nazperwer |
2011-01-21 03:26 |
ئاياللارنىڭ تۈزۈتىنى بۇزىۋەتمەسلىك كېرەك
بەزىلەر سوۋغات قوبۇل قىلغاندا ياكى مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندە ئازراق تۈزۈت قىلىپ،ئاندىن خىجالەتچىلىكتە قوبۇل قىلىدۇ.
بۇنداق قىلىق ئۆتمۈشتە تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلاتتى.بۇنداق ئەھۋال بۈگۈنكى كۈندە ئەرلەر ئارىسىدا تۈگەپ كېتىۋاتىدۇ ،لېكىن ئاياللار ئارىسىدا ھىلىھەم مەۋجۇد.ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى باشقىلارغا تەربىيە كۆرگەن بولۇپ كۆرۈنۈش ئۈچۈن ياكى ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك كەمتەرلىك دەپ قارالغانلىقىدىن بولسا كېرەك.تاپشۇرىۋالغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقارمەن دەپ ئەنسىرەشمۇ بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن.
بۇنداق تۈزۈتخورلۇق كۆپىنچە قولى باتۇر،كۆزى قورققاق ياكى يۈرىكى كىچىك ئاياللاردا ئۇچرايدۇ.ئۇلار تۈزۈت قىلغاندا‹‹ھەي ، مەن بولماسمەنمىكىن! ›› دەيدۇ.بۇنداق دېگىنى ئەسكەرلەر جەڭ مەيدانىدا دۈشمەننىڭ كۆزىنى باغلاش ئۈچۈن نىقاپلىنىۋالغىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ،ئۇلار باشقىلارنىڭ تەلىۋىنى قوبۇل قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە يەتكەندە ئاندىن قوبۇل قىلىشنى ئويلايدۇ.بۇنداق چاغدا ئەركىشى ئەگەر‹‹كۆڭلىڭىزدىغۇ ماقۇل دەۋاتىسىز ›› دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئېچىپ تاشلىسا،ئۇنىڭ تۈزۈتى بۇزۇلۇپ كېتىپ،ئۇ تېخىمۇ قېتىۋالىدۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭ قىلتىقىغا دەسسىگەن ئەركىشى ئۇنى خالىغان ئىشقا سالالايدۇ.
(‹‹ئەرلەر بىلىشكە تېگىشلىك مەخپىيەت›› تىن )
|
|