查看完整版本: [-- ئوتتورا مەكتەپ خەنزۇتىلى  تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش چ چ توپى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> ئوتتورا مەكتەپ خەنزۇتىلى  تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش چ چ توپى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun327 2011-01-29 18:35

ئوتتورا مەكتەپ خەنزۇتىلى  تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش چ چ توپى

مەن  بىر ئوتتورا مەكتەپ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچسى،  يڭى دەرسىلىك ئىسلاھاتى باشلىنىپ، دەرىسلىكلەر ئۆزگەرگەندىن كىيىن  دەرىس مەزمۇننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىلگىركىگە قارىغاندا خىلىلا قىيىنلىشىپ دەرىس  تەييارلاش ھەم دەرىس ئۆتۈش جەرياندا بەزى بىرقىسىم قىيىن نوقتىلارغا دۇچ كىلىۋاتىمىز. ھەمدە ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسىلىك ئورونلاشتۇرۇش ھەم دەرىس ئۆتۈش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايۋاتىدۇ. شۇڭا ھەرقايسى جايلاردىكى خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىلرىنىڭ ئۆز - ئارا پىكىر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغا قولايلىق بولۇش، خەنزۇتىلى ئوقوتۇشنىڭ تىخمۇ يۇكسىلىشىگە ئورتاق كۇچ چىقرىش نىيتىدە بىر چ چ توپى قۇردۇم ، شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ چ چ توپىنىڭ نومورىنى خەنزۇتىلى ئوقوتقۇچىلىرىغا ئىيتىپ قويوشىنى چىن دىلىمدىن ئۆمۈت قىلىمەن. ھەرقايسى جايلاردىكى خەنزۇتىلى دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بو چ چ توپىغا قوشۇلۇپ پايدىلىق پىكىر تەلەپلەرنى بىرىپ، ئۆز - ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.  چ چ توپىغا قوشۇلۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا سىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىشنى ئۈنتۇپ قالماڭ .  بۇ چ چ توپىنىڭ نومورى 130104816

koksangun 2011-01-29 19:27
مۇشۇنداق بىر توپنىڭ قورۇلغانلىقى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش دەپ قارايمەن.ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى  (تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئۈچۈن )تەۋپىق مۇنبىرى بىر توپ قۇردى ، ئۇنىڭ كوت - كوت نومۇرى :   33348904

tawpek 2011-01-30 13:27
ئۇ توپنىڭ قۇرۇلغىنىمۇ ياخشى بوپتۇ، لىكىن ئۇنىڭدا ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ھەل بولماي قالىدۇ. ھەم شۇنداق ئادەم يىغىشمۇ ئاسان ئەمەس. مۇمكىن بولسا شۇنداق ئورتاقلىشىدىغان ، ئۆز ئارا پىكىر- ئالماشتۇرىدىغان تىمىلار ئۈچۈن يەنىلا مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ بولغىنى ياخشى دەپ ئويلايمەن. s)&R W#:X  
CYic_rF$  
ئەگەر شۇنداق مەزمۇنلار بولسا مۇشۇ بەتنىڭ ئۆزىگىلا يوللاپ ئورتاقلىشىپ -پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز يوللىغان مەزمۇنىڭىزغا قاراپ سەھىپە بەلگىلەپ بىرەتتىم. بىر مەكتەپتىمۇ نەچچە پەننىڭ ئوقوتقۇچىسى پىتىشىپ ئۆتىدىغۇ، BxN#Nk~  
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبىرىمىزدە داۋاملىق خەنزۇتىلىدىن ماتىرىيال يوللاۋاتقان ئايقۇت ئىسىملىك بىر ھەدىمىزمۇ بار ، يوللىغان مەزمۇن مەلۇم سانغا يەتسە ئايرىم مۇستەقىل بىر تۈر  قۇرلۇپ باش بەتتىمۇ ئەكىس ئىتىدۇ. apWrcaj  
gdn,nL`dP  
سىلەرنىڭ باناڭلاردا بىزنىڭمۇ خەنزۇتىلى سەۋىيىمىز ئۆسۆپ قالار ئىدى.

tursun327 2011-01-30 14:50
مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوش قوللاپ قۇۋەتلەيمەن ، بىز خەنزۇتىلى ئوقوتقۇچىلىرىغا مۇشۇنداق بىر ياخشى پىكىرلىشىش سورونى ھازىرلاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئىيتىمەن. مىنىڭچە تور بەت يۇزى جەۋھەرلەردىن ئورتاق پايدىلىنىشتا رولى ئنتايىن چوڭ،  مەيلى كەسىپ ئەھلى بولسۇن ياكى باشقا خەنزۇتىلىغا قىزىققۇچى تورداشلار بولسۇن يوللانغان مەزمۇنلار دىن ئورتاق پايدىلىنالايدۇ. ئەمدى qq كەسپى توپىغا كەلسەك بۇ نىڭدا كەسىپداشلار بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماتىرىياللارنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە رولى يەنە بىر قەدەر چوڭ.  شۇڭا مىنىڭچە كەسىپداشلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەنزۇتىلى ئوقوتوشنى تىخىمۇ يۈكسەلدۇرۇشتە يەنلا  qq توپىنىڭ بولغىنى بىر قەدەر پايدىلىق دەپ قارايمەن. بۇندىن كىيىنمۇ بىزنىڭ خەنزۇتىلى ئوقوتوش تەتقىقاتىمىزنى قوللىشىڭىزنى ئۆمۈت قىلىمەن. رەھمەت سىزگە.

tawpek 2011-01-30 14:57
ماتىرىيالىڭىزدىن قارىشىمچە بىز يۇرىتداشكەنمىز، ئارلىقىمىزمۇ ئانچە يىراق بولمىسا كىرەك، كىيىنكى مەنزىللىرىمىز تىخىمۇ پارلاق بوپ كەتكۈسى.

مىېھرىما 2014-01-17 18:07
مۇنازىرا توختاپ قاپتۇ

13899465229 2014-03-22 09:45
بىر قىسىم دەرىسلىك دىتاللىرىدا مەخپىي نۇمۇر باكەن. مەخپىي نۇمۇرى نەچچىدۇ؟

مۇنەۋۋەر 2014-03-29 18:54
ناھايىتى ياخشى ئىشلار بوپتۇ، بولسا مۇشۇنداق پىكىر ئالماشتۇرۇدىغان سورۇنلار بولسا ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ياخشىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئورتاق تىرىشساق چوقۇم ياخىشى نەتىج قازىنالايمىز،

arkzat 2014-04-26 21:42
كەسىپداش-پىكىرداشلار ئۆزئارا ھەمكارلاشسا، خېلى زور قىينچىلىقلارمۇ چوقۇم ھەل بولىدۇ. ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپسىز.

گۈلچىمەن 2014-04-26 22:33
چچ توپلېرىنىڭ  كۇۇلەىنى  ياىشى  بوپتۇ.چچتوپتا  پىكىرلەرنى  ئوتتۇرىغا  كويۇشۇپ  ،يىغىنچاقلاپ  تەۋپىق   مۇنبىرىگە  يوللىسا  بولغۇدەك.


查看完整版本: [-- ئوتتورا مەكتەپ خەنزۇتىلى  تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش چ چ توپى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled