查看完整版本: [-- ئالتۇن چىشلىق ئىت ھەققىدە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> ئالتۇن چىشلىق ئىت ھەققىدە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-01-23 09:04

ئالتۇن چىشلىق ئىت ھەققىدە

يېزىقچىلىق مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا بۇ ئوقۇغۇچىمنىڭ ماقالىسىنى مۇھاكىمە ماقالىلىرى يېزىقچىلىقىغا ئۈلگە قىلغان ئىدىم ، مۇنبەرگە يوللىدىم  . تەكلىپ - پىكىر بېرەرسىلەر . g1|c?#fwo  
$C/Gn~k 5  
«ئالتۇن چىشلىق ئىت » ھېكايىسىدىكى  باش پېرسۇناژ كىم ؟ ' ^^K#f8  
مىھرىئاي كامىل mK-:laIL"  
U'G`Q0n  
ئەلگە «نەي ئاۋازى»، «ئايخان»، «ئۆلۈككە خەت» ۋە «ساراڭ» بىلەن باشلىنىدىغان يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە باي چاتما ھېكايىلىرى بىلەن تۇنۇلۇپ،شۆھرەتكە ئىگە بولغان يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ئالتۇن چىشلىق ئىت» ناملىق ھېكايىسى ئېلان قېلىنىش بىلەنلا، جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۇك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. W |e>  
R.T-Ptene  
ئاپتور بۇ ھېكايىسىدا ئوسمانجان ئائىلىسىنىڭ بىر قاتار تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق جەمىيىتمىزدىكى ئىنتايىن ئاز سانلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇل، مال-دۇنيانى جېنىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان ، پول ئۈچۈن ھەر قانداق پەسكەشلىكنى قېلىشتىن يانمايدىغان،ئاچ كۆز نەپسىيانەتچىلىكتە ئۇچىغا چىققان رەزىلىكىنى ئىنتايىن قىزىقارلىق
  تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى،ئۆتكۈر ھەجۋى تىل بىلەن ئېچىپ تاشلىغان. Q ^rW^d  
#^ #i]{g  
بۇ ھېكايىگە ئوسمانجان ئائىلىسىنىڭ ئۇنتۇلماس ئەزاسى «ئاق تاپان»غا ئالتۇندىن چىش سالدۇرغانلىقى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاپتور بۇ ھېكايىگە «ئالتۇن چىشلىق ئىت»دەپ ماۋزۇ قويغان.  
'4sD1LD~}  
بۇ ھېكايىنىڭ ماۋزۇسىدا ئىپادىلەنگەن «ئالتۇن»،«ئالتۇن چىش»،«ئىت» دېگەن سۆزلەر بىر خىل يۇمۇرلۇق ھەجىۋى مەنىدە بىرىككەن بولۇپ،كۈچلۇك مەسخىرە ھاسىل قېلىدۇ.شۇنداقلا بۇ خىل مەسخىرە ئىتقا ئالتۇن چىش سالدۇرغان ئوسمانجان ۋە ئۇنىڭ ئايالى، ئىتنىڭ ئالتۇن چىشىنى چىقىرىۋېلىپ ئۆزلىرىگە ئالتۇن چىش سالدۇرغان دوختۇر ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ خارەكتىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىۋاتقان يۇمۇرىستىك مەسخىرە بىلەن زىچ بىردەكلىكنى ھاسىل قىلغان. JUFO.m^w  
|/;5|  z  
«ئالتۇن چىشلىق ئىت»ھېكايىسىدە مۇرەككەپ بولغان قۇرۇلما تەقلىدى قوللىنىلغان .ئەسەردە ئادەملەر
  ھايۋانلارغا تەقلىد قىلىنسا،ھايۋانلار ئادەملەرگە تەقلىد قېلىنىدۇ. C>dJ:.K%H  
@&##c6\$  
ھېكايىنىڭ بىرىنجى قىسىمىدا «ئاق تاپان»دېگەن ئىتنىڭ ئوسمانجان ئائىلىسىگە كىرىشى ۋە ئۆسۇپ يېتىلىشى،ئوسمانجان ئەر-ئايال چەت ئەلگە چىقماقچى بولۇپ يولغا چىققانلىقى ھەم «ئاق تاپان» نىڭ ئۇلارغا ئەگىشىپ چىگرىدىن ئۆتۈش جەريانى قىزىقارلىق ھالدا بايان قېلىنغان. L? +|%[  
~[q:y|3b  
ھېكايىنىڭ ئىككىنجى قىسمىدا «ئاق تاپان»نىڭ چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىنكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشى، ھاراق ئىچۈرۈپ قويغاندىن كېيىنكى يۇمۇرىستىك قىزىقچىلىقى، ئوسمانجانلارنىڭ
  مال سېتىپ باي بولۇپ،چىشلىرىغا ئالتۇن قاپلىتىش بىلەن بىللە «ئاق تاپان» غىمۇ ئالتۇندىن چىش سالدۇرۇشتەك بىمەنە قىلىقلىرى قىزىقارلىق ۋە يۇمۇرلۇق بايان قىلىنغان .  eb@Lh!  
y03a\K5[KQ  
ئۈچىنچى قىسىمدا ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەنلىكى،«ئاق تاپان»نىڭ ئالتۇن چىشلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ھىجىيىشلىرى،چەكتىن ئېشىپ كەتكۈدەك بىمەنىلىكلەرنى قىلغان كىشىلەرنىڭ قىلمىشى ئەل-جامائەت ئارىسىدا كۈچلۇك يىرگىنىش قوزغايدىغانلىقىدەك ئىدىيىۋى مەزمۇن ئىپادىلەنگەن. تۆتىنجى قىسىمدا ئوسمانجانىڭ ئايالى ئاغرىپ قېلىپ،دوختۇرخانىغا ئاپارغانلىقى، ئۇ يەردىكى ئاچكۆز ،تەمەخور دوختۇر-سېستىرالارنىڭ ئۇنىڭدىن پارا تەلەپ قىلغانلىقى، دوختۇرنىڭ تەلىپى بىلەن «ئالتۇن چىشلىق
ظت» نى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغانلىقى يېزىلغان. wR4u}gb#q  
2z# @:Q  
بەشىنجى قىسىمدا ئوسمانجاننىڭ «ئاق تاپان» بەدىلىگە ئايالىنى قۇتۇلدۇرغانلىقى؛ دوختۇر ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىتنىڭ چىشىنى قۇمۇرۇپ ئېلىۋېلىپ
  ئۆزلىرىگە سالدۇرغانلىقى ، شۇندىن كېيىن دوختۇرنىڭ ئايالىنىڭ ھىچ ئىش قىلماي، دەرىزىنى ئېچىپ قويۇپ، يولدىن ئۆتكەن ئەرلەرگە ھېجىيىدىغان بولۇپ قالغانلىقى، دوختۇرنىڭ ئۆزىگە پارا بەرمىگەنلەرگە ئىتتەك خىرىس قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقى بايان قىلىنغان.ئەسەردە بۇ خىل قۇرۇلما تەقلىدى كۈچلۇك دارىتما قىلىنىپ،كىشىلەرگە ئالاھىدە سەنئەت تۈيغۇسى بېغىشلىغان.كىشىلەرنىڭ مال-دۇنيا ئالدىدىكى ئەخلاقىي تەۋرىنىشلىرىنى ۋە بۇزۇلۇشىنى كۆرسەتكەن. كەسپىي ئەخلاقىنى ئالتۇنغا تىگىشكەن دوختۇرنىڭ ئىتقا ئايلانغانلىقىنى يېزىش ئارقىلىق، ئىنسان پەزىلىتىنىڭ پاك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.ئەسەردە ئادەمنىڭ ئىتقا ئايلىنىشى ئاشۇرىۋىتىلگەندەك قىلسىمۇ،لېكىن بۇ بايان ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلما تەقلىدىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ،ئاپتورنىڭ ئادەم خارەكتىرىنىڭ بوزۇلۇشى،كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنىڭ يۇقىلىشىغا بولغان مەسخىرىسىنى كۆرەلەيمىز. $yFuaqG`Wo  
z.HNb$;  
بۇ ھېكايىنىڭ مۇقەررەر يېشىمى، يەنى ئوسمانجان ئەر-ئايالنىڭ سەمىيمىيەتسىزلىك بىلەن پۇل تېپىپ،ئاقىۋەتتە ئىتقا ئالتۇندى چىش سالدۇرۇپ كۇلكىگە قېلىشى،دوختۇرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك-دىيانەتلىك بولماي، كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىشى،پارا ئېلىشى،ھەتتا كىشىلەرنى پارا بېرىشكە قىستىشى،كۆڭلى قارىلىق بىلەن بېيىپ،ھەتتا ئىتنىڭ چىشىنى سالدۇرۇپ قاۋايدىغان بولۇپ قېلىشى،ئايالىنىڭ ئاقىۋىتى بىزگە بىرخىل مۇقەررەرلىكنى كۆرسىتىدۇ. G%R`)Z]8&  
L6=RD<~C  
ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتلەردىن مەھرۇم بۇنداق كىشىلەرنىڭ يىرگىنىشلىك قىياپىتىنى «ئاق تاپان» ئوبرازى ئارقىلىقلا بىلىپ يىتەلەيمىز.  r~_ /Jj  
d|+jCTKS  
دېمەك، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» ھېكايىسىدە «ئاق تاپان» ئۆزىنىڭ ھەل قىلغۇچ رولى ۋە باش تېما ئىدىيىسىنى ئېچىپ بىرىشتىكى ئاساسلىق پىرسۇناژلىق ئەھمىيىتى بىلەن ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانىدۇر. q.[[ c  
A;a(n\Sy  
پايدىلانغان ماتىرىياللار: To%*)a  
n12c075  
①مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ئالتۇن چىشلىق ئىت»
  ساتىرىك ھېكايىسى s{J!^q  
6ilC #yyp  
②تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ  ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ساپا مائارىپى يېڭى دەرسخانىسى «ئەدەبىيات» ماتىرىيالى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى 2003-يىلى 1-نەشىرى ixHZX<6zYT  
0+y~RTAVB  
③ئابدۇسالام ئابدۇشۇكۇرنىڭ «مەمتىمىن ھۇشۇر پرۇزىسىنىڭ بايان شەكلى ۋە پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۈنياسى» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى2001-يىلى 6-ئاي 1-نەشىرى cBR8HkP~  

tawpek 2011-01-23 11:37
بىز ئوقوغاندا بارئىدى بۇ دەرىس، ھازىر چىقىرىۋەتمىگەندۇ؟

بابۇر0725 2014-03-04 00:39
بىز ئوقوغاندا بارئىدى بۇ دەرىس، ھازىر چىقىرىۋەتمىگەندۇ؟


查看完整版本: [-- ئالتۇن چىشلىق ئىت ھەققىدە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled