查看完整版本: [-- ئەسقەر ياسىننىڭ تەرجىمھالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> ئەسقەر ياسىننىڭ تەرجىمھالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيغۇرجان 2011-01-11 01:41

ئەسقەر ياسىننىڭ تەرجىمھالى

1969-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان.1987-يىلى بۈگۈر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان.1992-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.1996-يىلىدىن باشلاپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «كروران» ژۇرنىلىغا يۆتكىلىپ چىقىپ تا ھازىرغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلماقتا. ئۇنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. «قۇملۇق، چۈش ۋە رىئاللىق» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئىككى قېتىم «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا نائىل بولدى. «پۇشايمان خاتىرىسى» ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ «نەي چالغان ئادەم»، «چەكسىز كوچا» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشرياتقا تاپشۇردى. ئۇ ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىي ئاخبارات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. ~ 3HI;  
l*l(QvN_  

tawpek 2011-01-16 22:30
رەسىمى بولغان بولسا تونوپ قوياركەنمىز.

nawbar 2011-02-25 17:35
ياش شائىرلارنى كوپراك تۇنۇشتۇرۇش بىلەن ئۇلارغا مەدەت بىرىلسە

مىېھرىما 2014-04-11 14:46
باش سۈرەت بولسا چۇ ! ھەر ھالدا يىڭىز بىلىمگە ئىگە بولۋالدىم رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- ئەسقەر ياسىننىڭ تەرجىمھالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled