查看完整版本: [-- توقسۇن خەلق ئۆرۈپ-ئادەت قوشاقلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> توقسۇن خەلق ئۆرۈپ-ئادەت قوشاقلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-01-23 13:36

توقسۇن خەلق ئۆرۈپ-ئادەت قوشاقلىرى

توقسۇن خەلق ئۆرۈپ-ئادەت قوشاقلىرى <6Br]a60RR  
 خالىدە ئالىم & {B,m%G  
شىنجاڭ ناخشا-قوشاق ماكانى. ئۇيغۇر خەلقى قەدىمدىن تارتىپلا ناخشىچى، قوشاقچى مىللەت بولغان. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە، ھېس-تۇيغۇ ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنى ناخشا-قوشاقلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنى ئۇيغۇر خەلقى بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنىڭ ئوبرازلىق خاتىرىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلق ناخشا-قوشاقلىرىنىڭ يالغۇز ئەدەبىي قىممىتىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ئىلمىي، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى بار.  
 ئۇيغۇر خەلقىنڭ تۇرمۇشى ناخشا-قوشاقسىز ئۆتمەيدۇ.ناخشا-قوشاق ئۇيغۇر خەلقىنڭ تۇرمۇشىدا بىر بەدىئي  ئىجادىيەت بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ناخشا-قوشاق ئۇيغۇر خەلق تۇرمۇشنىڭ زۆرۆر تەركىبى قىسمىغا، مۇھىم مەزمونىغا ئايلانغان.      {KODwP'~  
«قوشاق» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە بىرىنچى قېتىم 11-ئەسىردە يېزىلغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» دا ئۇچىرىتىمىز. مەھمۇد قەشقەرى بۇ ئاتالغۇنى «قوشۇغ» شەكلىدە بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئەرەپچە «شېئىر»، «قەسىدە» دەپ ئىزاھلىغان. 9t;aJFI  
قوشاق «قوشۇش» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ تەرتىپلىك ۋە قاپىيىلىك تەشكىللىنىشى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 377$c;4 F  
بىز بۈگۈنكى كۈندە بىر كۇپلىت ئىچىدە بىر پۈتۈن ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان، كىشلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان خەلق شېئىر نەمۇنىلىرىنى قوشاق دەپ ئاتايمىز. ئۇ بەلگىلىك تۇراق، قاپىيە ۋە رېتىم ئاھاڭى بىلەن خەلق ھېكايىلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. شۇنداقلا يەنە تىلنىڭ جانلىقلىقى، ناخشا قىلىپ ئېيتىلدىغانلىقى ۋە خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن يازما شېئىرىيەتنى پەرقلىنىدۇ. 9;q@;)'5  
ئېغىز ئەدەبىياتى يازما ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشى بولغاندەك، ناخشا-قوشاقلار ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىشىدۇر، شۇنداقلا تۈپ ئاساسىدۇر. ]`+>{Sx 1  
ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى مەزمون جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئەمگەك قوشاقلىرى، ئۆرپ-ئادەت قوشاقلىرى، تارىخىي قوشاقلاردەپ بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. wgI$'tI  
ئۆرپ-ئادەت ناخشا قوشاقلىرى ــــــــ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدا بولىدىغان توي-تۆكۈنلەر، ھازا-ماتەم، ھەرخىل مۇراسىم، ھەرخىل ئۇيۇن-تاماشا، مەشرەپ، سەيلە قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئوقۇلىدىغان ناخشا-قوشاقلار ئۆرپ-ئادەت قوشاقلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. eF:6k qg  
ئۆرپ-ئادەت ناخشا قوشاقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىسخولوگىيىسىنى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتىنى، ئىدىيۋى-ھېسىياتىنى ۋە مىللىي ئەنئەنىنى ئىپادىلەپ، روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. B*,9{g0m/  
ناھىيىمىزدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان قوشاقلارمۇ مەزمون جەھەتتىن خىلمۇ-خىل بولۇپلا قالماي، بەدئىيلىك، شەكىل جەھەتتىنمۇ خىلمۇ-خىل ۋە رەڭدار. nwW `Q>+#U  
ناھىيىمىزدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان قوشاقلار خەلقىمىز ئارسىدا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا، توي-تۆكۈن مەشرەپ سورۇنلىرىدا، خەلق ناخشىچىلىرىنىڭ ناخشا قىلىپ ئېيتىشىشى، تويدا قۇدىلارنىڭ ئۆز-ئارا بىيىت ئېيتىشىشى، ئەمگەك جەريانىدا ئەمگەكچى خەلقىنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى، ھارغىنلىقىنى چىقىرىش مەقسىتىدە ئېيتقان ناخشىلىرى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ ھەم بېيىپ بۈگۈنكى دەۋرگىچە يېتىپ كەلگەن قوشاقلاردۇر. Ma wio5  
بىز تۆۋەندە ناھىيىمىزدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەت ناخشا قوشاقلىرى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز. a\^DthZ!;|  
(1) پىرىخون قوشىقى JF!!)6!2#  
پىرىخون قوشىقى ــــــ شامان دىنى خەلقىمىز ئىچىگە تارقالغان ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ ئۇ يەنىلا داۋاملىق خەلقىمىز ئىچىدە ئۆز تەسرىنى ساقلاپ قالغان، پىرىخون شامان دىنىنىڭ ئاساسىي بەلگىسىنىڭ بىرى. P}JA"V&  
ھازىرقى پالەچ، روھى كېسەل ۋە ئۇزۇن يىللار ساقايمىغان كېسەللەرگە تۇغ تىكىپ ئۇنى ئايلاندۇرۇپ ئەفسۇن ئوقۇپ كەتمەننى ئوتتا قىزىتىپ، پۇتنىڭ تاپىنى بىلەن دەسسەپ، كېسەكنى دۈمبە، غول، قاتارلىق جايلىرىغا ئىسىق ئۆتكۈزىدۇ. روھى كېسەللەرنى تۇغ ئايلاندۇرۇپ قامچىلاپ ئۇنىڭ بەدىنىدە تۇرۇپ قالغان زەھەرلىك تەرلەرنى چىقىرىپ بولغۇچىلىك(يەنى ھالىدىن كەتكۈچە) ئايلاندۇرۇپ ئوقۇيدۇ، بۇ چاغدا ئۈچتىن تۆتكىچە ھاپىز دەپ سوقۇپ يۇقارقى قوشاقلارنى ناخشا بىلەن ئېيتىدۇ. سورۇننىڭ كەيپىياتى جىددىيلىشىدۇ. بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە خاننىڭ ھەركىتى بىلەن ماسلىشىدۇ. aCy2 .Qn  
  M9 _h0  
  q<.^DO~$L  
پىرىخون قوشىقى  /dBQ*f5  
!j( v-pQf"  
ئەزەمتەلەيكۇم ئوقۇيمەن، =-`X61];M  
جىنناتوقۇم توقۇيمەن. _sJp"4?  
جىن سەكرىسە سەكرىسۇن، @U:WWTzf  
مەن سەكرىمەي ئوقۇيمەن. XNd:x {  
  H Viu7kue`  
كەككا كىبان كاكىبا، xL=g(FN(6L  
جىن قورقىدىغان داپچى بار. mWta B>f  
داپچىلاردىن قورقمىساڭ، 6rq:jvlx$  
خەنجەر-پىچاق مەندە بار. rB< UOe  
  CM!bD\5  
بەسەي يىسەڭ بەسەي يە، rMdOE&5G  
جۈسەي يىسەڭ جۈسەي يە. ;Ze}i/ l  
نىمە يىسەڭ قالمىشىدۇ، |Q@4F&k  
قوپساڭ پۇتۇڭ ئالمىشىدۇ. 69p>?zn  
  |zKFF?7#wE  
كاڭدا ياتساڭ كاڭدا يات، +A>>Ak|s  
چاڭدا ياتساڭ چاڭدا يات. 9B{,q6  
ياتساڭ كۆزۈڭ يۇمۇلىدۇ، [h {zT)[  
توپا تاشلاپ كۆمۈلىدۇ. @aAB#,  
داپنى چالىدۇ ھەپىز، I~-W4{  
پۇلنى تاپىدۇ باخشى. K7 -AVMY  
داپنى چالما ھەپىز، =pZ$oTR  
قايدىن تاپىدۇ باخشى. I5* 
  H: nO\]  
ئويناڭ شاپىرىم ئويناڭ، ;qO3m -(d  
چۆرگۈلۈپ ئويناڭ. P~#LbUP(  
قىزىل گۈلنىڭ شاخىدەك، )<%CI#s#  
ئىگىلىپ ئويناڭ. Ei<m/v  
جىننىڭ ئېتى بەكرى، OHwH(}H?  
كۆتىگە بىر تۇتام كەكرى. mBEMwJ}O`  
كەكرىنىڭ ئاچچىقىدا سەكرى، GTi=VSGqF  
سۈف! \T[OF8yhW  
  o=RxQk1N  
يافۇرۇش، ساقاي دۇرۇس، H2xDC_Fs  
ساقايمىساڭ ئۆل كىسپۇرۇش. d}  5  
ئادەم ئەسلى تۇپراقتىن، KzX)6 |g{"  
ئەسلى ئاغرىق قوقاقتىن، j >`FZKxp  
تۇتىۋاپتۇ پاچاقتىن. m;nH v  
سوف! I?nU+t;  
  oCLM'\  
SmRFxqtN  
قائىدە-يۇسۇن قوشاقلىرى 1d842pt  
i+Mg[x$.  
  9xK#( M  
ئەتلەس كۆينەك كىيدىم مەن، |Om9(xT  
يامغۇر يېغىپ ھۆل بولدى. 9 &Ry51  
كېلىنچەكنى ئېكىلىۋېلىپ، Nx+5rp  
ئۆيىنىڭ ئىچى گۈل بولدى. 1(_[awBx  
  Q \S Sv;3_  
قارا چوغام ئۇچتى، ay`R jT  
قارا ئاشقا چۈشتى. E70o nR!i  
قەررىنى بىلىپ ساقلىسا، )nq(XM7  
لايىقىدا چۈشتى. &m]jYvRc  
  O%aHQL%Sz  
ئات مىنىمىز ئىگەرسىز، +tG'  
تون كىيىمىز كىلەڭسىز. [M:<!QXw  
ئۆزەڭ بىلىپ كەل دېسە، cK\?wZ| Y  
شۇنداققىنە كېلەمسىز. Jp_ :.4  
  V^>< =DNE  
تاشتىن-تاشقا سۇ كەلدى، ;RQ}OCz9}8  
ئىپار سېلىڭلار. K!2%8Ej,J  
بىزنىڭ قۇدىلار كەلدى، ta'wX   
ئۇسسۇزلۇق تۇتۇڭلار. [l7n "gJ~  
تام ئىچىگە تام سالدۇق، 0< }BSv  
شەر ئىچىگە قاتمۇ-قات. 'TA !JB+  
ئىككى ياخشى بىر بولدى، )M"xCO3a  
خۇدايىمدىن ئىلتىپات. xX Dj4j,  
  b d C  
ئۆزلىرىمۇ-ئۆزلىرى، "{2niBx  
لىمتاقتىكى بۆزلىرى. C9,Uwz 
بېيىتىمنى ياندۇرالماي، 0JqvV  
ئالىيىپ قالغان كۆزلىرى. Q{yjIy/b  
  p%K(dA  
بىدە كۆكى، بىدە كۆكى بىدە يەملا، aK 3'u   
بىزنىڭ ئۆيلەر سۇ ياققىسى ئۆتەلەمدىلا. b[:{\ !I  
ئاپا كۆڭلى ئالتۇن غۇلۇپ ئاچالامدىلا، S0}=uL#dt  
ئاتا كۆڭلى ئىگىز دالان چىقالامدىلا. 1+YqdDqQ  
بىزدەك قىزلار مىڭ سەر ئالتۇن ئالالامدىلا، N,3iSH=cN[  
  m(0X_& &?z  
بىدە كۆكى، بىدە كۆكى بىدەنى يەرمىز، NCl@C$W9q  
سىزنىڭ ئۆيىڭىز سۇ ياققىسى كۆرۈك سالۇرمىز. nd7g8P9p  
ئاپا كۆڭلى ئالتۇن غۇلۇپ كېلىت سالۇرمىز، MH9vg5QKp  
ئاتا كۆڭلى ئېگىز دالان شوتا قويارمىز. C\B4Uu6q  
سىزدەك قىزنى جاننى خەشلەپ ئالۇرمىز. 5pK _-:?  
  gga}mqMv=  
بۇلاقلاردا چار بېلىق، J0oeCb  
دەريالاردا ئاق بېلىق. c*\;!dbP  
ئەمدى چىقتى بۇ لايىق، xc\zRsY`  
ھەيران قالسۇن خالايىق. '2ZvK  
سىرىق دۆڭگە دەرەخ تىكتىم، Ks@c wY  
سۇ كەلمەي قورۇپ قالدى. z?( b|v  
مەن يارىغا بېيىت ئېيتتىم، ]5Dh 
ياندۇرۇپ تۇرۇپ قالدى. NzTF2ve(  
  Poa&htxe1  
بايتوقايدىن سۇ كەلدى، YRFz ]  
تاشتىن-تاشقا شارقىراپ. w6WPfy(/2  
جېنىم قىزىم ئولتۇرامدۇ، mt`CQz"_  
تولۇن ئايدەك پاقىراپ. |_>^vW1 f  
چىلان تورۇق ئات مىندىم، 7(N+'8  
يانپىشى ئالا. n|LpM.  
ئىلانلىقتىن قىز ئېپ كەلدىم، @NqwJ.%g  
گۆھەردەك بالا. ,"XiI$Le  
بىرى قازى، بىرى مۇپتى، ]z/R?SM  
ئەپلىشىپ قالا. |K06H ?6X  
بىرى سەبدە، بىرى رەيھان، +38R#2JV  
ئېچىلىپ قالا. F_jHi0A  
   7-!n-  
خېنىم بالامغا تىل تەگمىسۇن، >[, eK=  
ئالتۇندىن تۇمار. G+t:]\  
سۇدىن ئالغان نەمەل تاشتەك، rUj\F9*5#  
كۆزلىرى خۇمار. .t5.(0Xk[A  
  \`2'W1O  
مۆمىن ئاخۇن مۇلايىم، ]myRYb5Z  
غۇنچىخان تولۇن ئايىم. #e|o"R;/`  
كېچە-كۈندۈز تېلىۋىدۇق، jk03 Hd  
ئەمدى بەردى خۇدايىم. _9 ]:0bDUo  
  6FA+q YSV  
يەرلىك ئەشتىم پاختىدا، ir_XU/ve  
ئۇننى يايدىم تاختىدا. c MXv  
ھەجەپ ئوبدان توي قىلىدۇق، Yi*F;V   
ئىككى قۇدا ۋاقتىدا. 1^![8>u"  
  ,X4+i8Yc  
ئاينىمۇ-ئاي تۇغۇر، Fo.Y 6/}  
كۈننىمۇ-كۈن تۇغۇر. CO='[1"_5  
بۇنداق ئوبدان كېلىننى، &q-&%~E@  
بۇندىن كېيىن كىم تۇغۇر. Hd|[>4Z  
سېرىق قۇچقاچ سايراپ ئۇچتى، hv|a8=U!R  
ھاۋا ئارىلاپ. q? ' 4&  
ئوڭ كۆزۈمدىن گۆھەر ئاقتى، ez ,.-@O  
قىزىمغا قاراپ. 0 K%okq|n  
جېنىم قىزىم ئۆگىنىپ قالسۇن، .~f )4'T 9  
خىزمەتتە ياراپ. x77L"5g  
,|A^  
  9zwD%3Ufn  
  EN!C5/M{&  
رامزان قوشاقلىرى >dl5^  
رامزان قوشاقلىرى دىنىي تۈس ئالغان قوشاقلار بولۇپ،كىشىلەرنى روزا تۇتۇشقا،سەدىقە بىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ.ئۇلارغا سالەمەتلىك،بەخت تىلەيدۇ.بۇ قوشاقلارنى رامزان ئايلىرىدا ئپتار ۋاقتىدا ياكى زوغا قوپقاندا بىر قانچە كىچىك بالىلار ياكى يىگىتلەر ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ،داپقا تەڭكەش قىلىپ،ئۆي ئىگىسى ئۇلارغا نان ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى ئەپچىقىپ بەرگۈچە ئېيتىدۇ،يىمەكلىك ئەپچىقىپ بەرمىگەنلەرنى قوشاقلىرىدا ئەيىپلەيدۇ. 4$xVm,n|  
B$ eM  
روزىنىڭ ئونى كۈنى قادىر كۈنى، d&+]@ Ii  
روزىنىڭ زاكاتىنى بېرىڭ قېنى. FRQ.ix2  
  \3JCFor/  
روزاڭ ئېيتقان بىلەن بىز تويماسمىز، Wk%|%/:  
پەيغەمبەر سۈننەتىنى بىز قويماسمىز. 5#.m 'a)  
  *K/K97  
ئاسماندىن لەيلەپ چۈشكەن مەللە پوتا، qO>UN[Y  
ئۆيۈڭدە نەزىر قىلساڭ خىزىر ئاتا. :nIMZRJ_!E  
  5 A0]+)5E8  
ئاق توخۇي ئاپئاق توخۇي ئەكەك چىشى، DTezG':  
ھەجەپمۇ ئېرىنىدۇ مەزلۇم كىشى. oMbd1uus  
  BN9e S   
ئاق ئۆيۈڭ، ئاپئاق ئۆيۈڭ دۆڭدە بولۇر، >=N-P< %  
ئۆيۈڭدە بىر بالا بار موللا بولۇر. B?j t?  
  u9"kF  
ئۆيۈڭنىڭ چۆرەلىرى قوشقار بېزى(نىزى) M(C">L]8  
ياغلىق بېرور قوي كۆزلۈك باينىڭ قىزى. s{^B98d+W  
  2^'Ec:|f  
ھەر يەردە شۇنچە تۇرسام كەچ بولۇر، EXSJ@k6=8s  
ئېيتقانىم-ئېيىتماغانىم ھەش(ئاشكارە) بولۇر. $z$^ yjL  
  y.Z_\@  
روزاڭ ئېيتۇر ئىكەن ئۆمەر ئېلى، Au2?f~#Fv  
شۇلاردىن بىزلەرگە قاپتۇ ئەسلى. ()aCE^C  
  `NtW+v  
بېلىقلار ئويناشىدۇ كۆلچەگىدە، }ktIG|GC  
شۇ ئايلام ئۇن بېرىدۇ چۆچەگىدە. tdK&vqq  
  `t/j6 e]  
روزاڭ ئېيتىپ كەلدىم ئىشىكىڭگە، LAC&W;pJ"  
خۇدايىم ئوغۇل بەرسۇن بۆشۈكىڭگە. d92Z;FWb  
  H~yHSm 3  
روزى ھېيىت ناماز ئۆتە جانىڭ ئۈچۈن، 4FzTf7h^  
قېرى قوي زاكاتىنى بەرمەك ئۈچۈن. ymm]+v5S.]  
  $1ovT8  
روزا تۇتتۇم جان ئۈچۈن، 2|j=^  
جېنىمدا ئۈمىد بار ئۈچۈن. lG-B) F  
  I/w;4!+)  
تۇتماي دېسەم قورقىمەن، Z7bJ<TpZ  
گۆردە زۇلۇم بار ئۈچۈن. E2M 
%.d.h;^T  
  [\3ZMH *  
  oh-EEo4,  
نۇرۇز قوشىقى ?;oJ=.T  
  "*HM8\  
^ oav-R&  
يىل بېشى نۇرۇز كۈنى، yf&_l^!  
سېرىق چېچەكلەر ئاچىلۇر. 2pmj*Y3"8  
قىز-چوكانلار باشقا، E G+/2o+W  
قىزىل گۈللەر ساچىلۇر. [;Ih I  
  iDcTO}  
يىل بېشى نۇرۇز كۈنى، gs!'*U)  
تېرىچىلىق باشلىدۇق. O [= L#wi  
كونا يىلنى ئۇزۇتۇپ، P>rRD`Yy\  
يېڭى يىلنى باشلىدۇق. Iu P~Vt{m  
يىل بېشى نۇرۇز كۈنى، D} B?~Lls  
كونا يىلنى تاشلىدۇق. OD7^* j(p`  
يېڭى يىلنى ئاغدۇرۇپ، hBRi5&%  
يېڭى ئىشنى باشلىدۇق. cY5;~lO  
  I4%kYp]  
زىمىستان قىش ئورنىغا، lTu& 9)  
گۈل-گۈلستان باغ بولدى. 1#c Tk  
ئۇلۇغ-ئۇشاق قېرى-ياش، m5 sW68  
پۈتۈن خەلق شاد بولدى. OnE%D|Tq=  
6 /YJA*  
  xE@/8h  
  p&RC#wYu  
ئاشلاش قوشىقى R)k\  
9x@|%4Zm"  
تاماق سىڭمەسلىك،بەدەن-باش ئاغرىش،كىچىك بالىلاردا قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە،ياشانغان ئاياللار چوڭ چىنىگە كىپەك ياكى كۈل تولدۇرۇپ،ئاغزىنى ياغلىق بىلەن ئوراپ،كېسەلنىڭ باش-كۆزىگە،قورسىقىغا پۇت قولىغا ئاشلاش قوشىقىنى ئېيتىپ دومىلايدۇ.بەزىدە ئاغرىق ئادەمنىڭ ئايىقى بىلەنمۇ دومىلايدۇ. l~;>KjZg  
ئاللاھۈممە ئاچ-ئاچ چىق، y8s!sO  
چۈشكۈرگەننىڭ يۈزىگە چىق. V2}\]x'1  
توق بالامنى قينىماي، ErNYiYLi]  
ئاچ قالغاننىڭ كۆزىگە چىق. 5_'lu  
ئاچ-ئاچ-ئاچ-ئاچ، بولساڭ چىق، iv$YUM+  
چىرايلىق قىزلارنىڭ چاچلىرىغا چىق. ~I5hV}ZT  
  CfU|]<  
ئاللاھۈممە ئاچ-ئاچ، چىق، 4c< s"2F  
ئاچ بولساڭ، ئاچلارغا چىق. VdK%m`;2  
ئاچ قالغاننى قوغلۇشۇپ، p?Azn>qBa  
تاپالمىساڭ تاشلارغا چىق. h) Wp  
ئاچ-ئاچ-ئاچ-ئاچ، بولساڭ چىق، 7l69SQo]?  
باي خېنىملارنىڭ باشلىرىغا چىق. 06pvI}   
  2cYBm^o|x  
ئاچ-ئاچ-ئاچ-ئاچ، بولساڭ چىق، SL4?E 
ئويناشما بوزەك بىلەن. sApix=Lr  
چۆلگە، كۆلگە كېتىڭلار، u;_~{VJ-  
ئۇجۇقتۇراي تېزەك بىلەن. f4f2xe7\Q  
ئاچ-ئاچ-ئاچ-ئاچ بولساڭ چىق! ]1!" q40)]  
نەدىن كىرسەڭ شۇ يەر بىلەن چىق. P"vrYom  
  7QsD"rL  
ئاچ، ئاچ، /}?7Eni  
ئاچ بولساڭ ئېچىپ چىق. KrE 'M  
قورقاق بولساڭ، q\Y4vWg  
قورقۇپ چىق. iEvQ4S6tD  
  W7>2&$  
ئاچ، ئاچ،  4V,.Oi  
ئەسكى تۈگمەنلەرگە بار. qyH -Z@  
قېرىق چىلتەكلەرگە بار، `geHSx_  
ئۇلۇغ ئۇلۇغ سۇلارغا بار. EbC!tR  
قوتان قوتان قويلارغا بار، ||$&o!;/L  
كۆزى يامانلارغا بار. ( ay AP  
يىلان قامچىلىقلارغا بار، *pKTJP  
كورا كورا ياغلارغا بار، lE:g A,  
تاغ تاغ خامانلارغا بار. 4DA34m(  
  a{5SOe;;  
ئاچ، ئاچ، 7{;it uqX  
ئاچقىمۇ ئاچ كىرەمدۇ ئاچ!؟ `9~ %6N?7#  
چىق، چىق، R@vcS=m7  
چىقساڭ چىق! .|UQ)J?s  
چىقمىساڭ تېزەك بىلەن ئىسلايمەن، %Tm*^  
چىق، چىق، چىق! +# W94s~0V  
(Fv tL*  
  RZ".?  
          ھازا قوشاقلىرى                                                                          NxT"A)u  
دەريا سۈيى سۇ بولدى، بالام، 8%?y)K^ D  
ياغلىق ئۇچى ھۆل بولدى بالام. /ZLY@&M  
جېنىم بالام گۈلنىسا،  N;7/C  
يۈرەك-باغرىم خۇن بولدى بالام. ?pDr"XH~  
  'M90Yia  
مەن بالام دەپ يىغلىسام، بالام، Q?{%c[s  
كۆزۈمدىن ياش توختىماس، بالام. QrZ#<{,J5  
باشقىلارغا قارىسام بالام، d:H'[l.F%  
مېھرى ساڭا ئوخشىماس بالام. (~T*yH ~  
  ZykMri3bi  
گۈلنىسا، ئېتىڭ قالدى، بالام، " \$^j#o  
ئوقۇغان خېتىڭ قالدى، بالام. p6VD*PT$&  
سەن كەتتىڭ مېنى تاشلاپ، Ia&R/I  
بىر بالاڭ يېتىم قالدى، بالام. gr=h!'m  
بارات قوشىقى *Ak.KBg  
بارات ئېيى ئسلام دىنىدا ئاللانىڭ رەھمىتى ياغىدىغان،كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان،رىسقىلىرى مول بولىدىغان ئاي دەپ قارىلىدۇ.شۇڭا ھەريىلى بارات ئېيىنىڭ 14-كۈنى كېچىسى ياشلار ھەم ئۇششاق بالىلار كوچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا گۈلخان يېقىپ ، بارات قوشاقلىرىنى ئېيتىشىدۇ ھەم تۈنەيدۇ. O 4 !$  
بارات بولدى، تويدۇڭلارمۇ؟ H'+7z-% G  
ماڭا قويماق قويدۇڭلارمۇ؟ ,Z. sGv  
باردت بولدى تويدۇڭلارمۇ؟ ~j0rORy]  
ماڭا پوشكال قويدۇڭلارمۇ؟ DE?v'7cmA  
  gk]QR.  
باردت كەلدى تويدۇڭلارمۇ؟ "fFSZ@,r  
يامان خۇينى قويدۇڭلارمۇ؟ 3v* ~CQy9  
باردت كەلدى تويدۇڭلارمۇ؟ L`NIYH<^  
سامسا-پوشكال سالدىڭلارمۇ؟ en 
قايتارما: b@:OlZ~ %  
                       باراتۇللا ھەبىبۇللا، ^l &lwSRVt  
                      مۇھەممەدۇن رەسۇلىللا. }r}*=;Ea  
دىمەك،توقسۇن ناخشا-قوشاقلىرى ناھىيمىزدىكى ئەقىل-پاراسەتلىك،ئەمگەكچان،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئىجتىمائى تۇرمۇشىنى ،دىننى ئېتىقادىنى ، ئۆرۇپ- ئادىتىنى، مەدەنيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىجتىمائى قىممەتكە ئىگە تارىخىي مىراستۇر. A_9WSXR  
Sn CwoxK  
Vn s3859$8  
توقسۇن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن

tawpek 2011-01-24 20:49
ئۆزبەكلەرنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا رىياسەتچى ناخشىنى قوشاق دەپ ئىلان قىلىدىكەن. f}otIf  
gt kV=V  
ھەممە يۇرىتنىڭ ئۆزىگە خاس قوشاقلىرى بولىدىغان ئوخشايدۇ.

مىېھرىما 2014-01-28 11:39
جىن سەكرىسە سەكرىسۇن،   TG2#$Bq1  
مەن سەكرىمەي ئوقۇيمەن.   /8; m.J>bf  
!!\}-r^y%  
كىچىكىمدە دائىم ئاكامنىڭ يۇقارقى مىسرالارنى  يادقا ئوقۇپ، سەكرەپ يۈرۈپ بىزنى كۈلدۈرشلىرى ئېسىمگە كەپ قالدى.

مىېھرىما 2014-01-28 11:39
ئەسلى توخسۇ قوشاقلىرىكەنغۇ؟! ئاكام نەدىن ئاڭلىۋالغان بولغىيتى

تارىم 2014-03-03 01:33
ئەسلىدە  بۇ قوشاقلار   پۈتۈن   ئۇيغۇرلارغا   خاس   بولغان  قۇشاقلار   ئىكەنغۇ  ،

ھاتەھاتەم 2014-03-17 16:33
مۆمىن ئاخۇن مۇلايىم،   W $D 34(  
9 ,fV  
 *wJ$U  
غۇنچىخان تولۇن ئايىم.   vE9"1M  
8nI~iN?"   
HZ<#H3_ix  
كېچە-كۈندۈز تېلىۋىدۇق،   !&OdbRHM  
:G#%+,  
u0R[TA3  
ئەمدى بەردى خۇدايىم.بۇ قوشاقلارنى توي-تۈكۈنلاردە ئاڭلىغان.


查看完整版本: [-- توقسۇن خەلق ئۆرۈپ-ئادەت قوشاقلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled