查看完整版本: [-- تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-01-18 12:35

تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى

تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىخ زۆرۈر (3) تىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى         2010.10.28
ئىسىم-فامىلىسى                    سىنىپى            نۇمۇرى 

I.ئىمتىھان  قەغىزى تاللاش سۇئالى                             (50نۇمۇر)
Ⅰتاللاش سۇئالى  (بۇ چوڭ سۇئالغا 25تارماق سۇئال بۇلۇپ،ھەر بىر سۇئالغا 2دىن جەمىي 50 نۇمۇر بېرىلىدۇ،ھەر بىر سۇئالدا  پەقەت بىرلا جاۋاپ توغرا،توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدىكى ماس ئۇرۇنغا تولدۇرۇڭ)

 

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
14
15
16
17
18
19
20
21
22
23
24
25
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
1.«ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش»ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى تۆۋەندىكى قايسى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

سىياسىي ۋە ئىقتىسادتا زور ئۆزگىرىش بولغانلىقى  خۇسۇسىي مەكتەپلەرنىڭ گۈللىنىشى

تەشرىپدارلانىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى جانلىنىشى ھەرقايسى ئېقىملارنىڭ ئۆزئارا تەنقىد قىلىشى

A.①②③        B   . ②③            C. ②③④          D.①②③④

 

2.كېيىنكىلەر تەرىپىدىن «مۇقەددەس ئەۋلىيا» ۋە «ئىككىنچى ئەۋلىيا » دەپ تەرىپلەنگىنى:

A.كۇڭزى،شۈنزى      B   .كۇڭزى،مىڭزى      C. مىڭزى،شۈنزى  D. كۇڭزى،لاۋزى

 

3.خەن ۋۇدى دەۋرىدە خانلىق بىلىم  يۇرتى قۇرۇش ئېلىپ كەلگەن تەسىر

.Aخەن سۇلالىسى دەسلەپكى قەدەمدە يەرلىك مائارىپ سىستىمىسى بەرپا قىلدى.

.Bكۇڭزى ئىدىيىسىنى ھەر قايسى ناھىيىلەردە كېڭەيتتى ۋە تارقاتتى.

.Cكۇڭزى ئىدىيىسىنىڭ ئورنىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۇردى.

.Dيېڭى كۇڭزى ئىدىيە سېستىمىسى تۇلۇق شەكىللەندۇرۈلدى.

 

4. خەن ۋۇدى «تۈرلۈك ئېقىملارنى بىكار قىلىپ،كۇڭزى تەلىماتىنىلا ھۆرمەت قىلىش»نى يولغا قويۇشتىكى مەقسىتى:

A. قانۇنچىلار ئىدىيىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل كېچىش.

B.ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش.

C.غەربىي رايۇنغا كۇڭزى ئىدىيىسىنى تارقىتىش.

D.كۇڭزىچىلارنى ئەمەلدارلار قوشۇنىنىڭ ئاساسى قىلىش.

 

5.تۆۋەندىكى چېڭ-جۇ ئىدراكشۇناسلىقى ۋە ۋاڭ ياڭمىڭ قەلبشۇناسلىقىغا ئائىت بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى:

A.ۋاڭ ياڭمىڭ قەلىبشۇناسلىقى چىڭ-جۇ ئىدراكشۇناسلىقىغا بولغان پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش.

B.ئىككىسىنىڭ «ئىدراك»قا بولغان تونۇشىدا زور پەرق بار.

C.فېئودال ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

D.ھەر ئىككىلىسى كۇڭزى ئىدىيىسىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان.

6.تۆۋەندىكى ئىدراكشۇناسلىققا ئائىت بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى:

A.كۇڭزى تەلىماتىنى قايتا گۈللەندۈرۈش،بۇددا ۋە تەرىقەتچىلىككە زەبە بېرىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن.

B.خەن،تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى چەكلىمىلىكىنى بۆسۈپ تاشلاپ،بۇددىزم ۋە تەرىقەت ئىدىيىسىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن.                 C.بۇنىڭ يادروسى «ئىدارك».

D.شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىكى جۇشى ۋە جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىدىكى «چېڭ خاۋ-چىڭ يى» بۇنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى.

7.لى جى ئۆزىنى ئەنئەنىۋى فېئوداللىق ئىدىيىگە نىسبەتەن «بىدىئەت»دەپ ئاتىغان.تۆۋەندىكىلەردىن بۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغىنى: 

A.كۇڭزىنى ئىنكار قىلىش.       B.كۇڭزىنىڭ ئىلاھ ئەمەسلىكىنى،كۇڭزى تەلىماتلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىمۇ مۇقەددەس ھەم چېقىلغىلى بولمايدىغان ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

C.خەلق بولسا ساھىبخان،ھۆكۈمران بولسا مېھمان.

D.ئۇ ئادەم ئاساسىي ماددىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قايرىپ قويۇپ،كۆيۈمچانلىق،ئەدەپ-ئەخلاقتىن سۆزئاچسا بولمايدۇ،دەپ قارىدى.

 

8.جىمجىتلىق نىسپىي بولىدۇ.ھەرىكەت مۇتلەق بولىدۇ،دەپ قارايدىغان ساددا ماتېرىيالىستىك ئىدىيىگە ئىگە مۇتەپەككۇر:

A.خەن يۇ                 B.ۋاڭ فۇجى                   C.گۇ يەنۋۇ                    D.لۇ جۇ يۈەن

9.سوقرتنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىسى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغىنى :

A.گۈزەل ئەخلاق بىلىمدىن كەلگەن.                  B.تەپەككۇرغا ئىگە ئادەم بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆلچىمى.

C.ياخشىلىق ئادەمنىڭ ئىچكى روھىيىتىدە.             D.تەربىيىلەش گۈزەل ئەخلاقتىن مۇھىم ئەمەس.

 

9.تۆۋەندىكىلەردىن مارتىن لۇتىرنىڭ دىنىي ئىسلاھات تەشەببۇسىغا تەۋە بولمىغىنى:

A.پەقەت تەڭرىگە ئېتىقاد قىلغاندىلا،روھ ئىجادچانلىققا ئېرىشەلەيدۇ.

B. دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇش.

C.«ئىنجىل»نىڭ دىنىي جەمئىيەت ۋە پاپىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇشى.

D.پاپا دىنىي خادىم ۋە ھۆكۈمرانلارنى جازالىسا بولىدۇ.

 

10.تۆۋەندىكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە دىنىي ئىسلاھاتقا ئائىت بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى

A.ھەر ئىككىلىسى دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

B.ئىككى قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ئازاد قىلدى.

C.ھەر ئىككىلىسى پاپانىڭ گۇناھىنى يۇيۇش تۇمارىنى سېتىشقا قارشى تۇردى.

D.ھەر ئىككىلىسى كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 

11مونتېسكيۇ ۋە ۋولتىر:(      )

A.ھەر ئىككىلىسى پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان.

B.ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغان.

C.ئادەم تۇغۇلغاندىن تارتىپلا ئەركىن،باراۋەر بولىدۇ.ھەممە ئادەم ياشاش ۋە بەختنى قوغلىشىشقا ھوقۇقلۇق دەپ قارىغان.                                          D.   پاپىنى ئىككى پۇتلۇق ھايۋان دەپ ئاتىغان.

 

12.«دورا-ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»نىڭ «شەرقنىڭ دورا قامۇسى»دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب:

A.دروراشۇناس لى شىجىن تەرىپىدىن يېزىپ چىقلغان.

B.كېيىنكى جۇڭگوچە كلىنكىلىق داۋالاش ئۇسۇلىغا بەزەرىيىۋى ئاساس سېلىپ بەردى.

C.16-ئەسىردىن بۇرۇنقى جۇڭگو دورىشۇناسلىق مۇۋاپپەقىيەتلىرىنى سىستېمىلىق يىغىنچاقىلىدى.

D.1892خىلدىن ئارتۇق دورا خاتىرىلەنگەن.

 

13.«كەييۇەن يىللىرىدا ھەممە يەر باياشاتلىققا چۆمۈپ،خەلق ھەممە نەرسىگە ئىگە بولغان» ۋە «تىيەنباۋ يىللىرىدىن كېيىن ئالەم خارابلىشىپ،ھەممە يەر جىمجىتلىققا چۆمدى».بۇ تاڭ سۇلالىسىدىكى بىر ئۇلۇغ شائىرنىڭ شېئىرى بولۇپ بۇ ئۇلۇغ شائىر:

A.چىن زىشاڭ                B.مىڭ خارەن                 C.دۇفۇ                  D.لى بەي

 

14.ئەدەبىيات ئارقىلىق جۇڭگو فېئودالىزم جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىشتىن خارابلىشىشىقا قاراپ يۈزلەنگەنلىك تارىخىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.بۇنىڭغا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئەسەر:

A.«ئەبجەش خاتىرىلەر»                             B.«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»

C.«لياجەي رىۋايەتلىرى»                            D.«كۇڭزىچى ئۆلىمالارنىڭ غەيرىي رەسمىي تارىخى»

15.تۆۋەندىكى جۇڭگو قەدىمكى زامان تىياتىر ئەسىرى«مودەن راۋىقى»غا ئائىت بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى: A.يازغۇچى-داڭلىق تىياتىر يازغۇچىسى تاڭ شىيەنزۇ.             B.يۈەن تىياتىرىدىكى ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئەسەر

C.فېئۇداللىق نىكاھ تۈزۈمىگە بولغان غەزەب-بەپرىتى ۋە كىشىلىك خاراكتېر ئەركىنلىككە بولغان قوغلىشىشى ئىپادىلەنگەن.                                                   D.ۋەقەلىكى ئەگرى-توقاي،تىلى گۈزەل.

16.تۆۋەندىكى كەيشۇ يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئائىت بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى:

A.سىزىقلىرى تەپسىلىي ۋە مۇكەممەل                        B.قۇرۇلما شەكلى بۇختا

C.باشقا خەت شەكىللىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.

D.يېزىلىشى ئىخچام،ئۆزئارا باغلىىنىپ كەلگەن.

17.فىزىكا ئىلمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى:

A.نيۇتون مېخانىك سىستىمىىنىڭ شەكىللىنىشى .

B.گالىلېينىڭ بايقىشى ۋە ئۇ باشلىغان ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلى .

C.ئارىستوتىلنىڭ ھەرىكەت قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى. 

D.كوپىرنىكنىڭ «قوياش مەركەز تەلىماتى » نىڭ بارلىققا كېلىشى.

18. ئىنسانلارنىڭ ئوبېيكتىپ قانۇنىيەتنى تونۇش ، ماكرو دۇنيادىن مىكرو دۇنياغا قاراپ تەرەققى قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى:

 A.نيۇتوننىڭ كۈچ نەزەرىيىسى        B.كۋانت نەزەرىيىسى 

C.نىسپىيلىك نەزەرىيىسى             D.گالىلىينىڭ كۈچ نەزەرىيىسى

19.نىسپىيلىك نەزەىيىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيغان ئالىم 

A.كۋانت                    B . ئىينىشتىيىن  

C.گالىلىي                     D .دارۋىن

20.«ئىشلىگىنى تەرەققى قىلىپ، ئىشلىمىگىنى چېكىنىش » ۋە« ئىرسىيەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئېرىشىش» پرىنسىپىنى ئوتتۇرۇغا قويغان ئالىم 

A.دارۋىن                                              B.شىلېدىن 

C.لامارك                                                D.شىۋان

21.رومانتىزملىق ئىجادىيەتلىرى بىلەن ‹‹شېئىرىيەت ئىلاھى››دىگەن پەخىرلىك نامغا ئىرىشكەن شائىر:

 A.لى بەي               B.بەي جۈييى             C.مېڭ خاۋرەن        D.ۋاڭ ۋېي

22.يىغىلىق دەۋرىدە چۇ بەگلىكىدە ياشىغان چۇ يۈەننىڭ  لىرىك داستانى بولسا:

A.‹‹زىشۇ نەزمىسى››                                  B.‹‹ئىككى ئاستانە نەزمىسى››

C.‹‹جۇدالىق زارى››                                  D.‹‹پىراق ئۇتى››

23.(2008-يىلى شاڭخەي A )‹‹ئاي ھەم چۈشۈپ كەتمەيدۇ،ھەم يىراقلاپ كەتمەيدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ھەرىكىتى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ›› بۇ سۆزنى ئېيتقان ئالىم:

A.نيۇتون             B.پوئىر                        C.لاۋرىس             D.كوپېرنىك

24.‹‹تۈرلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،تۇنجى قېتىم بىئولوگىيىنى تۇلۇق ئىلىم-پەن

ئاساسىغا ئىگە قىلغان كىشى››:

A.لامارك           B.دارۋىن                       C.سېرۋىتوس            D.لېنىن

 

25.تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋاللىرىدىن ئالاقە تورىدىن كېلىپ چىققىنى:

ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش            ②توردا پاي چېكى سېتىۋېلىش 

③توردا پاراڭلىشىش                                ④ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاش

A.①②③            B.②③④                 C.②④                   D.①③④

 

Ⅱماتىريال تەھلىل قىلىپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ؟

ئېلىمىز يەر مەيدانى كەڭ،كۆپ مىللەتلىك ،مۇرەككەپ دىئالېكتلىق دۆلەت .خەنزۇچە يېزىق بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدىن ھالقىپ ،ئوخشىمىغان دىئالېكتلىق  رايۇنلارنى تۇتاشتۇرۇپ،خەنزۇ ۋە كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ،ھازىرغا قەدەر كىشىلەر تەرىپىدىن  ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە،شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا.

1)خەنزۇچە يېزىق قايسى سۇلالە دەۋرىگە كەلگەندە مۇكەممەل سىستېما شەكلىگە كىرگەن؟        (5نۇمۇر)

 

 

2) خەنزۇچە يېزىقنىڭ ئۆزگىرىش تەرتىپى قايسىلار؟                                            (5نۇمۇر) 

 

 

3)خەنزۇچە يېزىقنى نېمە ئۈچۈن تۇلۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە دەيمىز؟                    (10نۇمۇر)

 

 

 

 

 

 

Ⅲقىسقىچە  جاۋاب بېرېڭ   

ئەمىنيە،يېغىلىق دەۋرىدىكى «ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» غا ۋەكىللىك قىلىدىغان تۆت ئېقىم قايسلار ؟

ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەكىللىرى كىملەر؟                                                         (10نۇمۇر)

 

 

 

 

 

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۇللىنىش ھەرىكىتى ئەڭ بۇرۇن قەيەردە بارلىققا كەلدى؟ئۇنىڭ يادروسى نېمە؟(5نۇمۇر)

 

 

 

3.تۆت چوڭ كەشپىيات قايسىلار؟ تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى بايان قىلىڭ؟           (15نۇمۇر)

 

 

 

 

 

 

 


tawpek 2011-01-18 15:44
ئىمتاھان سۇئاللىرى دەپ ھازىرقىدەك ئايرىم بىر تۈر بولسۇنمۇ ياكى، تولوق ئوتتورا تىل-ئەدەبىيات ماتىرىياللىرى  دىگەن بىر تۈر ئاستىغا ، دەرىس تەييارلىقى، دەرىس دىتاللىرى، دەرىس تىكىسىتلىرى، ئىمتاھان سۇئاللىرى  دىگەن تۈرلەرنى قوشوپ مەخسۇس بىر سەھىپە قۇرۇپ بىرەمدىم؟

koksangun 2011-01-18 16:21
«ئوتتۇرا مەكتەپلەر سۇئال ئامبىرى» دەپ ئېلىپ ئۇنىڭغا «تولۇق ئوتتۇرا ئۈچۈن سۇئال ئامبىرى»،«تولۇقسىز ئوتتۇرا ئۈچۈن سۇئال ئامبىرى» دەپ ئايرىيلى.ھازىرچە بىز ئىشلىيەلەيدىغان سۇئاللار مۇشۇ دائىرە بىلەن چەكلىنىۋاتىدىغۇ...

tawpek 2011-01-18 23:35
ماقۇل شۇنداق قىلىلى، ئالدىرىماي باشقا كەسىپلەردىنمۇ بوپ قالار.

ئەكبەرنىياز 2012-12-01 16:51
ياخشى پىلان ، ئىنچىكە ئايرىش ،
ھارمىغايسىزلەر ئەزىزلەر !!! مىننەتسىز تۆكۈلگەن تەردە ھامان ئەجىر گۈللىرى پۇرەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغۇسى !!!


查看完整版本: [-- تولۇق 2-يىللىقلارنىڭ تارىختىن چارەكلىك ئىمتىھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled