ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى(特岗) دىققەت
ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت ?~c=Sa-
s:ig;zb قەشقەر مائارىپ گېزىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى سانىغا تۆۋەندىكى خەۋەر بېسىلغان، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ بەزى ئورۇنلار تېخىچە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى دۆلەتنىڭ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەمەلىيەشتۈرمىگەن، شۇڭا مۇئاشى ئۆسمىگەن ۋە تولۇقلاپ بېرىلمىگەن. ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقلىق سۈرۈشتە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇڭ، مەنپەئەتىڭىزنى قوغداڭ. Q46^i7= 2010- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ئىش ھەققىڭىز ھەر ئايدا 1711 يۈەندىن. بىر يىللىق ئىش ھەققىڭىز 20540 يۈەنگە ئۆسكەن. مەركەز مالىيىسى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى(特岗教师(نىڭ 2010-2011-يىللىق ئىش ھەققى خارەكتىرلىك تولۇقلىما پۇلى ئۈچۈن يەنە 1مىليارد 220مىليۇن يۈەن ئاجراتتى مالىيە مېنىستىرلىكى ئاخبارات ئىشخانىسى 2010.يىل 11.ئاينىڭ 23.كۈنى نۆۋەتتىكى جوڭگو يېزا مائارىپ سېپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش،ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى داۋاملىق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،مالىيە مېنىستىرلىكى 2010-يىلى داۋاملىق يېزا مەجبۇرى مائارىپ باشقۇچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ زاپاس ئىختىساسلىقلار شىتاتى پىلانى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى قوللاشنى كۈچەيتتى.يېقىندا مالىيە مېنىستىرلىكى يەنە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 2010-2011-يىللىق ئىش ھەققى خارەكتېرلىك تولۇقلىمىسى ئۈچۈن 1مىليارد 220مىليۇن يۈەن ئاجراتتى.بۇنىڭ بىلەن مالىيە مېنىستىرلىكى 2010-يىللىق ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققى خارەكتىرلىك تولۇقلىما پۇلى ئۈچۈن 3مىليارد 500مىليۇن يۈەن تولۇق چۈشۈرۈلگەن بولۇپ،بۇ 2009.يىلدىكىدىن 830مىليۇن يۈەن ئارتۇق بولۇپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 148مىڭدىن ئارتۇق ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20540يۈەندىن توغرا كېلىدۇ. ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى پىلانى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرلۇشى تولۇقلاش،ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە،شۇڭا مالىيە مىنىستىرلىكى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىكى جايلاردىن ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مۇلازىمەت مەزگىلىدىكى مائاش تەمىنات ۋە باشقا ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ ۋاقتىدا تولۇق ئەمىلىلىيلىشىشىنى ،بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارر ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ مەركەزنى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىنات،ئۇنۋان،يۆتكىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىدىن ۋاقتىدا تولۇق خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىشىنى تەلەپ قىلدى. (>.lkR Rf4}((y7Y\ wn-1fz ;F_pF+&q c7~'GXxQ2
|