دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن (جۇغراپىيە دەرىس تەييارلىقى)
7-يىللىقنىڭ -يىلى -ئاينىڭ -كۈنىدىكى -سائەتلىك جۇغراپىيە دەرس لايىھەسى
دەرس تېمىسى:
Ⅳباب ئاھالە ۋە مەھەللە
2§. دۇنيادىكى تىل ۋە دىن
2. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن
ئوقۇتۇش نىشانى:
بىلىم ۋە ئىقتىدار: دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئارقىلىق، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئومومىي ساۋاتقا ئىگە بولۇش. دىننىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى چۈشۈنىۋېلىش.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىشاننى ئورۇنلاش باسقۇچىدا قوللۇنىلىدىغان ئۇسۇل ۋە جەريان:
تونۇش بولغىنىدىن تونۇش بولمىغىنىغا ئىچكىرلەپ كىرىش. كۆرۈش، ئاڭلاش سېزىمى، ئۆزىنىڭ ئەسلى چۈشەنچىسى ئاساسىدا مۇستەقىل مەسىلە ھەل قىلىش. ئوقۇتقۇچىنىڭ بايان، يەشمىلىرىدىن پايدىلىنىش ھەم يېتەكلىمە ئاساسىدا پىكىر يولىنى ئېچىش شەكلى ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ چۈشىنىپ ئاساسىي ھالقىنى ئىگىلەش. يەكۈن ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.
ھېسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى: 1› دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ خاسلىقىنى چۈشۈنىش. 2› دىننىڭ زىيىنىنى تونۇپ يېتىش. خۇراپاتلىققا قارىشى تۇرۇپ، ئاتېزم قارىشى تۇرغۇزۇش.
مۇھىم نۇقتا: دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئارقىلىق، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئومومىي ساۋاتقا ئىگە بولۇش. دىننىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى چۈشۈنىۋېلىش.
قىيىن نۇقتا: دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئومومىي ساۋاتقا ئىگە بولۇش.
دەرس تىپى: يېڭى دەرس. دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاتلاس، كۆپ ۋاستە ئەسلىھەلىرى.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: مەسىلە قويۇپ خەرىتە، رەسىم ۋە دەرسلىكتىكى بايانلار ئاساسىدا كۆرسەتمە بېرىپ يېتەكلەش. ئەسلى بىلىمى ئاساسىدا قوزغىتىش. يېتەكلىمە ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. چوڭقۇرلاشتۇرۇپ چۈشەنچە بېرىش. خۇلاسە چىقىرىپ ئوموملاشتۇرۇش.
ئوقۇتۇش جەريانى
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش:
ساۋاقداشلار، سىلەر دىننىڭ نېمىلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ئاساسىدا ئوقۇتقۇچى قايتا ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق (ئېنىقلىما ئېكراندا كۆرسىتىلىپ، ئېغىزاكى بايان قىلىنىدۇ) يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
ئېنىقلىما: دىن-كىشىلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك تەببىئىي ئۆزگىرىش ۋە سىرلار توغىرىسىدىكى خاتا، بىرتەرەپلىمە چۈشەنچىسىنىڭ ھەم ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئىدىيلەشتۈرۈشىنىڭ يەكۈنى. پەنگە قارىشى ئىلاھىي ئېقىم.
مەسىلەن، قەدىمكى دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ بىلىمى ۋە تەجىربىسى ناھايتى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇلار قار-يامغۇر يېغىش، چاقماق چېقىش، بوران چىقىش، كۈن، ئاي تۇتۇلىش... قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەڭرى ياكى ئىلاھنىڭ قۇدىرىتىدىن بولىۋاتىدۇ، دۇنيادا تەبىئەتتىن ھالقىغان بىر خىل ئىلاھىي كۈچ بار، ئۇ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىغان. شۇ ئاساستا ئەڭ دەسلەپكى دىن پەيدا بولغان. كېيىن بىر قىسىم ھۆكۈمران كۈچلەر ئۇنى خەلقنى باشقۇرۇشتىكى قورال قىلىش ئۈچۈن، «يەر يۈزىدە تەڭرىنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بولىدۇ، ئۇ پادىشاھلاردۇر؛ كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسىنىشى كېرەك. كىم ئۇنىڭغا قارىشى چىقسا پۈتۈن خەلق تەڭرىنىڭ غەزىپىگە ئۇچىرايدۇ؛ ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەقدىرى پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ، ئۇنىڭغا كۆنمەي چارە يوق»، دېگەندەك ئىدىيىلەرنى سىڭدۈرۈپ، دىننى ئىدىيىلەشتۈرگەن ھەم تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنى ئېزىشتىكى قورالى قىلىۋالغان.
ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى «قانۇن بويىچە دىنغا ئېتىقاد قىسا بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن كىشىلەردىن ئۆزى ئىختىيار قىلغانلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
بىز يۇقىرىدا دىننىڭ نېمىلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق؛ ئەمدى دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلار ۋە ئۇلارغا دائىر ئاساسىي ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
يېڭى دەرس ئوقۇتۇش جەريانى:
پائالىيەت ‹1›
پائالىيەت مەزمۇنى: دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن ۋە ئۇنىڭ نامى، پائالىيەت سورۇنلىرى.
پائالىيەت مەقسىدى: ئوقۇغۇچىلارغا دۇنيادا ئۈچ چوڭ دىننىڭ بارلىقىنى، نامىنى، پائالىيەت سورۇنلىرىنى بىلدۈرۈش.
پائالىيەت ئۇسۇلى: كۆرۈش سېزىمى ۋە رەسىمنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق باشلاپ كىرىش، يېتەكلىمە ئارقىلىق پىكىر يولىنى ئېچىش، بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىپ چۈشۈنىش، يەكۈن ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.
پائالىيەت شەكلى: تىپلار بويىچە ئوتتۇرغا قويۇش، كوللېكتىپ ئومۇملاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلار خۇلاسىلەش.
پائالىيەت جەريانى:
ئېكراندا ئۈچ چوڭ دىننىڭ پائالىيەت سورۇنلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۈچ پارچە رەسىم كۆرسىتىلىدۇ.
1› رەسىمدىكى قانداق قۇرۇلۇشلار؟
يېتەكلىمە: سىياسىي پائالىيەت ئورۇنلىرىمۇ، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىمۇ ياكى دىنىي پائالىيەت ئورۇنلىرىمۇ ۋە ياكى مائارىپ تەربىيلەش ئورۇنلىرى(مەكتەپ)مۇ؟ (يېتەكلىمىنى ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر يولىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېچىلىشى ۋە ئۇلارنى مەسىلىنىڭ نېگىزىگە باشلاپ كىرىش ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.)
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ ئوتتۇرغا قويىدا، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سىناپ، كوللېكتىپ سوراپ كۆرىدۇ ھەم نامۇۋاپىق جايلىرىنى تۈزىتىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار خۇلاسىلەيدۇ. (ئېكران ئالمىشىپ، رەسىم بىلەن ماس ھالدا خۇلاسە كۆرۈنىدۇ).
خۇلاسە: بۇلارنىڭ ھەممىسى دىنىي قۇرۇلۇشلار.
2› يۇقۇردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قايسى دىنغا ئائىت قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭ نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بىلسەڭلار، ئۇنىڭغا ئاساسەن دۇنيادا ئاساسلىق قانچە خىل دىننىڭ بارلىقىنى ۋە نامىنى، پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئىسىمىنى ئوتتۇرغا قويۇڭلار؟
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ ئوتتۇرغا قويىدا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئارىلىقتا زۆرۈر تېپىلغاندا يېتەكلىمە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يېتەكلىمە: شامان دىنى، خىرىستىيان دىنى، بۇددا دىنى، تويىن دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلاردىن قايسىلارغا تەۋە؟ (يېتەكلىمىنى ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايمۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، نىشان تەدرىجى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ ھەم ئاساسىي ئۇقۇملارغا مەركەزلەشتۈرىلىدۇ.)
ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سىناپ، كوللېكتىپ سوراپ كۆرىدۇ ھەم نامۇۋاپىق جايلىرىنى تۈزىتىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار خۇلاسىلەيدۇ. (ئېكران ئالمىشىپ، رەسىم بىلەن ماس ھالدا خۇلاسە كۆرۈنىدۇ).
خۇلاسە: A: خىرىستىيان دىنى، پائالىيەت سورۇنى چېركاۋ؛ B: ئىسلام دىنى، پائالىيەت سورۇنى مەسچىت؛ C: بۇددا دىنى، پائالىيەت سورۇنى بۇتخانا.
يۇقۇرقىلاردىن كۆرۈشكە بولۇدىكى، دۇنيادا ئۈچ چوڭ دىن بار.
ئۇلار: خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنىدىن ئىبارەت.
پائالىيەت ‹2›
پائالىيەت مەزمۇنى: دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ كىيىنىش فورمىسى، دىن مۇرتلىرىنىڭ نامى، رەت-تەرتىپى ۋە ئىبادەت شەكلى.
پائالىيەت مەقسىدى: ئوقۇغۇچىلارغا ئۈچ چوڭ دىننىڭ كىيىنىش فورمىسى، دىن مۇرتلىرىنى ئاتاش، تۇتقان ئورنى ۋە ئىبادەت شەكلى جەھەتتىكى خاسلىقىنى بىلدۈرۈش.
پائالىيەت ئۇسۇلى: كۆرۈش سېزىمى ۋە رەسىمنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق باشلاپ كىرىش، يېتەكلىمە ئارقىلىق پىكىر يولىنى ئېچىش، بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىپ چۈشۈنىش، يەكۈن ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.
پائالىيەت شەكلى: تىپلار بويىچە ئوتتۇرغا قويۇش، كوللېكتىپ ئومۇملاشتۇرۇش، بىرلىكتە خۇلاسىلەش.
پائالىيەت جەريانى:
1› سىلەر كۆرگەن كىنولاردىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ كىيىنىشىدىن قارىغاندا، رەسىمدىكى قايسى دىندىكىلەرنىڭ دىنىي كىيىنىش ئادىتى(فورمىسى) ۋە قايسى دىننىڭ مۇرتلىرى؟
ئېكراندا ئۈچ خىل دىن مۇرتلىرىنىڭ كىيىنىش ھالىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۈچ پارچە رەسىم ۋە ماس سوئاللار كۆرسىتىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ ئوتتۇرغا قويىدا، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سىناپ، كوللېكتىپ سوراپ كۆرىدۇ ھەم نامۇۋاپىق جايلىرىنى تۈزىتىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار خۇلاسىلەيدۇ. (ئېكران ئالمىشىپ، رەسىم بىلەن ماس ھالدا خۇلاسە كۆرۈنىدۇ).
خۇلاسە: A: خىرىستىيان دىنى، B: ئىسلام دىنى، C: بۇددا دىنى.
2› دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ دىن مۇرتلىرىنىڭ قايسى نام بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ دىن مۇرتلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن ئۈچ چوڭ دىننى چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە رەتكە تىزىڭ؟
ئېكراندا ئۈچ خىل دىن مۇرتلىرىنىڭ كىيىنىش ھالىتى بىلەن ئۈچ خىل دىننىڭ نامى ۋە دىن مۇرتلىرىنىڭ سانى كۆرسىتىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن زۆرۈر تېپىلغاندا يېتەكلىمە ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يېتەكلىمە: قايسى دىننىڭ مۇرتلىرى بۇدددىستلار، قايسى دىننىڭ مۇرتلىرى خىرىستىيانلار، قايسى دىننىڭ مۇرتلىرى مۇسۇلمانلار دەپ ئاتىلىدۇ؟ (يېتەكلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقىلىق، مەسىلە مۇرەككەپلىكتىن ئاددىيلىققا، تونۇش بولماسلىقتىن تونۇشلۇققا يۆتكىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشى ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ.)
ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سىناپ، كوللېكتىپ سوراپ كۆرىدۇ، نامۇۋاپىق جايلىرىنى تۈزىتىپ، خۇلاسىلەيدۇ ھەم بىرنەچچە ئوقۇغۇچىدىن قايتا سوراپ كۆرىلىدۇ. (ئېكران ئالمىشىپ، رەسىم بىلەن ماس ھالدا خۇلاسە كۆرۈنىدۇ).
خۇلاسە: بۇددا دىنى مۇرتلىرى بۇدددىستلار، خىرىستىيان دىنى مۇرتلىرى خىرىستىيانلار، ئىسلام دىنى مۇرتلىرى مۇسۇلمانلار دەپ ئاتىلىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دىن خىرىستىيان دىنى، مۇرت سانى 1مىليارت 300مىليۇن. ئىككىنچىسى ئىسلام دىنى، مۇرت سانى 1مىليارت. ئۈچىنچىسى بۇددا دىنى، مۇرت سانى 300مىليۇن.
3› سىلەر كۆرگەن كىنولاردىكى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئىبادەت شەكلىدىن قارىغاندا، رەسىمدىكى قايسى دىندىكىلەرنىڭ ئىبادەت شەكلى؟ ئۇلارنىڭ ئىبادەت شەكلىنىڭ نامى نېمە؟
ئېكراندا ئۈچ خىل دىن مۇرتلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئۈچ پارچە رەسىم كۆرسىتىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ ئوتتۇرغا قويىدا، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سىناپ، كوللېكتىپ سوراپ كۆرىدۇ ھەم نامۇۋاپىق جايلىرىنى تۈزىتىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلار خۇلاسىلەيدۇ. (ئېكران ئالمىشىپ، رەسىم بىلەن ماس ھالدا خۇلاسە كۆرۈنىدۇ).
خۇلاسە: A: خىرىستىيان دىنى، ئىبادەت شەكلىنىڭ نامى خىرىستۇسقا چوقۇنۇش؛ B: ئىسلام دىنى، ئىبادەت شەكلىنىڭ نامى ئاللاھقا سەجدە قىلىش؛ C: بۇددا دىنى، ئىبادەت شەكلىنىڭ نامى بۇتقا باش ئۇرۇش.
پائالىيەت ‹3›
پائالىيەت مەزمۇنى: دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بارلىققا كەلگەن ئورنى ، مۇقەددەس دەستۇرلىرى، تەڭرىلىرى، ئىجادچىلىرى، ۋاقتى ۋە تارقالغان رايونلىرى.
پائالىيەت مەقسىدى: دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ بارلىققا كەلگەن ئورنى، مۇقەددەس دەستۇرلىرى، تەڭرىلىرى ۋە تارقالغان رايونلىرىنى ئىگىلىتىش.
پائالىيەت ئۇسۇلى: تونۇش بولغىنىدىن تونۇش بولمىغىنىغا ئىچكىرلەپ كىرىش؛ كۆرۈش سېزىمى ۋە رەسىمنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئاساسىي ھالقىنى ئىگىلىتىش، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ يېتەكلىمە ئوتتۇرغا قويۇپ پىكىر يولىنى ئېچىش، بىرلىكتە مەسىلە ھەل قىلىپ چۈشۈنىش، يەكۈن ئارقىلىق ئەستە ساقلاش.
پائالىيەت شەكلى: مىسال ئارقىلىق كۆرسەتمە بېرىپ يېتەكلەش، تىپلار بويىچە ئوتتۇرغا قويۇش، كوللېكتىپ ئومۇملاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە خۇلاسىلەش.
پائالىيەت جەريانى:
1› «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدا تاڭ سېڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشى قايسى جايغا، نېمە ئەكىلىشكە ماڭىدۇ؟ بۇنىڭدىن سىلەر ئۇلار بارغان جاينىڭ قايسى دىننىڭ بارلىققا كەلگەن جايى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلار ئەكەلمەكچى بولغان نەرسىنىڭ قايسى دىننىڭ مۇقەددەس كىتابى ياكى دەستۇرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىڭلار؟ سىلەر يەنە خىرىستىيان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى ۋە مۇقەددەس دەستۇرىنى بىلەمسىلەر؟
ئوقۇتقۇچى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى قول كۆتىرىپ ئوتتۇرغا قويىشقا، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشقا تەشكىللەيدۇ، ئاخىرىدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سىناپ، كوللېكتىپ سوراپ كۆرىدۇ ھەم نامۇۋاپىق جايلىرىنى تۈزىتىپ، خۇلاسىلەيدۇ. (ئېكران ئالمىشىپ، خۇلاسە كۆرۈنىدۇ).
خۇلاسە: تاڭ سېڭ باشچىلىقىدىكى تۆت كىشى ھىندىستانغا «نوم» ئەكىلىشكە ماڭىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلار بارغان جاينىڭ بۇددا دىننىڭ بارلىققا كەلگەن جايى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلار ئەكەلمەكچى بولغان نەرسىنىڭ بۇددا دىننىڭ مۇققەدەس كىتابى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
ئۇنىڭدىن باشقا خىرىستىيان دىنى غەربىي ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن، مۇقەددەس دەستۇرى «ئىنجىل». ئىسلام دىنى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدا بارلىققا كەلگەن، مۇقەددەس دەستۇرى «قۇرئان كەرىم».
2› قايسىڭلار ئىسلام دىنىنىڭ تەڭرىسىنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرەلەيسىلەر؟ ئىجاد قىلغۇچىسى يەنى پەيغەمبىرى كىم؟ خىرىستىيان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەڭرىلىرىنىڭ نامى ۋە ئىجاد قىلغۇچىسىنىڭ ئىسىمىچۇ؟ بارلىققا كەلگەن ۋاقتىچۇ؟
ئوقۇغۇچىلار قول كۆتىرىپ ئوتتۇرغا قويىدا، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سىناپ، كوللېكتىپ سوراپ كۆرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن زۆرۈر تېپىلغاندا خىرىستىيان ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەڭرىلىرىنىڭ نامى توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىپ يېتەكلەيدۇ.
يېتەكلىمە: ساكيامونى، قاراڭغۇلۇق تەڭرىسى، خىرىستۇس ۋە يورۇقلۇق تەڭرىسى دېگەنلەرنىڭ ئىچىدىن تاللاپ كۆرسىتىپ بېرىڭ (يېتەكلىمىنى ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارغا مۇستەقىل مەسىلە ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ)؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللاپ چىققىنىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچى نامۇۋاپىق جايلىرىنى تۈزىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار خۇلاسىلەيدۇ.
خۇلاسە: ئىسلام دىنىنىڭ تەڭرىسى ئاللاھ، ئىجادچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام، بارلىققا كەلگەن ۋاقتى 6-ئەسىر؛ خىرىستىيان دىنىنىڭ تەڭرىسى خىرىستۇس، ئىجادىسى ئەيسا ئەلەيھىسالام، بارلىققا كەلگەن ۋاقتى 1-ئەسىر ؛ بۇددا دىنىنىڭ تەڭرىسى ۋە ئىجادچىسى ساكيامونى بولۇپ، بۇددىستلار بۇددا دىنىنىڭ ئىجادچىسىنى مەزكۇر دىننىڭ تەڭرىسى دەپ قارايدۇ، بارلىققا كەلگەن ۋاقتى م.ب 6-ئەسىر.
3› خەرىتىگە ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ ھەر بىرى ئاساسلىق قىلىپ قايسى رايونلارغا تارقالغان؟
ئېكراندا دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىننىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاساسلىق قايسى رايونلارغا تارقالغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەرىتە كۆرسىتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلىكنىڭ 86-بېتىنى كۆرۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار خەرىتە ھەم دەرسلىكنىڭ 86-بېتىدىكى بايانلار ئاساسىدا قول كۆتىرىپ ئوتتۇرغا قويىدا، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى سىناپ، كوللېكتىپ سوراپ كۆرىدۇ ھەم خەرىتىدىن پايدىلىنىپ تەپسىلىي ئوتتۇرغا قويۇپ، چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خۇلاسىلەيدۇ.
خۇلاسە: خىرىستىيان دىنى: ياۋروپا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا، ئوكېئانىيە قىتئەسى، روسىيە ۋە ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسىمى.
ئىسلام دىنى: ئاساسلىقى ئاسىيانىڭ غەرىبى، شەرقىي جەنۇبى، ئوتتۇرا قىسىملىرى ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالى بىلەن شەرقى قىسىمىغا تارقالغان.
بۇددا دىنى: ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسىمى ۋە شەرقىي جەنۇبى قىسىمىغا تارقالغان.
پائالىيەت ‹4›
پائالىيەت مەزمۇنى: دىننىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى.
پائالىيەت مەقسىدى: ئوقۇغۇچىلارغا دىننىڭ زىيىنىنى تونۇتۇپ، ئاتېزم تەربىيسى بېرىش.
پائالىيەت ئۇسۇلى: گىرەلەشمە شەكىلدە مەسىلە ھەل قىلىش.
پائالىيەت شەكلى: ئوقۇتقۇچى قوزغۇتۇش، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويۇش، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش.
پائالىيەت جەريانى:
دىننىڭ ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى توغرىسىدىكى قارىشىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىڭلار؟
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى قول كۆتىرىپ ئوتتۇرغا قويىشقا يېتەكلەيدۇ ھەم شۇ ئاساستا ئاخىرىدا ئۆزى نۇقتىلارغا بۆلۈپ خۇلاسىلەيدۇ.
خۇلاسە:
1› ئالەمنى چۈشۈنىش جەھەتتە: ئالەمنى تەڭرى ياراتقان، ئالەمدىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى تەڭرى بەلگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىكى سىرلارنى ئىنسانلار ھەرقانچە قىلسىمۇ بىلەلمەيدۇ، دەپ قاراپ، بىزنىڭ تەبىئەت توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىمىزنى بوغۇپ قويىدۇ. ئىلىم-پەن بىلەن قوراللىنىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
2› جىسمانىي ساغلاملىق ۋە سالامەتلىك جەھەتتە: دۇئا ئوقۇپ كېسەل داۋالىغىلى بولىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرنى ئالداپ پۇلىنى ئېلىۋېلىش بىلەن بىرگە، ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
3› ئىدىيۋى ۋە روھىي ساغلاملىق جەھەتتە: تەغدىرچىلىك ئىدىيسىنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇپ، ئەزگۈچىلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى يوققا چىقىرىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى نامرات ھالىتىمىزنى «تەغدىر-قىسمەت، ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ» دەپ، ھورۇنلۇققا، ئۆگەنمەسلىككە، ئىشخوشياقماسلىققا باشلايدۇ.
دەرسنىڭ ئومومىي خۇلاسىسى
دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق: خەرىتە تولدۇرۇش مەشقىنىڭ 26-بەت 1-نۇقتىسى ئىشلەپ كېلىنىدۇ. تاپشۇرۇق تەكشۈرۈلۈپ نومور قويۇلىدۇ ھەم دەرسخانىدا ئومومىلاشتۇرۇلىدۇ.
دوسكا لايىھەسى:
دەرس كۆپ ۋاستىلىك دەرسخانىدا ئۆتۈلگەنلىكى ئۈچۈن دوسكا لاھىيەسى قىسقارتىلدى.
دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:
دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى ۋە تەستىقلانغان ۋاقتى:
مەنبە: ئۆز ئەمگىكىم
|