تۇلۇق جۇغراپىيەئىمتىھان سۇئالى (زۆرۈر دەرىسلىك 1-كىتاپ )
تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىللىرنىڭ جۇغراپىيەدىن ئوقۇش نۇمۇرىنى بىكىتىش ئىمتىھان سۇئالى
( 2010- 2011- ئوقۇش يىلى ئۈچۈن )
جۇغراپىيە (زۆرۈر دەرىسلىك ئۈچىنچى كىتاپ )
Ⅰ تاللاش سۇئالى (بۇ چوڭ سۇئالدا جەمئىي 20 تارماق سۇئال بۇلۇپ ھەر بىرتارماققا 3 دىن جەمئىي 60 نۇمۇر بىرىلدۇ ) تۆۋەندىكى ھەر بىر تارماق سۇئالغا بىرىلگەن تۆت خىل جاۋاب ئىچىدە پەقەت بىرسىلا سۇئالنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن،سىز توغرا دەپ قارىغان جاۋابنىڭ ھەرىپ بەلگىسىنى تۆۋەندىكى ماس كاتەكچىگە تولدۇرۇڭ.
ئىسىم فامىلىسى: سىنىپى: نۇمۇرى:
Ⅰ بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.(60=20×3)
1. چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىمى تۈزلەڭلىكلەرنىڭ ‹‹ئاشلىق ئامبىرى›› بولىدىغان ئورنىنى شەرقى شىمال تۈزلىڭلىكىگە ئۆتۈنىشىدىكى سەۋەب بولسا:
A. يەرنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر ناچار
B.تېرىلغۇ يەرلەر پارچە-پارچە بولۇپ،كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىقدارى ئاز
C.شال توپىسىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنلىگەن.
D.سۇ تورلىرى زىچ،دەريا ۋە كۆللەر كۆپ
2.يەر شەرى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ھەققىدىكى بايانلاردىن خاتاسى:
A. GPS بولسا سۇنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ يول باشلايدىغان،ئورۇن بەلگىلەيدىغان سېستىما
B. GPS ئۈچ چوڭ قىسىمنى ئۆز ئىگە ئالىدۇ،يەنى ماكان قىسىمى، يەر يۈزى كونتىرول قىسمى ۋە يەتكۈزۈش قىسمىدىن ئىبارەت.
C. GPS سۇنئىي ھەمراھ يۇلتۇزلار تۈركۈمى 24 دانە سۈنئىي ھەمراھتىن تۈزۈلگەن.
D. دالىدا ساياھەت قىلغاندا GPS ئۇچۇر قۇبۇللىغۇچ بولسىلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ تۇرغان ئۇزۇنلۇق كەڭلىك گىرادۇسىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.
3. جۇغراپىيلىك ئۇچۇر سېستىمىسى :
A. ئاساسلىقى جۇغراپىيلىك شەيئىلەرنى خاتىرلەيدىغان كومپيۇتىر سېستىمىسى
B. بوشلۇقتىكى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ھەركەت ھالىتىدە ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارى يوق
C. خەرىتە سىزىش سېستىمىسى
D.مەخسۇس جۇغراپىيلىك ماكان ئۈچۈرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان كومپيۇتېر سېستىمىسى
4. چۆللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەبئىي ئامىللار بولسا:
① يىمىرلىش ② بوز يەر ئېچىش،چارۋا بېقىش ③ سازلىقلىشىش ④ توڭنىڭ ئېرىشى
A. ①② B. ②③ C. ①④ D. ③④
غەربىي شىمال رايۇنىدىكى يەرلەرنىڭ چۆللىشىشنىڭ سۈنئىي ئامىللار خەرىتىسىنى كۆرۈپ جاۋاب بىرىڭ.
5. خەرىتىدىكى② ئىپادىلەيدىغىنى بولسا:
A. ھەددىدىن زىيادە ئوتۇن كېسىش
B. ھەددىدىن زىيادە مال بېقىش
C. ھەددىدىن زىيادە كۆپ بوز يەر ئېچىش
D. سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ نامۇۋاپىقلىقى
6. ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۆلكە-رايۇنلار:
A. شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ
B. شەنشى، گەنسۇ، شىنجاڭنىڭ ھەممە قىسمى، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى
C. شىنجاڭ، نىڭشىيا، ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ كۆپ قىسمى ۋە گەنسۇنىڭ شىمالىي قىسمى
D. ئىچكى مۇڭغۇل، شىنجاڭ، نىڭشىيا، چىڭخەي
7. دۇنيادىكى تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنى ئەڭ كەڭ تارقالغان رايۇن بولسا:
A. شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا رايۇنى B.ئافرىقىنىڭ كونگو دەرياسى ۋادىسى
C. جەنۇبىي ئامرىكىدىكى ئاموزۇن دەرياسى ۋادىسى D.بىرازىلىيە ئېگىزلىكى
8. تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنى مەركەزلىك تارقالغان ئۈچ چوڭ رايۇن:
A. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايۇنى، كونگو دەريا ۋادىسى، ئاموزۇن دەريا ۋادىسى
B. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا
C. ياۋرۇ-ئاسىيا ماترىكىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالياسكا، كانادانىڭ شىمالىي قىسمى
D. تىنچ ئوكيان ئاراللىرى، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى، ماداگاسكار ئارىلى
9. تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنى بولسا:
① يەر شارىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېكلوگىيلىك سېستىما بۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئەڭ يۇقۇرى بولغان جانلىقلارنىڭ ماكانى② ‹‹يەر شارىنىڭ ئۆپكىسى››③‹‹يەر شارىنىڭ بۆرىكى ›› ④ ئەڭ قەدىمىي بولغان جانلىقلار ماكانى ⑤ پەقەت شۇ دۆلەتكىلا تەۋە.
A. ①②④ B. ①②③ C. ②③④ D. ②③⑤
10. ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئېچىشنى چۆرىدىگەن ھالدا،سەنشى ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان كەسىپلەر زەنجىرى بولسا:
① كۆمۈر-توك-ئاليومىن ② كۆمۈر-كوكس-خېمىيە ③ كۆمۈر-كۆمۈر گازى-سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ④ كۆمۈر-تۆمۈر-پولات ⑤ كۆمۈر-توك-پولات
A. ①②③ B. ②③④ C. ①②④ D. ③④⑤
11. ئېنىرگىيەدىن ئونۋېىرسال پايدىلىنىش سەنشى ئۆلكىسىدىكى كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى،كۆمۈر ئېچىشنى ئاساس قىلغان ئاددىي قۇرۇلما كۆپ خىل قۇرۇلمىغا ئۆزگەردى. ئۇنىڭدىكى كۆپ خىل كەسىپلەر ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغىنى:
A. قۇرۇلۇش ماتېرياللىرى B. مېتاللۇرگىيە C. خېمىيە سانائىتى D.كېمىسازلىق
12.تېننىسى دەرياسىنىڭ ھۆل-يېغىن مەزگىلى بولسا:
A. ياز پەسلى B. كۈز پەسلى
C. يازنىڭ ئاخىرى،ئەتىيازنىڭ باشلىرى D.قىشنىڭ ئاخىرى، ئەتىيازنىڭ باشلىرى
13. تېننىسى دەريا ۋادىسى ئىچىدىكى ئاساسلىق كان مەھسۇلاتىغا كىرمەيدىغىنى:
A. كۆمۈر B. نېكىل C. تۆمۈر D. مىس
14. تېننىسى دەريا ۋادىسىنى چوڭ كۆلەمدە ئېچىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئېكلوگىيلىك مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى بايانلاردىن خاتاسى:
A. يەرلەرنىڭ چېكىنىشى B. ئۆسۈملۈك يېپىنچىللىرىنىڭ بۇزۇلۇشى
C. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى D.يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى
15. تېننىسى دەريا ۋادىسىنى ئونۋېسال ئېچىشنىڭ يادروسى بولسا :
A. دەريالاردىن پايدىلىنىش ۋە تۈزەش B. دەريالارنى پەلەمپەيسىمان ئېچىش
C. ئېكلوگىيلىك مۇھىتقا قارىتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈزەش ئېلىپ بېرىش
D. بايلىقلارغا قارىتا ئۇنىۋېرسال ئېچىش ئېلىپ بېرىش
16. شەرقىي شىمال رايۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا:
A. يۇرۇقلۇق، ئىسسقلىق، سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول بۇلۇپ، بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش يۇشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.
B. جانلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ،ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېز بۇلۇپ، بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە.
C. تېرېلغۇ يەر كۆلىمى كەڭ، كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تېرىلغۇ يەرلەر كۆپ
D. نوپۇس كۆپ،ئاشلىقنىڭ تاۋارلىق ئۈنۈمى جۇجىياڭ دېلتىسىدەك يۇقۇرى ئەمەس.
17. تۆۋەندىكى بايانلار ئىچىدە جۇجىياڭ دېلتىسى رايۇنىنىڭ ياخشى بولغان رايۇن ئورنى شارائىتىغا تەۋە بولمىغىنى :
A. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسىم دېڭىز بۇيى رايۇنىغا جايلاشقان. قاتنىشى قولايلىق
B. شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېنغا قوشنا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يېقىن
C. ئالي مەكتەپلەر كۆپ، ئىقتىساسلىقلار مەركەزلەشكەن
D. ئەمگەڭ كۈچى مول، يەر باھاسى ئەزان
18. جۇجىياڭ دېلتىسى رايۇنى كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە نوقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سانائەت بولسا:
A. ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى سانائەت B.تېخنىكا زىچلىقى تىپىدىكى سانائەت
C. نېفىت- خېمىيە، پولات-تۆمۈر، ئاپتۇموبىل، كېمىسازلىق قاتارلىق خام ئەشيا سانائىتى بىلەن قۇراشتۇرۇش ياساش سانائىتى D. ئېلىكتېرون، يېمەكلىك، ئالى دەرىجىلىك كېيىم-كېچەك سانائىتى
19. شاڭخەي گاز يەتكۈزىلىدىغان مۇھىم جاي سەۋەبى:
① شاڭخەيدە ئېنېرگىيە مەنبەسى كەمچىل، سىرتتىن تۇشۇپ كىرىشكە ئېھتىياجلىق ② شاڭخەي بولسا مۇھىم ئېكسپورت يۇلى بۇلۇپ، تەبئىي گازنى ئېكسپورت قىلىشقا پايدىلىق ③شاڭخەيدە نوپۇس كۆپ، ئەلا سۈپەتلىك ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق ④شاڭخەيدە سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئېھتىياجلىق ⑤شاڭخەينىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، قىممەت باھالىق تەبئىي گازنى ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ.
A. ①②⑤ B. ①③④ C. ②④⑤ D. ②③④
20. غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ شاڭخەي شەھرىگە كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ تەسىرى:
A. شاڭخەي شەھرىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىيات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ.
B. شاڭخەيدىكى ئاتموسفېرا بۇلغۇنىشىنى ئۈزۈل-كېسىل تۆگىتىدۇ.
C. شاڭخەي شەھەر خەلقىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ.
D. شاڭخەيدىكى ئېنېرگىيە كەمچىللىك مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىدۇ.
Ⅱئونىۋېرسال سۇئال
21.تۆۋەندىكى a، b ئىككى خەرىتىنى كۆرۈپ سۇئاللارغا جاۋاب بىرىڭ.
(1) a جەرىتىدىكى يەرشەكلى رايۇنىنىڭ نامى:
A ــــــــــــــــــ، B ـــــــــــــــ. A جاي ـــــــــــــــ
نى راۋاجلاندۇرۇشقا ماس كىلىدۇ.
(2) b خەرىتىدىكى يېزا ئىگىلىك بازىسىنىڭ نامى
ــــــــــــــــــــ، بۇ بازىدىكى داڭلىق ئىقتىسادىي زىرائەت
بولسا ــــــــــــــ، بۇ رايۇندىكى يېزا ئىگىلىكنى
راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەۋزەل شارائىتى: ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
22. تۆۋەندە بېرىلگەن خەرىتىنى كۆرۈپ چىقىپ، سۇئاللارغا
جاۋاب بىرىڭ.
(1) نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چۆللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سۈنئىي سەۋەبلەر بولسا ــــــــــــــــــــــــــــ،ـــــــــــــــــــــــــ،
ــــــــــــــــــــــــــــــ.
(2) خەرىتىدىكى A ئورۇن ــــــــــــ قۇملۇقى.
(3) ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى يەرلەرنىڭ چۆللىشىشنىڭ
شەرقىي ۋە جەنۇبىي يۆنىلىشتە كېڭىيىشىنىڭ
سەۋەبى:
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ــــــــــــــــــــــــــــــ.
(4) شىمالىي جۇڭگۇ رايۇنىدىكى قايسى خىل ھاۋا رايى
ھادىسىسى تۇپراقنىڭ چۆللىشىشىگە چوڭقۇر تەسىر
كۆرسەتكەن؟
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
(5) خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن رايۇندا يۈز بەرگەن مۇھىت مەسىلىسىگە قارىتا ئېلىمىز قانداق چارە-تەدبىرلەرنى قوللاندى؟
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
23. تۆۋەندىكى رەسىم ‹‹تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلارنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى›› گە ئاساسەن تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىڭ؟
(1) ئومۇمىي يۈنىلىشتىن قارىغاندا،بۇ رايۇندىكى دەريالار ــــــــــ دىن ــــــــــ گە قاراپ ئاقىدۇ.
ھۆكۈم قىلىش ئاساسىڭىزنى سۆزلەڭ؟
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ـــــــــــــــــــــــــــــ.
(2) بۇ رايۇندىكى دەريالارنىڭ سۇ مەنبەسى ــــــــــــــ
ــــــــــــــــــــــــــــــــ.
(3) نىمە ئۈچۈن بۇ رايۇندا دەريالار كۆپ،ئېقىش مۇساپىسى
قىسقا بۇلىدۇ؟
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
(4) نىمە ئۈچۈن بۇ رايۇندىكى قەدىمكى بوستانلىقلار چېكىنىپ
كەتكەن ھەم تاشلىنىپ قالغان؟
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
24. جۇڭگۇ بىلەن دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى سەرپىيات قۇرۇلمىسىنىڭ (2002-يىلى ) خەرىتىسىنى كۆرۈپ سۇئاللارغا جاۋاب بىرىڭلار.
(1) A ۋە B لار ۋەكىلىك قىلىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ تىپىنى يېزىڭ:
A ـــــــــــــ، B ـــــــــــــــ.
(2) خەرىتىدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى، ئېلىمىزنىڭ
نۆۋەتتىكى ئاساسلىق سەرپىيات قىلىدىغان ئېنېرگىيە
مەنبەسى بولسا ـــــــــــ، ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز
تەسىرلەر ئاساسلىقى ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
(3) دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى سەرپىيات قۇرۇلمىسىدا،
ئىگىلەيدىغان سالمىقى ئېلىمىزنىڭكىدىن چوڭ بولغان
ئېنېرگىيە مەنبەسى بولسا ــــــــــــــ، ــــــــــــــ،
ـــــــــــــــــــ.
25. مەملىكىتىمىزدە ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۆت چوڭ
قۇرۇلۇش غەربنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىقلارنى زور دەرىجىدە تەڭشەش قاتارلىق تەرەپلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ ‹‹تۆت چوڭ قۇرۇلۇش خەرىتىسى››گە ئاساسەن تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاب بىرىڭ.
(1) تۆت چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ نامىنى تولدۇرۇڭ. سۇ بايلىقىنى ھاۋزا ئاتلىتىپ تەڭشەشكە تەۋە بولغىنى
ــــــــــــــــــــــــــــــــ قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە
تەڭشەشكە تەۋە بولغىنى ــــــــــــــــــــــــــــ قۇرۇلۇشى
ۋەـــــــــــــــــــــــــــ قۇرۇلۇشى ،قاتناش ئەسلىھەلىرى
قۇرۇلۇشىغا تەۋە بولغىنى ــــــــــــــــــــــــ قۇرۇلىشىدۇر.
(2) تۆت چوڭ قۇرۇلۇشتا، لىنىيە بۇيىدىكى ئىقلىم
ئۆزگىرىشى روشەن بۇلىدىغىنى ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
قۇرۇلۇشى،بېسىپ ئۆتىدىغان رايۇنلىرى پۈتۈنلەي بىرلا خىل يەر
شەكلى رايۇنىغا تەۋە بولغىنى ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
قۇرۇلۇشىدۇر.
(3) جەبۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرسىدىكى سۇ بايلىقىنىڭ
تارقىلىشىدىكى پەرق ـــــــــــــ تا كۆپ،ــــــــــــــــ دا ئاز.
شەرق بىلەن غەربنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى جەھەتتىكى پەرق بولسا ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
(4) تۆت چوڭ قۇرۇلۇش ئىچىدە ،شاڭخەينىڭ ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مۇھىتنى ئاسراشقا قارىتا ئىجابىي تەسىرى بولىدىغىنى ــــــــــــــــــ،ـــــــــــــــــــــ بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ شاڭخەيگە بولغان ئىجابىي تەسىرى ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ.
(5) غەرپنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش لىنيىسى شىنجاڭدىكى ــــــــــــــــــــ تىن باشلىنىپ، ــــــــــــــــــ گىچە يىتىپ بارىدۇ.
|