查看完整版本: [-- ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى قارامايدا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى قارامايدا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

koksangun 2011-01-08 15:43

ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى قارامايدا

2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى قارامايدا ئېچىلدى
2011-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل-ئەدەبىيات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە قاراماي شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېچىلدى.يىغىننى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى  بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ،شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن 200دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ،مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى قاتناشتى.يىغىندا 2011-يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تەققازا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر  مۇھاكىمە قىلىندى.  oze&  
ئېچىلىش مۇراسىمىدا قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئاسىيە ئۆمەر قارشى ئېلىش نۇتقى سۆزلىدى. ئارقىدىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىلھام ئىبراھىم سۆز قىلدى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى تەلئەت قادىرى يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ ئۆتتى.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى سۇئال بۆلۈمىدىن يۇنۇس راخمان ئىمتىھان خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى. zOa_X~!@  
2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاندىن بۇيانقى تۈنجى قېتىملىق ئىمتىھانى بولۇپ،مۇتەخەسىسلەر بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ئابدۇقېيۇم توختىھاجى  2011-يىللىق  ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پرۇگراممىسىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ئەلى غۇجاخۇن  2010-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل-ئەدەبىيات سۇئالىنىڭ تەھلىلىنى قىلدى ، 2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھاننىڭ شەكلى ، ئىمتىھانىدىكى ھەر قايسى سۇئاللارنىڭ نومۇر ئىگىللەش نىسبىتى ،يېزىقچىلىق تەكرارى ھەققىدە مۇھىم تەھلىللەرنى ئېلىپ باردى. .P MZX%*v  
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى تەلئەت قادىرى دەرس ئىسلاھاتى ۋە تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ قىممەت يۈزلىنىشى تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. }XSfst5-H  
يىغىن ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن قاراماي شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىن گۈلباھار ئابلا  ئىپىك ئەسەرلەر ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى مەزمۇن قىلىنغان بىر سائەتلىك ئۇچۇق دەرس ئۆتۈپ بەردى.قاراماي شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپتىن سائادەت توختى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سائەتلىك ئوچۇق دەرس ئۆتتى.مۇتەخەسسىلەر ئىككى سائەتلىك ئۇچۇق دەرسنى باھالىدى، بۇ ئىككى سائەتلىك دەرسنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تىل-ئەدەبىيات ئومۇمىي تەكرارىنى قانداق قىلغاندا سۈپەتلىك ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يېتەكچىلىك پىكرىنى بەردى. 82QGS$0V  
يىغىن ئۆزىنىڭ بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ئاخىرىلاشتى. )l[M Q4vWW  
N\#MwLm  
KTn}w:+B\  
ئەسكەرتىش: 2011-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئۇچۇرلارنى تەۋپىق مائارىپ تور بېتىگە داۋاملىق يوللىنىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۆزى، ئۈلگىلىك دەرسلەرنىڭ دەرس دىتالى،نەق مەيدان ئاۋاز خاتىرىسى قاتارلىقلار  يوللىنىلىدۇ.دىققىتىڭىز تەۋپىقتە بولسۇن...

tawpek 2011-01-16 23:04
مەن ئاڭلىغان  يىغىنلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك يىغىنكەن بۇ. يىغىن ھاسىلاتلىرىنى كۈندە ئاڭلاۋاتىمەن. كۆپ پايدىلىقكەن. r4QxoaM  
.9"Y_/0   
بۇندىن كىيىنمۇ مۇنبەر ئەھلى مائارىپ ساھەسىدىكى چوڭ-كىچىك يىغىلىشلاردىن خەۋەردار بىرىشىپ تۇرساق.

بابۇر0725 2014-02-17 13:54
بۇ خەۋەرنىڭ ۋاقتى سەل ئۆتۈپ كەتتىمۇ قانداق؟

ئەلقىزى 2014-03-04 17:35
مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلدىم....


查看完整版本: [-- ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى قارامايدا --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled