مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ نۇقتىينەزەرى ۋە دەلىلى
مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ نۇقتىينەزەرى ۋە دەلىلى ئوقۇتۇش مەزمۇنى =jV%O$Fx
1 ) مۇھاكىمە ماقالىسى دېگەن نېمە ؟ C\a:eSgaC
جاۋاب : مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ۋە قائىدە – داۋلى سۆزلەشنى ئاساس قىلىپ ، ئۇقۇم ، ھۆكۈم ، ئەقلىي خۇلاسە ئارقىلىق بىۋاستە ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوبيىكتىپ شەيئىلەرنىڭ خاراكتىرى ، ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتى شەرھىيلىنىپ ، ئاپتۇرنىڭ مۇئەييەن قاراش ۋە تەشەببۇسلىرى ئىسپاتلىنىدىغان ماقالىلار مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلار دەپ ئاتىلىدۇ. zV_-rf
2 ) مۇھاكىمە ماقالىسى قانداق ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ ؟ K9I,Q$&xX
جاۋاب : بايانىي ماقالىلارنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى بايان قىلىش ۋە تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت بولسا ، مۇھاكىمە ماقالىسىدا مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە يىتەكچىلىك رول ئويناپ ، ئاپتۇرنىڭ نىمىنى تەشەببۇس قىلىپ ، نىمىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ . چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرى ئوبيېكتنى تۇنۇشتۇرۇشقا ئېتىۋار بىرىپ ، نىشانلىغان تېمىنى ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرۈش رولىغا ئىگە بولسا ، مۇھاكىمە ماقالىلىرى ئوبيىكىتقا نىسبەتەن ئاپتۇرنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئېنىق ئىپادىلەپ ، چوڭقۇر مۇلاھىزە ئارقىلىق ، ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىش رولىغا ئىگە بولىدۇ . [tN/}_]
ھەرقانداق مۇھاكىمە ماقالىسى نوقتىينەزەر ، دەلىل (ئاساس ) ۋە ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ئامىلدىن تەركىپ تاپىدۇ . 79DC]48M
3) مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك ؟ 3'wBX
جاۋاب : نوقتىينەزەر ئاپتورنىڭ مۇھاكىمە قىلىدىغان مەسلىسى ئىسپاتلايدىغان كۆز قارشى ۋە تەشەببۇسى بۇلۇپ،مۇھاكىمە ماقالىنىڭ يادروسى ھىسابلىنىدۇ. ئىسپاتلاش جەريانىدا،نۇقتىنىئنەزەر يىتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ. دەلىل ۋە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى بولسا،ئەنە شۇ نۇقتىنىئەزەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .نۇقتىنىئەزەر قانداق ماتىرياللارنى تاللاپ دەلىللەشنى،شۇنىڭدەك قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىسپاتلاشنىمۇ بەلگىلەيدۇ. <#-ERQw
ھەر قانداق مۇھاكىمە ماقالىسىنىڭ بىر مەركىزىي نۇقتىئنەزىرى بۇلىدۇ،مۇرەككەپرەك مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىڭ مەركىزىي نۇقتىئنەزىرىدىن باشقا تارماق نۇقتىئنەزىرى بۇلىدۇ. مەركىزىي نۇقتىئنەزەر ئاپتورنىڭ ماقالىدە بايان قىلغان ھالقىسىدۇر. تارماق نۇقتىئنەزەر مەركىزىي نۇقتىئنەزەرگە نىسبەتەن تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.بەزى تارماق نۇقتىيئنەزەر مەركىزىي نۇقتىيئنەزەرنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ. s5HbuyR^
دەلىل نوقتىينەزەرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئىسپاتلاشتا تولوق پاكىت بولالايدىغان، ھەقىقىيلىكى ئىلگىرى بىلىنىپ بولغان قانۇنىيەتلەر دەلىل دەپ ئاتىلىدۇ. wHmEt ORo
دەلىل_ نۇقتىئنەزەرنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات ۋە ئاساس . دەلىل ئىككى خىل بۇلىدۇ. بىرى: پاكىتلىق دەلىل ،يەنە بىرى:نەزەرىيىۋى دەلىل .پاكىتلىق دەلىل قەدىمكى ۋە ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ ۋە چەتئەللەرنىڭ پاكىتلىرى بۇلۇپ،ئۇ ھەم كونكرىت ھەم يىغىنچاقلانغان بۇلىدۇ. بۇ خىل دەلىل يەنە،ئېنىق ،توغرا بولغان سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.نەزىريەۋى دەلەل يىمىرىلمەس قائىدى – قانۇنىيەتلەر، مەسىلەن : « قەدىمقى ئاقىل دانىشمەنلەر » ، نوپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرى ، كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ مۋغىزلىق ھۆكۈملىرى ، كىشىلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان ئاساسى قايدىلەر ھەمدە ئىلمى ئەسەرلەردىكى ئاكسىۇما ، ئېنىقلىمىلار، مىزان ھىساپلىنىدىغان ھىكمەتلىك سۆز ، ماقال – تەمسىل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . P_gQ-pF.
4) نېمە ئۈچۈن مۇھاكىمە ماقالىلىرىدە ئىسپاتلاشنىڭ ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق ھالدا تاللىنىو قوللىنىلىدۇ ؟ ~EBZlTN
جاۋاب : مۇھاكىمە ماقالىسىنى يازغاندا ، ئېنىق نوقتىينەزەر بولۇش ، نوقتىينەزەرگە ئاساسەن تىپىك دەلىل ، ئىسپاتلارنى تاللاش ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنىمۇ مۇۋاپىق تاللاش زۆرۈر ، شۇنداق قىلغاندىلا قائىدى – دوۋلىلارنى ئېنىق ، تولۇق ۋە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بايان قىلغىلى بولىدۇ . #?9oA4Q
ئىسپاتلاش ئۇسۇلى دىگىنىمىز _ ھەققىقىلىقى ئىلگىرى بىلىنىپ بولغان دەلىل ( ئاساس ) لار ئارقىلىق ، نوقتىينەزەرنى ئىسپاتلاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت . {f)p|)
5) دائىم ئىشلىتىدىغان ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى قايسىلار ؟ L2$%h1
جاۋاب : دائىم ئىشلىتىدىغان ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت : MI/1uw
1) ئايرىمىلىقتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى ، بۇ خىل ئۇسۇلدا پاكىت ، مىساللار ئاۋال ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ، ئاندىن قائىدە – قانۇنلار ئومۇملاشتۇرىلىدۇ . #ua#$&p
2) ئومۇمىلىقتىن ئايرىمىلىققا قاراپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى . بۇ « نەزىرىيىۋى ئىسپات » دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇنىڭدا قائىدە ياكى يەكۈنگە ئاساسەن ، ئايرىم پاكىكلار ئىسپاتلىنىدۇ ، ئككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا ئومۇمى دەلىللەر ئارقىلىق ئايرىم نوقتىينەزەر ئىسپاتلىنىدۇ . Jd |hwvwFe
3) مىسال كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى . بۇ ئۇسۇل پاكىتنى نەزەرىيىۋى ئاساس قىلىدىغان ، مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرىدىغان ، ئىزاھلايدىغان بىر خىل ئىسپاتلاش ئۇسۇلى ، بۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزەرىيىۋى ئاساسنىڭ پاكىقى ، ياكى كونكىرىت بولىشىمۇ ياكى بىرقەدەر ئومۇملاشتۇرۇلغان بولىشىمۇ مۈمكىن ، شۇنداقلا ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق جانلاندۇرۇلغان بولىشىمۇ مۈمكىن ياكى سانلىق مەلۇماتقا ئوخشاش مەزمۇنلاردىن تەركىپ تېپىشىمۇ مۈمكىن ، بۇنداق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى بىرقەدەر ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىدۇ ، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىيىش ۋە قايىل قىلىش كۈچى زورراق بولىدۇ . DeUDZL%/
4) نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى . ئۇ قەدىمقى ۋە ھازىرقى ، جۇڭگۇدىكى ۋە چەتئەللەردىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ سۆزلىرى ، ھەممىگە ئايان بولغان قايدىلەر ، ئىلىم – پەندىكى ئاكسيئوما ، ئىدىيوم ، ماقال – تەمسىل قاتارلىقلار نەقىل كەلتۈرۈپ دەلىل قىلىنىش ئارقىلىق نوقتىينەزەر ئىسپاتلىنىدىغان ئۇسۇل . ئادەتتە مۇنداق ئۇسۇلدىن پايدىلانغاندا ، كەلتۈرۈلگەن نەقىلنىڭ تولىمۇ كۆپ ، تولىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك ،مەسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈش يولى بىلەن ئىسپاتلىغاندا ، نەقىلنىڭ دەلمۇ – دەل ۋە تىپىك بولىشىغا، بەلگىلىك قاراتمىلىققا ئىگە بولىشىغا ۋە ماقالىدىكى مەركىزى نوقتىينەزەرگە ماس كىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم . j_}e%,}
5) سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى . بۇ ، ئككى خىل شەيئىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشىمايدىغان يەرلىرى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق نوقتىينەزەر ئىسپاتلىنىدىغان بىر خىل ئۇسۇل ھىساپلىنىدۇ . ئۇنىڭدا شەيئىلەردىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىك ، ھەق – ناھەق ، ئىجابىي – سەلبى تەرەپلەر سېلىشتۇرۇلۇش جەريانىدا ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ ، ئاپتۇر دائىم تارىخى پاكىتلارنى ياكى بۇرۇنقى ئىشلارنى ھازىرقى ئىشلار بىلەن كاڭ كۇشادە سېلىشتۇرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولغان مەسىلە تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈپ ، نوقتىينەزەر تىكلىنىدۇ . 8S0)_L#S
6) ئوخشىتىش ( تەمسىل ) ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى . بۇ خۇسۇسىيىتى ئوخشاش بولغان شەيئىلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يەنى ئوخشىتىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئىسپاتلاش ئۇسۇلىدۇر ، بۇ خىل ئۇسۇلدا بەزى تەبىئەت ھادىسىلىرى ، تۇرمۇش ھادىسىلىرى ، رىۋايەت ، چۆچەكلەر ، ماقال – تەمسىللەر ، شۇنىڭدەك تۇراقلىق ئىبارە، قەدىمقى كىتاپلاردىن ئېلىنغان ھىكمەتلىك سۆز قاتارلىقلار تەمسىل قىلىنىپ ، ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم قائىدى – داۋلىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ نۇقتىنەزىرىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ ، ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغاندا ، ئابىستىراكىت مۇھاكىمىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ، ئىسپاتلاشنىڭ جانلىقلىقىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ ، بۇ ئۇسۇل ئوبدان قوللىنىلسا چۈشەندۈرۈلگەن قائىدە – داۋلىلار جانلىق بولىدۇ ، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . (i`DUF'#y
7)تەتۈر ئىسپاتلاش ئۇسۇلى.بۇ نۇقتىئىنەزەرنى ئىجابىي جەھەتتىن بىۋاستە ئىسپاتلىماي،بەلكى سەلبىي جەھەتتىن ۋاستىلىك ئىسپاتلاشتۇر.تەتۈر ئىسپاتلاش ئۇسۇلىدا ئىككى خىل ئەھۋال بۇلىدۇ.بىر خىلى،ئالدى بىلەن ئۆز نۇقتىيئنەزەرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ،ئاۋۋال بۇ نۇقتىيئنەزەر بىلەن ئۆز-ئارا زىت بولغان نۇقتىيئنەزىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەتۈر ئىسپاتلاپ چىقىش.بۇخىل ۋاستىلىك ئۇسۇلنى قوللانغاندا،چۇقۇم ئالدى بىلەن ئەسلى نۇقتىيئنەزەر بىلەن ئۇنىڭغا قارشى نۇقتىيئنەزەرنىڭ زىددىيەتلىك مۇناسىۋىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش زۆرۈر. FOZqN K
نۇقتىلىق يېزىقچىلىق مەشقى A81kb
( بىر سائەت ) "8-]6p3u
«مۇھاكىمە ماقالىلىرىنىڭ بىر ياخشى ئۈلگىسى» دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ. >V NMQ
تەلەپ:1.ئالدى بىلەن بىر پارچە ئۈلگىلىك مۇھاكىمە ماقالىنى تاللىۋېلىپ ئۇنىڭ مەزمۇن،شەكىل قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلىپ بېرىش . [
h%ci3
2. تاللىۋالغان ماقالىنىڭ ئاساسىي قىسىم ۋە تەركىبلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىش. C#(4>'
3.يازغان ماقالىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان نۇقتىئنەزەر دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق شەرھىلىنىپ،ئۈچ ئاساسىي قىسمى روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان شەكىلگە ئىگە قىلىنىشى لازىم. 2c}>}A 4
|