查看完整版本: [-- تەزكىرە ئەدەبىياتى ۋە يېزىش تەلىپى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> تەزكىرە ئەدەبىياتى ۋە يېزىش تەلىپى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-01-29 19:13

تەزكىرە ئەدەبىياتى ۋە يېزىش تەلىپى

تەزكىرە ئەدەبىياتى ۋە يېزىش تەلىپى  `(NMHXgG+  
                                                       ئوقۇتۇش مەزمۇنى $KDH"J  
1.تەرجىمىھال ئەدەبىياتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى قايسىلار؟ قانداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ eaSf[!24"  
جاۋاپ : تەركىزە ئەدەبىياتى بىوگرافىيە ياكى تەرجىمىھال ئەدەبىياتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ماقالىلەر بىرخىل بەدىئي ئۇسۇلدا يېزىلغان خاتىرە شەكلىدىكى ئەسەرلەر بۇلۇپ، .ئۇنىڭدا ھەرخىل تارىخى پاكىتلار ئاساس قىلىنىپ، مەشھۇر تارىخى شەخسلەر، ئىنقىلابى قەھرىمانلار، نەمۇنىچى، ئىلغار شەخىسلەر ۋە ئۇلارنىڭ .ئىش-پائالىيەتلىرى جانلىق، گەۋدىلىك قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ.ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە كۆپىنچە ئوبزارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ.يازغۇچىنىڭ زۆرۈر بولغان بەدىئىي پىششىقلاشلارنى ئېلىپ بېرىپ، بەزى تىپىك بولمىغان، شەخىسلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان ماتىرىياللارنى تاللاپ چىقىرىۋىتىشكە يول قۇيۇلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا مەركەزلەشتۈرۈشكە، مۇۋاپىق تەسۋىرلەردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، لېكىن خالىغانچە مۇبالىغىلەشتۈرۈشكە، توقۇلما قىلىشقا بولمايدۇ. )"SP >2}  
     چىنلىق_تەرجىمىھال ئەدەبىياتىنىڭ جېنى ھەم قېنى ھېسابلىنىدۇ.تەرجىمىھال ئەدەبىياتى ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.بىرى، تارىخى تەرجىمىھال بۇلۇپ، بۇنىڭدا پىرسۇناژلارغا دائىر تەپسىلى ۋە ئېنىق تارىخى پاكىتلار ئاساس قىلىنىدۇ.يەنە بىرى، ئەدەبىي(بەدىئىى)تەرجىمىھال بۇلۇپ، بۇنىڭدا مەلۇم شەخسنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىللىرى ۋەئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى ئورازلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ. kaybi 0  
   2 . تەرجىمىھال ئەدەبىياتى يېزىقچىلىق تەلەپلىرى قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ W6cA@DN$#  
     جاۋاپ : تەرجىمىھال ئەدەبىياتى يېزىقچىلىقىغا تۆۋەندىكى تەلەپلەر قويۇلىدۇ: 3@xn 
     1)مەزمۇنى جەزمەن تارىخى رېئاللىققا ئۇيغۇن، چىن ۋە ھەقىقىي بۇلۇشى لازىم. !@2L g  
     تەرجىمىھال ئەدەبىياتىدا شەخسنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كېلىپ چىقىشى، يۇرتى قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋاللار باشتىلا تۇنۇشتۇرۇلۇپ، ئاندىن پېرسۇناژنىڭ ھاياتىدىكى تەسىرلىك ئىش-پائالىيەتلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنىدۇ. mWhQds6  
            تەرجىمىھال ئەدەبىياتى ئوبىكتىپ قىلغان شەخىسنىى ئىدىيىسى ۋە مىجەز-خۇلقىنىڭ شەكىللىنىشى، خىزمەت جەريانىدىكى مۇۋەپىقىيەتلىرى ۋە تۆھپىللىرى مەلۇم نۇقتىدىن ئالغاندا ئائىلە ۋە جەمىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، تەرجىمىھال يېزىقچىلىقى كۆپ ھاللاردا بۇخىل تەسىرگە چېتىلىدۇ. بۇ كۆپ تەرەپلىمە تەسىر ئىچىدە ئائىلە مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ئىككى مۇھىت تەرەپ بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئائىلە مۇھىتى شەخىسنىڭ تۇرمۇش شارائىتى، تەربىيىلىنىش شارائىتى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىجتىمائىي مۇھىت ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش، ئەتراپتىكى ئاداملەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىقلانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئائىلە مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ پېرسوناژلارغا بولغان تەسىرىنى چۈشەندۈرگەندە، چېتىلىدىغان ئادەم، ئىش-ۋەقە ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارمۇ چۇقۇم چىن، ھەقىقىي بۇلىشى، تارىخنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇلۇشى لازىم. 9/[1a_ r  
          2)مەركىزى ئىدىيە ئېنىق بۇلۇشى لازىم. ?;{ d  
       تەرجىمىھال ئەدەبىياتىدىمۇ باشقا ماقالىلەرگە ئوخشاش چۇقۇم مەركىزىي ئىدىيە بۇلۇشى كېرەك. تەرجىمىھال ئەدەبىياتىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى پېرسوناژنىڭ مەنىۋى پەزىلىتىنى ئىپادىلەيدۇ ياكى پېرسوناژنىڭ ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى تەقدىم قىلىشتەك ئالىيجاناب روھىنى مەدھىيلەيدۇ. تەرجىمىھال ئەدەبىياتى ئېنىق مەركىزىي ئىدىيەگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن كىتابخانلارنى پېرسوناژنىڭ قانداق ئىدىيىۋى پەزىلەتلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق ۋارىسلىق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگەقىلىدۇ. مۇنەۋۋەر شەخىسلەرنىڭ ھاياتىدىكى ئىش-پائالىيەتلەر كۆپ ھاللاردا مول مەزمۇنلۇق بولىدۇ.سەھىپىسى ئۇزۇنراق تەرجىمىھال ئەدەبىياتى پېرسوناژنىڭ ھاياتىدىكى ئىش-پائالىيەتلەرنى قاتلاملار بويىچە كۆپ تەرەپتىن ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇپ بىرىدۇ.بۇ پېرسوناژ ھاياتىنىڭ ھەر قايسى دەۋرى، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قىسقا تەرجىمىھالدابولسا، پېرسوناژنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەرگۈزەشتىلىرى ۋە مۇۋەپىقىيەتلىرىنى تاللاپ يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ. _T[7N|'O  
       3)باھا بېرىش مۇۋاپىق بۇلۇشى كېرەك. (~}P.?C8  
       تەرجىمىھال يېزىشتا مۇقەررەر ھالدا پېرسوناژغا بولغان باھا ئىپادىلىنىدۇ. باھا بەرگەن چاغدا، چوقۇم تارىخىي پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ، ئىگىلىگەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىلمىي تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن پېرسوناژغا ئەتراپلىق ۋە مۇۋاپىق باھا بەرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە بېرىدىغان باھانى مۇھاكىمە ئۇسۇلى بىلەن بىۋاستە ئىپادىلەشكىمۇ، پېرسوناژ پائالىيىتىنىڭ بايانى جەريانىغا بىۋاستە سىڭدۈرىۋىتىشكىمۇ ئەسەرنىڭ بېشى ياكى ئاخىرىدا بېرىشكىمۇ، شۇنداقلا بايان جەريانىدا تارقاق بېرىشكىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ ئادەتتە ئېيتىلىدىغان بىر تەرەپتىن بايان قىلىپ، بىر تەرەپتىن باھا بېرىش بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. a!OS2Tz:  
       ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىشتا، ئومۇمەن ئۆزىگە باھا بەرمەيدۇ، بۇ ھەرگىز ئىدىيىۋىي مايىللىقنىڭ يوقلۇقى بۇلۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئاپتورئىش-پائالىيەتلىرىنى بايان قىلىش، ماتىرىيال تاللاش، تەپسىلىي ياكى ئىخچام ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە نۇقتىنەزىرىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسلەن، لۇشۈن«تەرجىمىھالىم» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئەكسىيەتچى كۈچلەرگەقارشى ئىگىلمەس-سۇنماس كۈرەش قىلىش روھىنى ئىپادىلىگەن.  _t l  
      4)تىلى ئادىي، چۈشىنىشلىك بۇلۇشى كېرەك. gG^A6Ol%D  
     تارىخىي تەرجىمالدا كۈپىنچە پاكىتلار ئاددىي چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلق بايان قىلىندۇ. ئوبرازلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەنمەيدۇ. ئەدەبىي تەرجىمال ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئەدەبىي تەرجىمال ھەم تارىخىي تەرجىمىھالغا ئوخشاش پېرسوناژ ۋە ۋەقەلەرنىڭ چىن، راسىت بۇلۇشىنى، ھەم ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش پېرسوناژلارنى ئوبرازلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۈرەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە پاكىتلار ئاساسىدا بەزى مۇۋاپىق تەسەۋۋۇرلارنى قۇشۇشقا يول قۇيىدۇ. O7]p `Xi8  
                                                   يانداش مەشىقلەر Q~p)@[q  
           1.تاللاش سۇئالى c/K:`XP~  
1)تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە تەزكىرە ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلمەيدىغان خاتا جاۋابلار، تەزكىرە ئەدەبىياتىدا :  (         ) nTG@=C#  
A. پاكىتلار ئاساس قىلىنىدۇ   B. ئوبرازلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ C. بەدىئىي ئومۇمىلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ FR bmeq3c  
D. ماتېرياللارنى تاللاپ مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدۇ  #8cpZ]#  
   2) تەرجىمىھال ئەدەبىياتىنىڭ جېنى : (              ) . zCpsGr  
A. چىنلىق                     B. ئوبرازچانلىق Lo<-;;vQ  
C. تىپىكلىك                  D. ئىندىۋىداللىق  [WfigqY`b*  
   3) تەزكىرە ئەدەبىياتىدا : (             ) نى يىزىش ئاساس قىلىنىدۇ . Lm!/ iseGv  
A. تۇرمۇشتىن ئالغان خام ماتىرياللار     B. ئىلىم - پەن مۇۋاپىقىيەتلىرى . ekR/X  
C. رىياللىقتىكى غايىۋى قەھرىمانلار      D. قەھرىمانلار،نەمۇنىچى شەخىسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى SV?^i`  
   4) تۆۋەندىكىلەردىن تارىخى تەرجىمىھالنىڭ ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ كىلىدىغان توغرا جاۋاپلار (         ) . uV|%idC  
A. تارىخى تەرجىمىھالدا پاكىتلار بايان قىلىنىدۇ . 7NFRCCXHQ  
B. پىرسۇناژلار ئوبرازلاشتۇرۇلۇپ سۈرەتلىنىدۇ .        C. توقۇلما ئازراق بولىدۇ . D#.N)@\  
D. ئاتۇرنىڭ پوزىتسىيىسى ، نۇقتىنەزىرى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ . f[XsnN2  
   5) تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ھەممە سۆزى ئادەتتىكى لۇغەت تەركىۋىگە كىرىدىغان جاۋاپ (          ) . rGqT[~{t  
A. ئۈسكىنە ، ئېكۋاتۇر ، ئوپېرا ، تىراتۇر .           B. ياخشى ، ئابلا ، گۆش ، ياز . [YTOrN  
C. كەڭ ، بۈگۈن ، بانكا ، جۈجەم .    D. قوي ، ئات ، نامرات ، ئىسلاھات . 4b@ Awtk  
2. توغرا- خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ + lNAog  
1) تەزكىرە ئەدەبىياتى بىئوگرافىيە ياكى تەرجىمىھال ئەدەبىياتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ (           ) . 9*ek5vPB  
2) تەزكىرە ئەدەبىياتىدا يېزىلغان شەخسلەرنىڭ خاراكتىرى، تىپىك شارائىت ئىچىدە شەكىللەندۈرۈلگەن بولىدۇ (            ) . *[ww;  
3) تەجىمىھال ئەدەبىياتىدىمۇ باشقا ماقالىلەرگە ئوخشاش چۇقۇم مەركىزى ئىدىيە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ (             ) . k3- 7Vyg  
4) ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىشتا ، ئومۇمەن ئۆزىگە باھا بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ (             ) . |9;MP&68  
5) تارىخى تەرجىمىھالدا كۆپىنچە پاكىتلار ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ (            ) . BK[ YX)  
6) ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىش ئاساس قىلىنغان تەزكىرە ئەسەرلىرى تارىخى تەرجىمىھال تۈرىگە كىرىدۇ . (             ) . n B. u5  
7) « ئوق - دورا ، خەت - پەت ، ياماندىن - يامانغا ، دات - پەريات » دىگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى جۈپ سۆز بولۇپ ، سىزىقچە قويۇلىشى مۇۋاپىق (             ) . ,^m;[Dl7  
             3 . بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ PpWn+''M  
1) چىنلىق _ تەرجىمىھال ئەدەبىياتىنىڭ (                 ) ھەم (               ) ھىساپلىنىدۇ . ئۇ ئادەتتە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ ، بىرى (                ) بولۇپ ، بۇنىڭدا پىرسۇناژلارغا دائىر تەپسىلى ۋە ئېنىق (                 ) پاكىتلار ئاساس قىلىنىدۇ . يەنە بىرى (               ) بولۇپ ، ئۇنىڭدا مەلۇم شەخىسنىڭ (                 ) ۋە ئۇنىڭ (                 ) ئارقا كۆرۈنىشى (                ) ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ . bi<?m^j  
2) ئائىلە مۇھىتى شەخىسنىڭ (                ) ، (               ) ، (                 ) نىڭ تەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگ ئالىدۇ . dZ i ?Z  
3 ) ئىجتىمائي مۇھىت (                  ) ، (                ) بىلەن بولغان ئىجتىمائىي (               ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .  ^Ss4<  
تاپشۇرۇق (Tbw@BFk  
1 . تەرجىمىھال ئەدەبىياتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى قايسىلار؟ قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ؟ o9 g0fC  
2 . تەرجىمىھال ئەدەبىياتى يېزىقچىلىق تەلەپلىرى قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ C?47v4n-'  
  A\S1{JrR  

tawpek 2011-01-30 15:18
تەزكىرە ئەدەبىياتى بىلەن ھىكايىنى ئارلاشتۇرۋىتىش سەل ئىغىرغۇ دەيمەن. 057$b!A-a  
us,1:@a)a  
بۇلارنىڭ چەك -چىگىرسىنى سۆزلەپ بەرمەمسىز؟

مىېھرىما 2014-01-28 13:01
تارىخى تەرجىمەھال بىلەن ئەدەبى تەرجىمەھالنىڭ پەرقىنى ناھايتى ئېنىق ئايرىپ بېرىپسىز .رەھمەت بىلۋالدىم.


查看完整版本: [-- تەزكىرە ئەدەبىياتى ۋە يېزىش تەلىپى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled