查看完整版本: [-- تۈرمە خاتىرىسى  (تەۋپىق) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدە -> تۈرمە خاتىرىسى  (تەۋپىق) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-01-29 15:29

تۈرمە خاتىرىسى  (تەۋپىق)


تۈرمەخاتىرىسى

تەۋپىق


نەچچە يىلكەزگەنىدىم، بۇ دىيارى غۇربەتنى،

كۆرمىگەنىدىممۇنداق ئازابى - ئوقۇبەتنى.

ئاقىۋەت كېلىپ ئەلگە، قىلىپخەلق ئۈچۈن خىزمەت،

مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى - كۈلپەتنى.

             *             *           *

تاقىتىمتاق بولدى بۇندىكى خەلقنىڭنىدايىدىن،

قۇلاقلىرىمگاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.

گۇناھى نە ئىكىنبۇندا قامالغان نەۋ قىرانلارنىڭ؟

ھەققە ئۇيغۇنىيوقتۇر تېڭىلغان شۇم گۇمانلارنىڭ.

             *             *           *

روھىمئەجەب قىسىلدى يالغۇزلۇقتا، تۇتقۇندا،

سائەتلىرىمئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە.

يېشىمئوتتۇز ئالتە ياش تاشتىن بەتتەر قاتتىباش،

ئادا بولار ئوخشايمەن پۈتمەس قايغۇ - ھەسرەتتە.

             *             *           *

بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،

ئادالەتكە ئىنتىلسەم، قولغا ئالدى سىياسەت.

خەلقىمئۈچۈن ئىلىم - پەن، تەرەققىيات ئىستىدىم،

نىيىتىمساپ، دىلىم ئاق، ئۆتكۈزمىدىمجىنايەت.

             *             *           *

كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق، قىلما زەررىچە پەرياد،

پىدا قىل جاننى سەن ئەمدى، بېشىڭغاكەلدى بۇ ئەرساد.

             *             *           *

ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىققان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر،

كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك، خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر.

                                             − 1937-  يىل ماي  



ئىزاھاتلار:

تەۋپىق − ئەسلىي ئىسمى مەمتىلىتوختاجى (1901 − 1937) ، ئاتۇشتا تۇغۇلغان. ئەل ئىچىدىكىنامى مەمتىلى ئەپەندى. داڭلىقمائارىپچى، شائىر، كومپوزىتور. ئۇنىڭ «بىز − مۇئەللىم»، «ئىزچىلار»، «ئوقۇدى، ئاشتى»، «ئويغىنىڭ ئەھلى ۋەتەن»، «قاينىدى» قاتارلىق شېئىرلىرى مەشھۇر. بۇ شېئىر ئۇنىڭشىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000 - يىلى نەشر قىلغان «مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى» ناملىق توپلىمىدىنئېلىندى.

( ئەرساد − مەيدان، سەھنە؛ غوۋغا، ئالىتوپىلاڭ، قىيامەت.)



مۇھاكىمە ۋە مەشق:

1. شېئىرنى جانلىق، ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىڭ.

2. بۇ شېئىرلاردا پىكىرئايرىم - ئايرىمئىپادىلەنگەندەك قىلسىمۇئەمما، مەزمۇنى ئىچكى باغلىنىشقائىگە. سىزبۇ پارچە - پارچە شېئىرلارنى بىر - بىرىگە باغلاپ تۇرغان ئىدىيە ۋە ھېسسىياتنىچۈشەندۈرۈڭ.

3. ئاخىرقى ئىككىبېيىتنىڭ باشتىكىكۇپلېتلار بىلەن قانداق پەرقى بار؟ 2 -، 3 - 4 - كۇپلېتلارنى ئەستايىدىلئوقۇپ تەھلىل قىلىڭ.

4. «ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىققان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر،

     كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك، خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر».

بۇ كۇپلېتنىئوقۇغىنىڭىزدا كۆز ئالدىڭىزدا ئۆلۈم ئالدىدىكىشائىرنىڭ قانداق ئوبرازى نامايان بولدى؟

5. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «غەزەپ ۋە زار» ناملىق شېئىرى بىلەن تەۋپىقنىڭ «تۈرمە خاتىرىسى» ناملىقشېئىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئىككى پارچە شېئىرنىڭمەزمۇن جەھەتتىكى ئورتاقلىقىئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىڭ.



(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 1-كىتاب 5- بەت)  

tawpek 2011-01-30 16:25
مەرھۇمنىڭ تەخەللۇسىنى ئۆز نامى قىلىپ قوللانغان تور بىكىتىمىز مەرھۇم ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر ماتىرىيالنى بىردەك نادىرلايدۇ.

مىېھرىما 2014-03-18 20:00
مۇشۇنداق ياخشى يازمىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىپلا قېچىپتۇ بىزنىڭ بىر قىسىم مۇنبەرداشلىرىمىز.بۇلارغا ھەمىمىز تەڭ زەربە بەرسەكياخشى بولاتتى.

مىېھرىما 2014-03-18 20:04
بۇ يوللانمىڭىزدىن قەۋەتلا سۆيۈندۈم. سىزگە رەھمەت. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى دائىم يوللاپ تۇرغايسىز.


查看完整版本: [-- تۈرمە خاتىرىسى  (تەۋپىق) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled