查看完整版本: [-- ئىمتىھان سۇئالى تولۇق 2 - يىللىق بىئولوگىيە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> بىئولوگىيە -> ئىمتىھان سۇئالى تولۇق 2 - يىللىق بىئولوگىيە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-01-17 17:40

ئىمتىھان سۇئالى تولۇق 2 - يىللىق بىئولوگىيە

2009 2010 ئوقۇش يىلى 

2 مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى

تولۇق 2 - يىللىق بىئولوگىيە

 

(ئىمتىھان ۋاقتى 100 مىنۇت، تولۇق نومۇرى 100 نومۇر)
 
سوئاللار


ئومۇمىي نومۇرى
ئالغان نومۇرى
 
 
 
ئالغان نومۇرى
 
تەكشۈرگۈچى
 
 

     تاللاش سوئالى
  (ھەر بىرىگە 2 دىن جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ)
 
تۆۋەندىكى ھەر بىر تارماق سوئالغا بېرىلگەن تۆت خل تاللاش جاۋابلىرى ئىچىدە پەقەت بىرسىلا توغرا، ئاشۇ توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تۆۋەندىكى جەدۋەلدىكى ماس ئورۇنغا يېزىڭ
 
سوئاللار
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
جاۋابى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
سوئاللار
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
جاۋابى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 

1  . سول تەرەپتىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن گېن قۇرۇلۇشى قورال ئېنزىمىنىڭ فۇنكسىيىسىگە ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى :
  A.a  ئورۇننى ئۈزۈپ تاشلايدىغان ئېنزىم بولسا چەكلەش خاراكتېرلىك ئىچىدىن كەسكۈچى يادرو كىسلاتا ئېنزىمى

  B. a ئورۇننى تۇتاشتۇرىدىغان ئېنزىم بولسا  DNAنى ئۇلىغۇچى ئېنزىم    


  C. b ئورۇننى ئۈزۈپ تاشلايدىغان ئېنزىم بولسا بۇرما يەشكۈچى ئېنزىم
  D. b ئورۇننى ئۈزۈپ تاشلايدىغان ئېنزىم بولسا چەكلەش خاراكتېرلىك ئىچىدىن كەسكۈچى يادرو كىسلاتا ئېنزىم
  2. تۆۋەندىكى قايسى تۈر گېننى ئىپادىلەيدىغان توشۇغۇچى تەنچىنىڭ تەشكىلى قىسمى ئەمەس؟
  A. پروموتېر       B. ئاخىرلىشىش كودونى      C. بەلگە گېن       D. نىشان گېن


3. ئاقسىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي بولسا :
   A. گېن قۇرۇلۇشى                      B. ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى    


 C. ئېچىتىش قۇرۇلۇشى                     D . ئېنزىم قۇرۇلۇشى
  4. ئاقسىل قۇرۇلۇشىدا بىۋاسىتە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوبيېكتىپ بولسا :
  A. ئامىنو كىسلاتا تۈزۈلۈشى               B. ئاقسىلنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشى    


 C. گېن تۈزۈلۈشى                       D. پېپتىد زەنجىرى تۈزۈلۈشى
 5. ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسى تولۇق ئىقتىدارلىقلىقىنى ئىپادىلىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى :
   A. مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلەش

   B. يوپۇرماق ئەت ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى يادروسى ئېلىۋېتىلگەن تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە يۆتكەش    


   C. ئانا تەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، مۇۋاپىق ئوزۇقلۇق ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلەش
   D. باشقا ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ گېنىنى كىرگۈزۈش
  6. مەلۇم ئەتىۋارلىق گۈلنىڭ ئەلا بەلگىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىشتە، مەزكۇر گۈلنىڭ ( ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ) بىر قىسىم ئەزا ياكى توقۇلمىلىرىنى تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈپ، مۇكەممەل بولغان ئۆسۈملۈك تۈپىنى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا مەزكۇر ئۆسۈملۈكنىڭ تۆۋەندىكى قايسى تۈزۈلۈشىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؟
   A. گۈل چېڭى                    B. غول ئۇچى      

 C. يۇمران يوپۇرماق                   D. بىخ ئۇچى

  7. تۆۋەندىكى قايسى تۈر سۈنئىي ئىندۇكسىيىلەش ئارقىلىق پروتوپلازمىنى بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى ئەمەس ؟

    A. تەۋرىتىش                            B. ئېلېكتر غىدىقلاش   

   C.PEG  رىئاكتىپى                        D. ئېغىر بېسىم

  8. پەمىدۇر ۋە ياڭيۇنى شالغۇتلاشتۇرۇش جەريانىدا ئېھتىياجلىق بولمىغان ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى :

   A. ھۈجەيرە پەردىسى                      B. ھۈجەيرە پوستى    

   C. ھۈجەيرە يادروسى                       D. گولكى تەنچىسى


  9. تۆرەلمىسىمان تەنچىگە ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ قايسى باسقۇچىدا ئېرىشكىلى بولىدۇ ؟
   A. قايتا دىففېرېنسىيىلىنىش                    B. ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى توقۇلما 

   C. مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپى شەكىللىنىش       D. تەندىن ئايرىلغان توقۇلمىنى ئېلىش

  10. ھايۋان توقۇلمىسىنى تارقاقلاشتۇرۈش ئۈچۈن بەلگىلىك قويۇقلۇقتىكى ھۈجەيرە سۇ سپېنزىيىلىك ئېرىتمىسى تەييارلاشتا، ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى قايسى خىل ماددا ئارقىلىق تاللاپ كېلىنگەن ھايۋان توقۇلمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ؟

   A. ئاشقازان ئاقسىل ئېنزىمى              B. ئاشقازان ئاستى ئاقسىل ئېنزىمى 

   C. تۇز كىسلاتا                         D. ئاشقازان ئاستى ياغ ئېنزىمى

  11. ئادەتتە ھايۋان ھۈجەيرىسىنى تەن سىرتىدا يېتىشتۈرۈشتە قايسى شارائىتلارنى يارىتىش زۆرۈر ؟


    زەھەرسىز  مۇھىت مىكروسىز  مۇھىت بىرىكتۈرۈلگەن  ئۆستۈرگۈچكە   قان زەردابى قوشۇش تېمپېراتۇرا  ھايۋاننىڭ  بەدەن  تېمپېراتۇرىسىغا  يېقىن كېلىش  بولۇش  بولماسلىق  ۋە    بولۇش                                      ⑥④③②① .D        ⑥⑤④③① .C       ④③②① .B        ⑥⑤④③②① .A                  
 12. تاق كلونلۇق ئانتىتېلا تېخنىكىسى كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش شۇنداقلا ھاياتلىق ئىلمى تەتقىقاتىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. تاق كلونلۇق ئانتىتېلاغا ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن خاتاسى :

 A. خاسلىقى كۈچلۈك، سەزگۈرلىكى يۇقىرى  

  B. B لىمفا ھۈجەيرىسىنى تەن سىرتىدا يېتىلدۈرگەندە تاق كلونلۇق ئانتىتېلانى كۆپ مىقداردا ئاجرىتىدۇ 


  C. راكقا قارشى دورا بىلەن بىرىكىپ «بىئولوگىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا» ياساشقا بولىدۇ
   D. شالغۇت ئۆسمە ھۈجەيرىسى ئاجرىتىدۇ

  13. ئىسپرمىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىگە ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن خاتاسى :

 A. خوندرىئوسوم رودېمىتلىشىپ يوقىلىدۇ

  B. گولكى تەنجىسى يېتىلىپ باش قىسمىدىكى ئاكروزومىگە ئايلىنىدۇ


 C. مەركىزىي تەنچە ئىسپرمىنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا ئايلىنىدۇ
  D. ھۈجەيرە يادروسى ئىسپرمىنىڭ باش قىسمىدىكى ئاساسلىق قىسمىغا ئايلىنىدۇ

  14. بىر دانە تۇخۇم پۆۋەكچىسىدە يېتىلگەن تۇخۇمدىن قانچىسى ھاسىل بولىدۇ؟

  A.              B. 2             C.              D.

  15. ئۇرۇقلىنىش ۋاقتىدا ئۇرۇق (ئىسپرما) تۆۋەندىكى قايسىسىغا كىرىدۇ؟

 A. ئىپتىدائىي تۇخۇم ھۈجەيرىسى               B. بىرلەمچى تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى


 C. ئىككىلەمچى تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى                 D. يېتىلگەن تۇخۇم ھۈجەيرىسى
  16. ئۇرۇقلىنىش جەريانىنىڭ تەرتىبى بولسا :

  بىرىنچى قېتىم تۇخۇمنىڭ بۆلۈنۈشىدىن باشلىنىدۇ ئىككىنچى قوتۇپ تەنچىسىنى قۇيۇپ بېرىش ئاكروزوما رىئاكسىيىسى سۈزۈك بەلۋاغنى تېشىپ ئۆتۈش ئانىلىق، ئاتىلىق ئىپتىدائىي يادرونىڭ شەكىللىنىشى يادرو پەردىسىنىڭ يوقۇلىشى، ئانىلىق، ئاتىلىق ئىپتىدائىي يادرونىڭ قوشۇلۇشى

 ①⑥⑤②④③ .D       ⑥③①②⑤④ .C      ①⑥⑤④②③ .B      ⑥⑤④③②① .A

  17. نۇرغۇن ئىسپېرمىلارنىڭ تۇخۇمغا كىرىپ تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىككىنچى توسۇق بولسا :

 A. سۈزۈك بەلباغ رىئاكسىيىسى            B. تۇخۇم سېرىقى پەردىسىنىڭ پېچەتلەش رولى  

 C. ئوزۇقلاندۇرغۇچى قەۋەتنىڭ پىچەتلەش رولى     D. ئاكروزوما رىئاكسىيىسى
  18. تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى :

 A. تۇخۇمنىڭ بۆلۈنۈش دەۋرىدىكى ھۈجەيرىلەر ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، قايتا دىففېرېنسىيىلەنمەيدۇ

  B. ئىپتىدائىي ئۈچەي تۆرەلمە ھۈجەيرىلىرى تولۇق ئىقتىدارلىق ھۈجەيرىگە تەۋە 


 C. خالتىلىق تۆرەلمە بوشلۇقىدا ئاۋۋال ئىپتىدائىي ئۈچەي بوشلۇقى كۆرۈلىدۇ
  D. ئۈجمىسىمان تۆرەلمە تۇخۇمدىن چىقىشقا باشلايدۇ

  19. كلونگە ئائىت تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرا بولمىغىنى :

 A. كلون ھەر قانداق جانلىقنى نۇسخىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ

  B. كلون جىنىسىسز كۆپىيىش ئارقىلىق تامامەن ئوخشاش بولغانDNA  مولېكۇلىسىنى ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ 


 C. كلون جىنىسسىز كۆپىيىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ
  D. كلون جىنىسسىز كۆپىيىش ئارقىلىق تامامەن ئوخشاش بولغان ھۈجەيرە ياكى ئىندىۋىد ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ

  20. مەلۇم رايوندا «ئالدىدا ئورمان بەرپا قىلىش، كېيىن كېسىش» ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى، تەرەققىياتتا قايسى خىل پىرىنسىپنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقانلىقىدىن بولغان؟

  A. ماسلاشتۇرۇش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىرىنسىپى

  B. بىر پۈتۈنلۈك پىرىنسىپى   


  C. سىستېمىنىڭ تۈزۈلۈشى فۇنكىسىيىسىنى بەلگىلەش پىرىنسىپى  
  D. سىستېمىنىڭ بىر پۈتۈنلۈك پىرىنسىپى


ئالغان نومۇرى
 
تەكشۈرگۈچى
 
 

  قىسقىچە جاۋاب بېرىش سوئالى

  (ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەنلىرىدىن سىرت، باشقىلاردا ھەر بىر بوش ئورۇنغا بىردىن نومۇر، جەمئىي 60 نومۇر بېرىلىدۇ)

  21. (10 نومۇر) كىشىلەر گېن قۇرۇلۇشى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، B تۈرلۈك جانلىقتىن A تۈردىكى جانلىقنىڭ ئاقسىلىنى ھاسىل قىلدى، تۆۋەندىكى رەسىمگە ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭلار:

A جانلىقنىڭ مەزكۇر ئاقسىلىنى سېنتېزلىگۈچى خەۋەرچى RNA سىگە ئېرىشىش   نىشان گېن    پلازمىد DNA سى بىلەن قايتا گۇرۇپپىلىشىش    B جانلىقنىڭ ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈش     A جانلىقنىڭ ئاقسىلىگە ئېرىشىش

 

 (1) مەشغۇلات جەريانىدا قوشۇش زۆرۈر بولغان تۆت خىل نۇكلېئوتىد بولسا

                                    ،                                       ،  

                                    ،                                       .

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، جەزمەن                             ئېنزىمىنى قوشۇش كېرەك.

   (2) پلازمىد گېن قۇرۇلۇشىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان                        بولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان باكتېرىيە ۋە ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغ قاتارلىق جانلىقلاردا بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پلازمىد چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ پلازمىدى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە                            گېنلار بولىدۇ، بۇ خىل گېن قوبۇل قىلغۇچى ھۈجەيرىگە نىشان گېنىنىڭ كىرگەن كىرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈشتە ياردىمى بولىدۇ. جەرياندا ئالدى بىلەن                       ئېنزىمىدىن پايدىلىنىپ پلازمىد DNA سىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاندىن                        ئېنزىمىدىن پايدىلىنىپ نىشان گېن بىلەن پلازمىد DNA سىنى تۇتاشتۇرۇپ قايتا گۇرۇپىلايدۇ.

  (3) مەشغۇلات جەريانىدا، ئەگەر نىشان گېنىنىڭ يېپىشقاق ئاخىرقى ئۇچى  بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ توشۇغۇچى تەنچىسى (پلازمىدى) بىلەن ئۆزئارا ماس بولغان يېپىشقاق ئاخىرقى ئۇچى                     بولىدۇ.

  (4) جەريانى ئارقىلىق قوبۇل قىلغۇچى تەنچە ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزۈلگەن پلازمىد ئۆزلىكىدىن نۇسخىلىنالامدۇ - يوق؟                  .             

  (5) بولسا نىشان گېننىڭ ئىپادىلىنىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەريان                نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

  22. (10 نومۇر) «يېسسىۋىلەك كاپوستا» بولسا ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېتىشتۈرۈلگەن كۆكتاتلارنىڭ يېڭى سورتى بولۇپ، ئۇنى ئادەتتىكى يېسسىۋىلەككە سېلىشتۇرغاندا ئۆسۈش دەۋرى قىسقا بولۇش، ئىسسىققا چىداملىق ۋە ساقلاش ئاسان بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. تۆۋەندىكى رەسىم «يېسىۋىلەك كاپوستا» نى يېتىشتۈرۈش جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ،



شالغۇت ئۆسۈملۈك مايسىسى
يېسىۋىلەك ھۈجەيرىسى

 

 

كاپۇستا ھۈجەيرىسى

 


   رەسىمگە ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭلار :

(1) جەريان ، بولسا                 دىن پايدىلىنىپ ھۈجەيرىنىڭ ھۈجەيرە پوستىنى بىر تەرەپ قىلىش، جەريان دە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىۋى رىئاكتىپ بولسا              . پروتوپلاست قوشۇلۇش جەريانىدا ئېھتىمال             خىل بىرىككەن ھۈجەيرە شەكىللىنىشى مۇمكىن (پەقەت ئىككى ھۈجەيرىنىڭ قوشۇلۇشىنى ئويلۇشۇڭ) . بولسا                جەريانى بولۇپ، بۇ جەريان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۈجەيرە ئاپپاراتى              .

   (2) جەريانىدىكى يېتىشتۈرۈشتە، سۇ، ئانئورگانىك تۇز، قەنت، ۋىتامىن شۇنداقلا ئامىنو كىسلاتالار بىلەن تەمىنلەشتىن سىرىت يەنە ئۆستۈرگۈچكە                  نى قوشۇش زۆرۈر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، يېتىشتۈرۈش جەريانىدا زۆرۈر بولغان تېمپېراتۇرا، يورۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن قاتارلىق سىرتقى شارائىتتىن باشقا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى يەنە بىر مۇھىم ھالقا بولسا مەشغۇلات جەريانىدا جەزمەن                 بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.

   (3) يېسىۋىلەك ھۈجەيرىسىدە  A تال خروموسوم بولىدۇ، كاپوستا ھۈجەيرىسىدە B تال خروموسوم بولىدۇ، يېسىۋىلەك بىلەن كاپوستانى شالغۇتلاشتۇرۇپ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يېتىشتۈرگەن ( مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ پەرەز قىلىڭ ) دە ، ئەۋلادىدا     

         تال خروموسۇم بولۇشى، يەنە جەزمەن                   بىلەن مايسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا ئاندىن يېتىلىدىغان يېسىۋىلەك كاپوستا ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تەن ھۈجەيرىسى تەركىبىدە                         تال خروموسوم بولىدۇ.

   23. (10 نومۇر) پروبىركا كالىسىنى زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېخنولوگىيىلىك تەرتىپىگە ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭلار:

   (1)                 (رەت نومۇرىنى يېزىڭ) گە ئاساسەن شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل كۆپىيىش شەكلى بولسا                   كۆپىيىشتۇر .

   (2) جەريانىدا ئادەتتە ھەر بىر تۇخۇمداندىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن                تال ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۇخۇم  ئانا  ھۈجەيرىسىنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېھتىمال

                توپاق توغۇلۇشى مۇمكىن.

ئەلا نەسىللىك بۇقا ئىسپېرمىسىنى 

 يىغىش               

ئەلا نەسىللىك ئىنەك تۇخۇم ئانا

 ھۈجەيرىسىنى يىغىش



 

   

تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسىنى تەن سىرتىدا

يېتىلدۈرۈش

 

 

 

 


                                                                                                                                      

ئۇرۇقلانغان تۇخۇم

                                                                          


                                                                         

قوبۇل قىلغۇچى   كالا

                                                                      

                                                                      ⑥                           ①

ئەلا نەسىللىك توپاق

يېتىلىش دەۋردىكى كالا

قۇشخانىدا بوغۇزلاپ پىششىقلاش
بازار

تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسىنى يىغىش

 

 

 

 

 


   (3) تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسىنى تەن سىرتىدا يېتىشتۈرۈشتە ياكى                        

باسقۇچىگىچە  يېتىشتۈرگەندە ئاندىن ئۇرۇقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ . جەريان بولسا

                      بولۇپ، دائىم                     ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .

   (4) ④③ جەريانى ئايرىم ئايرىم ھالدا                ۋە                گە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يېتىلىش باسقۇچى ئادەتتە                     بولىدۇ.

   24. (5 نومۇر) سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى قىسقارتىلىپ           

ياكى                ھۈجەيرە دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ                  ياكى                 

دىن ئاجرىتىۋېلىنىدىغان بىر تۈرلۈك ھۈجەيرىدۇر. تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى              نى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

   25. (5 نومۇر) (1) كلونگە نىسبەتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسيىسى بولسا          

            تىن ئىبارەت. ھەمدە تۆت قىلماسلىق پىرىنسىپىنى قايتا قايتا تەكىتلىمەكتە، بۇ تۆت پىرىنسىپ بولسا:

   ھەر قانداق كۆپەيتىش خاراكتېرلىك ئادەمنى كلونلاش تەجرىبىسىنى                      

                                                                             ، ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى                              قا قارشى تۇرمايدۇ.

  داۋالاش خاراكتېرلىك كلونلاش بىلەن كۆپەيتىش خاراكتېرلىك كلونلاشنىڭ پەرقى بولسا

                   .

   26. (9 نومۇر) تۆۋەندىكى رەسىم مەلۇم ئۈجمە دەرىخى ئاجىزلاشماس ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسى ۋە شېكەر قۇمۇشى ئاجىزلاشماس ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى بولۇپ، تەھلىل قىلىپ جاۋاب بېرىڭلار:     

  
پىششىقلاش زاۋۇتى   

           شېكەر قۇمۇشى                                  پىلە قۇرتى غوزىسى 

پىلە قۇرتى

شېكەر قۇمۇشى

بېلىق كۆلچىكى      

ئۈجمە     


  

                   پاتقاق                                  پاتقاق

 

(1) بۇ خىل سۈنئىي ئېكولوگيىلىك سىستېمىدا ئۈجمە، شېكەر قۇمۇشى قاتارلىق           ،

پىلە قۇرتى، بېلىق قاتارلىق ئىستېمال قىلغۇچىلار بولغاندىن سىرت يەنە جەزمەن              

قاتارلىقلار              جانلىقلار بولۇشى كېرەك.  ئۇنى ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم ھالەتتە تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولساق، مۇقىم بولغان              بولۇشتىن سىرت يەنە ھەر قايسى تۈر ھەر قايسى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا               مۇناسىۋىتى بولۇشى كېرەك.

   (2) پىلە قۇرتى مايىقىدىكى ئامىياك             رولى ئارقىلىق               ھاسىل قىلىپ، ئۆسۈملۈكلەر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ.

   (3) بۇ خىل سۈنئىي ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنى بەرپا قىلىشتا ئەمەل قىلىنغان ئاساسى پىرىنسىپ بولسا                  ۋە                       .

 

 (4) مەزكۇر ئېكولوگيىلىك سىستېمىنىڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقى بولسا                 

                                                                          .

 

  27. (11 نومۇر) تۆۋەندىكىسى مېۋە ھارىقى ۋە مېۋە ئاچچىقسۈيى تەييارلاش تەجرىبىسىنىڭ تېخنولوگىيىلىك تەرتىپ سىخېمىسى ۋە مەلۇم ساۋاقداشنىڭ مېۋە ھارىقى ۋە مېۋە ئاچچىقسۈيى ئېچىتىش قۇرۇلمىسى . رەسىمگە ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭلار .

 

ئۈزۈمنى تاللاش        يۇيۇش        ئېزىش

 


       ئىسپرتلىق ئېچىتىش  

 


         مېۋە ھارىقى            مېۋە ئاچچىقسۈيى 

2 - رەسىم

           1 رەسىم مېۋە ھارىقى، مېۋە ئاچچىقسۈيى

 ياساش تەرتىپى    

 

(1) 1 رەسىمدىكى تەجرىبىنى ئورۇنداش تەرتىپى .

 (2) يۇيۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت                      ، يۇيۇشتا قايتا قايتا يۇيۇشقا قەتئىي بولمايدۇ .

  (3) 2 رەسىم قۇرۇلمىدىكى ھاۋا تولۇقلاش ئېغىزى                   ۋاقىتتا ئېتىپ قويىلىدۇ ،                ۋاقىتتا ھاۋا بېرىش ناسۇسىغا ئۇلاپ قويىلىدۇ ھەمدە ئۈزلۈكسىز تۈردە                       .

  (4) مېۋە ھارىقى ئېچىتقاندا گاز چىقىرىش ئېغىزىدىن چىققىنى                ھاسىل قىلغان                 ، مېۋە ئاچچىقسۈيى ئېچىتقاندا چىقىرىلغىنى بولسا ئېشىپ قالغان گاز،  . نېمە ئۈچۈن گاز چىقىرىش ئېغىزىغا ئۈزۈن ھەم ئەگرى نەيچە ئۇلاپ قويىلىدۇ ؟         

                           ؛ ماتېرىيال چىقىش ئېغىزىنىڭ رولى بولسا                .

  (5) ئەينەك قاچىنى ئىشلىتىپ ئېچىتىش ئېلىپ بارغاندا، ئەينەك قاچىنى                

بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك، ئاندىن ئەينەك قاچىغا ئۈزۈم شېرنىسىنى قاچىلاش لازىم، قاچىلانغان ئۈزۈم شېرنىسى ئەينەك قاچا ھەجمىنىڭ                   دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 


tawpek 2011-01-17 18:21
ئوتتورلىقتىكى قىستۇرۇلغان رەسىمنى چىقىرالمىغان ئوخشىمامسىز؟

koksangun 2011-01-17 18:47
يوللىغاندىن كېيىن قارىسام رەسىملەر يوق،رەسىملەرنى قانداق چىقىرار بولغىدى؟ مۇشۇمۇ تورىمىزدىكى بىر ئاجىز نۇقتا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

tawpek 2011-01-18 15:45
رەسىم چىقىرىش تورىمىزدىكى ئەمەس سىزدىكى ئاجىز نوختا ئوخشايدۇ،  

koksangun 2011-01-18 15:52
شۇنداق-دە، بىز يېڭى ئۆگەنگۈچى،سىزدىن تەلىم ئېلىپ ئاران كېتىپ بارىمىزغۇ؟!

tawpek 2011-01-19 00:01
بەك ئاسان ، ۋاختىىڭز چىققاندا دەڭ  بىر مىنۇت كەتمەيدۇ.

ئەسلى مۇنبەرنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشنى تونوشتۇرۇپ بىر تىما يوللاي دىگەن لىكىن، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىق مۇرەككەپ بولمىغاچ سوراپ يۈرۈپ ئۈگىنىپ كىتەمدىمىزمىكىن دەپ.

ئىلگىركى مۇنبەر سىستىمىسىغا قارىغاندا بۇ  نۇسخىسىغا خىلى كۆپ ئىقتىدار جەملەنگەن. يىقىندا يەنە بىر يىڭى نۇسخىسى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلدى ، ئۇنى ئىشلەتكەندە شۇنداق بىر تىما يوللارمەن.

tuygun 2013-04-11 23:33
rasem bol mysa zadyla bol may dykan xuga tez rak qekrwp bar sag lar

tawpek 2013-04-12 00:00
بۇ سۇئالنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىنىڭ يۇقىرلىقىنى ئىشلەتكۈچىلەر سانىدىن ھىس قىلغىلى بولىدىكەن.

nuri 2013-10-29 23:36
ئەتراپلىق لاھىيەلەنگەن سۇئالكەن بۇ.

sunbetgj562 2013-11-02 17:14


查看完整版本: [-- ئىمتىھان سۇئالى تولۇق 2 - يىللىق بىئولوگىيە --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled