查看完整版本: [-- جۇۋاز بىلەن ياغ تارتىش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ھەركەتلىك قويولمىلار -> جۇۋاز بىلەن ياغ تارتىش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2011-01-16 12:39

جۇۋاز بىلەن ياغ تارتىش


tawpek 2011-01-16 21:22
كىچىك ۋاختىمدا قوشنىمىز مۇشۇنداق جۇۋاز بىلەن ياغ تارتاتتى.بىز جۇۋازخانىغا كىرىپ كالا ھەيدەپ ئويناپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلاتتۇق. L%*!`TN  
UqFO|r"M  
مانا ئەمدى ئۇنىىڭ بارار جايى مۇزىيخانا بوپ قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. d6?j`~[7#-  
W+aP}rZm:  
بىزنىڭ بۇيەردە كالىنىڭ ئورنىغا ئىلىكتىر كۈچى ئىشلىتىلگەن جۇۋازخانا بار كىشىلەر مايلىق زىرائەتلەرنى ئۆزلىرى ئەكىلىپ ياغ تارىتقۇزۇپ يەيدۇ.

aykut 2011-01-16 23:09
ئەي خەلقىم!

قاراخان 2014-02-01 18:23
مەن مانداق ئېسىل تېمىنى كۆرمىگەن جۇمۇ، بەك ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز، مەن بۇنداق جۇۋازدا ياغ ترتقىنىنى كۆرمىگەن چوڭلار دەپ بېرەتتى، لېكىن كاللامدا پەقەت ئوچۇق ئەمەس ئىدى، بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ ئېنىق بىلىۋالدىم، رەھمەت.

ياسىنجان510 2014-02-01 18:55
ئەرك،قەيەردىنمۇ تاپقانسىز بۇ تېمىنى،كىچىك ۋاقتىمدىكى  خالتىنى كۆتۈرۈپ جۇۋازخانىغا بارغاندەك بولدۇم رەھمەت . خەلقىمىز ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىجاتكار، ئىشچان  مىللەت جۇمۇ.

قاراخان 2014-02-03 22:36
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى جۇۋازدا ياغ تارتىش ھۈنىرى   8Fh)eha9f  
pki%vRY  
(مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر)   cjY-y-vO  
   l'qg8  
جۇۋازچىلىق-پۈتۈنلەي ياغاچتىن پايدىلىنىپ ياسىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن،ئۆزگىچە مىللىي يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەۋەررۈك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بايلىقى.ئەنئەنىۋى ياغ تارتىش كەسپى   v?$:@9pAk  
توك يوق، سانائەت تەرەققىي قىلمىغان ۋاقىتلاردا ئەمگەكچان،ئەقىل پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىمىز سۇنىڭ قانۇنىيەتلىك ئېقىش ھەرىكەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ،سۇ تۈگمەننى ئايلاندۇرۇپ، بوغداي ،قۇناق قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى تالقان قىلىپ،ئۇن تارتىپ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن بولسا ،ھايۋانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ،جۇۋازدىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ياغاچ قۇرۇلمىلىق،مېخانىكىلىق ئۈسكۈنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ،زىغىر،زاغۇن،زاراڭزا،ياڭاق قاتارلىق مايلىق زىرائەتلەردىن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ياغ تارتىپ،ئىستېمال قىلىپلا قالماستىن بەلكى،چىراغ يورۇتۇش،كېسەل داۋالاشتا كەڭ ئىشلەتكەن. Qv-_ jZ  
بۈگۈنكى كۈندە بولسا : ئېلېكتر سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى،ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇن تارتىش تۈگمىنىدىن ئۇن زاۋۇتىغا،جۇۋازچىلىقتىن ياغ تارتىش زاۋۇتلىرىغا تەرەققىي قىلىپ،كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن ئىستېمالدىن چۈشۈپ قالدى.   ObS3 M  
ھازىر ئەنئەنىۋى جۇۋازچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار يوق دېيەرلىك،بولسىمۇ ساناقلىقلا. شۇنداقلا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى.   +'a^f5  
جۇۋازچىلىق ئادەتتە تۆۋەندىكى سايمانلاردىن تەركىب تاپىدۇ.   cT,sh~-x,  
ئادەتتىكى بىر ئېغىز ئۆي،(جۇۋاز قاتىدىغان كالا ئەركىن ھالەتتە ئايلانغۇدەك بولسا بولىدۇ ) گۇندا،باچكا،قايچا،ئوق،لەڭگەر. بوڭ،چۈلۈك،پوتلا،بويۇنتۇرۇق، ياغ قاپىقى( ياغ ئېلىش قاچىسى)،تېڭىق ئۈچۈن ئارقان،ياغاچ كۆتىكىگە ئېلىپ قويىدىغان تاش،تۇلۇمچىلاپ سويۇلغان تېرە(تۇلۇم)،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.ئاساسى ماتېرىيالى بولسا ياغاچتىن ياسىلىدۇ.   )10+@d  
جۇۋازنىڭ قۇراشتۇرۇلۇشى:   ~0$&3a 
,"ZMRq  
بىر مېتىر ئېگىز قۇچاق يەتمەيدىغان كۆتەك ئۆي ئوتتۇرىسىغا بېكىتىلىدۇ .كۆتەكنىڭ ئۈستى كەڭ،ئاستى تار قىلىنىپ،ئويۇق ئويۇلۇپ،ئاستىغا ئامۇت ياكى ئالما ياغىچىدىن ئاغزى كىچىك قورسىقى يوغان ئويۇلغان باچكا قويۇلىدۇ. كۆتەكنىڭ ئاستىنقى بىر تەرىپى ئويۇلغا بولۇپ ،بۇ ماي قاپىقى (ماي قاچىسى) قويۇلىدىغان ئورۇن بولىدۇ . `;C  V=,M  
مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان كۆتەك گۇندا دەپ ئاتىلىدۇ.   lo+A%\1  
ئاچا شەكىلدە ئۆسكەن قارىغاي ياغىچىدىن قايچا ياساپ گۇندىغا ئاچىنى تىرەپ قويىدۇ.ئاچىنىڭ كۆتىكى تەرىپىنى ياپىلاق قىلىپ،ئوتتۇرىسىغا بىر ئويۇق ئويۇپ،ئويۇققا قىلچاڭ دەپ ئاتايدىغان ياغاچنى تىك بېكىتىپ ،ئۇنىڭ ئۇچچىغا ئېچىلغان تۆشۈككە چۈلۈك ياغاچ ئويمىنى يىپ ئارقىلىق بىلەن تېڭىپ تۇرغۇزۇلىدۇ.ئاندىن ئوق ياغاچنىڭ بىر ئۇچچىنى گۇندىدىكى باچكىغا،يۇقىرىقى ئۇچنى پوتلا ياغاچقا تېڭىپ قويۇلغان ياغاچ ئويما بۆلەك ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويۇلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن تىك تۇرغان ئوق ياغاچ قايچا(ئاچا)ياغاچنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.گۇنىدىنى ئارغا ئېلىپ تۇرغان قايچا ئاچىسىنىڭ تاشقى تەرىپىگە بويۇنتۇرۇق بېكىتىلگەن بولۇپ ،بۇنىڭغا كالا قوشۇلىدۇ y)@wjH{6  
جۇۋازنىڭ ئىشلەش،ماي چىقىرىش پرىنسىپى : &u !,Hp  
جۇۋازدا ياغ تارتىش مەشغۇلاتى قىلىشتىن بۇرۇن،جۇۋازغا قاتىدىغان كالىنىڭ كۆزىنى يۆگەپ،ئوراپ قويىدۇ.بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت،كالىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ۋە بېشى قېيىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. ZECfR>`x  
ماي چىقىرىش ئۇسۇلى: oEv 'dQ9  
ماي چۈشۈدىغان باچكا ئىچىگە مايلىق دان چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،ھەيدەشتىن بۇرۇن قايچا ياغاچنىڭ كۆتەك تەرىپىگە تاش ئىلىپ قويىدۇ.تاش ئېغىرلىقى بىلەن تىك تۇرغان ئوق بەش گرادۇسلۇق يانتۇلۇق ھاسىل قىلىدۇ.كالا ھەيدەلگەندە جۇۋازچى چىگىنى ئوق ئاستىغا ئىتتىرىدۇ،ئاق تاشنىڭ ئېغىرلىقى بېسىم بىلەن چىگىتنى يانچىيدۇ.چىگىت كۈنجۈرىگە ئايلانغاندا مايلىق دان سېلىنىدۇ.جۇۋاز ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ.ئوق ئاستىدا دان يانجىلىنىدۇ.دان يانجىلىپ بۇلغاندا چىغ بېسىلىدۇ. چىغنىڭ يانجىلىش بېسىمى ئارقىلىق ياغ قاچىسىغا داندىن ماي تامىدۇ.   TLH1>pY&  
جۇۋازنىڭ رەسىمىي مەشغۇلات باشلانغاندا جۇۋاز ئوقىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،جۇۋاز تارتقۇسى بېكىتىلگەن ئورۇنغا 200 كىلوگرام ئېغىرلىقتا قۇم تاغار ياكى تاش بېسىپ قويۇلىدۇ.   L4W5EO$  
جۇۋاز ھەيدەلگەندە گۇندا قىسمىدىن باشقا بۆلەكلىرى ھەممىسى تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ .جۇۋازچى پاكىز ئادالىنىپ،ئىلمان سۇ بىلەن نەمدەلگەن ئاپتاپپەرەس،قىچا ،زاغۇن،زىغىر،كەندىر قاتارلىق مايلىق زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا باچكىغا تۆكۈپ،ئۇنى قولى بىلەن جۇۋاز ئوقىنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىرىپ،ئايلىنىپ ماڭىدۇ.ياغلىق دانلار باچكا ئىچىگە ئېزىلىپ،ئاجرىلىپ چىققان ماي باچكىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى تۆشۈك ئارقىلىق گۇندىنىڭ قورساق قىسمىدىكى قاپقان ئىچىگە قويۇلغان ماي قاپىقى (ماي قاچىسى)غا توختىماي تېمىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. {JLtE{  
جۇۋازچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى: flx(HJK  
جۇۋازچىلىق ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ ،شەكلى ئاددىي،ئۇنىڭدىن تارتىلغان ماي سۈپەتلىك ھەم قۇۋۋەتلىك ،تەننەرخى ئەرزان.     %hP^%'G  
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى *- X[u:  
/bbs/read.php?tid=6542

سەئىدىيە 2014-02-04 00:08
مەنمۇ ئەمىليەتتىن كۆرگەندەك بولدۇم .

帕尔哈提 2014-04-06 01:21
بىزنىڭ مەھەللىدە ھازىرمۇ بىر جۇۋاز بار


查看完整版本: [-- جۇۋاز بىلەن ياغ تارتىش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled