查看完整版本: [-- مۇسىبەت ئىچىدىكى خىياللار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> مۇسىبەت ئىچىدىكى خىياللار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

bagwan 2011-01-19 00:15

مۇسىبەت ئىچىدىكى خىياللار

مۇسىبەت ئىچىدىكى خىياللار  
    ھاجى قۇتلۇق قادىرى :9?y-X  
   مەنبە:شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى "بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا" ناملىق كىتاب. nI0TvB D  
mssCnr;   
"fH"U1Bw  
  ماقالىنى پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان مەرھۇم ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، ئەھمەد زىيائى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ روھىغا دۇئا، ئاخىرەتلىكىگە جەننەت تىلەش بىلەن باشلايمەن. ^ s.necg0  
  بوۋامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە،ئىلگىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن چاغلاردا ،بۈگۈر ناھىيىسىدە مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىكەن: گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈركۈم-تۈركۈملەپ بىگۇناھ پۇقرالارنى چېپىپ،بورىغا يۆگەپ ئۆلتۈرگەننى ئاز دەپ،توققۇز ئەسكەر ئىككى قىزغا زورلۇق بىلەن باسقۇنچىلىق قىلىپ،قېلىچىنى ئۇلارنىڭ جان يېرىگە تىقىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن،بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان شىر يۈرەك ئوغلان ھەمزە غەزەپكە كېلىپ شۇ كېچىسىلا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا بارغان ھەمدە توققۇز ئەسكەرنىڭ ھەممىسىنى چېپىپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.ھەمزە بۇ ئىش ئۈچۈن ئەتىسىلا يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ھۆكۈمەت ئۈچىنچى كۈنى پۇقرالارنى يىغىپ، ھەمزىنىڭ قولىغا كويزا، پۇتىغا كىشەن سېلىپ سازايى قىلىپ ئېلىپ چىققان. يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى نادان خەلىقنىڭ ئالدىدا : "ھەمزە دېگەن بۇ ئەبلەخ بىزنىڭ توققۇز ئەسكىرىمىزنى ئۆلتۈرىۋەتتى، بۇنى زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ " دەپ سورىغىنىدا،يۈرەكلىرى مۇجۇلۇپ قورقۇپ كەتكەن نادان خەلق :"ھەي ئەمەلدار،بۇ ئەبلەخنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىڭلار " دەپ چۇقان سېلىپ، ھەمزىگە تاش ئېتىپ،يۈزىگە تۈكۈرگەن. RvXK?mL4F  
  يەرلىك ھۆكۈمەت شۇ مەيداندىلا ھەمزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ناھايىتى ئەپسۇسكى، خەلقىمىزنى گومىنداڭ نادانلىق، جاھالەت ئىچىدە قالدۇرۇپ يۈرەكلىرىنى موجۇپ، ئۆز قەھرىمانىنى ئۆزى ھاقارەتلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. بۇغۇ ئۆتمۈش، ئۇ كۈنلەر ئەبەدىي كەلمەسكە كەتتى. ئەمدىلىكتە، بىز ئۆزىمىز بىلەن بىر زامان ، بىر ماكاندا ياشاپ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى خەلقنىڭ كەلگۈسى، مائارىپى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان، تۇرمۇشنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتقان، قىران چاغلىرى "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" نىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن، ئۆمۈرلىرى تۈرمە ئىشىكىنىڭ زەررىچىلىك تۆشۈكىدىن ئالەمنىڭ پادىشاھى بولغان قۇياشقا تەلمۈرۈش بىلەن ئۆتكەن، بىزگە بۇ زىددىيەتكە تولغان ئالەمنى تاشلاپ قويۇپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ئالىملىرىمىز كەينىدىن نېمىلەرنى دەۋاتىمىز-ھە؟! 8slOB>2#Y  
  بىزنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىمىز شۇنداق كۆز يۇمىۋىدى، ئۆزىنىڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتى بىلەن پەخىرلىنىپ ئۇيقۇدىن ئەمدىلا ئويغۇنىۋاتقان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ كۆزىگە قۇياش قاپقارا كۆرۈندى، گويا سازلىقتىكى پاتقاققا جىسمىمىز يەنە قايتىدىن پېتىپ، يۈرەكلىرىمىز سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىشتۇق؛ ئۇلارنىڭ تاۋۇتىنى مۈرىمىزدە ئەمەس،قولىمىزنىڭ ئۇچىدا كۆتۈرۈپ، قانداقتۇر تەبىئەتكىمۇ دېگىلى بولمايدىغان مۇڭلۇق سادالىرىمىز بىلەن تەڭرىتاغنىڭ باغرىغا قويدۇق. شۇ مەرھۇملارنىڭ روھى ئۆز خەلقىنىڭ بۇ قەدەر چوڭقۇر مۇھەببىتىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن بۇ دۇنياغا قايتىدىن تۆرىلىپ كېلىشنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغاندۇ - ھە؟! %Eq4>o?D  
  بىز ئالىملىرىمىزنى يەرلىككە قويۇپ بولۇپ،يەتتە كەتمەن توپا تاشلىنىپ، مەزىنئاخۇنۇم : "قېنى قارىم،قۇرئان تىلاۋەت باشلىسىلا " دېيىشى بىلەنلا، ئالىملىرىمىز ھەققىدە پىتنە-پاسات، غەيۋەت-شىكايەتلەرنى تەڭلا باشلىۋەتتۇق، مەرھۇملارنىڭ روھىغا "قۇرئان كەرىم" دىكى ئايەتلەر بىلەن ئەمەس، پىتنە-پاسات، غەيۋەت-شىكايەتلەر بىلەن 'ئامىن" دەپ قولىمىزنى كۆتۈردۇق. "بىلەرمەن" لىرىمىز تەرىپىدىن قەبرىستانلىقتىن باشلانغان غەيۋەت-شىكايەت تاكى مەرھۇملارنىڭ يىل نەزىرىسى بولغۇچە داۋام قىلدى. بىرىنى "ئەخلاقسىز" دېسەك، بىرىنى "قېنى ساپ ئەمەس" دېيىشىپ، مەرھۇملارنىڭ كىتابلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ،ئۆزىمىزچە باھا بېرىپ يۈرىمىز.  بىز نېمە قىلدۇق؟ ئۇلار نېمە قىلدى؟ بۇنى ھەقىقەت تارازىسىغا سالماي، تېگى يوق خالتىلاردا غەيۋەتلەرنى يىغىپ يۈرىمىز. ئىلگىرى، غەيۋەتلەرنى خوتۇنلار قىلاتتى. ئەمدىلىكتە زامان ئاخىرى بولدىمۇ-قانداق؟ غەيۋەت ئەرلەردىن خوتۇنلارغا ئاشمايدىغان بولدى. مەرھۇم ئالىملىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ بىرەر جۈملىسىنىمۇ چۈشىنەلمەيدىغان، ھەتتا پەش-چېكىتلەرنى جايىدا قويۇپ ئاتىسىغا بىرەر پەرچە خەت يازالمايدىغان ئەمدىلىكتە شۇ مەرھۇملارنىڭ كىتابلىرىغا باھا بەرگۈچى "كاتتا زاتلار"دىن بولىۋالدى. ئالىملىرىمىز ھايات چېغىدا ئۇلارنى "پىر" قىلىپ تۇتقان مۇرتلىرى، ئۇلار ۋاپات بولىشى بىلەنلا شىكايەتچىگە ئايلاندى. مەرھۇملىرىمىز يازغان رومانلاردىكى مەشھۇر قەھرىمانلارنىڭ نەۋرىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ بىر كۆرۈشىۋالغانلار،ھازىر زامانىمىزنىڭ "قەھرىمانى" بولۇپ قالدى. ئىتنىڭ بۆرىگە ھەۋىسى كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەرگىزمۇ بۆرە بولالمايدىغانلىقىغا ئېچىنىپ بۆرىنىڭ كەينىدىن قاۋىغىنىدەك، بەزىلەر تا ھازىرغىچە قاۋاۋاتىدۇ. H?W8_XiN  
  ئەل ئۆمرىدە خوتۇنى بىلەن سوقۇشۇپ باقمىغان،تاساددىپىي سوقۇشۇپ قالسا ئىدارە رەھبەرلىكىدىن ئادەم كىرىپ تەكشۈرسە، سوغۇقتا يېلىڭ قالغان ئىتتەك تىترەپ كېتىدىغانلار، "مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى" دا بېقىنىنى چىمدىپ قويسا ئەلەملىك نالە-پەرياد قىلىپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىگەن تۈلكە چىراي كىشىلەرنىڭ، ئەمدىلىكتە ئون نەچچە يىل تۈرمىدە ناھەق قامالغان ئالىملىرىمىزنىڭ كەينىدىن پىتنە-پاسات تارقىتىشقا نېمە ھەققى بار؟ ئالىملىرىمىزنىڭ تومۇرلىرىدا ساپ قان ئۇرغۇپ تۇرمىغان بولسا، غۇرۇرى، ۋىجدانى، ۋەتەندىن ئىبارەت بىر تۇيغۇ مەۋج ئۇرمىسا، ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن ئاجايىپ ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى،ئوتلۇق شېئىرلارنى يازالامتى؟! 9 M!J7 W  
  بىز ياد ئېتىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، كۈيلەيدىغان ۋەتەنپەرۋەر ئالىملىرىمىزنى سۆيمەي، ئەكسىچە ئىككى قولى قانغا بويالغان،تارىم، ئىلى، يۇرۇڭقاش، زەرەپشان دەريالىرىنىڭ سۈيىنى قوشۇپ يۇساقمۇ گۇناھى يۇيۇلمايدىغان كىشىلەرنى كۆرگەندە بىر سورۇندا بولدۇم دەپ، دەپ ماختىنىپ، گويا ئۆزىمىزنى شىۋىقەدرى كېچىسىگە ئۇچراپ پېشانىمىزگە خىزىر سۆيۈپ قويغاندەك ھېس قىلىشىپ كېتىمىز. Y76UhtYH  
  بىز غەيۋەت-شىكايەت،پىتنە-پاساتقا شۇنچىلىك ھېرىسمەنمىزكى، پالانى مەھەللىدە پالانچى ئالىم توغرىسىدا يېڭى غەيۋەت-شىكايەت، پىتنە-پاسات بولسا تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىمىز، ھەرگىزمۇ  يېڭى بىر پارچە كىتاب چىقىپتۇ ، دېسە كىتابخانىغا بېرىپ ئۇنى سېتىۋالمايمىز.   Zm~oV?6  
  دوستلار، مەرھۇم ئالىملىرىمىزنى ئۇنچىۋالا سېسىتمايلى، ھايات قالغان ئالىملىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى قەدىرلەپ، مەرھۇملارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، بۇ زېمىندا پىتنە-پاسات، غەيۋەت-شىكايەتلەردىن خالىي ئىناق ياشايلى. qZ|>{^a*  

tawpek 2011-01-19 13:17
قاخشاش باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىشتىن باشقا ھىچنەرسە ئەمەس. c mI&R(  
[c_o.`S_\  
ئويلاپ قالىمەن بىزنى قاخشىتىۋاتقانلار ئەسكىمۇ ياكى بىز شۇلارنىڭ ئەسكىلىكىگە قاراپ تۇرۇپ يول قويىۋاتامدۇق. uiQRRT  
@0{vA\  
يەنىلا مەسىلە ئۆزىمىزدە. XFv)]_G  
N=[# "4I  
مۇشۇنداقلارنى سىسىتىدىغانلار يەنىلا شۇلار بىلەن بىر سەپتىكى كىشىلەرمىكىن دەيمەن.ئۇلارنىڭ قايمۇقتۇرشى تۈپەيلى نۇرغۇن كىشى قارىغۇلارچە غەيۋەت كوچىسىغا كىرىپ كەتكەن. y (w&6:  
)J 
كۆرمىدۇقمۇ  يالقۇن روزى بىلەن مۇختەر بۇغرانىڭ غەيۋەتلىرىنى.

ياپراق 2014-03-20 22:58
توۋا ھەقىقەتەن شۇنداق ..................

ھاتەھاتەم 2014-04-11 11:20
ئالىملىرىمىزنى ھۆرمەتلەيدىغان،ئۇلارنىڭ كەمچىلىگىنى ئەمەس ،بەلكىئارتۇقچىلىقىنى كۆرەلەيدىغان،كۆز ۋە قەلب يېتىلگەندە بىز يىچكىمدىن ئاغرىنمايدىغان بولىمىز.

مىېھرىما 2014-04-11 14:45
پايدىلىنىش قىممىتى بار ياخشى تىما ئىكەن تىما ئىگىسىگە رەھمەت

نۇرلالە 2014-05-27 12:34
ىېلى ئەقىر قىلىپسىز،

مىېھرىما 2014-07-13 10:41
شۇنداق ئالىملىرىمىزنى تىلاش ياكى كەينىدىن غەيۋەت شىكايەت قىلىشقا قانداق ئادەمنىڭ تىلى بارغاندۇ. m,Fug1+N  
^$D2fS  
شۇلارنىڭ ئاغزىغا تاش-تۇپراق.


查看完整版本: [-- مۇسىبەت ئىچىدىكى خىياللار --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled