈش پۇرستىگە ئىگە قىلغانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم سىزگە رەھمەت !!


查看完整版本: [-- مەن بىر كۈنۈمنى شۇنداق ئۆتكەزدىم --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled