查看完整版本: [-- مېنىڭ يەنە بىر تىلىم (دەرس تېكىستى ) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> مېنىڭ يەنە بىر تىلىم (دەرس تېكىستى ) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2011-01-26 21:47

مېنىڭ يەنە بىر تىلىم (دەرس تېكىستى )

                                                                    مېنىڭ يەنە بىر تىلىم 
R9!GDKts%  
                                         ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ
* ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمگىلا روھىم كۆتۈرۈلۈپ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ، تېتىكلىشىپ، شوخ ۋە سەگەك، چېچەن بولۇپ كېتىمەن. بىر تىل بىر خىل قوراللا بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل مەدەنىيەت ... 
W`d\A3v  
    1987 - يىلى كەچكۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى، ئۇ كۈنى چۈشلۈك تاماقتا بېيجىڭغا ئويۇن قويغىلى كەلگەن شىزاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىكۈتۈۋېلىنغانىدى. مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئەھمەد سۆزلەيدىغان چاغدا مەن ئۇنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنىڭ تەرجىمانىبولۇپ بەردىم. تەكەللۇپلار بىلەن شۇنداق قىلىۋېدۇق، سورۇن ئەھلى كۈلۈشۈپ كېتىشكەنىدى.  av!'UZP  
    مەن ئۇيغۇرچە ئاڭلاشقا ئامراق، ئۇيغۇرچە سۆزلەشكىمۇ ئامراق. مەن دائىم ھەر مىللەت قېرىنداشلىرىمنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىدا ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ، ھېس - تۇيغۇلىرىنى راۋان ئىپادىلىشىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھايىتى ئوبدان پىكىرئالماشتۇرالايدىغان، مۇپەسسەل ۋە ئىناق مەنزىللىرى ئىچىگە مەست بولۇپ چۆمۈپ كېتىمەن. شۇنىمۇ يوشۇرالمايمەنكى، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان، ئۇيغۇر تىلىنى مەشىق قىلىپ ئۆستۈرگىلى بولىدىغان، ھەتتاكى ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر تىلى جەھەتتىكىكارامىتىمنى كۆرسەتكىلى بولىدىغان ھەرقانداق پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇشنىخالىمايمەن. ئۇيغۇرچە سۆزلىشىمگىلا روھىم كۆتۈرۈلۈپ، كۆڭلۈم ئېچىلىپ، تېتىكلىشىپ، شوخ ۋە سەگەك، چېچەن بولۇپ كېتىمەن. بىر تىل بىر خىل قوراللا بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل مەدەنىيەت، شۇنداقلا جانلىق كىشىلەر توپى، تۇرمۇشنىڭ رېتىمى، ئاجايىپ بىر خىل مەنزىرە، تەبىئىي كۆرۈنۈش ھەم ئېتنىك مەنزىرىدۇر. ئۇلار يەنە جاھان ئاجايىباتلىرىنىڭ ھەقىقىي تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئەبەدىلئەبەد ئۇنتۇلغۇسىز سەرگۈزەشتىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. يەنە شۇنداقلا مېنىڭ بىر تۈركۈم دوستلىرىمنىڭ قايغۇ - خۇشاللىق، قوشۇلۇشى ۋە ئايرىلىشلىرى، دوستلۇقى ۋە كۆڭلىدۇر. ;;Y>7Kn!u  
    1960 - يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تەقدىر - قىسمەت ماڭا ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتى ئاتا قىلىپ، سىياسىي بوران - چاپقۇن مېنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي چېگرىسىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسى بويىغا ئاپىرىپ
تاشلىغاندىن كېيىن، مەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇيەردە پۇت تىرەپ تۇردۇم، دوستلۇققا ئېرىشتىم، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلدىم. شۇنچەكۆپ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچىمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك بىلىملەرنى ئۆگەندىم. ئىنسان ھاياتىدىكى جىمجىتلىق ۋە مۈشكىلاتلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقانىدىم. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ناھايىتى قىيىن، ئۇنىڭدىكى سۆز بايلىقى، پۈتمەس - تۈگىمەس كىچىك تىل تاۋۇشلىرى، تىل قايرىغۇچى تاۋۇشلار ۋە نەپەس تاۋۇشلىرى خەنزۇ تىلىدا يوق. تېخىمۇ قىيىن يېرى شۇكى، خەنزۇ تىلىدىكى تاۋۇشلار بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىدىغان تاۋۇشلارنى قانداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى ئاڭلاپ، سۆزلەشتۇر. گرامماتىكىسى تېخىمۇ تەس. ئىسىملارنىڭئالتە كېلىشى، پېئىلنىڭ زامان، ھالەت، شەخس قوشۇمچىلىرى ... بەزىدە بىر پېئىلغائون نەچچە خىل قوشۇمچە قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ … ھەقىقەتەن مۇرەككەپلىكىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇلار مېنى شۇ قەدەر خۇشتار ۋە مەپتۇن قىلىدۇكى، ئۇنىڭبىلەن بارلىق ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر ئۇيغۇرلار چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئۇلار بىلەن تۇرپاننىڭ قوغۇن ۋە ئۈزۈملىرى، ئىلى ۋە قاراشەھەرنىڭ ئارغىماقلىرى، يېڭىسارنىڭ پىچىقى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى ۋە ئىپارخان مەقبەرىسى، ئاپاق خوجامازىرى، خوتەننىڭ قاشتېشى ۋە گىلەملىرى ئۆزئارا چەمبەرچاس باغلانغان. مەن ئۇيغۇرلارنىڭجاراڭلىق، كۈچلۈك تەلەپپۇزىدىن، كىشىنىڭ كۆڭلىنى يايرىتىدىغان ئىنتۇناتسىيىسىدىنھۇزۇرلىنىمەن. ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش تەرتىپىدىن ھۇزۇرلىنىمەن، بىكارلا بولۇپ قالسام، رادىئونى ئاچىمەن - دە، ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ كېتىمەن. دەسلەپكى چاغلاردا بىرەر سۆزنىمۇ دېگۈدەك چۈشىنەلمىسەممۇ، يەنىلا ئاڭلاۋېرەتتىم. خۇددى مۇزىكىدىنھۇزۇرلانغاندەك ئىشتىياق بىلەن ئاڭلاپ ھۇزۇرلىناتتىم. ئاڭلىساملا گۈلقەقەلىرىمئېچىلىپ كۆڭلۈم يايراپ، يەڭگىللىشىپ قالاتتىم. ئىككى دېھقان بالىسى گەپلىشىۋاتقان بولسا، مەن بىر ياندا «قۇلاق موللىسى» بولۇپ ئاڭلايتتىم - دە، قايىللىق بىلەن قارىغىنە، ئۇلار نېمىدېگەن ئوبدان سۆزلىشىدۇ - ھە! ئۇلار كىچىككىنە تۇرۇپمۇئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى بىلىدىكەنغۇ؟ ئۇلار ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر بولغاندىكىن، ئۇيغۇر تىلى ئۇلارنىڭ ئانا تىلى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىز تىلىچىققان ھامان خەنزۇچە سۆزلىگىنىگە ئوخشاش قىلچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس - تە! مەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ، ئىختىيارسىز ھالدا مەجنۇنلارچە بېرىلىپ كەتكەنىدىم. 3lw8%QD>  
      مەن ئۇيغۇرچە چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگىنىۋاتاتتىم. كېچىسى ھاجەتكە چىققاندا كارىۋاتنى تۇتۇپ تۇرۇپ «كارىۋات»، ئىشىكنى ئاچقاندا «ئىشىك»، تام ياقىلاپ ماڭغاندا «تام»، سىيگەندە بولسا «سۈيدۈك»، شامال چىققاندا «شامال»، سۇپىغا يېتىپكەلگەندە بولسا ئۆز - ئۆزۈمگە «ئۇخلاي ! »  دەيتتىم. كېيىنچە سوقۇلۇپ بولغان چوتنى ياكى ئەرەبچە رەقەمنى كۆرگەندە ئۇلارنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ چىقاتتىم. ئەگەر بىرەر خەنزۇ قېرىندىشىم تۇيۇقسىز كېلىپ مەندىن: «بۇ قانچە؟ » دەپ سوراپ قالسا، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ھاڭۋېقىپ قېلىپ، دەماللىققا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالاتتىم. 5?yc*mOZ  
    ئاخىر مېنىڭ يەنە بىر تىلىم چىقتى. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تۇرسام، ئوخشاشلا توختىماي سۆزلەپ كېتىمەن. تىل - يېزىق ئويۇنلىرىنىمۇ، ئىككى بىسلىق ياپتا گەپلەرنىمۇئاڭقىرالايدىغان، دېيەلەيدىغان بولدۇم. بىر تىل كۆپەيگەننىڭ ئۈستىگە بىر جۈپ قۇلاقمۇ كۆپەيگەندىن كېيىن چەكسىز ھۇزۇر ئىلكىدە بىر تىلغا كىرىپ كېتىپ، ئۇنىڭبارلىق مەنە تۈسى، كەيپىياتلىرىنى ھېس قىلالايدىكەنسىز ... بىر جۈپ كۆزمۇكۆپەيگەندىن كېيىن، ئەگرى - بۈگرى، ئوڭ - سول، ئاستى - ئۈستىگە تارتىپ يېزىلغان ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئوقۇپ، چۈشىنەلەيدىغان بولىدىكەنسىز. يەنە تېخى بىر باش ۋە يۈرەكمۇ كۆپىيىپ، بىلىم - تەجرىبە، چۈشىنىش، ئىشەنچ، دوستلۇقلارغا موھتاج بولىدىكەنسز. #K4lnC2qz  
    ئەمەلىيەتتە بىر تىللا كۆپىيىپ قالماستىن، بىر جۈپ كۆزمۇ كۆپىيىدىكەن. سىز بۇ خىلتىل بىلەن نەشر قىلىنغان كىتابلارنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىكەنسىز. بىر جۈپ قۇلاق كۆپەيگەندىكىن، شۇنچە كۆپ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ناخشا - مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان بولىدىكەنسىز. بىر يۈرەك كۆپەيگەندىن كېيىن ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىزھەم ئۇلارنى ئەستە مەھكەم ساقلايدىغان بولىدىكەنسىز. قىسقىسى، باشقىچە بىر دۇنيائېچىلىدىكەن. -!s?d5k")  
    «ياشىسۇن چۈشىنىش» دېگەن ئىدۇققۇ! چۈشىنىش ئۈچۈن بىز تېخىمۇ كۆپ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭتىل - يېزىقلىرىنى ئوبدان ئۆگىنەيلى! شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل تىللىرىنىئۆگىنەيلى! ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دەۋرىدە تېخىمۇ كۆپ تىل بىلىملىرىگە ۋە تىل قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش زۆرۈر. يەنە كېلىپ بىر خىل ئۆگىنىش جەريانى ئاجايىپتەجرىبە ۋە خۇشاللىقلارغا تولغان بولىدۇ!
  
sT;:V  

tawpek 2011-01-27 13:52
بۇ ئاداش ماتىرىيالنى ئەجەپ ياخشى تاللاپتۇ دىسە. كۆڭلىمىزنى ئەجەپ خوش قىلىپ يەنە بىر قىتىم ئەللەيلىتىپتۇ دىسە.

نەفىسە 2013-05-20 01:07
ياخشى يېزلىپتۇ

ئەكبەرنىياز 2013-05-20 02:29
ئاجايىپ ئېسىل ئەسەركەن ، بەكلا ھاياجانلاندىم . كۆپ رەھمەت !!!

نەفىسە 2013-05-27 00:37
ياخشى يېزلىپتۇ

پەزىلەت 2013-08-03 15:22
ياخشى يېزلىپتۇ   

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-03 22:43
بىر تىل بىر خىل قوراللا بولۇپ قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل مەدەنىيەت ...


查看完整版本: [-- مېنىڭ يەنە بىر تىلىم (دەرس تېكىستى ) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled