查看完整版本: [-- 12-دەرس. بىرلىككە كەلگەن خەن سۇلالىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> سىياسى -تارىخ -> 12-دەرس. بىرلىككە كەلگەن خەن سۇلالىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

attila 2011-01-05 23:07

12-دەرس. بىرلىككە كەلگەن خەن سۇلالىسى



7-يىللىقنىڭ   -يىلى -ئاينىڭ -كۈنىدىكى تارىخ دەرس لايىھەسى
دەرس تېمىسى:
12-دەرس. بىرلىككە كەلگەن خەن سۇلالىسى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1› بىلىم ۋە ئىقتىدار- «ۋېندى-جىڭدى زامانىسىدىكى ئادىل سىياسەت»، خەن ۋۇدىنىڭ مەركىزىي ھوقۇقنى كۈچەيتىش جەھەتتىن قوللانغان تەدبىرلىرى، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ يوقۇلىشى ۋە شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يوقۇلىشى.
2› جەريان ۋە ئۇسۇل- ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا دەرسلىكتىن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوتتۇرغا قويۇش ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرىشى ۋە خۇلاسىسى ئارقىسىدا چۈشۈنۈپ، ئەستە ساقلاش، تاپشۇرۇق ئاساسىدا مۇستەھكەملەش.
3› ھېسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى- سىياسەت بىلەن تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا: «ۋېندى-جىڭدى زامانىسىدىكى ئادىل سىياسەت»، خەن ۋۇدىنىڭ مەركىزىي ھوقۇقنى كۈچەيتىش جەھەتتىن قوللانغان تەدبىرلىرى.

قىيىن نۇقتا: خەن ۋۇدىنىڭ مەركىزىي ھوقۇقنى كۈچەيتىش جەھەتتىن قوللانغان تەدبىرلىرى.
دەرس تىپى، ئوقۇتۇش ۋاقتى: يېڭى دەرس. بىر سائەت.
ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى: دەرسلىك، ئاتلاس، بور، دوسكا.
ئۇسۇل: مەسىلە قويۇپ كۆرسەتمە بېرىپ يېتەكلەش. چۈشەندۈرۈپ، خۇلاسىلەپ چۈشۈنىش ۋە ئەستە ساقلاشقا ياردەم بېرىش.
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش: ساۋاقداشلار، سىلەر خەن سۇلالىسىغا دائىر بىرەر كىنو كۆرگەنمۇ؟

بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا «خەن ۋۇدى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى ئەسلىتىلىپ، يېڭى دەرس ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ.

ئوقۇتۇش جەريانى:

1› ۋېندى-جىڭدى كىملەر؟ ئۇلار نېمە سەۋەبتىن ئادىل سىياسەت يۈرگۈزدى؟ ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى نېمە دەپ ئاتالدى؟

ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرغا قويۇپ، كۆرسەتمە بېرىپ، يېتەكلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكنىڭ 89-، 90-بېتىدىكى بايانلار ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى قايتا چۈشەندۈرۈپ، خۇلاسىلەپ، چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

خۇلاسە: خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرىدىن خەن ۋېندى ۋە خەن جىڭدىلار چىن سۇلالىسىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ھاشار مەجبۇريىتى، ھەربىي مەجبۇريىتى ۋە باج-سېلىق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئەمىيەت بەردى، تېرىقچىلىق قىلغانلارنى مۇكاپاتلىدى.ئىقتىسادچىلىقنى يولغا قويۇپ، ئوردا-قەسىر سالدۇرمىدى، ئالتۇن-كۈمۈش ئىشلەتمىدى. «ئەخلاق ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىش» قا ئەھمىيەت بېرىلگەچكە جەمئىيەت بىرقەدەر تىنچ بولۇپ، پۇقرالار بېيىشقا باشلىدى. ئامبارلاردا ئاشلىق دۆۋىلىنىپ كەتتى، خەزىنىلەر پۇلغا تولدى. تارىختا بۇ دەۋىردىكى ھۆكۈمرانلىق «ۋېندى-جىڭدى زامانىسىدىكى ئادىل سىياسەت» دەپ ئاتالدى.

2› خەن ۋۇدى مەركىزىي ھوقۇقنى كۈچەيتىش جەھەتتىن قانداق تەدبىرلەرنى ئورناتتى؟ نەتىجىسى قانداق بولدى؟

ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكنىڭ 90-، 91-، 92-بېتىدىكى بايانلار ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئىخچاملاپ چۈشەندۈرىدۇ ھەم خۇلاسىلەيدۇ.

خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە نۇرغۇن سۇيۇرغال بەگلىكلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈچى ناھايتى زور ئىدى. خەن ۋۇدى ئۇلارنى كىچىكرەك بەگلىك قۇرۇشقا چاقىرىپ، پارچىلاش ئارقىلىق كۈچىنى ئاجىزلاشتۇردى. تۈرلۈك باھانىلەر ئارقىلىق يەنە بىرقىسىم بەگلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى. دوڭ جۇڭشۇنىڭ «تۈرلۈك ئېقىملارنى بىكار قىلىپ، كۇڭ زى تەلىماتىغىلا سېغىنىش» تەكلىپىگە ئاساسەن، پەقەت كۇڭ زى تەلىماتىنى ساقلاپ قېلىپ، باشقا ئېقىملارنى بىكار قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتتى. كۇڭ زى تەلىماتىنى تەشۋىق قىلىدىغان خانلىق بىلىم يۇرىتى قۇرىدى. خەن ۋۇدى يەنە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىمۇ بىرقاتار تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ مەركىزىي ھوقوقنى كۈچەيتتى.

خەن ۋۇدى زامانىسىدا غەرىبىي خەن سۇلالىسى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىدىيە جەھەتتە بۈيۈك بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرگە كىردى.

3› غەربىي خەن سۇلالىسى قاچان، نېمە سەۋەبتىن يوقالدى؟ شەرقىي خەن سۇلالىسى قاچان، كىم تەرىپىدىن قۇرۇلدى؟

ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇغۇچىلار دەرسلىكنىڭ 93-بېتىدىكى بايانلار ئاساسىدا ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئىخچاملاپ چۈشەندۈرىدۇ ھەم خۇلاسىلەيدۇ.

خۇلاسە: غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە چىرىكلىك ئەۋج ئېلىپ، جەمىئىيەتنى ئەنسىزلىك قاپلاپ كەتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا پادىشاھنىڭ شىرەم تۇغقانلىرىدىن ۋاڭ ماڭ ھاكىميەتنى تارتىۋالدى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ھاكىميىتى دېھقانلار قوزغىلىڭى تەرىپىدىن ئاغدۇرلۇپ، غەربىي خەن سۇلالىسى يوقالدى. مىلادىنىڭ 25-يىلى قوزغىلاڭغا قاتناشقان، غەرىبىي خەن سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان ليۇ شيۇ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، لوياڭنى پايتەخت قىلدى. تارىختا بۇ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. ليۇ شيۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھسى گۇاڭ ۋۇدىدۇر.

دوسكا لايىھەسى:

12-دەرس. بىرلىككە كەلگەن خەن سۇلالىسى
1› خەن ۋېندى ۋە خەن جىڭدى، چىن سۇلالىسىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلار، دېقانلارنىڭ ھاشار مەجبۇريىتى، ھەربىي مەجبۇريىتى ۋە باج-سېلىق يۈكى، يېزا ئىگىلىكى، تېرىقچىلىق قىلغانلارنى مۇكاپاتلىدى. «ئەخلاق ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىش»، «ۋېندى-جىڭدى زامانىسىدىكى ئادىل سىياسەت».

2› سۇيۇرغال بەگلىكلەر، پارچىلاش، بەگلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇردى. «تۈرلۈك ئېقىملارنى بىكار قىلىپ، كۇڭ زى تەلىماتىغىلا سېغىنىش». ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىمۇ بىرقاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى.

3› چىرىكلىك، ئەنسىزلىك. ۋاڭ ماڭ، غەربىي خەن سۇلالىسى يوقالدى. مىلادىنىڭ 25-يىلى ليۇ شيۇ لوياڭنى پايتەخت، شەرقىي خەن سۇلالىسى. ليۇ شيۇ- گۇاڭ ۋۇدىدۇر.

دەرستىن كېيىنكى تاپشۇرۇق: 1›خەرىتە تولدۇرۇش مەشقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورونلىرىنى ئىشلەپ كېلىدۇ. تاپشۇرۇق تەكشۈرۈلۈپ نومور قويۇلىدۇ ھەم دەرسخانىدا ئومومىلاشتۇرۇپ خۇلاسىلىنىپ، تۈزۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش:

 

 

 

 

دەرس تەستىقلىغۇچىنىڭ پىكىرى:

 

 

تەستىقلىغان ۋاقىت:       -يىل      -ئاينىڭ    -كۈنى.

مەنبە: ئۆز ئەمگىكىمدىن

tawpek 2011-01-16 23:30
بۇ دەرىسنى ئۆتكەندە خەن ۋۇدىنىڭ كىنوسىنى قويوپ بەرسە بولغۇدەك.

ياخشى يوللاپسىز مەنمۇ  شىنجاڭنىڭ يەرلىك تاارخىنى ئۆتىۋاتقان.   مۇشۇنداق دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمىيرەك تارخىلىرىدا سەل چولتا ئىدىم.

salkin11 2011-08-16 13:59
دەرىسلىكنى ناھايىتى ياخشى تۈزۈپسىز ... سىز كەسپىي تارىخىچى ئوخشىمامسىز ...

natiwan 2012-05-30 16:28
引用第2楼salkin11于2011-08-16 13:59发表的  :دەرىسلىكنى ناھايىتى ياخشى تۈزۈپسىز ... سىز كەسپىي تارىخىچى ئوخشىمامسىز ...

ياق.  
ئاتىللا مۇئەللىم  ھەقىقىي ئەدەبىياتچى.  . . . . .

akimeokm 2012-06-23 14:16
最近几年来随着国内生活水平的提高,消费者护肤观念也在不断增强,护肤品从几年前的生活“奢侈品”发展成为现今的“必需品”,而作为护肤品中的“梦念蚕丝面膜”,近成为消费者和品牌商关注的焦点,需求量大增。
    当前我们面膜市场,祛痘、补水、美白、紧致.....产品功能越来越细分,硬膜、软膜、无纺布面膜,蚕丝面膜......面膜材质也越来越先进和便利,而在返朴归真,回归自然的绿色产品倡导下,面膜品类里也开始轰轰烈烈掀起了一阵以天然蚕丝为材质的风潮——蚕丝面膜。以天然环保、质地轻薄软贴的蚕丝面膜一经面世,便受到无数爱美女性的热捧。2012是中国面膜年,而在面膜市场,蚕丝面膜无疑将掀起美容革命的新篇章。
梦念蚕丝面膜,你值得拥有
  和传统无纺布面膜相比,蚕丝面膜不仅具备天然环保、轻薄透气等物理性优势,更吸引人的是蚕丝面膜使用过程中功能性的绝对优势。法国梦念Monnia公司是将蚕丝面膜引进大陆的首家公司,其中国总经理在接受记者采访介绍到,“蚕丝薄膜具有形成贴敷表面张力与渗透压力的透皮吸收作用,密合性极高,可主动搜寻皮丘、细纹皱褶,将精华液高效导入,增加微循环作用与吸收率,精华液导入吸收效果是一般面膜20倍以上,突破一般面膜仅担任‘含住精华液’的简单功能”。
  然而蚕丝面膜,不仅赢在使用过程,更赢在材质上,蚕丝本身的天然美肤价值更是蚕丝面膜的最大卖点。天然蚕丝的结构与人体肌肤极相似,故又有人体"第二皮肤"的美称。据《本草纲目》记载:蚕丝蛋白粉可以消除皮肤黑斑,治疗化脓性皮炎。现代医学实验进一步证明,蚕丝的蛋白质含量大大高于珍珠,其中含氮量比珍珠高37倍,主要氨基酸含量高达10倍以上。天然蚕丝具有卓越的美容功效,除了功效持久的保濕能力和自然抗皱,促进胶原蛋白的分泌功效,天然蚕丝还具备强效增白、抗UV作用 、抗发炎、痘疱能力、改善发炎性伤口功效等等多重美容效果。“梦念公司花了两年多时间才在日本找到纯天然、有效果的蚕丝织物生产厂家,希望引进中国代替有许多缺点的无纺布面膜,梦念Monnia的蚕丝织物面膜在国内还是第一家,并在进驻淘宝商城http://monnia.tmall.com/ 材质完全由日本进口,这次引入中国,必将引起中国面膜界的一场革命!并为更多中国女性朋友添一份轻松和美丽。


查看完整版本: [-- 12-دەرس. بىرلىككە كەلگەن خەن سۇلالىسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled