nazperwer |
2011-01-21 03:04 |
ئايال كىشى بىلەن زاكۇنلاشقاندىن كۆرە ...
ئايال كىشى بىلەن زاكۇنلاشقاندىن كۆرە،كۆڭلىنى كۆپرەك ئىزھار قىلغان ياخشى
ئايال كىشى باشقىلارنىڭ تەكرار سۆزلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.ئامېرىكىدا ئەر كىشى ھەر كۈنى دېگۈدەك خوتۇنىغا:‹‹مەن سىزگە ئامراق››دەيدىكەن.ياپۇنىيەدە بولسا،خوتۇنى ئېرىدىن:‹‹سىز ماڭا ئامراقمۇ ؟›› دەپ سورايدىكەن.ئېرى خوتۇنىنىڭ سوراۋېرىشىدىن زېرىكىپ كەتكەندە ‹‹ئەلۋەتتە شۇنداق ›› دەپ جاۋاب بەرسە،خوتۇنىنى‹‹ئۇ مەندىن سوۋۇپتۇ›› دېگەن ئويغا سېلىپ قويىدىكەن.ئايال كىشى ئېرىدىن بۇنداق سۇئاللارنى سورىغاندا،سۇئالنىڭ ئۆزىگىلا جاۋاب ئېلىشنى ئەمەس،ئېرىنىڭ جاۋابىدىن ھوزۇر ئېلىشنى كۆزلەيدۇ.شۇڭا ئېرىدىن‹‹ ئەلۋەتتە شۇنداق›› دېگەن جاۋابنى ئەمەس،‹‹مەن سىزگە ئامراق›› دېگەن جاۋابنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.ئۇلار مۇشۇنداق قۇلاققا ياقىدىغان سۆزلەرنى قايتا-قايتا ئاڭلاپ،ئۇنىڭدىن تۈگىمەس لەززەتكە ئېرىشمەكچى بولىدۇ.ئەرلەر بولسا كۆڭلىدىكىنى دېگەندىن كېيىن بولدىغۇ،ئاشۇ سۆزلەرنىڭ ئۆزى بىلەن جاۋاب بېرىشنىڭ نېمە ھاجىتى،دەپ ئويلايدۇ.ئايال كىشىنىڭ ئاڭلاۋەرسە بولىدىغان بۇنداق ئىشلارغا كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى ئەرلەر چۈشەنمەيدۇ.ئايال كىشى پوپايكا توقۇغاندا بىر خىل ھالەتنى بىرنەچچە سائەتكىچە تەكرارلىيالايدىغانلىقىغا قارىساقلا،ئۇلارنىڭ بۇ خىل پىسخىكىسىنى چۈشىنىۋالالايمىز.شۇڭا ئەرلەرخوتۇنىنىڭ قۇلىقىغا ياقىدىغان بۇنداق سۆزلەرنى كۆپرەك تەكرارلاپ ئۇلارنى ھوزۇرلاندۇرۇپ تۇرىشى كېرەك.
(‹‹ئەرلەر بىلىشكە تېگىشلىك مەخپىيەت›› تىن )
|
|