查看完整版本: [-- ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-01-29 18:52

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش ھەم ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە MXvXVhCU  
ئوقۇتۇش مەزمۇنى 2k -+^}r  
1.ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيەت جەھەتتە قانداق تۆھپىلەرنى قوشقان ؟ ?Dsm~bkX[  
ئۇلۇغ جۇڭخۇامىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلار مەملكىتىمىزدىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ  بىرى .ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەردىن بۇيان ئاجايىپ مول ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى يارىتىپ ،مەمىلكىتىمىز ۋە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى .ئەسىرلەرمابەينىدە ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەنە شۇ ئۆچمەس تۆھپىلەرنىڭ بىر قىسىمى ھېساپلىنىدۇ.      
     2.ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قايسى دەۋىرلەردىن باشلانگان ؟بۇنىڭغا  قانداق پاكىتلار بار ؟   ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ،ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتىنى كۆرسىتىدۇ .ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ‹‹ئورخون-يېنسەي مەڭگۇ تاشلار ئەدەبىياتى ›› دەۋىردىن باشلاپ ھېساپلىغاندا    ئەسىرلەردىن باشلانغانلىقى مەلۇم .چۇنكى ،قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئورتاق بولغان ئورخون –يېنسەي يېزىقى بىلەن يېزىلغان ‹‹ئورخون-يېنسەي مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ››نىڭ ھازىرغىچە تېپىلغانلىرىدىن ئەڭ قەدىمكىسى بولغان ‹‹چۇرىن مەڭگۇ تېشى –مىلادىيە  686-يىلى يېزىلغان .شۇنداقلا بۇ مەڭگۇ تاشلارنىڭ تىلى خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ ،تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى قەھرىمانلىق ئېپوسلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلغان .مانا بۇ پاكىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە      ئەسەرلەردىن خېلى بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ يېزىق تىلىغا ئىگە بولغانلىقىنى ھەمدە يازما ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. uG J"!K  
  3. ئۇيغۇر  كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرى كىملەر ؟ئۇلار قانداق ئەدىبلەر؟ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئۆركەشلەپ ئاققان ئۈزۇلمەس ئېقىنىدا كۆپلگەن ئۇلۇغ يازغۇچىلار ،شائىرلار ،دراماتورگلار ،سەنئەتكارلار ۋەكىشى قەلبىنى زور ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى .ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە يازغۇچى ،شائىرلار سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ ،بۈيۈك پەيلاسۇپ ۋە شائىر ئەبۇ نەسىر مۇھەممەت فارابى ،ئاتاقلىق تىلشۇناس ،يىرىك ئەدىب مەھمۇت قەشقىرى ،بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە جامائەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىب ،ئەدىب ئەھمەت يۇكنەكى ،ئۇيغۇر پروزسىنىڭ يىرىك نامايەندىسى نەسىردىن بۇرھانىدىن ئوغلى رابغۇزى ،ئۇيغۇر پوئىزىيسىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرى ئاتايى ،سەككاكى ،مەۋلانى ئەبەيدۇللا لۇتفى،ئەلشىر نەۋايى ،ھىرقىتى،مۇھەممەد سىدىق زەلىلى،نۆبىتى،گۇمنام،ئابدۇرېھىم نىزارى،تۇردى ئاخۇن غېرىبى،موللا بىلال نازىمى... قاتارلىق يازغۇچى-سەنئەتكارلار بولۇپ، ئۇلار يالغۇز ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى ئېلىمىز ئەدەبىياتى تارىخىدا جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا يوقىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان مەشھۇر ئەدىبلەردۇر.  }IkQA#4$  
4.كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەر قايسىلار؟ ئۇ نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ 4&X*pL2;  
كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزنىڭ ئالتۇن سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغان دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەر: ‹‹ ئۇغۇزنامە ››، ‹‹ئېرىق بېتىك ››،‹‹ئالتۇن يارۇق››،‹‹تۇركىي تىللار دىۋانى››،‹‹ قۇتادغۇبىلىك››،‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا››،‹‹ئەتەبەتۇل ھەققايىق››،‹‹خەمىسە نەۋايى›› قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز تارىخىدىكى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ كېلىۋاتقان بۈيۈك نامايەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە يىرىك ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىز ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى مول بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭ نەچچە يۈز يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنى يارىتىپ بەردى. بۇ ئېسىل ئەدەبىي مىراسلارنىڭ ھەممىسى قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ھەم يوقىرى بەدىئىي ئىقتىدارىنىڭ مەھسۇلى. 8<#U9]  
5. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى مەنبە نېمە ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟   1yqoA *  
  ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى مۇھىم ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگۈچى بىر مۇھىم مەنبە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدۇر. چۈنكى باتۇر،پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا سانسىزلىغان گۈزەل ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۇرۇپ،بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى يۈكسەك ئارزۇ غايىلىرىنى يارقىن ھېس-تۈيغۇلىرىنى ئىپادىلىدى. ئەدەبىيات تارىخىمىزدا مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان بۇ قىممەتلىك يادىكارلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە يازما ئەدەبىياتىمىزدىكى يازغۇچى ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە غايەت زور ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يېڭى-يېڭى مەزمۇن ۋە جانلىق شەكىل بىلەن تۇلۇقلىدى.قىسقىسى،ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى كلاسسىك ئەدەبىياتمىزنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇنبەت زېمىن بولۇپ قالدى. 2y GOzc  
6. كلاسسىك ئەسەرلەردە قانداق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؟  lhLGG  
قەدىمكى ئاتا –بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىنڭ جەۋھىرى بولغان ئېسىل ئەدەبىي مىراسلىرىمىزدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمگەكچانلىقى ،قەھرىمانلىقى ،ئۈمىدۋارلىقى ۋە ئاددىي –ساددا ئاق كۆڭۆللۇكىدەك گۇزەل ئەخلاقى - پەزىلىتى، ۋەتەننى سۆيۇپ،تاجاۋۇزچىللىققا قارشى تۇرغانلىقى ،زۇلۇمغا ،ئېكىسپولاتاتسىيگە قارشى تۇرغانلىقى ،ئازادلىققا ،باراۋەرلىككە ،ھۆرلۇككە ،ئەركىن ھاياتقا تەلپۇنۇپ كەلگەنلىكىدەك ئۇلۇغۋار روھى ئوبرازلىق ،جانلىق ،گەۋدىلىك ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن .يەنە بىر تەرەپتىن ئىتىبدات كونا دەۋرنىڭ چىرىكلىكى ،زۇلمەتلىكلىكى ،ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ زالىملىقى ،ياۋۇزلىقى ،ئاچ كۆز، تەييارلىقى ،چوڭقۇر غەزەپ بىلەن ئېچىپ تاشلانغان ۋە كۈچلۈك پاش قىلىنغان.قىسقىسى ،بو قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلاردا خەلقىمىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ،ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى ،باتۇرانە كۈرەشلىرى ،خەلقىمىزنىڭ سەمىمىي ،ئاق كۆڭۈل خەلق ئىكەنلىكى ،ۋەتەنپەرۋەرلىك ،ئىنسانپەرۋەرلىك ھېسسياتلىرى بىلەن تولغان گۈزەل ئىچكى دۇنياسى ئىپادىلەنگەن. ' /%zi,0  
7.ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇسلۇب،شەكىل جەھەتتىن قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ؟ئۇنىڭ بۈگۇنكى دەۋردە قانداق ئەھمىيىتى بار؟ئۇيغۇر  كىلاسسىك ئەدەبىياتى مەزمۇنغا باي،تەربىيۋى ئەھمىيتى ناھايىتى كۈچلۇك بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇ ئوسلۇپ جەھەتتىنمۇ ئاكتىپ رومانتىزىم بىلەن ئىلغار رېئالىزىمنى زىچ بىرلەشتۇرۇش ئاساسىدا يارىتىلغان بولۇپ ،شەكلى جەھەتتە روشەن مىللىيلىققا ئىگە.ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتىدىكى ئۇسلۇب ۋە شەكىل جەھەتتىكى رەڭدارلىق مەزمۇنى سوتسىىيالىستىك ،شەكلى مىللىي بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۇرىشىمىزنىڭ يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم ئامىلى بولۇپ ،ئۇ سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىمىزنى تېخىمۇ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكلەر بىلەن تولۇقلايدۇ. يېڭى-يېڭى ئەدەبىيات-سەنئەت شەكىللىرىنى ئىجاد قىلشىمىزغا ئۈنۈملۇك  شاراھىت يارىتىپ  بېرىدۇ.ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىزنى مول تارىخىي،پەننى بىلىملەربىلەن قوراللاندۇرۇشتىن تاشقىرى ،نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ ،ئىجادىي ماھارىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ،مەنىۋى تۇرمۇشىىمىزنى بېيتىدۇ.بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يارىتىلغان ئاشۇ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا توغرا ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم. $ 17 su')  
8. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بولغان مۇھىم نۇقتىلار  قايسىلار؟ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىپ ،ئۇنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىشىمىزدا زۆرۈر بولغان ئېسىل ئەنئەنىلەر ناھايىتى كۆپ، ئەڭ مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ؛ `iG,H[t+j  
1.كلاسسىك ئەسەرلەردە ئىپادە قىلنغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. j|_E$L A\  
2.كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىلىم –پەننى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىشتەك مۇھىم مەزمۇننى ئۆگىنىشىمىز لازىم. %1U`@0  
.3.ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ،خەلىقپەرۋەرلىك روھىنى ئۈگۇ نىشىمىز لازىم. %Kb9tHg  
.4.ئەدەبىي مىراسلاردىكى پەزىلەتلىك ۋە ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ خاسىيىتى ئۇلۇغلاپ ،كىشلىك ھاياتنىڭ ئىبرەتلىك مەزمۇنىنى كۆرسىتپ بېرىشتەك روھىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم . Xa 9TS"  
5.كلاسسىك ئەسەرلەردىكى يۈكسەك بەدىئىي تىل ،رەڭدار بەدىئي شەكىل ۋە ماھىرانە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشىمىز،ئۇنى ئۆزىمىزگە ئەينەك قىلىشىمىز لازىم. \}]iS C.2  
6.كلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئەدەبىيات نەزەرىيسى جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقنى ،ئانا تىلنى قەدىرلەش ،مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. |$lwkC)O  
9.كلاسسىك ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنى ئۆگىنشىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى نېمىدىن ئىبارەت؟ 1&)_(|p[C  
.بۇ ئەدەبىي مىراسلارنى ئۆگىنىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت؛ jx`QB')kX  
1.مىللىي ئىپتىخارىمىزنى كۈچەيتىپ ،ۋەتەنپەرلىك ،كۈرەشچانلىق روھىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزدە،بۈگۈنكى بەخىتلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ روشەن تونۇپ ،ۋەتەننى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا جاپالىق ئىشلەپ،تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىرادىمىزنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. C*6S@4k  
2.كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلىرىمىز نىسبەتەن رەڭگارەڭ بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى ، شەكىللىرى ، قۇرۇلمىسى ، بەدىئيلىكى ھەققىدىكى ماھارەتلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك ۋە ئەينەك قىلىپ ،يېزىقچىلىق قابىليىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ،مول تارىخىي ،پەننىي بىلىملەرگە ئىگە بولۇش ،نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ ،ئىجادىي قابىليىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈپ ،مەدەنىي ھاياتىمىزنى بېيىتىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. YoODR  
3. كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەدىئي ماھارىتىنىڭ يالدامىسى بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئەينى دەۋر تارىخىي رېئاللىقىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلىش ۋە چۈ شىنىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. =([av7  
10.ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىنى قانداق پوزىتسىيدە ئۆگىنىشىمىز،ئۇنىڭغا قانداق ۋارىسلىق قىلىشمىز لازىم؟ ZXb0Y2AVx  
.بىز ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرىمىز نى ئۆگىنىشىتە ئالدى بىلەن ماكسىزم ،لىېنىنىزملىق توغرا مەيدان ،توغرا كۆز قاراش ۋە توغرا ئۆگىنىش پوزىتسىيىسىنى تىكلەپ ،ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ياراملىق نەرسىلەرنى ۋە ئېسىل ئەنئەنىلەر نى ئوبدان ئۆگىنىشىمىز ھەم ئىگەللىشىمىز لازىم.بىزدە پەقەت مۇشۇنداق توغرا ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى بولغاندىلا ،ئاندىن مىللىتىمىزنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆستۈرگىلى ،خەلقمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتقىلى ،شۇنداقلا ئەقىل –پاراسەتلىك باتۇر ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق مەدەنيىتىنى ،ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ،مول ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چۈشىنۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ . vR7HF*8  
مەدەنىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىشتا ،ئۇنى پۈتۈ نلەي ئنكار قىلىشقىمۇ ياكى پۈتۈنلەي قۇبۇل قىلىشقىمۇ بولمايدۇ ،بەلكى ئۇنىڭغا تەنقىدى ۋارىسلىق قىلىشتەك ماركسىزىملىق پوزىتسىيىدە مۇئامىلە قىلىپ ،قەدىمكىنى ھازىرقى زامان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش چەتئەللەرنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ،كونىلىرى ئاساسىدا يېڭىلىرىنى يارىتىش فاڭجىنىىغا ئەمەل قىلىشىمىز لازىم. 6)gd^{  
يانداش مەشىقلەر. j8,n7!G  
تاللاش سوئاللىرى $So%d9k  
.1.كلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدىكى توغرا ھۆكۈم؛      (       ) S5=Udd"  
A.قەدىمكى ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىلاسسىك ئەدىبىياتقا كىرىدۇ. KU&G;ni2  
B.كىلاسسىك ئەدىبىيات يېزىق پەيدا بۇلۇشتىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن. D vkxI 
C.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملاشقان. N1EezC'^  
D.قەدىمكى ۋە تۇنۇلغان ئەدىبىيات ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا كىرىدۇ. +*nGp5=^GE  
       2.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى(     ) FcbM7/  
A. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەمگەكچان ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەرىپىدىن يارتىلغان مول مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. Bn wzcl  
B.تارىخىي يادىكارلىقلارغا ئاساسلانغاندا،ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى مىلادىيە 4-5-ئەسىرلەردىن باشلانغان. *=F(KZ  
C. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى پارلاق نامايەندىلەر دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ زور ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. HaNboYW_K  
D.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپتىكى نەمۇنلىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 4-5-ئەسىرلەردە يارىتىلغان. L-i>R:N4  
3.تۆۋەندىكى ھۆكۇملەرنىڭ خاتاسى : j} HFs0 
A.كىلاسسىك ئەدەبىيات مىلادىيە 5-ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن ؛ h=VqxGC&  
B.كلاسسىك ئەدەبىيات ‹‹ئورخۇن-يېنسەي مەڭگۇ تاشلار  دەبىياتى ››دەۋرىدىن باشلانغان . K\! #4>yd  
C. كلاسسىك ەدەبىياتى ئۇمۇمەن ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتىنى كۆرسىتىدۇ؛ F}? 
.مىلادىيە 7-ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت يازما خاتىرىلەر بولمىغاچقا ،كلاسسك ئەدەبىياتىمىزنى 7-ئەسىردىن بۇرۇن باشلانغان دەپ قاراشقا بولمايدۇ . c-]fKj7  
4.  ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا مۇناسىپ ئورۇننى ئىگىلىگەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى مەنبە ؛ 8^ep/b&|  
.ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەرەپ-پارىس ئەدەبىياتى ؛ Ggm` ~fS  
.  ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ؛ H?rg5TI0  
. ئەڭ دەسلەپ مەيدانغا كەلگەن يازما  ئەدەبىيات ئەسەرلىرى . Un=a fX?j  
.مىلادى 7-ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن، مەڭگۇ تاشلار ئەدەبىياتى . ; 2`sN   
5. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلىرىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ؛ 0%C^8%(x  
. كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇچۇن ئەينەك قىلىش ؛    . كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلارنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئەينەك قىلىش ؛ . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ شەكىل ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىلغار ئىدىېئولوگىيىنى ئۆگىنىش ؛. كلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئىلغار ئەنئەنسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۈنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن خىز مەت قىلدۇرۇش . x"B' zP  
 6.  كلاسسىك ئەدەبىي مىراسلارنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى پرىنسىپ؛ 19u =W(  
. ماركىسىزم ،لېنىنىزملىق توغرا مەيدان ،توغرا كۆزقاراش ۋە توغرا ئۆگىنىش پوزىتسىيىسنى تىكلەش ؛ 4SVW/Zl.?  
. قەدىمكىنى بۈگۈن ئۈچۈن ،چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ، a:!uORQby  
. شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىىلىش ،كونسىدىن يېڭىنى يارىتىش ؛ D!3{gV#  
. ئالاھىدە مەشھۇر بولغانلىرىنى ئەينەن قوبۇل قىلىش . "ED8z|]j  
2-توغرا –خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ ؛ !$xu(D.  
  1.ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىز ۋە دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنسىگە ئۆچمەس تۆ ھپىلەرنى قوشقان .(            ) F'W> 8  
   2. ئۇيغۇر لارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىي قىسقا بولغاچقا مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدا ساناشقا بولمايدۇ.(             ) )2j:z#'>  
3 . ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامانلاردىكى يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىنى  كۆرسىتىدۇ.(            ) v|@1(  
4 . ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى مىلادىيە 7-ئەسىر لەردە باشلانغان .(          ) *@M3p}',M  
5 . تىپىلغان مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكا رلىقلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ تاشلار دەۋرىدىن خېلى بۇرۇنلا ئۆزلىرىنىڭ يېزىق تىلىغا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۈم . L(o#4YH}>J  
6.  ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرى دەپ سانالغان ئاشۇ شەخسلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ .ئەمما ،دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدا تىلغا ئېلىنمايدۇ.(              ) h_ ZX/k  
7. ‹‹ئالتۇن يارۇق ››كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى دۇنيا ۋى شۆھرەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەر نىڭ بىرى .(           ) hPO>,j^  
8. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇسلۇب جەھەتتىن ئاكتىپ رومانتىزىم بىلەن ئىلغار رېئالىزمنى زىچ بىرلەشتۈ رۈش ئاساسىدا يارىتىلغان بولۇپ ،شەكىل جەھەتتىن روشەن مىللىيلىققا ئىگە.(             ) X>3^a'2,E  
3—بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ UKs$W`  
1. ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلەر چوڭ ئائىلسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر لار مە ملىكىتىمزدىكى ------------- مىللەتلەرنىڭ بىرى . sD2Qm   
2. ئەسەرلەر مابەينىدە ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ------------- ئەنە شۇ ئۆچمەس شانلىق تۆ ھپىلەرنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. !PI0oh  
3. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ------------- دەۋىر ىدىن باشلانغان . `D"1 gD}{A  
  2 
4.‹‹ئورخون—يېنسەي مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكارلىقلىرى ››نىڭ ھازىرغىچە تېپىلغانلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى بولغان --------------- مىلادىيە ----------    -يىلى يېزىلغان. (xQI($Wq*M  
5. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى پوئىزىيىسىنىڭ مە شھۇر نامايەندىلىرى --------- قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .  %|bN@@  
6.كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى دۇنياۋى شۆ ھرەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەر ------------ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . WS5"!vz   
1)    7. ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا دۇنياۋى  شۆ ھرەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى بىر مۇھىم مەنبە -------------ھېسابلىنىدۇ. F*. /D~K  
2)              4.مۇلاھىزە قىلىڭ . 'l8eH$  
3)    ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن بولۇپ ،مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي ئەدەبىي مىراسى ھېساپلىنىدۇ.بەزىلەر بۈگۈنكى دەۋر ئىلىم – پەن تەرەققىي قىلغان ،ئىنسانىيەت ئۇچۇر –كو مپيۇ تېر دەۋرىگە قەدەم قويغان دەۋرلەر .بۈگۈنكى دەۋردە نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى يېزىپ قالدۇرۇلغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرنىڭ ئازراق قىممىتى بولسىمۇ ، بەزىلىرىنىڭ ئانچە قىممىتى يوق .شۇ ڭا،ئۇنى ئۆ گىنىشىنىڭ زۆرۇرىيىتى يوق دەپ قارايدۇ.لېكىن ،يەنە بەزىلەر بولسا ،بۇ ئەدەبىي مىراسلار ئەجدادلىرىمىز ئەقىل –پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى .ئۇلار بىزنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئەھۋاللىرى توغىرىسىدا مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ .دەپ قارايدۇ . VrudR#q  
4)              بۇ قاراشلار توغرىمۇ-خاتامۇ ؟ نېمە ئۈچۈن؟ &!4( 0u  
5)              بۈگۈنكى كۈندىمۇ كلاسسىك  ئەدەبىي مىراسلارنى ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۈ؟ c.\:peDk  
6)    ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى راستىنلا ۋە ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمقى دەۋرلەردىكى ئەھۋاللىرى توغرىسىدا مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ 0:HC;J  

tawpek 2011-01-30 15:32
مەكتىۋىمىزنى سىمسىز تور سىگىنالى قاپلىغان ئىدى، ئەمدى قول كومپىيۇتىرىمىزنى سىنىپقىلا ئەكىرىپ مۇشۇنداق ماتىرىياللىرىڭىزنى ئىچىپ قويوپ دەرىسنى تىخىمۇ ئاقسا سۆزلەيدىغان بولدۇقتە.

مىېھرىما 2014-01-29 17:11
بۇ تىمىڭىزدىن جىق بىلىمگە ئىگە بولۋالدۇق رەھمەت.

ياسىنجان510 2014-02-05 14:18
مۇھىم يازما ئىكەن رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled